- تىزىملاتقان
- 2014-3-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1114
- نادىر
- 0
- يازما
- 82
ئۆسۈش
11.4%
|
قارىسام يەنە دەتالاشقا ئوت پىلتا ئىچىپ ئۈلگۈرۈپسىلەر . كىلىشەلمەيۋاتقان نىمە مەسىلەڭلار بار سىلەرنىڭ ؟ بىتەرەپ تورداش، سۆزنى قەستەن خاتا ئىشلىتىپ ئوت قۇيرۇقلۇق قىلماڭ ! ئەگەر بۇ دىننىڭ ئادىمى ئەمەس بولسىڭىز دىنغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان ھەققىڭىز يوق . ئىنساننىڭ خاتالىقى دىننىڭ خاتالىقى بولمايدۇ . زىنا قىلما ئەمەس ، زىناغا يىقىنمۇ كەلمە دىگەن بۇ گۈزەل ئەخلاقنى تەرىپ ئەتكەن دىنغا ئىشەندىم دىگۈچى كوچىدا ھاراق ئىچىپ ، ئەيىش-ئىشرەت قىلسا بۇنى دىن ئۆگەتكەن بولامدۇ ؟ ئىچكىردە نۇرغۇن ئۇيغۇر بالا ئوغۇرلۇق قىلىدۇ ، قىزلىرىمىز پاھىشىۋازلىق قىلىدۇ . سىزنىڭ گىپىڭىز دەل ئۇيغۇر ئوغۇللىرىىنىڭ ھەممىسى ئوغرى ، قىزلىرى ھەممىسى پاھىشىۋاز دىگەندىن باشقا گەپ ئەمەس .بىر سائەتلىك تەپەككۇر قىرىق يىللىق نەفلە ئىبادەتتىن ئەۋزەل دىگەن يەنە مۇشۇ دىن . تۇنجى ۋەھى «ئىقرا » سۈرىسى بىلەن كەلگەن ،باشتىلا ناماز قىل ! روزا تۇت ، ھەج قىل دىمەي ( بۇلار كىيىن پەرىز قىلىندى ) ئاللاھ بىئۇلۇگىيە ، پىسخولۇگىيە ، ئنىسانشۇناسلىق ھەتتا تارىخ سۆزلەۋاتىدۇ . ئىنسانغا يىزىشنى ئۆگەتكەنلىكى تىلغا ئىلىنىۋاتىدۇ . دىمەك ئەسلى مۇسۇلمانلارنى بىزنىڭ ھازىرقى تىلىمىز بۇيىچە ئىلىم-پەن ئىگەللەش ، قۇرئان تىلى بۇيىچە ئاللاھنىڭ مۆجىزاتلىرىنى ئىزدىنىشقا ئىسلام دىنى ئۈندىگەن . ئۆز دەۋىردە بۇ ھەقىقەتكە چىن پۈتكەن مۇسۇلمان ئەجدادلىرىمىز دۇنيا ئىلىم-پەننىڭ مىسىلسىز سەھىپىلىرىنى ئاچقان ھەم گۈللەندۇرگەن . بەزىبىر ماڭقۇرتلىرىمىز بۇ ئۆتمۈشتىن بىر سەھىپىمۇ ئوقۇپ قۇيمايدۇ ۋە ياكى قورئاننى تۇتۇپمۇ قويماي ئىسلامىيەت ئۈستىدە بىلجىرلايدۇ . مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنگە چۈشۈپ قىلىشىدا ھەدىسلەردە بىشارەت بىرىلگەن . بۇ پەقەت بىزنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئۇزاقلاشقانلىقىمىز سەۋەپلىك خالاس .
سىلەر ئىسلامدىن قۇسۇر تاپماي ئاللاھنىڭ مۇشۇ دىننى بىزگە دەستۇر قىلىپ بەرگىنىگە مىڭ شۈكرى ئىيتساڭلار بولىدۇ . بولمىسا سەن بىز موزايغا چوقۇنۇپ ئۆتكەن بولاتتۇق .
بىز دىندىن زارلانماي كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلايلى ! بولمىسا دىن ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلارنىڭ قىيامەت كۈنىدە مەيدىسىدىكى بىر تال تۈكى بولۇپ كەتسەمچۇ دەپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ . |
|