يېقىندا «بىلىمنىڭ زاكىتى»دەيدىغان بۇ ئۆزگىچە ئاتالغۇ پەيدا بولۇپ، ئەيتاۋۇر بىر قىسىم «بىلىملىكلەر» ئۆزبىلىمىنىڭ زاكىتىنى ئايرىپ، بىلمىگەنلەرگە ئازدۇر-كۆپتۇر «ئۈگۈتۈش» ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىش تەمەسىدە ساۋاپ ئىزدەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ. ئاتالمىش «بىلىمنىڭ زاكىتى» دىگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ ئارقىسىغا يۇشۇنغان خەۋپنى بىلمەي، ئۆزىنى ۋەئۆزگىنى ئالداپ يۈرىۋاتقانلىقتەك بۇ ئەخمىقانە ئىشلار مېنىڭ دىققىتىمنى تارتىپ،ئۆز كۆز قارىشىمنى ئورتاقلىشىش ئارقىلىق بۇنىڭ ئارقىسىدىكى سىرلارنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىنى ئويلىغان بولساممۇ «مانا، ئەنە» دەپ ئېغىرلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدىم. لېكىن يېقىندا يۈز بەرگەن بىر ئىش مېنىڭ كەمىرىمنى قايتا چىڭىتىپ مۇشۇتوغۇرلۇق قەلەم تەۋرىتىشمگە تۈرتكە بولدى. بىر قېتىم دۇكانغا ماتىريال سېتۋېلىپ قايتىش يولىدا تاسادىىپىي ھالدا مونۇ دىئالۇگىلار قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى. « مەن دىگەن ئانداق داشۆدەئوقۇغان مانداق داشۆدە ئۇقۇغان دىگەن بىلەن بىر موچەننى پارچىلاپ خەجلەيدىغان قەلەندەر گۇينىڭ گېپىنى كۆرەي، قۇۋرىغىلىرىمنى ئىگىپ» دىدى ئا ب غا. «شۇنى دەيمەن،ئۇنداق قەلەندەرلەرگە چۈشۈپ قالغان پۇلىمىز بارمۇ دەيمەن، بىر تال توختامنى<500 كويغا يازىمەن> دىسە ماقۇل دەپ تۇتقۇزۇپ قويىدىغان» دەيتى ب ئا غا. «ئاغىينىلەربۇنداق بىكار پاراڭ سوقۇشۇپ يۈرگىچە ئى تور دەيدىغان بىرنىمىگە بىلىمنىڭ زاكىتىنى ئايرىيدىغانلارغا قارتا ئېلان چىقارساق بىردەمدىلا ھەل بولمامدۇ» دىدى س ئۇلارغا.شۇنىڭ بىلەن ئۈچى مۇشۇ مەسلىھەت بويىچە تورغا ئېلان بېرىپ بېرىدىغان بىلىم زاكاتچىسىنى ئىزدەشنى قارار قىلىشىپ تالاش-تارتىشقا چۈشتى. پېقىرنىڭ ئەمدى ئۇ يەردە ئىشى قالمىغاچقا دوكىنىمغا راۋان بولدۇم. دۇكانغا كىرىپ بىلدىمكى ھېلىقى ئاتالمىش بايۋەتچە بىلىم قەلەندەرلىرى دەل مېنىڭ مۇشۇ دوكىنىمدىن دەككىسىنى يەپ چىققان ئىكەن. دوكىنىم كومپيوتېر مۇلازىمەت ئورنى بولۇپ ئىلگىرى ئۆزەم يالغۇز ئىدىم يېقىندا شىنجاڭ ئونۋېرسىتى قانۇن فاكۇلتىتىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغان ئىنىم ماڭا قول قانات بولۇپ ياردەملىشىۋاتاتتى. مەن سىرتقا ماتىريالغا چىقىپ كەتكەندە دۇكاندا ئىنىم قالغان ئىدى، بايىقى بىلىم قەلەندەرلىرى بولسا مۇشۇ پۇرسەتتە دوكىنىمغا كىرىپ ئىنىمدىن دەككىسىنى يەپ، دۇكاندىن 50 مىتىرچە نېرىدىكى دوخمۇشتا پاراڭلىشىۋاتقان ئىكەن. مەن دۇكانغا كىرگەندە ئىنىمنىڭ دىيىشىچە ھېلىقى بايۋەتچىلەر دۇكانغا كىرىپ ئۆزلىرىگە «ئىنتايىن مۇكەممەل، قىلچەسۇ ئۆتمەس» قىلىپ بىر قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك توختامى يېزىپ بېرىشنى ئېيتقان ئىكەنئىنىم 500 يۈەن باھا قۇيۇپتۇ، 500 يۈەن ئەمەس ھەتتا 50000 يۈەننىمۇ ئانچە كۆزگەئىلىپ كەتمەيدىغان ھېلىقى ئاتالمىش بايۋەتچىلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھۇشىدىن كەتكىلى تاس قاپتۇ، ھەمدە سالا قىلىپ « ئىلىمنىڭ زاكىتىنى بەرسە ساۋاپ بولىدۇ»غانلىقىنى ئېيتىپ ئەرزان قىلىپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ،ئىنىم بولسا :« مەن ئاتا- ئانامنىڭ تەرگەن تاپقىنى خەجلەپ، بەش يىل قانۇن ئوقۇدۇم،پۇلنى تىجەيمەن دەپ كۈنلىگى موما يەپ، سۇيۇقاش ئىچىپ، كەچلىرى قۇشۇمچە ئىشلەپ،شۇنچە جاپادا بىلىم ئىگەللىدىم، بۇ جەرياندا نۇرغۇن جاپا تارتتىم، ئاتا-ئانام نۇرغۇن چىقىمدار بولدى، مېنىڭ ئالتۇنغا بەرگۈسىز 5 يىل ۋاقتىم سەرىپ بولدى، ئەمماھەر قايسىلىرى بولسا مەن ئۇقۇشقا ماڭغان ۋاقىتتا پۇل تېپىش يولىغا ماڭدىلا، مەن جاپالىق تىرىشىپ ئۇقۇشنى داۋاملاشتۇرۋاتقان ۋاقتىمدا بولسا پۇل تېپىش يولىنى ئىزدىدىلە، ئەمدى مەن ئاران ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئايلىقى بىرنەچە مىڭ يۈەنلىك خىزمەت تاپالماي يۈەرگەندە بولسا ھەرقايسىلىرى كۈندە تۈمەنلەپ پۇل تاپىدىغان بايۋەتىچىگەئايلاندىلا. مەن شۇنچە جاپادا ئۈگەنگەن بىلىمنى سىلىگە زاكات ئايرىپ بەرسەم بولىدىكەن، سىلى مەن ئېلىشقا ھەقلىق بولغان كىچىككىنە پۇلنى ماڭا بەرسىلە بولمامدىكەن»دەپ ئۇلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويۇپتۇ. مەن «سەل ئىىتتىكلىك قىپ قويدۇڭماقانداق» دىسەم ئۇ «مېنىڭ دىگەنلىرىم ئەمەليەت تۇرسا، ھازىر سەن بىلەن بىزنىڭ بىلىمىمىزدىن بىكارغىلا پايدىلانغىنى بىلەن ۋاقتى كېلىپ بىز ئۇلارنىڭ ئالدىغا 10 كوي سوراپ بېرىپ باقايلىچۇ قېنى بىرەمدىكىن؟ ھازىرقى جاھاندا نىمە ئۈچۈن بىلىىملىكلەرنىڭ قەدرى يوق بىلەمسەن؟ چۈنكى بىلىملىكلەر پۇلدارلارنىڭ <بىلىمنىڭ زاكىتىنى ئايرىش> قاتارلىق تۈرلۈك ھىلە نەيرەڭلىرىگە ئىشىنىپ ئۆزبىلىمىنى ئۇلارغا بىكارغىلا بېرىۋەتكەندىن كېيىن بىلىمنىڭ قەدىر-قىممىتى تۆۋەنلەپ،ئاقىۋەت پۇلدارلار ئەزىز بىلىملىكلەر خار ھالەتكە كەپ قالغان جاھان بۇ. خەقمۇ بىزدەك جاپا تارتىپ ئوقۇسۇن، بىلىم ئالسۇن ... قارىغىنە ھازىر نۇرغۇن ئادەملەربالىلىرىلىرىنى مەكتەپتىن ئاجىرتىۋالالماي ئاۋارە، نىمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇلارئەمەليەتنى كۆردى، جاپا تارتىپ ئوقۇغان بىلەن بىلىملىكلەرنىڭ ئاخىرىسداپۇلدارلارنىڭ قۇلىدا خار بولۇپ، قۇل بۇلۇپ يۈرگەنلىگىنى كۆردى، شۇڭا ئۇلار <بىلىم ئالغاندىن پۇل تاپقان ياخشى> دەپ قارايدۇ، ئەگەر مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئاخىرى مىللتىىمىزدە بىر مەيدان بىلىم قەھەتىچىلىكى يۈز بېرىدۇ. ئۇ چاغدا مىللەت نىمە بولىدۇ؟ ئەگەرشۇنداق بولۇپ قالسا ئۆز بىلىمىنىڭ قەدىر قىممىتىنى قىلشىنى بىلمىگەن، باشقىلارنىڭ <بىلىمدىن پۇل ئەلا> دىگەن كۆز قاراشقا كېلىپ قېلىشقا سەۋەبچى بولغان بىزلەرگە ئەڭ ئېغىرمەسئۇليەت ئارتىلىدۇ بىلەمسەن؟ ئۇ چاغدا سەن بىز ئۆزىمىزەگە بىلىم بەرگەن مەكتەپكە، ئۇقۇتقۇچىلىرىمىزغا، جاپا تارتقان ئاتا-ئانىمىزغا، ئەڭ مۇھىمى خەلقىمىزگە، ۋەتىنىمىزگە قايسى يۈزىمىز بىلەن قارايىمىز؟...» دەپ بىرلا قايناپ ئالدىمنى توسۇپ قويدى. ئۇنىڭ دېگىنى ھەقىقەتەن توغرا ئىدى، ھازىرقى جەمئىيەت ھەقىقەتەن بىز ئوقۇغان ۋاقتتىكى «بىلىم-بايلىق»دىگەن ئەقىليە سۆزگە تامامەن زىت ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك يەنىلا بىلىملىكلەرنىڭ كەڭ قۇرساقلىقى،بۇشاڭلىقى، گالۋاڭلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايتى، ئەڭ مۇھىمى بىلىملىكلەر«بىلىمنىڭ ھەقىقەتەن پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىق» ئىكەنلىگىنى جەمىئيەتكە ئىسپاتلاپ بېرەلمىسەك، مۇشۇنداق بىلىمنىڭ قەدرى تۆۋەنلەپ كېتىۋەرسە، بالىلار ئوقۇماي كىچىكىدىن باشلاپلا پۇل تېپىشقا كىرىشىپ كەتسە، مىللىتىمىز ھەقىقەتەننمۇ بىلىم قەھەتچىلىكىگە قالىدىغان ئىش بوپقالسا ئەجداتلىرىمىزغا: مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر ناۋائىي...قاتارلىق ئەجداتلىرىمىزغا يۈز كىلەلمەيتۇق. بىر مىللەتنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتى پۇلى بىلەن ئەمەس يېڭى تېخنىكىلىرى بىلەن ئۆلچىنىدىغان بۇگۇنكى كۈندە خەلقىمىز بىلىمسىزلىك دەشتىدە تەمتىرەپ يۈرسە بۇنىڭ مەسئۇليىتى ھەقىقەتەن بىلىمنىڭ قەدرىنى قىلىشنى بىلمىگەن بىلىملىكلەردە بۇلاتتى،ھېلىقى پۇلدار نادانلار بولسا بۇنچىلىك مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئەمەس ھەتتا بۇنى چۈشىنىشىمۇ بىر گەپ ئىدى. گەرچە بۇ ئىش سەل ئىچى تارلىقتەك بىلىنىدىغان بولسىمۇ زىيادە كەڭ قۇرساقلىق باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئاخماقلىق سانىلىپ، بىر قىسىم يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇمكىن ئىدى. شۇڭلاشقا «ئەي بىلىملىكلەر! ئۆز بىلىمىڭلارنىڭ قەدىر قىممىتىنى قىلىشنى بىلىڭلار! ئۆز بىلىمىڭلەرنى ئەرزىمەس نەرسىلەرگە تىگىشىپ، ئاقىۋەت مىلەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويناشماڭلار !!!» دەپ ۋارقىرىغىم كەلدى. |