قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 12973|ئىنكاس: 65

ھۈنەرۋەن- كاسىپلار نېمىشقا گېپىدە تۇرمايدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

2

دوست

1123

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   12.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26108
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 21:59:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ھۈنەرۋەن- كاسىپلىرىمىزنىڭ قولى گۈل، بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى ھۈنەرۋەنلىرىمىزدە كەسىپتە ئالغا بېسىش، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى تۆۋەن بولغاننىڭ ئۈستىگە كېلىشىمگە ئەمەل قىلماسلىق، گېپىدە تۇرماسلىق ئەھۋالى بەك ئېغىر بولۇپ ئىش بەرگۈچىنى بەكمۇ قاخشىتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ مۇشۇ ھەقتە مۇڭدىشىپ باقىلى.

7

تېما

4

دوست

5533

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   10.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1567
توردىكى ۋاقتى: 352
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 11:24:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuxlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-7 11:35  

ماۋۇ پىكىرىڭىز دەل جايىدا ئېيتلىپتۇ. بىزنىڭ قىلىقمىز سەت خەق،بولۇپمۇ ئىشنى ۋاقتىدا قىلمغاننىڭ ئۈستىگە ،كېلشىمگە ئەمەل قىلمايمىز،يەھۇدى دەپ تىللايمىزيۇ،سودا ئەخلاقىغا، پرىنسپلىرىغا ئەمەل قىلمايمىز،  ئوغول بالىنىڭ سۆزنىڭ ئۆزى قەسەم دەيدىغان بىر گەپلەرنى يېقىندا ئاڭلاپ قالدىم.بۇنداق ھېكمەتلىك سۆزنى بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن لىكىن ئەتراپىمىزدىكى ئەركەكلەرگە قاراپ باقايلىى ئىشەنچسىزلىكتىن توختام بولسىمۇ يەنە ئەمەل قىلمىغان، ئۆي سالغۇزغانلار،ئۆي بېزەتكۈچىلەرنىڭ تولا قاقشاپ بەرگەنلىرىنى ئاڭلىدىم،خەنزۇلار ئىشنى تېز پۈتتۈرەرمىش ئۇنىڭ ئۈستىگە ناۋادا دېگەن ۋاقتىدا پۈتتۈرمىسە قانچە زىيان بولسىمۇ ئۈستىگە ئېلىپ تۆلەرمىش،بىزنىڭ بولسا ھېلى ئۇيەرىن بىرنى ھېلى بۇ يەردىن ما ئىشنى تەڭ ئېلىۋلىپ ئۆينىڭ يېرىمىگە كەلگەندە يوقاپ كېتىۋاتقان بىرچاغلاردا پەيدا بولۇپ ئاخىرىنى قشقا ئۇلاپ پۈتتۈرۈپ بېرەرمىش،،،،مېنڭچە بۇ نىڭ سەۋەبى بىر ئۇ بولسىمۇ __بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۇش.
بۇ يالغۇز بىزدىلا ئەمەس ھەممە مىللەتتەبار،لىكىن ئۆزىمىزنىڭ بىزگە ئەڭ كۆپ كۆرۇلۇپ تۇرغاچقا خۇددى بىزلا شۇنداقتەك تۇيۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن،بۇنىڭ يەنە بىر  سەۋەبى كۆپ تەربىيە كۆرمىگەنلىكنىڭ ئالامىتى،ئوقۇغان ئادەم زادى باشقىچە بولىدۇ دېگەن سۆزنى مەن ياقىلايمەن،مەسىلەن،ھازىرقى كۆپىلىگەن مۇلازىمىتى ئەلا،ئىشەنچلىك كارخانىلار بولسۇن سودا ئورۇنلىرنىڭ خوجاينىلىرى بولسۇن ئوقۇغان بىلىملىك بالىلار،بۇلارنىڭ ئىشلىرىدا يېڭلىق كۆپ،خېرىدارلارنىڭ راينى كۈزىتىشكە ئالاھىد ئەھمىيەت بەرگەن،لىكىن مۇشۇ ھۆنەرۋەن كاسىپلار ئىچىدە ئىمان ئىتىقادلىق ،ئىنسابلىق كىشلىرىمىزدىن باشقىلار بىكار،بۇ مۇناپىق كېسەلنى داۋالاش ئۈچۈن پەرزەنتلەرگە كىچىكىدىن ۋەدىگە ۋاپا قىلىش،
كېلشىمگە ئەمەل قىلىش،گېىپدە تۇرۇش يالغان سۆزلىمەسلىك تەك ئېسل خسلەتلەرنى ئۆگىتىپ يىڭى بىر ئەۋلاتلاردە بۇخىل ناچار خاھىشلارنى تۈگىتىش كېرەك.بىزبىر ئەۋلاتلارغا ئامال يوقتەك تۇرىدۇ.چۈنكى بىز <گاس -گاچا>
ئەگەر سىز ئىش بەرمەكچى بولسىڭىز باھانىلا قوغلاشماي،بۇ قانداقىراق كشىى دەپ ئەتراپتىكلەردىن بىلىدىغانلاردىن سوراپ بېقىش لازىم.بۇ ھەقتە <گۈلستان>غا ئوخشاش ھىكايەتلەردە بەك تولا ھىكايەتلەر بار.شۇ ھىكايەتلەر ھازىرمۇ كۈچكە قالتىس ئۈنۈمگە ئىگە.شۇڭلاشقا ئاۋۋال شۇ ھۆنەرۋەننىڭ ئەخلاقىنى،ئىمان ئېتىقادىنى بىر تەكشۇرۇپ كۆرۇڭ،مېنڭچە ياخشى ئادەملەردىن يامان خۇلىق چىقمايدۇ،شۇ چاغدا ھەرگىز زىيان تارتمايسىز.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

8

دوست

1131

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29736
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 11:40:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kuxlan يوللىغان ۋاقتى  2014-8-7 11:24
ماۋۇ پىكىرىڭىز دەل جايىدا ئېيتلىپتۇ. بىزنىڭ قىلىقمىز س ...

بۇ گەپلىرىڭىز بەكلا قاملاشماپتۇ قېرىندىشىم. ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن دىگەن گىپىدە تۇرىدىغان خەق.مەن ھازىرغىچە گېپىدە تۇرمىغاننى كۆرمىگەن.سىز كۆپ ئۇچراپ كەتسىڭىز ئەمدى پۈتكۈل مىللەتنى ئۇنداق دىسىڭىز بولمايدۇ.بىزدە بىر نەرسە يازماي ئاغزاكى ۋەدە بىرىش نۇرغۇن.ھەممەيلەن بۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ.بۇنىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇ مللەتنىڭ ئەخلاقىنى چۈشەندۈرىدۇ.بەزى مىللەتلەرگە يازمىچە توختاممۇ كارقىلمايدۇ.بۇنداق مىللەت ئەتراپىمىزدىلا بار. بىز ئەزەلدىن ۋەدىگە ئەمەل قىلىدىغان  ئەخلاقلىق مىللەت.مىنىڭ گۇاڭجۇ،شاڭخەي،ۋۇيى دا تاشقى سودا بىلەن شۇغىللىنىدىغان ساۋاقداشلىرىم دوسلىرىم بار.ئۇلارنى ئەرەبلەر،تۈكلەر ۋە ياۋرۇپالىق سودىگەرلەر ئىزدەپ كېلىدىكەن.ئۇلارنىڭ دىيىشىچە بىر قېتىم مۇئامىلەقىلغان سودىگەرلەر ئىككىنچى قېتىم جۇڭگوغا كەلمەي بۇ دوسلىرىمغا تېلىفۇن ئارقىلىق ئالىدىغان مالىنى دەپ قۇيۇپ نەچچە مىلىيۇن دوللارنى بانكىدىن سېلىپ بېرىدىكەن.لىكىن ئۇلار خەنلەرگە ئۇنداق قىلمايدىكەن.بۇ نىىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟مىللىتىمىزنىڭ ئەخلاقنى غۇرۇرنى بىرىنچى ئۇرۇنغا قويىدىغان مىللەت ئىكەنلىكىنى شۇڭا باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئاسان ئىرىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەمدۇ.ئىشەنمىسىڭىز سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ.ھۈنەرۋەنلەر ئىشنى جىق ئېىۋالغاچقا ئۆيدىكى ھېساپ تالاغا توغرا كەلمەي ۋاقتىدا پۈتكۈزەلمەيدىغان ئىشلار ھەقىقەتەن بار.بۇ بىزدىلا ئەمەس باشقا مىللەتلەردىمۇ ئېغىر مەسىلە. ۋاقتىدا پۈتكۈزگەنلەرنىڭ كۆپۈنچىسى ۋاقىتنى دەپ سۈپەتنى ئويلاشماي قالىدۇ. ئەمدى بۇنداق ئىشلارغا مىللىتىمىزنى سۈكۈپ ئولتۇرساق بىزنىڭ مۇشۇنىڭدىن باشقا قىلدىغان ئىشىمىز يوقمۇ ئەمدى. ئۇنتۇپ قالمايلى ،بېيجىڭ خان ئوردىسىنىڭ بېزەكلىرىنى ئۇيغۇرلىرىمىز قىلغان،سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھەرەم مەسجىدى قاتارلىق نۇرغۇن مەسجىدلەرنىڭ بېزەكلىرىنى ئۇيغۇرلار قىلغان.بۇنداق نەپىس قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى ئۇيغۇرلاردىن باشقا قىلالايدىغانلار ناھايتىمۇ ئاز.پەخىرلەنسەك بولىدۇ. مۇشۇ گەپنى قىلغانلىقىڭىزنى قايتىدىن ئويلىنىپ بېقىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

17

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.01%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1554
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4390
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 11:48:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-7 11:49  

  پالانچى ئۇستىكەن دەپ قويسا كىرىپ كىچىكسىمۇ بۇپتۇ، سىز تىكىپ بېرىڭ ياكى ياساپ بېرىڭ دەپ تۇرىۋالىدۇ، ۋاقتىم يىتىشمەيدۇ دەپ قۇتۇلۇش مومكىن ئەمەس، باشقا ئادەمنىڭمۇ ئادىمىگەرچىلىك ئىشلېرى بولغاندىكىن كىچىكتۈرۈپ قۇيىدىغان ئىشلار بۇلىدۇ...
  ئايرىم بىر قىسىملېرى ئەلۋەتتە مەخسوس قۇيۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيىۋالىدىغانلېرىمۇ يوق ئەمەس...

2

تېما

8

دوست

1131

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29736
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 12:13:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۈنەرۋەنلەرنىڭ گىپىدە تۇرماسلىقى ھەقىقەتەن مەۋجۈت ھادىسە.لىكىن ئۇمۇمىيۈزلۈك دەپ مىللەتكە چېتىۋىلىش توغرا ئەمەس.بەزىلەر ھەقىقەتەن جىق ئىش ئېلىۋىلىپ ۋاقىتنى توغرا ھېساپلىيالماي ياكى ئادەم ئىشلىتىشنى بىلمەي كىچىكتۈرۈپ قويىدۇ.بۇنداقلار پەقەت ئىشنى قولغا ئېلىۋىلىشنىلا ئويلاپ پۈتكۈزۈشكە سەل قاراپ قالىدۇ.لىكىن شۇ نەچچە كۈن كىچىكىپ قالىدۇخالاس.بىر قانچە ئاي سۈرىۋىتىدىغانلار ئاساسەن يوق. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ۋاقىت قوغلاشماي ئەكسىنچە سۈپەت قوغلىشىپ قىلغان ئىشلىرى سىزنى سۈيۈندۈرىدۇ. ئىسسنىڭ ئاچچىقىنى مۇرا بىلىدۇ دەپ بەكىم ھۈنەرۋەن بۇلۇپ باقساق بەكراق چۈشىنەرمىز سەۋەبىنى. بۇنى ئادىمىيلىككە مىللەتكە تاقىۋىلىش ئانچە توغرا ئەمەس. ئەگەر ھۈنەرۋەنلىرىمىز ئاشۇنداق مەسئۇلىيەتسىز بولغان بولسا دىيارىمىزدىكى شۇنچە ھەشەمەتلك بېزەلگەن ئۆيلەر ،سايمانلار نەدىن كەلدى؟ قاراش مەسلسىنى توغرىلاش لازىم.مەن دائىم جەمىيئەتتىكى بىرقىسىم ئىشلارغا دىققەت قىلىپ تۇرىمەن. سىز ماشىنا ھايدا كىتىۋاتقىنىڭىزدا ئالدىڭىزدىن بىر پىيادە باشقا مىلەت قېرىنداشلىرىمىز ئۆتسە گەپ قىلماي تۇرىدۇ.ئەگەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ئۆتسە «بىز دىگەن مۇشۇنداق قائىدە ئۇقمايدىغان خەق »دەپ قويىمىز.بۇنداق كىشىلەرنى كۆپ كۆردۈم.يەنە خوشنىمىز 2011-يىىلى بىر يەرگە ئۆي سالدۇرغان ،خەنلەر سالدى.بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن 1ئايچە كىيىن پۈتتى.لىكىن ھىچ نىمە دىمىدى پۇلىنى تۇلۇق بەردى.كىيىن تازلاشقا ئادەم سالغان ئۇيغۇر مەدىكارلاردىن يېرىم كۈندە قىلپ بولىمىز دىگەن ئىشنى بىر كۈن كەتكەن ئىدى «بىز دىگەن مۇشۇنداق خەق دەپ »تىللاپ ئۇلارنىڭ ئازىراق پۇلىنى تۇتۇپ قالدى.ھېلىقى مەدىكار قېرىنداشلىرىمىز رازى بۇلۇپ ئارتۇقچەتاكاللاشماي چىقىپ كەتتى. بۇنىڭدىن نىمىنى چۈشىنىسىز؟بىزدىكى بىرقىسىم كىشىلەر دائىم ئۆزىمىزدىكى بىر كەمچىللىكنى بايقۋالسا ئالتۇن تېپىلالغاندەك خوش بۇلۇپ ئۆزىمىزنى تىلاپ كېتىدىكەن.بۇنداق ۋاقىتقا رىئايە قىلالمايدىغان ئىشلار ھەممە مىللەتتە ھەممە دۆلەتتە بار.كىتاپلاردا كۆرگەن ئامرىكىلىقلار ئانداقنوچى،يەھۇدىلار مانداق نوچى دىگەنلەر پەقەت كىتابى گەپلەر ،يەنە كىلىپ شۇ مىللەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرىنى ئاساس قىلىپ يېىزلغان ماقالىلەر.سىزىڭچە نەپسىنىڭ قۇلى بولغان ئىنسانلار نىڭ ھەمىسى ئاشۇنداق ئەخلاقلىق نوچى بۇلۇپ كېتەرمۇ؟ئۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەتلا ناچار ئادەم يوقمىدۇ؟ ھوللىۋۇد فىىلىملىرىنى كۆرگىنىڭىزدە ئامرىكىلىقلارنىڭ تولىمۇ ھايىز كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز.لىكىن ئامرىكىغا بېرىپ باققانلارنىڭ دىيىشىچە ئۇلار تولىمۇ ھايالىق كىيىنىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان كىشلەركەن.پەقەت ناھايتى ئاز بىرقىسىمى شۇنداق ناچار كىيىملەرنى كېيىدىكەن.مەسىلەرگە مىللىتىمىزنى تىللاپ چۈشكۈنلۈككە جوراش  ئەمەس ئارتۇقچىلىقلرنى سۆزلەپ كىشىلەرگە ئىلھام ئېىلپ كىلىش نۇقتىسىدىن قارايلى.

7

تېما

4

دوست

5533

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   10.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1567
توردىكى ۋاقتى: 352
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 12:36:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىدە نېمە ديېلىپتۇ  قاراپ بېقىڭلار،ئاۋۋال نۇقتىنەزەرنى ئېىنىق ئايرىۋلىپ ئاندىن پىكىر بېرەيلى،بۇ تېمىدا ‹بۇنداق ئەھۋال بەك ئېغىر›  ،‹بۇنىڭ سەۋەبلىرى نېمە؟مۇشۇ ھەقتە مۇڭدشىپ باقساق› دېيىلگەن. تېما يوللىغۇچى بولسا مۇخبىر سىز زىيارەت ئوبيىتكى دەپ قارسىاق ئۇنداق سىز بۇنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە پىكىر بېرەمسز؟ياكى ئارتۇقچىلىق ئۈستىدە سۆزلەمسىز؟ئۆزىمىزنى مۇشۇنداق بەزلەپ،ماختاپ بەرسەك داۋاملىق قويمچىلارغا قويۇلۇپ كېتىمىز   پىكىرنى بۇنداق شاخلىتىپ ئېلىپ كەتسەك ئۇ چاغدا پىكىرنىڭمۇ تايىنى قالمايدۇ.

0

تېما

6

دوست

1305

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27163
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 396
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 13:25:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرەر دىندىكى كىشى خاتالىق ئۆتكۇزسە دىننى چىتىپ ئەدىپىنى بىردىغان ،بىرەر مىللەتىن يامان ئەسكى ئادەملەر چىقسا شۇ مىللەتنى سۆكىدىغان ياخشى ئەھۋال ئەمەس،ئادەمدىكى سەۋەنلىكنى ھەرگىز شۇ مىللەت، دۆلەت. دىنغا ئارىتماڭلار،،
ھەممە رايۇن دۆلەتلەردە ئەسكى ياخشى ئارلاشقان جاھان بۇ، پالانى يۇرۇت ياخشى پۇستانى مەھەللە ئەسكى دىگەن  فىئودالچە بولۇپ قالىدۇ.

0

تېما

6

دوست

1305

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27163
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 396
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 13:33:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلارنى خەقلەرنى تۇزەشتىن ئەمەس ئۆزىمىز ئائىلىمىزدىن باشلايلى،سەممىي راسچىل ئەخلاقلىق باشقىلارنىڭ مەنپەتىنى ئوتقا ئىتتىرمەيدىغان ئىستىلنى ئائىلىدىن مۇستەھكەملىسەك ئۆزىمىزگە مىللەتكە شۇ دۆلەتكە ياخشى ،

ئاددىيسى ئۆي سىتىۋىلىش ئۇچۇن بارغان ۋاقتىمىزدا ئۆي سىتۋالغانلار ئاچچىقىنى بىزگە سۆزلەپ بەردى،
ئالدىغان ۋاقىتتا نەۋرىمىز بولۇپ كەتتى ئەمدى ئىلىپ بولغاندىن كىيىن بوۋىمىز بولدى.
دەيدۇ قىسقىسى مۇشۇنىڭدىن بىلىۋالساق بولىدۇ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )