-ئەركىم
2014-يىلى8-ئاينىڭ10-كۈنى قومۇل شەھىرى ئارائاقيەر كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق باقمىچى غوپۇر رىشىتقا قومۇلنىڭ ئون ئىككى تاغ، بەش شەھىرىدىن كەلگەن باقمىچى ۋە مالچىلار لەۋھە تەقدىم قىلدى. غوپۇر رىشىت 20 يىللىق باقمىچىلىق ھاياتىدا نۇرغۇن كىشىلەرگە ماددىي ۋە ئىقتىسسادىي جەھەتلەردىن كۆپلەپ ياردەم قىلىپ كەلگەن بولۇپ ئۇنىڭ بۇ ساخاۋەتلىك ئىش-ئىزلىرى كۆپلىگەن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ كەلگەن. قومۇل شەھىرى شەھەر ئىچى يېزىسى ياقا مەھەللىسى تەرەپتە ھەممىگە تونۇشلۇق تىرىك مال بازىرىنىڭ قۇرغۇچىسى غوپۇر رىشىت پۇل تاپقاندا يۇرتداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ئۇ مال بازىرىغا سودىغا كەلگەن ئاجىز-ئورۇق، يىتىم-يىسىر كىشىلەردىن ھەق ئالمىدى، باقمىچىلىق قىلىپ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا ئۇچىرىغانلارغا ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ دەپ ئايرىپ ئولتۇرماستىن قولىدىن كېلىشىچە ئىزچىل ياردەم بېرىپ كەلدى. ھەتتا، مۇھتاجلارغا ياردەم قىلىمەن دەپ بەزى چاغلاردا قولىدا 100يۈەن پۇل قالمىغان چاغلىرىمۇ بار... بۇنىڭدىن كۆڭلى سۆيۈنگەن ھەر مىللەت مالچىلىرى 2014-يىلى8-ئاينىڭ11-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى ساھەر 8:00 دە مال بازىرىنىڭ ئالدىدا غوپۇر رىشىتقا ئۆزلىرىنىڭ ئازغىنە كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى.
غوپۇر رىشىت قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن باقمچى بولۇپ، قومۇل قاراسۇ كەنتىنىڭ بېشىدا 300 تۈمەن مەبلەغ سېلىپ (زىمىن غوپۇر رىشىت ئاكامنىڭ كىچىكىدىن ئۇيغۇرلار بىلەن ئويناپ چوڭ بولغان خەنزۇ دوستىنىڭ ئىكەن. ئۇ ئۆز رازىلىقى بىلەن بۇ زىممىنى غوپۇر ئاكامنىڭ مەبلەغ سېلىشى ئۈچۈن بېرىپتۇ.)ئىككى قەۋەتلىك باقمىچىلىق مەيدانى قۇردى. بۇ ھەقتە گەپ بولۇنغاندا مەن غوپۇر رىشىتتىن: ئاكا، سىز بۇنچە كۆپ مەبلەغنى ئۆزىڭىز سالدىڭىزمۇ؟ دەپ سورىغانتىم،ئۇ كىشى كۈلۈپ كېتىپ، شۇنداق بولمايچۇ ئۇكام، مەن باشقىلاردەك ھۆكۈمەتنىڭ مەبلىغىگە قاراپ ئولتۇرۇۋالمىدىم، ئاتا-ئانىمىز بىزنى ئوغۇلبالا دەپ تۇغقاندىنكىن خەقنىڭ قولىغا تەلمۈرۈپ ئولتۇرغۇچە ئۆزەم تىرىشىپ تاپقان پۇللىرىم بىلەن بۇ باقمىچىلىق ئورنىنى قۇرۇپ چىقتىم، بەلكىم قومۇلدا بۇنداق چوڭ كۆلەمدىكى زامانىۋىي قوتاندىن پەقەت بىرسىلا بار، دەپ مەمنۇنىيەت ئىلكىدە جاۋاپ بەردى. ئەتىراپىمىزدا، ھۆكۈمەتنىڭ مەبلىغىنى كۈتۈپ يا بىرەر كىچىك ئىشنىڭ پىشىنى تۇتالماي، يا بىرەر چوڭ ئىشقا قۇربى يەتمەي يېتىپ قالغان ئۈمىتسىزلەرگە غوپۇر رىشىت ئۈلگە بولالايدۇ. بىز باشقىلارنىڭ يۆلىشىنى ساقلاپ ئولتۇرماي تىرىشايلى! تىرىشقان ئۇزار، تېرىشمىغان توزار دېگەن ھېكمەتنىڭ مەنىسىنى ھەقىقى چۈشىنىپ يېتەيلى...
ئەمما، مۇناسىۋەتلىك سىياسەت ۋە ئۇچۇرلاردىن مەلۇمكى: نەچچىمۇ يىللاردىن بۇيان مەركەزنىڭ يەرلىك مىللەتلەرنى يۆلەش سىياسەتلىرى ئۇلغۇيۇپ بېرىۋاتىدۇ، ئازسانلىق مىللەت كارخانىچىلىرىغا ياردەم بىرىش تۈرلىرى كۆپىيىپ، مىليونلاپ مەبلەغلەر چۈشۈرۈلىۋاتىدۇ. بۇ ئىنتايىن ياخشى بىر باشلىنىش ئەلۋەتتە. بىراق، بۇ سىياسەت ۋە مەبلەغلەرنىڭ ھەقىقى ھەقدات ئىگىسىنى تېپىش ئۈچۈن ماڭىدىغان مۇساپىسى تولىمۇ مۈشكۈل بولۇپ كەتمەكتە. قىسمەن ئاز سانلىق مىللەت كارخانىچىلىرى خەنزۇچە ئوقۇيالمىغانلىقتىن ئۆزلىرىگە پايدىلىق يەرلىك ياخشى سىياسەتلەردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولالمايدىغان ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر، ئۇلار مەركەزنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغىنىدا بۇ سىياسەت ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن سېلىنغان مەبلەغلەرنىڭ ھەر خىل ناتوغرا يوللار بىلەن باشقىلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىشىدۇ، بۇ چاغدا ئۇلار مىڭ قاتىرىغان بىلەن بۇ سىياسەت ۋە مەبلەغنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمەيدۇ، مېنىڭچە، قىسمەن ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ياخشى سىياسەت، تۈر، مەبلەغلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى خەلق ئاممىسىغا يەتكۈزۈشتە ئۆزىنىڭ رولىنى قىچىلىك جارى قىلدۇرمىدى. ئەگەردە ئۇلار ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان بولسا مىللەتلەر ئىتتىپاق، باراۋەر، باي-باياشات گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇپ چىقىش قەدىمىمىز تېخىمۇ چوڭ قەدەملەر ئېلىپ ئىلگىرلىگەن بولاتتى!..
بۇ قېتىملىق لەۋھە تەقدىم قىلىش پائالىيتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئېرىشىپ ئالاھىدە قەدەم تەشرىپ قىلغان داڭلىق ناخشا چولپىنىمىز ئىسكەندەر سەمەت ئۆز بىر قوللۇق پائالىيەتكە رىياسەتچلىك قىلماقتا...
كەسىپدىشىنىڭ ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرگەن باقمىچىلار تەنتەنىگە چۈشتى.
ئاندۇراخمان باقمىچىلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئولى ئابدۇراخمانمۇ ھاياجىنىنى باسالمىدى
بىزدە بىر ئۆمۈر پۇل تېپىپ، بىرەر يېرىم تال كىشىنىڭ ئىسىدە قالغۇدەك ياخشى ئىش قىلالماي كېتىدىغان كىشىلەرمۇ تولا، ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشتىن ئارتۇق خوشاللىقنىڭ بارلىقىنى ئۇلار مەڭگۈ ھېس قىلالمايدۇ. غوپۇر رىشىتقا لەۋھە تەقدىم قىلىنماقتا.
دوپپىمۇ ھەقىقى ئوغلان ئىگىسىنى تاپتى...
گەرچە بۈگۈنكى پائالىيەتنى مال بازىرىدىكى بىر قانچە چارۋىچى مەسلىھەتلىشىپلا ئەمەلگە ئاشۇرغان، ھېچبىر ئالدىن پىلانللانغان ئىش بولمىسىمۇ بۈگۈنكى پائالىيەت ئىنتايىن قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملاشتى. مال بازىرىدىكى خېرىدار ۋە مالچىلار ئىسكەندەر سەمەت ئېيتقان قومۇل مۇقاملىرىغا جۆر بولۇپ لەران ئۇسسۇل ئوينىماقتا...
2014-يىلى8-ئاينىڭ12-كۈنى |