قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3085|ئىنكاس: 28

كىملىكىڭىزنى تېپىۋىلىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

8

دوست

1131

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29736
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 16:27:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahadiryigit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-7 12:34  

كىملىكىڭىزنى تېپىۋىلىڭ
(باھادىر يىگىت)



        ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن بىلىمگە ھېرىسمەن،تىرىشچان،مېھماندوس ،باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان تەرەققىيپەرۋەر مىللەت. دۇنياغا داڭلىق تور Wikipedia(维基百科)دا كۆرسىتىلىشىچە ئۇيغۇرلار جۇڭگودىن باشقا يەنە قازاقىستان،قىرغىزىستان،ئۆزبىگىستان،تۈركىيە، ئاۋىستىرالىيە،ئەنگىلىيە،كانادا،گوللاندىيە،ئىراق،گېرمانيە،پاكىستان ،بىرازىلىيە، مىسىر،ئەزەربەيجان،بېلگىيە .ھىندونوزىيە،ھىندىستان،مالايسىيە،مالدىۋى،تۈكىمەنسىتان،سەئۇدى ئەربىىستان،قاتار،ئافخانىستان،روسسىيە،ئىران،ئامرىكا،فىرانسىيە،ياپونىيە قاتارلىق ئاسىيا،ياۋرۇپا،شىمالى ۋە جەنۇبى ئامرىكا ،ئافرىقا ،ئوكيانىيە قاتارلىق دۇنيادىكى ھەممە قىتئەگە تارقالغان.ئاساسلىقى دۆلىتىمىزدە.بۇ توردا كۆرسىتىلىشچە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى ئۇمۇمىي نۇپۇسى بولسا 36مىلىيۇن 340مىڭ ئىكەن.لىكىن بەزى سىتاستىكىلاردا كۆرسىتىلىشچە 20مىلىيۇن ئەتراپىدا دىيىلگەن.قايسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىرنىمە دىمەك تەس. لىكىن ئاساسلىق ئۇيغۇرلار دۆلتىمىز دە ياشايدۇ. بۇ يەردە مەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇس ئەھۋالىنى سۆزلىمەكچى ئەمەس.نۇپۇسنىڭ قانداق بۇلۇشى مۇھىم ئەمەس.مىنىڭ سۆزلىمەكچى بولغىنىم تورلاردا مۇنبەرلەرگە كىرىۋىلىپ دائىم باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىشلىرى ھەققىدە ئۆز ئارا مۇنازىرلىشىپ جەڭگە جىدەل قىلىشىدىغان ،بىردەم ئۆز ئارا ھۆرمەتلەشمەي ئۇرۇشۇپ تىللىشىپ تۇرىدىغان تورداشلارغا ئۈلگە بولسۇن ئۈچۈن بۇ تېمىنى يازدىم.باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلغا تەرىپىنى ئۆگىنىمىز،ئۇلار يۇلۇققان ئۇڭۇشسىزلىقلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ھېسسىداشلىق قىلىمىز.لىكىن بۇ ئىشلار ئۈچۈن ئۆز ئىچىمىزدىن گۇرۇھلارغا بۈلۈنۈپ سۇقۇشساق بۇ تولىمۇ نادانلىق بولىدۇ.باشقىلارنى چۈشىنىشكە تىرىشىمىز.بۇ ھەقىقەتەن توغرا .چۈشەنگەندە ئۇلارنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى كۈرۈپ ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك.لىكىن ئۇلارنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى كۆرگەندە ئۆزىمىزنىڭ كەمچىللىكلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۆزىمىزنى كەمسىتسەك بولمايدۇ.توردا دائىم كەمچىللىك كۈرۈپ ئارتۇقچىلىق كۆرمەيدىغان تورداشلار خېلى باركەن. نەدىكى تاينى يوق ئىشلارغا مۇنازىرلىشىپ كېتىدىكەن.ئەكسىنچە قىممىتى بار ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىر ياقتا قالىدىكەن.شۇڭا تورداشلار بىلە ن ئورتاقلىشىش ئۆز ئارا ئۆگنىش مەقسىتىدە مىللىتمىز دىكى ئىلغارلىق ھەققىدىكى بۇ تېمىنى يازدىم.
          مەملىكىتمىزدە ئۇيغۇلار تىنىچ ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ مائارىپقا ئەھمىيەت بىرىپ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ماڭغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن ساھەلەردە ياخشى نەتىجلەرنى ياراتتى.نۇرغۇن  يېڭى ساھەلەرنى ئاچتى. بۇ نەتىجىلىرى بىلەن خەنزۇلاردىن قالسىدا ھەرقايسى ساھەدە ھەممىدىن ئۈسۈن مىللەت بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ. ئارمان ،ئامىنە قاتارلىق دۇنياغا يۈزلەنگەن مىللىي كارخانىلار مىللىتمىزنىڭ پەرخىرى بولماقتا. ئېرپان ئىلىكتىرۇنىمۇ مەملىكىتىمىزدىكى 300كۈچلۈك ئىلىكتىرۇن كارخانىسىنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى.بۇمۇ ئاسان قولغا كېلىدىغان نەتىجە ئەمەس. مەيلى مائارىپ،مەيلى كىنوچىلىق ،مەيلى بىناكارلىق،مەيلى قول ھۈنەرۋەنچىلىك،مەيلى دېھقانچىلىق،مەيلى مەبلەغ سېلىش ،مەيلى تەتقىقا  ت بولسۇن ھەممىسىدە ئۇيغۇرنىڭ ۋە ئۇيغۇر كارخانىسىنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.نۇرغۇن بىلىمگە ھېرىسمەن ياشلىرىمى تىرىشىم ئۇقۇپ مەملىكتىمىز دىكى ۋە چەتئەللەردىكى ئالى مەكتەپلەردە ماگىستىرلىق دوكتۇرلۇق دوكتۇر ئاشتىلىق ئۇنۋانلىرىنى ئېلىپ مىللىتىمىزگە دۆلىتىمىزگە شان شەرەپ كەلتۈرىۋاتىدۇ.بۇنداقلار كۈنسايىن كۆپىيىۋاتىدۇ.مائارىپقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن نەزىرىڭىزنى يىغىپ دىققەت قىلسىڭىز نۇرغۇن ساپالىق كىشىللىرمىز يىتىشىپ چىقتى.نۇرغۇن كىشىللىىرىمىز نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ چىقماقتا.ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈزگەنلەر بۇرۇنقىدەك نۇقۇل تۈمۈر تاۋق ساقلاپ تۇرماي ئۆزلىرى كارخانا ئۇرۇنلارغا كىرىپ ئىشلەپ ياكى ئۆزلىرى شېركەت قۇرۇپ جەمىيئەتكە بىر كىشلىك ھەسسىنى قۇشىۋاتىدۇ. دۇنيادا قايسى يېڭى تېخنىكا مەھسۇلاتى چىقسا بىز ئالدى بىلەن قۇبۇل قىلىۋاتىمىز .قۇبۇل قىلغاندىمۇ باشقا مىللەتتەك ئۆز ئەينىچە قۇبۇل قىلماي بەلكى شەكلىنى ،يېزىقىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قۇبۇل قىلىۋاتىمىز. تەبەسسۇم ،مەشرەپ ،مۇئەللىم ،ئېرپان قاتارلىقلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.كىيىم كېچەك ،يىمەك ئىچمەك ،كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىمۇ شۇنداق بۇلىۋاتىدۇ. ئۈزلىكىدىن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارمۇ چىقىۋاتىدۇ. تەنتەربىيە ساھەسىدىمۇ دۆلەت چىمپىيۇنلىرى ئولىمىپىك ئەزىمەتلىرى يىتىشىپ چىقىۋاتىدۇ.بۇلار نىڭ نەتىجىسىنىڭ  يىلسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .چۈنكى تەجرىبە توپلىنىشتىن كېلىدۇ. جۈرئەت ئۇبۇلقاسىم ،ئادىل ھۇشۇردەك تەۋەككۇلچى تەنھەركەتچىلەرمۇ يىتىشىپ چىقتى .پۇتبۇل ساھەسىدىمۇ بىر تۈركۈم ئىرادىلىك ياشلىرىمى چىقىۋاتىدۇ.مىنىڭمۇ ئاغىنلىرىم ئىچىدە كوماندا قۇرۇپ تەشكىللىك مەشىق قىلىدىغانلىرى بار. جاپانىڭ تىگى راھەت دەپ مۇشۇنداق ياشلىرىمز ئۈزۈلمەي چىقىم تۇرسا بۇ ساھەدىمۇ ئۈمۈد چوڭ. چۈنكى ئۇيغۇر ئۆسمۈر كوماندىمىز مەملىكەتلىك چىمپىيۇن بۇلۇپلا قالماي دۇنيا ئۆسمۈرلەر چىمپىيۇنى بولدى .ئۇيغۇرلار بىلسىڭىز مۇشۇنداق ئىرادىلىك ئىجتىھاتلىق مىللەت. ئەمدى چەت ئەللەردىن مىسال قىلساق ،چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغا ئۇيغۇرلار ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن شۇ دۆلەتلەرنىڭ ھۈكۈمەت،بانكا ،كارخاناقاتارلىق ئۇرۇنلىرىدا ئىشلەپ ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى يۇرۇق قىلىۋاتىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانىنى مىسال قىلساق ئۇيەرگە كۈچۈپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن بۇلۇپ (دۆلتمىز ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋەتكەندىن كىيىن سەئۇى ئەرەبىستانى ئۇيغۇرلارنى نۇپسقا ئالمىغان ياكى ناھايتى تەستە ئالغان،ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلا پاسپورت بىلەن تۇرىدۇ)بۇلۇپ سەئۇدىدىكى ۋە ئامرىكا قاتارلىق غەرپ دۆلەتلىرىدە ئالى مائارىپ تەربىيسىنى قۇبۇل قىلىپ تىرىشىپ ئۆگنىپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئاشۇرغانلىقى ئۈچۈن  سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھۈكۈمەت،مائارىپ،سەھىيە،ئۆي مۈلۈك،كۆچمە ئالاقە،ئاۋىئايسىيە،قاتناش قاتارلىق جايلىرىدا ئىشلەپ ئۇيغۇرغا شەرەپ كەلتۈرىۋاتىدۇ.ئۇندىن باشقا سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بىرقانچە داڭلىق يازغۇچى، ئالى مەكتەپ مۇدىرى،تەھرىر،بانكا باشلىقى ...قاتارلىقلار چىققان. قازاقىستان جۇمھىرىيدە 231مىڭ ئۇيغۇر بۇلۇپ بۇلاردىن 42دوكتۇر،4ئاكادىمىك،200دىن كۆپ كاندىدات پىراففىسور ،5قازاقىستان خەلىق سەنئەتكارى،20دىن كۆپ« قازاقىستان تۆھپىكار خىزمەتچى»مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچى ،393نەپەر ھۈكۈمەت ۋەكىلى بار. قازاقىستان جۇمھۇرىيتىدەك بىر چوڭ دۆلەتتە نۇپۇسى ئاران 200مىڭ ئۇيغۇرغا نىسپەتەن بۇ ناھايتىمۇ چوڭ نەتىجە. ئامرىكىدىمۇ ئەركىن سىدىق تەك ،تاشپولات رۇزىدەك ئۇيغۇرلىرىمىز بار. مىسال ئۈچۈن مۇشۇلارنىلا دەي.يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ئالى مائارىپقا ئەھمىيەت بىرىپ ئۆزىنىڭ شۇ دۆلەتتىكى بىركىشلىك ئورنىنى ئابرويىنى تىكلەپ ساقلاپ كىلىۋاتىدۇ

          بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە  دۆلىتىمىزدە ياكى چەتئەللەردە ئۇيغۇرلار نادان،ئوغرىلىق يانچۇقچىلىق قىلپلا يۈرۈيدىغان مىللەت.ئۇلار پەقەت يامان تەرەپنى كۆرىدىغان كىشىلەر.بۇنداق چۈپرەندە ئادەملەر دۇنيادىىكى ھەممە مىللەتتە بار. لىكىن كۆپۈنچە ئۇيغۇرلىرىمىز ئاشۇ بىلىم سۆيەرلكى بىلەن دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدە يۇلتۇزدەك چاقناپ كىلىۋاتىدۇ.مەملىكىتىمىزدىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر ئالىم،دوكتۇر،كارخانچىلار بار.كاللىنى ئىشلىتىپ تىنىچ ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ جەمىيەتتىن قاقشىماي ئۆز نىشانى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن بىلىپ ئېلىپ تىرىشىپ مەقسىتىگە يىتىپ ئىنساندەك ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نۇرغۇن.بىر قىسىم تورداشلار نىمشىقا ئاشۇلارنى دورىماي نەدىكى تاينى يوق ئىشلار بىلەن قالىدىكەن. بىردەم ئۇيغۇر ئەرەپلەر بىرگەۋدە ئەمەس دەمدۇ قاملاشمىغان سۇئاللارنى مۇنازىرە قىلىش بىلەن ئاۋرە ئىكەن.يەنە بەزەنلەر ئۇيغۇر نىمىشقا مۇشۇنداق دەپ سۇئال قۇيۇپ ئاتالمىش ئويغىنىش يوللىرىنى يەھۇدى دەمدۇ باشقا مىلەتتىن ئىزدەپ ئاۋارە ئىكەن. باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىمىز بۇ ناھايتىمۇ توغرا ئىش. لىكىن ئۆزلۈكنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۈرۈپ ئۆزىنى كەمسىتمەسلىك كېرەك.باشقىلارغا ئۆزىنى تاقاپ باغلاپ ياكى دۈشمەنلىشىپ مۇنازىرلەشسەكمۇ بۇنى پەقەت سىزلا بىلىسز.باشقىلاربۇ دۇنيادائۆزلىرى ھەققىدە بۇنداق مۇنازىرە بۇلىۋاتقىنىىنى ئەسلا بىلمەيدۇ.بۇ سىزگە نىسپەتەن ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن باشقا ھىچنىمە ئەمەس.يەنە بەزىلەر مۆجىزە دىگەن نىمە دەپ سۇئال قۇيۇپ مۇنازىرلىشىپ دۈشمەلىشىپ كېتىدىكەن.شۇڭا بۇ ھەقتە مەن «مۆجىزە ۋە نادانلىق » دەپ تېما يوللىغان ئىدىم.مۆجىزىنىڭ نىمىلىكىنى بىلسىڭىز نىمە بۇپتۇ؟بىز تېخى بىلىمغا تۇيۇنۇپ ئاشۇنداق ئىشلارنى تەپەككۇر قلىدىغان باسقۇچقا بارمىدۇق.مۇشۇنى تەپەككۇر قىلغاننىڭ ئورنىغا ئائىلە تەربىيسى ،مائارىپ تەربىيسى ھەققىدە ئويلانساق نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە .ئۇيغۇرلار  ئويغىنىش يۇلىنى ئالىبۇرۇن بىلىپ بولغان .ئۇ بولسىمۇ بىلىم ئېلىش.نۇرغۇن ياشلار مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ.تىنىچ ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ.دۆلەتكە مىلەتكە ھەسسە قۇشىۋاتىدۇ.لىكن بىر قسىم نادان كىشىلەر يەنە بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەش بىلەن ئاۋارە.شۇ زېھنىنى بىلىم ئېگەللەشكە قاراتسا،بۈگۈنگىدەك ئۇچۇرلاشقان دەرۋردە ئۆگىنەي دىسە بىلم دىگەن تۇلۇپ تېشىپ تۇرغان بىلىملەرنى ئۆگىنىپ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرسا بالدۇر بۇ نادانلىقتىن قۇتۇلغان بولاتتى
         . بالىلىرىمىزنى ئالى مەكتەپلەرگىچە ئۇقۇتساق ،يېشىمىز چوڭۇيۇپ كەتكەنلەر ۋاقتىمىزنى غەيۋەتتە ئەمەس بەلكى كىتاپ كۈرۈ ش بىلەن ئۆتكۈزسەك ،ئالى مەكتەپتە ئۇقۇيالمىساق ھۈنەر ئۆگەنسەك ئىشقىلپ ئۆگەنگىدەك بىلىم بولسىلا ئۆگەنسەك ھىچ بولمىسا كۇرسكا قاتنىشىپ خەنزۇتىلى ئۆگەنسىڭىزمۇ بىر ئىش .تۇرمۇشىڭىزدىكى نۇرغۇن مەسىللەرنى ھەل قىلالايسىز.شۇندىلا قانۇن ئارقىلىق ئۆزنى قوغداشنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ.شۇڭا تورداشلارغا دەيدىغىنىم ئاشۇ يات ئەللەردە سەرگەردان بۇلۇپ يۈرۈپمۇ بىلىم ئېلىشنى تاشلاپ قويمىغان قېرىنداشلىىمىزدىن ئۆگىنەيلى.پۈتۈن ياشلىق باھارىنى بىلىم ئېگەللەشكە قارىتىپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ دوكتۇر ۋە دوكتۇر ئاشتى بۇلۇپ يىېتىشىپ چىقىۋاتقان دىيارىمىزدىكى ئوغلان قىزلىرىمىزدىن ئۆگىنەيلى.نەدىكى تاينى يوق ياكى بۇرۇنقىلار ئاللىبۇرۇن خۇلاسە چىقرىپ بولغان ئىشلارئۈستىدە نادانلارچە دەتالاش قىلمايلى. خىيالى تەپەككۇر ئەمەس ئەقلىي تەپەككۇر قىلايلى.تورداشلارنىڭ قىممەتلىك پىكرىنى بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

2

تېما

0

دوست

2162

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18448
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 676
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 16:11:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پىكىرىڭىزگە قوشۇلىمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

499

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   99.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21633
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 16:15:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز  سىزگە ئوخشاش بىلىملىك كىشىلەر ئارىمىزدىن  كوپلەپ چىققاي

0

تېما

4

دوست

1488

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   48.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30602
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 434
توردىكى ۋاقتى: 85
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 17:12:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانداق ئادەمنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدىغان، ئالغا ئىنتىلىشكە تۈرتكە بولىدىغان تىمىلار بولسا كۆپرەك يوللىمامسىلە دەيمەن، ياخشى يوللاپسىز، مەن قوللايمەن.

0

تېما

4

دوست

1488

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   48.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30602
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 434
توردىكى ۋاقتى: 85
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 17:14:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
. سەئۇدى ئەرەبىستانىنى مىسال قىلساق ئۇيەرگە كۈچۈپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن بۇلۇپ (دۆلتمىز ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋەتكەندىن كىيىن سەئۇى ئەرەبىستانى ئۇيغۇرلارنى نۇپسقا ئالمىغان ياكى ناھايتى تەستە ئالغان،ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلا پاسپورت بىلەن تۇرىدۇ)
مۇشۇ توغرىسدا تەپسىلى مەلۇمات بارمىدۇ؟؟؟
باشقا دۆلەتلەردىكى بولۇپمۇ ئەتراپىمىزدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى توغرىسدىكى مەلۇماتلار بولسا خەۋەردار قىلسىڭىز بوپتىكەن، ئاۋارە قىلىدم، رەھمەت.

1

تېما

0

دوست

4308

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11458
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 575
تۆھپە : 945
توردىكى ۋاقتى: 209
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 17:22:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايىتى ئۇرۇنلۇق پىكىر تەكلىپ بۇلۇپتۇ ، مۇنبەرلەردە بىھۇدە تالاش تارتىش قىلشىدىغانلار، بەكرەك ئويلۇنۇپ كۆرسە بولغۇدەك .

1

تېما

0

دوست

4308

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11458
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 575
تۆھپە : 945
توردىكى ۋاقتى: 209
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 17:22:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايىتى ئۇرۇنلۇق پىكىر تەكلىپ بۇلۇپتۇ ، مۇنبەرلەردە بىھۇدە تالاش تارتىش قىلشىدىغانلار، بەكرەك ئويلۇنۇپ كۆرسە بولغۇدەك .

2

تېما

8

دوست

1131

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29736
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 17:50:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
subat007 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-7 17:14
. سەئۇدى ئەرەبىستانىنى مىسال قىلساق ئۇيەرگە كۈچۈپ بارغ ...

ماقۇل قېرىندىشىم.پات ئارىدا ئىزدىنىش ئارقىلىق مۇشۇ ھەقتە بىر تېما يوللاي.بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدۇ.ئىشەنچلىك بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلمىسام بولمايدۇ.ساقلا پ تۇرۇڭ.تېما ئىسمى شۇ سىز دىگەن سۇئالغا يېقىن بولىدۇ.تەكلىپىڭىزگە رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )