«ئۆزلۈك» — ئۆزىنى بىلمەكلىك سوپىزىم ۋە يىڭى گۇمانىزىم پىكىر ئېقىمىدىكى ئاساسىي كاتېگورىيە. «ئۆزلۈك» — ئىنساننىڭ ماھىيىتى، ئىنسان ئالەمنىڭ ماھىيىتى. جالالىدىن رۇمىي بىلەن ھەرقايسى تەسەۋۋۇپچىلار: ئىنسان ماھىيىتى جەھەتتىن تەڭرى، نەپسانىيىتى جەھەتتىن شەيتان؛ ئىنساننىڭ كامالىتى — ئىنساننىڭ شەيتان ۋەسۋەسىلىرىگە ئىسيان قىلىشى، ئۆزلۈكنى — تەڭرىلىك ماھىيىتىنى بىلىشى، تېپىشى ۋە ئاسىرىشى، دېيىشىدۇ.
-ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن :<ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى>،شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى. 2002-يىلى نەشرى،265-بەت.
پەقەت مەنسۇر ھەللاجىلا (858-922) ئۆزىگە ئىلھام بەرگەن ئىدىيىلەر ياردىمىدە تەڭرىنى — ئىنسان، ئىنساننىڭ ئۆز — ئۆزى، ئىنساندا گەۋدىلەنگەن تەبىئەت ۋە ئەركىن روھىيەت دەپ يەشتى. ئالەمنى — جۇملىدىن تەڭرىنى ئىنساننىڭ ئۆز-ئۆزىگە، ئىنساننىڭ ئىنسانغا بولغان مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن ئىزاھلاش — ئىنساننىڭ تەڭرىگە بولغان مۇناسىۋىتى نوقتىسىدىن ئىزاھلاش ئاساسىدا، مەنسۇر ھەللاجى كىشىلىك قاراشلىرىدا بەرىق ئۇرۇپ چىققان يېڭىچە گۇمانىستىك نۇر بولۇپ قالدى. مەنسۇر ھەللاجىنىڭ ئاجايىپ كامىل گۇمانىستىك ئىدىيلىرى ئۆز مۇھىتى ۋە ئۆز تارىخى سەۋەپلىرى بىلەن سوپىستىك تۇس ئالدى، تەسەۋۋۇپ تونى بىلەن ئورالدى. ئەمما ئۇ ماھىيەتتە ئىنساننىڭ ئىلاھنى ئىزدىشى، ئىلاھقا بولغان ئىشقى، ئىنساننىڭ ئىلاھ بىلەن قوشۇلۇپ كىتىشىنى، ئىلاھىيەتچىل ئەقىدىلىرىدىن خالاس قىلىپ، ئىنساننىڭ ئىلاھلىق كامالىتىنى، ئىنساندا «مەن» ۋە «ئۇ» دېگەننىڭ پەقەت بىرلا «مەن» ئىكەنلىكىنى، ئىنساننىڭ ئىلاھقا بولغان ئىشقى ماھىيەتتە ئىنسانلار ئارسىدىكى باراۋەرلىك، ئىززەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك رىشتىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئىنساننىڭ ئىلاھ بىلەن قوشۇلىشى ماھىيەتتە ئىنساننىڭ تۇرمۇش قىستاڭچىلىقى ۋە ھايۋانىي نەپسانىيەتنى يىڭىپ، ئۆزىنىڭ مۇقەددەس پاكلىق ۋە ئالىيجاناپلىق ماھىيەتلىرىنى تېپىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇ ئىنساننى ئىنسانپەرۋەرلىك پىرىنسىپلىرىغا يېتەكلەش ئىدى.
-ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن :<ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى>،شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى. 2002-يىلى نەشرى،315-بەت.
ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ (1105-1166) ئىنسان — شەيتان ئازدۇرغان تەڭرىدۇر، ئۆز-ئۆزى بىلەن كۆرەش قىلىپ، شەيتانى نەپسىنى يىڭىش – ئىنساننىڭ ئەسلىدىكى ئىلاھىي ماھىيەتلىرىگە قايتىشتىكى ئاساسىي مەشىق ۋە پائالىيەت، دىگەن قاراشلىرى مەنسۇر ھەللاجى ئىدىيلىرىنىڭ داۋامى ئىدى. ئەھمەد يەسسەۋىدىن كىيىن مەنسۇر ھەللاجى نامىنى غايىبى موتفىدا تىلغا ئالغان مۇتەپەككۇر شائىر ئەلشىر نەۋائى بولدى. نەۋائى (1441-1501) «نەسائىمۇل مۇھەببەت» ناملىق ئەسىرىنىڭ جالالىدىن رۇمىغا ئاتىغان قىسمىدا: «جالالىدىن رۇمى سۆزلىرىدىن مەزكۇردۇركى، شەيىخ مەنسۇر ھەللاجىنىڭ نۇرى يۈز ئەللىك يىلدىن كىيىن شەيىخ پەرىددىن ئەتتارنىڭ روھىغا تەجەللى قىلدى ۋە ئۇنىڭ مۇرەببى بولۇپتۇر» دەپ يازدى.
-ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن :<ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى>،شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى. 2002-يىلى نەشرى،316-بەت.
بابا رەھىم مەشرەپ (1659-1711) مەنسۇر ھەللاجى ئىددىيىلىرىنىڭ نەۋائىدىن كىيىنكى 17-ئەسىردىكى يەنە بىر يالقۇنلۇق ۋەكىلى بولدى. مەشرەپ مەنسۇر ۋە «ئەنەلھەق» ئىددىيلىرى توغرىسىدا ھەممىدىن كۆپ يازدى، ئاخىرى بەلخ ھاكىمى مەھمۇد قوتاغان تەرپىدىن دارغا ئىسىلىش ئالدىدا : «مىڭ شۇكرى خۇدايىمغا مەنسۇرگە قوشۇلدۇممەن، ئۇل روھى قارالار كىم مەنسۇرنىمۇ ئۆلتۇرگەن» دەپ يازدى.
-ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن :<ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى>،شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى. 2002-يىلى نەشرى،317-بەت.
خوجا نەزەر ھۈۋەيدا مەشرەپنىڭ زاماندىشى سۇپىتىدە : «ئەي ھۇۋەيدا قىلمىغىل مەنسۇردەك سىرىڭنى پاش، ئەيلىسەڭ ھۇي ئىنەلھەق، داردىن ئەندىشە قىل» دەپ گۇمانىزىمنى ئەندىشىدە قالغان يوشۇرۇن ئىدىيە سۇپىتىدە تەسۋىرلىدى.
-ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن :<ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى>،شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى. 2002-يىلى نەشرى،318-بەت.
ئەھمەد يەسسەۋى دۇنيانىڭ ماھىيىتى ئىنساننىڭ ماھىيىتىدۇر. ئىنساننىڭ ماھىيىتى دۇنيانىڭ ماھىيىتىدۇر، ئىنساننىڭ ياشاشتىن مەقسىتى، مۇشۇ ماھىيەتنى بىلىش — ھەقىقەتكە ئېرىشمەك،دەيدۇ. ئەھمەد يەسسەۋى ھەقىقى يول — سوپىلىق يولىدۇر، ھەقىقى سوپى — دانا بولۇش ئۇچۇن، توت باسقۇچلۇق ھىكىمەت(پەلسەپە) دىن خەۋەردار بولىشى لازىم،دەپ قارىغان.بۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1. ئىسلام قائىدە-نىزامى بولغان شەرىئەتنى بىلمەكلىك؛
2. سوپىزىم تەسەۋۋۇپ پىكىرىنىڭ ئاساسى بولغان تەرىقەتنى بىلمەكلىك؛
3. ئىشقى ئىلاھىيە (تەڭرىگە مۇھەببەت) بولغان مەرىپەتنى بىلمەكلىك؛
4. تەڭرى بىلەن قوشۇلۇش كۈرسى (دەرجىسى) بولغان ھەقىقەتنى بىلمەكلىك.
ئەھمەد يەسسەۋىچە بۇ تۆت باسقۇچ سوپىلىققا كۆتۇرلۇشنىڭ تۆت دەرجىسى بولۇپ، بىرىنچىسى بولمىسا ئىككىنچىسى بولمايدۇ. روشەنكى، بۇ نوقتىدا ئەھمەد يەسسەۋى ئىسلام سوپىزىمىنى ئىدېئالىستىك جەھەتتە كامالىغا يەتكۇزدى.
-ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن :<ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى>،شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى. 2002-يىلى نەشرى،429-بەت.
مەنسۇر ھەللاجىنىڭ بىردەكلىك (ۋەھدەت) قاراشلىرى بويىچە بارلىقنى، تەبىئەت ۋە ئىلاھىيەت، پانى دۇنيا ۋە باقى دۇنيا دەپ ئىككىگە بۆلمەسلىك ئەكسى ھالدا ئۇنى تەڭرى ئاساسىدا بىر پۈتۈن دەپ قاراش ھەقىقەت ھىسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىر قىسىم قاراشلىرى پەرىددىن ئەتتار، جالالىدىن رۇمى، شەيخ سەئىدى، خوجا ھاپىز شىرازى قاتارلىقلار تەرپىدىن راۋاجلاندۇرۇلدى. بۇ ئىقىمغا رۇمىنىڭ سوپىلىق قامۇسى ھىساپلانغان «مەسنەۋى رۇمى» دىۋانى ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ ئىقىم شەرىئەت، تەرىقەت، مەرىپەت، ۋەھدەت قاراشلىرىدا ئۆزىنىڭ تەڭرى بىلەن بىر پۇتۇنلىكىنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. ئۇنىڭچە، ئۆزىنىڭ تەڭرى بىلەن بىر ماھىيەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىش مەرىپەت بولۇپ، مۇنداق مەرىپەتكە ئېرىشىش ئۇچۇن تەرىقەت — تەركىدۇنياچىلىق ياكى خىلۋەت ياشاش بىلەن شۇغۇللىنىپ جاپا چېكىش لازىمدى. جالالىدىن رۇمى «ئىنجىل ۋە قۇرئان مەنمەن»، «ئوت، سۇ، ھاۋا، تۇپراق، مەنمەن »، «مەن شاھنىڭ قۇلى، ۋە دۇنيانىڭ شاھى »، «مەن بىرلىك ۋە كۆپلۇكمەن»،«مەن چۇشەنگۇچى (سۇبىيېكىت) ۋە چۈشۈنىلىۋاتقان (ئوبىيېكت) نەرسە »،«مىنىڭ بەلگەم نىشانسىز، مېنىڭ جايىم ماكانسىز »، «ئىككى دۇنيا بىردۇر» دېگەن قاراش بىلەن ئىدېئالىستىك ئىنىقراقى ئوبىيىېكتپ ئىدېئالىستىك ئالەم بىر پۇتۇنلىكى قارشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، مەنسۇر ھەللاجىنىڭ «ئەنەلھەق» تەلىماتىنى كونكىرېتلاشتۇردۇ. ئۇ «تەڭرى مەركەز» قاراشلىرى بىلەن «ئىنسان مەركەز» قاراشلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ ئىلاھىيەتچىل دۇم كۆمتۇرۇلگەن ئانتروپولوگىزىملىق پىكىرنى گەۋدىلەندۇردۇ. بۇ ئىنساننى خارلاشنى نوقتا قىلغان دىننى ئىلاھىيەتچىلىك ۋە فىئودال ھاكىممۇتلەقچىلىك قاراشلىرىغا نىسبەتەن، ئىنساننى ئىلاھ سايىسى ۋە ئالەم بىرلىكى قاراشلىرى ئاساسىدا قوغدىغانلىق بولۇپ، مۇئەييەن گۇمانىستىك ئامىلغا ئىگە ئىدى. ئەمما، ئۇ ئېقىمدىكىلەر تەركىدۇنياچىلىقنى، جەمىيەتتىن ئايرىلىپ خىلۋەتتە ئىستىقامەت قىلىشنى تەكىتلەپ، ئىنساننى ئىلاھىي شەرىئەتنىڭ قۇربانى قىلىۋىتكەندى.
-ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن :<ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى>،شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى. 2002-يىلى نەشرى،440-بەت.
******************************************
فارابىينىڭ پانتېئىزىملىق «بىردەكلىك(ۋەھدەت) نەزىريىسى» مۇنداق بەش مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: تەبىئەت بىلەن تەڭرى بىردەكلىكە ئىگە: ئاسمان جىسىملىرى بىلەن زىمىن(تەھتى ساما) جىسىملىرى بىردەكلىكە ئىگە؛ ئالەم بىلەن ئادەم بىردەكلىككە ئىگە؛ شەيئىلەر بىلەن بىلىش جەريانلىرى، قانۇنىيەتلەر بىلەن بىلىش ھەقىقەتلىرى بىردەكلىككە ئىگە؛ تەبىئەت گارمونىيىسى بىلەن جەمىيەت گارمونىيىسى بىردەكلىكە ئىگە.
-ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن :<ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى>، شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى، 2002-يىلى نەشرى،166-بەت.
