قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3819|ئىنكاس: 20

نىمە ئۈچۈن بېيىيالمىدۇق(ئىلمىي مۇلاھىزە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

881

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   76.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18202
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 260
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 21:27:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنچى ئىشىك.سىز ھېلىغىچە نىمە قىلدىڭىز؟

مۇئەللىپ- ئابدۇللا سالامەت قاشتېكىن

بىرىنچى قازناق: سەلەي باي كىم؟
        «ئۈجمە سايىسى»دىگەن ئويغۇر خەلىق چۆچىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز، چۆچەكتىكى پىرسۇناژ بولغان سەلەي باي ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە قارىغاندا سەل پۇلدارراق ئادەم، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى يول بويىدا بىرتۈپ ئۈجمە دەرىخى بار، كىشىلەر بازارغا بارغان- يانغانلىرىدا مۇشۇ ئۈجمە سايىسىغا كېلىپ ئارام ئالىدۇ، لېكىن، سەلەي باي ئۈجمىنىڭ سايىسىنى قورۇيدۇ، ئەپچىلەملەر ئۇزۇن ئويلاپ ئاخىرى ئۈجمە سايىسىنى سېتىۋېلىش ھىلىسى بىلەن باينى يۇرتتىن كۈچۈرۈۋېتىدۇ، چۆچەكتىكى ۋەقەلىك مۇشۇنچىلىكلا. مۇھتاجلىقنى، نامرات ياشاشنى ھېچكىم خالىمىسا كېرەك.بىز ئەپچىلەملەرنىڭ كۆزىدىن باينىڭ ئاشۇ يۇرتقا نىسبەتەن كۆپ سانالغان بايلىقلىرىغا كۆز ئالايتىشىدىن ھەۋەس ئەمەس، بەلكى، ھەسەد ئوتىنى كۆرىمىز. ھەسەد ئۇلارنى كېچە -كۈندۈز كۆيدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارامىنى بۇزىدۇ، ئەمما، باي بەرىبىر باي ئىدى، باي ھېرىپ- ئېچىپ ئېتىزدا ئىشلەپ كەلسە ئەپچىلەملەر ئۈجمىنىڭ سايىسىدا بەھۇزۇر راۋاب چېلىپ ناخشا ئېيتىشاتتى، ئەپچىلەملەر بولسا نامرات ئىدى، ئۇلارمۇ باي بولۇشنى، بايلىقنىڭ راھىتىنى كۈرۈشنى خالايتتى، ئەمما، ئۇلار باينىڭ نىمە ئۈچۈن باي بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ نىمە ئۈچۈن نامرات بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشىنەلمەيتتى. دەرھەقىقەت، ئاز سانلىق كىشىلەر باي بولىدۇ، كۆپ سانلىق كىشىلەر بولسا ئۇلارغا ئىشلەپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغانلاردىن بولىدۇكى، ھەممە ئادەم باي بولۇپ كېتىۋېرەلمەيدۇ. نىمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، كۆپ سانلىق  كىشىلەر باي بولۇشنى خالىمايدۇ، شۇنداق بولغاچقا ئۇلار بېيىش يولىنى تاللىمايدۇ. ئەپچىلەملەرمۇ ئۈجمە تىككەن بولسا ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئۈجمە سايىسى بولغان بولاتتى، ئۇ چاغدا باينىڭ ئۈجمىسىنىڭ سايىسىغا ھاجىتى چۈشمەيتتى.گەپ مۇشۇ يەردىكى، ئەپچىلەملەر ئۈجمە تىكمەي ئۈجمە سايىسىغا ئېرىشكىنى بىلەن بېيىشنىڭ ئىنچىكە قائىدىلىرىنى ئۈگەنمەي، ھەممىدىن مۇھىمى تەكرار ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ بېيىش پەقەت چۈش چۈش بولۇپ قالىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئەپچىلەملەر باينى كۈچۈرۈۋەتكىنى بىلەن بىر مەزگىل ئۆتسە موللام ئېيتقان بايىقى دىگەندەك ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئەپچىلەملىك ھالىتىدىن ھالقىيالمايدۇ.
        مەن ئوقۇغۇچىلىرىمدىن مۇشۇ مەسىلىنى سوراپ باقىمەن، سىلەر پۇلغا ئامراقمۇ؟ دىگەن سۇئالغا قايتۇرۇلغان ئىنكاسلار ئومۇمەن ئوخشاش، ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئىچىدە پۇلغا ئۆچمەن دىگەنلىرىنى ئوچراتمىدىم. لېكىن، باياشاد بولغان ياخشىمۇ ياكى نامرات ياشىغان ياخشىمۇ دىگەن سۇئالدا  قىزىقارلىق پاراڭلار كۆپ چىقىدۇ، كۆپ ھاللاردا ناھايتى كۆپ قىسىم بالىلار نامراتلىق ياخشى دەپ قوپىدۇ، لېكىن، سەن كېيىنچە باي بولۇشنى خالامسەن ياكى نامرات ياشاشنى خالامسەن دىگەن مەسىلىگە كەلگەندە تېڭىرقايدۇ ياكى نامرات ياشاشنى خالىمايدىغانلىقىنى بايان قىلىشىدۇ، بۇلاردىن كۆپ سانلىق  كىشىلىرىمىزدىكى ئىقتىساد ياكى پۇل توغرىسىدىكى چۈشەنچىلەرنىڭ تۇتۇق ياكى يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋېلىش مۇمكىن. نۇرغۇن كىشىلەر تۇيۇقسىز بېيىپ كېتىشنى ئويلايدۇ، ئۇلار يۇرۇڭقاش ياكى قاراقاش دەريا ۋادىلىرىدا قاشتېشى ئىزدىسە، نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئۇلارغا نەچچە مىليۇنغا يارايدىغان بىر تاش ئۇچرىسا، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇشتۇمتۇت بېيىپ كەتسە، ياكى لاتارىيەدىن بىر تاللا بېلەت ئالسا شۇنىڭدىنلا مىليۇن پۇل چىقسا دىگەن خىياللارنى سۈرۈشكە خۇشتار بولىدۇ، ئەمما، كۆز ئالدىدا ئۇچرىغان بىر يۇەن پۇلنى دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇلار بۇدۇنياغا چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا يارالغان، ئەمما، ئۇششاق ئىشلار ئۇلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ، ئۇلار ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاشنى خالىمايدۇ، كاشىلا يېرى، ئۇنداق تەلەي ناھايتى ئاز كىشىلەرگىلا نېسىپ بولىدۇ. كەلمىگەن تەلەيدىن ئاغرىنىش ھەققىمىز يوق  …ئامال قانچە… ئۇلار تۇرمۇشنى قامداش كېچە- كۈندۈز توختىماي ئىشلەيدۇ، ئۇلار باي بولماقچى ئىدى، ئەمما، تەلەي ئۇلارغا ئۇچۇق چىراي ئاچمىدى، …مانا، قاراڭ…شۇنداق قىلىپ ئۈچ ئوغۇل بۇلبۇلگۇيانى ئىزلەپ يولغا چىقىپتۇ، ئۇلار مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، ئاز ماڭدىمۇ ياكى كۆپ ماڭدىمۇ، ئىشقىلىپ تۈمۈر ھاسىسى يىڭنىدەك، تۈمۈر ئايىغى قاغەزدەك قاپتۇ. ئۇلار شۇنداق بىر يەرگە كەلگىنىدە ھېرىپ كېتىپ ئۇخلاپ قاپتۇ، ئەتىگىنى ئۇلار ئۇرنىدىن تۇرۇپ قارىسا ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۈچ يول تۇرغۇدەك، بىرىنچى يولغا «بارسا كېلەر يول» دەپ يېزىلغان ئىكەن، چوڭ ئۇغۇل بۇنى تاللاپتۇ، ئىككىنچى يولغا «ياكېلەر ياكەلمەس يول» دەپ يېزىلغان ئىكەن، ئوتتۇرانچى ئوغۇل ئۇنى تاللاپتۇ، ئۈچىنچى يولغا «بارسا كەلمەس يول» دەپ يېزىلغان ئىكەن، كەنجى ئوغۇل بۇيولدا مېڭىشقا مەجبۇر بوپتۇ. …
        ئەمەلىيەتتە، ئۈچەيلەننىڭ ھەممىسىلا بارسا كېلەر يولدىن بۇلبۇلگۇيانى تېپىپ كېلىشنى خالايتتى. لېكىن، بولبۇلگۇيانىڭ نەدىلىكىنى ئۇلار بىلمەيتتى، چوڭ ئوغۇل ئۆزىنىڭ چوڭلۇق مەرتىبىسىنى دەل مۇشۇ يەردە ئىشلەتكەن، ئىككىنچى ئوغۇلمۇ ئوتتۇرانچىلىق مەرتىبسىنى ئىشلىتىپ ياكېلەر ياكەلمەس يولنى تاللىۋالغان، كەنجى ئوغۇلغا پەقەتلا تاللاش پۇرسىتى بولمىغان، غەلبىنىڭ پۇرسىتىمۇ مۇشۇ يولغا يۇشۇرۇنغان ئىدى، لېكىن، بىزنىڭ بۇيەردە تىلغا ئالماقچى بولغان بارسا كەلمەس يولىمىز سەل خەتەرلىك، سەللا ئەمەس ئەڭ خەتەرلىك، چۈنكى بايلىقنىڭ چېكى بولمىغاندەك، نامراتلىقنىڭمۇ چېكى بولمايدۇ، شۇنى چۈشىنىش كېرەككى، نامراتلىقنىڭ پەقەت نامراتلىقنىلا تاللاش پۇرسىتى ئەڭ كۆپ بولىدۇ، ئۇ نەپس ئاتلىق خوجايىنىغا ئىشلەيدۇ. ئەمما، مەيلى كىم بولۇڭ، ئىنساننىڭ ھامان تاللاش پۇرسەتلىرى ھامان ئۇچراپ تۇرىدۇ، لېكىن، پۇرسەت دىگەن بۇنەرسە ھامان تەييارلىقى پۇختا كىشىلەرنىڭ بېشىغا قونىدۇ. ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ :«ئوغۇل بالىغا يەتتە قېتىم ئامەت كېلىدۇ» دېگەن ئەقلىيەلىرى دەل بىزنىڭ مۇشۇ خىلدىكى تاللاش پۇرسەتلىرىمىزگە قارىتىلغان بولسا كېرەك. لېكىن، ئەگەر سىز باياشادلىقنى تاللىمىسىڭىز، ئۇھالدا نامراتلىق سىزنى تاللىۋالىدۇ. سىز تاللاش ھوقۇقىڭىزنى يۈتتۈرۈپ قويغان ئىكەنسىز، ئۇچاغدا تاللىنىشقا مەجبۇر بولىسىز. ئەمما، بىلىش كېرەككى، ئۇچاغدا سىزنى تاللىۋالغان نامراتلىقنىڭ قاراڭغۇلۇقى بۇدۇنيايىڭىزنى زۇلمەتكە، روھىڭىزنى بولسا پۇچەك شاكالغا ئايلاندۇرىدۇ، شاكالدىن ھەرقانچە قىلغىنىمىز بىلەنمۇ ماي ئالالمايمىز. جەننەت بىز ئۈچۈن دەۋزەختىن سېلىشتۇرغۇسىز ياخشى، بۇنىڭدىن شەكلەنمىگىنىمىزدەك، باياشاتلىقمۇ، ئەلۋەتتە، نامراتلىقتىن ياخشىدۇر، بىزدىكى ھازىرقى نامراتلىق ھەممىدىن مۇھىمى روھىي نامراتلىق بولۇپ ئىپادىلىنىۋاتىدۇ، ماددىي نامراتلىقنى بەلكىم مەلۇم مۇددەتتە قىسمەن تۈگىتىش مۇمكىن، (خۇددى ئەپچىلەملەرنىڭ قىسقا مۇددەتتە بىرمۇنچە مۈلۈككە ئىرىشكىنىگە ئوخشاش) ئەمما، روھىي نامراتلىقنىڭ دورىسى بەك ئاستا ئۈنۈم بېرىدۇ. ئەمما، ماددىي نامراتلىق روھىي نامراتلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن، قايسىسىلا بولسۇن، ئۇ بەرىبىر نامراتلىق دەپ ئاتالغان ئىكەن، ئۇنى ھاياتىمىزدىن شاللىۋېتىشىمىز كېرەك، بۇ ھەربىر ئىنساننىڭ ئەقەللىي ھوقۇقى بولۇشى كېرەك. ئىنسان بۇنداق نامراتلىق ئاسارەتلىرىدىن ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزمايدىكەن، ھەتتا خۇدامۇ ئۇنداق كىشىگە ياردەم قىلىشنى خالىمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز پەقەت مالىيە جەھەتتە ئۆزىمىزنى ئازاد قىلالىغاندىلا ماددىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ھۇزۇر- ھالاۋەتنىڭ پەيزىنى سۈرەلەيمىز. ئۆز گېپىمىزگە كېلەيلى.
        سىز ھەركۈنى چۈشىڭىزدىن ئويغىنىپ ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بۇسۇغىڭىزدىن ئوڭ پۇتىڭىز بىلەن ئاتلاپ  سىرتقا چىقسىڭىزلا ئاشۇنداق ئۈچ ئاچا يولغا دۇچكېلىسىز، ئۇنداقتا سىز قايسى يولنى ئاۋۋال تاللايسىز؟ ئۇ يول ھېلىقى چۆچەكتىكىدەك كونكرېت كۈرۈنمەيدۇ، چۈنكى تۇرمۇش چۆچەك ئەمەس. سىز قايسى يولغا ماڭغىنىڭىزنى ئىلغاپ بولغىچە كۈن پاتىدۇ، بۇ يەردە سىز دىققەت قىلىپ باقسىڭىز شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ئاشۇ ئۈچ ئاچا يولنىڭ مەلۇم بىرى تەرىپىدىن تاللىنىپ بولغان بولىسىز. سىز ئۇ يوللارنى ئەقىل كۈزىڭىز بىلەن كۈرۈپ تاللىمىغان ئىكەنسىز ، ئۇ يوللارنىڭ سىز خالىمايدىغان بىرى سىزگە قۇچاق ئاچىدۇ، يەنى، سىزنىڭ شۇ كۈندىكى تەدبىرىڭىزگە بېقىپ سىزنى تاللىۋالىدۇ، ئىنساننىڭ ئۆمرى ئۇنچە ئۇزۇن ئەمەس، كۈنگە سۇندۇرۇپ ھېسابلاب بىريەرگە بارغاندا بۇ كۈنلەر ئاخىر سىزنىڭ تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەپ قويىدۇ. بىر ئىش ياكى ھەرىكەت تەكرارلانغانسىرى ئادەتكە ئايلىنىدۇ، ئادەت خارەكتىرگە ئايلىنىدۇ، خارەكتىر بېرىپ ئاخىرى تەقدىرگە ئايلىنىدۇ، دىمەك، سىز ئاۋۋال تۇرمۇش ئادەتلىرىڭىزدە ھەركۈنى بېيىشقا ئادەتلىنىشىڭىز كېرەك، ھەركۈنى ھاياتىڭىزدىكى ماددىي ۋەمەنىۋىي غەلغەشلەرنى تازىلاپ تۇرۇشىڭىز زۈرۈر، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا ئانچە چوڭ كۈچ كەتمەيدۇ، پەقەت ئاشۇنداق بىر جۇشقۇن ئارزۇ ۋە ئاشۇ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئادەت كۈچى كۇپايە، خالاس.
        ناۋادا سىز باي بولۇشنى، ئۆزىڭىزنى ھەم ئائىلىڭىزنى باياشادلىققا ئېرىشتۈرۈشنى خىيال قىلغان بولسىڭىز ھەم شۇنداق بولۇشنى خالىسىڭىز ئۇنداقتا سىز تېخىمۇ توختىماي ئۈگىنىشىڭىز ھەم ئۈگەنگەنگە ئەمەل قىلىشىڭىز كېرەك. ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، ئادەم ئۈگىنىش ھەم ئۈگەنگەنگە ئەمەل قىلىش بىلەن راۋاج تاپىدۇ. بىز ئاشۇ بېيىشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان ياخشى ئەمەللەر ۋە ئىلمىي ھەرىكەتلەرنى تۇرمۇش ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ناۋادا سىز ئىزچىل ئۈگەنمىسىڭىز بىر ئىزدا توختاپ قالىسىز ، توختاپ قېلىشنىڭ ئۆزىلا چېكىنىشنىڭ تۇنجى قەدىمىدۇر، ناۋادا سىز ئۈگىنىپ قۇيۇپ ئەمەل قىلمىسىڭىز ئۇ ھالدا سىز كىتاب سېلىنغا تاغارنى يۈدۈپ كېتىۋاتقان ئىشەككە ئوخشاپ قالىسىز، ئۈگىنىپ ئەمەل قىلمىغاندىن كۈرە ئۈگىنىپ يۈرمىگەن يەنىلا مۇۋاپىق.
        مەن قايسىبىر ماتېرىيالدىن :« 21-ئەسىردە پۇل، ئۇچۇر ۋە نوتۇق مودا بولىدۇ» دىگەندەك بىر تېرمىننى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. دېمىسىمۇ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ «پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا»، «گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن»   دىگەندەك ھېكمەتلىرى پۇلنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى رولىنى تەستىقلايدۇ. لېكىن، بىز نۇرغۇنلىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھېلىغىچە سەلەي باينى تىللاپ كەلدۈك، ئۇنداقتا، سەلەي بايدا نىمە گۇناھ؟  سەلەي باينىڭ گۇناھى شۇكى، ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەردىن ئىشچانراق، پۇلدارراق بولۇپ قالغىنىدۇر، مەن سەلەي باينىڭ كۈچۈپ كېتىشىنى يەنىلا ئەڭ ئاقىلانە تاللاش دەپ ئويلايمەن.چۈنكى، سەلەي باينىڭ ئەتراپ مۇھىتى بىر تۈركۈم ھۇرۇن، مۇتىھەم، تەييارخۇمار كۈكەمىلەر بىلەن تولغان، ئۇلارنىڭ كۆزىدە سەلەي باينىڭ گۇناھى شۇكى ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش يالاڭتۆش بولۇپ قالمىغىنىدۇر، خالاس. مەسىلەن، ئەپچىلەملەرنى پۇل بېرىپ بېيىتىپ بولۇش قىيىن، ئۇلار قاچانلا قارىسا راۋاب چىلىپ ناخشا ئېيتىپ يۈرگىنى يۈرگەن، مېنىڭچە، سەلەي باي كۈچۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەپچىلەملەر يەنىلا سەلەي بايدەك بولالمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ تەپەككۇرى نامراتلىق تەپەككۇرىدۇر، ئۇلار گەرچە سەلەي باينى قوغلىغان بىلەن يەنىلا ئۇزۇن ئۆتمەي سەلەي بايدىن قالغان مۈلۈكلەرنىمۇ خەجلىۋېتىشىدۇ، ئىنسان ئۆز ئىدىيىسىنى يىڭىلىماي، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى يىڭىلانغان ئاشۇ مەپكۈرىگە ماسلاشتۇرماي، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆزى ھېس قىلماي تۇرۇپ ئۆزىدىن ھالقىيالمايدۇ. ئۇھالدا ئۇكىشى تۈگمەن تېشىدەك ئۆز ئىزىدا چۆرگىلەيدىغان بولىدۇ، بۇنداق چۆرگىلەش ئىنسانغا پەقەت يەنە شۇ نامراتلىقنىلا سوۋغا قىلىدۇ. ناۋادا ئەپچىلەم ھايات بولسا ئىدى، مەن ئۇنىڭدىن :«سەلەي باينى كۈچۈرۈۋەتكەندىن كېيىن سەن زادى سەلەي بايدەك ياشىيالىدىڭمۇياكى…» دەپ سۇراپ باقسام دەيمەن. يەنە بىر نەزەردە باققاندا، ئەپچىلەمنى قەھرىمانلاشتۇرۇش تىپىدىكى بۇ خىل خاھىشلار ئەينى دەۋردىكى سىنىپىي كۈرەش نوقتىئىنەزىرىنىڭ مەھسۇلى، ئەلۋەتتە.

        ئىككىنچى قازناق. سىز كەسىپ قىلىۋاتامسىز؟
       ئەلۋەتتە، كەسىپ –ھۈنەر ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان ھاياتلىق كوزۇرىدۇر، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ھۈنەرنىڭ قىممىتىنى ئاللىبۇرۇنلا ناھايتى ئېنىق تۇنۇپ يەتكەچكە پەرزەنتلىرىگە ھۈنەر كەسىپ ئۈگىتىشكە ناھايتى ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. «ئەركىشىگە يەتمىش ئىككى خىل ھۈنەرمۇ ئازلىق قىلىدۇ» دىگەن ئىبارە دەل بۇنىڭ مىسالىدۇر.
        بىز ھەركۈنى ئەتىگەن ئىشىكتىن چىققىنىمىزدا كاللىمىزدا بىرەر نىشان بولغان بولىدۇ. مەسىلەن، سىز يا مەكتەپكە ئوقۇشقا بارىسىز، يا شىركەت- ماگېزىنىڭىزنى ئاچقىلى بارىسىز، ياكى ئىشقا- ھۆنەر- كەسپىڭىزنى قىلغىلى بارىسىز، ۋە ياكى بولمىسا كۈنلىرىڭىز ئۈجمەپىش، ئېغىزىمغا چۈش دەپ كۇچا چىڭداپ كۈن ئۆتكۈزۈش بىلەن ئۈتىدۇ. ئاخىرقى بۇ خىل ئېھتىماللىقنىڭ قارمىقىغا ئلىنىپ قالسىڭىز ئىشىڭىز چاتاق، چۈنكى، سىز دوقمۇشتا ئولتۇرۇپ چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى خىيال قىلىسىز-يۇ، پۇتىڭىزغا پۇتلىشىپ يۈرگەن كىچىك ئىشلار سىزنى بىزار قىلىدۇ. چۈنكى، سىز (ئۆزىڭىزچە) چوڭ ئادەم بولغاندىكىن، چوڭ- چوڭ ئىشلارنى قىلىشىڭىز كېرەك ئىدى. ئەمما، سىز خىيال قىلغان چوڭ- چوڭ ئىشلار سىزنى ئىزدەپ كەلمەي قويىدۇ، كاشىلا يېرى. سىزدە ئۇنى ئىزدەپ تاپقۇدەك مادار يۇق-تە، سىز كۆكتە جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا قاراپ كېتىۋاتقىنىڭىزدا كۆز ئالدىڭىزدا چوڭقۇر بىر خەتەرلىك ئورەكنىڭ سىزنى ساقلاپ ياتقانلىقىنى  بىلمەي قالىسىز…
         بىرئادەم ھاياتىنىڭ قايسى ئۆتىڭىدە بولسۇن مۇنۇ تۆت ئاچالنىڭ بىرىدە ماڭماي قالمايدۇ. دەرھەقىقەت، ئىنسان ھاياتىنىڭ ئۆسمۈرلۈك مەزگىلى ۋە ياشلىق مەزگىلىنىڭ دەسلەپكى بىر قىسمىدا بىرىنچى ئاچالدا چوقۇم مېڭىشى زۈرۈر يولدۇر، ئۇنىڭدىن چىقىپ بولغاندىن كېيىنچۇ؟ ئۇندىن كېيىن سىزگە كېيىنكى ئىككى ئاچالدىن بىرىنى تاللاشقا توغرا كېلىدۇ . ئالدىنقىسى ئۈگىنىش باسقۇچى بولسا كېيىنكىسى ئەمەل قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش باسقۇچى بولىدۇ. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئاچاللارنىڭ قايسىسىنى تاللىشىمىز ئۆزىىمىزنىڭ قىزىقىشى ۋە پۇرسەت، شارائىت قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرى بىلەن بولىدۇ.
ئەمدى بىز قايسى ئاچالنى تاللىۋالايلى، ئۇنىڭدىن مەقسەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ياشىشىمىز ئۈچۈن زۈرۈر بولغان ماددىي شارائىتلارنى ھازىرلاش، تېخىمۇ قىسقارتىپ دىگەندە جان بېقىش. ئەمىسە بۇ جاننى قانداق بېقىش كېرەك؟
        بايا دېگىنىمىزدەك، جان بېقىش ئۈچۈن ئاۋۋال كۆپلەپ ئىلىم ئېلىش، ئاندىن ئۈگەنگەنلىرىمىزگە ئەمەل قىلىش، يەنى، ئىشلەش كېرەك. بۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەت.شۇڭا، ھەركىشىدە كەسىپ بولۇشى، ئاندىن شۇ كىشىدە ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان كەسپىگە نىسبەتەن چوڭقۇر مۇھەببەت بولۇشى كېرەك
لېكىن، تۆتىنچى ئاچال سەل خەتەرلىكرەك، سەل ئەمەس، بەلكى، تولىمۇ خەتەرلىك، بۇ ئاچال بىزنى بۇدۇنيادا تۇزاققا، ئۇدۇنيادا دۇزاققا باشلايدىغان يولدۇر. بۇ ئاچال سىزنىڭ قايسى يولدا ماڭغىنىڭىز ياكى مېڭىۋاتقىنىڭىزنى تەھلىل قىلىشتا بەكمۇ مۇھىمدۇر.
        بۇ ئاچالنىڭ مۇنداق بىرنەچچە ئالاھىدىلىكى بار، بىرىنچى، بۇ يولدىكىلەر تولىمۇ غايىلىك، يەنى، ئۇلار چوڭ- چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى خالايدۇ-يۇ، ئاز پايدا بېرىدىغان ئۇششاق ئىشلاردىن بىزار، خۇددى «مەنمۇ ئون قەۋەتلىك بىنا سېلىشقا تەييارلىق قىلىپ قويدۇم جۇمۇ، لېكىن، پۇل يوق» دىگەندەك. ئىككىنچىدىن، ئۇلاردا شەخسىي ئەركىنلىككە ياتىدىغان چېكەرمەنلىك، ئىچەرمەنلىك، قىمارۋازلىق، خوتۇنپۇرۇشلۇق (جىنىسىي ئەركىنلىك) مۇنۇ تۆت خىل ھەۋەستىن بىرسى ياكى ھەممىسى تېپىلىدۇ. نىمە قىلىش ئۆزەمنىڭ ئىشى دەپ قالارسىز، ئۇ ھەركىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى، ئەمما، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى پۇل بىلەن يۈرۈشىدۇ، شۇڭا، سىز بۇ ئىشلارغا مەستانە (خۇمار) بولۇپ قالسىڭىز ئۆزىڭىز بىلىپ بىلمەي بارسا كەلمەس يولغا كىرىپ قالىسىز، ئەپسۇسكى، بۇ يولدا سىزنى ساقلاپ تۇرىدىغىنى خىزىر ۋە بۇلبۇلگۇيا ئەمەس، بەلكى قەرز ۋە نامراتلىق. سىز ناھايتى چىرايلىق، بىلىملىك ۋە قابىلىيەتلىكسىز، لېكىن، نىمە چارە؟ تاۋار ئىگىلىكى دەۋرىدە خۇدا سىزگە مۇككەممەل بىر تەن ۋە قىممەتلىك جاننى بەرگىنى بىلەن ھېچقاچان پۇلنى تەخسىگە سېلىپ «ئال قۇلۇم » دەپ ئەكىلىپ بەرمەيدۇ-دە. شۇنى چۈشىنىش كېرەككى، يۇقىرىقى تۆت نەرسىنىڭ ھەممىسىلا ئەمەس، خالىغان بىرسىلا ۋاقتى كەلگەندە سىزنى تولۇق ۋە تولۇق ۋەيران قىلىۋېتىشكە، ئاخىرىدا بېرىپ ئەزرائىلغا تۇنۇشتۇرۇپ دوزاققا ئۇزىتىپ قويۇشقا يېتىپ ئاشىدۇ.
        رېئاللىقتىن ھالقىغان غايە ۋە ئەركىنلىك قارىشى پۇل ۋە ئىستىمال مەسىلىلىرىدە بىزنى ناھايتى تىزلا مەلۇم بىر تەرەپلەرگە قايدۇرۇپ قويىدۇ.
ناۋادا سىز بېيىماقچى، تاپقان دۇنيالىرىڭىزنى ئۇزۇن مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇپ راھىتىنى كۆرمەكچى بولىدىكەنسىز، بېخىل ياكى تېجەشچان بولۇشنى ئۈگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك. پۇلنىڭ بىر بېغى يۈرەكتە، يەنەبىر بېغى بىلەكتە بولغاچقا شۇز بېلىكىڭىزدە پۇلىڭىزنى مەھكەم تۇتالمىسىڭىز يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالىسىز. يۈرەك ھاياتلىق ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم ئەزا. قۇشلارنىڭ ئىككى قانىتى بولغاندەك، پۇلنىڭمۇ ئىككى قانىتى بولىدۇ، ئۇنىڭ بىرى تىجەشچانلىق، يەنە بىرى تىرىشچانلىقتۇر. بۇ ئىككى قاناتتىن خالىغان بىرى نىمجان بولۇپ قالىدىكەن، بۇ پۇل ئاتلىق قۇش باشقىلارنىڭ قوندىقىغا قونۇپ قالىدۇ، ئۇچاغدا پۇل دەپ سوقۇۋاتقان يۈرەكلىرىڭىزمۇ نىمجان بولۇپ قالدۇ. ئىنسان يۈرەككە تايىنىپ ياشايدۇ، ئەمما، يۈرەك بولسا ھەميانغا تايىنىپ ياشايدۇ. يۈرىكىمىزنىڭ ساق بولۇشى ئۈچۈن زىيادە يۇقىرى ئىستىمالدىن، زىيادە يۇقىرى چوڭچىلىقتىن ساقلىنىشىمىز زۈرۈر، ئەلۋەتتە.

        ئۈچىنچى قازناق. سىز قايسى يولدا ماڭدىڭىز؟
        شۇنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭكى، پۇل تېپىشنىڭ ئۈزىلا مۇۋەپپەقىيەت ئەمەس، ھەممە كىشى پۇل تاپالايدۇ، ئەمما، ھەممە كىشى باي بولۇپ كېتەلمەيدۇ. نىمە ئۈچۈن؟ كىشىلەرنىڭ ئۈگىنىش ۋە  ئىشلەش جەريانلىرى ئانچە كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، بۇ ئالەمدە پۇل تاپالمايدىغان ئادەم بولمايدۇ، ئەمما، ھەممە كىشى باي بولۇپ كېتىۋىرەلمەيدۇ. ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر مىليۇنېرنىڭ كېرىمى ئادەتتىكىچە كىشىلەرنىڭ كىرىمىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىكەن… نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قىممەتلىك ھاياتى پۇلنى قوغلىشىش بىلەن ئۈتۈپ كېتىدۇ. راست، پۇل بولمىسا بولمايدۇ، باياتىن ھەممە ئادەم پۇل تاپالايدۇ دىدۇق، لېكىن، نىمە ئۈچۈن بىرقىسىم كىشىلەر بېيىىپ كېتىدۇ- يۇ، يەنە بىرقىسىم كېشىلەر پۇلنى قانچە كۆپ تاپقانسىرى شۇنچە نامرات بولۇپ كېتىدۇ؟ چۈنكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىيالمىغان.
        بىز باشتا «سىز ئەتىگەندە ئىشىكتىن چىققاندا سىزنى ئۈچ يول ساقلاپ تۇرىدۇ»دىگەن ئىدۇق. شۇنداق، ھەقىقەتەن، سىزنى ئۈچ يول كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ، ناۋادا سىز ئۇنى ئالدىن ھېس قىلىپ ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك بولغان يولنى ئاڭلىق تاللىۋالمىسىڭىز، ئۇ يوللار سىزنى (ئۆز رايىچە ئەمەس، بەلكى، سىزنىڭ تەدبىرىڭىزگە بېقىپ)  تاللىۋالىدۇ، ئۇھالدا سىز ئۇ يوللارنىڭ خۇجايىنى ئەمەس، بەلكى، ئۇ يوللار سىزنىڭ خۇجايىنىڭىزغا ئايلىنىدۇ. ئېنىق بىلىش كېرەككى، سىزنى تاللىۋالغان بۇ يوللار خۇددى تۈگمەن تېشىدەك سىزنى بىر ئۆمۈر چۆرگىلىتىدۇ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئاڭقىرالمىغان ھالدا تىپىرلايسىز. مېنىڭچە، بۇ يوللارنى ئاڭلىق تاللىۋېلىش سىزنىڭ ئەڭ توغرا يولىڭىزدۇر. قاراڭ، بىز ھېلىقى چۆچەكنى داۋاملاشتۇرايلى، …شۇنداق قىلىپ ،  چوڭ ئوغۇل بىلەن ئوتتۇرانچى ئوغۇل ئۆزىنىڭ يوللىرىغا راۋان بوپتۇ، كەنجى ئۇغۇلمۇ ئۆزىنىڭ يولىغا راۋان بوپتۇ، چوڭ ئوغۇل بىلەن ئوتتۇرانچى ئۇغۇلنىڭ تاللىغان يولى يېقىن ئەتراپتىكى بىر شەھەرگە تۇتىشىدىكەن، ئۇلار شۇ شەھەرگە كېلىپلا پۇللىرىنى سۇدەك خەجلەپ ئەيش- ئشرەت قوينىغا چۈكۈپتۇ، ئۇ ئىككىسى بارا- بارا بۇلبۇلگۇيانى ئىزدەش خىيالىدىن ۋاز كېچىپتۇ، كۆپ ئۆتمەي ئۇلارنىڭ تەڭگىلىرى تۈگەپتۇ،  ئەل-ئاغىنىلىرى ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىپتۇ، ئۇلار ئاخىرى شەھەردىكى بىر ئاشخانىدا ئىشلەپ جان بېقىپتۇ.
        كەنجى ئوغۇل مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، ماڭغاندىمۇ مول مېڭىپتۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇق تۈلۈكى تۈگەپتۇ، ئۇ ئاخىرى بىر باياۋاندا ھېرىپ-ئېچىپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قاپتۇ. ئۇ چۈش كۈرۈپتۇ، چۈشىدە ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي: «بالام، ئىنسان ئاياغ باسمىغان بۇيەردە نىمە قىلىپ يۈرىسەن؟» دەپ سوراپتۇ.» ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىمىزدىكى كەنجى ئوغۇلنىڭ يوللىرى ھەمىشە دىگۈدەك ئىلاھىي بىشارەتلەرگە تويۇنغان بولىدۇ. ئۇ شۇ بىشارەتلەرگە تايىنىپ باياۋانلاردا ئېزىپ قالماي بېرىپ بولبۇلگۇيانى تېپىپ كېلىدۇ.
        مەن تىلغا ئالغان ھېلىقى ئۈچ يولنىڭ ئىسمىنى مۇشۇ ئۈچ ئوغۇل توغرىسىدىكى چۆچەكلەردىن ئالدىم. لېكىن، پۈتۈنلەي ئەينەن ئەمەس، چۈنكى، تۇرمۇش چۆچەك ئەمەس، تۇرمۇشتىكى مەنزىللەرمۇ چۆچەكلەرنىڭ سۇژىتى بىلەن ھەمىشە ئوخشاش بولۇۋەرمەيدۇ. سىز ئۈچ ئۇغۇلنىڭ بىرى بولۇڭ ياكى بولماڭ، سىزنى ۋە بىزنى ھەركۈنى ئېرىنمەي ساقلاپ تۇرىدىغان يول ئاشۇ ئۈچ يولنىڭ بىرى بارسا كېلەر يول، ئىككىنچىسى ياكېلەر ياكەلمەس يول، ئۈچىنچىسى بارسا كەلمەس يول، ھەركۈنى بىز ئۇنىڭ بىرىگە تەۋە بولماي قالمايمىز. بىرىنچى ئىككىنچى ئوغۇلنىڭ مەغلۇبىيىتى شۇكى، ئۇ ئىككىسىنىڭ يانچۇقىدىكى پۇل ئۆزى تەر ئاققۇزۇپ تاپقان پۇل ئەمەس، بەلكى، ئاتىسىنىڭ خەزىنىسىدىكى پۇل بولغاچقا، شۇنداقلا، ئۇلار شۇچاغقىچە پۇل ئۈچۈن تەر ئاققۇزۇپ باقمىغانچقا ئۇلار ناھايتى تىزلا ھېلىقى تۆتىنچى ئېقىندىكى تۈگمەننىڭ خامپىسىغا سەكرىگەن، خالاس. تەرەققىي قىلىمەن، باي بولىمەن، ئۆزەمگە ھەم باشقىلارغا نەپ يەتكۈزىمەن دەپ نىيەت قىلغان كىشى بۇ ئۆتىنچى ئېقىننى، بولۇپمۇ، بۇنىڭدىكى نۇرغۇن چاكىنىلىقلار قاتارىدا بەدخەجلىكنى ئۆزىنىڭ مېڭىسىدىن تولۇق يۇيۇۋېتىشى كېرەك.
        ئەنگىلىيىلىك يازغۇچى دىككىنىسنىڭ ‹داۋىد كوپپېرفىلد› ناملىق ھېايىسىدە مېكوۋېل ئەپەندى دەيدىغان بىر پىرسۇناژ بار. ئۇكىشى خۇشاللىق ۋە قايغۇنىڭ مۇنداق فورمىلىسىنى تۈزگەن، يىگىرمە فوندستىرلىڭ كىرىم بولسا  ئۇنىڭدىن 19فوندستىرلىڭ 19شىللىڭ 6پېنس چىقىم قىلىنسا ئۇ كىشىگە خوشھاللىق ھەمراھ بولىدۇ.، يىگىرمە فوندستىرلىڭ كىرىم بولسا ئۇنىڭدىن 20فودستىرلىڭ 6پېنس چىقىم قىلغۇچىغا ھەمراھ بولىدىغىنى بولسا قايغۇ ۋە ئەندىشە بولىدۇ.
        ئائىلە تۇرمۇشىنى كىرىمگە قاراپ ئۇرۇنلاشتۇرۇپ كىرىمى چەكلىك بولغان ئىقتىسادىي شارائىتتا ئائىلە تۇرمۇشىنى راھەت ئۆتكۈزۈش ھەربىر ئائىلىنىڭ ئارزۇسى ئەلۋەتتە. بۇ فورمۇلا سىزگىمۇ ماس كېلىدۇ. مەن بۇ يولنىڭ تەۋەلىكىنى ئايرىشتا ئۆزەمچە چەك- چىگرىسى ئېنىق بىر فورمۇلا تۈزدۈم. بۇ فورمۇلا ھېلىقى مىكوۋىل ئەپەندىنىڭ فورمىلىسىغا ئوخشاپ قالىدۇ، قاراڭ، مەسىلەن: مۇبادا سىزنىڭ كۈنلۈك كىرىمىڭىز يۈز يۇەن بولسا كۈنلۈك چىقىمىڭىز ھېچبولمىغاندا توقسان يۇەن ياكى ھېچبولمىغاندا توقسان توققۇز يۇەن بولسا، ئاشقان ئون يۇەننى ياكى بىريۇەننى سىز مەقسەتلىك ھالدا ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئېپقالغان بولسىڭىز، سىز شۇكۈنى بارسا كېلەر يولدا ماڭغان بولىسىز، چۈنكى، سىز شۇكۈنى بارغان يېرىڭىزدىن كۆڭلىڭىز توق ھالدا قايتىپ كېلەلەيسىز.
ئەگەر سىزنىڭ كۈنلۈك كىرىمىڭىز يۈز يۇەن بولسا كۈنلۈك چىقىمىڭىزمۇ ئوخشاشلا يۈز يۇەن بولسا كەچقۇرۇن تۈشۈك يانچۇقىڭىزلا ئېشىپ قالسا، ئۇھالدا سىز ياكېلەر ياكەلمەس يولدا ماڭغان بولىسىز، چۈنكى، سىز بىركۈن ئىشلىدىڭىز، ئارقىدىن تاپقىنىڭىزنى تولۇق سۈپۈرۈۋەتتىڭىز، دىمەك، ئۇ ئىشلىمىگەن بىلەن باراۋەر، مېنىڭچە دۇنيادا قورۇق ھەمياندىنمۇ خۈنۈك نەرسە بولمىسا كېرەك.
        ناۋادا سىزنىڭ كۈنلۈك كىرىمىڭىز يۈز يۇەن بولسا كۈنلۈك چىقىمىڭىز ئاشۇ كۈنلۈك كىرىمىڭىزدىن ئېشىپ كەتسە، مەسىلەن، بىريۈزئەللىك يۇەن، بىريۈزئون يۇەن ياكى ھېچبولمىغاندا بىريۈزبىر يۇەن بولسا سىز ئەتىسى ئىشلەپ تاپقان پۇلىڭىزدىن قەرزگە تۈلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ. سىز بۇخىل تۇرمۇش ئادىتىگە كۈنۈپ قالسىڭىز ئۇھالدا سىز بىر ئۆمۈر قەرز تۈلەپكىنە ياشايسىز دىگەن گەپ. «كۆنگەن يامانمۇ، كۆيگەنمۇ» دىگەن تەمسىلنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇ يوللار، ئۇمۇمەن، سىزنىڭ پۇل تېپىش ئۇسۇللىرىڭىز ئەمەس، بەلكى، پۇل خەجلەش ئۇسۇلىڭىز ۋە ئادىتىڭىزگە ئاساسەن سىزگە تون كېسىدۇ. بۇ تون سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك قىسمەت تونىڭىز بولۇپ قالىدۇ. بۇ توننى سىزگە خۇدا كەسمەيدۇ، بەلكى، ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز كېسىسىز، خالاس.

        تۆتىنچى قازناق: يوللار نەگە ئاپىرىدۇ؟
       خۇددى «كېيدىم كېپىنەك توننى، گۈلخاندا ياتارمەن دەپ» دىگەندەك، ھەربىرىمىزنىڭ بۇ توننى كېيمەي ئامالىمىز يوق، ئۇنداقتا، بىزگە تون پىچقان بۇ يوللار بىزنى نەلەرگە ئاپىرىدۇ؟
        ئالدى بىلەن بارسا كېلەر يولنى تەھلىل قىلىمىز. ئىسمىدىن چىقىپ تۇرۇپتۇ، بۇ يولدا ماڭغۇچىلار نەگىلا بارسۇن، ئۆزى خالاپ بارالايدۇ ھەم ئۆزى خالاپ كېلەلەيدۇ. دىمەك، ئۇ ئۆزىنىڭ ۋاقتىغا ئۆزى ئىگە بولالايدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ خاسلىقى مانا مۇشۇ.
        ئەمدى يا كېلەر ياكەلمەس يولدا ماڭغۇچىلارچۇ؟ بۇ يولدا ماڭغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى ناھايتى ئەركىن ھەم باياشات ئۈتىدۇ، چۈنكى، ئۇلار پۇل تاپىدۇ، ئاندىن ئۇنى ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇش ئىستىمالى ئۈچۈن تەسەررۇپ قىلىدۇ، ئەلۋەتتە، بارسا كېلەر يولدا ماڭغۇچىلارمۇ شۇنداق قىلىدۇ، مەيلى قەدىمقى زامان بولسۇن، مەيلى ھازىر بولسۇن، پۇل خەجلىمەي جان بېقىش مۇمكىن ئەمەس، لېكىن، بۇ ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇپ باقساق، كېيىنكىسىنىڭ ئىستىمال چىقىمى ئالدىنقىسىدىن كۆپ بولىدۇ دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ، پەقەت ئوخشىمايدىغىنى، ئالدىنقىسىدىكىلەر ھىسابلىق پۇل خەجلەشكە، ئۆزى ئۈچۈن مەلۇم نىسبەتتە پۇلنى ئېپقېلىشقا ئادەتلەنگەن، كېىنكىسى بولسا تاپقان پۇللىرىنى ئۇدۇللۇق خەجلەپ تۈگىتىپ كۆنگەن، بۇ خىل ئەھۋالدا بولار ئاغرىپ قالماسلىقى، ئىشتىن رۇخسەت سورىماسلىقى، دەم ئالماسلىقى كېرەك، شۇندىلا ئۇلارنىڭ كۈڭۈل خوشلۇقى ئىزچىل داۋاملىشىدۇ.
        ئۈچىنچى يولدىكىلەرچۇ؟ بۇ كوچىدىكى كىشىلەرمۇ ھەر كۈنى ئىشلەيدۇ، باشقىلارغا ئوخشاش پۇل تاپىدۇ، لېكىن، بۇلار ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە قەرزدىن نېرى بولالمايدۇ، تۇرمۇشى ھەرۋاقىت نامراتلىق، مۇھتاجلىق ئىچىدە ئۈتىدۇ، بۇلار جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۈۋەن قاتلىمىدا كۆپرەك بولىدۇ. مەن بولارنى ئەقىللىق ئەمەسسەن دەپ ئەيىپلىمەكچىمۇ ئەمەسمەن، ئەقىل باشقا گەپ، بۇ ئەقىل مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى، تۇرمۇش ئادىتى مەسىلىسى، خالاس. بۇ مەسىلە:« ھەي، كەمبەغەل، بول بېخىل، باي بولمىساڭ مەن كېپىل» دىگەن تەمسىلنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. مېنىڭچە، بۇيەردىكى بېخىللىق پەقەتلا يېمەي- ئىچمەي سىقىپ يالاش مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ، بەلكى، نورمال تۇرمۇشىنى قامداش ئاساسىدا يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇنۇش، ئەمەلىي ئەھۋالىغا يارىشا چىقىم قىلىش، شۇ ئاساستا، ئۆزىنىڭ ئىستىمال ئادىتىنى ئۆزگەرتىش مەنىسنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنداقتا، خەلق چۆچەكلىرىمىزدىكى  ئەقىللىق نامراتلارنىڭ سىمۋۇلى بولغان ئەپچىلەملەر قايسى يولدا ماڭغانلاردۇر؟ سىز ئۆزىڭىز قايسى يولدا مېڭىۋاتقانسىز؟ مەنچۇ؟

        بەشىنچى قازناق، سىز نەگە ماڭماقچى؟

        مەن بۇ تېمىدىكى يازمامنى باشلاشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مەلۇم بىر تۇر بېتىدىن كۈچۈرۈۋالغان مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان :« نىمىشقا باي بولالمايسىز؟؟» ماۋزۇسىدىكى بىر پارچىنى قوشۇمچە قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

نىمىشقا باي بولالمايسىز؟
        نۇرغۇن كىشىلەر تېپىۋاتقان پۇلىمىز بەك ئاز بولغاچقا باي بولالمىدۇق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە مېليۇنېر بولۇش بىلەن سىزنىڭ پۇل تاپالىشىڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانچە چوڭ پەرق يوق. ئۇنداقتا، نىمىشقا باي بولالمايسىز؟

        تۈۋەندىكى ئون خىل نوقسان بەلكىم تۇرمۇشىڭىزدا كۆپ كۈرۈلۈشى مۇمكىن.
        1. خەقنىڭ ئاپتۇمۇبىلىڭىزغا ھەۋەس بىلەن قارىشىنى زىيادە قوغلىشىسىز. ئاپتۇمۇبىل بىرخىل قاتناش قورالى، خالاس. ئەمما، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنداق قارىمايدۇ. ئۇلار ئاپتۇمۇبىلنى داۋاملىق ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئەھۋالدا داۋاملىق ھەيدەۋېرىپ ، تېجەپ قالغان پۇلنى مەبلەغ قىلىپ سېلىشنىڭ ئورنىغا ئاپتۇمۇبىلغا زىيادە پۇل خەجلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاپتۇمۇبىل پەقەتلا بىر ‹‹بەلگە››.
       2.سىز كېيىم كېچەك، يىمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ ئۆي قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ باشقىلارنىڭ كۆزىگە قاراپ ئىش تۇتىسىز. ئابرويىڭىز ئۈچۈن تېشىڭىزدا ھېيت ئويناپ ئىچىڭىزدە روزا تۇتىسىز. نەتىجىدە ئەقەللىي يۇسۇندىكى دەسلەپكى جۇغلانمىنىمۇ جۇغلاپ بولالمايسىز.
       3.سىز ھەمىشە مەن ياخشى كۈن كۈرۈشۈم كېرەك ئىدى دەپ قارايسىز. ئەگەرسىز مەن مەلۇم ياشاش ئۇسۇلى بۇيىچە ياشىشىم كېرەك ئىدى دەپ قارىسىڭىز ئۇنداقتا چوقۇم شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ئالاھىدە نەرسىگە ئىگە بولۇشىڭىز، بەلگىلىك پۇل خەجلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ھازىرچە بۇلارغا ئىرىشىش ئىقتىدارىڭىز بولمىسا پۇل قەرز ئېلىپ ئىشلىتىشىڭىز مۇمكىن. كۆپ مىقداردىكى قەرز چوقۇم ئىشلىرىڭىزنىڭ ئالغا بېسىشىغا تەسىر  يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مال دۇنيا توپلاشتىن بارغاسىرى يىراقلاپ كېتىسىز.
       4.ئىقتىساد باشقۇرۇش ئۇسۇلىڭىز كۆپ خىل ئەمەس. بۇيەنە ئىقتىساد باشقۇرۇشقا ئالاقىدار ئەڭ قەدىمقى قىممەتلىك پەند-نەسھەتتۇر. مەبلەغنىڭ ھەممىسىنى بىرلا ئۇرۇنغا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. كۆپ خىل مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرگەندىلا ئاندىن مال-دۇنيايىڭىز ئۇشتۇمتۇت قولدىن چىقىپ كېتىشتىن ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلىنالايسىز.
       5.ئىشنى باشلاشتا كېچىكىپ قالىسىز. مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىساد باشقۇرۇشتا ئۆسۈم ئارقىلىق ئۆسۈمگە ئىرىشىشكە ئوخشاپ كېتىدىغان قوشما پايدا (دومىلىما ئۆسۈم) دەيدىغان بىر ئاتالغۇ نار. ئەمما دۇمىلىما ئۈسۈمنىڭ كۈچ- قۇدرىتى ناھايتى ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن نامايان بولىدۇ. ئەگەر سىز ئىزچىل تۈردە مەبلەغ سېلىش ۋە پۇل ئامانەت قويۇشقا ۋاقىت دىگەن كۆپ دەپ يۈرىۋەرسىڭىز، ھامان بىركۈنى پېنسىيىگە چىقىش ۋاقتىڭىزنىڭ ئازلا قالغانلىقىنى، ھېساۋاتىڭىزدا ھېچقانچە پۇلنىڭ يوقلۇقىنى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە بايقايسىز.
       6.ئىشلەۋاتقان خىزمىتىڭىزنى ياقتۇرمايسىز. گەرچە خىزمىتىڭىز كۆڭلىڭىزدىكىدەك خىزمەت بولمىسىمۇ ئۇنى چوقۇم ياخشى كۆرۈشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز پۇلنى كۆزدە تۇتۇپلا ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان خىزمەتنى تاللاپ قالسىڭىز، ئۇنداقتا ئېشىنچا پۇلىڭىزنىڭ ھەممىسىنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە ئۆزىڭىز ياخشى كۆرمەيدىغان خىزمەتنى ئىشلەشتىن پەيدا بولغان بېسىمنى يەڭگىللىتىشكە مەجبۇر بولىسىز.
       7.ئۈگىنىشنى خالىمايسىز. سىزدە«ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولدۇم، ئەمدى ئۈگەنمىسەممۇ بولىدۇ» دەيدىغان ئىدىيە باردۇر. بۇ بەلكىم تۇنجى خىزمىتىڭىزنى ساقلاپ قېلىشىڭىزغا دال بولار. ئەمما سىزنىڭ بېيىشىڭىزغا مەڭگۈ تۈرتكە بولالمايدۇ. ئەگەر باي بولماقچى بولسىڭىز ئاڭلىق ھالدا تۈرلۈك بىلىملەرنى ئۈگىنىپ كىرىمىڭىزنى ئاشۇرۇپ ئىقتىساد باشقۇرۇش بىلىمىڭىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىڭىز زۈرۈر.
       8.دائىم دىگۈدەك ئەسلا ئىشلەتمەيدىغان ئارتۇقچە نەرسىلەرنى سېتىۋالىسىز. سىز ئۆيىڭىز، كىيىم ئىشكاۋىڭىز، قازنىقىڭىز، بالىخانىڭىز ۋە ئاپتۇمۇبىل ئىسكىلاتىڭىزدا سىز ئۆتكەن بىر يىلدا ئىشلىتىپ باقمىغان بەرسىلەرنىڭ بار-يوقلۇقىغا قاراپ بېقىڭ. ئەگەر شۇنداق نەرسىلەر باربولسا سىزشۇ نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش سەۋەبلىك ئەسلىدە بايلىقىڭىزنىڭ ساپ قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان پۇلنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىۋەتتىڭىز دىگەن گەپ.
        9.قىممەت توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىڭىز يېتەرسىز، سىز تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېتىۋالىسىز. ئەمما، ئەزەلدىن بۇ نەرسىلەرنىڭ سىزگە قانچىلىك ئەسقاتىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز. بۇنداق ئەھۋال دائىم قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى سېتىۋالىدىغان كىشىلەردىلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ ئەرزان باھالىق نەرسىلەرنى سېتىۋالىدىغان كىشىلەردىمۇ كۈرۈلىدۇ. بۇنداق قىلغاندا مەھسۇلات ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلىش ئىمكانىيىتى بەك ئاز بولىدۇ. پەقەت ئەمەلىي قىممىتى بار نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشنى ئۈگەنگەن چېغىڭىزدا ئاندىن كەلگۈسى پىلانلىرىڭىز ئۈچۈن مەبلەغ سالىدىغان ئارتۇقچە پۇلىڭىز بار بولىدۇ.
       10.ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىڭىز زىيادە چوڭ. ئەگەر ئىقتىسادىي كىرىمىڭىز قامدىيالمايدىغان ياكى ئېھتىياجىڭىزدىن ئېشىپ كەتكەن ئۆينى سېتىۋالغان بولسىڭىز تېخىمۇ ئۇزاققىچە قەرز تۈلەيسىز. تېخىمۇ كۆپ باج تاپشۇرىسىز. تېخىمۇ كۆپ ئاسراش ھەققى چىقىم قىلىسىز. ئۆيىڭىزنى تولدۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى سېتىۋالىسىز. بەزىلەر ئۆينىڭ قىممىتى داۋاملىق ئاشىدۇ، شۇڭا ، ئۆي سېتىۋېلىش ئەڭ ياخشى مەبلەغ سېلىش دىيىشىدۇ. ئەمما سىز ئۆي سودىگىرى بولۇپ ئۆي سېتىش-سېتىۋېلىشقا ماھىر بولسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ تۇرالغۇ ئۆي ئۆلچىمىڭىزنى تۈۋەنلىتىشكە رازى بولۇپ بۇيىل 100كۇۋادرات مېتر، كېلەر يىلى 50كۇۋادرات مېترلىق ئۆيدە ئولتۇرسىڭىز بۇ باشقا گەپ، بولمىسا ئۈيىڭىز مەڭگۈ سىز ئىشلىتىدىغان ياكى بەھرىمەن بولىدىغان كۆچمە مۈلۈك ياكى مەبلەغكە ئايلانمايدۇ. مەسىلە شۇكى، كۈلىمى چوڭ ئۆيدە ئولتۇرۇپ كۈنۈپ قالغاندا كىچىك ئۆيدە ئولتۇرۇشنى خالامسىز؟
       11.پۇرسەتنى چىڭ تۇتالمايسىز. بەلكىم بەزىلەرنىڭ ئامىتى كېلىپ بىراقلا بېيىپ كەتكەنلىكىنى تالاي ئاڭلىغانسىز. بۇنداق چاغدا «ئەسلىدە مەنمۇ مۇشۇنداق قىلالايتتىم، مەنمۇ مۇشۇنداق ئويلىيالايتتىم » دەپ پۇشايمان قىلغانسىز. ئەگەر سىز قەتئىي ئىرادە ۋە چىدام بىلەن ھەرۋاقىت پۇختا تەييارلىق قىلسىڭىز مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى پۇرسەتلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. مەسىلە شۇكى، سىزدە ئاشۇنداق قەتئىي ئىرادە ۋە چىدام-غەيرەت بارمۇ؟
ئەگەر «بايلىققا ئىرىشىش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە كېرەك» لىكىنى ئورۇندىيالمىسىڭىز بېيىش خام خىيالىنى قىلىىپ يۈرمەي يەنىلا ئۆز خىزمىتىڭىزنى ياخشى ئىشلەش كويىدا بولۇڭ. ئارىڭىزغا بىرقەدەم چېكىنسىڭىز كۆڭۈل ئازادىلىكىنى ھېس قىلىسىز.

قانۇن تورىدىن
       مەن بىر ئوقۇتقۇچى، دەرس سەھنىسى بەزىدە ماڭا يىڭى پىكىرلەرنى ئاۋازغا قويۇپ باقىدىغان سەھنە بولۇپ قالىدۇ.
       -بىر ماتېرىيالدا «پۇل بارچە رەزىللىكنىڭ مەنبەسى» دىيىلىپتۇ، يەنە بىرماتېرىيالدا «نامراتلىق بارچە جىنايەتنىڭ مەنبەسى »دىيىلىپتۇ، سىلەرچە، قايسىسى توغرىدۇر،-مەن ھەرقېتىم يىڭى بىر سىنىپقا دەرسكە كىرگىنىمدە مۇشۇ مەسىلىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئاۋازغا قويۇپ باقىمەن، چۈشەنچىلەر ئوخشاش بولمايدۇ. كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار «پۇل بارچە رەزىللىكنىڭ مەنبەسى» دىگەن قاراشنى ياقلاپ قالىدۇ.
       -ئەمىسە نامراتلىق ياخشىمۇ؟-دەپ سورايمەن.
       -ھەئە، نامراتلىق ياخشى،-دەيدۇ ئۇلار.
       -نىمىگە ئاساسەن ئۇنداق دەيسىز؟
       -نامراتلار ئەقىللىق كېلىدۇ.
       -مەسىلەن،كىم؟
       -مەسىلەن.ئەپچىلەم،-ئەپچىلەم بالىلىرىمىزنىڭ نەزەرىدە پىرسۇناژلا ئەمەس، ئۇ بىر قەھرىمانغا ئايلانغان.
       -نامراتلىق ياخشى بولسا، ئۇنداقتا، سىز كەلگۈسىدە نامرات ياشاشنى خالامسىز؟-ئوقۇغۇچى بىر بولسا «ياق» دەيدۇ، يەنە بىر ئېھتىماللىقتا بولسا ئامالسىز باش لىڭشىتىدۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇدۇنيادا ياشاۋاتقان ھېچبىر ئادەم نامرات ياشاشنى خالىمايدۇ، مۇھتاجلىق ھەممىدىن قاتتىق نەرسە، ئۇ ئادەمنى چاكارغا ئايلاندۇرىدۇ. بىز بۇئالەمگە ئەركىن توغۇلۇپ پۇلنىڭ چاكىرىغا ئايلىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن بىزدە ناھايتى نۇرغۇن پۇل بولۇشى كېرەك. شۇندىلا ئۇ تېخىمۇ كۆپ پۇللارنى بىزگە ئىشلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. پۇل بىر ئاساۋ ئاتقا ئوخشايدۇ، ئۇنى مەيلىگە قويۇپ بەرسىڭىز قېچىپ كېتىدۇ، مۇھىمى، سىزدە ئۇنى كۆندۈرگۈدەك ماھارەت بولۇشى كىرەك. مانا بۇ ماھارەت سىزنىڭ نەگە بېرىشىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.
       ماتېرىياللاردىن قارىغاندا يەرشارىدىكى ئومۇمىي نۇپۇسنىڭ تەخمىنەن يىگىرمە پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان پۇلدارلارنىڭ يانچۇقىدا ئۇمۇمىي بايلىقنىڭ سەكسەن پىرسەنتى بارئىكەن، ئومۇمىي نۇپۇسنىڭ سەكسەن پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان كىشىلەردە بولسا بايلىقنىڭ ئاران يىگىرمە پىرسەنتى بار ئىكەن، بىز ھەممىمىز ئەڭ ئاخىرىدا بېرىپ مۇشۇ ئىككى ئېقىننىڭ بىرىدە ئاقماي ئىلاجىمىز يوق، بۇ يەردە بىز ئۆزىمىزدىن سوراپ باقساقلا كۇپايە، «مەن يىگىرمە پىرسەنتلىك نۇپۇستىكى ئادەم بولۇشۇم كېرەكمۇ ياكى سەكسەن پىرسەنتلىكمۇ؟» ياكى مۇنداقچە ئېيتىپ باقساق، «مەن پۇل ئۈچۈن ئىشلەمدىمەن ياكى پۇل مەن ئۈچۈن ئىشلەمدۇ؟» بۇنىڭغا جاۋاب بەرمەك بەك ئاسان، مۇھىمى  ئۇنىڭغا ئادەتلىنىش، خالاس.

       ئالتىنچى قازناق، سىز نىمە قىلىۋاتىسىز؟
       «تۇرۇبا يولى ھەققىدە ھېكايە»دىگەن كىتابنى ئوقۇغان بولغىيدىڭىز؟ئۇنىڭدا مۇنداق بىر ھېكايە بايان قىلىنىدۇ. چەت بىر كەنت بار ئىكەن، بۇ كەنتتە سۇ بەك قىس بولغاچقا، كەنت ئاقساقىلى ئىككى نەپەر خادىم ياللاپ كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى بولۇپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان ئىككى نەپەر غەيرەتلىك ياش-بورۇنۇ بىلەن بوبۇلۇ بۇ ئىشنى قىلماقچى بوپتۇ ۋە ئۇ ئىككىسى كەنت ئەقساقىلى بىلەن توختاملىشىپ ئىش باشلاپتۇ، ئۇلار يېقىن ئەتراپتىكى دەريادىن سۇ توشۇيدىكەن، ھەربىر چىلەك سۇ ئۈچۈن بىر سېنت ھەق ئالىدىكەن. كۈنلەر، ئايلار ئۈتۈپتۇ، ئۇلار سۇ توشۇشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ، ئىشلىگەنسىرى ئۇلارنىڭ كىرىملىرىمۇ ئېشىپتۇ. لېكىن، ھەركۈنى كەچ ئۇلارنىڭ بېلى ئاغرىپ قوللىرى قاپىرىپ كېتىدىكەن،بىركۈنى ئۇ ئىككىسى دەريا بۇيىغا كېتىۋاتقاندابوبۇلۇ:
       -دوستۇم، ، مېنىڭ بىر پىلانىم بار، بىز ھەركۈنى جاپالىق ئىشلەپ سۇ توشۇپ پەقەت بىر نەچچە سېنىتلا ھەق ئالىدىكەنمىز، ئۇنىڭ ئۇرنىغا، بىز دەريادىن كەنتكىچە بىر تۇرۇبا يۇلى قېزىپ سۇنى شۇ ئارقىلىق باشلاپ كەلسەك، قانداقدەيسەن؟-دەپتۇ بۇرۇنۇغا. بورۇنۇ ھاڭ-تاڭ بولۇپ:
       -بۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىنى كىم ئاڭلاپ باققان؟-دەپ ئاچچىقلىنىپتۇ،-مانا ھازىر كۈنىگە يۈز چېلەكتىن سۇ توشۇساق بىركوي پۇلىمىز بار بولغان بولىدۇ، مەن ھازىر خېلى بېيىپ قالدىم، نىمە قىلىمەن ئۇنداق جاپا تارتىپ. قارا، بىزنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا ئىككى كۈنلۈك ھەقلىق دەم ئېلىش كۈنىمىز بار، كەنت ئاقساقىلى بىزنى ياشانغاندا بېقىلىش سۇغۇرتىسىغا قانتاشتۇرۇپ قويدى، مانا، ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىدا غەمسىز ياشايمىز دىگەن گەپ. شۇنداق تۇرسا بىزگە نىمە غەم، توۋۋا، ئەڭ ياخشىسى ، بۇنداق ئەخمىقانە خىيالىڭدىن ۋازكەچكىنىڭ تۈزۈك.
        دېمىسىمۇ بۇرۇنۇنىڭ گېپى ئۇرۇنلۇق، شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭدەك سۇ توشۇپ ياشاۋاتقىلى ماڭا ئون نەچچە يىل بولدى. لېكىن، سەككىز يىللىق ساۋاقدىشىم ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن بۇرۇنلا ئۆزىگە تېگىشلىك بولغان مالىيە ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ بولدى، مەن بولسام ھازىرغا قەدەر ئەتىگەندىن كەچكىچە جاپالىق ئىشلىگەندىن سىرت كۈنىگە نەچچە مەرتىبە قىلىنىدىغان يوقلىما ئۈچۈن كۈزۈمنى پارقىرىتىپ قاراپ ياشاپ كەلدىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت تۇنۇش مەسىلىسى، خالاس.
        بىر ساتىراش تۇنۇشۇم بار ئىدى، بىركۈنى ئۇنىڭ دوككىنىغا چېچىمنى ياساتقىلى كىرىپ قالدىم، ساتراچخانىدا ئادەم كۆپ بولغاچقا نۆۋەت ساقلاپ خېلى كۈتۈشكە توغرا كەلدى. قىرىق بەش ياشلاردىكى بىرەيلەن (بەلكىم ئۇنىڭدىن چوڭراقتۇر) ساتراچنىڭ كارىۋېتىدا ياتاتتى، شاگىرت ساتراچ ئۇنىڭ ساقىلىنى غىرداۋاتاتتى. ئۇنىڭ ساقىلى ئېلىنىپ بولاي دىگەندە ئۇنىڭ تېلېفۇنى توۋلاپ كەتتى. ئۇ كىم بىلەندۇ خېلى ئۇزۇن سۆزلەشتى، چىلان سودىسى توغرىلىق سۆزلىشىۋاتسا كېرەك.
       -تېلېفۇنىڭىز ئېسىلكەن، ھە،-دىدى ساتراچ، بەلكىم ئۇكىشىنىڭ ئېغىزىنى تاتىلاۋاتسا كېرەك.
       -ۋاي، نەرى ئىسىل بۇ تېلېفۇننىڭ؟ ئۆيدە تاشلاپ قويغىلى بىرچاغ بوپتىكەن، تېلېفۇن بازارلىرىغا بارغىلى پۇرسەت بولماي قېلىپ كارتىنى سالغاچ تۇرۇپتىم دەڭلار،- دىدى ئۇ كىشى.
       -ئۆتكەندە ئىشلىتىۋاتقان تېلېفۇنىڭىزچۇ؟-دىدى بىرى.
       -ئۇنى ھېلىقى تۇرسۇن دىگەن غورتەككە سوۋغا قىلىۋېتىشكە توغرا كەپقالدى دەڭلار.
       -نىمىشقا ئەمدى؟
       -ۋاي شاكىركا، بۇتېلېفۇنىڭىز ئۇنداق ئىقتىدارلىقكەنەي، مۇنداق ياخشىكەنەي دەپ ماختاۋەردى ئۇ، ئۇنىڭ قولىدىن بىرمۇنچە پۇل ئېلىپ خەجلىگەندىكىن ئەمدى ئۈزىمىزنى سورىدۇق دەڭلار.
       -نىمە بولۇپ ئۇنداق ئۇچ قويۇپ قالدى ئۇبالا؟-سورىدى يەنە بىرى.
       -ئۇ ھېلىقى ئىچكىرى تولۇق دىگەن يەردە ئوقۇيتتى ئۇ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ بىزنىڭ ليەندە خېلى ھاللىق ئائىلىلەردىن ئىدى، ئالدىنقى يىلى چىلاننىڭ بازىرى ئانچە ياخشى بولمىدىچۇ، بۇ يىلى ئۇبالا ئىچكىرىدىكى قايسىبىر ئۈنۋېرستىتقا ئۈتۈپتىكەن، ھېلىقى ئۆتكەن مەكتەپكە ئوقۇش پۇلى دەپ پۇل ئۆتكۈزىدىغان ئىشكەن چىغى، چىلاننىڭ سودىسى ياخشى بولمىغىنىنى ئاڭلاپ ئۇ ئاتا-ئانىسىغا ئۆزىگە بىر ئاز چىلان سېلىپ بېرىشنى دەپتۇ، ئاتا-ئانىسى قانچىلىك چىلان سېلىپ بەردى، ئىشقىلىپ، چىلان سېلىپ بېرىپتۇ، ئەمدى ئۇ خەنزۇچىغا پىششىق بولىدىكەنچۇ بۇ ئىچكىرىدە ئوقۇغانلار دىگەن، بۇ بالا ئاشۇ مەكتىپىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى بىر دوقمۇشتا  چىلاننى يېيىپ قويۇپ سېتىپ ئولتۇرسا بىرى كېلىپ ئۇنىڭدىن گەپ سوراپتۇمىش. شۇنىڭ بىلەن ئۇ:«ئاتا-ئانام نامرات، ئۇلاردا ماڭا ئوقۇش پۇلىغا بەرگۈدەك پۇل يوق، چىلاننىڭ بازىرى ياخشى بولمىغاچقا ئۇلار ئېتىزدىن يىغىۋالغان چىلانلارنى ياخشى ساتالمىدى، شۇڭا مەن بۇ چىلانلارنى سېتىپ ئوقۇش پولىنى تۈلىمەكچى» دەپتۇ. ئۇكىشى ئۇنىڭ ئادرىسىنى، ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نومۇرىنى يېزىۋېلىپ كېتىپتۇ، ئۇ ئەسلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرىكەن، بىرچاغدا بىر تېلېفۇن كەپتۇ ئۇنىڭغا، تېلېفۇننى ئالسا ھېلىقى مۇخبىر:«ھەي تۇرسۇن، سائەت مانچىدە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پالانچى قانىلىغا قارا» دەپتۇ، قارىسا مەخسۇس شۇ توغرىلىق خەۋەر ئىشلەپ تارقىتىپتىكەن، شۇنىڭ بىلەن توردىمۇ شۇنىڭ ئېلانلىرى بېرىلىپ كەتكەنمىش، شۇنداق قىلىپ ئىچكىرىدە تەرەپ-تەرەپتىن ئۇنىڭ چىلانلىرىغا زاكازلار كېلىپ چىلانلىرى تۈگەپتۇ، بىرچاغدا تېلېفۇن توۋلىدى، ئالسام شۇ.
       -ۋاي ئاكىجان، چىلان سودىسى قىلاتتىڭ، ئېلىپ قويغان چىلانلىرىڭ يوقمۇ؟-دەيدۇ.
       -چىلان دىگەن جىق،- دىسەم،- پالانى ئادرېسقا مۇنداق سۈپەتلىك چىلاندىن مانچىلىك سال،- دەيدۇ، پۇلىنى تېلېفۇندا كېلىشتۇق، سېلىپ بەردىم، ئۇ دىگەن قاراردا پۇل كارتىغا كىردى، شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭغا خېلى چىلان ساتتۇق، شۇ يىلىلا ئۇ گۇي خېلى بىر نىمىگە يېتىۋالدى، بۇ يىلمۇ ئۇنى-بۇنى قىلىپ يۇرۇپ ئىرەر-ئىككى ئاينىڭ ئىچىدىلا توققۇزيۈزمىڭ كوي ساپ پايدا ئايرىلىپتۇ،  تېخى قايسى كۈنى تېلېفۇن قىپتۇ، كىلەر يىللىق سودا ئۈچۈن تۆت يۈز توننا چىلانغا زاكاز ئېلىپ بولدۇم، تەييارلىقنى ئۇبدانراق قىلىپ قويۇڭ، بولۇپمۇ، ئىقتىسادىي تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ قويۇڭ، دەيدۇ. قاراڭلار، مانداق يامان ئادەملەر بار ئىكەن جاھان دىگەندە، تۆت يۈز توننا چىلان دىگەندە كىلو بېشىدا بىركويدىن پايدا ئالسىمۇ تۆت يۈزمىڭ كوي بولمامدۇ؟ ھە بىزغۇ ماقۇل، ئېلىپ-سېتىپ يۈرۈپ پايدا ئالدۇق دەيلى، ئاۋۇ بالاڭزا بارغۇ، مەكتىپىدە ئوقۇغاچ ئويناپ يۈرۈپ، ئوخلاپ ئوڭدا يېتىپ تاپىدۇ ئۇ پۇلنى. لېكىن، ئۇ قىلغاننى بىز قىلالمايمىزچۇ. شۇڭا بىزگە ئاشۇنچىلىك نەپ بەرگەن بالىغا ئۈچ مىڭ كويلۇق بىرتال تېلېفۇن ئەمەس، ئۇنىڭدىن قىممەترەك نەرسىمىز بولسىمۇ بېرىۋەتسەك بىكار كەتمەيدۇ دەڭلار.
        بۇ ھېكايىلەر ماڭا خۇددى مىڭبىر كېچە ھېكايىلىرىدەكلا تۇيۇلدى، مەن ھېلىقى بالىنى تۇنۇيتتىم. ئاينى چاغدا مەن ئۇ بالا ئوقۇيدىغان سىنىپقا بىرمەزگىل دەرس ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئوقۇۋاتقان چاغدىكى قىياپىتى كۈزۈمگە سىڭىپ قالغان ئىدى. ئۇ كىشى دەل شۇ بالىنىڭ گېپىنى قىلىۋاتاتتى.
نەچچە يىل بۇرۇن ئىشخانىمىزدىكى بىرەيلەن «ناۋادا بىز ھەرئايدا ئىككى مىڭ كوي مائاشنى ساق ئالساق(ئىش ھەققىمىز تۇتۇپ قېلىنمىسا)، بىز يېمىسەك-ئىچمىسەك، خەجلىمىسەك، پەقەتلا يىغساق نەچچە يىلدا مىليۇنېر بولالايمىز؟» دىگەن سۇئالنى تاشلاپ ھەممىمىزنى كۈلدۈرۈۋەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ھېسابى بۇيىچە بولغاندا بىز قىرىق يىل ئىشلىسەك توققۇزيۈزئاتمىش مىڭ كوي پۇل يىغالايتتۇق، ئىش ھەققىمىزنى ئۈچمىڭ كوي قىلىپ ھېسابلىغاندا يۇقىرىقى شەرتلەر ئاستىدا بىز ئوتتۇز يىلدا ئاندىن بىرمىليۇن يۇەن يىغالايتتۇق. (بۇيەردە پۇلنىڭ ئۈسۈمى ياكى دومىلىما پايدا دىگەن مەسىلىلەر ھېسابلانمىغان ئىدى) لېكىن، ماۋۇ يەردە مەكتەپ قارىسى كۆرمىگەن، كونىچە ئۇسۇلدا تىجارەت قىلىدىغان بىر  ساۋاتسىز تىجارەتچى ئىككى ئايلىق ئېلىپ- سېتىشتا ئامىتى كېلىپ توققۇز يۈز مىڭ كوي پايدا ئالغانلىقىنى سۆزلەپ يۈرىدۇ. ئۇنىڭ گېپىچە ئۇ توققۇز يۈز مىڭ كوي پۇل تاپمىغان، بەلكى، توققۇز يۈزمىڭ كوي پايدا ئالغان. (ئۇ كىشىنىڭ بۇگېپى بەلكىم راستتۇر، ئەمما، ئۇنىڭ گېپىنىڭ راست- يالغانلىقى نۆۋەتتىكى تېمىمىزنىڭ مۇلاھىزىسى ئەمەس.)
        توققۇزيۈزمىڭ كوي پۇل مېنىڭ ھازىرقى ئىش ھەققىم بولغان ئۈچمىڭ كويلۇق نىسبەت بۇيىچە ھېسابلانسا مېنىڭ قولۇمغا توققۇز يۈزمىڭ كوي پۇل كىرىشى ئۈچۈن مەن يېمىدىم- ئىچمىدىم، خەجلىمىدىم، ھەم مەبلەغ قىلىپ يۇمىلاتمىدىم دەپ ھېسابلىسام، توپتوغرا يىگىرمە بەش يىل كېتىدۇ. يىگىرمە بەش يىل دىگەن دەل ئۈچ يۈز ئاي، توققۇزمىڭ كۈن دىگەن گەپ. مەن يۇقىرى مەلۇماتلىق، دەۋرنىڭ ئالدىدىكى زىيالىيمەن، ئۇنداقتا، نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ چۈنكى، مەن پەقەت ھېلىقى بورۇنۇدەك چىلەكتە سۇ تۇشۇشقىلا كۆنگەنمەن. ئۇنداقتا سىز نىمە قىلىۋاتىسىز؟

        يەتتىنچى قازناق.تۇرۇبا يولى قېزىشنى ئويلىدىڭىزمۇ؟
        تۇغۇلۇش بىر قىسمەت، ھاياتلىق ئېقىنلىرىدا بىز بۇرغۇن بەرسىلەرنى ئەركىن تاللىيالايمىز، ئەمما، نۇرغۇن نەرسىلەرنى مەسىلەن، باي ئائىلىدە تۇغۇلۇش ياكى نامرات ئائىلىدە تۇغۇلۇش دىگەندەك ئىشلارنى تاللاش بىزنىڭ ئىختىيارلىقىمىزدا بولمايدۇ، لېكىن، بىز ئۆزىمىزنىڭ ھايات يولىمىزنى تاللاش تامامەن مۇمكىن.
        ئەمدى بىز ھېلىقى چۆچىكىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ باقايلى،شۇنداق قىلىپ كەنجى ئوغۇل بولبۇلگۇيانى ئېلىپ ھۆرلىقا بەرگەن قۇش پېيىنى يانچۇقىغا سېلىپ خۇشال ھالدا قايتىپتۇ، ئۇلار نەق بىز يىلدىن كېيىن ئاشۇ ئۈچ ئاچايولدا ئۇچراشماقچى بولغان ئىكەن، لېكىن، كەنجى ئۇغۇل ئاكىلىرىنى شۇنچە ساقلىسىمۇ ئۇلاردىن سادا بولماپتۇ، ئاخىرى كەنجى ئوغۇل ئاكىلىرىنى ئىزدەپ باقماقچى بولۇپتۇ، ئۇ چوڭ ئاكىسى تاللىغان يولدا مېڭىپ بىركېچە كۈندۈز ماڭغان ئىكەن، بىر شەھەرگە كېلىپ قېلىپتۇ. ئۇ رەستىلەرنى ئايلىنىپ بىر ئاشخانىغا كىرىپتۇ، قارىسا چوڭ ئاكىسى ئوچاققا ئوت قالاۋاتقان، ئوتتۇرانچى ئاكىسى يۈگۈر-يېتىم ئىشلارنى قىلىۋاتقان ئىكەن.
        كۈرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئۇ ئىككىسى ئۆز نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئەمەس، قورساق بېقىشنى نىشان قىلىپ ياشاۋاتقان بولىدۇ. ئاددىي كۆز بىلەن كۈزەتكىنىمىزدە بۇ ئۈچ ئوغۇلنىڭ ئىككىسى چېلەكتە سۇ توشۇۋاتقانلىقى كۈرۈنىدۇ. ئەسلىدە ئۈچىلىسى بىر ئاتا-ئانىنىڭ بالىلىرى ئىدى، ئەمما، ئىككى چوڭى سۇ توشۇش يولىنى تاللىۋالدى، كەنجىسىگە بولسا تاللاش ئىمكانىيىتى يوق بولدى. «باشقا كەلگەندە باتۇر» دىگەن شۇ گەپ. لېكىن، ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، ئىنساننىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ئىستىمالىنى ئۇنىڭ نەپسى تىزگىنلەيدۇ، ئەگەر سىز نەپسىڭىزنى تىزگىنلەشنى ئۈگەنمىسىڭىز مەڭگۈ ئۇنىڭ چاكىرىغا ئايلىنىپ قالىسىز.
        ئەمدى بولۇلۇغا قاراپ باقايلى، ئۇ دوستىغا سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپتۇ، لېكىن، ئامال بولماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ پىلاننى يالغۇز ئەمەلگە ئاشۇرۇش قارارىغا كېلىپتۇ.ئۇ كۈندۈزدىكى ئىش ۋاقتىدا سۇ توشۇپتۇ.قالغان ۋاقتى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە تۇرۇبايولى قېزىشقا باشلاپتۇ، بارغانچە ئۇ تاشتەك قاتتىق بۇ تۇپراقتىن بىر تۇرۇبا يولى قېزىپ چىقىشنىڭ تولىمۇ قىيىن ئىكەنلىكىنى سېزىپتۇ، لېكىن، ئۇ ئۆز ئىش ھەققىنىڭ ئۇنىڭ توشۇغان سۇيىنىڭ چېلەك سانىغا ئاساسەن كېلىدىغانلىقىنى ئۇبدان بىلىدىكەن، دەسلەپتە كىرىمى نىسبەتەن ئازىيىپ كەتكەندەك قىلسىمۇ يەنە بىر-ئىككى يىل چىدىيالىسا ئۇ قازغان تورۇبا يولىنىڭ كۈرۈنەرلىك ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنىمۇ ھەم قەتئىي ئىشىنىدىكەن. شۇڭا ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەشكە باشلاپتۇ.
        كۆز ئالدىمىزدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر چېلەك ياساۋاتىدۇ، يەنە نۇرغۇنلىرى چېلەكنىڭ بەلەنلىكىنى ماختاب بازارغا سېلىۋاتىدۇ، يەنە نۇرغۇنلىرى، ھەتتا ئالدىنقى تېمىمىزدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك سەكسەن پىرسەنت كىشى توختىماي سۇ توشۇۋاتىدۇ. مانا بۇ رېئاللىق. ئەمىسە پەقەت سۇ تۇشۇمامدۇق؟ توشۇماي ئامال يوق، سۇتوشۇغۇچىلارمۇ جەمئىيەتنىڭ زۈرۈر تەركىبىدۇر، ئۇلارمۇ بولمىسا بولمايدۇ، ئەمما، يول ئالدىڭىزدا تۇرۇپتۇ. ئۇ سىزنىڭ تاللىشىڭىزغا باغلىق، خالاس.
        بىر پىكىرداش دوستۇم بىلەن بىر ئاشپۇزۇلدا مۇشۇنداق تېمىلاردا مۇلاھىزە قىلىشقاچ تاماق يەپ ئولتۇرساق بىرەيلەن كېلىپ قوپال ئاۋازدا دىدى:
       -سىلەرنىڭ گېپىڭلارچە، بىز ئوقۇتقۇچىلىق قىلمىساق بولىدىكەن-دە؟
       -ئۇنداق ئەمەس، ئوقۇتقۇچىسىز جەمئىيەتنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، شۇنداقلا، جەمئىيەت دىگەندە يەنە دۇختۇر، ساقچى، شۇپۇر دىگەندەك ھەرساھە بولۇشى كېرەك.
       -ئەمىسەنىمە دىمەكچىسىلەر، باياتىنقى گەپلىرىڭلارنى ئاڭلىدىم.
       -مەنمۇ سەن بىلەن ئوخشاشلا ئوقۇتقۇچى،-دىدىم مەن،-دىيىشكىنىمىز، قايسى ساھە، قايسى كەسىپ بولسۇن، ئىنساننىڭ پۇلغا تۇتقان مۇئامىلىسىدىكى پەرق ئوخشاش بولمىغان نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزىلەر ئۆمۈرۋايەت پۇلنىڭ قولى بولۇپلا ئۈتىدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا پۇلنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىدۇ، بۇ پەقەت تەدبىرىڭىزگە، بەزىدە كەسىپكىمۇ باغلىق…
       ھېلىقى چۆچىكىمىزدىكى چوڭ ئوغۇل بىلەن ئوتتۇرانچى ئوغۇلمۇ بۇلبۇلگۇيانى تېتىپ كېلەلەيتتى، ئۇلاردىمۇ ئاشۇنداق قىلغۇدەك ئىقتىدار ۋە تالانت بار ئىدى. ئەمىسە ئۇلار نىمىشقا تېپىپ كېلەلمىدى؟ چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلەلمىدى، ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ ئاشقۇن نەپسىگە يىڭىلىپ قالدى. ئۇلار ئاتىسى يانچۇقىغا سېلىپ قويغان نەچچە تەڭگىدىن مەغرۇرلاندى؛ ئۆزىنىڭ نىشانىنى ئۇنتۇپ بەك بالدۇرلا ھۇزۇر-ھالاۋەت كوچىسىغا كىرىپ كەتتى، ئەگەر ئۇلار بۇلبۇلگۇيانى تېپىپ كېلەلىگەن بولسا ئۇلارنىڭ ھۇزۇر ھالاۋىتىنى  بەلكىم يىتەرلىك مالىيە كاپالىتى ۋە ئابروي كاپالىتى كۈتۈپ تۇرغان بولاتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا ئىككى ئاكا سودا قىلىپ نۇرغۇن پۇل تاپقان بولسا سايرىغان ئۈنى دادىسىنىڭ كېىسلىگە پايدا قىلىدىغان يەنە بىر بۇلبۇلگۇيانى سېتىۋالالار ئىدى. ئەمما، ئۇلار ئاخىرىدا پەقەت قورسىقىنى بېقىش ئۈچۈنلا سۇ توشۇشقا مەجبۇر بولدى. ئىككى ئاكىنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى شۇ بولدىكى، ئۇ ئۆزىنىڭ نىشانىنى ئەستىن چىقىرىپ قويدى. كۈرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، نىشان بەك مۇھىمدۇر. بولۇلۇ ئۆزىنىڭ نىشانىنى ئېنىق ھەم مۇستەھكەم تۇرغۇزدى، بۇنداق نىشان تۇرغۇزۇش كەنجى ئوغۇلنىڭ چۆل يولىنى تاللىغىنىغا ئوخشىمايدۇ، ناۋادا ئىككى ئاكا سەل ئىنساب بىلەن ئىنىسىغا تاللاش ئەركىنى بەرگەن بولسىدى، بەلكىم كەنجى ئوغۇلمۇ چوڭ ئوغۇلنىڭ يولىنى تاللاپ قالار ئىدى. چۇزۇر-ھالاۋەتكە ئىنتىلىش ئىنساننىڭ تۇغما تەبىئىتى، خالاس. ئەمما، بوبۇلۇ سۇ توشۇغاچ تورۇبا يولى قازدى. چۈنكى ئۇ ئۆزىگە ئېنىق بىر نىشان تىكلىگەن ئىدى. نىشانسىز يۈرگەن كىمە قانداقلا شامالغا ئۇچرىسۇن شامال ئۇنىڭغا تەتۈر بىلىنىدۇ؛ نۇرغۇن ئادەملەردىكى ئۇرۇنسىز ئاغرىنىش، قېيداش ۋە غوتۇلداشلارمۇ دەل مۇشۇنداق ئەھۋالدىن بىشارەت بېرىدۇ. ئۇ كىشىلەر ئۆزىگە نىمىنىڭ لازىملىقىنى بىلەلمىگەن. ئەمدى سىز ۋە مەن ھاياتلىقتىكى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ بىرىنچى كاپالىتى  ئىنىق نىشان بولۇش كېرەك ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىشىمىز كېرەك. ئۇنداقتا، بىز مونۇ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىپ باقايلى..

1.سىز نىمە ئۈچۈن نامرات ؟

چۈنكى سىزدە باي بولۇش نىشانى تىكلەنمىگەن…

2.كىشىلىك تۇرمۇشىڭىزدىكى يادرولۇق نىشانىڭىز نىمە؟

تالانت ئىگىسى بىلەن ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ مەھىيەتلىك پەرقى تالانت ۋە پۇرسەت بولماستىن، بەلكى نىشانىنىڭ بار يوقلۇقىدىدۇر…

3.سىز نىشان تىكلەشنى ئويلاشتىڭىزمۇ؟

بىر قەدەمنى بالدۇر ئالسىڭىز تۇرمۇشىڭىزدا بىر قەدەم يوغان چامدىيالايسىز.كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مۇۋاپىقىيەت نىشان تۇرغۇزۇشتىن باشلىنىدۇ.

4. نىمە ئۈچۈن زور كۆپچىلىك كىشىلەر مەڭگۈ مۇۋاپىقىيەت قازىنالمايدۇ؟

چۈنكى ئۆز نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان كىشىلەر ئاران% 10- %5 كىشىلەردۇر، قالغىنى بولسا ئۆز نىشانىنى تاشلىغان ياكى قۇرۇق خىيالغا پاتقانلاردۇر.

5.سىز نىشانىڭىزنى قاچان تىكلىمەكچى؟

ناۋادا 35 ياشتىن ئىلگىرى مۇۋاپىقىيەت قازىنىمەن دەيدىكەنسىز، 18ياشتىن ھېچبولمىغاندا 30 ياشقىچە بولغان مەزگىلدە كىشىلىك نىشانىڭىزنى ئېنىق ھەم مۇستەھكەم تۇرۇغۇزۇپ بولۇشىڭىز كېرەك.

6.ھەر كۈنى، ھەر ئاي، ھەر يىلى شۇنى ئۆزىڭىزگە سۇئال قىلىڭكى:«مەن ئۆز نىشانىمغا يەتتىممۇ؟»

مېنىڭچە، ئاخىرقى بىر سۇئال بەك زۈرۈر، سىز داۋاملىق ئۆزىڭىزدىن ھېساب ئېلىپ، ئۆزىڭىزگە ھېساب بېرىپ تۇرۇشنى ئۈگىنىشڭىز كېرەك.

        سەككىزىنچى قازناق. سىز ئۆزىڭىزدىن رازىمۇ؟
        بىر ئوتۇنچى جاڭگالغا ئوتۇنغا مېڭىپتۇ. ئۇشتۇمتۇت ئۇ  بىرتۈپ يوغان توغراقنىڭ تۈۋىدە ياتقان بىر توشقاننى كۈرۈپ قاپتۇ ۋە خوشال بولۇپ كېتىپتۇ.
-مۇشۇ تۇشقاننى تۇتۇۋالسام،-دەپ ئۇيلاپتۇ ئۇ ئۆزىچە،- ئۇنى بازارغا ئاپىرىپ ساتسام، پۇلىغا بىر توخۇ ئالسام، تۇخۇملىرىنى يىغىپ ساتسام، ئاندىن ئۇنى باسۇرۇپ يارغۇزسام، چۈجىلىرى بىلەن ئاپىرىپ ساتسام، پۇلىغا بىر ئوغلاق ئالسام، ئۇنى ئوغلاقلىتىپ سېتىپ قوي ئالسام…… ئاخىرىدا بىر تاي ئالسام ئۇنى كۆندۈرۈپ مىنسەم، خوتۇنۇمنى كەينىمگە مىندۈرۈپ قېيىنئاتامنىڭكىگە ئۇلارنى يوقلاپ بارسام، كىشىلەر ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراشسا…،-ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە قارىسا توشقان يوق تۇرغۇدەك.
        بىر چۆچەكتە مانا مۇشۇنداق بىر ۋەقە بايان قىلىنىدۇ. بۇيەردە ئوتۇنچى ئۆزىگە مانا مۇشۇنداق بىر كاتتا پىلان تۈزگەنۇ، ئۇنى نىشانغا ئايلاندۇرمىغان، بۇ يەردىكى گەپ شۇكى، نىشانغا ئايلانغان پىلان ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن دوست بولۇشى كېرەك. ئەمەلىي ھەرىكەت باشتا جاپالىق بولىدۇ، لېكىن، ئاشۇ جاپانى ئادەتكە ئايلاندۇرالىسىڭىز ئۇمۇ جاپالىق بىلىنمەيدۇ. ھېلىقى چۆچىكىمىزدىكى ئىككى ئاكا پۈتۈنلەي يالاڭتۆش بولۇپ قالغان ئاشۇ چاغدىمۇ ھەم بۇ يالاڭتۆشلۈكتىن قۇتۇلۇش يولىنى تاللاشنى خالىمىغان، بەلكى جۈرئەت قىلالمىغان. چۈنكى ئۇ كىملىكىنى ئۇنتۇغان، ئەگەر ئۇلار غۇرۇى ئۆلگەن، ئادەملىك قىممىتىنى ئۇنتۇغان، ئۆزىنىڭ شاھزادە ئىكەنلىكىدىن ئېغىز ئېچىشقىمۇ قىلچە جۈرئەت قىلالمايدىغان بىر قورساق بەندىسىگە ئايلىنىپ قالمىغان بولسىدى، ئۇ بۇ يولنى شۇ چاغدا بولسىمۇ بۇ نىشاننى تاللىۋالغان بولاتتى. بۇخىل تاللاش مۇشەققەتلىك ھەرىكەتلەردىن كېيىن ئەمەلگە ئاشاتتى. ئىنسانلىقتىكى مانا شۇنداق ئۈمىدسىزلىك ۋە ئىشەنچسىزلىكلەر ئىنساننى روھىي جەھەتتە بىچارە قىلىپ قويىدۇ، ئۇ كىشىلەر ھەتتا، ياراتقۇچىنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ.بۇنداق بىچارىلىققا بەند بولغان كىشى ئۆمۈرۋايەت سۇ توشۇشقا مەجبۇر بولىدۇ، بۇيەردە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلىغان ھەر بىر كىشى ئۆزىدە چەكسىز بايلىقنىڭ يۇشۇرۇنۇپ ياتىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك.ئىشەنچ ۋە ئۈمىدۋارلىقتىن ئايرىلىپ قالغۇچى خۇددى بىر قانىتىدىن ئايرىلىپ قالغان قۇشتەك نىمجان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئىنسان ئىنىق ۋە توغرا نىشانغا ئىگە بولغاندىن كېيىن ئىككىنچى قەدەمدە ساغلام كايپىيات ۋە روھىي ھالەتنى ساقلاپ ئۈمىدۋارلىقنى دوست تۇتۇپ ئۆزىدىكى بايلىقنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىكە قىلىشى زۈرۈردۇر.بۇ خىل قىممەتلەر مەلۇم كەسىپ ئارقىلىق رۇياپقا چىقىدۇ. ھېلىقى ئوتۇنچىنىڭ خىيالى ئارزۇ-ئىستەكتۇر، ئارزۇ-ئىستەك خىيالدىن تۇغۇلۇپ نىشانغا ئايلىنالايدۇ، شۇڭا، خىيالدىن قورقمىغۇلۇق، لېكىن، خىيال خىيال پېتى قالسا ئۇ ئادەمنى پەقەت خىيالنىڭ چاكىرىغىلا ئايلاندۇرالايدۇ، دىمەكچىمەنكى، خىيالدىن ئارزۇ، ئارزۇدىن نىشان، نىشاندىن ھەرىكەت چىققاندىلا ئاندىن خىيال سىزگە مەنپەئەت ئەكىلىدۇ. ئىنسان ئىنتايىن مۇكەممەل بولغان بىر گەۋدە، سىزنى ياراتقۇچى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدىغان قىلىپ ياراتقان، ئەمما، سىز «مەن قىلالمايمەن» دەپلا تۇرۇۋالسىڭىز ئامال يوق. كاللىڭىزدىن ئۆزىڭىزنىڭ بىرتالاي ناچار سۈپەتلىرىڭىزنى پۈتۈنلەي يۇيۇۋېتىشىڭىز، پەقەت ياخشى سۈپەتلىرىڭىزنىلا ئېپقېلىشىڭىز كېرەك. كەمسىنىش ھالەتلىرىدىن پەقەت قۇتۇلالمىسىڭىز ئەتىگەن-كەچتە ئۆيىڭىزدە ئۆزىڭىزگە :«مەن قىلالايمەن…»دەپ تۇختىماي سۆزلەپ بېقىڭكى، «مەن قىلالمايمەن»ھالىتىدىن قۇتۇلۇشىڭىزكېرەك. ئوتۇنچى ھېلىھەم ھېلىقى تۇشقاننى ساقلاپ ئولتۇرارمىش دىگەن بايانلار مۇشۇ چۆچەك مۇئەللىپىنىڭ كاللىسىدىكى «مۇمكىن ئەمەس» چۈشەنچىسىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. ئەمەلىيەتتە، ھېلىقى بىرتال تۇشقاننىڭ ئوتۇنچىنى بېيىتىۋېتەلىشىدە شەك يوق، پەقەت ئوتۇنچى ئۆزىنىڭ خىيالىدىكى جەريانلارنى ئەمەلىي جەريانلارغا ئايلاندۇرسىلا بولدى، ئۇنىڭغا مەلۇم ۋاقىت كېتىدۇ، شۇ.
        ناۋادا بوبۇلۇمۇ بورۇنۇغا ئوخشاش ئۆزىدىن چەكسىز مىننەتدار بولدى دەپ قارايلى، ئۇھالدا ئۇنىڭ دوستىدىن ۋە ياكى بىزنىڭ ئوتۇنچىمىزغا ئوخشاش بىرخىل راھەت تۇيغۇسىدا ياشاۋەرگەن بولاتتى.
        ئەمدى بىز تۇرۇبا يولى ھەققىدىكى ھېكايىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاپ باقايلى.
        تۇرۇبا يولىنىڭ پۈتۈشى بىلەن بوبۇلۇ سۇ تۇشۇمايدۇغان بوپتۇ. ئۇ مەيلى ئىشلىسۇن ياكى ئىشلىمىسۇن، سۇ توختىماستىن ئېقىپ تۇرىدىكەن.ئۇخلاۋاتقان، دەم ئېلىۋاتقان ياكى تاماق يەۋاتقان كۈنلىرىدىمۇ سۇ توختىماستىن ئېقىپ تۇرىدىكەن. كەنتكە كىرگەن سۇ قانچە كۆپ بولغانسىرى ئۇنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلمۇ شۇنچە كۆپىيىدىكەن.
        مانا بۇ ئارزۇدىن-راھەتكە ئىنتىلىش ئارزۇسىدىن پەيدا بولغان. بۇمۇ دەسلىپىدە ئوتۇنچى بوۋاينىڭ خىيالىغا ئوخشاشلا بىر خىيال ئىدى. لېكىن، ئوتۇنچى بوۋاينىڭ تۇشقىنى قېچىپ كەتتى. بەلكىم ئۇۋىسىغا كىرىۋالغاندۇر، جان ئۇنىڭغىمۇ تاتلىق، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ناھايتى يۈگرۈك ئىككى جۇپ پۇتى بار. لېكىن، ئۇنىڭدا ئوتۇنچى بوۋايدا بولغان ئەقىل ۋە چارە-تەدبىر يوق. دىمەك، بوۋاي ھەرئاماللارنى قىلىپ توشقاننى تۇتۇشى، ئاندىن ئۆزى ئارزۇ قىلغان جەريانلارنى ئۇرۇندىشى كېرەك ئىدى. بەلكىم سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ «توشقان» لىرىمىز قېچىپ كەتكەندۇر. بۇنىڭ ھەممىسى ئاشۇ رىئاللىققا بولغان تۇنۇش مەسىلىسى خالاس. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزدىن تولىمۇ مىننەتدار بولسىڭىز سىز تۇلىمۇ بەختلىكسىز، لېكىن، چىلىكىڭىزنى مەھكەم تۇتۇشىڭىز، ئۆمرىڭىزنىڭ ئاخىرىغىچە شۇنىڭغا تايىنىپ ياشىشىڭىز كېرەك، بىرچېلەك سۇنى كەم تۇشۇسىڭىز كىرىمىڭىز مۇنىڭغا مۇناسىپ كېمىيىدۇ. ئەگەر سىزدە ئۆز كىرىمىڭىزگە نىسبەتەن قانائەتسىزلىك بولمىسا تۇرۇبا يولى دىگەننى خىيال قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايسىز. «قانائەت شۇنچە چاتاق نەرسىمۇ»  دەپ ئېغىزىمنى تۇۋاقلاشنى ئويلاپ ئاۋارە بولماڭ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئېشەك ياكى چوشقا بولۇپ قالمىغىنىڭىزدىن، ئۆزىڭىزىڭ زىمىننىڭ خۇجايىنى بولغان ئىنسان بولۇپ يارالغىنىڭىز ئۈچۈن پەرۋىشكارىڭىزغا  شۈكۈر  قىلسىڭىز، تېنىڭىزنىڭ ساقلىقىدىن تېخىمۇ مىننەتدار بولسىڭىز، شۇنىڭغا قانائەت قىلسىڭىز بولىدۇ، لېكىن، بۇ ھەرگىزمۇ ئەقلىڭىز ۋە قول- پۇتىڭىزنى ئىشلەتمەڭ دىگەنلىك ئەمەس. ئۆردەك گۈشى يىگەندە غازنىڭ پېيىدەك بولۇڭ دىگەن دەل مۇشۇ، خالاس. دۇنيانىڭ بايلىقلىرى ھەددى ھېسابسىز، لېكىن ھەممە بەرسىنىڭ ئىگىسى بار، سىز بىركچىدىلا مىليۇنېر بولۇشنى خىيال قىلغانسىز، ئەمما، ئەگەر تەلىيىڭىز كەلمىسە بۇ مۇمكىن ئەمەس.

        توققۇزىنچى قازناق. سىز ھەمىشە پۇل تېپىۋاتامسىز
       «پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا»، «پۇل بولسا شەيتاننىمۇ ئۇسسۇلغا سالغىلى بولىدۇ» دىگەن بايانلار زامانلاردىن بېرى ئېڭىمىزغا بىلىپ-بىلمەي سىڭىپ كەتتى. بۇلار پۇلنىڭ كۈچىنى نامايان قىلىدىغان دەبدەبىلەر بولغاندەك قىلغىنى بىلەن بۇ شۇ سۆزلەرنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كاللىسىدىكى پۇل خۇراپاتچىلىقىدىن بەلگە بېرىدۇ. «پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا» دىگەن ئۇقۇم مەنتقىي جەھەتتىن توغرا ئوقۇم ئەمەس. مەسىلەن، بۇنى بىر ھۈكۈم دەپ قارايلى، ئۇنداقتا، «جاڭگالدا شۇرپا ئىچتۇق» دىمەك، «بىزدە پۇل بار » دىگەن يەكۈن پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ.
        ئىككىنچى جۈملىگە قاراپ باقايلى، پۇل بولسا شەيتاننىمۇ ئۇسسۇلغا سالغىلى بولىدۇ. شەيتان ئوقۇمى دىنىي چۈشەنچىلەر ئارقىلىپ چۈشىنىلىدۇ. بۇيەردە يانچۇقىڭىزغا پۇل كىرگەن ھامان سىز شەيتاننى ئەمەس، بەلكى، شەيتان سىزنى ئۇسسۇلغا سالغان ياكى سېلىۋاتقان بولىدۇ. سىزنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى نامراتلىقىڭىزنىڭ بىر ئۇچى سىز شەيتاننىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان بولىسىز. بۇ گەپتىن شەيتانلار بەلكىم كۈلۈپ ھېق بولۇپ كېتەر. «ۋاھ، بۇئايلىق مائاشىڭنى ئالدىڭ، مانا بۈگۈن يانچۇقۇڭغا پۇل كىردى، قارا، ئۇنى يە، بۇنى يە، ئۇنى كېيى-بۇنى كېي، ئۇنى ئىچ-بۇنى ئىچ، قارا، ئاۋۇ تۇمۇچۇقنى بىر قۇشلاپ باقمامسەنۇي…» نەتىجىدە سىز ھايت-ھىيت دىگۈچىلا يانچۇقىڭىزنى قۇرۇقدايسىز، تۇرمۇشىڭىز ھېسابلىق ئۈتۈشتىن يىراقتا قالىدۇ، ئامالسىز يەنە قەرز ئالىسىز، ئۇنى تۈلىمەي ئامال يوق. بۇنى شەيتاننىڭ پۇلىڭىزغا ئۇسسۇل ئويناپ بېرىشى دەيمىزمۇ ياكى شەيتاننىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناش دەيمىزمۇ. بۇمۇ كۆزقاراش مەسىلىسى،خالاس.ئەمما، كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ئاز سانلىق كىشىلەر ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلىقى بىر پاكىت. ناۋادا سىز ھەقىقىي مەنىدە باي بولۇشنى ئويلىسىڭىز شەيتان دىگەندىن (مەيلى ئۇنى ئۇسسۇلغا سېلىشتىن، ياكى ئۇنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناشتىن بولسۇن)يىراق تۇرۇشىڭىز، تۇرمۇشىڭىزنى ھېسابلىق، ئاددىي-ساددا ئۆتكۈزۈشىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ تۇرۇبا يولى ئۈچۈن كۆپرەك باش قاتۇرۇشىڭىز كېرەك.
        دۇنيادا پۇل تاپالمايدىغان بىرمۇ ئادەم بولمايدۇ. ئەمما، پۇلى بارلىكى كىشىلەرنى باي دىگىلى بولمايدۇ. چۈنكى كۆپ سانلىق (بەلكى سەكسەن پىرسەنت) ئادەم سۇ توشۇيدۇ. بۇلار ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتى ۋە زېھنىنى خۇجايىننىڭ توروبا يولى ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشقا ئانچە كۆپ ۋاقتى چىقارمىسا كېرەك. چۈنكى ئۇلار ئۇلار خۇجايىنىغا ئۆزىدىنمۇ بەكرەك ئىشىنىپ كېتىدۇ، بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ ئەجەللىك خاتالىقى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇلار ھامان بىر كۈنى تۇشقان ئۇۋىسىدىن چىقسا ئۇنى تۇتۇۋالسام ئاندىن مەن تايغا مىنەلەيتتىم دەپ توشقان كۈتۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن، تۇشقان ھەرگىز بوۋاينىڭ ئالدىغا ئۆزى كەلمىگىنىدەك، سىزنىڭ ئالدىڭىزغىمۇ ئۆزى كەلمەيدۇ. ئۇ پەقەت سىزدىن تەدبىر تەلەپ قىلىدۇ. پەقەت پەرۋەردىگاردىن قالسا ئۆزىڭىزگە پەقەت ئۆزىڭىزلا ئەڭ يۈكسەك كۆڭۈل بۈلەلەيسىز. سىزنىڭ كۈڭۈل ئازادىلىكىڭىز ۋە خاتىرجەملىكىڭىزگە پەقەت ئاقچىلا ئەڭ زور دەرىجىدە ياردەم قىلالىشى مۇمكىن. شۇنى ئۇنتۇپ قالماڭكى، پەقەت ئۆزىڭىزگە مەنسۇپ بولغان پۇل سىزنى خۇجايىنغا ئايلاندۇرىدۇ، ئەمما، خەقنىڭ يانچۇقىدىكى پۇل بولسا سىزنى چاكارغا ئايلاندۇرىدۇ، خالاس. شۇڭا، ئۆزىڭىزنىڭ ئۈزۈلمەس كىرىم مەنبەيىڭىز بولغان تۇرۇبا يولىڭىزنى ياساپ چىققان چىغىڭىزدىلا ئاندىن ئۆزىڭىزگە ھەقىقىي مەنىدە ئىگە بولالايسىز.
بۇ ھويلىدىكى مۇھىم نوقتىلار:
پۇل

               ئوقۇش-ئۈگىنىش                                          بارسا كەلمەس يول ﹦kirim<chiqim

ئىنسان     ھۈنەر-كەسىپ                                              ياكېلەر يا كەلمەس يول﹦kirim≒chiqim
               سودا-تىجارەت                                               بارسا كېلەر يول﹦kirim>chiqim
               لەيغەزەللىك
80%لىك نۇپۇس ئىستىمال قلىدۇ. 20%لىك نۇپۇس مەبلەغ سالىدۇ

نىكاھنىڭ قىيىنل

35

تېما

0

دوست

7820

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   56.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1318
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1707
تۆھپە : 1255
توردىكى ۋاقتى: 1395
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 10:57:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھەممىڭلارنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن ھېيىتىغا مۇبارەك بولسۇن!

   بۇ تېمىنى تولۇق ئۇقۇپ چىقالمىدىم. لىكىن بېسىپ چىقىرىۋېلىپ تولۇق ئوقۇپ چىقىپ مۇلاھىزە قىلىپ باقىمەن.

داۋامى بارمىكىن يا تۈگىدىمۇ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

3

تېما

0

دوست

2620

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28099
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 806
توردىكى ۋاقتى: 177
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 11:02:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسى مۇقۇملىقنىڭ قۇربانى بوپ كىتىۋاتىدۇ. يوللىرىمىز راۋان ئەمەس،

3

تېما

2

دوست

2701

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28391
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 824
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 11:38:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ALMEQI يوللىغان ۋاقتى  2014-8-6 11:02
ھەممىسى مۇقۇملىقنىڭ قۇربانى بوپ كىتىۋاتىدۇ. يوللىرىمى ...

سىزگە مۇقۇملۇق كىرەك ئەمەسما؟ ئادەم خاتىرجەم بولمىسا يىگەن تامىقى سىڭەمدۇ؟ يولنى خاتىرجەم ماڭغىلى بۇلارمۇ؟

6

تېما

0

دوست

1701

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   70.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5470
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 188
تۆھپە : 413
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 11:52:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنى ئۈزى ھەققىدە قايتا بىر ئويلىنىپ بېقىشقا ئۈندەيدىغان تىما ئىكەن؟ قىززىق يىرى ھەممە ئادەمنىڭ كۆپرەك پۇل تاپقۇسى بار  ھە.............

0

تېما

0

دوست

376

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30008
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 102
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 13:25:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە مۇشۇ 11تۈرلۈك ئىشلارنى كۈندىلىك خاتىرەمگە يېزىۋالاي ماڭا بەك تەسىر قىلدى

0

تېما

0

دوست

583

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   16.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27905
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 16:03:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسسەلەممۇ ئەلەيكۇم
بۇ مەزمۇنلارنى تولۇق ئوقۇپ چىقىش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئىدىيەلەرنى بىلىۋالدىم ھەم سىزنىڭ ھەقىقەتەن كۈپ ئەجىر سىڭدىرگەنلىكىڭىزدىن سۆيۈندۈم ھەم تەسىرلەندىم .
  نىمە ئۈچۈن بىيىيالمىدۇق ..ئەلۋەتتە بۇ مۇلاھىزە بىز بىر قىتىم ئويلىنىپ كۈرشىمىزگە ئەرزىيدۇ . ئەممە بەك كۆپ ئويلىنىپ كىتىشىمىزگە ئەرزىپ كەتمەيدۇ چۈنكى بۇ ئوينى بەك چوڭقور ئويلاپ كەتسەك ئۈزىمىزنىڭ بىيشقا بولغان يولىمىزنى بەك تۈۋەن ياكى يوق قىلۋىتىمىز ..چۈنكى بىز بىييالماسلىق يولىنى ئويلىغانسىرى نۇرغۇن يوللارنى تىپىپ چىقالايمىز ئەلۋەتتە . [ نىمىنى ئويلىساڭ شۇ بولىدۇ ]
   بىز چوقوم بىيىيالايمىز ..
بىز ئاۋال ئۈزىمىزنى باشتىن -ئاخىر بىر تەكشۇرۇپ ، ئوقۇپ چىقىشىمىز كىرەك .
ئۈزىمىزنى تولۇق چۈشىنىشىمىز ياكى دەپتەرگە يىزىپ چىقىشىمىز كىرەك
ئۈزىڭىز قىلۋاتقان تىجارەت بولسۇن ، ھۈنەر ، خىزمەت ۋەياكى باشقا ساھالەر بولسۇن مەيلى قايسى كەسپ بولسۇن سىز شۇ قىلۋاتقان ئىشىڭىزدىن نىشانىڭىزنى يارتىڭ .
   بۇ سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولۇپلا قالماي سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى تىجەپ بىردۇ ..
       ھەر قانداق بىر ئىنساندا باي بولۇش بولسۇن ياكى خىزمەت ، كەسىپتە مۇۋاپىقىيەت  قازنىش ئۇچۈن ئەڭ مۇھىم ئاساس ئەڭ مۇھىم كۈچ دەسمايە بار . پەقەت ئىنسانلا ئۈزدە بولغان مۇشۇ كۈچ ۋە دەسماھىدىن قانداق بايدىلنىشنى بىلمەي ياكى ئىشلىتىشنى خالىماي ۋاقىتنى ئىسراپ قىلۋاتىدۇ ..[ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلش تاماقنى ئسراپ قىلىشتىن نەچچە مىڭ ھەسسە قورقۇنۇشلۇقتۇر ]
  بەدىنىڭىزنى روسلاپ روھلۇق ھالدا ئىككى ئالقىنىڭىزنى (دۇئاغا قول كۆتۇرگەندەك ) ئىچىپ كۈزىڭىزدىن 20ئ30 سانتا ئارلىق ساقلاپ ئۈمىد ۋە ئىشەنىچ بىلەن ئۇزاققىچە قاراڭ سىز ئۈزىڭىزنىڭ ناھايىتىمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىڭىزنى ھىس قىلالايسىز ..
   ئىنساندا بار بولغان كۈچ ۋە دەسمايە دەپ ئاتالغان  ئىرادە ، ئىشەنىچ ۋە روھىمىزدىن تولۇق پايدىلنىشىمىز كىرەك ..[بايلىق بىزنىڭ ئۇزۇن مەزگىل تىزششىمىز ۋە كۈرەش قىلشىمىز بەدىلگە كىلىدۇ .]
  بۇ دۇنيادا سىز بار
ئۈزىڭىزنى قەدىرلەڭ . قەدىر قىممىتىڭىزنى يارتىڭ ، دۇنيادا بارلىقىڭىزنى ئىسپاتلاپ ئۈزىڭىزدىن كىيىن كەلگەنلەرنىڭ ياخشى بىر يىتەكچىسى بولۇپ دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھەممىگە ھىس قىلدۇرۇڭ ..
   ئاپتۇرغا ؛ سىزنىڭ 10 نەچچە يىل سۇ توشىغىنىڭىز ۋە بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق سۇ توشىشىڭىز مىنىڭچە ئەرزىيدۇ .  ئىرىق چىپىلىپ ئىرىق سۇيى كىلشى بىلەن سىزنىڭ چىلەكتە ئاپرىپ تەمىللەۋاتغان سۇيىڭىزگە مۇختاج بولۋاتقانلار ئازلاپ قالغىنى يوق . پەقەت سىز خىزمىتىڭىزنى تىخىمۇ رەڭدار قىلىش ئۈچۈن باشقىلار ئىرىق چاپقان بولسا سىز تۇربا ياكى قۇدۇق كولاڭ .. [ مۇۋاپىقىيەت مەڭگۇ كىچىكمەيدۇ ]
   ئەگەر تۇربا ئۇلاش ياكى قۇدۇق كولاشنى خالىمىسىڭىز شۇ توغۇرلۇ ئويلىغان ھىس قىلغانلىرىڭىزنى يىزىپ كىتاپ قىلىڭ ..
   مۇۋاپىقىيەت شۇناسلىققا ئائىت ئۇيغۇرچە كىتاپ بىزدە يىتەرلىك ئەمەس
      ئەگەر يىزۋاتقان ياكى يىزىشنى خالىسىڭىز قولۇمدىن كىلشچە ياردەمدە بولمەن
         

2

تېما

0

دوست

881

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   76.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18202
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 260
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 23:34:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىيالىى يوللىغان ۋاقتى  2014-8-6 16:03
ئەسسەلەممۇ ئەلەيكۇم
بۇ مەزمۇنلارنى تولۇق ئوقۇپ چىقى ...

ئويلىنىشلار تۈگەپ قالمايدىكەن ئىزدىنىشلەرمۇ تۈگەپ قالمايدۇ، تەپەككۇرلىرىڭىزدىن تېخىمۇ زوقلاندىم، بۇ- داۋامى بار بولغان بىر تېما، شۇغىنىسى، يېزىقىمىزدا بۇ ساھەدىكى پۈتۈكلەر كۆپ ئەمەس، شۇنداقتىمۇ بىز يەنىلا ئۈمىدسىزلەردىن ئەمەسمىز، ئۈمىدسىزلىك پەقەت شەيتاننىڭلا دوستىدۇر. خالىسىڭىز، ياردىمىڭىزگە كۆپ ھەشقاللا ئېيتىمەن، 18194983210بۇ مېنىڭ يانفۇن نۇمۇرۇم، ئادەم ئادەم بىلەن ئادەمدۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )