قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1184|ئىنكاس: 3

ئاخىرقى مۈلۈك (ئۆركەش ئابدۇكېرىم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

794

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   58.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24844
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 240
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 13:58:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆركەش ئابدۇكېرىم
(ھېكايە)
       يازلىق تەتىل يېقىنلىشىپ، ئىمتىھان ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش يۈرۈۋاتقان كۈنلىرىم ئىدى.بېشىم بۇ تەتىلدە ئۆيگە قايتايمۇ ياكى تەتىلنى بۇ يەردە ئۆتكۈزەيمۇ دېگەن خىيال بىلەن قايمۇقتا.گەرچە ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ ئۈچ يىلىنى تاماملاپ بولغان بولساممۇ، ئۆگەنگەنلىرىم يەنىلا كۆڭلۈمدىكىدەك ئەمەس ئىدى. شۇڭا تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ مەكتەپتە قىلىپ كەسپىي بىلىملەرنى تولوقلاش ۋە تىل ئۆگىنىش پىلانىنى تۈزگەن ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئوقۇتقۇچۇممۇ تەتىلدە ئۆزىگە ياردەملىشىپ بېرىش توغرىسىدا سۆز ئاچقانىدى. لېكىن ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالى ئۈزۈمگە ئايان ئىدى. دادامنىڭ تىراكتورنىڭ سوغۇق رولىغا باغلانغان قارامتۇل قوللىرى، ئاپامنىڭ ئائىلىنىڭ جاپا-مۇشەققىتىدە يادەك ئېگىلگەن قەددى...بۇ كۆرۈنۈشلەر كۆز ئالدىمغا كەلسىلا ، بۇ يەردە قىلىش خىياللىرىم بەربات بولاتتى.
       ئالدىراش چېپىۋاتقان كۈنلەر مېنى ھەش-پەش دېگۈچە ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ ئاخىرىقى دەملىرىگە سۆرىمەكتە. بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىلىم ئىلىش ئىستىكى مېنى جاپاغا چىدايدىغان قىلىپ تاۋلىماقتا ئىدى.ئوقۇغانغا تۇشلۇق كۆزگە كۆرۈنگۈدەك نەتىجە ياراتمىسام ئاتا-ئانامنىڭ جاپاسىغا قانداقمۇ يۈز كېلەلەيمەن؟ مەھەللىمىزدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ يۈزىگە قانداق قارىيالايمەن؟ ئۇرۇق-تۇغقانلار مېنى مەكتەپكە ئۇزاتقاندا ئۆز كۆڭۈللىرىنى بىلدۈرۈپ ،مەندىن نېمە ئۈمىدلەرنى كۈتكەن بولغىيتتى؟! ئۆز-ئۆزۈمگە خىتاب قىلدىم،- شۇلار كۈتكەندەك ئادەم بولالمىسام قانداقمۇ بىر ئوغۇل بالا ھىساپلىنىمەن.
مەن مەكتەپكە يول ئالغان شۇ كۈندىكى مەنزىرىلەر ھېلىمۇ ئېسىمدە، مەھەللىمىزدىكى سىلىم بوۋاي ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ ھويلىمىزغا كىرىپ كەلدى. قولىدا كىچىكرەك بىر خالتا ئالما، بىلىدە  قوش مۇشتۇمچىلىك بىر تۈگۈچ ساڭگىلاپ تۇراتتى.
- ئەسساللاممۇ ئەلەيكۇم سىلىم بوۋا ،- دەپ سالام بەرگەچ قولىدىكى خالتىغا قول ئۇزارتتىم.
-  ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قانداغۇي ئەھۋالىڭ بالام...پاھ، پاھ نېمانچە ئالدىرايسەن بۇ خالتىنى ئېلىشقا، ئالدىرمىساڭمۇ، سىنىڭ نېسىۋەڭ بۇ.   ھا... ھا...
سىلىم بوۋاينىڭ تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن قىلغان چاقچاقلىرىغا يېنىك كۈلۈمسىرەپ، باراڭ ئاستىدىكى سۇپىغا باشلىدىم.
ئۇنىڭغىچە دادام ئۆيدىن چىقىپ سىلىم بوۋامغا قول ئۇزارتتى.
- ئوھۇي، تۇراپ .بالاڭ لاچىندەك چاققەنكەن جۇمۇ، كىرە-كىرمەيلا قولۇمدىكى بوغچىغا ئېسىلدى. مانا مۇنداق كۆرۈشىدۇ ئەركەك دېگەن... سىلىم بوۋام دادامنىڭ قولىنى چىڭ سىققىنىچە ماڭا مەنىلىك قاراپ قويدى. شۇندىلا گۆدەكلەرچە قىلغان ئىشىمدىن خىجىللىق ھېس قىلغانىدىم.
ئۇ كۈنى سىلىم بوۋاي دېھقانلارغا خاس خۇش چاقچاقلىرى، تۈز-سەمىمىي گەپلىرى بىلەن مېنى ياخشى ئۇقۇشقا دەۋەت قىلغانىدى.قايتىدىغان چاغدا قولۇمنى چىڭ سىققىنىچە،- ياخشى ئوقۇ بالام. كاتتا ئادەم بولغىن. ئاۋۇ دوقمۇشتىكى سادىر باينىڭ ئوغلى ئوقۇپ، ھازىر شەھەردە باشلىق بولدى دەيدۇ. سەنمۇ شۇنداق بولغىن بالام. گەرچە داداڭ سادىردەك باي بولمىسىمۇ، كۆڭلى باي. ھەممىمىز سىلەرنى ياخشى كۆرىمىز. قىيىنچىلىق بولسا ئەل-جامائەت بار ئەمەسمۇ، ھەممە ئىش ھەل بولىدۇ.
قانداق دېدىم ۋۇي تىراكتورچى؟ خىيالىڭ شۇ تۆمۈردە،-ھە سېنىڭ؟ ھېلىمۇ شۇ تىراكتوردەك قارىداپ، مايلىشىپ قاپسەن. ئاپتاپتا ئۇزۇن تۇرما جۇمۇ ، ئوت ئىلىپ كەتمىسۇن يەنە. ھا... ھا...