ئىبنى سىنا ئومۇمەن ناتۇرال پانتېئىزىم پەلسەپىۋى قاراشلىرىدا چىڭ تۇردى. تەرڭرى بىلەن رىئال شەيئىلەر بىر-بىرىگە زىت ۋە بىر-بىرىنى ئىنكار قىلغۇچى نەرسىلەر بولماستىن، ئۇلار مەۋجۇدىيەتتە بىر پۈتۈندۇر دەپ قارىدى.ئۇنىڭچە، مەڭگۇلۇك تەڭرىگىمۇ، ماددىغىمۇ خاس بولۇپ، تەڭرى بىلەن ماددى دۇنيا چەكسىزلىك ۋە مەڭگۇلۇك زەنجىرىنىڭ ئىككى ئۇچىنى تەشكىل قىلغان.
-ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن :<ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى>، شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى، 2002-يىلى نەشرى،201-بەت.
يۈسۇپ خاس ھاجىپنىڭ تەڭرى ھەققىدىكى قاراشلىرىدا مۇنداق بىر قاتار نوقتا دىققەتكە سازاۋەر: بىرىنچىدىن، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىر ئاق دىل مۆمىن مۇسۇلمان سۇپىتىدە تەڭرىنى ئالەم بىنا قىلغۇچى خالىق دەپ ئىتىراپ قىلغان ۋە ئەزىزلەپ تىلغا ئالغان. ئىككىنچىدىن، يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەڭرىنى تەبىئەتكە زىت ئورۇنغا قويماستىن، تەبىئەت ھادىسىلىرى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ، ئالەم گارمونىيىسى ۋە تەبىئەت قانۇنىيەتلىكى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ ئىزاھلىغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ زامان جەھەتتىن چەكسىزلىك، مەڭگۇلۇك ۋە مۇتلەقلىقتىن ئىبارەت تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئاساسلىق ئوبىيىكتىپ خۇسۇسىيەتلىرىنى تەبىئەت بىلەن بىللە ئىلاھىيەتكىمۇ ئورتاق خۇسۇسىيەت دەپ قارىدى.
-ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن :<ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى>، شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى، 2002-يىلى نەشرى،227-بەت.
جالالىدىن رۇمى مۇنداق يازغان:
«ئايا، سىز جان چېكىپ، ھەرلەھزە ئىزلەرسىز ئىلاھىنى،
ئۇنى ئىزلەشكە ھاجەت يوق، ئىلاھى سىز، ئىلاھى سىز!»
-ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن :<ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى>، شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى، 2002-يىلى نەشرى،282-بەت.
ئەلىشىر نەۋائىي ئالدى بىلەن ئالەم ياراتقۇچى تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىتىراپ قىلىدۇ. ئۇنىڭچە، تەڭرى بارلىق مەۋجۇدىيەتنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ئەسلى زاتى — سۇبىستانىسيىدىن ئىبارەت. نەۋائىي ئەسلىي ئالەمدە بىرلا تەڭرى مەۋجۇت ئىدى، كىيىنچە ئۇ ئۆز مۇمكىنلىكلىرى ۋە ئىقتىدارىنى جارى قىلىپ كائىناتنى، تەبىئەتنى، ھاياتلىقلارنى ۋە ئىنسانىيەتنى ياراتتى دەپ قارايدۇ. نەۋائىي ئوبيېكتىپ دۇنيا بىلەن تەڭرىنى بىر-بىرىگە قارشى قويمايدۇ. ئۇ ئوبيېكتىپ دۇنيا تەڭرىنىڭ «ئۆز-ئۆزىدە» تۇرغان ھالەتتىن، ھەرخىل شەكىلدە نامايەندە بولغان ھالىتىدىن ئىبارەت. تەڭرى شۇنداق قىلىپ ئالەمنىڭ سىرىتىدا ئەمەس، بەلكى ئالەمنىڭ ئىچىدە، ئۇنىڭ ھەر بىر زەررىسىدە، دەپ چۇشەندۇردۇ. نەۋائىي دۇنيا ئەينەكتىن ئىبارەت، ئۇنىڭدا ئەكىس ئىتىپ كۆرۇنگەن نەرسە تەڭرىدۇر،دەيدۇ. ئۇ «ھەيرەتۇل-ئەبرار» داستانىدا مۇنداق يازغان: «نە بولۇپ ئەۋۋەلدە بدايەت ساڭا، نە كېلىپ ئاخىردا نىھايەت ساڭا. ئەۋۋەل ئۆزۈڭ، ئاخىرۇ مابەين ئۆزۈڭ، بارچەگە خالىق، بارچە ئەيىپ ئۆزۈڭ.» نەۋائىي ئوبيېكتىپ مەۋجۇتلۇقنى ئىلاھلاشتۇرۇپ ئىزاھلىدى. بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ قاراشلىرى پىلاتون(ئەفلاتون) ۋە يىڭى پىلاتونىزىمچىلارنىڭ دۇنيا تەڭرىدىن بەرقى تەجەللى بولۇپ (ئىممۇناتسىيە قىلىپ) جۇش ئۇرۇپ چىققان، دىگەن قاراشلىرىغا يانداشتى.
-ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن :<ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى>، شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى، 2002-يىلى نەشرى،301-بەت.
نەۋائىي «لىسانۇت-تەيىر» داستانىدا مەجازى ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ، سىمۋوللۇق تەمسىللەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، «سۇمرۇغ»،«ھودھود»(ھۆپۈپ) ۋە «قۇشلاردىن ئىبارەت ئۈچ كاتېگورىيىلىك» پېرسوناژنى «تەڭرى»،«سوپى» ۋە «ئىنسان» غا ۋەكىل قىلىپ، تەڭرى بىلەن ئىنساننىڭ مۇناسىۋىتى مەسلىسىدە ئۆزى بىلەن روھانىيەتچىل مۇتەسەۋۋۇپلارنىڭ پىكىر-ئىختىلاپلىرىنى ئاشكارلايدۇ. نەۋائىي: تەڭرى ئالەمنىڭ سىرىتىدا ئەمەس، ئۇ پۇتۇن كائىناتقا مۇجەسسەملەشكەن، ھەممە نەرسىدە ئىپادىلەنگەن جەۋھەر؛ شۇ سەۋەپلىك رىئال دۇنيادىن ۋاز كىچىپ، تەڭرىنى ئىزدىمەكلىك ھاجەتسىز ھەم بىمەنىلىك، دەپ كۆرسىتىدۇ.ئۇ ئۆز-ئۆزدىن ۋاز كىچىپ، تەركىدۇنيا ئازابىنى چىكىپ، سوپىلىقنىڭ يەتتە باسقۇچىنى بېسىپ، تەڭرى بىلەن بىرلىشىشكە ئىرشىشنى تەشەببۇس قىلغان سوپىلارنى «ھودھود» سېيماسىدا سۈرەتلەيدۇ. «قۇشلار» نى ئۆزىنى بىلىشكە، ئۆزىنى قەدىرلەشكە، ھاياتىنى سۆيۈشكە ئۈندەيدۇ.نەۋائىي بۇ مەسلىدە «قۇتادغۇبىلىك» تىكى ئۆگدۈلمىش ۋەزىرنىڭ ئۇدغۇرمىش زاھىدنى ھاياتىنى سۆيۈشكە ئۈندىگىنىدەك گۇمانىزىملىق كىشىلىك قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ. دەرھەقىقەت ئەلشىر نەۋائىي ھۇسەيىن بايقارا زامانىدىكى ئۆگدۈلمىش بولدى!
-ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن :<ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى>، شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى، 2002-يىلى نەشرى،304-بەت.
17-ئەسىردىن باشلاپ فىئوداللىق ھاكىممۇتلەقلىق دىنىي روھانىيەتچىلىك ۋە ئىجتىمائىي جاھالەت قارا بۇلۇتتەك ھەممە يەرنى قاپلاشقا باشلىدى، ئىلىم ئوچاقلىرى ۋەيران بولدى، ئىلىم-سەنئەت نامايەندىلىرى تەقىب قىلىندى. سوپىزىم پۈتكۈل ئوتتۇرا-يىقىن شەرىق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىدېئولوگىيىسىدە كۈچلۈك ئاڭ ئېقىمىغا ئايلاندى. سىنىپىي كۈرەش بارغانسىرى ئۆتكۈرلۈشىشكە باشلىدى. نەتىجىدە تەسەۋۋۇپ نىقابىغا ئورلىۋالغان ياكى ئوچۇق-ئاشكارا مەيدانغا چىققان مەشھۇر شەيخ بايەزىد بىستامىي، مەشھۇر ئەزەربەيجان شائىرى ئىمادىدىن نەسمىىي ۋە مۇھەممەدسىدىق زەلىلىيگە ئوخشىغان ئۇلۇغ ئىنسانپەرۋەر، ئىسيانكار تارىخى شەخىسلەر مەيدانغا چىقتى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەرىپەتپەرۋەر ئىدىيلىرىنى پانتېئىزىملىق پەلسەپىۋى قاراش ئاساسىدا ئىزھار قىلىشتى. ئۇلار خەلىپە مۇقتەدىر (908-932) تەرپىدىن باغداتتا دارغا ئىسىپ ئۆلتۇرۇلگەن مەنسۇرھەللاجىنى ئۆزلىرىگە ئەقىدە ئاتىسى ۋە مەسلەك سېيماسى قىلىشتى، بايەزىد بىستامىي دارغا ئىسىپ ئۆلتۇرۇلدى. ئىمادىدىن نەسىمىي تېرىسى تىرىك سويۇپ ئۆلتۇرۇلدى. مەشىرەپمۇ ئۆز شېئىرىدا زىكىر قىلىنغاندەك پاجىئەگە دۇچار بولدى. ئۇ:
«مەنسۇرى ھەللاجىدەك ئىچىپ شارابى ئەنتەھۇر،
چەرخ ئۇرۇپ يىغلاپ تۇرارمەن ئۇشبۇ دەم دار ئالدىدا.»
دەپ يازغاندى.زەلىلىي بولسا:
«كەل ئەي مەنسۇر، بولۇپ ساقىي سىرىمنى ئاشكارا ئەيلەي،
ئىچىپ كۆر لالە ياڭلىغ خۇنى ھەسرەتتىن ئاياقىم بار»
دەپ «خۇنى ھەسرەت» دېڭىزىدا غەرىق بولدى. مەشرەپ ئەينى زامان جاھالەت مۇھىتىغا قارشى كۆكىرەك كېرىپ چىقىپ:
«ھەقىقەت كوچاسىدا رەھنەمائى ئىنتىزارىڭمەن،
تەمامى ئەھلى غەفلەتلەرگە پەيغەمبەر بولاي دەيمەن!»
دەپ يازغاندى.
-ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن :<ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى>، شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى، 2002-يىلى نەشرى،330-بەت.
مەشرەپ يەنە:
«ئانقەدەر دەريا بولۇپمەن ئاسمانغا سىغمادىم،
تاقى ئەرشۇ كۇرسىيۇ لەۋھى جەھەنغا سىغمادىم.
كىمكى سايەم تۈشسە بىر نۇرى ياقىن بولدى ئۇ ھەم،
دەفتەرى رۇھى قۇدۇسىدۇرمەن زەبانغا سىغمادىم.
دەۋزەخى سەقەرمەنەم، جەننەت ئىلە كەۋسەر مەنەم،
بىر ئۆزۇمدۇرمەن بۇ كۈن ھەفىت ئاسمانغا سىغمادىم
بار ئىدى نۇھ ۋەقتىدە فەرىق ئەتمەدى تۇفانى غەم،
ھەمرەھى مۇسا بولۇپ تۇرى سىناغا سىغمادىم.
ئەللىك يىل ئىيسا بىلەن يۈردۈم ئۆلۈكنى تىرگۈزۈپ،
بائىسى بىرۇقتەدىن، مەشرەپ زەمانىغا سىغمادىم.»
دەپ يازدى.بۇ ئۇنىڭ ئادەمگە ئىنسانىيەتكە ۋاكالىتەن ئېيىتقان ئالەمشۇمۇل تارىخى تەنىسى ئىدى.
-ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن :<ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى>، شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى، 2002-يىلى نەشرى،333-بەت.
***************************************
4-14. «چەكسىزلىكتىكى مەن» ئالەمنىڭ روھى ۋە ئېنېرگىيەسىدۇر. كىشىلار ئادەتتا ئۇنى «خۇدا» دەپ ئاتىشىدۇ. «ئىچكى دۇنيا» «ئۆزلۈك» نىڭ ئىدارە قىلىشىدا بولىدۇ، بۇ «ئۆزلۈك» دەل ئاشۇ «چەكسىزلىكتىكى مەن » نىڭ بىر قىسمىدۇر.
4-16. «ئىنجىل» دا دەلىل- ئىسپاتلىق، ئاددىي، قايىل قىلارلىق قىلىپ: «ئەجىبا پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەسلىكىنى بىلمەمسىلەر، پەرۋەردىگارنىڭ روھى سىلەرنىڭ كاللاڭلاردا ئەمەسمۇ؟» دېيىلگەن. «ئىچكى دۇنيا» دىكى سىرلىق ئىجاتكارلىقنىڭ سىرى مانا مۇشۇ يەردە. |