يېقىندا مىسىرئەينۇششەمس ئۇنۋىرىستىتىدا ئىنگىلىز تىلى گىرامماتىكىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ئايالئالىم داھىيە ئابدۇلئەزىز ئىنگىلىزچە 285 بەتلىك بىر كىتاب يازغان بولۇپ،كىتابنىڭنامى‹ئەرەب تىلى-گىرمان تىلى،ئىنگىلىز تىلى،ھىندى تىلىنىڭ ئانىسى›.بۇ ئەسەردەئاپتورنىڭ ئۆتكەن ئون يىلدىكى كۆپ خىل تىلنى سىلىشتۇرما تەتقىق قىلغاندىكىنەتىجىلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ،چوڭ ھەجىمى،ئىشەنچىلىك دەلىللىرى بىلەن ھەيران قالارلىق پاكىتنى،يەنى ساكسون تىلى،لاتىنتىلىنىڭ پەقەت ئۆلچەملىك ئەرەب تىلىدىن كىلىپ چىققان تارماق تىل ئىكەنلىكىنىئىسپاتلاپ چىقتى. ساكسونتىلىدىكى %80 پىئىل ،لاتىن تىلىدىكى %75پىئىل ئەرەبچىدىن كەلگەن.شۇنىڭ ئۈچۈنساكسون تىلى ۋە لاتىن تىلىدىكى پىئىلدىن ياسالغان كۆپ مىقداردىكى سۆزلۈكمۇ ئەرەبتىلىدىكى سۆزنىڭ ئەسلى شەكلى بىلەن ئوخشاش.مەسىلەن:
بەزى گىرمان قەبىلىلىرىنىڭ ئىلاھلىرى بىلەنئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئىلاھلارنىڭ ئىسمى ئوخشاش،مەسىلەن:مناە-MANAN، ودا WODEN- . ھازىرقىزامان ئىنگلىز تىلى ساكسون تىللىرىدىن كىلىپ چىققان،شۇنداقلا لاتىن تىلى ئىنگلىزتىلىغا بولغان تەسىرى بەك چوڭ،شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى ئەرەبچە سۆزلۈكلىرى لاتىن تىلىئارقىلىق ئىنگلىز تىلىغا كىرگەن.مەسىلەن: سۆزلۈكتىكى چوڭ نىسبەتلىك ئوخشاشلىق ھادىسىسى پەقەت ئوخشاش بىر مەنبەدىنچىققان تىللاردىلا يۈز بىرىدۇ،داھىيە ئابدۇلئەزىز لاتىن تىلى،ساكسون تىلى،ئەرەبتىلىدىكى سۆز يىلتىزىنىڭ سانىنى سىتاتىسكا قىلغان،نەتىجىدە يۇقىرىقى سانلارچۈشەندۈرىدۇكى،ساكسون تىلىدىكى پېئىللاردىن 2140 سۆز يىلتىزى ئەرەب تىلىدىكى بىلەنئوخشاش،لاتىن تىلىدىكى 800 سۆز يىلتىزى ئەرەب تىلىدىكىگە ئوخشاش،پېئىل+ياردەمچىسۆز قۇرۇلمىسىدا،ساكسون تىلىدىكى 2240 يىلتىز ئەرەب تىلىدىكىگە ئوخشاشچىققان.بۇ سانلاردىن كۆرۈۋىلىشقابولىدۇكى،ساكسون تىلى ۋە لاتىن تىللىرى ئۇزاق يىللىق مۇرەككەپ تارىخىي،جۇغراپىيلىكئامىللارنىڭ تەسىرىدە،تىللاردا چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن،ئەمما ئەرەب تىلى بۇئەھۋالدىن مۇستەسنا،ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلى ھالىتىنى ساقلىغان. داھىيەسۆزلۈكلەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەپسىلى چۈشەندۈرگەندە،ھەرقانداق بىر سۆزنىڭ ئۆزگىرىشىمۇقارىغۇلارچە بولمايدىغانلىقى،سۆزلۈك ئۆزگىرىشىنىڭ تىل قائىدىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىندىرەك بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.تىلشۇناسلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا،ھەرقانداق بىرئۆزگىرىشنىڭ بىر مەنىسى بولىدۇ. مەسىلەن: ئىنگلىز تىلىدىكىHARBOUR،مەنىسىپورت،پاناھجاي.بۇ سۆز ئەسلى ساكسون تىلىدىكى ئىككى سۆزدىن تۈزۈلگەن،يەنى HERE BEORG . HEREBEORG قەدىمكى گىرمان تىلىدىكىHUNAN BURG دىنكەلگەن.قەدىمكى گىرمان تىلى تىلىدىكىسى ئەرەب تىلىدىكى ‹ھنا برج›(بۇ بولسا ماياك )دىن كەلگەن. قەدىمكى گىرمان تىلىدا ‹برج›ئۆزگەرمىگەن.پەقەت ‹ھنا›قائىدە بويىچە ئەڭئاخىرقى ئۇزۇن تاۋۇشNھەرپىگە ئۆزگىرىپ،ئارقىدىنلا ئوخشاش بىر سۆزدە سۈزۈكئۈزۈك تاۋۇش بولغاندا،بوم ئۈزۈك تاۋۇش ئۆزگىرىدىغان قائىدىگە ئاساسەن،Nھەرپى R ھەرپىگە ئۆزگەرگەن.قەدىمكىئەنگىلىيە خەلقى شىمالىي ياۋروپا ئاھالىلىرىدىن ياكى شىمالدىكى دىڭىزقاراقچىلىرىدىن مۇداپىيەلىنىش ئۈچۈن ،دىڭىز قىرغىقى لىنىيسىگە ماياكلارنى قۇرغان،كىيىنبۇ ماياكلار پەقەت دىڭىز قاتنىشىدا پاراخوتلارغا يول باشلايدىغان بەلگە سۈپىتىدەئىشلىتىلگەن. ئەگەرئىنگلىز تىلىدىكى ھەرپى بىلەن ئەرەب تىلىدىكى ‹ر›ھەرپىنى تەتقىق قىلىدىغانبولساق،تەلەپپۇز قىلغاندا،تىل ئىغىز بوشلۇقىدا تىز سۈرئەتتە تىترەيدۇ.ئەرەب تىلىداپېئىلدا تىترەڭگۈ تاۋۇش بولسا،بۇ ھەرىكەتنىڭ تەكرارلىقىنى ياكى چوقۇم بىر نەچچەباسقۇچتا تاماملىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.مەسىلەن،‹ر›ھەرپىنى باش ھەرپى قىلغانپېئىللار: رج ،ردف ،رج ع ،ربا،ردع........بەزى پېئىل سۆز يىلتىزى بىلەنمۇناسىۋەتلىك،مەسىلەن: رح ، رش،روى ،رسب قاتارلىقلار. بۇ ھەرپ لاتىن تىلىدىمۇئوخشاش رولغا ئىگە.ئىنگىلىز تىلىدىكى بەزى ياسالما سۆزلەرمۇ مۇشۇنداق، مەسىلەن: RETURN,REJECT,REPEATقاتارلىقلار. داھىيە كىتابىنىڭئاخىرىغا يەنە بىر قوشۇمچە بەرگەن بولۇپ،قەدىمكى مىسىر تىلىنىڭمۇ ئەرەبچىدىن كىلىپچىققانلىقىنى تىلغا ئالغان.بۇ تىلدىكى كۆپلىگەن سۆز ۋە ئالماشنىڭ ئەرەب تىلى بىلەنئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. شەرقشۇناسلار،غەرپتىكىئالىملار بۇ ئەسەرگە قانداق قارايدۇ؟ ئەرەب ئالىملىرى بۇ خەۋەرگەقارىتا كۆپچىلىكنىڭ ئىنكاسىنى كۈتمەكتە. تەرجىمىدە: پەلەك
ئەسلى مەنبەسى: خەنزۇچە ‹ئەرەب دۇنياسى تەتقىقاتى› ژۇرنىلىنىڭ 1990-يىللىق 4-سانى
|