- تىزىملاتقان
- 2014-3-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 904
- نادىر
- 0
- يازما
- 29
ئۆسۈش
80.8%
|
20.ئەسىرنىڭ 60.يىللىرى دا ،گوللاندىيىدە تەبئى گاز بايقلىپ كۆپلىگەن ئشلەپچىقىرىش بايلىقى نىفىت تەبئى گاز مۇناسىۋەتلىك ساھەگە يۇزلەندى. شۇنداقلا بۇ كەسىپلەرنىڭ تىز سۇرئەتتە كېڭيشىگە تۇرتكە بولدى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا ئەنئەنۋى ئكىسپورت كەسپلىرنىڭ كۆلمى كىچىكلەپ كەتتى . بۇ خىل مەلۇم بىر خىل كەسىپنىڭ گۈللنىشى باشقا كەسىپلەرنىڭ خارابلىششىنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغان ھادىسە " گوللاندىيە كىسىلى " دىيىلدۇ .
بۇ خىل ئەھۋال باشقا دۆلەتلەردىمۇ يۈز بەرگەن بۇلۇپ ، سەئۇدى ئەرەبىستان ، نىگىرىيە ، مىكسىكا ، نورۋىگىيە ، .ئاۋىستىرالىيە ، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەن . ئىقدىسادشۇناسلارنىڭ قارشىچە "گوللاندىيە كىسلى " بىر خىل ئومۇميۈزلىك ئەھۋال بۇلۇپ ، خام ماتىريال ئكىسپورتى تىز سۇرئەتتە كۆپيىپ مەنپەتلەنگەن دولەتلەرگە ماس كىلدۇ .
گەرچە بۇ خىل كىسەللىك ئادەتتىكى ئەھۋالدا تەبئى بايلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ ، لىكىن ھەر قانداق شەكىلدىكى تاسقى ئوبروت كۆپەيتەلەيدىغان ھادىسە بۇ خىل كىسەلىككە سەۋەب بۇلشى مۇمكىن .
" گولللاندىيە كىسلى " نى ئككى جەھەتتىن چۈشنىشكە بۇلىدۇ . ئادەتتىكى ئەھۋالدا ، يېڭى بايلىقنى بايقاشتىن ئىرىشكەن مەنپەت ئەسلدىكى ئىكىسپورت كەسپىگە پاسسىپ تەسىر كۆرستىدۇ . ياكى بولمىسا سانائەتلەشمەسلىك ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىىپلەر نىڭ پايدىسى كۆپ بولغاچقا ، ئەنئەنۋى كەسىپلەردىكى كاپتال ھەم ئەمگەك كۈچى يېڭدىن گۈللەنگەن كەسىپكە ئېقىپ كىرىدۇ . يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا ، تەبئى بايلىق ئىكسپورتىنىڭ ئېشىشى ، بۇ دۆلەتنىڭ سودا ئاكتىپ بالانىسنى شەكىللەندۈرىدۇ . مۇقىم پىرۋوت تۈزۈمى ئاستىدا ، مەزكۇر دۆلەتتە پۇل پاخاللىقى يۈز بىرىپ ، ئەنئەنۋى ئىكسپورت كەسپىنىڭ چىقىمىنى ئاشۇرۋىتىدۇ . ئىكىسپورت ئازىيدۇ . لەيلىمە پىرۋوت تۈزمى ئاستىدا بولسا سودا ئاكتىپ بالانىسى مەزكۇر دۆلەت پۇلنىڭ قىممىتىنڭ ئېشىىىغا سەۋەپ بۇلىدۇ ، شۇنداقلا چەتئەل پۇلى بىلەن ھىسابلىغان تاۋارنىڭ باھاسنى ئاشۇرۋىتىدۇ . ئكىسپورت ئازىيىدۇ . شۇڭلاشقا قايسى خىل ئەھۋال يۇز بىرشىدىن قەتئى نەزەر ، ئەنئەنۋى ئىكىسپورت كەسپىگە پايدىسىز .
بۇ خىل كىسەللەك كىچىك ئىپادىللىرى رايۇنمىزدىمۇ كۈرۈلىشكە باشلىدى . مەسلەن قاشتېشنىڭ بازىرى چىقىشى باشقا كەسىپ بىلەن شۇغۇلىندىغان نۇرغۇن كىشلەرنىڭ
ئەسلدىكى كەسىپنى تاشلاپ قاشتاشچىلىققا يۈزلىنىشى ، ئەسلىدە بار بولغان ئەنئەنۋى كەسىپلەرنىڭ ئاجىزلىششىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . بۇلۇپمۇ خوتەن رايۇندا ئېغىر .
|
|