قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1188|ئىنكاس: 5

‏پىسخىكىلىق تارتىشىش قانۇنى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

13

دوست

1218

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   21.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27059
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 360
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 22:25:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

‏بايقىسا پۈتكۈل كائىنات قائىدە-قانۇنلار بىلەن ئاپىرىدە بولغان . ئىلىم ئىگىلەش ،بۈيۈكلۈك ئىزدەش مەسئۇلىيەت ھەم مەجبۇرىيەت .
‏نىيۇتۇن ئۆز زامانىسىدىكى تەبئىي پەن،پەلسەپە،ماتېماتىكا،لوگىكا قاتارلىق بىلىش زاپىسىنى يۈكسەك بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئالەملىك تارتىش قانۇنىنى بايقىغان.مىخانىزىملىق دۇنيا قاراش پەلسەپىسى تىكلەنگەندىن كىيىن ئۇنىڭ قانۇنى،تەبئەت قاراشلىرى ،بىلىش مىتوتى،ئىلمى تەتقىقات ئۇسۇلى ئەنگىلىيەنىڭ سانائەت ئىنقىلابى ھەتتا ئىككى ئەسىرلىك ئىنسانىيەت تارىخىغا مىسلىسىز تەسىر قىلغان .
‏پەلسەپېۋى نوقتىدىن ئىنسانىيەت ئىككى ماسسىغا ئىگە جىسىم ئۆزئارا تارتىشىدۇ ،دىگەن چۈشەنچىگە ئىگە بولغاندىن كىيىن،تەبىئەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈك ،بىر سېستىما ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر بايقىغان .
‏مۇشۇ نۇقتىدىن ،تەبئىي پەن قانۇنىيەتلىرى بىلەن ياكى تەبئىي پەن قانۇنىيەتلەرىگە شەكىلداش قانۇنلار بىلەن ئىجدىمائىي ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغانلار بولغان ھەم ھازىرمۇ بار . ئىلىم پەن تارىخچىللىرى ئىچىدە ئېنىشتىيىننىڭ نىسپىلىك نەزەريىسى بىلەن پىكاسونىك كۇبىزىملىق ئۇسلۇبىنى سېلىشتۇرما تەتقىق قىلغانلار بار . كوپىرنىكنىڭ يېپيېڭى ئالەم مودىلى بىلەن موزارتنىڭ مۇزىكا ئۇسلۇبىدىكى بۆسۈشىنى سېلىشتۇرما قىلغان تارخچىلار بار . ئالىملار ئىچىدىمۇ ئابدۇسالام ئىسلامىي دۇنياقاراشنىڭ،نىيوتۇن خىرىستىيان ئەقىدىللىرىنىڭ ئېينىشتىيىن كانت،ماخ قاتارلىق پەيلاسوپلارنىڭ،بور بۇددا دىنىدىكى بىلىش ۋە مەۋجۇتلۇق قاراشلىرىنىڭ تەسىگە ئۇچرىغان . ماھىيەت جەھەتتە بارچە ئىلىم يەر ئاستىدا بىر پىلەكتە تەڭ تەرەققى قىلىپ كەلگەن .قاراشتا ئاجىز ئىنسان تەبئەتنى تەبئى،ئىجدىمائىي كاتوگورىيەگە ئارىپ تەققىق قىلىشقا كۆنگەن بولسىمۇ ،بىر تۈپ پەلسەپىۋى ئاڭ ئالدىنقى شەرت بولۇپ كەلگەن.
‏فىزىكا ئىلمىدە تارتىش قانۇنى ئىككى ئايرىم ماسسىلىق نوقتا ئارىسىدىكى ئۇزۇنلۇق ۋە تەسىرنى شەرھىلىدى . تارتىش قانۇنى تۈپ قانۇن بولسا بىز يەنە باشقا مەنادىمۇ بىلىمگە ئىرىشەلەيمىز . مەسىلەن:ئادەم بىلەن ئادەم تارتىشىدۇ ،ئادەم خىلى بىلەن مال تۈرى بىلەن ؛ دىنداش ،مىللەتداشلار ئاسان ئۆم بولىدۇ ،چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېڭى ئۆزئارا تارتىشىدۇ؛ پۇل پۇلنى تاپىدۇ ،كاپىتال ئۆزئارا تارتىشىدۇ ؛خۇش چىراي ئادەم سورۇن ئەھلىنى ئىللىتىدۇ ،كەيپىياتمۇ تارتىشىدۇ ........
‏ئادەم پىسخىكىلىق پائالىيىتى بىلەن ئۇنىڭ رىئاللىقى ئارىسىدىمۇ تارتىش قانۇنى مەۋجۇت. يەنى ئادەم نىمىگە زىېھنى بىلەن دىققەت قىلسا شۇ نەرسىگە ئىرىشىدۇ . دىققەت قىلماق-كۈچ چۈشۈرمەك،نەتىجە تەسىر كۈچ-نەتىجە.تۇرمۇشىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتى دەل ئاشۇ نەتىجىلەرنىڭ ئورتاق نەتىجىسى . ھەرقانداق ئادەم ئەمەلىيەتتە بىر ماگىنىت .ياكى بىر مەيدانغا ئىگە.ئۇتارتىشىش قانۇنىيتى بويىچە ئۆز رىئاللىقىنىڭ نىمىشقا ھازىرقىدەك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرەلەيدۇ .
‏مىسالەن : ئا  ئادەم ئۈمىدۋار،يۇمۇرلۇق،ئوچۇق .(چۈنكى ئۇنىڭ خاراكتېرى مۇشۇ خاراكتېر مەۋجۇت بىر تارتىشىش مەيدانىدا يىتىلگەن ) ئۇ ئەتراپىغا ئەلۋەتتە ئۆزىدەك ئادەملەرنى جەلىپ قىلىدۇ (ئادەم خىلى بىلەن )، شۇڭا ئۇ ئىش قىلغاندا ياخشى نەتىجىنى كۈتىدۇ(يامان نەتىجىدىن ھوشيار تۇرىدۇ ئەمەس) ،ئىشنىڭ ياخشى تەرپىنى كۆرىدۇ .(ۋايجان ئىسسىپ ئۆلەي دىدىم ئەمەس، شۈكىرى ئافرىقىدىن مىڭ ياخشى دە بىزنىڭ يۇرتلار) ،ئادەملەرگە مۇھەببەتلىك قارايدۇ . ( كىشىلەر ماڭا ياخشى قىلىدۇدەيمەن،ئادەم دىگەن ئاچكۆز ئەمەس ) ..... دىمەك بىراۋغا ئاتا قىلسىڭىز ئايلىنىپ ئۆزىڭىز ئىرىشىسىز .
‏تارتىشىش قانۇنى ،خۇددى مۇھەببەتنى چۈشەندۈرگەندەك ھەممە ئىنسان رىئاللىقىنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنىدۇ.مۇھەببەتتىمۇ قارشى تەرەپتىن قانچىلىك كۈتسىڭىز ئۆزىڭىز شۇنچىلىڭ ئاتا قىلۋەتسىڭىز مۇھەببەتنىڭ ماھىيىتىنى ئشقا ئاشۇرغاندەك، نىمىگە دىققەت قىلىش سىزنىڭ نىمىنى ئۆزىڭىزگە تارتىۋاتقانلىقىڭىزدىن دىرەك بىرىدۇ ،بۇ نىمىگە ئىرىشىشىڭىزنى  بەلگىلەيدۇ .
‏ئەڭ ئەجەللىك ،ئەڭ زىل پەرق شۇكى : يامان نەتىجىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن زىھىن بىرىش بىلەن ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىشكە زىھىن بىرىش قارمۇ قارشى نەتىجە بىرىدۇ،گەرچە مەقسەت ئوخشاش ياخشىلىققا يۈزلىنىش بولسىمۇ.(يوشۇرۇن ئاڭ،تارتىشىش قانۇنى بۇخىل لوگىكا ئالدىدا قارىغۇ)   مەسىلەن: سىز دارۋاز بولسىڭىز چۈشۈپ كەتسەم قانداق قىلارمەن دىگەنگە دىققەت قىلىپ ئىزچىل چۈشۈپ كەتكەندىكى مەنزىرىنى تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز،پۇتلىرىڭىزنىڭ ،شامالنىڭ،تەڭشەكنىڭ سىزنى دەھشەتلىرىنى ئويلىسىڭىز سىز چۈشۈپ كىتىسىز .چۈنكى سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىنىرگىيىسى بىلەن چۈشۈپ كەتمەك دىگەننى رىئاللىقىڭىزغا قەدەممۇ-قەدەم تارتىۋاتىسىز.  ئەكىسچە ئۆتۈپ كەتسەم ،مەن ھىلىمۇ بەك ياخشى مېڭىۋاتىمەن،كەيپىياتىم مۇقىم دىگەنلەرگە زىھنىڭىزنى بەرسىڭىز ئاكتىپ رىئاللىققا ئىگە بولىسىز .
‏ناپالىئۇن مەغلۇپ بولۇشتىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش دىگەن. خەنزۇلاردىمۇ مۇداپىيەلىنىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ھۇجۇم قىلىش دەيدىغان گەپ بار. لىكىن تارتىشىش قانۇنى(The law of attraction) غا ئاساسەن مەغلۇنىيەتتىن ساقلىنىش بىلەن غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش   ۋە   مەجبۇرىي قوغدىنىش بىلەن ئاكتىپ ھۇجۇم ئوخشىمايدىغان پىسخىكىلىق جەريان. دىققەت كۈچى(تارتىش كۈچى) ئىنىرگىيىڭىزنى تەقسىم قىلىدۇ ،دىگەن پىرىنسىپقا ئاساسەن ئۆچ نەرسىلەردىن ساقلىنىشتىن كۆرە ئامراق نەرسىلەرگە ئىنتىلىش سىزنى بالدۇرراق بەخىتلىك قىلىدۇ .
‏بىلىم ئىگىلەش،پۇل تېپىش،مۇھەببەت،ئائىلە تۇرمۇشى، ساغلاملىق ھەتتا نەلەرگە بېرىش كىملەر بىلەن يۈرۈش، نىمىلەرنى يىيش،نېمەخىزمەت قىلىش،جەمئىيەتتىكى ئورنىڭىز، ماكرو ھالدا بىر دۆلەت،بىر مىللەتنىڭ پىسخىكا ۋە ئىجدىمائىي قىياپىيى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ روھى پائالىيەتلىرى ھەققىدە تارتىشىش قانۇنىيتى نوقتىسىدىن پىكىر يۈرگۈزسە ئۆزگىچە ھاسىلاتلارغا ئىرىشكىلى بولىدۇ .  

0

تېما

0

دوست

1812

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   81.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12669
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 48
تۆھپە : 510
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 22:05:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەخپىيەتلىك
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ھەقىقەت ئارقىلىق ئادەمنى تونۇ

0

تېما

4

دوست

3360

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   45.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18936
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1030
توردىكى ۋاقتى: 237
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 01:20:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە تىرىساڭ شۇنى ئالىسەن.
http://v.youku.com/v_show/id_XMzgzNTcwMjg4.html
جاۋابىنى سۇ بىلىدۇ......بۇ فىلىم بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.

2

تېما

9

دوست

4759

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22100
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1442
توردىكى ۋاقتى: 200
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-16 08:18:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىيۇتۇن ئۆز زامانىسىدىكى تەبئىي پەن،پەلسەپە،ماتېماتىكا،لوگىكا قاتارلىق بىلىش زاپىسىنى يۈكسەك بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئالەملىك تارتىش قانۇنىنى بايقىغان.مىخانىزىملىق دۇنيا قاراش پەلسەپىسى تىكلەنگەندىن كىيىن ئۇنىڭ قانۇنى،تەبئەت قاراشلىرى ،بىلىش مىتوتى،ئىلمى تەتقىقات ئۇسۇلى ئەنگىلىيەنىڭ سانائەت ئىنقىلابى ھەتتا ئىككى ئەسىرلىك ئىنسانىيەت تارىخىغا مىسلىسىز تەسىر قىلغان .--بۇ سۇز بىلەن ئامىرىكا نەزىريەۋىق فىزىكا ئالىمى مېك خارتنىڭ نيوتون ھەققىدىكى  قارىشى بىلەن ئوخشۇشۇپ كېتىدىكەن،نيوتون {تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى}بولسا كېرەك،{ھاۋادىن ئېغىر جىسىملار ئاسماندا ئۇچالمايدۇ }دەپتىكەن،ئۇچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى{قۇرۇق شەھەر ھىلىسى}دە،جۇگېلىئاڭ بىلەن سىمايىنىڭ ئارلىغى 50-60مېتىر كېلىدىكەن،ئەينى ۋاقىتتا ئوقيانىڭ زەربە بېرىش ئارىلىغى 100مېتىر ئەتىراپىدا كېلىدىكەن، ئوقيانىڭ بۇ 100مېتىر ئارىلىقتىكى زەربە بېرىشى ھەققىدىكى كۇچىنى ھۇنلار تارىخدىن ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى مۇشۇ شىنجاڭدا ئوتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ماتىرياللىرىدىن ئىزلەپ،يەنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ تارىخ كەسپىدىكى فېرافېسسورلاردىن سۇرۇشتۇرۇپمۇ تاپالمىدىق،دوكتۇرلارمۇ بۇنى بىلمەيدىكەن،كېيىن يەنىلا گۇئەنيۇ بىلەن قارا قوساق جاڭفېينىڭ سوھبىتىدىن بۇنى بىلدۇق،سىز بۇ سانلارنى سېلىشتۇرسىڭئىز،{قۇرۇق شەھەر ھىلىسى}نىڭ بىمەنە ھىكايە ئىكەنلىگىنى بىلىسىز،1500يىلدىن بۇيان يازغۇچىلار خيالىغا كەلگەننىڭ ھەممىسىنى ھىكايە دەپ توقىۋەرگەن،نيوتون ماتىماتىكا سەۋەيەسىنى ئىشقا سېلىپ،مىلادىدىن بۇرۇنقى 4004يىل +مىلادى 1685=0بۇلۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنىنى بايقىغان،يەنى نيوتون ئەينى ۋاقىتتىكى ئىدىيالىزىملىق پەلسەپە ئارقىلىق مىلادى 1685يىلى  ئالەمدىكى تارتىشىش كۇچىنى يوق دەپ قاراپ  تەڭرىنى چاقىرغان،ئامىرىكا نەزىريەۋى فىزىكا ئالىمى مېك خارتمۇ نيوتون قانۇنلىرىنى {ھازىرقى زامان سانائىتىنىڭ ئاساسى} دەپ قارىغان،لېكىن بۇنىڭدا  ھازىرقى زامان سانائىتى ئايرۇپىلان،سۇننى ھامرا قاتارلىق ئاسماندا ئۇچۇدىغان نەرسىلەرنى ئۈز ئىچىگە ئالماسلىغى كېرەك،بولمىسا نيوتوننىڭ قارىشىنى ئىنكار قىلىش بولۇپ قالىدۇ،سىزنىڭ يۇقارقى قارىشىڭئىزدىمۇ بۇ نىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان مەزمونلار بەركەن.

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30983
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-28 13:40:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى نەرسە ئىكەن، بۇ ھەققىدە خېلى ياخشى چۈشەنچىگە ئىگە بۇلۋالدىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )