ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار مەن ئەمدىلا تولۇق ئۈچىنجى يىللىققا چىققان ئوقۇغۇچى مەن فىزىكىغا ئالەمچە قىززىقىمەن ھەم دائىم ئويلايمەن . ئۆزۈمنىڭ ئانچە-مۇنچە ئويلىغانلىرىم بار، مىنىڭ بىلىمىم چەكلىك بولغاچ ئىسپاتلاشتىن قىينىلىمەن شۇڭا توغرا خاتالىقىغا بىرنىمە دەلەلمەيمەن مەن پات-پات مۇشۇنداق تورغا يوللاپ ئۇستازلارنىڭ يول كۆرسىتىشىگە ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن .
كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىم بولسا كەچۈرگەيسىلەر.
ئالەم دەۋرىيلىكى پەقەت ۋاقىت جەھەتتىنلا ئەمەس زۇلپىقار ئەلى سىدىق
مىنىڭ ئونۋىرسال بىلىمىم ئاز بولغاچ بەزى يىڭى،تولۇق ئوتتۇرا دەرىسلىك كىتاپلاردا يوق بولغان نەزىرىيە،قانونىيەتلەردىن بىلىمىم كامچىل ئەمما قىززىققاچقا قوشۇمچە شۇنداق كىتاپلارنى تولا ئوقۇيمەن ھەم ئاز تولا <<قۇلاق موللىسى>>لىق قىلىپ قويىمەن. مەن ئالەم دەۋرىلىكىنىڭ توغرا ياكى خاتا دەلەلمەيمەن ئەمما شۇنىڭ تەپەككۈر ئۇسۇلىدا پەرەزلەرنى قىياس قىلدىم.
دەۋرىي سۆزىنى ئادەتتە ۋاقىتقىلا ئىشلىتىمىز،ھەم بەزىدە ماتىماتىكىدا سىنوس گىرافىكىنىڭ دەۋرىيلىكى،دەۋرىي فونكىسىيە دەپمۇ ئىشلىتىمىز. دەۋىرنى فىزىكىدا چاستوتىدەن بىر گە تەڭ دەيدۇ چاستوتا يەنى ھىرتىس بولسا سىكىنوتدەن بىر . قارىماققا ھەممىسى دىگۈدەك ۋاقىتقا ئىغىپ تۇرىدۇ. ھەجىم جەھەتتىنمۇ دەۋرىيلىك بولامدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم .
بىر كوردىنات سىستىمىسى تۇرغۇزساق ئۇنىڭ x ئوقى ۋاقىتنى كۆرسەتسە y ئوقى ھەجىمنى كۆرسەتسە ئالەمنىڭ دەۋرىيلىكىنى بۇ كوردىناتقا كىرگۈزسەك ئۇ ھەم ۋاقىت ھەم ھەجىم جەھەتتىن دەۋرىي بولىدۇ . مىكرو دۇنيادىمۇ بەلكىم جانلىق بولىشى مۇمكىن ،بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى قۇياش سىستىمىسى،سامان يولى سىستىمىلىرى بەلكىم ئىنتايىن چوڭ <<بىزدەكلەر>>گە نىسپەتەن <<ئاتوم>>،<<ئىلىكتىرون>>لار بولىشى مۇمكىن ۋاقىت جەھەتتە دەۋرىيلىك بويىچە ئالەمنىڭ ئۆزى چەكسىز بولغانغا ئوخشاش ھەجىمنىڭمۇ شۇنداق بولىدۇ .ئەمدىدىكى گەپ ئىككى دەۋىرنىڭ چىگرالىشىدىغان يىرىدە قانداق بولىدۇ؟ ۋاقىتنىڭكىنى ئايرىم چۈشەندۈرگىلى بولىدىغانغا ئوخشاش،ھەجىمنىڭكىنىمۇ ئايرىم چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ ئەمما ئىككىسىنى بىر كوردىناتتا چۈشەندۈرۈش قانداق بولار xۋە yئوقنىڭ ئىككىيلىسىدە دەۋرىيلىك بولسا قانداق سىزىلار؟ ئىنىقكى ھەجىم نۆل بولمايدۇ ئەمما چەكسىز يىقىنلىشىدۇ ھەم نۆلدىن كىچىك بولمايدۇ شۇڭا سىزىقلارنىڭ ھەمىسى x ئوق ئۈستىدە بولىدۇ.... ئاخىرىدا رەسىمدىكىدەك قىياس قىلدىم(كەچۈرۈڭلار مىنىڭ پوچوركام بەكلا سەت).
ئۇستازلارنىڭ يول كۆرسىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. |