- تىزىملاتقان
- 2014-2-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1844
- نادىر
- 0
- يازما
- 86
ئۆسۈش
84.4%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا obzorqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-8 21:10
yadikar0428 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 15:17
دەنيۇن؟ دەنيۇەن نامى؟ بۇلارنى « كورپۇس » دەپ تەرجىمە ...
دەنيۇن؟ دەنيۇەن نامى؟ بۇلارنى « كورپۇس » دەپ تەرجىمە قىلىپ كەلدۇق ، لېكىن بۇ كورپۇس دېگەن سۆز باشقا تىلدىن كىرگەن .
يەنە سىز دېگەندەك ‹1-ئىشىك›،‹2-ئىشىك›،‹3-ئىشىك› دەپ ئالساقمۇ يەنىلا دەل ، توغرا ئىپادىلەنمەيدۇ چۈشىنىشلىك،توغرا بولمامدۇ؟
قۇمۇلنىڭ قىز - جۇگانلىرى ئەلمىساقتىن تارتىپ ئەتتىگەن تۇرۇپ ، ئىشكايلىنى يامدايدۇ ، ئاندىن ھويلا ئاراملارنى يامدايدۇ ، ئاندىن ئارلىقنى يامداپ بولۇپ سۇ سىپىپ بولغاندىن كېيىن ، ئۆيىگە كىرىپ بالىلىرىنىڭ ئورۇن - كۆرپىلىرىنى يىغىۋەتكەندىن كېيىن كاڭنى ، ئاندىن ماڭدىنى يامداپ تازلاپ بولۇپ ، ئاندىن قوق ۋە مۇرجۇقلارنى ئەرتىدۇ .
ئىشكايلا دېگىنىمىز يەرلىك ئېغىز تىل بولۇپ ، ھويلا ئىشىكىنىڭ ئالدىدىكى ، شۇ ئائىلە كۈندا سۈپرۈشكە تەۋە بولغان جاينى بىلدۇرىدۇ ، ( يەنى ئىشىك ئالدى - دېگەن بولىدۇ ) .
ھويلا - ئارام ھەممىمىزگە چۈشىنىشلىك .
ئارلىق - بولسا ، ئۆيلەر بىلەن بىر قاتاردا سېلىنغان ، ھويلىدىن دەسلەپ كىرىدىغان 10 ، 20 ، ياكى 30 كۇۋادىرات مىتىر چوڭلۇقتىكى بىر ئېغىز ئۆي بولۇپ ، مۇشۇ ئارلىقتىن دالان ئۆي ، مېھمانخانە ئۆي ، ياتاق ئۆي ، قىزناق ۋە ئاشخانىلارغا كىرىدۇ .
ماڭدا - پەگاھ .
قوق - ئىشىك .
مۇرجۇق - ئىشىك يان ياغىچىنىڭ ئاستى قىسمى ، ( يەنى ئاتلاپ ئۆتىدىغان قىسمى ) .
يامداق - سۈپۈرگە .
يامدايدۇ - سۈپۈرىدۇ .
جۇگان ( جۇۋان )- چوكان .
قىزناق - يۇيىنىدىغان ۋە كېرەكلىك نەرسىلەرنى قويىدىغان ، ئايرىم ، كىچىك ئۆي .
ئەرتىدۇ - سۈرتىدۇ . ( ئەرتىش - سۈرتىپ تازىلاش ) .
ئايدىڭلاشتۇرماقچى بولغان ئۇقۇمنىڭ ئۆزىگە كەلسەك . ئارىلىق ___ دەنيۈەننىڭ نامىنى ھەقىقى ، تولوق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ، ساپ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇدۇر . شۇڭا 1 - ئارىلىق ، 2 - ئارىلىق ، 3 - ئارىلىق ... دەپ ئىشلەتسەك ئەڭ مۇۋاپىق . يەنە كېلىپ بۇ ئاتالغۇ بىنانىڭ سىرتتىكى ئىشىكىنى ئېچىپ كىرگەندىن كېيىنكى ئارىلىق جاينى ھەم ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ چىققاندىن كېيىنكى ئارىلىق جاينى ئۈجۈر - بۈجۈرىگىچە تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ . |
|