- تىزىملاتقان
- 2014-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1131
- نادىر
- 0
- يازما
- 86
ئۆسۈش
13.1%
|
budunya يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 11:57
مېنىڭچە سىزمۇ ئۆيىڭىزنى بېزىتىپ بېقىڭ ،ئۇيغۇر ئۇستىل ...
ھەممە ئادەم بېشىدىن ئۆتكۈزگەننى دەيدۇ.مەن ۋە دوسلۇرۇم ئۆي بېزەپ كۆرگەن بېزەكچىلەر ھەقىقەتەن ئىشنى پۇختا ،زىل ھەقىقى قىلىدى. 5،6يىىل بولغانلارمۇ بار،گەرچە شۇنچە ئۇزاق بولغان بولسىمۇ ھىچ يەرنىڭ سىرى چۈشۈپ كېتىدىغان ياكى ئۈڭۈپ كېتىدىغان ئىشقىلىپ بۇزۇلۇپ كېتىدىغان ئىشلار كۈرۈلمىدى.ئەكسىچە مىنىڭ تاغام قۇرغان قۇرۇلۇش شېركىتىنى ۋەيران قىلۋەتكەنلەر باشقا مىللەتتىن بولغانلار.شۇنچە ئىشىنىپ ئىش قىلدۇرسا ئاخىرى ۋەيران قىلۋەتتى.بۇنى دىمەي.بۇنداق ئىشلار نۇرغۇن. ئەمدى ئۇيغۇر بېزەكچىلەرگە كەلسەك بەلكىم بېزەتكۈچىنىڭ قارشىغا مۇناسىۋەتلىك بۇلۇشى مۇمكىن.مەن بولسان سۈپەتنى بەكراق مۇھىم كۆرىمەن .مىنىڭ ئۈيۈممۇ ھەقىقەتەن بىر ھەپتە كىچىكىپ پۈتتى.لىكىن مەن ناھايتى رازى بولدۇم.چۈنكى ئۇلار گەرچە بىر ھەپتە كىچىككەن بولسىمۇ لىكىن ئىشنى ھەققەتەن ئەستائىدىل ،زىل ،ئىنچىكە،پۇختا قىلدى.لايھەسىمۇ شۇنداق چىرايلىق. يەنە بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ ئويلايدىغىنى بەلكىم سۈپەت ئەمەس ئاشۇ ئۆي بېزەش جەريانىدىكى قالايمىقانچىلىقتىن ئىچى پۇشۇپ بىر قانچە كۈن سۇزۇلۇپ كەتسە خۇددى بىرقانچە ئاي سۇزۇلۇپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپ ئۆينىڭ بېزەك سۈپىتىنى ئەمەس بەلكى ئاشۇ ئانچە چوڭ ۋە مۇھىم بۇلۇپ كەتمىگەن بىرقانچە كۈننى چوڭ بۈلۈپ كەتكەنلىكىدىن بۇلىشى مۇمكىن.يەنە دەيدىغىنىم ھەممە مىللەتتە ئىشنى ۋاقتىدا قىلالمايدىغان يەنى ئۆيدىكى ھېساپ تالاغا توغرا كەلمەي قېلىپ باشتىكى پەرزى بىلەن ئەمەلىي ئىش كۈنى ماسلاشماي كىچىكىپ كېتىدىغان ئەھۋال بار.بۇ ئۇيغۇرغا خاس ئىش ئەمەس.بىزدىكى مەسىلە ئۆزىمىز ۋە يېقىن تۇققان دوست بۇرادەرلىرىمىز ئاشۇنداق ئىشقا يۇلۇقسا ئاشۇ بېزەكچىنى ئەيىپلىمەي پۈتكۈل مىللەتنى ئەيىپلەيدىغان ناچار ئادەتنى دىمەكچى.شۇڭا ئىشلارغا ئىلمي قارىغۇلۇق.بىرتەرەپلىمىلىكنى ئۇمۇملۇققا كۆتۈرمەسلىك كېرەك دىمەكچى.بىتەرەپنىڭ ئېيتقىنى دەل مۇشۇنداق بىر تەرەپلىمىلىكنى ئۇمۇملۇققا كۆتۈرۈپ قىلغان ئىش . ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنلەرنىڭ نەپىس زىل پۇختا سەنئەتكە باي لايھەسى دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا بۇرۇندۇنلا ئىرىشىپ كېلىۋاتسا ئەكسىنچە ئۆزىمىز تىلىساق توغرا بولماس.سەئۇدىدىكى نۇرغۇن مەسچىتلەرنىڭ نەقىشلىرىنى ،كەبىنىڭ ئالتۇن ئىشىكىنى ،بېيجىڭ خان ئوردىسى قاتارلىقلارنى ئۇيغۇرلار قىلغان.كىچىك ئىشلارنى دىمەيلا قوياي.بۇ ھەقتە «ئۇيغۇر ئۆي بېزەكچىلىكى »دىگەن كىتاپنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا ئېنق مەلۇمات بار.خەقنىڭ ئالتۇن سافاسىدا ئولتۇرغاندىن ئۆزىمزنىڭ توپا باسقان توغراق ئۇرۇندىغىدا ئولتۇرغىنىمىز ياخشى.ئۆز مىللىتىنىڭ نەرسىنى ئۆز خەلقى قەدىرلىمىسە كىممۇ قەدىرلىسۇن.بۇنداق مىللەت قانداقمۇ تەرەققى قىلالىسۇن،قانداقمۇ ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالىسۇن. |
|