قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2088|ئىنكاس: 15

تاشپۇلات روزى زىيارىتىدىن ھېس قىلغانلىرىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

11

دوست

3510

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   50.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21721
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 1090
توردىكى ۋاقتى: 127
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 02:23:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشپۇلات روزى زىيارىتىدىن ھېس قىلغانلىرىم


ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن


2.jpg


تار نەزەر بىلەن قاراپ مېنىڭ ئۆي-ماكانىم ئىجارە، ئۆي بىزەكلىرى چىرايلىق ئەمەس دىمە، ھەقىقىي ئەر ئۈچۈن يۇرت-ۋەتەننىڭ ھەممىسى ئۆي ماكان، ئالىم-زىيالىلار شۇ ئۆيىمىزنىڭ ئەڭ ئالىي (بېزەك) لىرىدۇر. ئۇيىمىز شۇ بىزەكلەر بىلەن تېخىمۇ راھەتلىكتۇر!

                                 ---------   ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم


ئالىمدۇر دۇنيانىڭ ئىنساننىڭ جىنى،
ئالىملار ئالەمنىڭ بىلەر قەدرىنى،
يۇرتىمىز ئالىمنىڭ ئەدىبنىڭ كانى..
............


مانا بۇ "مەھمۇد كاشغەرى" ناملىق شېئىرنىڭ بىر پارچىسى خالاس. شۇنداق ئالىملار ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ ئىنژىنىرى، ئۇلار ئۈزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى ساھەسىدە خىزمەت قىلماقتا. ئۇيغۇرلارمۇ دۇنيا ئالىملىرى بىلەن داڭلىق مىللەت، قەدىم يىراقتا  مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلشىر نەۋائى، ئابدۇقادىر داموللام، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىق مەشۇرلىرى بىلەن پەخىرلەنسە، ئالاھەزەل بۈگۈنكى كۈندىمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، مەملىكىتىمىز ئىچىدە ۋە دىيارىمىزدا بىر قىسىم مەشھۇر ئالىملىرى بىلەن پەخىرلىنىمىز ئەلۋەتتە.
ئامېرىكا، ياپۇنىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر، 90 -يىللارنىڭ بىشىدا، دىيارىمىز ئىچىدىكى بىر قىسىم ياش ئىستىدادلىق ياشلارنىڭ تاللىشىغا ئايلىنىپ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق شۇ دۆلەتلەرگە چىقىپ ئۇقۇشنى ئارزۇ ئۈمد قىلغان ۋە تىرىشىپ ئۇقىغان، ھەتتا ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ تا بۈگۈنكى كۈندە شۇ رايۇنلاردا تىرىشىپ خىزمەت قىلماقتا، مەن تۇنۇيدىغان ئالىم-دوكتۇرلاردىن ئامرېكا دۆلەت تەۋەسىدە شۆھرەت مۇتەللىپ، ئەركىن سىدىق ۋە تاشپۇلات روزى قاتارلىقلار بار بۇلۇپ، مىسرانىم قاتارلىق تور مىدىئا تارقىتىش ۋاستىللىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن تارتىپ ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن خەۋەر تىپىپ تۇردۇم ۋە ئۇلارنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرىدىن بەھىر ئېلىپ كەلدىم، بۇ مەن ئۈچۈن بەخىت ئەلۋەتتە.



مۇنبىرىمىزدە، بىر ۋاقىتلاردا بىر تورداش " ئانا تىل كۆۋرۈكىدىن ئالىي مەكتەپ مۇدىرلىرىغىچە" ناملىق بىر تېما يوللانغان بۇلۇپ، تېمىدا ئاساسلىقى ئامرېكا جەرەن جىلغا ئۇنۋېرسىتىنىڭ مۇدىرى، ئامرېكىدىكى مەشھۇر ماتىماتىكا ئالىمى، دوكتۇر تاشپۇلات روزى ئاكىمىزنىڭ كىچىكىدىكى ئۈسۈپ يېتىلىش جەريانى ۋە ئامېرىكىدا مەكتەپ مۇدىرى بولغانغا قەدەر بولغان ئىش-ئىزلىرى تەپسىلىي تۇنۇشتۇرۇلغان بۇلۇپ، مەن تۇنجى بۇلۇپ ئۇقىغان ۋاقتىمدا شۇنچە ھاياجانلانغان، تەسىرلەنگەن، ھەتتا ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك تەسىرلەنگەن،ئۇنىڭغا شۇنچىلىك قول قويغان ۋە ئۇ توغۇرلۇق ماتىياللارنى ئىزدەشكە باشلىىدىم، تەلىيمگە يارىشا، ئۇ شۇ ۋاقىتلاردا مىسرانىم باغداش ۋە ئىزدىنىش تور بىكەتلىرىدە ئەزا بۇلۇپ ، ئۈزىنىڭ ئېسىل يازمىللىرى بىلەن بىزنى بەھىرلەندۈرۈپ كەلدى، ئۇنىڭ كەسىپكە ئايىت ۋە تۈرلۈك ئېسىل ئەسەرلىرىنى سۈيۈپ ئۇقۇپ، قىزغىن مۇنازىرە قىلىپ، ئۇنىڭ ئەسرلىرىدىن پەخىرلىنىپ كەلدىم، ھەتتا تۇر دۇنياسىدا ئۇچۇر ۋاستىسى ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىپ كەلدىم. ئالىملار بىلەن بولغان ھەر بىر ھەمسۆھبەت كىشىدە مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرىدىكەن، ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇقىسام، ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلەششەم شۇنچىلىك خۇشال بۇلۇپ كىتەتتىم، خۇددى تۇيۇقىسز تۈگىمەس بايلىق تېپىۋالغاندەك، ئەقىل تېپىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالاتتىم. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۈتىۋەردى، ئۇنىڭ ئېسىل ئەسەرلىر بىزگە ھەرۋاقىت ھەمراھ بۇلۇپ كەلگەچكىمىكىن، خۇشال ئىىدىم.
شۇ ۋاقىتتا، بىر بۇرادىرىم بىلەن كۈرۈشۈپ قالدىم، ئۇمۇ تاشپۇلات روزى ئاكىمىز بىلەن ناھايىتى يېقىن بۇلۇپ، ئۇنىڭ ھەتتا تاشپۇلات ئاكامنىڭ facebook، ئۇندىدار نۇمۇرلىرى بار ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ مىڭ بىر جاپادا ئۇنىڭ ئۇندىدار نۇمىرىنى قېتىۋالدىم، ۋە ئۇندىدار دىن ئىبارەت ھازىرقى دەۋىردىكى ئەڭ مودا بولغان ئۇچۇر تارقىتىش ۋاستىسى ئارقىلىق ئالاقە قىلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ كەلدىم. مەن ھەقىقەتەن بەخىتلىك ھە........
6-ئاينىڭ ئاخىرقى مەزگىلىغۇ دەيمەن، مەۋسۇملۇق ئىمتىھام تۈگەپ تەتىل قۇيۇپ بىرىلدى، مۇشۇ كۈنلەرنىڭ بىردە ئۇندىدار دوسلار چەمبىرىكىدە، تاشپۇلات ئاكامنىڭ ئايرىلغىلى 15 يىل بولغاب ئانا ۋەتىنىگە قايتا بىر قېتىم كىلدىغانلىقى دىن ئىبارەت ئۇچۇرنى كۈرۈپ قالدىم، كۈرۈپ شۇنچىلىك خۇشال بولدۇم ۋە ھاياجانلاندىم، ھەتتا ئىچىمدە ئۇ قەشقەر تەرەپلەرگە كىلىپ قالسا، ئۇنىڭ بىلەن بىر كۈرۈشۋالسام ھەيدىغان خام خىيالنىمۇ قىلىپ قويدۇم....

قىسقىسى تاشپۇلات روزى ئاكام ۋەتەنگە كەلگەندىن بۇيان، دىيارىمىزنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق رايۇنلىرىدا زىيارەت ۋە ساياھەتتە بولدى، ھەمدە تەسىراتلىرى، خاتىرە سۈرئەتلىرىنى ئۇندىدار ئارقىلىق يوللاپ تۇردى، مەن ئۇنىڭ زىيارەت جەريانىنى كۈرۈپ تۇردۇم ھەم شۇنچىلىك تەسىرلەندىم، خام خىيالىرىم ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى، ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولالىدىم، ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشكەن ۋاقىتتىكى ھېسياتىمنى تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن. مەن ئۇ بىر ئايلىق ساياھەت ۋە زىيارەت جەريانىدىن ئالغان تەسىراتلىىمنى يىغىنچاقلاش  ۋە تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە ئۇشبۇ تېىمىنى يېزىشنى ئۇزاق ئويلاشتىم، ۋە ئاخىر كەڭ مۇنبەر ئەھلىگە سۇندۇم. كەمچىلىكلىرىمنى كەچۈرۈپ تەنقىدى پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىلەر!!



                              


مەن ھىسلىرىمنى كىچىك بىر قانچە نۇقتىلارغا بۈلۈپ يازىمەن، ھەر قايسىسى ماڭا ئالىمنىڭ ئىش ئىزلىرى تەسىر قىلغان چوڭ نوقتىلار.

1. ئالىملارغا بولغان يۈكسەك ھۆرمەت..
ئالدى بىلەن ئالىمنىڭ قەشقەردىكى قىسقىغىنە بىر كۈنلىك زىيارەتلىرىدىن ھېس قىلغانلىىرىمنى ئورتاقلاشسام.  
ياپۇنلاردا مۇنداق بىر ئىش بار، بەلكىم ھازىرمۇ شۇنداقمۇ ئۇنى ئېنىق بىلمەيمەن.. ياپۇنلارنىڭ ئۇيغۇرلانغا ئالاھىدە ھۆرمىتى باركەن بۇلۇپمۇ ئۇلۇغ بۇۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىگە، چۈنكى مەھمۇد كاشغەرى ئەينى ۋاقىتتا ئۆز قۇلى بىلەن ئاسىيا رايۇنىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان ۋاقىتتا، ياپۇنىيەنىمۇ شۇ خەرىتە ئىچىگە كىرگۈزۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن ياپۇنلىقلاردا مەھمۇد كاشغەرىگە جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا يۈكسەك ھۆرمىتى بار ئىكەن، شۇڭا ئۇلاردا مۇنداق بىر قائىدە شەكىللەنگەن بۇلۇپ، ھەرقانداق بىر ياپۇنيەلىك كاشغەر دىيارىغا قەدەم ئالغان ۋاقىتتا، ئۇخلاشتىن بۇرۇن چوقۇم ئوپالدىكى مەھمۇد كاشغەرى مەقبەرىسىنى بىر تاۋاپ قىلىش  بولمىسا ئۇخلىماسلىق... بەلكىم بۇ بىر رىۋايەتتۇر، لېكىن بۇنىڭدىن ياپۇنلارنىڭ ئالىملارنى ھۆرمەت قىلدىغانلىقىنى كۈرۈپ چىقالايمىز، خوش مەن بۇ يەردە بۇنى زادى نېمىشقا دېمەكچى بوپ قالدىم، بۇنى سەۋەبى تاشپۇلات روزى ئاكام كاشغەرگە چۈشكەن ۋاقىتتا تۇنجى بارغان يىرى ئوپال يەنى مەھمۇد كاشغەرى بۇۋىمىزنىڭ مەقبەرىسى. خېلى كىشىللىرىمىز داڭلىق بايلىرىمىز ئۆمرىدە بىې قېتىم كاشغەر دىيارىغا كىلىدۇ ئەمما ئۇپالغا چىقىپ مەھمۇد كاشغەرى مەقبەرىسىنى بىر يوقلاپ قويمايدۇ..


ئادەمنى تەسىرلەندۈردىغىنى شۇكى، ئالىمىز شۇنچە ئۇزاق يولنى بىسىپ كىلىپ يەنىلا تۇنجى بۇلۇپ قىلغان ئىشى مەشھۇر ئالىملارنى يوقلاشنى، ئۇلارنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشنى ئاساسلىق مەقسەد قىلغان. بۇ ئارقىلىق بىز زادى نېمگە ئىرىشىمىز؟

تارىخ ئۇ بىر ئۆتمۇش، مەشھۇر شەخىسلەر تارىخنىڭ يالدامىسى ۋە ئىسپاتى. بىز ئۇلاردىن پەخىرلىنىشكە ۋە ئۇلارنى بىر ئۆمۈر ياد ئىتىشكە ھەقلىقمىز، لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇلاردىن پەخىرلىنىشلا ھەممىگە كۇپايە قىلمايدۇ، بىز چوقۇم ئۇلارنى قەدىرلىشىمىز، ئۇلار قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك مەدەنىي مىسراسلارنى، ئېسىل كىتابلارنى تولۇقى بىلەن يىغىپ ساقلىشىمىز، ئۇنى تەتقىق قىلىشىمىز، كۈندىلىك تۇرمىشىمىزدا تەدبىق قىلىشىمىز كېرەك.  جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، تۇرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ياش ئەۋلادلارنىڭ ئۈزىنىڭ ئەجدادلىرىغا، مەشھۇر كىشىللىرىگە بولغان قاراشلىرى بارا-بارا سۇسلىشىپ ھەتتا يۇقاپ كىتىش گىرداۋىغا بىرىپ قالدى، شۇنداق بولغان ئىكەن شۇ بالىلارنىڭ ھامىسى، ئاق-قارىنى پەرق ئېتىدىغان ، ئاتا-ئانا بولغۇچى چوقۇم ئۇلارغا بۇنى چۈشەندۇرىشى، بىلدۈرىشى ھەتتا ئۇلارنىڭ مەقبەرىسىگە ئاپىرىپ ئۇلارنى زىيارەت قىلدۇرىشى كېرەك، ئالىممىز جېنىدا شۇنداق يىراق جايدىن كىلىپ تۇرۇپ يەنە ئالىمنى يوقلاپ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغان تۇرسا ، بىز شۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، شۇنچىلىك ئىشنى قىلالمامدۇق؟ بىلەت باھاسى قىممەتمۇ؟ بۇنى ھەممىمىز ئويلىنىپ بېقىشىمىز كېرەك.


تاشپۇلات ئاكام، قەشقەردە قىلغان يەنە بىر ئىشى ئۇيغۇرلانىڭ 11-ئەسىردىكى مەشھۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلغان ئىشى.  يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى زىيارىتى مەن ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز بىر قېتىملىق زىيارەت. يەنى مەن ئالىمىمىز بىلەن تۇنجى كۈرۈشكەن ، پىكەرلەشكەن بىللە زىيارەت قىلغان ئۇنتۇلغۇسىز ۋاقىت.


ئالىمنىڭ قەشقەرگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئىچىمدە شۇنچىلىك خۇشال بولغىنىم يادىمدا. ئەمما ئالىمنىڭ ۋاقتىنىڭ قىس بولغانلىقى تۈپەيلى ئۇنىڭ بىلەن  بەلكىم كۈرۈشكە نىسىپ بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى. 7-ئاينىڭ 20 نەچچىنجى كۈنلىرىغۇ دەيمەن، ئۇندىداردىن تاشپۇلات روزى ئاكامنىڭ قەشقەر دىيارى كەلگەنلىكىنى ۋە مەھمۇد كاشغەرى مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدى، شۇ كۈنى قەشقەر شەھرىدە بىجىردىغان ئىشىم بار بولغاچقا، قەشقەردە ئىدىم، ئالاھەزەل ئون نەچچىلەر بولغاندا ئۇندىدارىمغا ئالدىنقى قېتىم مەن تاشپۇلات روزى ئاكامنىڭ نۇمىرىنى دەپ بەرگەن دوستۇمدىن ئۇچۇر كەلدى، ئۇ تاشپۇلات روزى ئاكامنىڭ ھازىر مەدەنىيەت يولىدىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسىدە زىيارەتتە بولدىغانلىقنى، مېنىڭمۇ شۇ يەرگە كىلەلەيدىغان-كىلەلمەيدىغنالىقنىم، بولسا شۇلار بىلەن بىللە كۈرۈشىدىغانلىقىمنى ئېيىتتى. خەتكە ئىشەنمەيلا قالدىم، ئۇڭىمۇ چۈشىممۇ راسلا ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشەلەيدىغان بولدۇممۇ ئەمدى. مەن تۇرۋاتقان يەر مەدەنىيەت يولىغا ئالاھەزەل 10 نەچچە مىنۇت كىلەتتى، مەن دەرھال تاكسى تۇسۇپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسىگە باردىم. مەن بېرىپ نەچچە مىنۇتتىن كېيىن تاشپۇلات ئاكام يىتىپ كەلدى.


ماشىنىدىن، ئوتتۇرا بوي كۆك كۆڭلەك كەيگەن، تۇنۇش چىراي تاشپۇلات ئاكام چۈشتى، ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۈرۈشتىم ھەم ئۈزۈمنى ناھايىتى بەخىتلىك ھېس قىلدىم. ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى قىزغىن پاراڭلاشتۇق، ھەمدە بىرلىكتە يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئالىم توغۇرلۇق خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلدىغان بۇلۇپ، مەقبەرە ئىچىنى ئالا قويماي كۈرۈپ چىقتى ۋە رەسىمگە تارىتتى، بىرلىكتە خاتىرە رەسىمگە چۈشتۇق.


تۇغۇلۇپ، ھاياتىمدا، تۇنجى قېتىم دۇنياۋى مەشھۇر ئالىملار بىلەن كۈرۈشۈم بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنچىلىك ھاياجانلاندىم، ئالىم بىلەن بىللە خاتىرە رەسىمگە چۈشكەن شۇ ۋاقىتلاردا ئۈزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەمدەك ھېس قىلدىم. يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى ئىچىدىكى مۇشۇ قېتىملىق زىيارەت ھاياتىمدىكى مەڭگۈ ئۇنتۇلماس بىر قېتىملىق زىيارەت بۇلۇپ قالدى، مەقبەرە ئىچىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، تاشپۇلات ئاكام بىلەن ئوز-ئارا پىكىرلەشتۇق، ئۇنىڭ ئېسىل سۆزلىرى ماڭا ئىلھام بولدى، قىسقىسى ئالىمغا، بىلىملىكلەر بولغان ھۆرمىتىم قايىتىدىن ئاشتى...

تاشپۇلات روزى ئاكامنىڭ قەشقەردكى  مۇنۇ ئىككى زىيارىتىدىن شۇنى تۇنۇپ يەتتىمكى، ئالىملار بىر مىللەتنىڭ قىممەتلىك ئەڭگۈشتەرى، قەدىرلەشكە تېگىشلىك بايلىقى. ئەگەر سىز ئۈزىڭىزنىڭ ئالىملىرىڭىزنىڭ قەدرىنى قىلمىسىڭىز، ھەرگىزمۇ باشقىلار كىلىپ قىلىپ بەرمەيدۇ. ھازىرقى دۇنيا رىقابەتكە تولغان دۇنيا، ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ دۇنياۋى شۆھرەتلىرى ئارقىلىق ئۈزىنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئابرويىنى دۇنيا مىللەتلىرى ئىچىدە ساقلاپ قالالايدۇ. ئالىملانىڭ قەبرىگاھىغا ئائىلە بۇيىچە ۋە دوسىت بۇرادەرلەر بىللە بىرىپ كۈرۈپ قىلىپ ئۇنچىلىك تەس ئەمەس، ئىقتىساد تەرەققى قىلغان، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئاشقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادى سەۋىيىسى بۇنىڭغا يىتىدۇ. ئىقتىساد يوق دىيىش پەقەت بىر ناھانە خالاس، چۈنكى ئۇلار بۇنى ئەھمىيەتىسز، مەنىسىز دەپ قارايدۇ. ھەتتا ئۇنداق مەشھۇرلانىڭ بارلىقنى ئۇنتۇپ قالغان بۇلىشى مۇمكىن. بۇ جەھەتتە تاشپۇلات روزى ئاكىمنىڭ ئالىملارنى قەدىرلەش روھى ۋە ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت روھى ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ئۈلگە قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.


2. يۇرۇتقا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت

ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى ئىچىدە " كىشى يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا سۇلتان بول" دەيدىغان مەشھەر ھېكمەتلىك سۆز بار، دۇنيادا مۇساپىرچىلىقتىنمۇ ئېغىر ئىش بولمىسا كېرەك، يۇرۇت قەدىرىنى ۋەتەنسىزلەردىن بىل، ئۈزۈ تۇغۇلغان يەرنىڭ تېشى گۈھەر، سۈيى كەۋسەر دەيدىغان قىممەتلىك ھېكمەتلەر بىكارغا تارقالغان ئەمەس، ھەر قانداق بىر ئىنسان باشقا يۇرۇتتا ھۈزۇر-ھالاۋەتلىك تۇرمۇش كەچۈرسىمۇ، يەنىلا ئۆز يۇرتىغا يەتمەيدۇ، چۈنكى ئۆز يۇرتى شۇ كىشىنىڭ قىندىك قېنى تۇغۇلغان،  بالىلىق گۈزەل ئەسلىمىللىرى قالغان شۇ ئانا تۇپراق ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۈچۈن تۇتىيا. ئەلۋەتتە تاشپۇلات ئاكاممۇ يۇرۇتتىن ئايرىلغىلى 15 يىل بولغاچقا، يۇرۇتىنى قاتتىق سېغىنغان ئوخشايدۇ، ئۈرۈمچىگە كىلىپلا ئۇرۇق تۇققانلىرى بىلەن ھال مۇڭ بۇلۇشتى ۋە ئەتىسىلا ئانا ماكانى غۇلجاغا قاراپ يول ئالدى، بەلكىم تاشپۇلات ئاكامنىڭ يۇرتىغا بولغان مۇھەببىتى كۈچلۈك بولسا كېرەك. ئۇ غۇلجا دىيارىدىكى ئۇرۇق تۇققان دوسىت بۇرادەرلىرى بىلەن كۈرۈشۈپ ھال مۇڭ قىلىپ بۇلۇپ، ئۈرۈمچى دىيارىدا ھەر ساھە- ھەر كەسىپتىكى كىشىلەر بىلەن قىزغىن كۈرۈشۈپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇدى، تور، مىدىيا ۋاستىللىرى بۇنى تارقىتىپ تۇردى. بۇ ھەقتە كۆپ توختالمايمەن.



قىسقىسى، ئالىمنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، كۆڭۈلۈك زىيارەت بولدى. دىيارىمىزدىكى ھەر قايسى ساھەدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئالىم بىلەن كۈرۈشۈپ ھال مۇڭ قىلىشتى، ئالىممۇ دىيارىمىزنىڭ پەن مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى كۆزدىن كەچۈردى، ھەر قايسى تور بىكەتلەر ئىشخانىسى، شىركەتلەردە زىيارەتتە بولدى. ئىشىنىمىزكى، ئالىمىمىزنىڭ قەدەملىرى بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمايدۇ، ئۇيغۇرنىڭ دۇنيادى ساداسى مەڭگۈ ياڭراق جاراڭلايدۇ.