ئۆھۆ-ئۆھۆ...،- سىلىم بوۋامنىڭ يۆتەل ئاۋازى بىزنىڭ كۈلكىمىزنى بېسىپ كەتكەن ئىدى. دادامغا سىنچىلاپ قارىدىم، دادامنىڭ ۋىجىك گەۋدىسى، دائىم مايلىشىپ تۇرىدىغان ئىنچىكە قوللىرى، قارىدىغان، كۆيگەن چىرايى... ھەقىقەتەن سىلىم بۇۋام دېگەندەك ھازىرلا ئوت ئالىدىغاندەك كۆرۈنەتتى.
- ھە، بولدى مەن چىقاي ئەمسە، ئەسلىدە ياماق-پاماق بېرەي دېگەنتىم. بىلىسەن بىزنىڭ غورىگۈل ھالىمىزنى. موماي ئىككىمىز يېقىندىن بۇيان... ئا بولدىلا، سىلەرگە دەرد ئېيتماي قىرىغاندا، چۈشەن ئوغلۇم. ياخشى ئوقۇپ، ئاپاڭ-داداڭنىڭ ھاردۇقىنى چىقارغىن. ماۋۇ بىزنىڭ باغنىڭ ئالمىسى. ماۋۇ موماڭ ئۆز قولى بىلەن قۇرۇتقان ئۆرۈك قىقى،- يوتىسىدا ساڭگىلاپ تۇرغان تۈگۈنچەكنى بەردى-دە مېڭىشقا تەمشەلدى.- ئاللاھقا ئامانەت ئوغلۇم، مەن ماڭدىم.- سىلىم بوۋامنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقىپ رەھمىتىمنى بىلدۈردۈم.
«ۋاقىت ئاتقان ئوق»، يىللار نېمىدىگەن تىز چاپقان،- ھە. سىلىم بوۋاممۇ ئالەمدىن ئۆتتى. مەن دائىم سىلىم بوۋامنىڭ قولىنى چىڭ سىققىنىمچە بەرگەن شۇ ۋەدىلىرىمنى ئەسلەپ قالىمەن. «ئەركەكنىڭ ۋەدىسى تاغدىن ئېغىر » دەيدىغان...
خىلمۇ-خىل خىيال، قايمۇقۇشلار ئىچىدە بۇ تەتىلدە يەنىلا ئۆيگە قايىتماسلىقنى قارار قىلدىم. قايتسام تەتىللىك پىلانلىرىمنى تولۇق ئورۇندۇيالمىغۇدەكمەن. يەنە كېلىپ مۇئەللىمگە ياردەملەشسەم، ھەم كەسپىمنى پۇختىلاشقا ھەم ئاز-تولا ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشقا پايدىسى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەچلىكى تىل ئۆگىنىش كۇرسىغا قاتنىشىۋالىمەن.
ئەمدىكى مۇھىم ئىش بۇنى ئاپام-دادامغا دەپ، ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئىلىش ئىدى. دادام-ئاپام مېنىڭ جاپا تارتىشىمنى خالىمىسىمۇ، لېكىن ئۆگىنىمەن دېسەملا مېنىڭ تاللىشىمغا يول قوياتتى. شۇنداقتىمۇ، بۇ قارارمنى ئۇلارغا دەپ قويمىسام بولمايتتى .بۇنى ئۇلارغا قانداق يەتكۈزۈپ قويۇشۇم كېرەك. خەت يازايمۇ ياكى تېلېفون قىلايمۇ؟ خەت يازسام ئۆيگە يېتىپ بارغۇچە خېلى ۋاقىت كېتىدۇ. تېلېفون قىلاي! ئۆيىمىز ناھىيە بازىرىدىن خېلى يىراق تاغلىق كەنتتە بولغاچقا، تېخى تېلېفونمۇ ئومۇملاشمىغانىدى. مەھەللىمىز بويىچە پۇلى بارلارنىڭ، خىزمەتچىلەرنىڭلا تېلېفونى بار بولۇپ، شۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆيىمىزگە ئەڭ يېقىن تاش تېرىچىنىڭ ئۆيى ئىدى.
تېلېفون بوتكىسىغا كىرىپ بۇ ئۆينىڭ نومۇرىنى باسماقچى بولدۇم،-يۇ، يەنە توختاپ قالدىم. بىر ئاي ئىلگىرى، دادامغا مەسلىھەت سالىدىغان مۇھىم بىر ئىش چىقىپ قىلىپ، بۇ ئۆيگە تېلېفون قىلغانتىم. تاشكامنىڭ مۇز چىراي ئايالى ئىلىپ:« ئۆيدە بالىلىرىم يوق، مەن چىقىپ دادىڭىزنى چاقىرىپ بېرەلمەيمەن» دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتكەنىدى.شۇنداقتىمۇ بۇ ئىشنى دادامغا دېمىسەم بولمايدىغانلىقى ئىسىمدىن كەچتى،-دە ئىككىلىنىش ئىچىدە تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قولۇمغا ئالدىم.
-       ئەسساللاممۇ ئەلەيكۇم ...
-       ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام.
قارشى تەرەپنىڭ تاشكامنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، يېنىك تىندىمدە، ئېغىز ئاچتىم.
- تاشكا، مەن تۇراپ تىراكتورچىنىڭ ئوغلى غالىب . دادامغا دەيدىغان مۇھىم بىر گەپ بار ئىدى. شۇڭا خاپا بولماي... ،- تاشكام مېنىڭ مەقسىتىمنى تىزلا چۈشەندى-دە، ئون مىنۇتتىن كېيىن قايتا تېلېفون قىلىشىمنى ئېيتتى.
-رەھمەت ئاكا، ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم...
تېلېفونى قويۇپ، سائەتكە قارىدىم. دادام ئۆيدە بارمىدۇ؟ ئادەتتە بۇنداق كۈنلەردە دادام بەكلا ئالدىراش بولۇپ كېتەتتى. ئۇزۇن يىل تۆمۈر بىلەن ھەپىلەشكەن ئادەمگە جىن چاپلاشقاندەك يىپىشىدىغان بەل-پۇت ئاغرىقى بىلەن ئەتىيازدىكى يەر ھەيدەش بىسىقچىلىقىدا سەھەر تۇرۇپ، كەچ يېتىپ رول قۇچاقلاش، ئاچ-توق يۈرۈش ئوتتۇرا ياشتىن ھالقىغان جاپاكەش دادامنى خېلىلا ھالسىرىتىپ قويغانىدى. قىش كەلسىلا بوغۇم ئاغرىقى قوزغىلىدۇ،-دە ئاشخانا ئۆيدىكى كاڭدىن نېرى كەتمەيدۇ. پات-پاتلا پۇت-قوللىرىنى قوي مېيىدا مايلاپ تۇرىدۇ. بەزىدە سىڭلىم ئىككىمىز ئۇۋىلاپ قوياتتۇق. بىر قېتىم دادامنىڭ تاياقتەك قاتقان قولىنى تۇتۇۋاتقان سىڭلىم سەبىيلەرچە :
