- تىزىملاتقان
- 2013-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5102
- نادىر
- 0
- يازما
- 493
ئۆسۈش
2.04%
|
ariyan22 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 15:22
ھازىر بۇنداق بۇرمىلىندىغان تارىخنىڭ ئاقىمايدىغان دەۋ ...
ۋاي ۋۇي... نىمە دىگەن ئۇلۇغ ئالىم بۇ
سەن ئۆزەڭ تارىخچىمۇ؟ قىزىققۇچىمۇ؟ ئۈگەنگۈچىمۇ ؟ نىمە؟ سەن دىگەن ساك قەبىلىسىنى تەتقىق قىلۋاتقانلار ئاز ئەمەس.بىزدىكى بىرنەچچە كىشىنىڭ يازمىسىغا قاراپلا 3 مىڭ يىل بۇرۇنقى ۋەقەگە باھا بىرىشنىڭ ئۆزى مەلۇم مەقسەت مۇددالىق پائالىيەت بولۇپ ھىساپلىندۇ.تاجىكلار بىلەن ئۇيغۇرلار 2 مىڭ يىلدىن كۆپرەك بىر دىياردا بىللە ياشاپ كەلگەن ئىككى خەلق. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا ۋە بىر قىسىم ئۆرپ ئادەتلىرى پارىسلارغا(تاجىكلارغا) تەسىر كۆرسەتكەن.پارىسىلارنىڭ تىل ئاتالغۇلىرى،تۇرمۇش بويۇملىرى ئۇيغۇرلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن.بۇنى بىز بىلىمىز. ئوقۇمۇشلۇق ھەربىر ئۇيغۇر بىلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن تارختىن بىرى تاجىكلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارسىدا نىزاھ ئاداۋەت ، ئۆچمەنلىك دەيدىغان نەرسە يوق. ئۇيغۇرلار يازغان نەرسىنى يوللاپ قويدۇم دەيسەن ،يازغان نەرسەڭنىڭ مەركىزى ئىددىيەسىدە قەشقەرلىق بىلەن خوتەنلىكنى پارىسلارنىڭ ئەۋلادى دىگەن مەزمۇننى چىقىرىپ قويۇپسەن.بەلكىم بۇ ساڭا بىلىنمىسە كىرەك ياخشى نىيەت بىلەن يازدىم دەپ ئويلىغان تەقدىردىمۇ مۇشۇ يازماڭنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلار بىلەن تاجىكلار ئارىسىغا سوغۇقچىلىق ئىلىپ كىلىدۇ نىمىشقا بۇ تەرپىنى ئويلىمايسەن؟ مەن باشقا نەرسىگە ئاچچىىقلىمىدىم، تارخ توغرۇلۇق تولۇق بىلىمگە ئىگە بولۇپ ،ئىزدىنىش نەتىجىسى بەرپا قىلماي تۇرۇپ پالانى كىتاپتا مۇنداقكەن پۇستانى كىتاپتا ئانداقكەن دەپ ئۆزىگە كىرەكلىك يەرلىرىنى دەلىل كەلتۇرۇپ ئېرقچىلىق ئويۇنى ئوينايدىغان؛لارغا ئاچچىقلىنىمەن. بۇ چاخچاق قىلدىغان ئىش ئەمەس، بىر مىللەتنىڭ ئۇزۇن يىل بەرپا قىلغان ئەمگىگىنى يوققا چىقىرىپ ئۆز ئارا ئاداۋەت چىقىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالدىغان ئىش.چۇشەندىڭمۇ؟ قەشقەر خوتەن تەرەپلەردە بىر قىسىم سوغدىيان پارىسى قەبىللىرى كىلىپ ئولتۇراقلاشقىنىنىمۇ بىلىمىز.لىكىن ئۇ دىگەن مىڭ نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى ئىش. ئۇنى ھازىر كولاپ كۆترۈپ قوپۇش ، بولۇپمۇ تولۇق بىلىمگە ئىگە بولماي يەكۈن چىقىرىش تۈپتىن خاتالىققا ئىلىپ باردۇ.خاتالىق بىلەنلا كەتسە مەيلى لىكىن ئىككى مىللەت ئارسىغا ئاداۋەت سىلىپ قويدۇ.بۇنى سەن ئويلىمىساڭ مەن سىنىڭ ئورنۇڭدا ئويلاپ قويدۇم.
ئىراندىكى تۇرۇكلەر بىلەن پارىسىلار نەچچە يۈز يىلدىن بىرى ئىتتىپاق ياشىغىنىنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسەن؟ ئۇلار ھەتتا سۇننى شىيە دەپ ئايرىلىپ تۇرسىمۇ يەنىلا ئىتتىپاق ياشايدۇ بۇنىڭ سەۋەبى ئىرانلىقلارمۇ تۇرۇكلەرمۇ ئېرقچىلىق قىلمايدۇ.مەزھەپ تالىشى قىلمايدۇ،بىر بىرنى ھۆرمەتلىشىدۇ. سەن بۇنداق چوڭ نوقتىنى ئويلىيالىساڭ بۇنداق ئېرقچىلىق تۈسى ئالغان يازمىنى يازماي خەلقىمىزگە پايدىلىق مەزمۇنى بولغان يازمىلارنى ياز. بىز قوللاپ قۇۋەتلەيمىز. ساڭا ئاخىرقى قىتىم سەمىمىي ئەسكەرتىش بەردىم. |
|