بىلىمخۇمار
2014-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى
ياۋروپا ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى 2004-يىلى 3-ئايدا «روسېتتا» (Rosetta) ناملىق بىر ئالەم ئۇچقۇرىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقاردى. روسېتتانىڭ ۋەزىپىسى «67پ نومۇرلۇق كومېتا» (Comet 67P) دەپ ئاتىلىدىغان كومېتا (قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز) نى تەكشۈرۈش ئىدى.
شۇنىڭدىن باشلاپ روسېتتا يەر شارى بىلەن مارسنىڭ يېنىدىن كۆپ قېتىم ئۇچۇپ ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ تارتىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ تېزلىكىنى ئىتتىكلەشتۈردى. ھەمدە قۇياشنى 5 قېتىم ئايلىنىپ، جەمى 6.4 مىليارد كىلومېتىر مۇساپىنى باستى. شۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرى 2014-يىلى 6-ئاۋغۇست كۈنى بۇ ئالەم ئۇچقۇرى ئۆزى نىشان قىلغان كومېتىغا يېتىشىۋېلىپ، ئاشۇ كومېتىنى ئوربىتلاشقا باشلىدى.
بۇ ئەھۋال ئامېرىكا ۋاقتى بويىچە 6-ئاۋغۇست كۈنى بىزنىڭ ئىدارىنىڭ تور بېتىدە ۋە ئامېرىكىنىڭ بارلىق چوڭ تېلېۋىزورلىرىدا خەۋەر قىلىندى.
بۇ تەتقىقات تۇرى ئۈچۈن ياۋراپا ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى بىر مىليارد يۇرودىن كۆپرەك پۇل خەجلىدى.
مەزكۇر كومېتىنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 550 مىليون كىلومېتىر بولۇپ، ئۇ ھازىر ھەر بىر سائەتىگە 55 مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان تېزلىك بىلەن مېڭىۋاتىدۇ (ناسا مارقا ماڭدۇرغان ئالەم ئۇچقۇرلىرى سائەتىگە 20 – 80 مىڭ كىلومېتىر تېزلىك بىلەن ماڭغان). ھازىر روسېتتا تارقاتقان سىگنالنىڭ يەر يۈزىگە يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن 23 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ. (بۇ سىگناللار نۇرنىڭ تېزلىكى بىلەن ماڭىدىغان بولۇپ، نۇر ھەر بىر سېكونتىغا 300 مىڭ كىلومېتىر تېزلىك بىلەن ماڭىدۇ.)
مەزكۇر كومېتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4 كىلومېتىر، كەڭلىكى 3.5 كىلومېتىر كېلىدۇ.
بۇ يىل 11-ئايدا بۇ ئالەم ئۇچقۇرى بىر تەكشۈرۈش ماشىنىسىنى مەزكۇر كومېتىنىڭ ئۈستىگە قوندۇرۇپ، كومېتىنىڭ يۈزىنى تىشىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ تەتقىقات تۈرىنىڭ مەقسىدى، ئىنسانلارنى كومېتا ھەققىدە يېڭى بىلىملەرگە ئىگە قىلىپ، قۇياش سىستېمىسى يېڭىدىن شەكىللەنگەن دەۋرلەردە، كومېتىلار قايسى شەكىلدە ھاياتلىقنى تەشكىل قىلغۇچى ماددىلارنى توشۇپ يۈرگەنلىكى ھەققىدە يېڭى بىلىملەرگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت.
تۆۋەندىكى رەسىمدىكى كومېتىنىڭ رەسىمىنى روسېتتا يېقىن ئارىلىقتىن تارتقان.
پايدىلىنىش ماتېرىيالى (رەسىملەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە):
ئەئۇروپە'س روسېتتا پروبە گوئەس ئىنتو ئوربىت ئاروئۇند كومېت 67پ
http://www.bbc.com/news/science-environment-28659783
|