- تىزىملاتقان
- 2014-5-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2797
- نادىر
- 0
- يازما
- 235
ئۆسۈش
26.57%
|
دۆلىتىمىز يىڭى قۇرۇلغاندا ‹‹سوۋىت ئىتىپاقى›› مائارىپىنى يولغا قويدۇق. بۇ ۋاخىتتىكى مائارىپتا ئۇقۇتقۇچىلار بىلەن ئۇقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدا بىر خىل ئارلىق بار ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا چاپاننىڭ تۈگمىللىرىنى راۋۇرۇس ئىتىپ. ئۇلار بار يەردە نەرسە كىرەك يىمەي، سۇمۇ ئىچمەي، تاماكا چەكمەي يۈرەتتىكەن. ھەتتا خالاغا بارغىنىنىمۇ ئۇقۇغۇچىلار كۆرمەيدىكەن. ئەر ئۇقۇتقۇچىلار باشقا ئاياللار بىلەنلا ئەمەس ھەتتا ئۈزىنىڭ ئايالى بىلەنمۇ ئۇقۇغۇچىلار بار يەردە بىرگە ماڭمايدىكەن. شۇنداق بولغاچقا ئۇقۇغۇچىلار ئۇقۇتقۇچىلاردىن دائىم تارتىنىپ يۇرۇيدىكەن. ئۇقۇتقۇچىنىڭ تەربىيىسى ئاتا-ئانىسنىڭ تەربىيىسىدىن نەچچە ھەسسە يۇقۇرى ئىكەن.
بىراق يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئامىرىكا مائارىپىمۇ ياكى نەنىڭ مائارىپ ئەندىزىسى بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ، ئىشقىلىپ ‹‹ سوۋىت ئىتىپاقى مائارىپى››نىڭ ئەكسىچە بۇلىۋاتىدۇ. ئۇقۇغۇچى بار يەردە كىيىملىرىمىزنىڭ تۈگمىسى ئىتىلمەيدۇ، خالىغانچە ئۇقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە يىمەكلىك يەۋىرىمىز، سۇ ئىچىيۋىرىمىز، تاماكۇ چىكىۋىرىمىز. ئۇقۇتقۇچىلار خالاسى بىلەن ئۇقۇغۇچىلار خالاسى بىر يەردە‹گەرچە ئايرىم-ئايرىم بولسىمۇ› بولغاچقا ئۇقۇتقۇچىنىڭ خالاغا كىرىدىغانلىغى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرۇدۇ. شۇنداق بولغاچقا ئۇقۇغۇچىلار ئۇقۇتقۇچىلاردىن تارتىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن قىلغان گىپى ئۇقۇتقۇچىنىڭكىدىن چوڭ. تېلفۇنلىرى ئۇقۇتقۇچىنىڭكىدىن ئالى. قىسقىسى ئۇقۇتقۇچىلار بىلەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئارلىغى ھەددى-ھىساپسىز يېقىنلاپ كەتتى. كىشىلەرنىڭ‹‹ئىلگىرى بىز ئۇقۇۋاتقاندا ئۇقۇتقۇچىلارمۇ تاماق يەمدىغاندۇ؟ سۇ ئىچەمدىغاندۇ؟ خالاغا كىرەمدىغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ قالاتتۇق›› دىگەن گەپلىرىنى چوڭلاردىن پات-پات ئاڭلاپ قالىمىز. ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاارلىق ساقلىماسلىغى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز-ئارا مىھرى-ماببىتىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولغىنى بىلەن ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇغۇچىلار ئالدىدىكى ئوبرازى تۈۋەن بۇلۇشتەك يامان ئاقىۋەتمۇ بىرگە ئەگىشىپ كەلمەكتە. بۇ ئاخىرقى ھىساپتا ئۇقۇتقۇچىنىڭ تەربىيىسىنىڭ كۈچى تۈۋەنلەپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتىدۇ. ئۇقۇتقۇچىنىڭ تەربىيىسى ئاجىز بولسا ئۇقۇغۇچىنىڭ ئەتىراپلىق يىتىلىشىگە ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ ھازىرقى مائارىپىمىزنىڭ ئاجىز نوختىسى. يەنا بىر ئاجىز نوختا ئىختىزادى، ئىجتىمائى، مەدىنىيەت ئاساسىمىزنىڭ تۈۋەنلىگى مەسىلىسى. |
|