- تىزىملاتقان
- 2012-7-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14885
- نادىر
- 19
- يازما
- 608
ئۆسۈش
12.21%
|
sim-sim يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 21:35
ئىنكاس يازساڭلار چوڭقۇرراق ئويلۇنۇپ ئاندىن يېزىڭلار د ...
ئەمدى ئەركىن سىدققا كەلسەك ئەركىن سىدىقمۇ ماقالىلىرىنى ئۆز ئىشلەۋاتقان ئۇرۇننىڭ ھاۋالىسى قوپالراق ئېيتساق بۇيرۇقى بىلەن يازىدۇ. ھەم ئاشۇ يازغان ئىلمى مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ماقالىلىرىنى شۇ ئورۇننىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ ئاشكارا ئېلان قىلالمايدۇ، چۈنى ئۇلار ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنىڭ ئىلمىي ئەمگىكىگە مۇئاش يەنى ھەق بېرىدۇ، گەرچە شۇ ماقالىدا ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنىڭ نامى قوللىنىلسىمۇ ئۇ ماقالىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ياكى بىر قىسىم ئىىگىلىك ھوقۇقى ئەركىن سىدىققا شارائىت يارتىپ بەرگەن، ماتىريال تەمىنلىگەن، ئىش ھەققى بەرگەن شۇ ئورۇندا بولىدۇ. ( مەن ئەركىن سىدىقتىن بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا سوراپ كۆرمىگەن، بۇ مېنىڭ ئەقلىي خۇلاسەم، ئەگەر ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇنداق ئەمەسلىگىنى ئېيتسا، خاتا خۇلاسە چىقارغانلىقىمدىن كەچۇرۇم سورايمەن).
= ========================= =
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
سىزنىڭ يۇقىرىدىكى كۆز-قارىشىڭىزغا قارىتا مەن ئازراق چۈشەنچە بېرىپ قوياي: بىر ئادەم ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر ئاسپرانت ئوقۇغۇچىلىرى قوبۇل قىلالايدىغان، ئىلمىي تەتقىقاتنى مەكتەپ پائالىيىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى قىلىدىغان ئالىي مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولۇپ كىرگەندە، دەسلىۋىدە «ياردەمچى پروفېسسور» (Assistant Professor) بولۇپ كىرىدۇ. ئۇ كىشى «Associate Professor» دەپ ئاتىلىدىغان 2-دەرىجىگە ئۆسۈپ، ئاشۇ مەكتەپنىڭ «ئۆمۈرلۈك پروفېسسور» دېگەن سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەسىدىكى خەلقئارالىق ژورناللاردا مەلۇم ساندىكى ئىلمىي ماقالىلارنى ئېلان قىلمىسا بولمايدۇ. پەقەت ئاشۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدىلا، ئىلمىي ماقالە چىقىرىش بىر ئالىي مەكتەپ پروفېسسورى ئۈچۈن مەجبۇرىيەت. ئۇ كىشى 2-دەرىجىگە ئۆسۈۋالغاندىن كېيىن بولسا، ئۇنىڭ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ تۇرىشى رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ، ئەمما تەلەپ قىلىنمايدۇ.
بىزنىڭ ئىدارىدىمۇ ھېچ كىمنىڭ ئىلمىي ماقالە چىقىرىش مەجبۇرىيىتى يوق. ئەمما، ئىلمىي ماقالە چىقىرىپ تۇرۇش رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. مەندە «باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايدۇ» دېگەنگە بىر ئىسپات بولۇش غايىسى بار بولغاچقا، مەن ئىلمىي ماقالە چىقىرىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدىم. بىز ئىلمىي ماقالىنى خىزمەت ۋاقتىدا تەييارلىساق بولىۋېرىدۇ. ئەمما، نورمال خىزمىتىمىزگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويماسلىق شەرتى ئاستىدىلا شۇنداق قىلالايمىز. مەن ناسا غا خىزمەتكە كىرگەن 10 يىلنىڭ ئىچىدە يالغۇز ئاپتور، 1-ئاپتور ۋە قوشۇمچە ئاپتور بولۇپ، جەمى 28 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ نەتىجە بىزنىڭ ئىدارىمىزدە بىر رېكورد يارىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن خېلى كۆپ مۇكاپاتلارغىمۇ ئېرىشتىم.
ئوپتىكا ئىلمى ساھەسىدە «ئامېرىكا ئوپتىكا جەمئىيىتى» تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان ئىلمىي ژورناللار سەۋىيە ۋە قوبۇل قىلىنىش قىيىنلىق دەرىجىسى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ ژورناللارغا يوللانغان ئىلمىي ماقالىلار ئالدى بىلەن شۇ كەسىپتىكى 5 نەپەر «باھالىغۇچى مۇتەخەسسىسلەر» (reviewer) گە ئىۋەرتىلىدۇ. ئۇلاردىن 3 نەپەر كىشى تەستىقلىغاندىلا، ئاندىن ئۇ ماقالە ژورنالغا قوبۇل قىلىنىدۇ. مەن 10 نەچچە يىلنىڭ مابەينىدە ئىزچىل تۈردە ئاشۇ ژورناللارغا ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن بىر «باھالىغۇچى مۇتەخەسسىس» بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، تېخى تۈنۈگۈن ئاشۇنداق ماقالىدىن بىرىنى باھالاپ يوللاپ بەردىم. بىزنىڭ ئىدارە بۇ ئىشنى خىزمەچ ئىچىدە قىلىشقا يول قويمايدۇ. شۇڭا مەن ئۇنى چوقۇم ئۆزەمنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىدا قىلىشىم كېرەك.
بۇ ئۇچۇرلارنىڭ سىزگە ئازراق پايدىسى بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
|
|