ئاخىرىدا، ئابلەت مۇھەممەتنىڭ تاشپۇلات روزىغا ئاتاپ يازغان شېئىرى ھۇزۇرۇڭلاردا.........


ت.روزى

مەن بۇ ئەسىرىمنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن چىققان چەتئەلدىكى تۈنجى ئالىي مەكتەپ پەخرىي مۇدىرى ، ماتىماتىكا ئالىمى تاشپولات روزى ئەپەندىگە ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن .

شۇڭقار  بولۇپ ئۇچتىڭىز يىراقلارغا ت.روزى ،
ئۈمۈدىڭىز شىۋىرلار قۇلاقلارغا ت.روزى ،
ئىلھام بېرەر نامىڭىز ئوماقلارغا ت.روزى ،
ھەسەل-شەربەت تۆكتىڭىز بۇلاقلارغا ت.روزى ،
جاۋاب بەردى ئەمەلىيەت سىناقلارغا ت.روزى ،

يەر شارىدا بەش قىتئە ھاياتىقنىڭ ماكانى ،
ئۇيغۇر ناملىق مىللەتنىڭ ئاسىيادا بار كانى ،
ياراتماقتا گۈللىنىش تەرەقىيات زامانى ،
خاسلىقىڭىز ياراتتى ئامىرىكىدائېرپاننى  ،
چوغلىرىڭىز كۈچ بەردى چىراقلارغا ت. روزى.

روزى دېھقان ھاسىدا بىر ئەسىرنى ئۆرىدى ،
بالا ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھارماي تۈگمەن چۆرىدى ،
خەلقى ئۈچۈن سۈت بېرىپ ئەڭ مۇلايىم مۆرىدى ،
ئەۋلاد ئۈچۈن ئەر –ئايال نۇرغۇن بەدەل تۆلىدى ،
چىدىمايدۇ ئاتىلار پىراقلارغا ت.روزى ،

تاشپولات ۋە قۇرۋانجان ئۈمۈدلەرگە ياقتى شام ،
شەجەرىنىڭ تېمىغا ئويۇپ بېرىپ ياخشى نام ،
تۆھپەڭلەردىن ھەر قاچان پەخىرلەنسۇن دوست-ياران ،
ئىلى، تارىم، يۇرۇڭقاش ئۆركەشلىسۇن زەرەپشان ،
سۇ بەردىڭىز چاڭقىغان قىياقلارغا ت.روزى .

يەكلىدىمۇ بەزىدە ئۆزگە ئەلنىڭ سۇلىرى ،
سەپەرلەردە بەزىدە قىينىدىمۇ يۇللىرى ؟
نەتىجەڭلەر ھەققىدۇر چەت دۆلەتنىڭ دوللىرى ،
ياخشى نامغا ئېرىشەر بىلىم ھېكمەت موللىرى ،
ئۈلگە بولۇپ كەلدىڭىز سىياقلارغا ت.روزى .

نوتۇق سۆزلەش ئاسانمۇ ساپ ئىنگىلىز تىلىدا ،
باش كۆتىرىش مۇششەققەت يۈز ئالىملار خىلىدا ،
قوللىرىدىن تەتقىقات چىقىپ تۇرار يىلىدا ،
جاۋاب بەردى يۈز كېلىپ ئەجداتلىرى قېنىغا ،
قويۇپ بەردى يۈز نومور ساناقلارغا ت.روزى .

ئېيتىپ قويۇڭ ئاسىرسۇن ش. مۇتەللىپ تېنىنى ،
قەۋمى ئۈچۈن دۇنياغا ئاققۇزماقتا قېنىنى ،
كەشپىياتقا چىڭقالدى بۇ دەۋىرنىڭ يىلىنى ،
ئۇلۇغ خەلق كەڭ تۇتقاي كۆڭلى دەريا ئېنىنى ،
قېرىنداشلار چىدامدۇ پۇراقلارغا ت.روزى .

ئالى مەكتەپ مۇدىرى ئارزۇيىڭىز نىمىكىن ؟
ئىنسانىيەت ئۈمۈدى نوبىل ماڭغان يولمىكىن ؟
سىلەر تۇتقان مەشئەللەر قاراڭغۇدا نۇرمىكىن ؟
سىزگە ئاتاپ يازغىنىم پەقەت ئاددىي قۇرمىكىن ؟
سېغىنغاندا ياش كېلەر چاناقلارغا ت.روزى .

ھۆرمەت بىلەن قەلەم تەۋرەتكۈچى يۇرتدىشىڭىز،ئىنىڭىز : ئابلەت مۇھەممە



               ھۆرمەت بىلەن: باغداش مۇنبىرىدىن

             ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن

  2014-8-6



7

تېما

4

دوست

5527

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   10.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1565
توردىكى ۋاقتى: 352
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 10:47:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە بولۇپتۇ،تەسىرات ماقالىڭىزنى ئوقۇپ خەلقىمىزنىڭ ئالىم،ئىلىم ئىگلىرىنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەيدىغان ئېسل خسلىتىدىن تەسىرلەندىم.
ئاخىرىدا ئالىمنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، خىزمتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

ئانا يۇرتتىكى يەردە بىرەر زىيالىنىڭ ئالدىغا قارىشى ئېلشقا چىققانلىقىنىڭ خەۋىرى يوق،بۇلار گىزىت بىلەن ژورناللارغا ئەسەر يېزىش بىلەن ئالدىراش بولسا كېرەك،ھەرھالدا ئابلەت   ئېسل شېئىردىن بىرنى  يېزىپ ئانا يۇرۇتنىڭ سالامنى بولسمۇ بېرىپسەن ،شۇنىڭ ئۈچۈن سېنى بىر مېھمان قىلىۋالاي.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12050
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 10:53:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمنى قارشى ئالىمىز .

0

تېما

4

دوست

1488

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   48.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30602
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 434
توردىكى ۋاقتى: 85
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 12:02:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ئەسىرىمنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن چىققان چەتئەلدىكى تۈنجى ئالىي مەكتەپ پەخرىي مۇدىرى ، ماتىماتىكا ئالىمى تاشپولات روزى ئەپەندىگە ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن .

پەخىرى مۇدىرىمۇ مۇدىرىمۇ؟؟؟
پەخىرى مۇدىر بىلەن مۇدىرنىڭ پەرقى بارمۇ يوقمۇ؟؟

1

تېما

0

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8653
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 628
تۆھپە : 796
توردىكى ۋاقتى: 99
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 14:19:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا ئالىم 15يىل يۇرتىڭىزنى تاشلاپ قۇيمىغانسىز. مەن بەك ھۇرمەتلەيمەن ھەم بەك قايىل بولىمەن مۇشۇ بىرنەچچە كىچىك پېئىل ئالىملىرىمىزغا .سىزلەر ھازىرقى دەۋېردىكى بىزنىڭ ھەقىقىي چولپانلىرىمىز چىراقلىرىمىز.

1

تېما

129

دوست

772

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   54.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29870
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 242
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 16:34:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما يوللاپسىز قىلغان ئىشىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۇم ھەم خۇشال بولدۇم

2

تېما

4

دوست

3269

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17457
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1040
توردىكى ۋاقتى: 165
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 22:28:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
001303ljbt6bpzvcc6xcvy.jpg

17

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4388
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 22:40:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قەلىمىڭز ياخشى چىقىپتۇ، سۈرەتلەرنى كۆرسەكمۇ خوش بۇپ قالىدىكەنمىز...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )