- تىزىملاتقان
- 2014-8-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 258
- نادىر
- 0
- يازما
- 28
ئۆسۈش
86%
|
ھازىر بۇنداق بۇرمىلىندىغان تارىخنىڭ ئاقىمايدىغان دەۋرى بۇنى بىلمەيدىغان ئوخشىمامسەن؟بۇ يازماڭنىڭ ئۆزىدىلا يامان نىيەت پۇراپ تۇرۇپتۇ.قەشقەر بىلەن خوتەن خەلقىنى ئىرانلىق پارىسلار دىمەكچىكەنسەندە؟ سەن قەشقەرغە ياكى خوتەنگە بىرىپ شۇلاردىن سوراپ باق.ئۆزىنى قايسى مىللەت دەيدىكىن؟ پارىس دەمدۇ ياكى ئۇيغۇر دەمدۇ سوراپ باق؟
-----------------------------
tengrikut ئەپەندى ئالدى بىلەن ماڭا چېچىلماي ،يۇقارقى يازمىنىڭ ئاپتۇرىغا قاراڭ ،مەن يازمىغان بەلكى مەرھابا كېرىم يازغان.
بۇماقالە سوكال تارىخ بولماستىن بەلكى ھەقىقى مۇلاھىزە تارىخى ئىسپاتلار بىلەن يېزىلغان ،قەشقەر ،خوتەن ئۇيغۇرلېرىدىن سوراشنىڭ ھاجىتى يوق ،ئۇلار ئۇيغۇر.
مەن كۆتۈرۈپ چىققان بۇيازمىدامەن ھىچنەرسە دېمەكچى ئەمەس ،پەقەت ئىلگىركى تارىخنىڭ ھازىرقى سىزدەك تارىخچىلار سەۋەپلىك خاتا ھالدا ھەزىم قىلىنمىسۇن دەپ ئۆزۆڭلار يازغان ماقالىنى يوللاپ قويدۇم خالاس،سىزنىڭ كىملىكىڭزنى بىلمەيمەن بىراق سىزنىڭ يۇقارقى يازغان ئىنكاسىڭزدىن سىزنىڭ ئەسئەت سۇلايمان ئەپەندى ۋە ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ قولىغا سۇقۇيۇشقىمۇ يارىمايدىغانلىقىڭزنى ھېس قىلدىم.
يۇقارقى ئىران تۈرۈكلىرى توغرىسىدا مەن توختالمايمەن ،چۈنكى ئۇيەردىكى تۈرۈكلەر ھېلىھەم تۈرۈك تىلىدا سۆزلىشىدۇ.
قاراخانىلار خانلىقى بىلەن سامانىيلار خانلىقى ئوتتىرىسىدىكى ئۇرۇش ئەبۇناسىر سامانىنىڭ تەخت تارتىۋىلىش ئۇرۇشى ،ئىستىلا ئۇرۇشى ئەمەس.
ئىران -تۇران كۈرىشىنى تىلغا ئاپسىز بۇ نوھنىڭ ئوغلى ياكى ئىران مەنبەلىرىدىكى فەرىدۇن ۋە ئۇنىڭ ئىچ ئوغلىنىڭ ئوتتۇرانىچىسى بولغان «تۇر» نىڭ ئىسمى.ئىران -تۇران ئۇرۇشى ھەرگىزمۇ ئوخشىمىغان تەركىپلىق ئىككى خانلىق ئەمەس بەلكى بىردادىدىن بولغان ئىككى ئوغولنىڭ ئۇرۇشى (تۈركى تىللار دىۋانىنى ياخشىراق ئوقۇسىڭز چوقۇم قايىل بولىسىز)
280. تاجىكلار ئۇنى دەيدۇ. ئەفراسىياب، بۇ ئەفسىياب تۇتتى ئەللەر تالاپ.
282 ‿تاجعكلاؿكىتابقا پىتۇپتۇ بۇنى، كىتابتا پىتمىسە كىم ئۇققاي ئۇنى.
بۇمىسرا تۈركى تىللار دىۋانىنىدىكى ئۈزۈندە.
