فىزىكىدىكى پەرەزلىرىم(1)
ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار مەن ئەمدىلا تولۇق ئۈچىنجى يىللىققا چىققان ئوقۇغۇچى مەن فىزىكىغا ئالەمچە قىززىقىمەن ھەم دائىم ئويلايمەن . ئۆزۈمنىڭ ئانچە-مۇنچە ئويلىغانلىرىم بار، مىنىڭ بىلىمىم چەكلىك بولغاچ ئىسپاتلاشتىن قىينىلىمەن شۇڭا توغرا خاتالىقىغا بىرنىمە دەلەلمەيمەن مەن پات-پات مۇشۇنداق تورغا يوللاپ ئۇستازلارنىڭ يول كۆرسىتىشىگە ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن .
كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىم بولسا كەچۈرگەيسىلەر.
ماددىلارنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسى ئۈستىدە تەھلىلىم
زۇلپىقار ئەلى سىدىق
ماددا ھەرخىل شەكىلدە،ھەرخىل يوللاردا ھەرىكەت قىلىدۇ.مەنچە ماڭرو جىسىملارنىڭ ھەركەت قانونىيىتىنى ئىنسانلار ئاساسەن بايقاپ بولدى دەپ ئويلايمەن.مەن ئۆزۈمنىڭ تەسەۋۇرىدا ھەركەت قانۇنىيىتنى مۇنداق پەرەز قىلدىم: ئەگەر بىر جىسىمغا قولىمىز تەگمەي تۇرۇپ ئۇنى ھەركەت قىلغۇزساق(ئۇنىڭ ھەركەت قىلىش سەۋەبى پەقەت قولىمىزنىڭ كۈچ بىرىشى بولسا)ئۇنداقتا ئۇ تىنچ ھالەتتىن قوزغۇلۇپ قايتا توختىغاندا قولىمىز شۇ جىسىمغا تىگىگلىك ھالەتتە بولۇپ قالىدۇ (بەدەن قول بىلەن بىللە).بۇنى ماتىماتىكىلىق ئىسپاتلىيالمايمەن،ئەمما بۇنىڭمۇ ‹‹ئاساسى›› بار يەنى بىر ھادىسىنىڭ يۈز بىرىش سەۋەبى پەقەت بىرلا بولسا ئۇنداقتا ھادىسىنى بايقىغىنىمىز سەۋەپنى بايقىغىنىمىز بولىدۇ مەيلى سەۋەپ قانداق بولمىسۇن،سەۋەپنى مەۋھۈم قىلىپ ھادىسىنى ھەقىقىي قىلساق سەۋەپمۇ ئاخىرىدا ھەقىقىي بولۇپ كىتىدۇ بۇنى ئەمىلىيەتتە قىلىش مۇمكىن ئەمەس چۈنكى سەۋەپنى مەۋھۈم قىلسا ھادىسىمۇ مەۋھۈم بولىدۇ(بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىدىيال ھالەت) بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ئامىللارسىز كۈچ بىرىش مۇمكىن بولمايدۇ. دىمەك يۇقارقى پەرەزنىتەستىقلىغان ئەھۋالدا مەن ‹‹يوقاپ يەنە بىر ئورۇندا پەيدا بولۇش›› جەريانىنىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىرمۇنچە پەرەز قىلىپ ئاخىرى تۆۋەندىكى ھالەتكە ئەكەلدىم . مەن بۇ ئارقىلىق بورنىڭ ئاتوم سىپىكتىرىمودىلىنى چۈشەندۈرۈپ باقاي: بور ئاتوم سىپىكتىرى نەزىرىيىسى بولسا ئاتومچىقارغان فوتۇن ئاتوم ئىچىدىكى ھىدىروگىننىڭ ئوربىتىسىنى ئالماشتۇرغانلىقسەۋەبىدىن بولۇپ فوتۇننىڭ مەنبەسى ئاتوم يادروسىدىن دىيىلىدۇ،ھىدىروگىن ئوربىتىسىنىئالماشتۇرغاندا ‹‹سەكرەش›› ھالىتىدە ئالماشتۇرىدۇ يەنى ئىنىرگىيە پەرقى ئىككىقوشنا ئوربىتىنىڭ ئىنىرگىيە پەرقىگە تەڭ ياكى ئارتۇق بولغاندا ئاندىن ‹‹ئاندىنسەكرەيدۇ›› ھەرگىز سۈننىي ھەمرادەك بىرىنجى ئالەم تېزلىكى ئىككىنجى ئالەم تېزلىكىدەپ پىرقاراپ ئۈزگەرتمەيدۇ. (كومپىيوتىردا سىزىشىم سەل تەسكە توختىدى شۇڭا مۇشۇنداق قىلدىم)قىستۇرۇپ قويىدىغىنىم شۇ سەۋەبىدىن ئىككى خوشنا ئوربىتىنىڭ ئارلىقى قانچە كىچىك بولسا ئىنىرگىيە پەرقى شۇنچە كىچىك بولىدۇ. ئىلىكتىرونغۇ ئۇنداق يۆتكۈلۈپ كام قالغان ئىنىرگىيىسىنى ئاتومدىن تولۇقلايدىكەن ئۇنداقتا ئادەم ئىنىرگىيەگە ئايلىنىپ يەنەماسسىغا قايتىپ مەنزىلگە بېرىشتە نەنىڭ ئىنىرگىيىسىنى ئىشلىتىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ ئىنىرگىيىسىنى ئىشلىتىدۇ. ئۇخىل ھەركەت قىلىش خۇددى ئىمپولۇسلىق ھەركەتكە ئوخشايدۇ(ئۆز-ئارا تەسىرنىڭ تۈرتكىسىدە ماسسىنى قارشى يۆلىنىشتە ئىتىپ ئۆزى ئالدىغا ھەركەت قىلىش) ئادەم ئاۋال پۈتۈنلەي ئىنىرگىيەگە ئايلىنىدۇ(ئادەمنىڭ ماسسىسى ئىنىرگىيەگە ئايلانسا كۈكۈم تالقان قىلىۋەتمەمدۇ؟ ياق ئۇنداق بولمايدۇ بۇ جەريان ئىنتايىن تېز ئىلىپ بىرىلىدۇ ئوننىڭ مىنۇس توققىزىنجى دەرىجىسى سىكونت بولىشى مۇمكىن)ئاندىن مەنزىلدە ئەسلىگە كىلىدۇ بۇ جەرياندا مەنزىل سۇغۇقلىشىپ قالىدۇ ئەسلىدىكى ئورنىمىز ئىسسىپ قالىدۇ (ئارلىق چوڭالغانسىرى تىمپىراتۇرا پەرقى چوڭىيىدۇ) چۈنكى بىز يۆتكەلگەندە مەنزىلدىكى ئىنىرگىيەنى كەينىمىزگە يەتكۈزىۋىتىمىز خۇددىي ئىمپىلوسقا ئوخشاش ماسسىنى(ئىنىرگىيەنى)قارشى يۆلىنىشتە ئىتىش ئارقىلىق يۆتكىلىمىز. ئۇنداقتا ئېلىقى بىز قولىمىزنى تەككۈزمەي ھەركەتلەندۈرگەن جىسىمگە بەرگەن ئىنىرگىيەمۇ شۇنىڭ ھىسابىدا بولامدۇ؟ ياق ئۇنىڭغا ئەسلىدە قانداق ئىنىرگىيە قايسى خىل ئۇسۇلدا بىرىلسە شۇنىڭغا تەۋە بولىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
|