- تىزىملاتقان
- 2013-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4946
- نادىر
- 0
- يازما
- 475
ئۆسۈش
98.2%
|
سوپىزىم 15-16 ئەسىرلەردە بىزنىڭ دىيارىمىزدا يىلتىز تارتىشقا باشلىغان ۋاقتى.
ئەسلى سوپىزىم دەيدىغان بىرنەرسە يوق.بۇ كىيىن قويۇلغان ئىسىم،« سوفى »لىىقنىڭ مەركەزى ئىددىيەسىگە قاراپ ئىدولوگىيە بەلگىلىگۈچى سۈپەت «ىزىم»نى قوشۇپ سوپىزىم دەپ بىكىتكەن.
بۇ ئەسلى «ئەھلى تەرىقەت»دەپ ئاتىلىدۇ. خوجا باھاۋۇددىن نەقشىبەندى بىلەن خوجا ئەھمەد يەسەۋىي ئۇيغۇر تەرىقىتىنىڭ(جۇملىدىن ئوتتۇرا ئاسيا تەرقەتىنىڭ) قۇرغۇچى پىشىۋالىرىدۇر.
تەرىقەت- دۇنيانىڭ ھەرخىل مەئىشەتلىرىدىن ۋاز كىچىپ خالىگاھتا دۇئا ئىبادەت بىلەن جاھاندىن ئۆتىدىغان زاھىتلىق يولىدۇر. شەرىئەت يولىدا ھاراق ئىچكەن كىشىنى دەررە بىلەن جازالىسا تەرىقەت يولىدا ھىچقانداق جازالىمايدۇ. بىركىشىنى يەنە بىر كىشى بىھۇدە بىر تەستەك ئۇرغان بولسا شەرىئەتتە بىر تەستەككە بىر تەستەكلا ئۇرۇشنى بۇيرىسا تەرىقەتتە بىر يۈزىگە ئۇرغان بولسا يەنە بىر يۈزۈڭنى تۇتۇپ بەر دەيدۇ.
مۇشۇنىڭدىنلا تەرىقەت ئەھكاملىرىنىڭ قانچىلىك كەچۈرۈمچان مىھرىبان ئىكەنلىكىنى كۆرىۋىلىش بىلەن بىرگە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا نىسبەتەن قانچىلىك چىكىنمە،بىكىنمە ھالەت ئىلىپ كىلدىغانلىقىنىمۇ كۆرۋىلىشقىمۇ بولۇدۇ.چۇنكى تەرىقەتتە ئىلىم مەرىپەتنى ئۈگۈنۈشنى ئاساسەن تەشەببۇس قىلمايدۇ.ئوقۇمايسەن ئاڭلايسەن، سورىمايسەن سۆزلەيسەن دىگەندەك مونوپول ئۇقۇم مەۋجۇت.ياشاش ئۇسۇلىنىڭ مەركەزى ئىددىيەسى: بۇ 6 كۇنلۇك ئالەم، ھەممىسى ئىلاھى تەغدىردىن،ئىشلىمىسىمۇ رىسقى كىلىۋىردۇ، دىگەندەك چىكىنمە ئۇقۇم مەۋجۇت.
بۇ ئەلۋەتتە ئەسلىدىكى تەرىقەت پىشىۋالىرىنىڭ يولىدىن داجىپ نەپسانىيەتچى سوپى ئىشانلار دەۋرىگە كەلگەندە ئومومىي يۈزلۈك ئەۋج ئالغان ئۇقۇملار.ئەسلىدىكى تەرىقەت يولىنىڭ قانائەتچان،مىھرىبان،غايىبى ئاشىقلىق ،ئىتائەتكار روھىنى خەققە زورلاپ تىڭىش نەتىجىسىدە يۇقۇرقىدەك بولۇمسىز نەتىجىگە ئىرىشكەن نەپسانىيەتچى ئىشان سوپىلار ئاخىرى بىر پۈتۈن خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش بەدىلىگە سەئىدىيە خاندانلىقىنى مۇنقەرىز قىلىش مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. خەلقنى شۇ ئىددىيە بىلەن كونترول قىلىپ تىزگىنلەش ئۇچۇن مەدرىس كىتاپخانلارنى، كىتاپلارنى كۆيدۈرۈپ يوقۇتۇپ ئۆزىنىڭ ئەپسانىۋى ھۆكمەتلىرىنى ئورنىغا دەسسەتكەن.ئەسلىدىكى شەرىئەتمۇ بار،تەرىقەتمۇ بار،ھەرخىل ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەن ھەرخىل قەۋىم،ھەرخىل قايناق ھاياتقا تولغان ئۇيغۇر جەمىيەتنىنىڭ ئەندىزى قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ بىرلا ئىدىيەلىك قالاق جەميەتكە ئايلاندۇرۇپ قويغان.
قىسقىسى تەرىقەت يولى،مىھرى مۇھەببەتلىك قانائەتچانلىق ئىتائەتكارلىقنى تەشەببۇس قىلدىغان،ئۆزىنىلا ئويلاپ ئۆزى بىلەنلا بولىدىغان، باشقىلارغا زورلاپ تاڭمايدىغان،ھەركىم خالىسا ئۆزى قوبۇل قىلىپ كىردىغان،ھۆكۈمدارلىق ئەل ئىشلىرىغا ئەزەلدىن ئارلىشىش روھى بولمىغان، دۇئا ئىبادەت بىلەن كۈن ئۆتكۈزدىغان بىرخىل ئىتقاد تۈرى. |
|