قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5041|ئىنكاس: 41

شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىىغا مۇھىم بىر تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

6294

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30578
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 2030
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 22:59:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   biterep تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-5 14:30  

شىنجاڭ تىلىۋىزىيەسىدىكى جاپاكەش يولداشلار، ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر،  ياخشىمۇ سىلەر؟
مەن كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسى نامىدىن مۇھىم بىر ئىشنى سىلەردىن تەلەپ قىلىمەن، بۇ ئىش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، خەلقنى قانۇن ۋە ئاڭ ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتە بەك مۇھىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭ ئىژتىمائى ئۈنۈمى بەلكىم ناھايىتى چوڭ ۋە ئۇزۇن داۋاملىشىشى مۈمكىن. شۇڭا  ھەرقايسىڭلارنىڭ بۇ تەكلىپكە كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەل قىلىش توغرىسىدا ئويلىنىپ ۋە ئىزدىنىپ بېقىشىڭلارنى، ،مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرگە دوكلات قىلىشىڭلارنى  بەكمۇ ئۇمۇت قىلىمەن. ھەم سىلەرنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىپ باقىدىغانلىقىڭلارغا ۋە ھەل قىلىدىغانلىقىىڭلارغا ئىشىمەن.
مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم شۇكى:  ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئىلىمىز ۋە رايۇنىمىزدا ئىقتىزاد بەلگىلىك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان بولسىمۇ لىكىن كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيەسىنىڭ ماس ھالدا ئۆسمەسلىكى، جەمىيەتتىكى چىرىك ئىددىيەلەر، كىرىم پەرقى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ھەر خىل زىددىيەتلەر، ئىدىلوگىيە جەھەتتىكى ئوخشىمىغان قاراشلار، مەدەنىيەت پەرقى ... قاتارلىق نۇرغۇن مۇرەككەپ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن جەمىيەتتە ھەر خىل قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار، يەنى ئامانلىق دىلولىرى، ئىقتىزادى تالاش-تارتىش، ئائىلە-نىكاھ ماجرالىرى، چىرىكلىك، بىئوگىراتلىق، ھوقۇقىدىن قالايمىقان  پايدىلىنىش،  خۇراپاتلىق، يالغان خەۋەر، ساختا مۆجىزە تارقىتىش، باشقىلارنىڭ دىنى ئېتىقادىغا ئارىلىشىپ بىرەر دىنغا ياكى بىرەر مەزھەپكە ئىشىنىشكە ياكى ئىشەنمسەسلىككە مەجبۇرلاش، ھەتتا زوراۋانلىق ، تىرۇرلۇق ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ يولسىز ياكى يوللۇق مەخسەتلىرىگە يىتىشكە ئۇرۇنۇش... قاتارلىق ۋەقەلەر كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە.
يۇقارقى مەسىلىلەرنى مەن دىمىسىەممۇ بەلكىم نۇرغۇن ئالى مەلۇماتلىق، ئالى ئۇنۋانلىق، ئالى تەمىناتلىق نۇرغۇن مۇتەخخەسىسلەر مەخسۇس تەتقىق قىلىۋاتقان، بۇ مەسىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە كىچە-كۈندۈز ئىزدىنىۋاتقان بولىشى مۈمكىن، لىكىن شۇنداق بولسىمۇ بىر ئاددى پۇخرالىق مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلىش، جەمىيەتنىڭ تىنىچلىقى ، تەرەققىياتىغا ئاز بولسىمۇ ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن بۇ توغرىلىق بىر تەكلىپنى  يەنى، شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئۇيغۇر تىلىدا قانۇن قانىلى تەسىس قىلىشنى سىلەرگە ئىلتىماس قىلماقچىمەن.
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، تېلىۋىزىيە ھازىر ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان، ۋە كىشىلەرنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغان بىر خىل تاراتقۇ بولۇش سۈپتى بىلەن تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىپ بىزنىڭ ھەر بىر سۆز ھەتتا ھەر بىر ھەرىكىتىمىزگىمۇ تەسىر قىلىدىغان دەرىجىگە يەتتى. شۇڭا بۇ مۇھىم تاراتقۇنىڭ ئىژتىمائى پىكىرنى توغرا يۆلىنىشكە باشلاش رولىدىن پايدىلىنىپ قانۇن بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلغاندا كىشىلەرنىڭ قانۇن ئېڭىنى تەبىئى ھالدا ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، بۇ نۇرغۇن قېتىملىق قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىىدىن، نۇرغۇن يازمىچە ماتىرىيال تارقىتىش، ئىمتىھان ئىلىش، نۇتۇق سۆزلەش...لەردىن ئۈنۈملۈك بولىشى مۈمكىن. جەمىيەتنىڭ تىنىچ ئىناقلىقى، تەرەققىياتىغا ھەرقانداق بىر مەمۇرى ھەرىكەتتىنمۇ كۆپرەك تۆھپە قوشىشى مۈمكىن.
شۇڭا مەن ئاپتۇنۇم رايۇن رەھبەرلىرىنىڭ بۇ ئىشنى ئويلىشىپ كۆرۈپ ، بۇ مەخسۇس قانالدا ھەر خىل قانۇن بىلىملىرى، دىلۇ مىساللىرى ، قانۇنى ھوقۇق مەنپەئەتنى قوغداش توغرىلىق بىلىملەر، پاش قىلىش مەخسۇس پىروگىراممىسى، تەربىيە ئەھمىيىتى بار شۇنداقلا قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىك فلىم، ھىكايە فىلىملەر... قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق پىروگىراممىلار ئارقىلىق خەلىق ئاممسىىنىڭ قانۇن ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتىرىشى ئۈچۈن بۇ ئىشنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ كۆرىشىنى ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن تەلەپ قىلىمەن.
بەلكىم بۇ ئىش بەلگىلىك ئىقتىزادى كۈچ، ئادەم كۈچى تەلەپ قىلشىى مۈمكىن، بىراق يۇقارقى ئىزگۈ مەخسەتلەرگە يىتىش ئۈچۈن بۇ ئىشنى قىلشقا ئەرزىيدۇ. ئەلۋەتتە بۇ قانال ئۈچۈن پىروگىرامما مەنبەسى مەسىلىسى بىرىنچى مەسىلە بولىشى تۇرغان گەپ، مىنىڭچە ئالدى بىلەن قانۇن لىكسىيەسى، مەخسۇس پىروگىرامما ئەترىدى قۇرۇش ، مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قانۇن ۋە جەمىيەت قانىلىنىڭ  پىروگىراممىلىرىنى تەرجىمە قىلىش قاتارلىقلار بىلەن بۇ ئىشنى ئاددىلىقتىن باشلاپ بارا بارا تەرەققى قىلدۇرۇپ كەتكىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
بەلكىم سەۋىيە سەۋەبىدىن ئارتۇق گەپ قىلىپ تاشلىغان بولىشىم، كۆڭلۈمدىكىنى توغرا ئىپادىلىيەلمىگەن بولىشىم مۈمكىن، بىراق يازمامنى تۈزۈتۈپ ئوقۇپ ۋە دىمەكچى بولغانلىرىمنى تۈزۈتۈپ چۈشۈنۈپ مۇشۇ ئىشنى ھەل قىلىپ بەرگەن ۋە تور يۈزىدە مۇشۇ ئىش توغرىلىق بىر جاۋاپ بىرىشكە تىرىشقان بولساڭلار.
سىلەرنىڭ جاۋابىڭلارنى كۈتۈپ ۋە جاۋاپ بىرىدىغانلىغىڭلارغا ئىشىنىپ ، ھۆرمەت بىلەن:
ئاددى تورداش
ئەسكەرتىش: بۇ تېمىنىڭ رۇياپقا چىقىشى ۋە تەستىقلىنىشىدا كۈچ چىقارغان بوزقىر ئەپەندىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتمەن.
2014-يىلى 3-ئاۋغۇسىت

18

تېما

4

دوست

5440

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 369
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1680
توردىكى ۋاقتى: 470
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 11:23:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمىئيەت ۋە قانۇن دىگەن مەخسۇس قانالدىن بىرنى  تەھسس قىلسا ،  ما قانۇن ئىجرا قىلغۇچلارنىڭ ۋە پۇخرالارنىڭ قانۇن سەۋيەسىنى يۇقىرى كۆتۇرسە بولاتىتى .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

6294

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30578
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 2030
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 11:58:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
makit يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 11:23
جەمىئيەت ۋە قانۇن دىگەن مەخسۇس قانالدىن بىرنى  تەھسس ق ...

بۇ تەكلىپ ئەمەلگە ئېشىپ ئۇيغۇرنىڭ قانۇن ئېڭى ئۆسسە، مەنىۋى تۇرمۇشى بېيىسا ، مۇشۇ باھانىدا تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىش ئورنى كۆپىيىپ ئىش كۈتىۋاتقان ئىختىزاس ئىگىلىرى ئىشقا ئۇرۇنلاشسا ياخشى .

3

تېما

2

دوست

2701

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28391
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 824
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 12:25:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەكلىپ ناھايىتى ئۇرۇنلۇق. سىياسەتنى چۈشەنمەك تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىياسەت دىگەن ئۆزگۈرۈپ تۇرۇدۇ. ئەمما قانۇن دىگەن ئۇمۇمەن ئۆزگەرمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پۈخرالار قانۇن ئۈگۈنۈشى ئۈچۈن چوڭ سەھنە ھازىرلىنىشى كىرەك. بۇلۇپمۇ بىز ئۇيغۇرلار قانۇنغا ئانچە ئەھمىيەت بىرىپ كەتمەيدىكەنمىز. شۇنداق بولغاچقا نۇرغۇن ئىشلاردا ئۈزىمىزنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتىمىزنى قوغدىيالمايمىز. قانۇن بىلمىگەنلىگىمىز ئۈچۈن قانۇن ئالدىغا بارساقمۇ يازغان ئەرزىمىز قانۇن تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلنمايدۇ. چۈنكى ئەرزىگە چۈشلۇق دەلىل ئىسپات توپلاشقا ئەھمىيەت بەرمەيمىز. قانۇن پەقەت دەلىل ئىسپاتنى ئاساس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەزىدە قانۇندىن ئاغرىنىپ قالىدىغان ئىشلارمۇ بار. ھەتتا قانۇن ئىجىرا قىلغۇچىلاردىن قالايمىقان گۇمانلىنىپ ئۇلار داۋانى ئادىل سورمىدى دەپ رەنجىپ قالدىغان ئىشلارمۇ كۆپ. بىز ئۈزىمىزنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتىمىزنى قوغداش ئۇچۇن ئالدى بىلەن قانۇن ئۈگۈنۈشىمىز ئىنتايىن زۈرۈر. بۇ بوشلۇقنى تىلۋىزىيە ئىستانسىللىرى ئاساسەن تولدۇرالايدۇ.

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 1118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 3233
توردىكى ۋاقتى: 833
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 12:30:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوزقىر مۇنبىرىنىڭ يىڭى بىكەت ئادرىسى:

http://bbs.bozqir.net/thread-5214-1-1.html

1

تېما

0

دوست

6294

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30578
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 2030
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 12:46:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ilqi62 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 12:25
بۇ تەكلىپ ناھايىتى ئۇرۇنلۇق. سىياسەتنى چۈشەنمەك تەس. ئ ...

قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىمىز دەپ نۇرغۇن مەبلەغ سالىدۇ، لىكىن ئاساسەن ئۈنۈمى بولمايدۇ، بىزنىڭ تەرەپتە ھەر  يىلدا بىر قېتىم قانۇن بىلىملىرىدىن ئىمتىھان ئالىدۇ، بىراق جاۋابى تەييار، توۋا دەيمەن، مۇشۇ ھۈكۈمەت نىمىشقا ئشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا ئويلاشمايدۇ دەيمەن.

0

تېما

0

دوست

144

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30460
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 14:03:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  قانۇندىن   سىياسەننىڭ  ۇستۇنلىگى  ھەممىمىزگە  ايان  .تىمىدىكى  ىدىيە
  ەمىللەشكەن  تەگدىردىمۇ بىرخىل  شەكىلۋازلىققا  ايلىنىپ   قىلىشى  مۇمكىن  .  مۇنىمۇ   كوردىغانغا  ادەم  چىقماي  قالدۇ  خۇددى  ېلانغا  وخشاش ...

1

تېما

0

دوست

6294

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30578
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 2030
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 14:27:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KARAKQI0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 14:03
قانۇندىن   سىياسەننىڭ  ۇستۇنلىگى  ھەممىمىزگە  ايان  .ت ...

ئۇنچىۋالا دەپ كەتمەڭ، ئۈمۈتسىز شەيتان دەپتىكەن.
چوقۇم كۈرۈدىغان ئادەم چىقىدۇ!
جەمىيەت ، ۋەزىيەت مۇشۇ قانالنى تەقەززا قىلۋاتىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )