قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1232|ئىنكاس: 3

ئوغلىنى ئىزدەش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

881

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   76.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18202
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 260
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 01:49:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
( ھېكايە)

مۇئەللىپ-ئابدۇللا سالامەت قاشتېكىن


     ئۇنىڭ يۇرتتىن چىققىنىغا خېلى بولدى، ئەپسۇسكى، پۇل ئۇنىڭ يانچۇقىغا تاغدىن چۈشكەن سۇدەك ئېقىپ تورىدىغان جاپاسىز ئىش ئۇنىڭغا ھېچيەردىن تېپىلماي قويدى. دادىسىغا ئۇقتۇرمايلا ئېغىلغا بىدىكنى ئەكىرىپ قۇربانلىق ئۈچۈن ئاتايىن بېقىۋاتقان چاقماق مۈڭكۈز قوچقارنى سېتىپ قامدىغان ئۇ پۇلنىڭمۇ جېنى چىقاي دىگەندە ئاران مۇشۇ باياۋاندىن ئىش تاپتى، ئۇ بۇنداق جاپالىق ئىشلارنى قىلىشنى خالىمايتتى، ئەمما قورساق ئۇنىڭ غۇرۇرىغا قادىلاي دىگەندە ئۆزىچە خالاپ قالدى، خالىمايمۇ ئامالى قالمىدى، .
    -خەقنىڭ پاختىسىنى تېرىپ پۇل تاپىمىز دىگەننىڭ ئانىسىنى...،- دەپ غۇدۇڭشىدى ئۇ غۇچچىدە ئېچىلىپ كەتكەن كۇراكلاردىن پاختىنى ئېرىنچەكلىك بىلەن سۇغۇرۇۋېتىپ،- كىم مېنى يالغۇز بالا بولۇپ قالسۇن دەپتۇ، كىم مېنى ئەركە-نايناق چوڭ بولسۇن دەپتۇ، كىم مېنى يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن قېيداپ ئۆيدىن چىقىپ كەتسۇن دەپتۇ… ئۆيدە مۇشۇنچىلىك چىداپ ئىشلىگەن بولسام ئانام بىلەن دادام مەندىن راسا سۆيۈنۈپ كېتەر ئىدى، خەجلەي دىسەم، يەي-ئىچەي، كىيەي دىسەم ھەممىسى تەق بولار ئىدى… نىمانچە زىرىكىشلىك ئىشتۇ بۇ پاختا تېرىش دىگەن، ئىتتىك- ئىتتىك تەرمىسە تېخى ئاۋۇمىغان...، «قازانغا پاتمىغان جاھانغا پاتماس» دىگەندەك ئۆيىدە غىت قىسمىغاننىڭ جېنىغا ۋاي، … تەرگۈسى بارلار تېرىپ خالتىسىنى توشقۇزۇۋالسۇنا، بۆگۈن- ئەتە ماڭىمۇ بىرگەپ بۇلار، ئۆلۈپ قالىدىغان جانغا نىمانچە قىلارمەن…
     ئو ئۆزىنىڭ خالتىسىدىكى يېرىملىشىپ قالغان پاختىنى تاشلاپ ئىشتىنىنى ياسالمىلىق بىلەن يۆلىگىنىچە ئۇدۇل كەلگەن  بىرتەرەپكە چاپتى، ئۇبىر تۈپ يۇلغۇن تۈۋىدە ئۇزۇن ئولتۇرۇپ تاھارەت قىلدى، ئاندىن يۇمشاق تۇپىغا ئۆزىنى تاشلاپ ئۇيقۇغا كەتتى. ئۇنىڭ قورسىقى تازا ئاچقان ئىدى، تۇيۇقسىز بىرى ئۇنىڭ پېشانىسىنى يېنىك سىلىغاندەك قىلدى، دىگەندەك، يېنىدا بىرسى بارئىدى.
-تۇرۇڭە ئورنىڭىزدىن،- دىدى زىلغىنە بىر ئاۋاز،- سىزگە تاماق ئەكەلدىم، ئىسسىققىنە يەپ قورسىقىڭىزنى تويغۇزۇۋېلىڭ…
بۇگەپنى ئاڭلاپ ئۇ كۆزىنى چىڭ يۇمۇۋالدى: «كىمدۇ ئۇ، بۇيەردە مېنىڭ ئانام بولمىسا يا» دەپ ئويلىدى. شۇئان ئۇنىڭ كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى:
-بۇ مەن، ئانىڭىزدىن باشقا يېقىن ئادىمىڭىز يوقمىدى سىزنىڭ، بۇيەردە مەن سىزگە ئانىڭىزدىنمۇ بەك يېقىن، كىملىكىمنى بىلەي دىسىڭىز كۆزىڭىزنى ئېچىڭە مۇنداق بىر…
ئۇ ئەركىلىگەندەك چىقىۋاتقان بۇ نازاكەتلىك ئاۋازنى ئاڭلاپ ‹ئاۋازىم ئۈنلۈك چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ› دەپ ئويلىدى ۋە دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارىدى، قارىدى- يۇ، قېتىپلا قالدى؛ يۈرىكىنىڭ بىريەرلىرى پىژىلدىغاندەك، نەپىسى قىستاۋاتقاندەك بولۇپ قالدى. كۆز ئالدىدا پۈتۈن ئەزايىدىن نۇر تۈكۈلۈپ تۇرىدىغان، باشتىن ئاياق قاردەك ئاق كىيىم كېيگەن بېشىنى نېپىز يىپەك رومال بىلەن ئۇرىۋالغان گۈزەلگىنە بىر قىز ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى، ئۇنىڭ قاتار تىزىپ قويۇلغان نەيزىنىڭ ئۇچىدەك كىرپىكلىرى ئارىسىدىكى ئوت تۆكۈلۈپ تۇرغان بىرجۇپ كۈزى ئۇنىڭغا تىكىلگەن ئىدى. ئۇنىڭ نەرىدۇر بىريەرلىرى ئېرىۋاتقان ئەگىزدەك شۇررىدە قىلىپ قالدى، يۇتۇۋەتمەكچى بولغان شۆلگىيى گېلىغا تۇرۇپ قالغاندەك بىئارام بولۇپ قالدى.
-سىز...،-دىيەلىدى ئۇ ئارانلا.
- سىزگە تاماق ئەكەلدىم، يەۋېلىڭ، مەيەردە تېخى تاۋۇزمۇ بار، بەك تاتلىق، پىچىپ يەرسىز...
-سىز... خوجايىننىڭ قىزىما؟- ئۇ قىزنىڭ كەتكىلى تەمشىلىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي ئاغزىغا كەلگەنچە سۆزلىدى.
-كىمنىڭ دىدىڭىز؟!! ھىم... كىم ئۇ خوجايىن دىگەن!- قىز يېنىككىنە بۇرنىنى قېقىپ قويدى.
-ھېلىقى… مەن … پاختىسىنى چۆلەپ بېرىشكە پۈتۈشكەن كىشىچۇ؟- قىز زىل ئاۋاز بىلەن قاھ- قاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.
-شۇنداقمۇ، ئەسلى مۇنداقكەن-دە. مەن ئۇ پاخپاقۋاشلارغا ئوخشامدىكەنمەن. ھېچقىسى يوق، ھاجىتىڭىز چۈشسە ئىزدەرسىز، خوش، مەن كەتتىم.
-سىزنى نەدىن ئىزدەيمەن؟
-قەلبىڭىزدىن.
-قەلبىڭىزدىن؟! مېنىڭ!...-ئۇ شۇنى دەۋېتىپ قىزغا قارىدى. لېكىن ئۇ كېتىپ قالغان ئىدى
-ھەجەب غەلىتە ئىشقۇ، بۇ.
ئۇ قىزنىڭ قاياققا كەتكەنلىكىنى بىلمەكچى بۇلۇپ ئۇنىڭ ئىزىنى ئىزلەشكە باشلىدى، لېكىن، باياتىن قىز تۇرغان جايدا ئادەم ئىزى تۇرماق قۇشقاچنىڭ ئىزىمۇ كۆرۈنمەيتتى. «قىزىق، ئادىمىزاتنىڭ ئىزى يوق،… جىنمىدۇ ئۇ» ئۇ شۇنىلا ئويلىيالىدى، توختىماي كۇركىراپ بىئارام قىلىۋاتقان قورسىقى ئۇنى داستىخانغا تارتتى، «‹ئاۋۋال تائام، ئاندىن كالام› دەپتىكەن، ھەرئىش بولسا ئاۋۋال تاماق يەيچۇ؟›› ئۇ داستىخانغا يۆگەلگەن سامسىلاردىن تويغىچە يەپ، ئاندىن داستىخاننىڭ يېنىدىكى تاۋۇزنى كاسىلاپ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇردى ۋە گارتتىدە بىرنى كېكىرىپ يۇمشاق تۇپىدا ئاستا سۇنايلىنىپ ياتتى.
-ھەي، بۇمۇ خۇدانىڭ بەرگىنى، ئەمدى نىمە قىلغۇلۇق،- كۆزئالدىغا بىردىنلا بايىقى تاماق ئەكەلگەن قىز كەلدى.
-ھەجەبمۇ ئۇزكىنا ئۇ پوندەك، ئاشۇنداق بىر خۇتۇن بولسا-ھە، مەشەدە،- ئۇ شۇنداق ئويلىغاچ قىزنىڭ بايىقى سۆزلىرىنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى:
-ھاجىتىڭىز چۈشسە ئىزدەرسىز...
-سىزنى نەدىن ئىزدەيمەن؟
-قەلبىڭىزدىن.
   -قەلبىڭىزدىن!... ئۇنى قەلبىمدىن ئىزدەيدىكەنمەن. قەلبىم... ئۇ نەدىدۇر؟... ماڭا جىن چاپلاشتىمۇ- نىمە؟-ئۇ شۇنداق دەۋېتىپ يەنە ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى. ئۇ يەنە چۈش كۆردى.
-ساڭا جىن ئەمەس، ئامەت چاپلاشتى، بەخت چاپلاشتى…- دىدى يەنە ھېلىقى قىز ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە پىچىرلاپ.
-ھەرقانداق ھاجىتىم چۈشسە سىزنى ئىزلەمدىمەن؟
-ھەئە، ھەرقانداق ھاجىتىڭىز چۈشسە تارتىنماي مېنى ئىزدەڭ.
-قانداق ئىزدەيمەن؟
-مېنى ئىزدىسىڭىز ھەردەم يېنىڭىزدىمەن، ئىزدىمىسىڭىز ھېچيەردىمەن… مېنى ‹پەرىزات!› دەپلا قىچقىرسىڭىز شۇئان يېنىڭىزدىمەن، قىچقىرمىسىڭىز چۈشىڭىزدىمەن، …
    ئۇ چۆچۈپ ئويغاندى، يېنىدا ھېچكىم يوق ئىدى، ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇۋېتىپ ئۆزىنىڭ چىپىلداپ تەرلەپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ تەرلىرىنى سۈرتكەچ بايىقى چۈشلىرىنى ئېسىگە ئالدى.
-راستلا شۇنداق بۇلارمۇ؟ توختا، بىر قىچقىرىپ باقاي،- ئۇ ئىككى قولىنى كانايچە قىلىپ ‹پەرىزات!› دەپ ئۈنلۈك توۋلىدى، شۇئان: ‹ھە، مانا ھازىرلا› دىگەن ھېلىقى چۈشىدىكى ئۈن يېقىنلا يەردىن ئاڭلاندى ۋە ئارقىدىنلا قىز ئۇنىڭ كۆزئالدىدا شىپپىدە پەيدا بولدى.
-قىچقىرىشىڭىزنى بىلەتتىم، شۇڭا، باياتىن چۈشىڭىزدىن چىقىپ سىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىدىم...
-نىمە دىدىڭىز؟ گېپىڭىزنى زادىلا چۈشەنمىدىم.
-بولدىلا، كېيىن چۈشىنىپ قالىسىز. دەڭە، بۇيەردە نىمە قىلىپ يۈرۈيسىز؟
-جاھاندارچىلىق دەڭە، پۇل تاپقىلى كەلگەن.
-مۇشۇ سۇسىز چۆلگىما؟
-شۇ ئەينا، ئۇندىن باشقا نىمە چارە دەيسىز؟
-ئۆيىڭىزدىكى بىردىنبىر بالا، بولغاندىمۇ ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئەركە بالىسىغۇ سىز؟ ئاتا- ئانىڭىزنىڭ تاپقىنىمۇ خېلى بار بولغىيدى، شۇلار سىزنىڭ خەجلىشىڭىزگە يەتمەسمىدى؟
-سىز مېنى قانداق بىلىسىز؟
-ئەگەر بىلمىسەم يېنىڭىزدا نىمە قىلار ئىدىم؟…ھىم… قارىغاندا، جىق پۇلىڭىز بولسا خوش بۇلىدىكەنسىز-ھە؟؟
-ئەلۋەتتە. بۇكەمدە پۇل دىگەن شەيتاننىمۇ ئۇسسۇلغا سالىدۇ…
-ئۇنداق بولسا مەن سىزنى بىر خوش قىلاي. شەيتاننى ئۇسسۇلغا قانداق سالىسىزكىن، بىركۈرۈپ باقاي، قانداق، بولامدۇ؟
-مېنى… قانداق خوش قىلماقچىسىز؟
- سىزگە جاپا تارتماي جىق-جىق پۇل تېپىشنى ئۈگىتىپ قۇياي، يۈرۈڭ…
كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقىچە ئۇ نەلەرگە كېلىپ قالغانلىقىنى بىلمەيلا قالدى.
-ئاۋۇ يەرگە قاراڭ، ئاۋۇ سىز ئەتە يۇلۇقىدىغان ئىشلار، ماۋۇ ئۆگۈنلۈككە... سىز ئاشۇ ئىشلار بىلەن جاپا تارتماي خېلى كۆپ پۇل تاپالايسىز، ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بولسۇن، خوش،- قىز كۆزدىن غايىپ بولدى. ئۇ: «پەرىزات، سىز نەدە؟ پەرىزات، كەتمەڭ، كەتمەڭ» دەپ توۋلىغىنىچە ئورنىدىن تۇردى، شۇندىلا ئۇ بايىقى ئويغىنىشنىڭ چۈش ئىچىدىكى ئويغىىنىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ پاختىلىققا ماڭدى. كۈن پېتىشغا يۈزلەنگەنىدى. ئۇ ئىشلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ياتىقىغا قايتتى، ئەس-يادى چۈشىدە ئۆزىگە تاماق ئەكىلىپ بەرگەن ھېلىقى قىزدا ئىدى. «ئاشۇ قىزدەك بىر خوتۇنۇم بولسىكەن» دەپ ئويلاپ كەتتى ئۆزىچە. دىمىسىمۇ، ئۇ پۇل تېپىپ خۇتۇن ئالماقچى ئىدى.
   ئاخىرى ئۇ بۇيەردىن كەتمەكچى بولدى ۋە ئەلياتقۇ بولغاندا نەرسە-كېرەكلىرىنى تاشلاپ ھېچبىرىگە تۇيدۇرمايلا شىپ-شىپ مېڭىپ نەگىدۇر يۈرۈپ كەتتى، ئەتراپ سۈتتەك ئايدىڭ ئىدى، ئۇ بىر چېغىريولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئېزىپ قالدىمۇ، تاڭ، ناھايتى كەڭرى كەتكەن بىر مازارنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ قالدى، ئۇ ئۇيەردىن ئەيمەنگىنىچە ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ باراقسان يۇلغۇن ۋە ماندارلار يۆگىۋالغان چوڭقۇر بىر ئورەكتە كۆشۈپ ياتقان كالىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ بايام چۈشىدە كۆرگەن كالا شۇ ئىدى. كالىنىڭ باشۋېغىسى تومغىنا بىر تۈپ يۇلغۇن دەرىخىگە يۆگىشىپ قالغانىدى. ئۇ يولىنى داۋاملاشتۇردى، خېلى ئۇزۇن مېڭىپ ئابايام چۈشىدە كۆرگەن بىر ھويلىغا كىردى ۋە :
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،- دەپ ئۆيدىن ئالدىراپ سىرتقا چىقىۋاتقان بىرىگە سالام قىلدى.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئۆزلىرى...
-مەن بىر ئىشلەمچى، ئىش ئىزدەپ ئەمدىلا بۇ يۇرتقا كېلىۋىدىم، باش تىقىدىغان يەر تاپالماي چۆرگىلەپ قالدىم، شۇڭا، ئۆيلىرىدە مەن قىلالىغۇدەك بىرەر ئىش بارمىكىن دەپ...
-ئىشقۇ جىق، چۆلەيدىغانغا ئادەم چۈشمىگەن پاختىدىنمۇ خېلى بار، لېكىن، ھازىر كەچ بۇلۇپ قالدى، يۈرسىلە، ئۆيىمىزدە قۇنۇپ قالسىلا، قالغان گەپنى ئەتە دىيىشەيلى.
-ماقۇل،- ئۇ ئاستاغىنە تاشقىرىقى ھويلىدىكى كونىراپ كەتكەن كىرىسلوغا كېلىپ ئولتۇردى. ئىشىك ئۈستىدىكى كۆزنەكتە ئېسىلىپ تۇرغان تۆۋەن ۋاتلىق ئاق لامپا خۈنۈككىنە يېنىپ تۇراتتى. ئۆي ئىگىسى ئۇنىڭغا دەرد ئېيتتى:
-ئىككى كۈن بولدى، بىر كالىمىز يۇقاپ كېتىپ شۇنى ئىزدەپ تېپىشالماي ئاۋارىمىز، قارىسىلا...
-كالا يۇقاپ كەتتىما؟
-شۇنداق بولدى.
-ھە، مۇنداق دىسىلە... ئۇنى ئوغرى ئاپتۇمۇ ياكى ئۆزى بىر ياقلارغا كېتىپ قاپتۇمۇ؟
-ئوقالمىدۇق. ئىشقىلىپ، ئىككى كۈن بۇرۇن ئەتىگەندە چىقىپ قارىساق ئېغىلدا يوق تۇرىدۇ.
-ھە، شۇنداقمۇ؟- ئۇنىڭ ئۈنى پەسلەپ كەتتى.
-سىلى كالىنى بىريەردە كۆردىلىما؟- دىدى ئۆي ئىگىسى ئۇنىڭ ئۈنىنىڭ پەسلەپ كەتكىنىدىن گۇمانلىنىپ .
-ياق، ياق، كالىنى كۆرمىدىم، لېكىن، پالچىلىقتىن بىرئاز خەۋىرىم بارئىدى...
-ئۇنداق بولسا بىر پال ئېچىپ باقسىلچۇ، قارىم، بۇ بىر سەۋەبنىڭ ئالىمى ئىكەن، شۇ بانادا كالىمىز تېپىلىپ قالسا تېخى ياخشى،- دىدى ئۆي ئىگىسى ئۇنىڭغا يېلىنغاندەك تەلەپپۇزدا. ئۇ ئويلىمايلا دەپ قويغان گېپىگە سەل پۇشايمان قىلدى، لېكىن، ئەمدى يېنىۋالالمايتتى.
-ئۇنىڭغا بىر پاكىزە ئۆي كېرەك،- دەپ ئېغىزىغا كەلگەنچە سۆزلىدى ئۇ.
- ئۆي دىگەننىڭ ھەممىسى پاكىز بولار...
- مېنىڭ دىگىنىم، ئۆي ئىچىدە گۇنايى-ھارامدىن بولغان مال-مۈلۈك، ھاراق-تاماكا دىگەندەك نەرسىلەر بولمىسۇن دىگەنلىك...
-ھە، بۇلىدۇ، ئۇنداق ئۆيمۇ بار...
ئۇلار ئۇنى ئىچكىرىكى سارىيىغا باشلاشتى. ئۇ بىر چۆگۈنگە سۇ تەڭشىگۈزۈپ ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ تاھارەت ئالدى، ئاندىن جاينامازغا ئولتۇرۇپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ ئاندىن تەسۋىي سىرىغاچ مۈگدەپ ئولتۇرۇپ نىمىلەرنىدۇ  ئۇقۇدى. ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتتى.
-ھە، كۆردۈم،- دەپ ئاغزىغا كەلگىنىچە سۆزلىدى ئۇ،- كالا سىمىنتال، ئىككى دانە يوغان مۈڭكۈزى بار، ئۇزۇن بىر چۇپۇر ئارغامچا بىلەن مۆڭكۈزىدىن باغلانغان.
-توغرا، راست شۇنداق ئىدى،- دەپ سۆز قاتتى ئۆي ئىگىسى، ئۇنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى، ئۆيدىكىلەر گۈررىدە ئۇنىڭ يېنىغا ئۇلاشتى.
-قارىم، كالىمىز نەدىكەن؟ تىزراق دەپ بەرسىلىچۇ،- دەپ چۇرقىراشتى ئۇلار.
-بالىلار ئىشىكنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ تۇرسۇن، ماڭا جىملىق بولمىسا بولمايدۇ.
-خوش، دىگەنلىرىدەك بولسۇن،- ئۇلار بىر- ئىككىدىن سىرتقا مېڭىشتى.
-پال سەدىقە تىلەۋاتىدۇ،- دىدى ئۇ يەنە بىردەمدىن كېيىن. ئۆي ئىگىسى چىقىپ كېتىپ بىردەمدىلا قايتىپ كىردى ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا يۈز سوملۇق پۇلدىن ئىككىنى قويدى.
-بۇ سەدىقىگە جىق كېلەرمىكىن؟- دىدى ئۇ. چۈنكى ئۇ ھېلىقى پاختا تېرىدىغان جايدا ئىككى يۈز كوي ئۈچۈن نەچچە كۈن ئاپتاپقا قاقلىنىپ ئىشلەيتتى، شۇڭا ئۇ بىر ئېغىز كەلدى- كەتتى گەپ ئۈچۈن ئىككى يۈز كوينى موككىدە يانچۇقىغا سېلىشتىن ئۆزىچە سەل تارتىنغان ئىدى.
-كالام چىقىدىغانلا بولسا جىق كەلمەيدۇ، قارىم، مەن رازى بولىمەن، خاتىرجەم ئېلىۋەرسىلە،- دېدى ئۆي ئېگىسى. شۇتاپتا خوشلۇقتىن ئۇنىڭ ئېغىزلىرى ئېچىلىپ، كۆزلىرى پارقىراپ كەتكەن ئىدى.
-ھە، ئۇنداق بولسا بولاپتۇ،... كالىنىڭ مۇزىيى بارئىكەن، ئەمچەكلىرى سىرقىراپ كېتىپتۇ-ھە.
-راست، بىچارە مۇزاي ئىككى كۈننىڭياقى ئاچ قالدى دىسىلە، بالىلار ساغىمىز دەپ ئايرىپ قۇيۇپتىكەن ئۇنى... بوغۇزغا تېخى تولۇق چۈشۈپ بولالمىغان ئۇ بىچارە ...
-كالىدىن سۈتنى خېلى جىق ساغىدىكەنلا، ھە!
-ئۇنى سۈتى باركەن دەپ خېلى جىق پۇلغا سېتىۋالغان،  سۈت سېتىپ خېلى كىرىم قىلاتتۇقچۇ.
-يېقىن ئەتراپتا كەڭرى كەتكەن بىر شەھىدلىك مازار غوجام  بار ئىكەنغۇ؟
-ھە، بار، يېقىنلا جايدا بىر مازار بار.
-كاتتا جايكەن ئۇ، ئۇيەردە  خودايىمنىڭ نەچچە مىڭلىغان ئەركە بەندىلىرى قانغا مىلىنىپ جەڭ قىلىپ شېھىت بولغان ئىكەن. كالا شۇتەرەپنى پاناھ تارتىپ قالدىمۇ قانداق. ئۇ يەرگە قانچىلىك ۋاقىتتا بېرىپ بولغىلى بولار؟
-يىراق ئەمەس، بىر ئاش پىشىمغا قالماي بېرىپ كېلەلەيمىز…
-كالا شۇمازارنىڭ كۈن ئايلىنىش تەرىپىدىكى بىر ئورەكتە باراقسان بىرتۈپ ماندارنىڭ تۈۋىدە بەخىرامان يېتىپ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىۋېتىپتۇ. باياتىن ھويلاڭلاردا غازنىڭ ئۈنى چىقىۋاتاتتى، سىلەر ئاشۇ غازنىڭ نەرىنى ئاپىرىپ ئاشۇ كالا يۆگىشىپ ياتقان يۇلغۇننىڭ تۈۋىگە ئاشۇ مازاردىكى شېھىتلەرنىڭ، ئۇلارغا ھەمراھ بولغۇچى ماشايىخلارنىڭ مەرتىبىسىنىڭ يۇقىرى، دەرىجىسىنىڭ ئۈستۈن بولۇشىغا ئاتاپ ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن خالىس نىيەتتە بۇغۇزلاپ ئاندىن ئۇنىڭ گۈشىنى شۇ مازارنىڭ شەيخىگە خەير- ئېھسان قىلىۋېتىپ ئاندىن كالىنىڭ ئارغامچىسىنى يېشىپ ئەكەلسەڭلار ھازىر كالىغا ھەمراھ بولۇۋالغان دۆي- پەرىلەر سىلەرگە زەخمەت يەتكۈزمەيدۇ.
بۇگەپنى ئاڭلاپ ئۆي ئىگىسى دەرھال سىرتقا چاپتى. بىرئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتكەندە ئۇلار كالىنى يىتىلەپ كىرىپ كەلدى ۋە ئۇنىڭغا باشقىچە ئىززەت- ئىكرام قىلىشىپ كەتتى:
-قېنى، ئايگۇل، جۇگۇ، مىھمانخانا ئۆيگە ئۇبدان ئۇرۇن سېلىۋېتىپ چىق، قارىم، ھېلىغىچە ئاتلىرىنى سورىمىغىنىمنى دەيمەن...
-جۈمە قارى.
-جۈرسىلە، تاماق پىشقىچە پۇت-قوللىرىنى سۇنۇپ بىر دەم ئارام ئېلىۋالسىلا، يولدا كەلگىچە چارچىغانلا…
-ھە، ماقۇل.
شۇنداق قىلىپ ئۇ بۈگۈن بۇ ئۆينىڭ ئەتىۋارلىق مېھمىنىغا ئايلاندى. ئۇ تاماقلىنىپ بۇلۇپ يۇمشاققىنا كۆرپىگە چۈكۈپ ئۇيقۇغا كەتتى. ئۇ يەنە چۈش كۆردى، چۈشىدە يەنە شۇ قىز، قىز لەرزان ئۇچۇۋاتقىدەك، ئۇ ئۇنى قوغلاۋاتقىدەك، قوغلا- قوغلا، ئاخىر يىتىشىۋالدى. قىز ئۇنىڭغا قاراپ ۋىلىقلاپ كۈلگىلى تۇردى. ئۇ قىزنى قۇچاقلىۋالدى، ئىككىيلەن ھەش- پەش دىگۈچە ئېرماش- چىرماش بۇلۇپ كەتتى. بارا- بارا ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايلا قالدى؛ ئۇنىڭ سول قۇلى قىزنىڭ كىندىكىدىن ئېشىپ ئاستىنقى بەدىنىگە سۈرۈلدى، لىكىن، قىزنىڭ كىيىملىرىدىن نە سىرتما، نە تۈگمە، نە تىكىش ھېچنىمە تاپالمىدى. ئۇ ئاخىرى ‹چۈش كۆرۈۋاتىمەنغۇ، خەقنىڭ يوتقىنىغا شەيتان ئاتلاپ قالمىسۇن يەنە، ئۇيقۇمدىن تىزراق ئويغىنىۋالايچۇ› دەپ ئويلىدى ۋە مىڭبىر جاپادا ئۆزىنى سىلكىپ ئۇيغىتىۋالدى. ئۇ كۆزىنى ئۇۋىلاۋاتقىنىدا: ‹‹قانداق، چۈشىڭىزدىن قاچسىڭىز يېنىىڭىزدىمۇ بارمىكەنمەن›› دەپ ئەركىلەپ پىچىرلىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ قورققىنىدىن زۇۋانى كەربالاغا ئۇچتى؛ چېكىسىدىن تەرلەر تەپچىرىدى. ئۇ ‹ماڭا جىن چاپلاشتىمۇ-نىمە؟› دىگەننىلا ئويلىيالىدى.
-قورقتىڭىزما؟- ھېلىقى ئاۋاز ئۇنىڭ قولاق تۈۋىدە يەنە ئاڭلاندى،- قورقماڭ، جۈمە قارىي، مېنى ئۇنداق جىنمىكىن دەپ ئويلاپ قالماڭ، ئىسمىم پەرىزات، پەرىلەردىنمەن، پەرىزاتلار كىيىمىگە يىپ- يىڭنە، تۈگمە، سىرتما دىگەندەك نەرسىلەرنى ئىشلەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇنى شۇ پەرىزاتنىڭ ئىرادىسىلا يېشىندۈرەلەيدۇ...،- راستىنلا يېنىدا ھېلىقى قىز بار ئىدى، ‹ئويغىنالمىدىممۇ، قانداق؟…› ئۇ ئاستاغىنە ئېڭىكىنى چىمداپ باقتى.
-ئۇنداقتا، ...نېمىشقا مېنى...
-سىزنى يەتتە ياش چېغىمدىلا چۈشۈمدە كۆرگەن ئىدىم، شۇندىن تارتىپ سىزگە غايىبانە كۈيۈپ يۈرۈپتىمەن. قۇرئەنداز ھەدىلىرىمنىڭ دەپ بېرىشىچە بىز ئىككىمىز بىر كۈن، بىر سائەت، بىر مىنۇتتا تۇغۇلغان ئىكەنمىز... يەنە ئاشۇنداق ۋاقىتتا قەبزى روھ بولىدىكەنمىز- قىزنىڭ يومشاق بەدەنلىرى، ھاياجانلىق تىنىقلىرى ئۇنىڭ يۈرىكىگە ئۇرۇلدى. شۇ چاغقىچە كۈرۈپ باقمىغان چوغدەك ئىللىق بىر سېزىم ئۇنىڭ قانلىرىنى قىزىتتى، ئۇ ئۆزىنى تۇتالمايلا قالدى.
-مەن دىگەن بىر ساياق جاھانكەزدى تۇرسام ... سىزدەك ئۇز پەرىگە قانداقمۇ لايىق كىلەرمەن؟
-بىزدە ئۇنداق گەپ يوق، سىزنى كۈتۈۋاتقىنىمغا تالاي زامان بولدى، سىز ئۈچۈنلا ياشاپ كەلدىم. مەن ئىشىنىمەن، بىز ياخشى ياشىيالايمىز، مېنى ئەمرىڭىزگە ئالسىڭىز بىرسىزگىلا مەڭگۈلۈك ۋاپادار خوتۇن بۇلىمەن، ئەگەر خالىمىسىڭىز مېنىڭ جىنلاردىن يۈزمىڭ تۈمەن قوشۇنۇم بار، سىزنى ساراڭ قىلىۋېتىمەن... خۇددى چوڭ ئانىڭىزدەكلا… ئېلىشىپ قالىسىز.
-ئۇنداق دىمەڭ، مەنمۇ سىزگە مەڭگۈلۈك ئەر بۇلۇشنى خالايمەن...
- مەن ئىگەم يارىتىپ، ئاپام تۇغقان پېتى قەلبىمنى، ئەۋرەتلىىرىمنى سىز ئۈچۈنلا يات كۆزلەردىن پاك تۇتۇپ، قىزلىق قەلبىمنى، قىزلىق ئامانىتىمنى سىزگىلا ساقلىدىم… تېخى سىزگە ئاتىغان يەنە ئىككى كېنزىكىم بار، ئۇلارمۇ ماڭا ئۇخشاشلا پاك ۋە مەڭگۈ پاك، ئۇلارنىمۇ سىزگە ئاتىغانمەن، ئۇلارمۇ سىزگە ئۆزىنى بېغىشلاشقا قەسەم قىلغان. ناۋادا مېنى ۋە ئۇلارنى ئەمرىڭىزگە ئېلىشنى خالىسىڭىز ماڭا خىيانەت قىلماسلىق توغرىسىدا قەسەم بىرىڭ...
※                  ※                   ※              ※                  ※                   ※
كىشىلەر ئۇنى جۈمە قارىي دەپ ئاتىشاتتى، دىمىسىمۇ، ئۇ جۈمە كۈنى جۈمئى ۋاقتىدا تۇغۇلغان، شۇڭا، ئۇنىڭ ئوڭ قولىقىغا ئەزان قىچقىرىپ، چەپ قولىقىغا تەگبىر ئېيتىپ قويغان ئېتى جۈمە ئىدى. يۇرتتىكىلەر ئۇنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئائىلىسىدىكىلىرىدىن ئاڭلىغىلىمۇ بىرەر ھەپتە بولۇپ قالدى، لېكىن، ئۆزىنى كۆرگۈدەك بولمىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۇرتتىن چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ بىر مۇنچىدىن پۇلنى يانچۇقىغا سېلىپ قايتىپ كەلگىنىگىمۇ نەچچە ئاي بولدى، لېكىن، ئۇنىڭ نەگە بېرىپ نەدە تۇرغىنىنى ئاتا- ئانىسىغا ھېچكىم دەپ بېرەلمىدى. ئاتا-ئانا ئىككىسىنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇپ تۇرغىنىدا ئۇ لىككىدە ئۆزى قايتىپ كەلدى. ئاتا- ئانا ئىككىسى بالىسىنىڭ ئامان- ئېسەن قايتىپ كەلگىنىدىن خوشھال بولۇشتى. بولۇپمۇ، ئانىسى پايپىتەك بولۇپ ئولتۇرالماي قالدى. لېكىن، بىرمەزگىل ئۆتۈپ ئۇ بالىسىنىڭ مىجەزىدە قانداقتۇر بىر ئۆزگىرىشلەرنى بايقاپ قالدى. ئۇ بالىسىنىڭ ئىلگىرىكى شۇخ، گەپدان، يول مېڭىشقا ئامراق مىجەزىنىڭ سىرتقا چىقىپ كېلىش بىلەن تولۇق ئۆزگىرىپ تاماق يىيىش ۋە ئۇخلاشتىن باشقا ھېچ ئىشقا قىزىقمايدىغان بىر مۆرىمەس ئادەم بولۇپ قالغنىدىن ھەيران ئىدى. ئۇ بالىسىنىڭ بازارلارغا بېرىپ يىڭى كىيىملەرنى ئېلىپ كىيىپ، ئاغىنىلىرى بىلەن ئۇ دوقمۇشتىن بۇ دۇقمۇشقا چېپىپ ئويناشلىرىنى، ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزى خالىغان چىرايلىق بىرقىزنى ئۆيگە باشلاپ كېلىشىنى ياكى خەۋىرىنى يەتكۈزۈشىنى تولىمۇ خالايتتى، دېمىسىمۇ، كېلىنلىك، نەۋرىلىك بولۇش ئىستىكى ئاتا- ئانا ئىككىسىنى ئارامىدا قويمايتتى. لېكىن، ئۇنىڭ بۇ مىجەزىدە ئۇ ئىشلار پەقەت خىيال پېتى قالىدىغاندەكلا بىلىندى. ئاخىرى ئۇ بالىسىغا ئۆزى گەپ تەشتى.
-بالام،- دىدى بىركۈنى داستىخاندا ئانىسى ئۇنىڭغا،- كەلگىنىڭگىمۇ خېلى بولۇپ قالدى، ھاردۇقۇڭمۇ چىقىپ قالغاندۇ، ئەمدى بۈگۈن جۈمە كۈنى بولغاندىكىن مەسجىدكە چىقىپ جامائەت بىلەن جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ كىرگىن، ئاندىن مۇنداق بىر دوقمۇشلارغا، خوشنىلارنىڭكىگە چىقىپ گۇڭۇر- مۇڭۇر قىلىشىپ كىرگىن، ئۇرۇق- تۇغقانلارنىمۇ كۆرگۈڭ كەلگەندۇ... نەچچە ئاي بولدى سەن پۇل تاپىتتىم دەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكىلى…،- ئانا سۆزلەپ– سۆزلەپ توختاپ قالدى. ئۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىمىغاندەك ئۈنسىز ئولتۇرۇپ قورسىقىنى توقلىدى، ئاندىن گارتتىدە بىرنى كېكىرىۋېتىپ :
-ئاشۇ، ھەما، بىشىنى بىر ئاۋارە قىلىشمىسۇنا ئۇ بايتاللار،- دېدى قوپال ئاھاڭدا ۋە ھوجرىسىغا ماڭدى. بۇگەپ ئانىسىغا سەل ئېغىر كەلدى بولغاي، چىرايى سەل ئۆڭدى، لېكىن، ئۇنىڭغا بالا دىققەت قىلىپمۇ قويمىدى.
-يۇرت كۆرۈپ كېلىمەن دەپ كېتىپ ھەجەپ باشتۇڭ بولۇپ كېلىپسىز-ھە، قارىم بالام، كىچىكىڭىزدىن تارتىپ شۇنداق بەك قۇلىقى يۇمشاق، ئوڭلۇق چوڭ بۇلۇپتىڭىز، ئەمدى يۇرت كۈرۈپ چاپتىكەشلىكنى خېلى ئۈگىنىپسىز،-ھە!
ئۇ ئانىسىنى جارىتىپ قويغىنىنى ھېس قىلدى ۋە ئورنىدا شىپپىدە توختاپ :
-يا تۇيۇمنى قىلىپ قويمىسىڭىز، شۇنداق قىلسىڭىزغۇ ئىددەتسىز خوش بۇلىتتىم ئەينا،- دىدى ۋە ئانىسىغا لاپپىدە قاراپ قويۇپ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.
-مۇنداق ئىشمۇ باركەن تېخى،- دىدى ئانىسى ئۆزىچە،- مۇشۇنچە چوڭ ئىشنىمۇ شۇنچە ئاسان قىلغىلى بولىدىغاندەك گەپ قىلىدۇيا ماۋۇ بالام...
بۇگەپلەر شۇ كۈنىلا بالىنىڭ دادىسىنىڭ قولىقىغا يەتتى، ئۇلار ئوغلىنى ئۆيلەپ قويۇشقا كېلىشتى. كەچقۇرۇن دادىسى ئوغلى بىلەن مەسلىھەت قىلىشماق ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىك تۈۋىگە كەلگىنىدە ئۆينىڭ ئىچىدىن ناخشا ئاۋازىغىمۇ، سۆز ئويۇنىغىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان مۇڭلۇققىنا بىرئاۋاز ئاڭلاندى، بوۋاي ئۇ ئاۋازنى ئاڭلاپلا تۇنۇپ قالدى، ئاۋاز ئوغلىنىڭ ئاۋازى، ئۇ ئېيتىۋاتقان ناخشا ئوغلى كىچىك چاغلىرىدا ئۇ ئۇنىڭغا كۆپ ئېيتىپ بىرىدىغان ناخشا ئىدى:
...
    سۇغا ساچقان كىشكەتتى،
ئاۋەتخاننى قىچقىرىڭلار.   
ئاۋاتخاننىڭ نىمىسى بار،
       ئالتۇن-ئالتۇن قۇشلىرى بار.
قۇشلايلى-يۇ، قۇشلايلى،
    تازكاللىسىغا مۇشتلايلى...
  ناخشا شۇيەرگە كەلگىنىدە ئۇ ئىشىكنى يىنىك چەكتى، شۇئان ئاۋاز ئۆچتى، بىرھازادىن كېيىن ئوغلى ئىشىكنى ئاچتى:
-كىمگە گەپ قىلغىلى تۇردۇڭ ، بالام؟
-بالامغا.
-بالامغا؟!!- ئاتا ئۆي ئىچىگە بىرقۇر كۆز يۈگۈرتتى، ئۆي ئىچىدە ئوغلىنىڭ يوتقان- كۆرپىسىدىن باشقا ھېچنىمە كۆزىگە چېلىقمىدى:
- قېنى ئۇبالاڭ؟
ئوغلى ئۈنچىقارمىدى. «غەلىتە ئىش-ھە، ئۇنىڭ بالىسى نىمىش قىلسۇن، تېخى ئۇنى ئۆيلەپ قويمىغان تۇرساق... تېخى ئۇ بايىلا ئانىسىغا خوتۇن غەلۋىسى قىلىپتىكەن، بۇ نىمە گەپ بولدى ئۆزى…» ئۇ ئوغلىدىن يەنە گەپ سۇراشنى بىئەپ كۆردى ۋە ئاستا قايتتى.
    ئەتىسى ئۇنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە مەدرىسلەردە بىللە ئوقۇغان بىر قەدىناس ئاغىنىسى ئۇنى يوقلاپ كەلدى، ئۇلار ئولتۇرۇپ ئۇزۇن پاراڭلاشتى، ئوغۇلنىڭ ئاغىنىسىگە تۆكۈپ بەرگەن سىرلىرى ئۇ ئارقىلىق بىرسى ئون بۇلۇپ ئاتا- ئانىسىغا يەتكەندە ئۇلار گاڭگىرىغىنىدىن ئاغزىنى ئېچىپلا قېلىشتى...، قۇدا چېيى ئىچمەي، تويلۇق ئالماي، توي قىلماي تۇرۇپلا كېلىنلىك، نەۋرىلىك بۇلۇپ قىلىشىنى، تېخى ئۇلارنىڭ غايىپ دۇنيادىن بولۇپ قېلىشىنى ئۇلار ئەقلىگە سىغدۇرالمايلا قالدى.  ئاتا- ئانا ئىككىسى يا قايغۇرۇشنى، يا شادلىنىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپلا قالدى.
  ئارىدىن ئىككى- ئۈچ كۈن ئۈتۈپ جۈمە قارىي ھېچكىمگە ئوقتۇرماي ئاغىنىسىنى يوقلاپ باردى.
     -تازىمۇ بىر ئاغىنىدارچىلىققا يارىمايسلىكەن، ئادىشوي،- دىدى ئۇ ئەسسالامدىن كېيىن دالاننىڭ سەنۈيىگە پۇتىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ .
-نىمىشقا دەيسىلەر؟- سورىدى ئاغىنىسى.
-ئۆيدىكىلەرگە ھەممىسىنى دەۋېتىپسىلىيا ئەينا.
-ئۆيدىكىلەر بىرنىمە دىدىما؟
-ياق.
-قانداق ئۇقتۇڭلار ئەمىسە؟
-پەرىزات دەپ بەردى.
-پەرىزات دەپ بەردى؟
-ھەئە.
-ھەي ي ،تەلەيلىك ،ھە، ئاداش سىلى.
-قانداق دەيسىلەر؟
-بىرچىرايلىق پەرىزات بىلەن تېپىشىۋاپسىلەرغۇ ئاينا؟ بۇنداق ئامەت ھەركىمگە نېسىپ بولۇۋەرمەيتۇچا.
-ئۇنداق بولسا سىلىگىمۇ بىرەرنى تۇنۇشتۇرايمۇ-يا.
-بۇنداق بەخت سىلىگىلا ئەڭ ۋە ئەڭ كاتتا ياراشسۇن، مەن قورقىمەن.
-ماقۇل ئەمىسە، شۇنداق بولسۇن، ئاداش، مەن سىلىنى بۇ قېتىم پەرىزاتتىن كونا قەدىناس ئاغىنىدارچىلىقىمىزنىڭ يۈزى ئۈچۈن بىرقېتىم تىلىۋالدىم، بۆگۈن مەن  بۈگۈن سىلىگە پەرىزاتنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە بىرئىشنى دەپ قويغىلى كەلدىم، بۇندىن كېيىن بۇ ئىشلار توغرىلىق ئۇيەر- بۇيەردە ۋالاقشىپ يۈرسەڭلار ئويلىمىغان يەردە قاغا مىڭىسى يەپ سېلىپ مەندىن ئاغرىنىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالىسىلەر، بۇ گەپنى قولىقىڭلىنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭلار، ماقۇلما؟- ئۇ گېپىنى تۈگىتپلا خوشمۇ دىمەستىن گۆس- گۆس دەسسەپ چىقىپ كەتتى. ئۇ ئاخىرقى گېپىنى دەۋاتقاندا ئۇنىڭ چىرايى قارىداپ كۆزلىرىدىن كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان بىر ۋەھىمىلىك سېرىق نۇرنىڭ چاقناۋاتقانلىقىنى دوستى ھېس قىلىپ ئۈلگۈردى، ئۇ ھېلىقىدەك نۇرنى ھېچيەردە كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.
كۈنلەر ئۆتۈۋەردى، بۇ ئىشلار ئانىنىڭ كۆزىگە زادى سىغمىدى، سىغمىدىلا ئەمەس، بارا- بارا ئانىنىڭ قورسىقىنى ئىسىپ ئۆزىنى قۇيىدىغانغا يەر تاپالمايلا قالدى، كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمىدى، تولا خىيال قىلىۋېرىپ باشلىرى ئاغرىپ كەتتى. ئۇ كېچىلىرى ئوغلىنىڭ ئىشىكى تۈۋىدە، تېمى چۆرىلىرىدە، دەرىزىسىنىڭ يېنىدا ئۇنى ماراپ چىقتى، لېكىن، ھېچبىر ئۆزگىچىلىكنى بايقىيالمىدى، كۈنلەر ئۆتۈۋەرگەنسىرى ئۇنىڭ ئىچى تىتىلداپ كۆزىگە زادى ئۇيقۇ كەلمەيدىغان، گېلىدىن بىرەر لوقما تاماق ئۆتمەيدىغان بولدى، ئاخىرى بولماي ئۇ ئوغلى ياتىدىغان ئۆي ئىشىكىنىڭ ئىچى تەرىپىدىكى قاغىتۇمشۇق، زەنجىرلەرنى قۇمۇرتقۇزۇۋەتتى، بىركۈنى كېچىسى ئۇ قولچىراقنى تۇتۇپ ئوغلى ياتقان ئۆيگە ئۈسسۈپلا كىردى، ئوغلى يالغۇزغىنە يېتىپ رېتىملىق خورەك تارتىپ ئۇخلاپ كەتكەن ئىدى.
-قېنىدۇر مېنىڭ ئۇ كېلىنىم، بۇ قانداق بولغىنى ئەمدى، خۇتۇن ئالدىم دەپ كېچىچە سوغۇق يوتقاننى قۇچاقلاپ يالغۇز ياتسا-ھە؟ يا ئۇ مېنىڭ كۆزۈمگە كۆرۈنمىگەنمىدۇ؟- تۇرۇپلا ئۇنىڭ تېنىگە تىتىرەك ئۇلىشىپ، تىلى ئەيمىنىپ قالدى، ئۇ قانداقتۇر بىر قورقۇنچ ۋەھىمىسىدە ئاستا كەينىگە ياندى، ئىشىكنىڭ سىرتىغا چىقىپ بۇلۇپ يەنە ئۆزىچە: ‹توختا، بىر ئويغىتىپ باقايمۇ-يا› دىگەن ئوي بىلەن يەنە قايتىپ كىردى:
-جۈمىراخۇن بالام، جۈمە قارىم!-دەپ بىرنەچچە قېتىم چاقىردى، لېكىن ئۇ مىدىرلاپمۇ قويمىدى. ئانا بىرنەچچە قېتىم قىچقىرىپ باقتى، بالىسىنىڭ بېشىنى سىلكىپ مىدىرلىتىپمۇ باقتى، لېكىن، ئۇغلى خورىكىنى تارتىۋەردى.
ئەتىسى ئانا دوقمۇشقا چىقىپ ئۆتكەن- كەچكەنلەرگە، ئۇرۇق-تۇغقان، خۇلۇم- خوشنىلارغا بۇ ئىشلارنى بەس- بەستە سۆزلىدى، بۇ توغرىلىق دەرد تۆكتى، يىغلاپ- قاقشاپ يۈردى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغۇچىلار بولسا ‹توۋۋا قىلدىم› دېگىنىچە ياقىسىنى چىشلەپ ئاستا كېتىپ قېلىشتى. ئارىدىن بىرنەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، بىركۈنى يېرىم كېچىدە ئانا ئۇخلاۋېتىپ پۈتۈن ئەزايىنىڭ كۆتۈرگۈسىز ئېغىر بىرنەرسىنىڭ ئاستىدا قالغاندەك چىپىلداپ تەرلەپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ‹چۈش كۈرۈۋاتقان ئوخشايمەن› دەپ ئويلىدى ئۇ. لېكىن، ئۇ ئۆزىنىڭ كۆرگەن چۈشىنى زادىلا ئېسىگە ئالالمىدى. ئۇشتۇمتۇت گېلىنى بىركىم بوغقاندەك قىلدى، ئۇ ‹ۋايجان› دەپ ۋاقىرىماقچى ئىدى، لېكىن، ئۈنى چىقمىدى. قورققىنىدىن ئۇنىڭ يۈرىكى ئېغىزىغا كەپلىشىپ قالغاندەك تۇيۇلدى.
-ھە، ئەمدى ھېلىقى ئسىل ھېكايىنى ماڭىمۇ  بىر سۆزلەپ  بەرسىلىچۇ، قېنى!- دىگەن زىل، ئەمما، قۇپال بىر ئاۋاز ئاڭلاندى ئۇنىڭ قۇلىقىغا،- نەچچە كۈندىن بۇيان مېنى ھەجەب جىق غاجاپ كەتتىلە- ھە ،… ئېغىزلىرىدا، چىشلىرىنىڭ ھەربىر ئاراچلىرىدا مېنىڭ قۇۋۇرغىلىرىمنىڭ گۆشلىرى توشۇپ كەتتى. مېنىڭ سۆڭەكلىرىمنى شۇنچە غاجاب نىمىگە ئىرىشمەكچىدىلە؟ ئېيتسىلا قېنى، ئانىكا، بۈگۈن مەن سىلىنى ئارزۇلىرىغا بىر يەتكۈزەي دەپ ئاتايىن كەلدىم.
-سىلى... سىلى كىم بۇلىتلا ئۆزلىرى...؟
-تەكەللۇپنى قويۇپ نەق گەپنى قىلشىلى، ئانىكا. سىلىگە قوپاللىق قىلغۇم يوق، بولمىسا جۈمە قارىينىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ قالىدۇ ... ‹پەرىزات› دەپ ئاڭلىغانغۇ سىلى!- ئۇنىڭ ئاۋازى بىردىن ۋەھىمىلىك تۈس ئالدى. ئانىنىڭ پۈتۈن ئەزايىنى سوغۇق تەر باستى.
-ھە... ھەئە.
-مەن شۇ پەرىزات، ئوغۇللىرىنىڭ خانىشى، نەۋرىلىرىنىڭ ئانىسى، سىلىنىڭ ئەتىۋارلىق كېلىنلىرىمەن.
-...
-ئەدەبسىزلىك بولسىمۇ دەپ قۇياي، ئەتىۋارلىق كېلىنلىرىنى يەنە خەققە ھازىرقىدەك تىللاپ بېرىپ يۈرۈۋەرمىسىلە، ‹قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە، باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە› دىگەننى ئوبدان بىلىلىغۇ.
-خوش... ماقۇل، خېنىم.
-ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسىلا ۋاقتى كەلگەندە مەندىن رەنجىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالىلا، ئەڭ ياخشىسى، سىلى ئۇبدان قېيىنئانا بولسىلا، مەن ئوڭلۇق كېلىن بولاي، قانداق، ئانىكا. ھەرئىككىمىز جۈمە قارىينىڭ بەختىگە كۆڭۈل بۈلىمىزغۇ…؟
-خوش... ماقۇل ، خېنىم.
-يەنە بىرگەپ، ئەتىگەن-كەچتە بىزنى ئارامىمىزدا قويسىلا، بىزمۇ ياش بولغاندىكىن ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ئارامىمىزدا ئۇخلايلى، سىلىمۇ بىزنىڭ تېمىمىزنى چۆرگىلەپ يۈرمەي، دادىكامنىڭ ھالىدىن ئۇبدانراق خەۋەر ئالسىلا.
-خوش... ماقۇل ، خېنىم بالام.
-ماۋۇ گەپلىرى يارايدۇ، ئەگەر يەنە كېچىلىرى ھوجرىمىزنى چۆرگىلەپ يۈرۈۋەرسىلە  بىزنى قوغداپ تۇرىدىغان خوتۇنسىراپ كەتكەن توكۇر جىنلاردىن بىر نەچچىنى ئەۋەتىپ سىلىگە ھەمراھ قىلىپ  قۇيىمەن... دادىكام ھاجەتلىرىدىن چىقالماي قالغان بولسا ئۇچاغدا  بىر يولىلا جىمىپ قالىلا…ئۇلار بەك يامان، بىركېچىدىلا سىلىنى ھالسىرىتىپ ئۇيقۇدىن باش كۈتىرەلمەس قىلىپ قويىدۇ…
شۇندىن كېيىن باشقا تىۋىش بولمىدى. ئايال تاڭ ئېتىشقا يېقىن ئەسلىگە كەلدى. بۇ قىزىق پاراڭلار قۇلاقتىن- قۇلاققا يىتىپ مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئېغىزىدا بىرمەزگىل قىزىق نوقتا بولدى، لېكىن، بۇ پاراڭلارمۇ ئۇزاققا قالماي ئۆز ئايىغى بىلەن يۇقاپ كەتتى، ھېچكىم بۇ پاراڭلارنى يەنە بىرىگە يەتكۈزۈشكە جۈرئەت قىلالمىدى.
بىركۈنى كەچقۇرۇن جۈمە قارىي ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كەچلىك تاماق يىيىشتى، داستىخان يىغىشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئانىسى ئاشخانىغا قاچا- قۇچىلارنى يىغىشتۇرغىلى ماڭدى، ئۆيدە جۈمە قارىي ئىككىيلەنلا قالدى.
-بالام،-دىدى ئاتا ئوغلىغا،- سېنىڭ تۇرمۇش ئىشلىرىڭدىن ئازدۇر- كۆپتۇر خەۋەردار بولغانمۇ بولدۇق، لېكىن، سېنى ھەمىشە كۆرىمىز، ئەگەردە خالىساڭ كېلىنىمىزنى بىز بىلەن كۈرۈشتۈرگەن بولساڭ، بىزنىڭمۇ كۆڭلىمىز ئارام تېپىپ قالار ئىدى.
-قىزىق، بىز ھەمىشە بىللىغۇ؟
-نىمە دېدىڭ، بالام؟ گېپىڭنى چۈشەنمىدىم.
-نىمىشقا چۈشەنمەيدىغانسىز، دادا، باياتىنمۇ بىز تۆتەيلەن بىللە تاماق يىدۇققۇ؟
-شۇنداقمۇ؟-دىدى بوۋاي ۋە ئىچىدە ‹ئاللا ئىگەم، ھەممىنى بىلگۈچى ئۈزۈڭ، ئاجىز قۇلۇڭمەن، ئۇرۇنلاشتۇرۇشۇڭغا چىنپۈتىمەن› دەپ نىمىلەرنىدۇ ئۈنسىز غۇدۇڭشىدى.
-دادا، سەن بايا ئۇنى راستلا كۆرمىدىڭما؟
-نىمە دەيدىغانسەن، بالام، خام سۈت ئەمگەن مەندەك بەندىنىڭ كۆزى چەكلىك نەرسىنى كۈرىدۇ، ساڭا يالغان ئېيتىپ نىمىمۇ قىلارمەن؟
-ھە، ئىشەندىم، دادا.
-ئۇ ھازىرمۇ يېنىمىزدا بارمۇ؟
-ياق، تاماق يەپ بولۇپلا ئۇ بالا ئېمىتكىلى ئۆيگە كىرىپ كەتكەن. كۈرۈشكۈڭ بولسا ئۇنى چاقىراي،- دىدى ۋە ھوجرىسىغا قاراپ توۋلىدى،- ھەي، ئانىسى، بۇ ياققا چىقىپ لىپپىدە بىر كۈرۈنۈڭە، دادامنىڭ سىز بىلەن كۈرۈشكۈسى بارئىكەن…
بوۋاي تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ ئىشىكنى غىچىرلىتىپ ئاچقىنىنى، يېنىك ئاۋاز چىقىرىپ ئىچكىرىكى ئۆيدىن چىقىۋاتقان ئاياق ئاۋازىنى  ئاڭلىدى، ئۆيدىن يارىشىملىق كېيىنگەن، ياغلىقىنى بوينىدىن ئوراپ چېگكەن چىرايلىققىنە بىرقىز چىقىپ كەلدى ۋە:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دادىكا،- دەپ ئىككى قولىنى كۆكسىگە قويۇپ ئىگىلىپ سالام قىلدى.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قىزىم، كېلىڭ، ئولتۇرۇڭ،- دىدى ئۇ قىزغا سەپسېلىپ قارىۋېتىپ. قىز سۇپىنىڭ بۇرجىكىدە تارتىنىپقىنە ئولتۇردى. قىز ھەقىقەتەن يېقىشلىق ئىدى. ‹ئادىمىزات نەسلىدىن بۇنداق چىرايلىق قىز توغۇلغان بولغىيمىدى؟› دىگەن ئوي ئونىڭ كاللىسىدىن ئۆتتى. قىز تىرنىقىنى تاتىلاپ ئولتۇراتتى. بوۋاي قىزنىڭ كۆزىگە قارىغىنىدا يۈرىكىنىڭ كۈمۈلگەن قاتلىمىدىن پىتراۋاتقان ئاللىقانداق بىر غەلىتە سېزىم ئۇنىڭ قان تومۇرلىرىغا ئۇلىشىپ ئۈلگۈردى. ئۇ كۆزلەر ئۇنىڭغا شۇقەدەر تونۇش ۋە يېقىملىق بىلىندى. ‹قەيەردە كۆرگەندىمەن؟ بەلكىم چۈشۈمدە كۆرگەندىمەن…› بوۋاي ئۇنىڭدىن ئوشۇق ئويلاشنى خالىمىدى…
-نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئىسىم شەرىپلىرىنى كۆپ ئاڭلىۋىدىم، بالام، لېكىن، خۇدا بىزنى بۈگۈن كۈرۈشۈشكە نېسىب قىپتۇ.
-راست، مەنمۇ سىلى بىلەن بۇرۇنراق كۈرۈشۈشنى ئويلىغان، لېكىن،...
-خاپا بولمىسىلا، قىزىم، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئوقۇشماستىن سىلىنى كۆپ مالال قىلىپ قويۇپتىمىز،- دەپ ئورنىدىن تۇردى بوۋاي.
-ياقەي، ئۇنداق ئەمەس، دادىكا، قارىم ھەرقايسىلىرىنى ئەندىكتۈرۈپ قويدى، ئەمەلىيەتتە مەنمۇ ھەر قايسىلىرىدەك ئادەم پۇشتى... ئولتۇرسىلىچۇ، ئادەمنى خىجىل قىلماي.
-ھە، شۇنداقمۇ؟- دىدى ئۇ ۋە ئولتۇرغاچ ‹خۇدايىم، ئۆزەڭ ساقلىغايسەن› دىدى كۆڭلىدە ۋە سەل تۇرۇۋېلىپ سورىدى،- قىزىم، جۈمە بالام ئۆزلىرىنى غەيبنى بىلىدۇ دەيدۇ، راستمۇ؟
-ئانچە-مۇنچە بىلىمەن ئەمدى.
-ئۇنداق بولسا، تۇنجى كۈرۈشكەندە غەلىتە گەپلەرنى سورىدى دەپ كۆڭۈللىرىگە ئالمىسىلا، بالام، بىرگەپنى ئېيتسام، مەھەللىمىز مەسجىدىنىڭ ئىمامى ئاغرىپ ياتقىلى مانچە زامان بولدى، سىلى غەيبنى بىلگەندىكىن، مۇشۇنىڭ بىر داۋاسى بارمىدۇ، بىركۈرۈپ باققان بولسىلا...
ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەيلا قىز دىمىقىدا كۈلۈپ قويدى:
-ئۇ كىشىنىڭ قېنى ھەمشىرىلىرىمىزنىڭ بالىلىرىغا دورا بولۇپ قاپتىكەن، بىز ئۇنىڭ بىلەن نەۋرىلەرنى بېقىۋاتىمىز.
-نىمە دىدىڭىز، قىزىم؟ نىمە بۇلۇپ ئۇ زاتنىڭ قېنى سىلەرگە دورا بۇپقالغاندۇ.
-گەپ دەل مەشەدە، ئۇلۇغ بوۋامنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى مۇشۇ يەرلىك بولۇپ ئۇ ھەجگە بېرىپ قايتىشىدا باشقا تەرەپلەردە توختاپ قېلىپ  شۇ يەردە بىر پەرىزات بىلەن نىكاھلىنىپ ئۆي- ماكان تۇتقان ئىكەن. نەچچە يىل بۇرۇن بىز ئاشۇ ئۇلۇغ چوڭ بوۋىمىزنىڭ ماكانىنى كۆرگەچ ساياھەت قىلىپ كېلىلى دەپ بۇيەرگە كەلگەن، بۇ يۇرت كىشىلىرى ناماز ئوقۇيدىغان ئاشۇ مەسجىدنىڭ يېنىدىكى چوڭ مازارنىڭ ئالدىدىكى يول بۇيىدا ھېلىقى ئۇلۇغ چوڭ بوۋامنىڭ تۇغقانلىرى ماندار تېرىپ ھازىرغىچە ماكان تۇتۇپ كەلگەن يوغان بىرتۈپ جىگدىدىكى توپقا بىزمۇ كېلىپ بىرمەزگىل تۇرغان. دەل شۇ چاغدا سىلى گېپىنى قىلغان ئاشۇ كىشى يېنىدىكىلەرگە: ‹ماۋۇ جىگدىنى چىقىرىپ نامراتلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بىرىڭلار، يىڭىدىن ماي بېسىلغان بۇ چوڭ يولىمىزنىڭ سۈپىتىگە دەخلى يەتكۈزۈپ بەكمۇ سەت تۇرۇپتۇ› دەپ بۇيرۇپ كەسكۈزۈپ بىزنىڭ مانچە ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن ماكانىمىزنى ۋەيران قىلدى، ئەسلى ئۇلار ئۇ يول ئېلىنىشتىن مانچە زامان بۇرۇنلا شۇيەردە ياشىغان تۇرسا، لېكىن، ئۇنىمۇ مەيلى دەيلى، ئۇلار بىزنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمىدى، زادى ئېلىۋېتىشكە توغرا كەلسە بىزنىڭمۇ چوڭلىرىمىز بار، ئۇلارغا: ‹خاپا بولماي بۇيەردىن كۆچۈپ بېرىڭلار، ئەمدى بۇيەر بىزگە لازىم بولۇپ قالدى› دەپ بىر ئېغىز ئۆتۈنگەن بولسا بىزلەر ئۇنىڭسىزمۇ ماكانسىز قالمايتتۇق. شۇنداق قىلىپ، بىز چوڭلارغۇ قېچىپ قۇتۇلدۇق، ئۇ يەردە نەچچە يۈز ياشقا كىرگەن قېرىلارمۇ، تېخى سۈت ئىمىۋاتقان نارەسىدىلەرمۇ بار ئىدى، قېرىلاردىن بىر نەچچىسى ئۆلدى، ئۇلارنىغۇ ‹قازاغا رىزا› دەپ تەسەللىي قىلىشىپ دەپنە قىلىپ ئىشنى يىغىشتۇردۇق. يامىنى، ئاشۇ نارەسىدىلەرگە بەك ئوۋال بولدى؛ جىگدىنى كولاۋاتقاندا ئۈستىدىن چۈشۈۋاتقانلىرىدىن بەش- ئالتىسىنى ھېلىقى مەدىكارلار چېپىپ مېيىپ قىلىپ قويدى، بەزىلىرىنىڭ قولى يوق، بەزىلىرىنىڭ پۇتى يوق، بەزىلىرى ئالغاي- قارىغۇ، بەزىلىرى گاس- گاچا بولۇپ قالدى. ئۇلارنى ياخشى ئۇزۇق بىلەن باقمىساق بولمايدۇ دىسىلە، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاران باققان بالىنى خەق بىكاردىن- بىكار مېيىپ قىلىپ قويسا سىلىمۇ قانغا- قان، جانغا-جان ئالماي قويمايلا.
-ئاشۇ چاپقان پېسەندىلەرگە ئاپىتىڭلىنى سالساڭلار بولماسمىدى؟
-ئۇلارمۇ قۇرۇق قالمايدۇ، لېكىن، بىزدىمۇ تىكەننى كىرگەن يىرىدىن ئالىدىغان گەپ بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلىقى كىشى ‹ھەرئىش بولسا مەن ئىگە› دەپ ۋەدە قىلغان گەپ، شۇڭا، بالىلارنىڭ قان قىساسىنى بۇ ئىشقا ئىگە بولغان شۇ كىشىدىن ئاۋۋال ئالمىساق بولامدۇ.
-قىزىم، ئۇنداق قىلماي ئۇ كىشىگە ئىنساب قىلىپ قويغان بولسىلا، ئۈچ يىل بولدى، ئۇكىشى بەك قىينىلىپ كەتتى؛ ئاپارمىغان دۇختۇرخانا، قىلمىغان دورا ئاز قالدى...
-ئۇنىڭغا دورا قىلغان بىكار. بىز ئىلگىرىلا ئاشۇ ئەيىپنەقلەرنى ئۇنىڭ قان تومۇرلىرى، يىلىكى، سۈڭەك- مۇسكۇللىرىغىچە تولۇق ئۇرۇنلاشتۇرۇۋەتكەن. نەچچە يىل بۇرۇنلا ئۇلار ئۇ كىشىنىڭ يىلىكىنى شۇراپ قۇرۇتۇۋەتكەن، بىز بىلىمىز، سىلەر ئۇنى نەچچە قېتىم داڭلىق شەھەرلەردىكى كاتتا- كاتتا دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ داۋالاتتىڭلار، ئۇنىڭغا نەچچە قېتىم يىلىكمۇ سالغۇزدۇڭلار، لېكىن ئۇلار ئۇنى شۇراپ ئۈلگۈرىدۇ، لېكىن، سىلەر يىلىك تولۇقلاپ ئۈلگۈرۈپ بولالمايسىلەر، نۇرغۇن پۇلۇڭلار كەتتى، غۇرىگىل ئىكەنلىكىڭلارغا قارىماي پۇل دىگەننى ئايىماي يىغىش قىلدىڭلار، كىتاب ئىلمىگە بەك ھېرىس خەق ئىكەنسىلەر، كىتابي ئىلىمنىڭ  ئۆلىمالىرىنى  شۇ قەدەر كۈتىرىدىكەنسىلەر، ئەتىۋارلايدىكەنسىلەر، بىز بۇ يېرىڭلارغا تولىمۇ قايىل بولدۇق، لېكىن، ئامال يوق، ئۇنىڭ يىلىكى توشىمىغاندىكىن ئەمدى بالىلار ئۇنىڭ قېنىنى ئۇزۇق قىلشىۋاتىدۇ.
بوۋاي ئوڭ قولى بىلەن ئاستا ئېغىزىنى تۇتتى ۋە ئارقىدىن ساقىلىنى سىلىدى.
-قىزىم،- دىدى ئۇ،- ئۇكىشى يۇرتىمىزنىڭ گۈھىرى ئىدى، خۇدا يۇلىدا ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلغان بولساڭلار، مەن سىزدىن ، يەنە جۈمە بالام ئىككىڭلاردىن ئۇدۇنيا-بۇدۇنيا رازى بولغان بۇلار ئىدىم...
-ئۇنداق بولسا،- دىدى قىز بىرپەس جىمىۋېلىپ،- مەن بىر ئۇرۇنۇپ باقاي.
بوۋاي بىرنىمە دىگۈچە قىزنىڭ سىماسى كۈرۈنمەي قالدى.
كېچىچە ھېچقانداق تىۋىش بولمىدى. بامداتتىن كېيىن بوۋاي جامائەت بىلەن بىللە ھېلىقى ئۆلىمانى يوقلاپ باردى.
-ئېغىر خۇفتەندىن كېيىن خېلى يىنىك بولۇپ قالدىم. كېچىچە ئۇبدانلا ئۇخلاپتىمەن. نەچچە كۈن بوپتىكەن گېلىمدىن ھېچنىمە ئۆتمىگىلى، مانا باياتىن بىرقاچا سويۇق- سەلەڭ گېلىمدىن ئۆتتى، خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن مۇشۇنداقلا ياخشىلىنىپ قالسام يەنە ئاز كۈندە ھەرقايسىڭلارنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ئورنۇمدىن قۇپۇپ كېتەرمەن... ناۋادا ساقىيالماي قالسام مەندىن رازى بولۇڭلار… ئۈچ بالام بىلەن ئايالىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويۇڭلار… مەن ھەممىڭلاردىن ئىككى دۇنيا رازى، جامائەت، سىلەردەك بىر جامائەت ئۈچۈن ئىلىم ئۈگەنگىنىمدىن مەن بەك خوش…
كىشىلەر ئۇ كىشى بىلەن تەڭ ھۆركىرىشىپ يىغلاشتى ھەم رازىلاشتى، لېكىن، بوۋاينىڭ قولىقىغا باشقا گەپلەر كىرمىدى، ئۇ: ‹توۋۋا قىلدىم، خۇدايىم› دەپ چاپىنىنىڭ كىرلىشىپ كەتكەن ياقىسىنى مەھكەم چىشلىدى ۋە نىمىنىدۇر غىڭشىپ ئوقۇغىنىچە ئاستا ئۆيىگە ياندى. بوۋاي ئاستا ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيىگە كىرگىنىدە پەرىزات كېلىن بىلەن ئوغۇل تەڭلا ئورنىدىن تۇرۇپ سالام قىلدى.
-تىنچ قوپۇپلىمۇ، دادىكا،- دىدى كېلىن.
-تىنچ قوپۇپسىزلەرمۇ، بالىلىرىم،- دەپ سالام قايتۇردى بوۋاي.
-ئاخشام بېرىپ ئۇ كىشىنىڭ ئۆيى ئەتراپىغا ئۇنىڭ ئامانلىقىنى قوغداشقا يۈز تۈمەن چىرىك ئۇرۇنلاشتۇردۇم. ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىدىكى پېسەندىلەر بىلەن يېرىم كېچىگىچە ئېلىشىپ ئۇلارنى قوغلىۋەتتۇق. لېكىن، ئىش ئۇنچە ئاسان ئەمەستەك قىلىدۇ، ئۇ كىشى بىزنىڭلا ئەمەس، ئۆز زاتىدىن بولغان نۇرغۇن جىن موللىلىرىنىڭمۇ خېلى ئوبدان چىشىغا تېگىپ قويغان ئىكەن، ئۇلارنىڭ يىغىپ قويغان يىغىنلىرىنى يېڭىشكە خېلى راۋرۇس كۈچ كېتىدىكەن، شۇڭا ئۇلارنى قايتۇرۇش تەسراق بولغۇدەك. ئەمدى بالىلارنىڭ ئۇزۇقىغا كەلسەك، ھەرقايسىلىرى ئۇلارنىڭ ۋاقتى- ۋاقتىدا قېنىنى بىرىپ تۇرۇشسىلا، ئۇلار قانچە بۇرۇن ساقايسا شۇنچە ياخشى.
بوۋاي كېلىنىنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان بۇ گەپلەرگە قاراپ ئېغىزىنى كاماردەك ئېچىپلا قالدى. ئارىدىن بىرھەپتە ئۆتتى. بوۋاي ھەركۈنى ‹نىمە ئىشلار بۇلاركىن؟› دىگەن ئوي بىلەن ھېلىقى ئۆلىمانىڭ ئۆيىگە بېرىپ- كېلىپ تۇردى، بوۋاينىڭ كۆزىگە ئۇكشى خېلى ياخشىلىنىپ قالغاندەك كۈرۈندى، ئۇنىڭ گەپ-سۆزى خېلىلا بىرئىزغا چۈشكەن، مەڭزىگە قان يۈگۈرۈشكەن ئىدى.
بىركۈنى كەچقۇرۇن ئەلياتقۇ ۋاقتىدا كېلىن قېيىنئاتىسنىڭ ئالدىدا سۈرلۈككىنە قىياپەتتە پەيدا بولدى.
-دادىكا، بالىلار ئۇناشمىدى،-دىدى ئۇ.
-نىمىگە؟-بوۋاي ئەندىكىپ سورىدى.
-ھەرقايسىلىرى بەرگەن قانلارغا،- ئارىدا بىرپەس جىملىق بولۇپ ئۆتتى، تۇرۇپلا بوۋاينىڭ پۈتۈن ئەزايى سىرقىراپ ئاغرىپ ئارقىدىن چىپىلداپ تەرلەپ كەتتى،- ھەپتىدىن بۇيان مەن ئۇ كىشىنى قوغداشقا ھەممە كۈچۈمنى چىقاردىم، لېكىن، بۇنى داۋاملىق بۇنداق قىلىۋەرگىلى بولمىغۇدەك،- قىز بىرپەس ئويلىنىۋالغاندەك توختاپ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەرقايسىڭلار غەلىتە خەقلەركەنسىلەر، ئۇ كىشىنى نەلەرگىدۇر ئاپىرىپ داۋالىتىشقا نەچچە تۈمەنلەپ خەجلەشكە رازى بولغىنىڭلار بىلەن ھەپتىدە بىرەر قېتىم نەچچە ئون كوي خەجلەپ بىرەر- ئىككى  ئۇششاق جاندارنى بوغۇزلاپ قېنىنى خۇدانىڭ رازىلىقىغا ئاتاپ ئاشۇ ئەيىپنەقلەرگە بېرىپ گۆشىنى ئۆزەڭلارنىڭ مىسكىنلىرىگە خەيرى- ئېھسان قىلىشقا  پايلاشمايدىكەنسىلەر. مۇشۇنداق كىچىككىنە بىر ئىشلاردا بىرىڭلار ئاقچى، بىرىڭلار كۆكچى دەپ زادى پېتىشمايدىكەنسىلەر … ئۇ بالىلار سىلى بەرگەن ئاشۇ مىننەتلىك نەرزە قانلارغا تويۇشمىدى، ئۇلار يەنە ھېلىقى كىشىنىڭ قېنىدىن ئۇزۇق قىلىشقا رۇخسەت بىرىشنى تىلەپ يىغلىشىۋاتىدۇ، بارنى يەيسەن دەپ كۈچ ئىشلەتكەندىمۇ سىلى بۇ يالغۇز جانلىرى بىلەن بىزگە كېرەكلىك بولغان قانلارنى ھەرگىز بېرىپ بولالمايدىلا. مانچە جاننى بېقىش ئۈچۈن ھەر كۈنى بىزگە قان كېرەك. ئۇنىڭغا سىلىنىڭ بارچە مۈلۈكلىرىنى سەرپ ئەتسىلىمۇ نەچچە ئايلا چىقىش قىلىدۇ. ئەڭ ياخشىسى، سىلىنىڭ كارىلىرى بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ قولى يوق، پۇتى يوق، ئۇلارنى خەقلەر شۇ كىشىنىڭ دىگىنى بۇيىچە دەرەخ كېسىمىز دەپ كېسىۋەتكەن، ناۋادا ئۇ كىشى ھېلىقى جىگدىنى ‹كەس› دىمىگەن بولسا  ئۇلار كەسمەيتتى، كېسىشكە جۈرئەتمۇ قىلالمايتتى، جەمەتىمىزنىڭ نەۋرىلىرىمۇ توكۇر جىنغا ئايلىنىپ قالمايتتى. شۇڭا، ئۇ توكۇرلارنىڭ دىگىنىنىمۇ قىلىپ بەرمەي بولمايدۇ…
-ناۋادا ئۇ كىشى ئۆلۈپ قالسىچۇ؟
-ئۆلۈمگە بىزگىمۇ ئامال يوق، يارالمىش جان ئىگىسىنىڭ ئىچىدە ئۈلۈمنىڭ تەمىنى تېتىمايدىغان بارمۇ؟! ئۇ ئۆلسە ھېلىقى توكۇرەكلەرمۇ تاپالىغىنىغا شۈكرى قىلىدۇ، ‹بولسا كېتەر، بولمىسا يېتەر› دېگەن گەپ بارغۇ؟ ئۇ كىشى كەتسە پالتا تۇتقان ھېلىقى پېسەندىلەرنىمۇ بەدەل تۈلەتكۈزىدىغان گەپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھېچبولمىغاندا ئۇلار سېغىز، كۈل يەيدۇ، سۈپۈندىخانا- يۈندىخانىلاردىن ئۇزۇق تىرىپ يەيدۇ، مازارلاردا تاپ غاجايدۇ، ئاجىزنى تاپقاندا يامىشىۋېلىپ ئۇنىڭغا ئاپىتىنى سېلىپ قان ئېلىپ يەيدۇ… رىزقى تۈگىگەندە ئۇلارمۇ ئۈلۈپ تۈگەر شۇ.
-ئۇ نەرسىلەر ھارام تۇرسا؟
-ئۇلار سىلەرگە ھارام، لېكىن، ئۇلارغا ئۇنداق ئەمەس...
بوۋاي نىمە دىيىشنى بىلەلمەي قالدى.
-قارىغاندا ، ئۇ ساقىيالمىغۇدەك-ھە!
-جان ئالىدىغان ئىشنى بىز قىلالمايمىز، لېكىن، ئۇ ساقىيالمايدۇ، يوغان توپاقنىمۇ ئاز- ئازدىن چىمدىۋەرسە ھامان تۈگەيدۇغۇ... ئۇنىڭ ئۈستىگە، دادىكا، سىلىنىڭ نىيەتلىرى ماڭا ئايدىڭ، سىلى مېنى سىناپ باقماقچى، ناۋادا ئۇ كىشى ساقايسا سىلى مېنى بۇ ئۆيدىن قوغلىۋېتىشكە چۈشىدىلا، سىلى نۇرغۇن ئۆلىمالارنى يىغىپ ئولارنى ئۆزلىرىگە ۋەكالىتەن تىلاۋەت قىلغۇزۇپ مالائىكىلەرنىڭ ھېسداشلىقىغا ئىرىشمەكچى، يەنە نۇرغۇن جىن موللىلىرىنى يىغىپ ئۇلارنىڭ كۈچى بىلەن يىغىن يىغدۇرۇپ ئۇلار ئارقىلىق بىزگە بېسىم قىلغۇزماقچى، ھېلىقى ئۆلىمانىڭ ساقىيىشىنى تىلەشتىكى سەۋەپلىرىمۇ دەل مۇشۇ يەردىغۇ، چۈنكى، ئۇ تالىپلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كېلىپ پات- پات سىلىگە تېلاۋەت قىلىشىپ بىرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ھە راست، مەنمۇ ھېلىقى كىشى ئۆلگەن كۈنى بۇ ئۆيدىن كېتىمەن، ئۆي سىلىگە ئوڭچە قالىدۇ…
-ئوغلۇمچۇ؟
-ئۇنى ئېپقالالمايدىلا، ئۇ ئەمدى بىزنىڭ توپىمىزغا قوشۇلۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئايالى، بالا- چاقىلىرى بار... ئۇ مەندىن ۋە يەنە ئىككى كېنزىكىمدىن بولغان ۋارىسلىرىغا مەسئۇل بولمىسا قانداق بولىدۇ.
-قىزىم، ئۇ مېنىڭ بىرتاللا ئوغلۇم تۇرسا ، ئۇنى ئېپكەتسىلە مېنىڭ نەسلىم قۇرۇمامدۇ؟
-سىلى پەرىزاتلار بىلەن بىللە بولۇپ باقمىغانما؟!- كېلىننىڭ تەلەپپۇزى ئۆزگەردى،- نىمە دىگەن گەپ ئۇ نەسلى قۇرۇش دىگەن…!!.
-بۇ...مەن...
-ياق دەپ باقسىلا قېنى، ياش چاغلىرىدا ھېلىقى بىر كۈنى جاڭگالغا ئوتۇنغا ماڭغاندا جاڭگال يولىدىكى قۇدۇقتىن كېلىشكەن بىر ئايالغا سۇ ئېلىپ بەرگەنلىرى، قۇدۇققا سايە تاشلاپ تۇرغان ھېلىقى جىگدە تۈۋىدە يۇمشاق تۇپىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن نىمىلەرنى دىيىشكەنلىرى، ئاخىرىدا نىمىلەرنى قىلىشقانلىرىنى، شۇندىن كېيىن ئۇ ئايالنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ قانچىلىك مەستانە بولغانلىقلىرىنى، ھېلىقى ئۆلىمانىڭ قانچىلىك ئوقۇپ ئاندىن سىلىنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالدىلىما، ئۇ ئايال مېنىڭ ئاچام بولىدۇ، ئۇنىڭ سىلىدىن بولغان بالىسىغا قانچىلىك ئامراقلىقىنى سىلى ھەرگىز چۈشىنىپ بۇلالمايلا. ئاتىلىرىنىڭ ساقايماس كېسىلى، ئانىلىرىنىڭ ئېلىشىپ قېلىپ نەچچە يىللاپ كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ يۈرۈشلىرىنى ھەرقايسىلىرى پەقەت ئىرادە دەپلا چۈشىنىشكە مەجبۇر، لېكىن، ھەربىر ئىرادىنىڭ تېگىدە ئۆزىگە تۇشلۇق سەۋەبنىڭ بارلىقىنى ياراتقۇچى ئوبدان بىلىدۇ. ئوغۇللىرى جۈمە قارىي تۇغۇلغاندا ئۇ بالىنىڭ ئانىسىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىكەن، ئەسلى ئۇ ئايالنى شۇچاغدىلا يەنە ئانىلىرىدىن ئاشۇرۇپ ساراڭ قىلىۋەتمەكچى ئىكەن، لېكىن، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا تۇغۇلۇپ قاپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ بېشىمنى ئۇنىڭغا باغلاپ قويۇپتۇ. گەرچە ئاچامنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن، ئۇ ھامان قېيىنئانامدىن ئۆچ ئالىدۇ...، سىلىنىمۇ ھەم…بوش قويمايدۇ…- بوۋاي كېلىننىڭ گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىيالمىدى. قىزنىڭ بوۋاينىڭ كۈزىدىكى سىماسى بولسا ئاستا- ئاستا خىرەلىشىپ ئاخىرى كۈرۈنمەي قالدى، «بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ» دەپ ئويلىدى ئۇ، لېكىن، ئۇ ئۆزىنڭ نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي قالدى...
بوۋاي شۇ ياتقانچە قىرىق كۈن ياتتى. ئايالى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقان، خۇلۇم-خوشنىلار ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇشتى؛ ئۇنى دۇختۇرخانىغا ئاپىرىشماقچىمۇ بولدى، لېكىن، جۈمە قارىي ئۇنىمىدى، ئۇ: ‹دادامغا دۇختۇرنىڭ دورىسى كارقىلمايدۇ، ئەگەر ئۇنى ئۇرنىدىن يۆتكىسەڭلار ئۇمۇ چوڭ ئانامدەك بولۇپ قالىدۇ، سىلەر قورقماڭلار، دادام بىرمەزگىلدىن كېيىن ئوڭشىلىپ قالىدۇ› دەپ ئۇنى ھېچيەرگە ئاپارغۇزمىدى.
بوۋاي، دىگەندەك، ھۇشىغا كەلدى، ئۇ ھۇشىغا كەلگەن كۈنى ھېلىقى ‹ئۇلۇغ زات› نىڭ مېيت نامىزىغا باغاق تارقىتىلدى. بوۋاي نامازغا بارالمىغاچقا، ئايالى بېرىپ مېيت ئىگىلىرىدىن ھال سۇراپ يوقلاپ كەلدى، بۇ ئىش جۈمە قارىينىڭ ئاچچىغىنى كەلتۈرۈپ قويدى، ئۇ ‹نىمەڭ ئىدى ئۇ سېنىڭ، نىمىشقا بارىتتىڭ ئۇيەرگە› دەپ كايىپ- كايىپ، ئاخىرىدا ‹ئاينا ئۆيۈڭ ئوڭچە قالدى› دېگىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. بالىنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشى ئانىنىڭ كۆڭلىنى بەك بىئارام قىلدى. ئۇ ‹بالام ئەمدى قايتىپ كەلمەسمۇ؟› دەپ ئەنسىرەپ يىغلاپ يۈردى. ئارىدىن ھەپتە ئۆتۈپ ئايال ئاخشىمى ياتقان پېتى ئويغىنالمىدى... شۇنداق قىلىپ بوۋاي ئۆيىدە تىكەندەك يالغۇز قالدى. دەسلەپتە خولۇم خوشنىلار ئۇنىڭ يىمەك- ئىچمىكىدىن خەۋەر ئالغان بولدى. بارا-بارا ئۇلارمۇ ئۆز ئىشى بىلەن قالدى. ئارىدىن خېلى مەزگىل ئۆتتى. ئۇ خۇددى ئۆيىدە نىمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇغاندەك، ئۆيىدىكىلەر نەدىندۇر لىككىدە قايتىپ كېلىدىغاندەك خىيالدا گاڭگىراپلا يۈردى...
  بۇ ئىشلارنىڭ بۇلۇپ ئۆتكىنىگە خېلى ۋاقىتلار بولۇپ قالدى، ئۇ بارا- بارا ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلمايدىغان بولدى، چۈنكى، ئۇ ئايالىنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى، ئۇنىڭ ئەمدى قايتىپ كەلمەيدىغانلىقنى تەن ئالدى. دىمەك، ئۇنىڭ زىممىسىدىن بىر ئېغىر يۈك يېنىكلىدى. ئۇنىڭ بارچە خىيالى ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئاشۇ بالىسىدا قالدى. ئۇ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ بالىسىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتتى، كۈتتى، كۈتۈۋېرىپ ھاردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىسىنى ئۆزى ئىزدەپ تاپماقچى بولدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۇزۇن سەپىرىنى باشلىدى.
    ئۇ ھەركۈنى دىگۈدەك يۇرت ئارىلايتتى. ئۇنىڭ ئاق ئارىلىغان ساقاللىرى، قارا قوينىڭ تىرىسىدىن تىكىلگەن كىرلەش كۆرپە تەلپىكى قىش-ياز دىگۈدەك بېشىدىن چۈشمەيتتى. بەزىدە ئۇ ئۆزىنىڭ پاكار سۈررەڭ مېدىسىنى ئەبجەق ھارۋىسىغا قوشۇپ نەلەردىندۇ ئۆتۈپ قالاتتى، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئۆزى خالىغان نەرسىلەرنى سەدىقە قىلىشاتتى. ئۇ ئۈستى- ئۈستىلەپ كىيىۋالغان توققۇز دانە كۆينەكنىڭ قايسىسىنى كىمنىڭ سەدىقە قىلغانلىقىنى سورىغۇچىلارغا ئاداشماي دەپ بىرەلەيتتى، ئالقىنىغا ، پىشانىسىگە قاراپ پال ئاچالايتتى. كىشىلەرنىڭ ئۇ توغرىلىق بىلىدىغىنى شۇنچىلىكلا. ئۇ كېچىچە ئۇخلىماي مازار ئارىلايدۇ. كىشىلەر ئەيمىنىپ يىقىن بارالمايدىغان ھەيۋەتلىك مازارلارنىڭ ئارىسىدا كېچە- كېچىلەپ تۈنىيەلەيدۇ.… كىشىلەر ئۇنىڭ ئاغزىدىن نەدە كىمنى ئەركەك جىن نىكاھىغا ئېلىۋالغانلىقى، يەنە قەيەردە كىملەرنى ئايال جىن نىكاھىغا ئېلىۋالغانلىقى دېگەندەك غەلىتە ھېكايىلەرنى پات-پات ئاڭلاپ تۇرىدۇ.… ئۇ كىشىلەرگە نۇرغۇن ھېكايىلەرنى ئىيتىپ بىرىدۇ، لېكىن، كىشىلەر ئۇنىڭ ئوغلىنى ئىزلەشتىن يالتايمىغانلىقىنى، مېڭىۋاتقان يولىنىڭ ئوغلىنى ئىزلەپ تېپىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تېخى بىلمەيدۇ. راست، ئۇ كۆپ ئىزلەپ كەتتى، لېكىن ئوغلىنى تاپالمىدى (ياكى ئوغلى قايتىپ كەلمىدى).
ئۇ ئىزىنىڭ ئۆچۈپ قېلىشىنى، نەسەبىنىڭ يۇقاپ كېتىشىنى خالىمىدى، ئاخىرى ئۇ ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي يۇرتتىكى ياش، چىرايلىق ئاياللارغا دىققەت قىلىدىغان، بولۇپمۇ،  تۇل خوتۇنلارنىڭ دېرىكىنى كۆپرەك قىلىدىغان بولدى. ئۇ كۈندىلىك ئادىتى بۇيىچە پاكارغىنە مېدىسىگە قوشۇلغان ئەسكى ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ كەچ كىرگىچە يۇرت ئارىلىدى، پەقەت كۆز باغلانغاندىلا ئۇ نىمىشقىدۇ ئۆيىگە قايتىشنى خالاپ قالدى، ئەسلى ئۇ بۈگۈن قايسىبىر مازاردىكى ئۆزىگە تونۇش يۇلغۇن تۈۋىدە تۈنىمەكچى، شۇيەردە ئولتۇرۇپ ئوغلىنىڭ شۇ يەردىن ئۈتۈپ قېلىشىنى كۈتمەكچى ئىدى… ئۇ ئېشىكىنى مېڭىشىغا قويۇپ بېرىپ ‹ئادارىگۈل› نى غىڭشىپ ئېيتقىنىچە كېتىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز ئېشىكى چىلىقلاپ تەرلەپ ماڭالماي قالدى.
  -نىمە بولدۇڭ، جانۋار، ماڭالمايلا قالدىڭغۇ؟- ئۇ شىپپىدە توختاپ ھاسىراۋاتقان ئېشىكىگە سەپسېلىپ قارىۋېتىپ ئۆزىنىڭمۇ چېكىلىرىدىن چىپىلداپ تەرلەرنىڭ ئېقىۋاتقانلىقىنى، كۆڭلىنىڭ ئېلىشىپ  ئەيمىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.
  -جېنىم بالىلىرىم،- دىدى ئۇ ھارۋىدا كۆزىگە كۈرۈنۈۋاتقان  قورچاق چوڭلۇقىدىكى ئوماققىنە بالىلارغا قاراپ،- مەن بىر ئاجىز گۇناھكار بەندىمەن، ماڭا چېقىلمىساڭلار، ئاپىتىڭلارنى سالمىساڭلار، مېنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق يامانلىقىم يوق...
  بالىلار بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ قاھ- قاھلاپ كۈلۈشتى ۋە ئۆزىنىڭ تىلىدا نىمىلەرنىدۇ دىيىشىپ كەتتى. ئارىدىن بىرى:
-بوۋا، بىز سىلىنى يۇقلاپ كەلدۇق، ئاتام سىلىنى پات ئارىدا يوقلاپ كېلىپ بولالمايدىكەن، بىزنى بېرىپ بوۋاڭلار بىلەن ئويناپ كېلىڭلار، ئۇنى زىرىكتۈرۈپ قويماڭلار دەپ  ئەۋەتكەن.
-يەنە :‹مېنى ئىزدەپ بەك ئاۋارە بولۇپ كەتتى، دەپ قويۇڭلار، مېنى ئۇنداق ئىزدەپ ئۆزىنى قىيناۋەرمىسۇن› دىگەن…
-يەنە: ‹ئۇ ئۆيلىنىۋالسۇن، ئۇنداق يالغۇز يۈرىدىغان ۋاقتىمۇ ئاياقلىشىپ قالدى› دىگەن.
-بالىلىرىم، سىلەرنىڭ داداڭلار كىم ئۇ؟- سورىدى بوۋاي چۈشەنمىگەندەك.
-سىزنىڭ ئوغلىڭىز بىزنىڭ دادىمىز،- دىيىشتى بالىلار بەس-بەستە چۇرقىرىشىپ .
-ھە، سىلەر مېنىڭ جۈمە بالامنىڭ بالىلىرى، مېنىڭ نەۋرىلىرىمكەنسىلەر-ھە؟-دىدى ئۇ. شۇتاپتا ئۇنىڭ نەۋرىلىرىنى قۇچىقىغا ئالغۇسى، پىشانىلىرىگە سۈيۈپ قويغۇسى كەلدى، لېكىن، جۈرئەت قىلالمىدى. بالىلار ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قايسىدۇر ئويۇنلىرىنى ئويناۋاتاتتى، لېكىن، بوۋاينىڭ ئۈنى ئۆچكەن، پەقەت ئۇلارغا كۆزىنى پارقىرىتىپ قاراپ ئولتۇراتتى.
بىرھازادىن كېيىن ئېشەكنىڭ ھاسىرىشى يوقاپ يورغىلاپ مېڭىپ كەتتى. خېلى ئۇزۇن مېڭىپ بىردوقمۇشتىن قايرىلىدىغان چاغدا بالىلار:
-بۇۋا، بىز بۇيەردىكى ئاداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا قېپقالايلى،- دىيىشىپ چۇرقىراشتى.
ئېشەك بىرخىل رېتىمدا كېتىۋاتاتتى. بۇۋاي خېلى ئۇزاق ماڭدى، كېچە، ئەتراپ سۈتتەك ئايدىڭ ئىدى، ئالدى تەرىپىدە بىركىم كېتىۋاتقاندەك قىلدى، بوۋاي ئۇنىڭغا يىتىشىۋېلىش ئۈچۈن ئىشىكىنى قىچىقلىدى، ئۇ ئېشىكىنىڭ قوشقۇن تاسمىسىنىڭ يېنىدا قىچىقى بارلىقىنى ئۇبدان بىلەتتى. ئېشەك قەدىمىنى ئىتتىكلەتتى. ئۇنىڭغا يېقىنلاشقانسىرى بوۋاي ئۇنىڭ ئايال كىشى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. ئىشەك چېپىپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە ھېلىقى يولۇچى:
-ئاكا، مېنى بىردەم ھارۋىلىرىغا چىقىرىۋالغان بولسىلا، بەك ھېرىپ كەتتىم،- دەپ ئاۋۋال گەپ تېشىپ قالدى. بۇۋاي ئېشىكىنى ئاستىلاتتى ۋە :
-ھە، بولىدۇ، چىقىۋېلىڭ،- دىدى.بوۋاينىڭ كۆڭلى ئۇشتۇمتۇتلا يايراپ كەتتى، ئىلگىرى ئۇ نۇرغۇن ئاياللارنى ھارۋىسىغا چىقىرىۋالغان، لېكىن، ئۇنداق كەيپىياتتا بولۇپ باقمىغان ئىدى. ئۇ ئايالنى گەپكە سالدى:
-خېنىم، بۇكېچىدە يالغۇز مېڭىپسىز، نەگە بارىسىز؟
-ئۇقمايمەن ،-دەپ جاۋاب بەردى ئۇ .
-ئۆيىڭىز يوقمۇ؟
-ئۆيۈمغۇ بار.
-ئېرىڭىزچۇ؟
-شۇ ئېرىمدىن يامانلاپ ماڭغان گەپ ئەينا.
-ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئۆيى نەدە؟
-يەتتە كۈنلۈك يىراقتىكى چەت بىرجايدا.
-يەتتە كۈنلۈك يىراقتا دەڭ، مەھەللڭىزنى دىيىشنى خالىمىسىڭىز مەيلى، لېكىن، ئۆيىڭىزنىڭ ئارىلىقى، گېپىڭىزچە، خېلى باركەن، ئۇيەرگە مۇشۇ مېڭىشىڭىزدا قانداق بېرىپ بولالايسىز بۇكېچىدە؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئېرىڭىز قوغلاپ كېلىپ ئۇرسا قانداق قىلىسىز؟
-ئېرىم بىر ھاراقكەش، قىمارۋاز ئادەم، ئۇ ھەركۈنى كېچە بىرچاغقىچە ئىچىپ كېلىپ مېنى بىكاردىن- بىكار دۇمبالايدۇ، ھەر كۈنى تاياق يەپ چىداپ  ئولتۇرۇۋېرىشكە تاقىتىم تۈگەپ ئاخىرى بۈگۈن تەۋەككۇل قىلىپ قېچىپ چىقتىم، لېكىن، ئاتا- ئانامنىڭكىگە بېرىشقا يۈزۈم يوق، چۈنكى، مەن ئېرىمگە ئۆزەمنىڭ قىزلىق ئىناۋىتىمنى قوغداش، ئەل ئىچىدىكى بولماس ئاتاقتىن قېلىش ئۈچۈن ئاتا- ئانامنىڭ رازىلىقىسىز قاتتىق قۇلاقلىق قىلىپ قېچىپ بېرىپ تەگكەنمەن...
-بۇ نىمە دىگىنىڭىز؟
-دەپ كەلسەم گەپ بەك ئۇزۇن،- دەپ گەپ باشلىدى ئايال،- ھازىرقى ئېرىم بىلەن ئېرىقنىڭ نېمىچىلىك تۇغقان كېلىمىز، ئائىلىمىز بەك نامرات بولغاچقا كىچىكىمدىن تارتىپ ئۇ ھېيت-ئايەملەردە ئازدۇر- كۆپتۇر ھېيتلىق بىرىپ، ئۇيەر- بۇيەرلەردىن كونا- يىڭى كىيىملەرنى ئەكىلىپ بىرىپ كۆڭلۈمنى خوش قىلىپ تۇراتتى، شۇڭا، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئامراق ئىدىم، بىرقېتىم ئۇ ئۆيىمىزگە كەلدى ، ئۇ كۈنى ئۆيدىكىلەر نەگىدۇر ئىشلىگىلى كەتكەن، مەن ئۆيدە يالغۇز ئىدىم، شۇ چاغدا مەن ئون ئۈچ ياشلاردا ئىدىم، ئۇنىڭغا داستىخان سالدىم، ئۇ زاغرىنى قېتىققا مىلەپ يىگەچ مەندىن ئۇنى- بۇنى سورىدى، مەنمۇ ئۇدۇللۇق جاۋاب بەردىم، ئۇمۇ ئايالىنىڭ يامانلاپ كەتكەنلىكىنى، ئايرىلىپ كېتىش ئويىنىڭ بارلىقىنى، يەنە نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدى، ئاخىرىدا قولىنى كۈتىرىپ ئۇزۇن دۇئا قىلدى، شۇنداق قىلىپ تۇرسا مەن ئۇنىڭدىن ئوشۇقچە گۇمانلىنىپ ئۈلگۈرەلەمتىم؟ مەن داستىخاننى يىغىپ تۇرسام ئۇ ئۇشتۇمتۇتلا ماڭا ئېتىلدى، مەن نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ بولغىچە ئۇنىڭ قوينىغا كىرىپ قالدىم، ۋاقىراپ يىغلاپ ئۆينى بىر ئالغان بولدۇم، لېكىن، ئۇ مەندىن يىگىرمە بەش ياشلار ئەتراپىدا چوڭ تۇرسا نىمىمۇ قىلالايتتىم، يەنە كېلىپ ئۆيىمىز بىلەن ئەڭ يېقىن خوشنىمىزنىڭ ئۆيىمۇ نەچچە يۈز مېتر كېلىدۇ، بىز ئۆينىڭ ئىچىدە بولغاچقا ھەرقانچە توۋلىساممۇ ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ دىسىلە… ئۇ قىلغۇلۇقىنى قىلىپ بولۇپ ماڭا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى، ئەگەر شۇنداق قىلسا مېنى چىرايلىقچە ئالىدىغانلىقىنى، ئەگەردە تولا شو-شو قىلىپ يېيىۋەتسە ئۆزىنىڭ باشقا يۇرتقا قېچىپ كېتىدىغانلىقىنى، مېنىڭ بولسا قىزلىق ئىززىتىمنىڭ تۈگىشىدىغانلىقىنى، مېنى ھېچكىم ئالمايدىغانلىقىنى، ئاتا- ئانامنىڭمۇ يۈزىنىڭ چۈشىدىغانلىقىنى، يەنە جىقلا پوپۇزىلارنى قىلىپ چىقىپ كەتتى. شۇ كۈنى تەلىيىمگە ئۆيدىكىلەرمۇ ئۆيگە ناھايتى كەچ قايتىپ كەلگەچكە، يىغلاپ ئىششىپ كەتكەن قاپاقلىرىمغا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىدى. مەن جىق ئويلاندىم، بۇ يۇرتتا بىزگە ئوخشاش قىسمەتتىكىلەرنى يەنىلا ئاشۇنداق قېرىلاردىن باشقا بىركىم ئالمايدىكەن، ئەڭ ياخشىسى، چىرايلىقچە ئۇنىڭغا تىگىپلا يېپىق قازاننى  يېپىق پېتى قالدۇرۇپ ئىشنى تۈگىتىشنى ئويلىدىم، لېكىن، نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش بارئىكەن، ئۇ ئىككى قېتىم ئەلچى كىرگۈزگەن بولسىمۇ ئاتا- ئانام مېنى ئۇنىڭغا بەرمىدى، ئاخىرى ئۇ ماڭا ئەلكۈننىڭ ئالدىدا يۈزۈمنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كېتىپ ئۆزىگە تىگىشنى، بولمسا، ئۇ ئىشنى يېيىۋېتىدىغانلىقىنى دەپ تەھدىت سالدى، مەن بولغان ئىشلارنى بىرسى ئارقىلىق ئانامغا يەتكۈزۈپ قويۇپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم، ئۇنىڭ ئۈيىگە بېرىپ ئانچە ئۆتمەيلا قورسىقىم تومپايغىلى تۇردى،... نىمە چارە،- ئايال بىردەم مىشىلداپ يىغلىۋېلىپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى،- بىر نەچچە قېتىم مېنى دەتتىكامغا ئۇتتۇرىۋېتىپ  ناتۇنۇش قىمارۋازلارغا خۇتۇن بولدۇم، تۇنجى بالامنىغۇ ئېرىمنىڭ بالىسى دەرمەن، ئىككىنچى بالامنىڭ دادىسىنىڭ كىملىكىنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن... بىلەملا، ئۇ ئادەممۇ زادى؟… چىداپ بۇلالمىدىم…
-سىزگە بەك ئۇۋال بولاپتۇ، ناۋادا بارار- كېلەر يېرىڭىز بولمىسا مېنىڭ ئۆتۈمدە بىرمەزگىل تۇرۇپ تۇرۇڭ.
-ئۆيىڭىزدە...!؟
-ئۆيۈمدە مەن بىلەن ئىككىمىز بار.
-ئايالىڭىزما؟
-ياق، مونۇ ئېشىكىم.
-ئۇنداق بولسا...!
-خاتىرجەم بولۇڭ، خېنىم، مۇشۇ قېرى جېنىم بىلەن سىزدەك بىر مەزلۇمغا  پۇخۇرلۇق قىلماسمەن.
ئايال جىمىپ قالدى، ئۇلار تاكى ئۆيىگە كەلگىچە گەپ-سۆز قىلىشمىدى.
كەچقۇرۇن ئۇلار مورىلىق ئوچاققا ئوت قالاپ ئولتۇرۇشتى، بوۋاي ئوغلىنىڭ نەچچە يىل بۇرۇن پۇل تاپىمەن دەپ چىقىپ كېتىپ قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى، ئايالىنىڭ ئوشتۇمتۇت قازاقىلىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ شۇندىن بۇيان مانا مۇشۇنداق ياشاۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئايال ئوت پاراسلاپ كۆيۈۋاتقان ئوچاققا قاراپ جىم ئولتۇردى، پەقەت ئاندا-ساندا چوڭ-چوڭ تىنىپ قويدى. بوۋاينىڭ گېپى تۈگەپ ھەرئىككىيلەن جىم ئولتۇرۇشتى، ئوچاقنىڭ ئوتىمۇ ئېرىپ  ئازلاپ قالدى.
-خېنىم،- دىدى بوۋاي ئاخىرى تاقەتسىزلىنىپ،- ئىككى بالىڭىز بارئىكەن، ئەتە ئاتا- ئانىڭىز بىلەن كۈرۈشۈپ ئۆيىڭىزگە قايتىپ كېتىڭ، بالىلىرىڭىز يىتىم بولۇپ قالمىسۇن.
-ئەينى چاغدا ئۇنىڭغا تەگكەندىمۇ ئۆز رايىم بۇيىچە تەگكەنمەن، ئەمدى بۇ ئاجرىشىش ئىشىدىمۇ بىر قارارغا كېلىپ بولدۇم. بالىلارنى بىردىن ئالارمىز ياكى ھەرئىككىسىنى مەن باقارمەن...
-ئاجرىشىشىڭىزغا ئېرىڭىز قوشۇلامدۇ؟
-يامان يېرى مانا مۇشۇ، ئۇ ئۇنىمايدۇ، ئۇنىڭغا مەندەك مۇت مەدىكار نەدە ئەمدى.
-مانا بۇ يېرى چاتاق.
-مەن بايىنىڭياقى بىرقارارغا كەلدىم...!
-نىمە دىدىڭىز؟
-مېنى بۇ نەسچىلىكتىن پەقەت سىلىلا قۇتقۇزۇپ قالالايدىكەنلا، ‹ئايال كىشى ئەردە ياخشى، ئەردە بولمىسا گۆردە ياخشى› دىگەن گەپ بار، مەن ھازىرئىككى بالام بىلەن ئەمەس، بىرجېنىم بىلەنمۇ ئاتا- ئانامنىڭ ئۆيىگە ھەرگىز پاتمايمەن، بالىلىرىمنىڭ كىچىكىمۇ ئۆزىنىڭ نېنىنى تۇتۇپ يىگۈچىلىك بولۇپ  قالدى، چوڭى يەنە بىرەر- ئىككى يىلدا خېلى جانغا ئەسقېتىپ قالىدۇ، مېنى ئالسىلا... مەن سىلىگە ئۇبدان خىزمەت قىلاي، تاماقلىرىنى ئېتىپ، كىرلىرىنى يۇيۇپ بىرىمەن ، يەنە سىلى بۇيرۇغانلا ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلىمەن... ماڭا ئوشۇق مال- دۇنيامۇ لازىم ئەمەس، قاتتىق- قۇرۇق بولسىمۇ يەۋىرىمەن، كونا- يىڭى بولسىمۇ كىيىۋىرىمەن، ئىشقىلىپ، ماكانسىز قالمىساملا بولدى، مەن تېخى ئون توققۇزنى تۈگەتتىم، مېنى يارىتارلا؟!
- خېنىم، مەن دىگەن بىر پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلىغان ئادەم، سىزنى ياراتمىسام كىمنى يارىتارمەن، لېكىن...
-نىمە لېكىن؟...
-سىز تېخى ئېرىڭىزنىڭ ئىددىتىدىن چىقمىغان تۇرسىڭىز...،- بوۋاي نىمە دىيىشنى بىلەلمەي ئېغىزىغا كەلگەنچە سۆزلىدى.
-بۈگۈن ئاخشىمى سۆزۈمنى بىرىپ شۇ چاغدىلا قىماردا ئۇتتۇرۇپ قويغان باشقا بىر نەشىكەشكە نىكاھ ئۇقۇتۇپ سۇلاپ بىرىپ ئەتىسى ئەتىگەندە يەنە قۇرۇق نىكاھتىن بىرنى ئوقۇپ ئۆزى خوتۇن قىلىپ يۈرگەندىنغۇ ياخشىراق بۇلار، يەنە پاسىق گۇيلار يەتتە- سەككىزى بىرئۆيدە يېتىشىپ نۆۋەت بىلەن ئالماشتۇرۇپ خوتۇن قىلىشقاندىنغۇ ياخشىراق بۇلار، مېنى ئېلىپ بۇ خاپىلىقتىن، ئالدىمدا مېنى ساقلاپ تۇرغان يامان يولدىن قۇتقۇزۇپ قالسىلا جىق ساۋابقا ئىرىشىدىلا!...
-قانداق بولار؟
-ئەتە ئۆزىڭىز يېقىن موللىدىن بىرنى قىچقىرىسىز، مەندە بىرئاز پۇل بار، شۇ پۇل بىلەن ئۇنىڭ گېلىنى ئېتىمىز. شۇندىن كېيىن مەن ئۆيدىن چىقماي ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ ئولتۇرىمەن، سىزنىڭ يالغۇز ياشاۋاتقانلىقىڭىزنى خەقلەر بىلگەندىكىن، ئوشۇق گۇمانلارمۇ بولۇپ يۈرمەيدۇ. ئۆيىڭىز چەتتىكەن مانا، بىركىملەرمۇ كىرىپ قالمايدىكەن، بۇ ئىشنى يۇشۇرۇن تۇتىلى، بولمىسا ھېلىقى پاسىق  بىلىپ قالسا بىزنى بوش قويمايدۇ... مەن سىزگە پاخلاندەك بىر ئوغۇل تۇغۇپ بىرىمەن.
-مەنغۇ چۈشۈمدىمۇ بىر ئوغلۇم بولسىكەن دەپ چىقىمەن...
بۇۋاي بۇ ئىشلارنى ئوڭۇممۇ- چۈشۈممۇ دەپ ئۇيلاپ قالدى.
ئەتىسى ئۇلار يۇشۇرۇن نىكاھ ئوقۇتۇۋېلىشنىمۇ ئويلاشتى، ئىككېيلەن بۇ توغرىلىق كۆپ مۇلاھىزىلەرنى قىلىشتى، ئاخىر ئۇلار يەنىلا نىكاھ ئوقۇتۇۋېلىشتى، ئەمما، بوۋاي ئۈچ ئايغىچە خوتۇنىغا يىقىنلاشماسلىقنى قارار قىلدى، ئايال بولسا شۇ كۈندىن تارتىپ بۇ ئۆيگە ئۆزلىشىپ كەتتى، بوۋاي يالغۇز قالغاندىن كېيىن خۇلۇم- خوشنا، ئۇرۇق- تۇغقانلار ئونىڭغا ئۆشرە- زاكات، سەدىقە دىگەندەك ناملاردا بىر نەرسىلىرىنى بىر- ئىككىدىن بىرىشكەن، بۇنەرسىلەر خېلى ئاۋۇغان بولسىمۇ ئۇ بۇلارنى ئىشلەتمىگەن ئىدى. بۇنەرسىلەر بىلەن ئۇلار ئۆيىنى ئۇبدانلا سەرەمجانلاشتۇرۇۋالدى.
ئارىدىن بىرمەزگىل ئۈتۈپ كەتتى، بىر كۈنى بوۋاي  ئىلگىرىكى ئادىتى بۇيىچە يۇرت ئارىلاپ يۈرۈپ خوتۇنىنىڭ ئائىلىسى، ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ كەلدى. بوۋاي ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئېشىكىنى ھەيدەپ ئۈتۈۋاتقاندا ئۇيەردە بىر غەۋغا بولۇۋاتاتتى.
-ھاي-ھاي، مۇسۇلمانلار، نىمە ئىش بولۇپ كەتتى بۇيەردە؟-دىدى بوۋاي ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ.
-كەلسىلە ئاخۇنۇم، ئۇبدان كەلدىلە مانا،-دىدى بىرسى بوۋايغا تەكەللۇپ قىلىپ،-ماۋۇ خەقنىڭ ئەر ئالماي ئولتۇرۇپ قالغان قىزىنى ساۋاپ بولار دەپ ئېلىپ قويۇپتىم دىسىلە، ئۈچ ھەپتىدىن ئاشتى، قاچانلا كەلسەم :«كۆرمىدۇق» دەيدۇ، تېخى ماۋۇ ساراڭ قېرى: «سەن قىزىمنى نىمە قىلدىڭ؟ ئۇ ئانىسىنىڭ ئۈيىگە كەلمەي نەگە كېلىتتى؟» دەپ كاركىرايدۇ، xxقىلدىم ئاينا دىمەي نىمە دەيمەن دىسىلە ئاخۇنۇم،  مانا بۈگۈن كېلىپ: «يا قىزىڭنى تېپىپ بەر، ياماۋۇ يىتىمەكلىرىڭنى ئال»دىدىم…قارىماملا، تېخى ماۋۇ پوقساقال:«ئۇنداق قىزىمىز يوق بىزنىڭ، بىزنى ئەمدى ئاۋارە قىلىۋەرمىسىلە» ئېغىزىدىن پوق چېچىۋاتىدۇ، «سېنىڭ بولمىسا كىمنىڭ قىزى ئۇ» دىدىم، توغرا بولۇپتۇمۇ يا؟- ئۇنىڭ گېپى ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى، ئۇ سەل ئىچىۋالغاندەك قىلاتتى.
-ھە، مۇنداق دەڭلار تېخى، ئىشلار مۇنداقمىدى،-دىدى بوۋاي ئۇنىڭغا،-خوتۇنۇڭلار ئۆيدىن چىقىپ كەتكىلى خېلى بولۇپ قېلىپتۇ، دىمەك قاچاڭلارغا چىۋىن چۈشۈپ بولۇپتۇ دىگەن گەپ، چىۋىن چۈشكەن ئاشنى ئىچكىلى بولامدۇ؟
-بولمايدۇ، …زادى بولمايدۇ،-دىدى ھېلىقى كىشى.
-ئۇنداق بولسا قانداق قىلىتتۇق، تۆكىمىز ئۇنداق ئاش دىگەننى، تالاق قىلىڭلار ئۇنداق خوتۇننى ئۈچ تالاق دەپ…
-جىڭ گەپ قىلدىلا مانا، ئوغۇل بالىدەك… ئەرگە بېرىۋال قىزىڭنى، بۈگۈندىن تارتىپ ئۈچ تالاق-ئۈچمىڭ تالاق، ئەرگە بېرىۋال، سەندەك قېرىنىڭ قىزى بىلەن يەنە يارىشىپ قالىدىغان بولسام ئانام ئاشنام بولۇپ قالغاي…
-ئاڭلىدىڭلارمۇ خالايىق،-دىدى بوۋاي،-ئۆيىدىن قاچقان خوتۇننى مانا مۇشۇنداق تالاق قىلغۇلۇق، ئوغۇل بالىدەك ئىش قىلدىڭ، ئىش تامام،- ئۇ ئېشىكىنى ھەيدەپ مېڭىشقا تەمشەلدى ۋە ھېلىقىدىن سورىدى:
-بالاڭ بارمىدى، ئاداش؟
-ئاران قېلىپمىدىكىن، بېرىپ بولغۇچە ھەريىلى بىردىن ئىككىنى كۈچۈكلەپ بولغان… لېكىن، مەن ئۇلارنى باقالمايمەن…
-سىلى،- دىدى بوۋاي ئۇ مەستنىڭ قېيىنئاتا- قېيىنئانىسىغا قاراپ،- بالىلارنى سىلى بېقىپ چوڭ قىلسىلا.
-ئېغىرىنى يەر كۈتۈرىدۇ، رىزقىنى ئاللا بېرىدۇ، ئاخۇنۇم،-دىدى ئايال يىغلامسىراپ تۇرۇپ،- نىمىشقا باقمايتتۇق ئۇلارنى.
-ئۇنداق بولسا، مەن كەتتىم، خۇدايىمغا ئامانەت،-دىدى ئۇ ھەممەيلەنگە تەكشى قاراپ.
-ھوي، ئاخۇنۇم، مېنى ھارۋىلىرىغا بېكەتكىچە سېلىۋالسىلا، ئاستا كېتىۋالاي بۇ نەس بەقۇر جاڭگالدىن،-ئۇ بوۋاينىڭ تەستىقىنى ئالمايلا ئۆزىنى ھارۋىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇۋالدى.
-خۇتۇنۇم دىگەن قانچۇقنى تاپقان يېرىدە بۇغۇزلىۋېتىمەن…، خەپ توختاپ تۇر،-دەپ قاقشىدى ئۇ.
-نىمە ھاجەت، سىلەردەك ياش يىگىتلەرگە ئالتۇن يويلۇق چوكانلار تېگىدۇ تېخى،-دەپ قويدى بوۋاي. لېكىن، مەستنىڭ گېپى تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى، بوۋاي:«مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ» ددەپ تەكرارلىنىدىغان، ئۆزى دائىم ئوقۇيدىغان ھۆكمەتنى باشلىۋالدى، شۇندىلا ئۇنىڭ ئۈنى بېسىقتى، ئاخىرىغا بارغىنىدا ئۇ ھۈ تارتىپ يىغلىغىنىچە ھارۋىدىن چۈشۈپ قالدى.
بۇ ئەھۋالنى بوۋاي دەپ كەلگەندىن كېيىن بوۋاي نىڭ خوتۇنى  ئۆيدىن تالاغا قەتئىي چىقمايدىغان بولدى. لېكىن، ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى قىزىنىڭ يۇقاپ كەتكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن بەك ئەنسىرەپ غېمىنى ئىچىگە ئېلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئايال بىر كېچىسى بوۋايچە ياسىنىپ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇلارنى يوقلاپ، بالىلىرىنى كۆرۈپ كەلدى، لېكىن، بالىلىرى بىلەن كۈرۈشمىدى...
كۈنلەر بىرخىل رېتىمدا ئۆتۈپ كېتىۋەردى. ئارىدىن بىرەر يىلچە ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بوۋاي ئۇشتۇمتۇت خۇدا بەرگەن بۇ خۇتۇنىنىڭ مىجەزىدىكى ئۆزگىرىشنى تىزلا بايقىۋالدى؛ ئۇ ھامىلدار بولغان ئىدى. شۇندىن كېيىن بوۋاي خۇتۇنىنى تېخىمۇ ياخشى كۈتتى.
-‹بەندىسى تىلىمەس، خۇدىيى بەرمەس› دىگەن شۇ گەپكەن،- دەپ ئويلىدى ئۇ ئۆزىچە،- جۈمە بالام يۇقاپ كەتكەندىن كېيىن ئىزىم ئۆچۈپ قالارمۇ دەپ بەك ئەندىشە قىلغانىدىم. مەيلى قىزبولسۇن ياكى ئوغۇل بولسۇن، خۇدايىم پەقەت ئۆمرى بىلەن، ئەس- ھۇشى بىلەن بەرسە ئارمىنىم قالمايتتى...
ئۇ ئايالىغا ئال يامىشىۋالمىسۇن، جىن ئاپىتىنى سېلىپ قويمىسۇن دەپ ھەمىشە دىگۈدەك ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلمىدى؛ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنى كۈتتى. ئايالىمۇ ئىشچان ئىدى...
شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ئايالىنىڭ ئاي- كۈنىمۇ يېقىنلىشىپ قالدى. لېكىن، ‹ئۆيگە ئوغرى كىرسە ئىت سىيگىلى مېڭىپتۇ› دىگەندەك ئايالىنىڭ تولغىقى تۇتقاندا ئۇ نەگىدۇ كېتىپ قالغان ئىدى؛ شۇچاغدا ئۇ كەشتە توقۇۋاتاتتى، تۇيۇقسىز نەرىدۇر بىر يېرى پىچاق سانچىلغاندەك قادىلىپ ئاغرىپ كەتتى. ئۇ‹ۋاي!› دىگىنىچە پۈكلىنىپ قالدى، شۇ ئان يېنىدا ئاپئاق كىيىملىك بىرسى پەيدا بولغاندەك بولدى. قالغان ئىشلارنى ئۇ ئەسلىيەلمىدى...
بوۋاي قاچاندۇ پەيدا بولدى. راستلا ئايالىنىڭ يېنىدا بىرسى بارئىدى.
-ھە، كەلدىڭمۇ ، قېرى،- دىگەن قوپال ئاۋاز ئۇنى چۈچۈتۈۋەتتى، بۇ ئاۋاز ئۇنىڭغا تۇنۇش تۇيۇلدى.
-سىز ئۆزىڭىز...
-سەن ئۇنتۇپ قالغىنىڭ بىلەن مەن ئۇنتۇپ قالمىدىم، ماڭا قارا، ئېسىڭدىمۇ مەن،- ئۇنىڭ ئالدىدا بىردىنلا باشقىچە بىر سىماھ پەيدا بولدى.
-ھە، سەنمىدىڭ؟- بوۋاينىڭ كۆزئالدىدا چەكسىز جەزىرە، ئۇيەردىكى يالغۇز بىر تۈپ جىگدە، پەيدا بولدى، ئۇ ئۇنى شۇچاغدا جاڭگالغا ئوتۇن ئەكەلگىلى ماڭغاندا ئۇچراتقان ئىدى، ئۇ ئۇنىڭ ئەمدىلا بۇرۇتى خەت تارتقان شاش چاغلىرى ئىدى...
-ھەئە، مەن.
-بالامغا ئاپىتىڭنى سالمىغانسەن؟
-ئازراق فىتنە تېرىپ قويدۇم، ناھايتى.
-ئۇنداق قىلمىغىن، ماڭا بىر قېتىم رەھم قىلىپ قوي، پەرىزات، چاپتىكەشلىكنى ئەمدى قويغىن. ھېلىغىچە قىلىۋالغىنىڭمۇ يېتەر، ئەمدى…
-سېنى مېنىڭ ۋەيران قىلغىنىمنى بىلەمسەن؟
-‹بىرچاپاندا تۆت يانچۇق، زامانىگە قاراڭلار، چىرايىم سېرىق سامان، ئىرادىگە قاراڭلار› دىگەن ناخشىنى كۆپ ئېيتقانمەن، ئەمدى بولسىمۇ ئۆزەڭنى تۇتۇۋالغىن...
-قېرىغاندىمۇ گەپدانلىقىڭدىن قالماپسەن، ئەينى چاغدىمۇ ئاشۇ گەپدانلىقىڭغا ئاشىق بولۇپ قەلب دەرۋازامنى ساڭا ئاچقان ئىدىم… ماقۇل، ھېلىغىچە خېلى پۇخادىن چىقتىم، ئەمدى بۇ چاغ بولغاندا سەن بىلەن ئۇرۇق- تۇغقان بولۇپمۇ قالدۇق، شۇنىڭ يۈز- خاتىرىسى ئۈچۈن بولىمۇ ئۆزەمنى تۇتۇۋالسام تۇتۇۋالاي... خاتىرجەم بول،… خوتۇنۇڭغا تۇغۇت ئانىسى بولۇپ بىر ئوبدان تۇغدۇرۇپ قويدۇم، خۇدايىم سېنى ئارزۇيۇڭغا يەتكۈزدى، خوتۇنۇڭنىڭ ئۆمرى يەنە سېنىڭكىدىن قىسقىراق ئوخشايدۇ، ئوغلۇڭنى ياخشى بېقىپ ئۇبدان تەربىيىلە. ئۇ ھامان بىر كۈنى مەن سېلىپ قويغان ئۇرۇقنى كۆكلەتسىكەن دەيمەن، مەن كەتتىم، ئاخىرەتتە كۈرۈشەيلى، خۇدايىمغا ئامانەت!…
بوۋاي لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى. ئايالى ھۇشسىز ياتاتتى.  ئۇ ئاستا ئوغلىنى قولىغا ئالدى. ئۇ ئايالى نەچچە كۈن بۇرۇن يىڭىدىن تىككەن چىرايلىق چۈۋەككە ساكىدالغان بولۇپ بىرئۇبدان ئۇخلاۋاتاتتى. تۇرۇپلا ئۇنى يىغا تۇتتى، ئۇ خىتاب قىلدى:
-ئى ئۇلۇغ خۇدايىم، بەندىلىرىڭگە شۇقەدەر مېھرىبانسەن؛ ئوغلۇمنى قۇتقۇزۇپ قالغىن، ئۇنىڭدىن جىننىڭ قەستلىرىنى يىراق قىلغىن، ئۇنى جەننەت ئەھلىدىن قىلغىن...!!!
يەرلىك سۆزلەرگە ئىزاھات:
1. كۇراك-كېۋەزنىڭ غۇزىسى. 2. پوندەك- ئەركىلەتمە مەنىلىك سۆز بولۇپ چىرايلىق ، ئۇز ، ئوماق دىگەن مەنىلەردە ، كۆپىنچە قىزلارغا ئىشلىتىلىدۇ. 3. سىمىنتال- سورتلۇق كالىلارنىڭ بىرخىل تۈرى، ئالا قىزىل رەڭلىك. 4. ھەما:- جۇمۇ، شۇنداقمۇ دىگەندەك مەنىلەرنى بىرىدۇ. 5. بىشى- ئادەم، كىشى ئىنسان دىگەن مەنىلەردە، يەنى، بىركىشى دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىپ ئاتىلىشى. 6. باشتۇڭ- گەپ ئاڭلىماس، ياغاچ قۇلاق دىگەن مەنىلەردە، بۇ سەلبىي مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. 7. چاپتىكەش- گەپ ئاڭلىماس، شوخ، تەنتەك دىگەن مەنىلەردە، بۇسۆز ئىجابىي، سەلبىي ھەم ئەركىلەتمە مەنىلەردە ئىشلىتىلىدۇ. 8. جاراش-خاپا بولۇش  9. ئىددەتسىز-چەكسىز، چېكى يوق، بىپايان دىگەن مەنىدە. 10. ساچقان-چاشقان  11. كىشكەتتى-كىرىپ كەتتى. 12. سەنۈي- ئاياغلىق، سۇپىنىڭ پەس تەرىپى. 13. قاغا مېڭىسى يەپ سالماق-ساراڭ بولۇپ قالماق دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئېدىئوم.14. ئەلكۈن:-ئەل-جامائەت. 15. دادىكا- كېلىنلەرنىڭ قېيىنئاتىسىنى ئاتاشتىكى  بىرخىل ھۆرمەت سۆزى، ھازىرغا كەلگەندە بۇسۆزنى ئىشلىتىش بارا-بارا مودىدىن قېلىۋاتىدۇ.16. مۇت-ھەقسىز، بىكارلىق . 17. چۈۋەك-مەخسۇس يىڭى تۇغۇلغان  بالىلار ئۈچۈن تىكىلگەن كۆرپىلىك.18. ساكىدىماق- بوۋاقنى چۈۋەككە يۆگەپ ئاندىن ئۇنىڭ سىرتىدىن چىگىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەدەبىي تىلىمىزدا ‹زاكا› دىيىلىدۇ. ئادەتتە «ساكايىپى» دىيىلىدىغان مەخسۇس قوي يۇڭىدىن ياسالغان قول-ھۆنەر بۇيۇمى بولىدۇ، ئۇنىڭ «قۇ» دىيىلىدىغان ئايرىم نامى بار. 19. سەنۈي- ئاياغلىق، سوپىنىڭ پەس تەرىپى. 20. ئەسمەك- كۆپتۈرمەك.  21.سۆز بەرمەك-خېتىنى بەرمەك دىگەن مەنىدە. 22.نە-كەپتەر، ئۆردەك، غاز قاتارلىق ئۆي قۇشلىرىنىڭ ئەركىكى.

0

تېما

0

دوست

376

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30008
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 102
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 10:16:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

376

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30008
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 102
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 17:19:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدايىم توۋا مۇشۇنداق بىر ئوبدان تىمىغىمۇ ھېچكىم ئىنكاس يازماپتۇ ،نەدىكى تاينى يوق تىمىلارغا تالىشىپ يىزىشىپ كىتىپتۇ

1

تېما

1

دوست

1312

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   31.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10274
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 110
تۆھپە : 323
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 18:16:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم بىر ھارغىچە ئولتۇرۇپ ئوقىغىدەك تېمىكەن (گەرچە بىدئەت قاراشلار بولسىمۇ )، تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت . بىز چوڭ بولغان زامانلاردا مۇشۇنداق گەپلەرنىڭ كۆپلىگىدىن ئاخشىمى تالاغا سىيگىلىمۇ چىقالمايتۇق يالغۇز ، بەشىنچى چوڭ كەشپىيات بولغان ئۆيگە ئوبۇرنى بىلەن ئاشخانا خوشنا تام قىلىپ سېلىنىدىغان بولغاندىن كېيىن ئاخشىمى قورقماي سىيگىلى چىقىدىغان بولدۇق .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )