ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك باغداش ئەھلىدىكى بارلىق مۇنبەرداشلار!
مەن مۇشۇ بىر- ئىككى يىلدىن بېرى تىجارەت ئېھتىياجىم تۈپەيلىدىن ئۈرۈمچى شەھرى «يەنئەن يولى» غا ئورۇنلاشقان «ھېكمەت» باغاقچىلىقىدىكىلەر بىلەن ھەمكارداش بولۇپ، ئۆز تىجارىتىمنى نورمال داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدىم. جۈملىدىن، مەزكۇر «ھېكمەت» (يەنە بىر باغاق نامى «چىمەنزار») باغاقچىلىقىدىكىلەرنىڭ مۇلازىمەتتە ئەلا، سەمىمىي، لايىھەلىگەن باغاق نۇسخىلىرىنىڭ ئۆزگىچە (ھەر بىر نۇسخا ئىشلىگەن باغىقىدا بىردىن ھېكمەت)، كۆركەم، ماتېرىيالى ۋە باغىقىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىرقانچە باغاقچىلىق ئورۇنلىرى (شىركىتى) دىن ياخشى دەپ قاراپ، پەقەت شۇلار بىلەنلا مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدىم.
ئەمدى كۆپچىلىكنىڭ باغاقچىلىق ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، قىسقىچىلا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم: مەن دېگەن «ھېكمەت» باغاقچىلىق ئورنى ئەمەلىيەتتە تۈرلۈك مۇراسىم باغاقلىرىنى خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ھەرخىل شەكىل- نۇسخىدا لايىھەلەپ توپ تارقىتىدىغان ئورۇن بولۇپ، ماڭا ئوخشاش «باغاقچى» لار توي- چايلارنىڭ باغىقىنى شۇلار چىقارغان باغاق ئەندىزىسىگە ئاساسەن سېتىۋېلىپ، مۇراسىم ئىگىلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە مۇراسىم تۈرى، ۋاقتى، ئورنى ... قاتارلىقلارنى كومپيۇتېر ياردىمى ئارقىلىق ئىشلەيدىغان باسمىچىلىق ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق تولدۇرۇپ بېسىپ بېرىش ئىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
گەپنىڭ نەق ئۆزىگە كەلسەك، ئالدىنقى ئايلاردا بىر ئاي مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ئېيى مەزگىلى بولغاچ بىر ئاي چامىسىدا تۈرلۈك توي- تۆكۈنلەر بېسىققان، روزا ئېيىنىڭ ئاخىرلىشىش ھارپىسىدا (2014- يىلى 7- ئاينىڭ 25- كۈنى) «ھېكمەت» باغاقچىلىقىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ 18 توپ (ھەر بىر توپى 1000 دانە) باغاققا پۇل سېلىۋەتكەن، ئارقىدىن ئۇلارنىڭ «باغاقنى سېلىۋەتتۇق» دېگەن ئۇچۇرىنى تاپشۇرۋالغان ئىدۇق. بۇ باغاق ئۈرۈمچىدىن سېلىنسا ياز كۈنلىرى (نورمال ئەھۋالدا) 2-3 كۈندە، قىش كۈنلىرى كۆپ بولسا بىر ھەپتىدە ۋاكالىتەن مال يەتكۈزۈش ئورۇنلىرى ئارقىلىق (ئاقسۇغا) كېلىپ بولاتتى، ئەپسۇس، بۇ قېتىم نېمە ئۈچۈندۇركىن ئىشلار بۇنداق بولمىدى. مەن بىر ھەپتىگىچە بۇ نورمال ئەھۋال دەپ قاراپ يۈرۈۋەردىم، ئاخىرىدا بولسا يەنىلا باغاق كەلگەنلىك ئۇچۇرى بولمىغاندىن كېيىن ئۇلارغا تېلېفون ئۇردۇم، بىر كۈن، ئىككى كۈن، كۈندە بىرقانچە قېتىم ئىككى يانفون نومۇرى، شىركەت ئىشخانىسىنىڭ بىر مۇقىم نومۇرىغا تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون ئۇرۇپمۇ پەقەت ئالاقىلاشقىلى بولمىدى، ئارىلىقتا بىر نومۇر يانفون نومۇرى توختاپ قالدى، باشقىسىغا ۋاقىت ئۆتكەنسېرى كۆپ قېتىم تېلېفون ئۇردۇم، تېلېفون ئوچۇق، بىراق ئېلىنمىدى. بۇ سەۋەب بىلەن باغاق پۇلى گەرچە كۆپ بولمىسىمۇ بىراق خېرىدارلىرىم ئالدىدا يۈزۈم قىزىرىپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىپ جىددىيلىشىشكە باشلىدىم. بۇ جەرياندا ئۈرۈمچىدىكى بىرقىسىم تونۇشلارغا بۇ ئىشنى ھاۋالە قىلغانمۇ بولدۇم (ئۇلارنىڭ ۋاقتى يەتمەسلىك قاتارلىق سەۋەب بىلەن ئالاقىلەشكىلى بولمىدى). ئارىلىقتا بىر قېتىم تېلېفون ئېلىنىپ كەلگەن جاۋاب: «مەن بۈگۈن غۇلجىدىن يولغا چىقتىم، ئەتە شىركەتكە يىتىپ بېرىپلا ئۇچۇرىنى بېرىۋەتكەن بولسام، كەچۈرۈڭ» دېگەندىن ئېتىبارەن بولدى، ئەتىسى يەنىلا جىم، تېلېفون يەنىلا ئېلىنمىدى؛ ئالدىنقى كۈنى ئاخىرى بولماي يانفون نومۇرىغا: يەنىلا تېلېفوننى ئالماي، جاۋاب قايتۇرمىغاندا قانۇن ئورگانلىرى ئارقىلىق كۆرۈشۈشتىن باشقا يول يوق ئىكەنلىكى (ئەمەلىيەتتە مەن قايسى خىل ئۇسۇلدا قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتە قىلىشنى ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن)، شۇڭا تېزدىن جاۋاب قايتۇرۇش ھەققىدىكى مەزمۇندا ئۇچۇر قىلدىم. ئۇچۇرنى قىلىپ كۆپ ئۆتمەيلا جاۋاب ئۇچۇر كەلدى، ئۇنىڭدا، ئۆزىنىڭ تەساددىپىي ھالدا دوختۇرخانىدا ئوپىراتسىيەگە چۈشۈپ قالغانلىقى، شىركەتتىكى بالىلارنىڭ ھېيتلىق قىلىپ يۇرتقا كەتكەنچە قايتىپ كەلمىگەنلىكى، شۇڭا تېلېفون ئېلىش مۇمكىن بولمىغانلىقى، زاكاس قىلغان باغاقنى ئەتە (يەنى بۈگۈن) سالىدىغانلىقى ھەققىدە مەزمۇن بار ئىكەن، مۇشۇ تېمىنى يېزىشتىن سەل ئىلگىرىلا تېلېفون ئۇرغاندىن كېيىن تېلېفون ئېلىندى، زاكاس قىلغان باغاق سانى، نۇسخىسى، پۇل سالغان ۋاقتى ۋە سوممىسى ھەققىدە قايتىدىن بىر كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھېلىلا باغاقنى سېلىۋىتىدىغانلىقى توغرىسىدا «ۋەدە» قىلدى. ئەمدى يەنە نەتىجىسى قانداق بولىدۇ، بۇ ماڭا قاراڭغۇ.
مۇشۇ تاپتا مەن يا كۈلۈشنى يا يىغلاشنى بىلەلمەي تۇرماقتىمەن. خېرىدارلارنىڭ بىرقانچە كۈندىن كېيىن بولىدىغان مۇراسىملىرىغا ئاتاپ بۇيرۇتقان باغاقلىرىنى بېسىپ چىقىرىپ بېرىشكە ئامالسىزمەن. ئۇنچىلىك باغاقنىڭ پۇلىغۇ بىر تۇرقىلىق، ئەمما تىجارەتتىكى سەمىمىيەت، ئىشەنچ دېگەن نېمە، خېرىدارلارنىڭ زور ئىشەنچىگە ئېرىشمەكنىڭ قانچىلىك تەسلىكىنى تىجارەت قىلىپ باققان، تىجارەتنىڭ قايناملىرىدا قايناپ باققان كىشى مېنىڭچە ھېس قىلالايدۇ دەپ قارايمەن.
مەزكۇر «ھېكمەت» باغاقچىلىقىدىكىلەرنىڭ ھەپتىلەپ تېلېفوننى ئالماسلىقىنىڭ زادى زۆرۈرىيىتى بارمىدۇ؟ تاغ ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغان ئىش بولسىمۇ بىرەر ئېغىز گەپ بىلەن ماڭا ئوخشاش ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن خېرىدارلىرىغا نېمىشقا بۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ، مۇشۇ ئىشقا تولىمۇ ھەيرانمەن. بەلكىم بۇنداق ئىشقا يولۇققان پەقەت مەنلا بولماسلىقىم مۇمكىن.
«ھېكمەت» باغاقچىلىقىدىكى قېرىنداشلار، دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ماڭا ئوخشاش خېرىدارلىرىڭلارنىڭ ئىشەنچىسىنى داۋاملىق يەردە قويامسىلەر ياكى يەنىلا بۇرۇنقى سەمىمىيتىڭلار، جاپالىق تىرىشچانلىقىڭلارنى كۆرسىتەمسىلەر!
|