«سئلىشتۇرما تىلشۇناسلىقنىڭ ئاساسچىسى مەھمۇت قەشقەرى ‹دعؤان‿نعؿمۇقەددىمسىدە: ‹خوتەنلعكلەر ئىككى تىلدا سۆزلىشەلەيدۇۋە تىركچىنى ياخشى بىلمەيدۇ‿دەؿيازىدۇ. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ بۇ ئەسلەتمىسى تىركلىشىش جەريانىدا تىگەللەنمىگەنلىكىنى تەسقىلايدۇ. «دىۋان» بولسا خوتەن 1006- يىلى قاراخانىيلار تەۋەسىگە ئۆتىپ 70 يىلىدىن كئيىن يئزىلغانىدى. بۇ چاغلادا، قەدىمكى خوتەن تىلىنىڭ فونتىكا ۋە لئكسىكا جەھەتتىكى تەسىرى ساقلانغانىدى. بۇ سۆزدىن خوتەن قاراخانىيلار تەۋەسىگە ئۆتكەندىن كئيىن، تىلى تىركچىلەشتى دئگەن مەنە چىقمايدۇ ئەلۋەتتە».
ئەفراسىياب بىلەن ئالىپ ئەر توڭا ئككى ئادەم ،بۇتۇغرىسىدا ئەسئەت سۇلايماننىڭ(ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇش دولقۇنى)ناملىق ماقالىنى ئوقۇپ بېقىڭ.
ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇركى تىللار دىۋانىدا ئىزھالىغان تات سۆزى ئارقىلىق چۈشەندۈرسەكمۇ بولىدۇ . ‹‹ تاتسىز تۈرۈك بولماس، باشسىز بۆك›› ... ئالىم بۇ جايدا: ‹‹تات›› سۆزى خوتەن رايۇندا ياشاۋاتقان پارىس تىللىق قەۋىمنىڭ نامى ، دەپ ئىزھات بەرگەن .
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﻤﻠﯩﻘﻼﺭ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﯜﺭﯨﻜﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ"ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺗﯜﺭﯨﻜﭽﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ" ﺗﻰ ،"ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺗﯜﺭﯨﻜﭽﯩﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ،ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺋﯧﻐﯩﺮ"ﺗﻰ،
"ﺋﺎﺭﺗﯘﺷﻠﯘﻗﻼﺭ ﺗﯜﺭﯨﻜﭽﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﻤﯘ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﻴﻪﻟﻪﻳﺪﯗ"ﺗﻰ.ﺩﯦﻤﻪﻙ ﻣﻪﺧﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﺳﺮﻯ 11 ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﯜﺭﯨﻜﭽﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ،ﺋﺎﺭﯨﺌﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯧﺮﺍﻥ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﭽﯩﻼ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺮﺍﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
[fبۇ مىساللارنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق يەنە ئاچىقىڭىزنى كەلتۈرۈپ قويماي ، مەن پەقەت ئىلگىرى بۇ جايدا نۇرغۇن پارىس تىللىق قەۋىملەر ياشىغان يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن شۇ جايدا ياشاۋاتقان تۇركىي تىللىق خەلىققە قوشۇلۇپ كەتكەن دېمەكچى.
خۇددى مەخمۇد قەشقىرى ئېيتقاندەك قەشقەرنىڭ بىرقىسمى ۋە ئاتۇش ،خوتەنلىكلەر ئشلەتكىنى ئانا تىلى ۋە تۈرۈك تىلى،ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئاناتىلى ساك،سوغدى تىلى بولماي نېمە؟ ئەگەر ئەقەللى ساۋاتى بار ئادەم بۇيازمىلارنى دەلىللەرنى ئوقۇپ قايىل بولماي تۇرالمايدۇ.بۇھەقتىكى تارىخى ئىسپاتلارنى ھەتتا ئەسئەت سۇلايمان ئەپەندىمۇ دەلىلىگەن تۇرسا.
ساك تىلىنىڭ شەرىقى ئىران تىللېرىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ھەرقانداق ئوتترا ئاسىيا تارىخىدا ماڭدامدا بىر بۇنى يەنە دەلىللەشنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن .
ئاخىرىدا مېنىڭ دەيدىغىنىم مەن مىللەت دەۋاسى قىلمىدىم ،بەلكى تاجىكلارنىڭ ئويغۇرلار نىڭ مەدەنىيەت،تىل،دىن،مىللى تەركىپ جەھەتتا ناھايتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن دىمەكچى . |
|