ھىندى-ياۋروپا تىللىق خەلقلەر بىلەن تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت ،سودا ئالاقىسى ناھايىتى بۇرۇن باشلانغان. قەدىمىي قەشقەردە تۈركىي تىللىق قوۋملاردىن باشقا يەنە شەرىقىي ئىران تىللىق خەلقلەرنىڭمۇ ياشىغانلىقى ،ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئىسلاملىشىشى ۋە تۈركلىشىشى نەتىجىسدە قەشقەردىكى يەرلىك خەلقلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىنى يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتتۇق.ئەمما ،ئۇلارھېچقاندا ئىز-دېرەكىسىزلا تارىخ بېتىدىن ئۆچۈپ كەتمىگنىدى.قەشقەردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئىرانىيتىللىق تەركىبى ۋە مەدەنىيەت ئامىلى ئۇنىڭ تارىختا يېىقنىن مۇناسىۋەتتە بولغان ئىرانىي تىللىق قۇشنىلىرىنىڭ تىلى ۋەمەدەنىيەت مەزمۇنلىرىدا يالدامىسى قالغان.تارىخ كىتابلىرىدا قەشقەر بىلەن ئوخشاش تىل ۋەمەدىنىيەت تۈسىگە ئىگە بولغان قۇشنا رايۇنلاردىن قەدىمىكى ئۇدۇن(خوتەن)بىلەن تاشقۇرغان تىلغا ئېلىنىدۇ.ئۇدۇن ھەققىدىكى بايانلارنىڭ ماقالىمىزنىڭ تېمىسى بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى بولمىغانچقا ،تېمىدىن چەتنەپ كەتمەسلىك ئۈچۈن،بۇيەردە تۇختالمايمىز.تېمىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تاشقۇرغان-تارىختىن بۇيان قەشقەربىلەن زىچ سىياسىي ،ئىقتىسادىي ۋەمەدەنىيەت مۇناسىۋىتدە بولۇپ،ئۇقەشقەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئىران تىللىق قوشنىلىرىدىن بىرى ئىدى.تاشقۇرغانغا مۇناسىۋەتلىك بايانلارئېلىمىزنىڭ قەدىمكى خەنزۇچە تارىخ مەنبەلىرىدە ئۇچرايدۇ.ئەمما .ئىسلاملىشىشنىڭ ئالدى-كەيىنىدىكى دەۋردىكى تاشقۇرغان توغرسىدايېزىلغان بايانلاردىن‹‹تاڭنامە.غەربىي يۇرت تەزكىرىسى ››بىلەن ‹‹ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەرنىي يۇرتقا سەپەر خاتىرىسى ››نىكۆرسىتىشكەبولىدۇ.تاشقۇرغان ھاققىدە ‹‹تاڭنامە .غەربىي يۇرت تەزكىرىسى››دە ‹‹كاۋانتا يەنەسارىقول،تاشقۇرغان دەپمۇ ئاتىلىدۇ.سۇلىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى جيەنمۇ جىلغىسى⑭ۋە بۇرىن چوققىسىدن ئۆتۇپ600چاقىرىم ماڭغاندا بۇجايغا كەلگىلى بولىدۇ.جەنۇبتا بەلۇر تېغى ⑮بىلەن،شىمالدا سۇلى بىلەن غەربتە ۋاخان بىلەن غەربىي شىمالدا پەرغانە بەگلىكى بىلەن تۇتىشىدۇ.ئاستانىسى كۆكئارتتا بولۇپ،شىتادەرياسى⑯غا تاقىلىپ تۇرىدۇ.