قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2206|ئىنكاس: 25

ئالگېبرا ئاتىسى-ئەل خارەزەمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

8

دوست

1131

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29736
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 00:31:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باھادىر يىگىت
   مۇھەممەد بىنى مۇسا ئەل خارازەمى خارەزىمدە تۇغۇلغان بۇلۇپ تەخمىنەن مىلادى 780يىلدىن 850-يىللارغىچە ياشىغان .ئەرەب ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ داڭلىق ماتىماتىكا ،ئاستىرونومىيە،جۇغراپىيە ئالىمى .ئالگىبرا ۋە ھېساپ ئىلمىنىڭ رەتلىگۈچىسى."ئالگىبرا ئاتىسى"دىگەن گۈزەل نامى بار.
ئەل خارەزەمى پارىسنىڭ شىمالى قىسمى(ھازىرقى ئىراننىڭ شىمالى) دىكى شەھەر خارەزىمدە تۇغۇلغان.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ ئافخانىستان،ھىندىستانغا بارغان.كىيىن باغداتتا ئولتۇراقلىشىپ قالغان.ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى مەئىمۇننىڭ ئوردىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن.باغداتنىڭ "ئەقىل پاراسەت ئوردىسى"دا خىزمەت قىلغان.كۆپ مىقداردىكى چېچىلىپ كەتكەن قەدىمكى گىرىتسىيە ۋە شەرقنىڭ پەنتېخنىكا ۋە ماتىماتكا ئەسەرلىرنى توپلاش ،رەتلەش ،تەرجىمە قىلىشقا مەسئۇل بولغان. ئۇ يەنە ئاستىرونومىيە كالىندارى،جۇغراپىيللىك خەرىتە قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ بەلگىلىك تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ ئەسىرى كىينچە لاتىنچىگە تەرجىمە قىلىنىپ ياۋرۇپانىڭ ھازىرقى زامان پەنتېخنىكىسنىڭ ۋۇجۇتقا كىلىشىگە ئاكتىپ رول ئوينىغان . بۇ ئەسەرنىڭ ئەسلىسى ئەنگىلىيە كامبىرىج ئونۋېرستتى كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا.بۇ ئەسەر 1857-يىلىغىچە نەشىردىن توختاپ باقمغان.
         ئەل خارازەمى يۇرتىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن شۇ ۋاقىتتىكى مەدەنىيەت مەركىزى بولغان باغداتقا كەلگەن.ئابباسىيلار سۇلالىسنىڭ خەلىپىسى مەئىمۇن قۇرغان "ئەقىل پاراسەت ئوردىسى"قارمىقىدىكى شاھ مەرسىيە رەسەتخانىسىدا خىزمەت قلغان.تاكى ۋاپات بولغىچە  ماتىماتىكا تەتقىقاتى ۋە ئاستىرونومىيەتەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان.ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن قەدىمكى بابىلۇن،يۇنان ۋە ھىندىستان ماتىماتىكا نەتىجىلىرنى ئۆگىنىپ ۋە خۇلاسىلەپ ماتىماتىكىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشىنى ۋە كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ"ھېساب ئىلمى"ناملىق ئەسىرى سېستىمىلىق ھالدا ئونلۇق سېستىما ھېساپلا ش ئۇسۇلى ۋەئونلۇق كەسىرنى ھېساپلاش ئۇسۇلىنى بايان قىلدى.بۇ دۇنياغا ئونلۇق سېستىمىنى ئۇمۇملاشتۇرۇشتا غايەت زور رول ئوينىغان. مىلادى 830-يىلى ئالگىبرا غا مۇناسىۋەتلىك مەشھۇر ئەسىرى"Hisab al-jabr wa'l-muqabalah " نى يېزىپ چىققان.بۇنڭ مەنىسى "يۆتكەلمە ئەزا ۋە توپلىما ئەزا ئىلمىي " دىگەنلىك بۇلۇپ كىينچە ئۇمۇملاشقان ئىسمى "ئىنتىگرال (جەملەش)ۋە تەڭلىمىلىك ھېساپلاش ئۇسۇلى "دەپ تەرجىمە قىلىنغان.ئاخرىدا كىتاپ ئىسمى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ باشتىكى al-jabr دىگەن نام بىلەن "ئالگىېبرا"دەپ ئاتالغان.شۇنىڭدىن باشلاپ ئالگىبرا دىگەن ئۇقۇم ئەل خارەزىمىنىڭ نام قۇيۇشى بىلەن يېڭىچە ماتىماتىكا ساھەسى بۇلۇپ شەكىللەنگەن. ئەل خارەمى بۇ كىتابىدا بىرىنچى دەرىجىلىك ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىنى يىشىش ئۇسۇلىنى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك يىلتىزلىق ئىپادە فومۇلاسى ئوتتۇرغا قويغان. ئالگىبرا،مەلۇم سان،نامەلۇم سان ،يىلتىز، ئەزا يۆتكەش ، ئەزا توپلاش،ئىراتسىئونال سان قاتارلىق بىرقاتار ئۇقۇملارنى ئوتتۇرغا قويغان ۋە مۇناسىۋەتلىك مىسالدىن 800دىن كۆپرەكنى بەرگەن.كىشىلەرگە ئالگىبرالىق ھېساپلاش ئۇسۇلىنى تەمىنلىگەن. ئالگىبرانى تەرەققىي قىلدۇرۇپ گىئومىتىرىيە بىلەن بىرسەپتە تۇرالايدىغان مۇستەققىل پەن قىلىپ شەكىللەندۈرگەن.شۇنىڭ بىلەن ھىندىستانلىقلار ئىجاد قىلغان ئونلۇق سېستىما پۈتكۈل دۇنياغا ئەرەب رەقىمى دىگەن نام بىلەن تارقىلىشقا باشلىغان.ئۇنىڭ يەنە "ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يىيىشتۈرۈش"دىگەن ئەسىرى ھازىرغىچە تارقىلىپ كەلگەن بۇلۇپ بۇ كىتاپتا بىرنىچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىنىڭ يىشىش ئۇسۇلى ۋە مۇناسىۋەتىك گىئومىتىرىيلىك ئىسپاتلاش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرغا قويغان.  
     ئەل خارەزىمىنىڭ بۇ ئەسەرلىرى كىيىنچە فىبوناسسى تەرىپىدىن ياۋرۇپاغا تەرجىمە قىلىنىپ كىرگەن.شۇنىڭ بىلەن ياۋرۇپانىڭ ئەسلىدىكى سەنپەن ھېساپلاش ئۇسۇلى ۋە رىملىقلارنىڭ خاتىرلەش ئۇسۇلى  تەدرىجى ئەمەلدىن قالغان. ياۋۇرپالىقلار ئەل خارەزىمىنى ھۆرمەتلەپ ئۇنى ئەلگىروزىم (يەنى ئونلۇق سېستىما)دەپ ئاتىغان. كىينچە ھېساپ ئىلمىنى مەخسۇس ئۇنىڭ نامى بىلەن ئارزىماتىك دەپ ئاتىغان.ھازىر ئالگورىزىم دىگەن ئاتالغۇ  كوپمىيۇتىر ئىلمىدىكى كەسپى ئاتالغۇ بۇلۇپ قالدى.شۇنىڭدىن كىيىن ئونلۇق سېستىما ياۋرپادا ناھايتى مۇھىم رولىنى جارى قلدۇرۇپ پەنتېخنىكىنىڭ تەرەققياتىدا ناھايتى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. 12-ئەسىردە "ئالگىبرا" لاتىنچىغا تەرجىمە قلىنپ ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك كىتابى قىلىىپ تاكى 17-ئەسىرگىچە  قوللىنىغان.كىين داڭلىق فىزىكا ئالىمى نىيۇنمۇ ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىدىن ئىلھاملىنىپ دىفرىنسىئال ئۇقۇمىنى كىرگۈزۈپ ئالگىبرا ساھەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن .ئاستىرونومىيىە ساھەسىىدە تەپسىلى كۈزىتىپ ئوتتۇرغا قويغان"ئەل خارەزىم كالىندارى" پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىغا كېڭىيىپ تاكى ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا.ئۇ يەنە تولىمى نىڭ "جۇغراپىيە"دىگەن ئەسىرىگە ئاساسەن "زىمىننڭ شەكلى"دىگەن كىتابىنى يېزىپ چىققان.كتاپتا بىر پارچە خەرىتە سىزغان بۇلۇپ  بۇخەرىتىگە كىرگۈزۈلگەن 537يەرنامىنىڭ كەڭلىك ئۇزۇنلۇق گىرادۇسلىرى بىرىلگەن.ھەمدە مۇشۇ رايۇنلارنڭ  يەر شەكلى ۋە ھاۋارايى ئايرىلغان.يەر شارى يۇمىلاق دىگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئەرەب جۇغراپىيە ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالغان. غەرب ئالىملىرى ئۇنى ھۆرمەتلەپ "مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئالمنڭ بىرى "دەپ ماختايدۇ.
ئەل خارەزىمى 9-ئەسىرنىڭ ئالدى كەينىدە ياشىغان مۇسۇلمان ئالىم.ئۇنىڭ ئىش پائالىيەت نەتىجىللىىنى تورداشلارغا تۇنۇشتۇرۇش ئارقلىق تورداشلارغا ئىلھام بولسۇن ئۈچۈن.مۇشۇنداق پەنتېخنىكىغا ئاساس سالغۇچى ،ئىلىم پەن ساھەسىدە يېڭى سەھىپە ئاچقۇچى ئالىملارنى بىلىپ قالسۇن ئۈچۈن.تورداشلارنىڭ  مۇشۇنداق كىشىلەرنى ئۈلگە قىلىپ ئىلىم ئېرپان ئۆگىنىشكە ئىشتياق باغلىشىنى ،بولسا يېڭىلىق يارىتىش روھىنى تۇرغۇزىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.


2

تېما

3

دوست

4712

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   90.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22034
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1450
توردىكى ۋاقتى: 468
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 11:19:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ ئالىمنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ھەيكىلى
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

144

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30460
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 11:20:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


  بىلىۋالدىم .  رەخمەت سىزگە .

0

تېما

0

دوست

79

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   26.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30724
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 12:46:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى تىما،ھازىرقى ئىزدەش ماتورلىرىدا كەڭ قوللىنلىدىغان پىرىنسپمۇ دەل مۇشۇ alghoritim نى ئاساس قىلغان بولۇپ،بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ماتىريال ئىزدەپ كۆرگىنىمدە مۇشۇ ئالىمنىڭ ئىسمنى كۆپ ئۇچراتتىم!بۇ alghoritim ناھايتى قالتىس بىرپەن!

0

تېما

3

دوست

1422

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   42.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19948
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 452
توردىكى ۋاقتى: 213
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 15:59:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ،،،ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىگەي

0

تېما

0

دوست

72

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30726
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 17:03:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئگىسىگە رەھمەت.... بۇ ھازىرقى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ دەرىسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن

1

تېما

129

دوست

772

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   54.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29870
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 242
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 18:35:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەل خارەزەمى قايسى مىللەتتىن؟

2

تېما

8

دوست

1131

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29736
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 18:44:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bagdaxmunbiri يوللىغان ۋاقتى  2014-8-11 18:35
ئەل خارەزەمى قايسى مىللەتتىن؟

كۆپۈنچە ماتىرياللادا ئۆزبەگ دەپ قارايدۇ.لىكىن بۇمۇ ئېنىقسىز مەلۇمات.شۇڭا دەتالاش بولمىسۇن ئۈچۈن مىللىتىنى يازمىغان ئىدىم.بىز مۇھىمى بۇ زاتنىڭ ئىلىم بېغىدا ھارماي يېڭىق يارىدىغان روھىدىن ئۆگەنسەك شۇ يېتىپ ئاشىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )