- تىزىملاتقان
- 2014-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1131
- نادىر
- 0
- يازما
- 86
ئۆسۈش
13.1%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bahadiryigit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-4 23:33
biterep يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 20:52
بۇنىڭدىن 24 يىل بۇرۇنقى كىتاپنىڭ خەۋىرىنى ئەمدى بەردىڭ ...
توۋا .سىز بىلمىسىڭىزلا دۇنيادا تەسىر قوزغىمىغان بولامدا.ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەپچىدىن كىرگەن سۆزلەر كۆپ ئەمەس. مەخمۇد قەشقىرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانىنى كۆرسىڭىز بىلىسىز. ئەرەپلەرنىڭ دۇنيا مەدەنىيتىگە قوشقان تۆھپىسى زور.بۇنى بىلىپ قالساق نىمە بۇپتۇ.ئېنگىلىزلارنىڭ تۆھپىللىرىنى بىرەر پەيلاسوپ دىگەن گەپلىرىنى ھېكمەتلىك سۆزلەر دەپ ئۆگىنىپ چوڭ بۈلىمىز.ئەرەپلەرنىڭ تۆھپىللىرىنى چوڭ بۈلسەك نىمە بۇپتۇ.ئەرەبنىڭ بولامدۇ،ئېنگىلىزنىڭ بولامدۇ،ياپۇننىڭ بولامدۇ،خەنلەرنىڭ بولامدۇ،نىمىسلارنىڭ بولامدۇ ھەممىسى ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشقان بولسا ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ.ئەرەبتە ئۆچىڭىز بار ئوخشايدۇ.ئىلىمگە بۇنداق بۈلۈنمىچىلىك نەزەر بىلەن قارىغان ئادەمنىڭ ناھايتىمۇ نادان ئىنسان ئىكەنلىكىنى كۈرىۋالغىلى بولىدۇ.ھازىر ئالى مەكتەپلەردە ئۆگىنىۋاتقان ئالگېبرانى شۇ ئەرەپلەر كەشپ قىلغان،ئاسماننى كۈزىتىدىغان تېلىسكۇپنڭ ئاساىنى شۇ ئەرەپلەر ياتاتقان.دوختۇرخانىغا كىرسىڭىز داۋالىنىشتا ئىشلىتىدىغان ھەرخىل بۈلۈملەرگە بۈلۈپ داۋالاش ئۇسۇلىنى شۇ ئەرەپلەر ئىجاد قىلغان.خېمىيلىك بۇيۇملارنى ياساش ئۇسۇلىنى شۇ ئەرەپلەر كەشىپ قىلغان. يەرشارىنىڭ يۇمىلاق ئىكەنلىكى ھازىرقى 365كۈن دىگەن ئۇقۇملارنىمۇ شۇ ئەرەپلار ئوتتۇرغا قويغان. كۈندىلىك تۇرمىشىڭىزدا كام بولسا بولمايدىغان ئونلۇق سېستىمىلىق رەقەمنىمۇ شۇ ئەرەپلەر سىزگە ئۆگەتكەن. يەن ئېنگىلىزلار دائىم دەيدىغان "earth" دىگەن سۆز دەل ئەرەپچىدىن كرگەن سۆز. يەنە ماتىماتىكا ئاتالغۇلىرىنىڭ نۇرغۇنى سىنوس ،كوسىنۇس ،تانگىنىس ،كوتانگىنىس ،لوگارىفما دەمدۇ ھەممىسى ئەرەپچىدىن كىرگەن.نۇرغۇن تىببى ئاتالغۇلار ئىبىنسىنانىڭ دىگىنى بۇيىچە قۇبۇل قلىنغان.نۇغۇرن خېمىيە ئاتالغۇللىرىمۇ ئوخشاش. ئېشىنى يەپ قاچىسىنى چاقساق بولمايدۇ.ھازىرنى كۈرۈپ ئۆتمۈشنى ئۇنتىساق بولمايدۇ. دۇنيادا بىرقانچە چوڭ مەدەنىيەت بارلىققا كەلگەن .مەملىكىتىمىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. بۇمەدەنىيەت بۈشۈكلىرى دەۋرىيلىك ئالمىشىپ تۇرغان.ئالمىشىپ كەتسە بۇرۇنقىنى تىللاپ ئۇنىڭ ئۇتۇقلىرىغا كۆز يۇمساق بولامدۇ.بۇ نادان ئىنسانلارنڭ قىلىدىغان ئىشى. خۇددى باشلىقى ئالماشسا بۇرۇنقى باشلىقىدىن يۈز ئۈرىگەن تۇزكۇرلانى ئىشى. چاۋشىيەنلىك تەتقىقاتچى چاۋشىيەن تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلپ چاۋشىيەن تىلىدىكى نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ خەنزۇ تىلىدىن كەلگەنلىكىنى بايىغان.بۇنىمۇ تىللاڭ ئەمدى.ھىچنىمىنى بىلمەي قارغۇلارچە ئۆز بىلىشىڭىز بۇيىچە باھا بەرسىڭىز تولىمۇ نادانلىق.چۈنكى سىز بىلمىگەنلا نەرسە دۇنيا دا يوق بولمايدۇ. |
|