لەشكەرلىككە ياراملىقى 1000چە چىقىدۇ.ئۇلارنىڭ بېگى سۇلىلىق بولۇپ ،ئەۋلادمۇئەۋلا سەردار بۇلۇپ كەلگەن كىشىدۇر.ئۇلارنىڭ غەربىي جەنۇبىدا باش ئاغرىقتاغ⑰بار.كۆكئارت ئادىتتە جېيى تېغى دەپ ئاىلىدىغان بولۇپ ،مەزكۇر ئەلىنى ئوراپ تۇرىدۇ.ئادەملىرى شىجائەتلىك ۋە قارام بولۇپ ئۇدۇنلۇقلارغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.ئۇلارنىڭ قانۇنىدا قاتىللار ۋەبۇلاڭچىلار ئۆلۈمگە بۇيرلىدۇ.باشقاگۇناھ قىلغانلار تۆلەم تۆلەيدۇ.باج-سېلىققا كىيىم بېزەكلىرى تاپشۇرۇلىدۇ.سەردارى ئالتۇن كۇرسىدا ئولتۇىدۇ››⑱دەپ يېزىلغان بولسا؛‹‹ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەبىي يۇرت سەپەرخاتىرىسى››دە؛‹‹قىرپانە بەگلىكىنىڭ دائىرىسى 2000چاقىرىمدىن ئارتۇق چىقىدۇ.شەھەر قەلئەسى بىر چۇڭ تاش قىيا ئۈستىگەسېلىنغان .شىمالىدا شىتۇ دەرياسى بار.20چاقىرىم دائىرىسى قاتمۇقات تاغلار ۋەخەتەرلىك قىيا ۋە مۇزلۇقلار بىلەن قاپلانغان،زىرائەتلىرى ،دەل-دەرەخلىرى ۋە مېۋە –چېۋىلىرى ئاز...ئۇلارنىڭ تىلى ۋەيېزىقى سۇلىلىقلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ. ئاھالىسى بۇدداغا ئېتىقات قىلىدۇ،10نەچچە يەردە بۇددا ئىبادەتخانسى بار،راھىپلىرى 500دىن ئاشىدۇ،ماھايانا مەزھىپىگە چوقۇنىدۇ››⑲دەپ يېزىلغان.
بىز يۇقىرىقى بايانلاردىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى،تاشقۇرغان تارىختا قەشقەر بىلەن قويۇق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن.شۈەن زاڭنىڭ بايانىدىن قارىغاندا،تاشقۇرغاندىكى ئاھالىلەر قەدىمكى دەۋردە قەشقەر بىلەن ئوخشاش تىل ۋەيېزىق قوللانغان. بۇ،قەدىمدە تاشقۇرغاندا ياشىغان خەلقلەرنىڭمۇ قەشقەردە ياشىغان خەلقلەرگە ئوخشاش شەرقىي ئىران تىلىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.تەتقىقات نەتىجىلىرىگەئاساسلانغاندا ،ئېلىمىز تاجىكلىرىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ناھايىتى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىنى بېشىدىن كەچۇردى.شەرقىي ئىران تىللىق قەبىلىلەردىن تارىم ئوتمانلىقى ئەتراپىدىكى بوستانلقلاردا ئولتۇراقلاشقانلىرى كېيىنكى دەۋردە ئۇيغۇرلاغا قوشۇلۇپ كەتتى،پامىر ئېگىزلىكى جۈملىدىن تاشقۇرغان رايونىدا ئولتۇراقلاشقانلىرى ئەسلىدىكى شەرقىي ئىران نەسلى ۋە تىلىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى جۇڭگو تاجىكلىرىنى شەكىللەندۇردى.
ئېلىمىزدىكى تاجىكلارنىڭ تىلى ھىندى –ياۋروپا تىل سىستېمىسىنىڭ ھىندى-ئىران تىلى گۇرۇپپسى (تىلشۇناسلىقتا،بۇگۇرۇپپىدىكى تىللار يەنە ‹‹ئارىيان تىللىرى››دەپمۇ ئاتىلىدۇ)شەرقىي ئىران تىلى تارمىقىغا مەنسۇپ بولۇپ ،بۇتىل خوتەندىكى ساك تىلى،تۇمشۇق تىلى،قەشقەردىكى قەدىمكى ئىرانىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تىلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى قەدىمكى ساك تىللىرىنىڭ ۋارسلىرى بولغان تازغۇلام،شۇگنان تىللىرى بىلەن يېقىن قېرىنداشتىللاردىن ئىدى.تاجىك تىلى .ئۇزاق ۋاقىت بىللە ياشاش،ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ،ئۆزىنىڭ سۆزلۈكلىرىدە زور ئۆزگىرىش ياسىغان بولسىمۇ،ئەمما ئۇنىڭ ئاساسىي سۆزكۈك تەركىبىي يەنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئاساسىي شەيئىلەرنىبىلدۈرىدىغان ئىسم،ئاساسىي پېئىللاريەنىلارقەدىمكى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا،بەزى سۆزلۈكلەر قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ جانلىق ئېغىز تىلىدىكىى سۆزكۈكلەر بىلەن مەلۇم ئورتاقلىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
بىرىنجى،فونېتىكا نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،تاجىك تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزىدا كۆپ قاتلاملىق خاھىش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بەزى سۆلۈكلەر ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراىغان بولغاچقا،تەلەپپۇزىدا ئۇيغۇرچىغا يېقىن كېلىدۇ،ئەمما بۇتەلەپپۇزدىكى يېقىنلىق ئانچە گەۋدىلىك ئەمەس،ئۇيغۇرچىدىكى سۆزلۈكلەر تەلەپپۇزدا يەنلا تاجىك تىلىنىڭ ئەسلىي تەلەپپۇز ئادىتى بويىچە تەلەپپۇز قىلىدۇ.بىزنىڭ بەزى سۆزلغكلەرنىڭ شەرقىي ئىران تىلىدا تەلەپپۇز قىلىنىش ئەھۋالىنى ھازىرچە بىلىش ئىمكانىيىتىمىز بولمىغاچقا،بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزمەيمىز.بىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››تە‹‹خوتەنلىكلەر ۋەكەنچەكلەر ھەمىشە سۆز بېشىدىكى ‹ا›نى‹خ›قىلىپ تەلەپپۇز قىلىدۇ،شۇڭا بىز ئۇلارنى تۈركلەردىن دەپ سانىمايمىز››دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۇرگەن ۋاقتىمىزدا ،بۇ خىل فونرتىكىلىق ھادىسە تاجىك تىلدىمۇ كۆرۈلىدۇ، ئەمما بۇخىل تىل ھادىسىسى تاجىك تىلىنىڭ ئىككى شېۋىسىدە بىردەك ئەمەس.تاخىك تىلىنىڭ سارىكۇل شېۋىسىدە ‹‹ا››نىڭ‹‹خ››لىشىش ھادىسىسى ئاساسىي جەھەتتىن كۆرۈلمەيدۇ.بۇ،سارىكۇل شېۋىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرك .ئەمما،تاجىك تىلىنىڭ ۋاخانشېۋىسىدە بۇخىل ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مىساللار ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ،ئەمما سارىكۇل شېۋسىگە قارىغاندا يەنىلا بۇنىڭغا مۇناسىپ بولغان فونېتىكىلىق مىساللىرى ئۇچراپ تۇرىدۇ⑳.مەسىلەن؛
سارىكۇلچە ۋاخانچە ئۇيغۇرچە
ئاۋال خاۋال ئاۋۋال
ئارز خارز ئەرز
ئاۋۇز خاۋوز ئاۋاز
ئەمما،بۇيەردە شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى،ئەسلىي تاجىكچە بولغان سۆزلۈكلەردەمەيلى سارىكۇل شېۋىسى ياكى ۋاخان شېۋىسى بولسۇن، سوز بېشىدا ‹‹خ››كەلگەن سۆزلۈكلەر خېلى كۆپ ھەم ئەسلىي شەكىلدە تولۇق تەلەپپۇز قىلىنىدىغاندىك كۆرۈنىدۇ.
ئىككىنچى،تاجىك تىلىنىڭ لېكىسكىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،تاجىك تىلىدا پارسچە ،ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە سۆزلۈكلەر(ئاساسەن ئازدلىقتىن كېيىن قۇبۇل قىلىغان بولۇپ،كۆپىچىسى سىياسىي مەمۇرىي ۋە پەن-تېخنىكىغا ئائىت سۆزلۈكلەردۇر) ۋە ۋاسىتىلىق ھالدا قوبۇل قىلىنغان ئەرەبچە سۆزلۈكلەر بولغاندىن باشقا،تاجىك تىلىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى قەدىمكى شەرقىي ئىران تىللىرىدىن بولغان قەدىمكى ساكچەۋە سوغدىچە سۆزلۈكلەرنى ساقلاپ قالغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ⒈.گەرچە،بىزدە ھازىرچە قەدىمكى ساك ۋە باشقا شەرقىي ئىران تىللىرىدىكى سۆزلۈكلەر بىلەن تاجىك تىلىدىكى سۆزلۈكلەرنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېتەرلىك ماتېرىيال بولمىسمۇ،ئەمما ئىمكانىيەت دائىرىسى ئىچىدە تاجىك تىلىدىكى سۆزلۈكلەر بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەشقەر شېۋىسىدىكى بىر قىسىم سۆزلۈكلەرنى ئۆزئارا سېكىشتۇرۇپ كۆرۈشنى پۈتۈنلەي خاتا دەپ قارىمايمىز. ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەشقەر شېۋىسىدە ئەدەبىي يېزىق تىلىدا قوللىنلمايدىغان ،ئەمما ئېغىز تىلىدا قوللىنىلىش چاستوتىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان سۆزلۈكلەر خېلى كۆپ. قەشقەر شېۋىسىدە بۇ سۆزلەر يالغۇز كەلگەندە مەنىسى ئېنىق بولمىسىمۇ،ئەمما باشقا سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ كەلگەندە مۇستەقىل لېكسىكىلىق مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ سۆزلۈكلەر تاجىك تىلىدا مۇستەقىل ھالەتتە تولۇق لېكىسكىلىق مەنىگە ئىگە بولالايدۇ. مەسىلەن:
سارىكۇلچە ۋاخانچە قەشقەر شېۋىسىچە
بېيل بىل بەلچە
بۇرج بۇرج بۇرجەك
داكا دۇشنۇم دەككە(زەربە)
دېيگ دىگ دىيەك (قازان)
دۇغ دوغ ئىز
ئېپ يېپ ئەپ
گىلى چۇۋان گۈلە(قاق)
غوش غاش غىجىلاشماق
ئىندېيد ئىندىكىپ قپماق
جال جېل جۇلۋاغ
جالد جالد جىلدىپىر
كافسوڭ كېفساڭ كەپسەن
كاكۇ تۈخمۇرغ تۇخۇم كاكىلىماق
كۇد شاچ كۇدا(ئەركەك ئىت)
كاپا كاپو(يازلىق ئۆي) كاپا
كاپ كاپ (ئېتىلىپ بىرىپ چىشلەش) كاپ-كاپ كۈچۇك
قېي قاي قەي قىلماق
قىر قىر (تاغ) قىر،ئېگىز يەر
پېيما پايما پىما
پىش پىش(مۈشۈك) پىش-پىش (مۈشۈك)
پۇي پوي پايلىماق (پىدىماق)
چادىر چاتىر (كۈنلۈك) چېدىر
تالون تۇلون(بۇلىماق) بۇلاڭ-تالاڭ
لالمى لالمى (دالىدا ياشىماق ) لالما (ئىت)
لوفچ لافچ(ئېغىز) لاپ
لاڭ لوڭ لەڭ(توكۇر)⒉
يۇقىرىقى مىساللار بىزنى زادى قانچىلىك تىل ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ؟ بۇنىڭغا بىر نەر سە دېمەك ھەقىقەتەنمۇ تەس ،ئەمما بۇ سۆزلۈكلەر قەدىمكى قەشقەردە ياشىغان شەرقىي ئىران تىللىق خەلقلەرنىڭ تىللىرىدكى سۆزلۈكلەر بىلەن زادى قانچىلىك مۇناسىۋىتى بار؟مېنىڭچە ،بۇئىزدىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك تېمىلارنىڭ بىرىدۇ.
ئۈچىنچى ،تارىختا جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتىن يېقىن ،دىنىي ئېتقاد جەھەتتە مەلۇم ئورتاقلىققا ئىگە بولغان خەلقلەر ئارسىدا ئىقتىساد،مەدەنىيەت ۈئالماشتۇرۇش باشقا خەلقلەرگە قارىغاندا نىسبەتەن قويۇق بۇلغان تاجىك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ كېلىش مەنبەسى كۆپ قاتلاملىق،كۆپ مەنبەلىك بولۇپ،ئۇنىڭدا ئەرەپ ئەدىبىيرتى،پارسلارنىڭ قەدىمكىئەپسانىلىرى،شېئىر-ئەدەبىياتىنىڭ ئىزلىرى گەۋدىلىك كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بەزى ئەپسانە-رىۋايەتلەرنىڭ كېلش مەنبەسىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىسەكمۇ،لېكىن نەزى ئورتاقلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن مەلۇن دەرىجىدەبېشارەت بېرىدۇ.مەسىلەن:‹‹پەرھاد-شېرىن›› داستانىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى ناھايىتىمۇ كەڭ بولۇپ،ئۇشەرق تەرپتىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەردىن غەربتىكى كاۋكاز رايونىغىچەبولغان دائىرىدىكى ھەر قايىسى خەلقلەرنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا ھېلھەم ھەر خىل ۋاىيانت-شەكىللەردە ئۇچرايدۇ. بۇ داستان تارىخىي كېلىپ چىقىش جەھەتتىن قەدىمكى خوتەن ساك تىلىدا يېزىلغان ‹‹زامباستا››ناملىق مۇھەببەت داستانى بىلەن قەدىمكى ھىندىستاننىڭ مۇھەببەت داستانى ‹‹رامايانا››بىلەن مەنبەداش.تاجىك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى دۇردانىلىرىدىن بولغان ‹‹دۇختەرى قەيسەر چىن››ئادەمىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدۇ. ‹‹دۇختەرى قەيسەر چىن››داستاننىڭ ۋەقەلىكى ئاساسىي پېرسۇناژ نولغان پادىشاھنىڭ قىزىنى ھەرە ېقىۋالماسلىقىنى مەزكەز قىلغان قانات يايۇرۇلغان.قەشقەر شەھىرىنىڭ 10كىلومېتىر شىمالىدىكى تاغ باغرىدا ئۈچ دانە تۈۋرۈكلۈك بۇددا غارى بۇلۇپ ،غارنىڭ ياسىلىشى تۇغرىسىدىكى رىۋايەتتە،پادىشاھنىڭ ئۈچ قىزىنى ھەرە چېقىۋالماسلىقى ئۈچۈن ،ئېگىز تاغ باغرىدا غار كولاپ ھەرىدىن مۇداپىئە كۆرگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.گەرچە،بۇ رىۋايەتنىڭ چىنلىقى ئىسپاتلاش بۇماقالىنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولىسمۇ،ئەمما بۇرىۋايەت بىلەن ‹‹دۇختەرى قەيسەر چىن››داستانى ئوتتۇرىسىدىكى رىۋايەت مۇتىفىنىڭ ئوخشاشلىقى سەۋەبىسز بولمىسا كېرەك.ئۇنىڭدىن باشقا ،يەنە تاجىك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئەپسانە-رىۋايەتلەردىن ‹‹جاھاندا ئەڭ قۇدرتلىك كىم ››‹‹خاسىيەتلىك سۇپرا››بىلەن ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىن‹‹پاشىشاپ كىمدىن قورقىدۇ››ۋە‹‹ئېچىل داستىخىنىم ››دىكى ئاساسى دېتال ئوخسىشىپ كېتىدۇ.