دۇنيا پۇل تەشكىلاتى: تەجرىبىلىرىمىزگە قارىغاندا، جۇڭگو بانكا كىرىزىسىنىڭ گىرۋىكىدە بولۇشى مۇمكىن.
دۇنيا پۇل تەشكىلاتى يېقىندا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن دوكلاتىدا، ئەگەر جۇڭگو ئاكتىپ ھالەتتە قەرز بېرىش مېقتارىنى كېمەيتمىسە، ناھايىتى چوڭ بىر خەتەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دۇنيا پۇل تەشكىلاتىدىكى ئىقتىسادشۇناسلار 43 دۆلەتنىڭ 50 يىللىق ئىقتىسادى ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن بولۇپ، پەقەتلا تۆت دۆلەتنىڭ قەرز تارقىتىش سوممىسىنىڭ جۇڭگونىڭ يېقىنقى بەش يىل ئىچىدىكى قەرز تارقىتىش سوممىسىنىڭ كېڭىيىشىدەك تېز سۈرەتتە كېڭەيگەنلىكىنى بايقىغان، ۋە بۇ تۆت دۆلەتنىڭ ھەممىسىلا ئۈچ يىل ئىچىدە بانكا كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەن.
دۇنيا پۇل تەشكىلاتى بۇ تۆت دۆلەتنىڭ ئىسمىنى دوكىلاتىدا تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن دوكلاتقا چۈشكەن ئېنكاسلارغا جاۋاپ قايتۇرغان چاغدا بۇ تۆت دۆلەتنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلىغان. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىسمى ۋە بانكا كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەن ۋاقتى تۆۋەندىكىچە:
1. بىرازىلىيە 1994- يىلى
2. ئېرلاندىيە 2008- يىلى
3. ئىسپانىيە 2008- يىلى
4. شىۋىتسىيە 2008- يىلى
بۇ تۆت دۆلەتنىڭ ئورتاقلىقى شۇكى، بەش يىل ئىچىدە قەرز تارقىتىش سوممىسىنىڭ مىللى دارامەتتىكى ئىگىلىگەن نىسپىتى 75 پېرسەنتتىن 100 پېرسەنتكىچە كۆپەيگەن. دۇنيا پۇل تەشكىلاتىنىڭ تەخمىنىگە قارىغاندا، يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە، بۇ نىسپەت جۇڭگودا 73 پېرسەنت كۆپەيگەن.
يۇقىرىدا ئېيتىلغانلار جۇڭگونىڭ چوقۇم بۇ تۆت دۆلەتكە ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ. لېكىن دۇنيا پۇل تەشكىلاتى جۇڭگونى قەرز سوممىسى مىقتارىغا دىققەت قىلىشقا، بولۇپمۇ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تارقاتقان قەرز سوممىسىنىڭ مىقتارىغا دىققەت قىلىشقا ئۈندىگەن. دۇنيا پۇل تەشكىلاتى، جۇڭگونىڭ ئەگەر بىر تەڭشەش ئېلىپ بارسا ئىقتىسسادنىڭ بىر ئىككى يىل ئىچىدە ئازراق كەينىگە چېكىنىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ ئازراق چېكىنىشنىڭ كېيىن يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان چوڭ كۆلەملىك كىرىزىسقا قارىغاندا يەنىلا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.
تەشكىلاتنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىغا قارىغاندا، ئەگەر جۇڭگو ئىقتىسادى تەرەققىيات قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتمىسە، بىر بانكا كىرىزىسىنىڭ يۈز بېرىش ياكى ئىقتىسادنىڭ كەڭ كۆلەملىك چېكىنىش ئېھتىماللىقى بارغانسېرى چوڭىيىدىكەن.
دۇنيا پۇل تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق لېدىرى جاڭ تاۋنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ خەتەرگە دىققەت قىلغان. ئۇ بۇ دوكلاتقا يازغان ئېنكاسىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ ئىزچىل ۋە تەكشى تەرەققى قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەنبە: تور تەرجىمە قلىغۇچى: غەزىنچى بەگ
|