-دادا، سېنىڭ قولۇڭ بەك قاتتىق،-ھە! خۇددى تاياقتەكلا. پولات دادامنىڭ قولى سېنىڭكىدىنمۇ قاتتىقتۇ،-ھە!
ھەممىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق.مىسكىن، ئېغىر يورۇيدىغان، ئاسانلىقچە ئىچىلىپ سۆزلىمەيدىغان ئاپاممۇ سىڭلىمنىڭ سەبىيلەرچە قىلغان سۆزىدىن كۈلۈپ كەتتى. چۈنكى مەھەللىمىزدە پولات دەيدىغان بىر بېخىل ئادەم بولۇپ، مەھەللە كوي ئۇنى شۇ خۇيىغا قارىتا «پولات قاتتىق»، «پولات تاش» دەپ قوياتتى. دادام سىڭلىمنى ئەركىلىتىپ تۇرۇپ:
-نېمىشقا تاشنىڭ قولى مېنىڭكىدىن قاتتىق.
-ھەممە  ئادەم پولات دادامنى تاشتەك قاتتىق دەيدىغۇ؟ سېنىڭ قولۇڭ ياغاچتەك،ئۇنىڭ قولى تاشتەك...
تېلېفون بوتكىسىدا تۇرۇپ، خىياللار دېڭىزىغا شۇڭغىغان ئىدىم.سائىتىمگە قارىدىم .دادام ئۆيدە بولسىلا، تاشكامنىڭ ئۆيىگە كېلىپ بولدى.
- ۋەي، غالىب ئوغلۇم، سەنمۇ بۇ بالام؟ -، دادامنىڭ ئاۋازىدىن بىر خىل ھارغىنلىق چىقىپ تۇراتتى.
-دادا، مەن غالىب . ئەھۋالىڭ ياخشىمۇ؟ ئاپام، سىڭلىملارچۇ؟
- ياخشى بالام، ياخشى. ھەممىمىز ساق-سالامەت. سەنچۇ ئوغلۇم  قاچان كېلىسەن؟ دادام ماڭا دېيىش تەس كېلىۋاتقان گەپنى ئۆزى تەشكەنىدى.
-دادا، ھازىر مەۋسۇملۇق ئىمتىھان بېرىۋاتىمىز. بىر ھەپتىدىن كېيىن تەتىلگە چىقىمىز. مەن...مەن... تەتىلدە... ،-گەپنىڭ موھىم يىرىگە كەلگەندە، دادامنىڭ يۆتەل ئاۋازى كۈچەيدى. يۆتەلدىن تەستە توختىغان دادام ھاسىرىغىنىچە: «ھە قېنى سۆزلە بالام» دېيەلىدى.
- دادا، نېمە بولدۇڭ بۇنداق ئېغىر يۆتەل يوقتىغۇ سەندە؟- دادامنىڭ ئېغىر نەپەس ئالغان تىۋىشلىرى ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەندىكى ئەنسىزلىك تېخىمۇ كۈچەيدى.
-مەن ياخشى ئوغلۇم، ئەنسىرىمە. ئالدىنقى كۈنى كەچتە يولدا تىراكتوردىن چاتاق چىقىپ يامغۇردا قالدىم. ئازراق سوغۇق ئۆتۈپ قاپتۇ.
-دوختۇرغا كۆرۈندىڭمۇ دادا؟
-كۆرۈندۈم ئوغلۇم. ھازىر خىلى ياخشى بولۇپ قالدىم. شۇ مۇشۇنداق كالتە-كۈسە يۆتەل يوقالمايۋاتىدۇ ئادەمنى قىيناپ. ئەنسىرىمە ئوغلۇم چوڭ ئىش يوق.
دادامنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ،يۈرۈكۈم بىر خىل ئاچچىق بولدى. شۇنداقتىمۇ بۇيەردە قىلىپ ئۆگىنىش پىلانىمنى ئۇدۇللا ئېيتتىم :
-دادا مەن تەتىلدە ئۆيگە قايتماي بۇ يەردە قىلىپ تىل ئۆگۈنەيمىكىن دەيمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇئەللىمگە ئىشلىشىپ بىرىدىغان بولدۇم .-بۇ گەپلەرنى قىلىپ بولغۇچە يۈرۈكۈم ئاچچىق تېپىرلاشقا باشلىدى. دادام قوشۇلارمۇ؟ ئەگەر قوشۇلمىسىچۇ؟
-مەيلى ئۆزۈڭ بىل ئوغلۇم. ئۆيدىمۇ بەك كۆپ ئىش يوق. ياخشى ئويلاپسەن. ئوقۇغاندىكىن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇ بالام. ئەمما...،يۆتەل ئاۋازى گېپىمىزنى يەنە ئۈزۈپ قويدى. يۆتەلدىن تەستە توختىغىنىچە گېپىنى ئاران داۋاملاشتۇردى.
-ھە، دادا ،نېمە ئەمما ئۇ..
-ھېچ ئىش يوق. ئاپاڭ سېنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنلىرىڭنى ساناپ يولۇڭغا بەكلا قاراپ كەتتى.. ئامال بار ئاز كۈن بولسىمۇ كەلسەڭ ياخشى بولاتتى.
-بولىدۇ دادا ،بۇ يەردىكى ئۆگۈنىشلىرىم بىر ئايغا يەتمەي ئاخىرلىشىدۇ. ئاندىن ئۆيگە قايتىمەن.
-ھە، بولىدۇ بالام. بىخەتەرلىككىڭگە دىققەت قىل، يامان ئىشلاردىن يىراق بول. باشقا ئىش بارمۇ؟ يېنىڭدا پۇل بارمۇ؟
- بار... بار... دادامنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن بۇ سۆزنى قانچە قېتىم تەكرارلاۋەتكىنىمنى بىلمەيمەن. ئەمەلىيەتتە تاماق كارتامدا نەچچە كۈنگە يەتكۈدەكلا پۇلۇم قالغانىدى . تەتىلگە چىقىۋالساملا ، ئىقتىسادنى ھەل قىلالىشىمغا ئىشىنەتتىم.
دادام بىلەن چىرايلىق خوشلىشىپ تېلېفوننى قويدۇم.
تەتىلگىمۇ چىقتۇق. سىنىپتىكى بالىلاردىن مەن بىلەن سانجىلىق ئەركىن ئىككىمىزلا قالغان ئىدۇق. مۇئەللىم ياتاقنى ئاسپىرانتلار بىناسىدىن ھەل قىلىپ بەردى.ئىشلىرىمىزمۇ باشلىنىپ كەتتى.ھەر كۈنى ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن ئەركىن ئىككىمىز ئىشخانىغا چىقىپ مۇئەللىم تاپشۇرغان ئىشقا كىرىشىپ كېتەتتۇق. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئاساسلىقى خەت بېسىش، تۆۋەندىن يىغىپ كېلىنگەن سانلىق مەلۇماتلارنى رەتلەش، جەدۋەللەشتۈرۈشۈش قاتارلىقلار ئىدى. گەرچە بۇ ئىشلاردىن سەل جاپالىق ھېس قىلساممۇ، لېكىن كەسپىمگە مۇناسىۋەتلىك كۆپ بىلىملەرنى ئۈگىنىۋالغىنىم ئۈچۈن سۆيۈنەتتىم. كەچلىك تىل ئۆگىنىش كۇرسىنىمۇ نورمال داۋاملاشتۇردۇم. كۈنلەر بۇ تەرىقىدە قوشتىن چىقىپ ساپانغا، ساپاندىن چىقىپ قوشقا دېگەندەك ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتاتتى . كەسپىمگە بولغان قىزىقىش، تىل ئۆگىنىشكە بولغان ئىشتىياقىم مېنى ھارغىنلىق ھېس قىلدۇرمايتى.
بىر كۈنى ئەركىن ئىككىمىز ئەمدىلا ئىشخانىغا كىرىشىمىزگە مۇئەللىممۇ يېتىپ كىردى.بۈگۈن مۇئەللىمنىڭ چىرايىدا باشقىچىلا خۇشاللىق ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.
-غالىب ، ئەركىن قولىمىزدىكى بۇ ئىشنى پۈتتۈرسەك يۇقىرىدىن يەنە پۇل بېرىدىغان بولدى. خېلى كۈن بولغان بۇ گەپنىڭ تىۋىشى چىققانتى. سىلەرگە ئالدىراپ ئېغىز ئاچمىغانتىم.بۇ كۈنلەردە «ھىدى كېلىدۇ ئۆزى يۇق»دېگەندەك ئىشلار جىق بولغاچقا سىلەرگە دېمىگەنتىم. قولىمىزدىكى بۇ ئىشىنى بىر ھەپتىگىچە تۈگەتسەك، ئاندىن تۆۋەنگە تەكشۈرۈشكە چۈشىمىز. ھەممە خىراجەتنى مەن ئۈستۈمگە ئالىمەن. يەنە مۇۋاپىق ھەقمۇ ئالىسىلەر ئۇكىلىرىم.
مۇئەللىم قانداق دېگەندەك كۆزۈمگە قاراپ قويدى.
-مەن...مەن ئۆيگە قايتاي دېگەنىدىم مۇئەللىم.
مۇئەللىم كۈلۈپ تۇرۇپ:
-ئەنسىرىمە غالىب ، سىلەرنىڭ ناھىيەگە تەكشۈرگىلى بارىمىز. سەن ئۈچ-تۆت كۈن بۇرۇن يولغا چىققىن. ئەركىنمۇ ئۆيگە بېرىپ كەلسۇن.
تىل ئۆگىنىش كۇرۇسىمۇ ئاخىرلاشتى.مەن بۇرۇنراق يولغا چىقتىم.بۇ قېتىم ئۆيگە خەۋەرمۇ بەرمىدىم.چۈنكى ئاپام بىلسە ، ئامان ئېسەن قايتىپ كېلىشىمىنى تىلەپ كېچىچە  كىرپىك قاقمايتى.
ئۆيگىمۇ يېتىپ كەلدىم. ئۆيىمىز ئاددىي بولسىمۇ ناھايىتى سەرەمجان، پاكىز تازىلانغانىدى. ھويلىدا تىراكتور كۆرۈنمەيتتى. دېمەك دادام ئۆيدە يوق. چۈنكى دادام تىراكتورىدىن ئايرىلمايتتى. ھويلىغا چىققان ئاپام مېنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالدى. بۇ ھەيرانلىق بىردەمدىلا خۇشاللىققا ئايلاندى. ئاپام مېنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە يىغلاپ كەتتى. بىلىمەن بۇ سىغىنىش، خۇشاللىق كۆز يېشى ئىدى.مەنمۇ ئانامنىڭ ئىللىق باغرىغا سىڭىپ  كەتتىم.ئاپام بىردەمدىلا بىر تەخسە قورۇما، بىر چىنە ئەتكەن چاي تەييارلىدى.قايمىقى يوق كۆكىرىپ تۇرغان چاينى كۆرۈپ، مەن ئوقۇشقا ماڭغان يىلى سېتىۋەتكەن سىغىن كالىمىز ئېسىمگە كەلدى. ئۇ كالىمىز بار چاغدا بىز بۇنداق چاينى ھەرگىز ئىچىپ قالمايتتۇق. سۈت-قايماق دېگەن ئۆكسىمەيتى . قوشنىلاردىن سۈت ئىلىپ ئېچىشمۇ تەس بىر ئىش...ناننى ئۇششاق ئوشتۇپ چىنەمگە سېلىۋاتقان ئاپام مېنىڭ نېمە خىيال قىلىۋاتقىنىمنى بىلگەندەكلا:
- بالام كېلىدىغىنىڭنى خەۋەر قىلىۋەتكەن بولساڭ، تۇغقانلاردىن سۈت –قايماق ئەكېلىپ قويمامتىم. نېمىشقا دەپ قويمايسەن
-شۇ ئاپا سېنى تۇيۇقسىز خۇشال قىلاي دەپچۇ.يەنە ئالدىنقى قىتىمدىكىدەك بىر كېچە  ئۇخلىماي ،كۆز قىزارتىپ ئالدىمغا چىقمىسۇن دەپ .-ئاپام ماڭا قارىغىنىچە قاتقانىدى .
سەپەرنىڭ ھارغىنلىقى يەتتىمۇ ياكى ئۆينىڭ ئىللىق ھاۋاسى ياقتىمۇ ئېزىلىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن.بىز چاغ بولغاندا ئاپامنىڭ توۋلىشىدىن ئويغاندىم. كەچلىك تاماق ۋاقتى بولغانىدى. سىڭلىممۇ قايتىپ كەلدى .تاماق يېيىشكە تەييارلاندۇق. لېكىن، يەنىلا دادام كۆرۈنمەيتتى. مەن دادامنى سورىدىم. ئاپام بۇ قېتىم دادامنىڭ كەچرەك قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ كۈنلەردە يەرنى شودىگەر قىلىشنىڭ ئالدىراش مەزگىلى بولغاچقا، دادام ئالدىراش بولاتتى. كەچمۇ كىردى سىڭلىم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق. خىيالىم يەنىلا دادامدا، سائەتكە نەچچە قېتىم قارىدىم. كىچىك ۋاقىتلىرىمدا تىراكتورنىڭ ئوت ئالدۇرغانىدىكى ئاۋازىنى ئاڭلىساملا قۇلىقىمنى ئېتىۋالاتتىم. لېكىن ھازىر قۇلىقىمنى دېرىزىگە چاپلاپ «يېقىمسىز» تىراكتور ئاۋازىنى كۈتۈۋاتاتتىم. ۋاقىتمۇ خېلى بىر يەرگە بارغانىدى. دادام كەلسە ئويغىنالماي قالماي دەپ دېرىزىگە يېقىن ياتتىم. خىيالىمدا بىر ئازدىن كېيىن تىراكتور ئاۋازى ئاڭلانسا، يۈگۈرۈپ چىقىپ دادامنى بىر ھەيران قالدۇرۇۋەتسەم. دادام «ھوي شەيتان، يېرىم كېچىدە خاتا كۆرۈپ قالمىغاندىمەن» دەپ كۆزلىرىنى قايتا-قايتا ئۇۋۇلاۋېتىپ،ماڭا قۇچىقىنى كەڭ ئاچسا...
بۇ خىياللار بىلەن قانداق ئۇخلاپ قالغانلىقىمنىمۇ بىلمەيمەن. بىر چاغلاردا نەدىندۇر يېقىملىق ئەرزان ئاۋازى ئاڭلاندى. كۆزۈمنى ئاچسام تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلاپتۇ. ئەجەبا دادام تېخى قايتىپ كەلمىگەنمىدۇ؟ كەلسە مەن تۇيماي ئۇخلىدىممۇ،-يا؟ ... يۈرگۈم بىر خىل ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى.
بۇ چاغدا ئاپام نامازغا تۇرغان بولۇپ، مېنىڭ ئاياغ تېۋىشىمنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى. -نېمە بولدى ئوغلۇم، ئەتىگەندە تۇرىۋاپسەنغۇ؟
-ئاپا ، دادام... تىراكتور يوق...،- مەقسىتىمنى ئاران ئۇقتۇرالىدىم.
-ئەنسىرىمە ئوغلۇم. داداڭ ئۆيدە ئۇخلاۋاتىدۇ.
ئۆيگە كىردىم. دادام يېنىك خورەك تارتىپ شېرىن ئۇيقۇدا ئىدى. بېرىپ دادامنى چىڭ قۇچاقلىغۇم كەلگەن بولسىمۇ، دادامنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئاستا دەسسەپ چىقىپ كەتتىم.
-ئاپا، تىراكتور يوق تۇرىدا؟
ئاپام ئۆزىنى قاچۇرغاندەك قىلىپ، ئۇيان-بۇيانغا قارىۋېتىپ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاپامنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى پەقەت چۈشىنەلمىدىم.
-       نېمىشقا بىلمەيسەن ئاپا، دادام ساڭا دېمىدىما ؟
-ھەراست، بۇزۇلۇپ قاپتىكەن، ئېتىزغا قويۇپ كەپتۇ،-ئاپام قانداقتۇر بىر خىل ئالاقزەدىلىك ئىچىدە گېپىنى تۈگىتىپ، ئىشىغا ماڭدى.                                                                                                                                                                                                      
مەن يۈزۈمنى يۇيۇپ چېنىققىلى ماڭدىم. چېنىقىش مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدىن باشلاپ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئادىتىم بولغاچقا، ئالىي مەكتەپكە بارغاندىمۇ سەھەر تۇرۇپ چېنىقىشنى تاشلىمىغان ئىدىم. مانا بۈگۈنمۇ يېزامنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن نەپەس ئالغاچ ،تەر چىققۇدەك يۈگۈردىم. ئۆيگە كەلسەم، ئۆيدە ھەممەيلەن يىغىلىپ ناشتا قېلىۋاتقانىدى.
-پاھ،پاھ... سېنى كۆرۈش ئەجەپ تەسكە چۈشتا ئوغلۇم،قاق سەھەردە قىيغاتىدىغان ئىشنى تاشلىماپسەن –دە تېخى.
دادام چاقچاق قىلغىنىچە مېنى باغرىغا باستى.
ناشتىلىق قىلىپ بولۇپ، دۇئاغا قول كۆتۈردۇق. دادام قانداقتۇر بىر يەرگە ئالدىراۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.
-دادا، تىراكتورنىڭ نەرى بۇزۇلۇپ قالدى؟ تېزدىن رېمونت قىلدۇرايلى. تىراكتور بولمىسا خۇددى ھويلىمىزدا بىر نەرسە كەمدەكلا تۇرىدىكەن.
دادام باشقىچە بىر نەزەر بىلەن ئاپامغا قاراغىنىچە :
-ئاخشام يەر ھەيداۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئۆچۈپ قالدى، بەلكىم ماي تۈككەن چىغى،مەن ماڭدىم،-دەپلا سىرتقا مېڭىشقا تەييارلاندى. مېنىڭ بىللە باراي دېگىنىگىمۇ ئۈندىمەستىن ئالدىراش چىقىپ كەتتى. دادامنىڭ گەپلىرى بىر خىل قولايلاشمايلا قالغانتى.دادامدا قانداقتۇر بىر خىل جىددىيلىكنىڭ بارلىقىنى پەملىدىم . توۋا ، ئۇزۇن يىللاردىن بىرى تىراكتورنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ كەلگەن ئادەم قانداق چاتاق چىققىنىنى ئېنىق بىلمەي قالارمۇ؟
كەچلىك تاماق تەييار بولۇشىغا ئۈلگۈرۈپلا، دادام مايلاشقان چاپىنىنى مۈرىسىگە ئارتقىنىچە كېرىپ كەلدى. تىراكتۇرنى تونۇش بىرسىگە بۈگۈن بىر كۈنلۈك بەرگەنلىكىنى دېگىنىچە دەستىرخانغا كەلدى . قىززىق پاراڭلار بىلەن تاماقمۇ يېيىلىپ بولدى. دادامغا بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ھەققىدە سۆز ئاچتىم:
-دادا مۇئەللىمىمىز يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن بىزنىڭ ناھىيەگە تەكشۈرۈشكە كېلىدۇ. مەن مۇئەللىمگە ياردەملىشىپ بۇ تەكشۈرۈشكە قاتنىشىمەن. مەكتەپتە قىلىشىپ بەرگەن ئىشىم ئۈچۈنمۇ خېلى يېتەرلىك ھەق بەردى. ھازىر يېنىمدا 2 مىڭ سۇمدەك بار. بۇقېتىم ئىشلىگىنىمگە ھەق بەرسە ،ئوقۇش پۇلۇم ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولىدۇ. سېنىڭ يۈكۈڭ يىنىكلىدى دادا.
تىرىكچىلىك غېمىدە، بۇرۇنقى قامىتىدىن قالغان دادام يىغا ياماشقان كۆزلىرىنى مەندىن قاچۇرغىنىچە:
-بالام، سېنىڭ ۋەزىپەڭ ياخشى ئوقۇش، ئىشلەيمەن دەپ ئوقۇشۇڭغا تەسىر يېتىدىغان ئىشنى قىلما. ئاپاڭ ئىككىمىزلا تارتايلى بۇ جاپانى.ئارتۇق ئىش قىلماي، ياخشى ئوقۇغىن. بىزنىڭ تاپقىنىمىز سىڭلىڭ ئىككىڭلار ئۈچۈن...
سەھرا تۇرمۇشى تولىمۇ تىنچ ،خاتىرجەم . ئەرزان ئاۋازى بىلەن ئويغىنىپ كەتتىم. شەھەرلەردە ئەتىگەندە ئاڭلانغان ئاۋازلار ئادەمنى بىر خىل بىزار قىلىدۇ.شاۋقۇن-سۆرەنلەر ئادەمدە جىددىيلىكنى پەيدا قىلىدۇ. لېكىن سەھرادىكى ئاۋازلاردىن ئۇنداق بىزارلىق ھېس قىلمايسىز. بولۇپمۇ سەھەردىكى جىمجىتلىق كىشىگە باشقىچىلا بىر خىل ھۇزۇر بېرىدۇ.
بالىلىقىمنىڭ بارلىق گۈزەل ئەسلىمىلىرى بۇ تىمتاس سەھراغا سىڭگەنىدى. شۇ ئەسلىمىلىرىگە شاھىت يوللارنى بويلاپ ،مەھەللە دوقمۇشىغا كېلىپ قاپتىمەن.بۇ دوقمۇشتا بىر كىچىك ماگىزىن بولۇپ، ئالدىدا بىر چوڭ تۈگمەن تېشى بار ئىدى . بۇ تاشنىڭ قايسى زامانلاردا ، كىم تەرىپىدىن بۇ يەرگە قويۇلغانلىقىنىمۇ ھىچ كىم ئىنىق بىلمەيتى ھەم بىلىشنىمۇ خالىمايتى.چوڭلارنىڭمۇ بىلمىگىنىگە قارغاندا ، بۇ خىلى ئىلگىركى زامانلارغا تۇتىشاتتى .
بۇ يەردە ئۇزۇندىن بىرى كۆرۈشەلمىگەن دوست-بۇرادەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. مانا بۈگۈنمۇ بۇيەردە كىشىلەرنىڭ توپى ئۈزۈلمەپتۇ.
تاشتا ئولتۇرغانلار بىلەن قىزغىن چاقچاقلىشىپ كۆرۈشتۈم:
-بۇرۇنلاردا چوڭلار ئولتۇرىدىغان، ئەمدى سىلەرگە قاپتۇ-دە ، بۇ تۈگمەن تېشى.
-قىرىلارنىڭ بۇ تاشنى پىرقىراتقۇدەك ماغدۇرى قالمىدى. شۇڭا بىز ئالدۇق ئورنىنى.-بۈگۈنكىلەرنىڭ ھەممىسى مەن قۇراملىقلار بولغاچقا، قىزىق سۆز تېمىلىرى ئىچىلىپ كەتتى. بىر چاغدا قادىر تام تۈۋىدىن توشقان قۇپقاندەكلا تويۇقسىز گەپ ئېچىپ قالدى :
-غالىب ، داداڭ تىراكتورنى سېتىۋېتىپ مەھەللىمىز خېلى جىمىپ قالدى جۇمۇ. بولمىسا، سەھەردە ئۇنىڭدىن چىققان سەت ئاۋاز ئادەمنىڭ قۇلاق بېشىنى يەپ، يا ئادەمگە ئۇيقا بەرمەيتى.
بالىلار ئارقا-ئارقىدىن سۆزلەشكە باشلىدى. مەن ھاڭۋاققىنىمچە تۇرۇپلا قالدىم.
-بىزنىڭ مەھەللىنىڭ تىنچلىقىنى بۇزىدىغان ئىككى نەرسە بار.. بىرى شۇ تىراكتور ، يەنە بىرى، ماۋۇ قادىرلارنىڭ ئۈنى يامان ئىتى.
-يەنە بىرىنى ئۇنتۇپ قالدىڭلار ئاغىنىلەر-،كىمدۇر بىرى  گەپ قاتتى. ماۋۇ تۇرسۇنلارنىڭ يېرىم كېچىدە چىللايدىغان خورزىمۇ بار تېخى. بالىلار قاقاقلىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتى. تۇرسۇننىڭ دادىسىنىڭ لەقىمى توخۇ ئىدى. پاس بېرىپ قىلىنىۋاتقان چاقچاقلار قادىرنىڭ سۇئالىدىن دىلىغۇل كۈڭلۈمنى ئاچالمىدى . كاللام پەقەت قادىرنىڭ گىپىدىلا  قالغانىدى. گەپ ئالماقچى بولۇپ قايتا سورىدىم:
-بۇ تىراكتۇرنىڭ گىپى  قانداق ئىش قادىر ؟
-بىر يىل بولدىغۇ دەيمەن ئاداش. سەن تېخى ئۇقمامسەن؟
-نېمىنى ئاداش، مەن ھېچنېمىنى چۈشەنمىگەنتىم.
-بۇلتۇر كۈزدە داداڭنى تىراكتور ساتىدىكەن دەپ ئاڭلىغان. كېيىن بىلسەك، تۆۋەن مەھەللىدىكى ئارسلانكام سېتىۋاپتۇ.
-بۇلتۇر كۈزدە؟ بۇلتۇر كۈزدە تەتىلدە ئۆيگە كەلسەم تىراكتور ئۆيدە تۇرمامتى. ئەجەبا دادام ...
بالىلار مەن بىلەن كارى يوق چاقچاقلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا:
-ئارسلاننىڭ ئۆيىدىكى تۆمۈرلەر تۆت-بەشكە يەتكەندۇ؟
-ئايالىنى قوشقاندا بەش بولدى.
- يامغۇردا داتلاشمىسۇن دەپ ئايالىنى قارا سىردا سىرلاپ قويۇپتۇ-دەيدىغۇ.
بۇلارنىڭ كۈلكە ئاۋازى، ئارىسلانكامنىڭ خۇددى تۆمۈردەك قارىداپ كۆيگەن، ۋىجىك خوتۇنى توغرىسىدا قىلغان ئەبجەش پاراڭلىرى قۇلىقىمغا كىرمەيتتى. توپتىن ئاستا سۇغىرىلىپ چىقىپ، ئۆيگە قايتتىم.
دەرۋازىدىن كىرىپلا ئۇدۇل تىراكتور قويىدىغان لاپاسقا قارىدىم. ئۇزۇن مەزگىل تىراكتور قويۇلغان يەردە تىراكتورنىڭ ماي، ئاپتوللىرىدىن ئاققان قارا ئىزلار بولاتتى. بىراق، ئىسكىلاتقا ئۇزۇن مەزگىل تىراكتور قويمىغاندەك تۇراتتى.
-غالىب ،... ھەي غالىب بالام ، ئاپام مېنىڭ ھاڭۋاققىنىمچە تۇرغان ھالىتىمنى كۆرۈپ قايتا-قايتا ۋاقىردى.
-ئاپا، دادام تىراكتورنى راست سېتىۋەتتىما؟- تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سوئالدىن ئاپام گاڭگىراپ قالدى.
-ياق...ياق، قانداق گەپ بۇ، كۆرمىدىڭما داداڭ ئاخشام ھەيدەپ كەلدىغۇ؟
ـ ئاپا، راست گەپ قىلغىن، ئاڭلىسام تىراكتورنى ئارىسلانكامغا سېتىپتۇ.
بۇنى ئاڭلاپ ئاپامنىڭ چىرايى تاتىرىپ، ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرىنى ياش ئەگدى. ئاپامغا قاراپ، يۈرۈكۈم ئاچچىق ئىچىشتى. مەن يەنە ئاپامدىن نېمە دەپ سورىيالايمەن. تىراكتورنى مېنىڭ ئوقۇشۇمنى دەپ سېتىۋەتكىنى ئېنىق تۇرسا.
ئاپام مېنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە ھەممە ئىشنى سۆزلەپ بەردى.
ئەسلىدە، مەن ئوقۇشقا ماڭغان يىلى دادام  ئۇقۇش پۇلۇم ئۈچۈن قەرز ئالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى قۇرغاقچىلىق دەستىدىن دېھقانچىلىقتىن ھوسۇل چىقماي، قەرزلەرنى ئۈزەلمەي قاپتۇ. قەرز ئىگىلىرى سۈيلەۋەرگەچكە، بۇنىڭغا چىدىمىغان دادام ئائىلىمىزنىڭ قەدىناس مۈلكى تىراكتۇرنى سېتىشقا مەجبۇر بوپتۇ.تېخى دادام تىراكتورنى سېتىۋەتكەن كىشىگە ياللىنىپ ئىشلەۋېتىپتۇ. يەنە تېخى بۇ ئىشنى ماڭا بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن ئۈچۈن، ھەرقېتىم تەتىلگە تەتىلگە ئاز قالغاندا، تىراكتورنى ھويلىغا ئەكېلىپ توختىتىۋالدىكەن... كۆزۈمگە ئاچچىق بىر يىغا ياماشتى. تىراكتورنى ساتقاندا، نېمىشقىمۇ ماڭا دېمىگەنسەن دادا، بۇ تۆمۈر بىلەن ئائىلىمىزنىڭ ئېغىرىنى سۆرەپ كېلىۋاتقان ئەمەسمىدىڭ.
دېگەن بولساڭمۇ نېمە قىلالايتىم ؟  ھەي نامراتلىق ...ھەي موھتاجلىق .. ھېلىمۇ ئېسىمدە تولۇق ئوتتۇرىنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقىنىمدا ، ئاپام دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى. سىڭلىم ئىككىمىز ئوقۇۋاتقان بولغاچقا، ئائىلىنىڭ ھەممە ئىشى دادامنىڭ زىممىسىگە چۈشكەنىدى. بۇ چاغلاردا مەن دادامنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئوقۇشتىن توختاش خىيالىغا كەلگەن ئىدىم. بۇنداق بولغاندا ، سىڭلىمنى خاتىرجەم ئوقۇتقىلى بولاتتى. بۇ ئويۇمنى دادامغا ئېيتقاندا، دادام قاتتىق خاپا بولۇپ كەتكەنىدى .ئاخىرى  مېنى گەپكە كىرگۈزەلمەي، بىر تەستەك سالغانىدى. بۇ دادامنىڭ مېنى تۇنجى قېتىم ئۇرۇشى ئىدى. ئەنە شۇ بىر تەستەك مېنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم  ئېلىشىمغا تۈرتكە بولدى. ئەمما ئۆزىچۇ ؟ ئۆزى باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەۋېتىپتۇ. مېنى يەنە شۇنداق بولمىغۇر خىياللاردا بولمىسۇن دەپ، ئويناۋاتقان ئويۇنىڭغۇ بۇ ...
كەچلىك تاماقنى ئىشتىھاسىز يەپ، ياتاق ئۆيۈمگە كىرىۋالدىم. جاپاكەش دادام تېخى قايتىپ كەلمىگەنىدى. سىرتتا يامغۇر يىغىشقا باشلىدى. قولۇمنى دېرىزىدىن سىرتقا سۇندۇم. سوغۇق يامغۇر تامچىسى بىلەكلىرىمنى ئاچچىق چاقماقتا. تىراكتور ئاۋازىنى كۈتۈپ، تىمتاس قاراڭغۇلۇققا تەقەززالىق ئىچىدە باقاتتىم. ھىچقاچان دادامنى بۇنچىلىك كۆرگۈم كەلمىگەن .تامغا ئېسىلغان كونا سائەت ھۇرۇنلۇق بىلەن داڭ ئۇرۇشقا باشلىدى. بىر خىل ئەنسىرەش، سىغىنىش ئىچىدە دادامنىڭ يولىغا تەلمۈرەتتىم . مېنى بار دەپ بالدۇر كېلىمەن دېگىنىڭ قېنى سېنىڭ؟  باشقا چاغلار بولسا، سەن كەلگۈچە يەنە قانچىلىك داڭلار ئۇرۇلۇم بولاتتىكىن؟  ئەگەر مەن كەلمىگەن بولسام، بۈگۈنكىدەك يامغۇردا، دادامنىڭ تىراكتورنى يېڭى ئىگىسىنىڭ ئۆيىگە قويۇپ، كونا سۇ قۇتىسىنى كۆتۈرگىنىچە قايتىپ كېلىۋاتقان كۆرۈنۈشى، سۇ كۆرسىلا پاتقاقچىلىق بولۇپ كېتىدىغان سەھرا يولىدا، لايغا مىلەنگەن ئاياغلىرىنى تەستە يۆتكەپ، ئېغىر قەدەم ئىلىپ كېلىۋاتقان دادام كۆز ئالدىمغا كېلەتتى.
يامغۇر توختىدى. ئىللىق شامال تۇپراق ھىدىنى دىمىقىمغا ئۇرماقتا. چوڭقۇر نەپەس ئىلىپ بۇ خۇشپۇراقنى ئىچىمگە  تارتتىم. دادامنىڭ ئاچچىق تەر ھىدى، تىراكتورنىڭ ماي ھىدى ۋە كەينىدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭ-توزان ھىدى...، تېخىمۇ چوڭ نەپەس ئالدىم.
دېرىزىگە ئېڭىكىمنى تىرگىنىمچە ساقلاۋاتىمەن.
يىراقتىن ئاجايىپ بىر مۇڭلۇق ئاۋاز غۇۋا كېلىۋاتىدۇ. سەبىي بوۋاقلارنىڭ ئانىسىغا ۋىلىقلاپ كۈلگەندىكى ئاۋازى، كۆكنى يېرىپ قۇلاقلارغا لەرزان ئاڭلىنىدىغان ئەرزان ئاۋازى، زەپەر بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن ئەسكەرلەرنىڭ چۇقان سېلىشىۋاتقان ئاۋازى... مەن ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل تىۋىشلار ئاستا-ئاستا كۈچىيىپ، تىراكتور ئاۋازى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىۋاتاتتى. خۇشاللىقتىن بېشىمنى سىرتقا چىقاردىم. چىلىق-چىلىق ھۆل بولغان دادام، مېنى دەپ ئامالسىز سېتىۋەتكەن، ھازىر ئۆزىگە تەۋە بولمىغان ئاخىرىقى مۈلۈكى ئۈستىدە سىلكىنەتتى .      
2013-يىلى 6-ئاي ئۈرۈمچىدە يېزىلدى.              

0

تېما

2

دوست

382

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30693
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 104
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 14:32:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىدىگەن تەسىرلىك ھېكايە بۇ، تېمىنى يوللىغان قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن! بۇ ھېكايىدىكى ئاتا-ئانا نېمىدىگەن قەيسەر! نېمىدىگەن ئۇلۇغ ئوبراز ھە!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-12 16:21:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يۈرەكتىن چىققان سەمىمىيەتلا يۈرەككە تەسىر قىلالايدۇ ........ !

2

تېما

1

دوست

1211

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   21.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19005
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 394
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 01:21:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆكتەبىردە خانەڭدە ھېكايەڭنىڭ بېشىنى ئوقۇپ تۇرشىمىزغا ئاپاڭ شۇنداق ئوخشىغان ئەتكەن چاينى ئەكرىپ قىلىپ ئاخرىنى ئوقۇش نېسىپ بولمىغانىدى. شۇ چاغدا بېشىنى ئوقۇغىنىمدا باشلىنىشىي بىر خىل ئىغىردەك ھېس  قىلغانىدىم، ئەمما خىلى كۈچ سەرپ قىلىپسەن. قەدىرلىك دادا-ئاپىلارنىڭ نۇرانە ئوبرازى قەلبىمدە تېخىمۇ پارلىدى.
كېيىنكى ئۇتۇقلۇرىڭغا كەڭرىلىك تىلەيمەن.

24 بىلەن 25 ياشنى يوللىساڭ تېخمۇ ياخشى بولاتتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )