قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3639|ئىنكاس: 149

بىلىمخۇمار:ماڭا يېڭىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتلار ھەققىدە

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

151

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.21%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 608
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1159
تۆھپە : 4167
توردىكى ۋاقتى: 1559
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-15 10:54:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-16 14:42  

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى

        
بىزنىڭ ئىدارىمىز قارمىقىدىكى ئىككى باشقارما 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 12- ۋە 13-كۈنلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئاشۇ مۇراسىملاردا ماڭا بىر ئورۇن بىردىن بولۇپ، جەمئىي ئىككى دانە مۇكاپات بېرىلدى. مەن مەزكۇر يازمىدا ئوقۇرمەنلەرگە ئاشۇ مۇكاپاتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قىسىم ئەھۋاللارنى قىسقىچە سۆزلەپ بېرىمەن.
        ھازىر مەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاساسىي تەتقىقات تاشقى پلانېتىلارنى تاپىدىغان ئالەم تېلېسكوپلىرى ھەققىدە بولۇپ، مەن ئاشۇنداق تېلېسكوپنىڭ لايىھىلىرىنىڭ بىرى بولغان «Lyot Coronagraph» (1-لايىھە) ۋە ئۇنىڭ يەنە بىرى بولغان «PIAA Coronagraph» (2-لايىھە) بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلى 5 يىلدىن ئاشقان ئىدى. ئۆتكەن يىل 8-ئايدا ماڭا «Visible-Nulling Coronagraph» دەپ ئاتىلىدىغان 3-لايىھە ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، شۇ يىل 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بۇ لايىھىنىڭ تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىكى ھەققىدە بىر تولۇق مەلۇماتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ۋەزىپىسى بېرىلدى. گەرچە بۇ لايىھە ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىۋاتقىلى 10 يىلدەك ۋاقىت بولغان بولۇپ، ئۇ ھەقتە بىزنىڭ ئىدارىدىكى بىر قانچە نەپەر مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن خېلى كۆپ ئىلمىي ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئاشۇ پرىنسىپ ئاساسىدا ياسىلىدىغان تېلېسكوپنىڭ فۇنكسىيىسى كومپيۇتېردا بىر قېتىم تولۇق، باشتىن-ئاخىر تەقلىد (simulation) قىلىنىپ بېقىلمىغان ئىدى. بۇ لايىھىنىڭ بارلىق كومپيۇتېر پروگراممىلىرى ئىنگلىزچە «Interactive Data Language, IDL» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كومپيۇتېر تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، ماڭا نىسپەتەن بۇ تېلېسكوپ لايىھىسىمۇ يېڭى، بۇ كومپيۇتېر تىلىمۇ يېڭى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ بۇنىڭدىن باشقا تەتقىقات تۈرلىرىدىمۇ بىر قىسىم ۋەزىپىلىرىم بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشقا جىددىي تۇتۇش قىلدىم (بۇ ئارىلىقتا ھېچ قانداق ئۇيغۇرچە ماقالىلەرمۇ يازمىدىم). ئاخىرقى بىر ئاي ئىچىدە كۈنىگە 15 سائەتتىن كۆپرەك ئىشلىدىم. شەنبە-يەكشەنبە دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ ئىشلىدىم. شۇنداق قىلىپ، ئۆتكەن يىل 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى NASA باش ئىشخانىسىدىنمۇ ئادەم كېلىپ قاتنىشىپ، ئوخشىمىغان لايىھىلەر ئۈستىدە ئومۇميۈزلۈك باھالاش ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر يىغىن بولىدىغان كۈنى مەن ئەتىگەن سائەت 3 كىچە ئىشلەپ، بۇ ۋەزىپىنى تاماملىدىم. شۇ كۈنى سائەت 5 يېرىمدا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىشقا كېلىپ، سائەت 8 دىن ئاشقاندا مەن قىلغان ئىشىمدىن تەخمىنەن 150 نەپەر خادىمغا دوكلات بەردىم.
        مەزكۇر تەتقىقات تۈرىگە تەقسىم قىلىنغان باشقا بارلىق خادىملارمۇ ماڭا ئوخشاش ياكى مەندىنمۇ ئۆتە ھالدا قاتتىق ئىشلىدى.
        مانا مۇشۇنداق ئىشلىگەنلەرگە «دەرىجىدىن تاشقىرى خىزمەت كۆرسەتكەن خادىم» دېگەن مۇكاپات بېرىلگەن بولۇپ، مەن ئاشۇ قېتىمقى خىزمەتكە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ قېتىم ئاشۇنداق مۇكاپاتتىن ئىككىسىگە ئېرىشتىم. بۇ ئىككى مۇكاپات تۆۋەندىكى 1- ۋە 2-رەسىملەردە بېرىلدى.


1-رەسىم

1-رەسىم

1-رەسىم: ئەركىن سىدىققا بېرىلگەن مۇكاپاتنىڭ بىرى.

2-رەسىم

2-رەسىم

2-رەسىم: ئەركىن سىدىققا بېرىلگەن مۇكاپاتنىڭ يەنە بىرى.
   

       1. تاشقى پلانېتىلارنى تېپىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى
        تاشقى پلانېتىلارنى تېپىش ئىنتايىن قىيىن. بەزى مۇتەخەسسىسلەر ھېسابلاش ئېلىپ بېرىپ، بۇ ئىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى مۇنداق بىر ئىشقا ئوخشاتتى: ئەگەر سىز يەر يۈزىدە تۇرۇپ، يەر يۈزىدىن ھېسابلىغاندىكى ئېگىزلىكى 10 كىلومېتىر كېلىدىغان ھىمالايا تېغىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىدا تۇرغان بىر تال ئىنسان چېچىنىڭ ئۈستىدىكى مۇدۇر-چۇقۇرنى كۆرەلەيدىغان تېلېسكوپتىن بىرنى ياسىسىڭىز، سىز ئاشۇ تېلېسكوپ بىلەن تاشقى پلانېتىلارنى بىۋاسىتە كۆرەلەيسىز. ئىنسان چېچىنىڭ توملۇقى 15 مىكرومېتىردىن 180 مىكرومېتىرغىچە كېلىدىغان بولۇپ، ھەر بىر چاچنىڭ ئۈستىدىكى مۇدۇر-چۇقۇرنىڭ ئېگىزلىكى بۇ يەردە 100 نانومېتىر، دەپ پەرەز قىلىندى.
تاشقى پلانېتىلارنى تېپىشتا، بىز مۇنداق ئىككى چوڭ قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىمىز:
       (1). يۇلتۇزنىڭ نۇرىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ئۇنى ئوربىتىلاۋاتقان پلانېتا نۇرىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن 10 مىليارد ھەسسە كۈچلۈك بولۇشى
       (2). يۇلتۇز بىلەن ئۇنى ئوربىتىلاۋاتقان پلانېتىنىڭ ئارىلىقىنىڭ ئىنتايىن يېقىن بولۇشىبىزنىڭ قۇياشقا ئوخشاش يۇلتۇزلار ئۆزلۈكىدىن نۇر چىقىرىدىغان بولۇپ، بىزنىڭ يەر شارى ۋە ئاي شارىغا ئوخشاش پلانېتىلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى ئۆزلۈكىدىن نۇر چىقارمايدۇ. بىز كۆرىدىغان ئاينىڭ نۇرى قۇياش نۇرى ئايغا چۈشۈپ، ئاي قايتۇرغان نۇر بولۇپ، بىز ئاينىڭ پەقەت قۇياش نۇرى چۈشكەن قىسمىنىلا كۆرەلەيمىز. شۇڭا ئاينىڭ شەكلى ھەر كۈنى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. قۇياش نۇرى بىلەن ئاي قايتۇرغان نۇرنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى سېلىشتۇرساق، كۆرۈنىدىغان نۇر دولقۇنى ئىچىدە (بۇ نۇرلارنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 400 - 700 نانومېتىر كېلىدۇ) قۇياش نۇرى ئاي نۇرىدىن 10 مىليارد ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ. يەنى، تاشقى يۇلتۇزلارنىڭ نۇرى ئاشۇ يۇلتۇزلارنى ئوربىتىلاۋاتقان تاشقى پلانېتىلارنىڭ نۇرىدىن 10 مىليارد ھەسسە كۈچلۈك. بۇ بىز دۇچ كېلىدىغان 1-قىيىن ئۆتكەل.
        بىز دۇچ كېلىدىغان 2-قىيىن ئۆتكەل بولسا، يەر شارىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر ئالەم تېلېسكوپى بىلەن كۆزەتكەندە، تاشقى يۇلتۇزلار بىلەن ئۇلارنى ئوربىتىلايدىغان تاشقى پلانېتىلار ئۆز-ئارا چاپلىشىپ قالغان بولىدۇ.
        بىز بىر ئىنتايىن قاراڭغۇ ئاخشىمى ئاسمانغا قاراپ، يۇلتۇزلارنى سانىساق، تەخمىنەن 3000 دانە يۇلتۇزنى سانىيالايمىز. بۇ يۇلتۇزلارنىڭ ئىچىدىكى بىزگە ئەڭ يېقىن يۇلتۇزنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 4.26 نۇر يىلى كېلىدۇ. يەنى، بىز ئاخشىمى كۆرىدىغان يۇلتۇزلارنىڭ ئىچىدىكى بىزگە ئەڭ يېقىن بولغان يۇلتۇزنىڭ نۇرى بۇنىڭدىن 4.26 يىل بۇرۇن بىزگە قاراپ مېڭىشقا باشلىغان، ياكى بىزنىڭ كۆرگىنىمىز ئاشۇ يۇلتۇزنىڭ بۇنىڭدىن 4.26 يىلدىن بۇرۇنقى ھالىتى بولىدۇ. بىز ئاخشىمى كۆرىدىغان قالغان يۇلتۇزلار بۇنىڭدىنمۇ يىراقتا بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى بىرەر يۈز نۇر يىلى كېلىشىمۇ مۇمكىن.
«نۇر يىلى» دېگىنىمىز ئۇزۇنلۇق بىرلىكى بولۇپ، ئۇ نۇرنىڭ بىر يىل ئىچىدە باسىدىغان مۇساپىسىنى كۆرسىتىدۇ. نۇر ھەر بىر سېكۇنتتا 300 مىڭ كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭىدۇ. شۇڭا
بىر نۇر يىلى = 300000 X 60 X 60 X 24 X 365 كىلومېتىر («X» كۆپەيتىش بەلگىسى)

b11_resim11.jpg

  
  يەنى بىر نۇر يىلى 9.46 ترلىيۇن (بىرنىڭ كەينىدە 12 نۆل بار) كىلومېتىر

     تۆۋەندىكى 3-رەسىمگە قاراڭ. مەن بۇ يەردە بىر مىسال سۈپىتىدە، سىزگە بىر تاشقى يۇلتۇز بىلەن ئۇنى ئوربىتىلاۋاتقان بىر تاشقى پلانېتا ھاسىل قىلىدىغان بۇلۇڭنى ھېسابلاپ بېرەي. بىر تاشقى يۇلتۇزنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى (A) 10 نۇر يىلى بولۇپ، ئۇ يۇلتۇزنى ئوربىتىلاۋاتقان بىر تاشقى پلانېتىنىڭ ئاشۇ يۇلتۇز بىلەن بولغان ئارىلىقى (B) كۈن بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقى بىلەن ئوخشاش بولسۇن. ئۇ ھالدا بىز يەر شارىدا تۇرۇپ ئاشۇ تاشقى يۇلتۇز بىلەن ئاشۇ تاشقى پلانېتىغا قارىغان ۋاقىتتا بۇ ئىككىسى ياسىغان بۇلۇڭ (C) نىڭ كەڭلىكى 0.000091 گرادۇس بولىدۇ. يەنى، بۇ قىممەت تەخمىنەن بىر گرادۇسنى 10 مىڭغا بۆلگەنگە تەڭ. ياكى، بىر گرادۇسنىڭ 10 مىڭدىن بىر قىسمىغا تەڭ.
        بىر چەمبىرەك ياسايدىغان بۇلۇڭ 360 گرادۇسقا تەڭ. بىر تىك بۇلۇڭ 90 گرادۇسقا تەڭ. بۇ ئەھۋال تۆۋەندىكى 3-رەسىم ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلدى.
        يۇقىرىدا چۈشەندۈرگىنىمدەك، بىز ئالەم تېلېسكوپى بىلەن قارىغان ۋاقىتتا تاشقىي پلانېتىلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئانا يۇلتۇزلىرى ھاسىل قىلغان بۇلۇڭلار ئىنتايىن كىچىك بولغاچقا، بىزنىڭ كەسىپتىكىلەر ئاشۇ بۇلۇڭنى ئىپادىلەيدىغان مۇنداق ئىككى قىممەتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن:
        (1) mas :  بۇ سۆز ئىنگلىزچە «milli-arc-second» نىڭ باش ھەرىپىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرچىدا «مىللى-ياي-سېكۇنت» دېگەنگە توغرا كېلىدۇ.  يەنى، بىز ئادەتتە بۇلۇڭنى ئۆلچەش ئۈچۈن «ياي-سېكۇنت» دېگەن بىرلىكنىمۇ ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بىر گرادۇس 60 ياي-سېكۇنتقا تەڭ بولىدۇ.  بىر ياي-سېكۇنت بولسا 1000 مىللى-ياي-سېكۇنتقا تەڭ بولىدۇ.  شۇڭلاشقا يۇقىرىدا ھېسابلاپ چىققان 0.000091 گرادۇس 5.46 مىللى-ياي-سېكۇنتقا ياكى «5.46 mas»  قا تەڭ بولىدۇ.
        (2)l/D : بۇ يەردىكى «l» ھەرىپى دولقۇن ئۇزۇنلۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، D ھەرىپى بولسا تېلېسكوپنىڭ ئاساسىي ئەينىكىنىڭ دىيامېتىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.  ئەگەر دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 550 نانو-مېتىر (بىر مېتىر بىر مىليارد نانو-مېتىرغا تەڭ)، تېلېسكوپ ئاساسىي ئەينىكىنىڭ دىيامېتىرى 2 مېتىر بولىدىكەن، يۇقىرىدىكى بۇلۇڭ مۇنداق بولىدۇ:
0.000091 gradus = 0.000091 x (3.14/180)  x 2 / (550e-9) l/D = 5.78 l/D
        بىز ھازىر ياسىماقچى بولغان تېلېسكوپ ئانا يۇلتۇزى بىلەن ياسىغان بۇلۇڭى 2l/D  ياكى 3l/D  بولغان پىلانېتىلارنىمۇ پەرق ئېتەلەيدۇ.

3-رەسىم

3-رەسىم

3-رەسىم.
        دېمەك، يەر شارى يۈزىدە ياكى ئۇنىڭ ئوربىتىسىدا تۇرۇپ، ھېلىقى بىر جۈپ تاشقى يۇلتۇز-پلانېتىغا قارايدىغان بولساق، بۇ ئىككىسى بىر-بىرىگە چاپلىشىپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدىغان بولۇپ، بىزنىڭ ئاشۇ تاشقى پلانېتىنى تاپماقچى بولغىنىمىز، ئاشۇ تاشقى يۇلتۇزنىڭ نۇرىنىڭ ئىچىدىكى بىر تال قارا چېكىتنى ئىزدىگەن بىلەن باراۋەردۇر.

        

         2. تېلېسكوپتا بىر «قاراڭغۇ رايون» نىڭ ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈشى
        ھازىرغا قەدەر تەخمىنەن 1700 دانە تاشقى پلانېتىلار بايقالغان بولۇپ، ئۇلار خۇددى «يۇپىتېر» غا ئوخشاش ناھايىتى چوڭ تىپتىكى گاز پلانېتىلاردۇر. شۇنداقلا ئۇلار تېلېسكوپ بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈش ئارقىلىق بايقالغان ئەمەس - ھازىر تېخى ئۇنداق تېلېسكوپ مەۋجۇت ئەمەس. ئۇ تاشقى پلانېتىلار تۆۋەندىكىدەك ۋاسىتىلىك ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ بايقالغان:
       1) ئۇنداق چوڭلۇقتىكى پلانېتىلار يۇلتۇزنىڭ ئالدىغا ئۆتكەندە، يۇلتۇزنىڭ ئالەم تېلېسكوپى بىلەن ئۆلچەنگەن نۇرى 0.1 پىرسەنتتىن بىر پىرسەنتكىچە ئاجىزلايدۇ. بىر قىسىم تاشقى پلانېتىلار مۇشۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ بايقالغان.
       2) يەنە بىر تەرەپتىن، ئاشۇنداق چوڭ پلانېتىلار ئانا يۇلتۇزنى ئايلىنىپ ئوربىتىلىغاندا، ئانا يۇلتۇز ئاشۇ ئاشۇ پلانېتىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئازراق مىدىرلايدۇ. يۇلتۇزنىڭ تەۋرەش دەۋرىنىڭ ۋاقىت ئۇزۇنلۇقى ۋە تەۋرەش دەرىجىسى قاتارلىق ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇنى ئايلىنىۋاتقان پلانېتىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئانا يۇلتۇزنى بىر قېتىم تولۇق ئايلىنىپ چىقىشقا كېتىدىغان ۋاقتى قاتارلىق قىممەتلەرنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ. تاشقى پلانېتىلارنىڭ قالغان بىر قىسمى مانا مۇشۇنداق يۇلتۇزنىڭ تەۋرىشىگە ئاساسەن بايقالغان.
        جانلىقلار ياشاش ئېھتىماللىقى بار بولغان پلانېتىلار كىچىك تىپتىكى تاش پلانېتىلار بولۇپ، ئۇنداق پلانېتىلار ئانا يۇلتۇزىنىڭ نۇرىنى ئۆلچىگىلى بولىدىغان دەرىجىدە توسالمايدۇ، ھەمدە ئانا يۇلتۇزىنى مىدىرلىتالمايدۇ.
        شۇڭلاشقا بىز ھازىر ئاشۇنداق ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقى بار بولغان يەر شارىغا ئوخشاش كىچىك تىپتىكى پلانېتىلارنى بىۋاسىتە كۆرەلەيدىغان ئالەم تېلېسكوپىنىڭ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمىز. NASA نىڭ ھازىرقى پىلانى ئاشۇنداق تېلېسكوپتىن بىرىنى 2018-يىلى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىش، ھەمدە بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 نۇر يىلى كېلىدىغان شارسىمان رايون ئىچىدىكى 3000 دانە تاشقى يۇلتۇزنى تەكشۈرۈپ چىقىش.
        بۇ يېڭى تىپتىكى تېلېسكوپ كامېرا (رەسىم ئاپپاراتى) غا چۈشكەن تاشقى يۇلتۇز نۇرىنىڭ بىر قىسمىنى بىر رايوندىن باشقا رايونلارغا يۆتكەپ، يۇلتۇزنىڭ رەسىمى ئۈستىدە بىر «قاراڭغۇ رايون»، «قاراڭغۇ ئۆڭكۈر» ياكى «قاراڭغۇ تۆشۈك» (dark-hole) ھاسىل قىلىدۇ. مۇشۇ قاراڭغۇ-رايون ئىچىدە يۇلتۇزنىڭ نۇرى 10 مىليارد ھەسسە ئاجىزلاشتۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ رايون ئىچىگە توغرا كېلىپ قالغان تاشقى پلانېتىنى مۇشۇنداق تېلېسكوپ بىلەن بىۋاسىتە كۆرگىلى بولىدۇ. گەرچە بۇ تېلېسكوپنىڭ «قاراڭغۇ رايونى» ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، بىز ئۇنى ئۆز ئوقىدا ئاستا ئايلاندۇرۇپ، 360 گرادۇسلۇق رايونلارنىڭ ھەممىسىنى كۆزىتەلەيمىز.
        مېنىڭ كومپيۇتېرىمدا ئاشۇنداق تېلېسكوپتىن 4 خىل تېلېسكوپنىڭ مودېلى بار بولۇپ، مەن كومپيۇتېردا ھېسابلاش ئېلىپ بېرىپ، ئاشۇنداق قاراڭغۇ-رايوننى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلەيمەن. شۇ ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك ئىشلارنى قىلىمەن:
       --تېلېسكوپ زاپچاسلىرىنىڭ تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچلىرىنى تەييارلاش: تېلېسكوپ نورمال ئىشلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئوپتىكىلىق زاپچاسلىرى قايسى دەرىجىدە ياخشى بولۇشى كېرەك؟
      --ئاشۇ تېلېسكوپ ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغان ئەڭ ياخشى نەتىجىنى مۆلچەرلەش.
      --تېلېسكوپنىڭ ھەر خىل خاتالىقلارغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى ھېسابلاپ ئېنىقلاش.
      --تەجرىبىخانىدىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قايسى ئىشلارنى قىلىش ۋە قانداق ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەكلىكىنى ئېنىقلاپ بېرىش.
      --ئەگەر تەجرىبىخانىدا ئېرىشكەن نەتىجىلەر نەزەرىيە جەھەتتىن مۆلچەرلىگەن نەتىجىلەردىن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ناچار بولسا، ئاشۇنداق ئەھۋالنى نېمە كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىش.
       يۇقىرىقىلار مەن قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىر قىسمىدىنلا ئىبارەت. بىزنىڭ ئىدارىدە ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىلىك «پاكىز ئۆي» (clean room) نىڭ ئىچىگە ئورنىتىلغان، مېتالدىن ياسالغان «ھەقىقىي بوشلۇق ئۆيى» (vacuum chamber) دىن بىر قانچىسى بار بولۇپ، بىز ئۇلاردا بىرلا ۋاقىتتا 3 تېلېسكوپنىڭ تەجرىبىسىنى ئېلىپ بارالايمىز. بىز بۇ مېتال ئۆيلەرنىڭ ئىچىدىكى ھاۋانى پۈتۈنلەي تارتىپ چىقىرىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئىچىدە خۇددى ئالەم بوشلۇقىدىكى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى «ھەقىقىي بوشلۇق» نى ھاسىل قىلىمىز. تۆۋەندىكى 4-رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى ئەنە شۇنداق «ھەقىقىي بوشلۇق ئۆيى» نىڭ بىرى.

4-رەسىم

4-رەسىم

4-رەسىم: بىزنىڭ ئىدارىدىكى مېتالدىن ياسالغان «ھەقىقىي بوشلۇق ئۆيى» نىڭ بىرسىنىڭ كۆرۈنۈشى.
        تۆۋەندىكى 5-رەسىمدە بىر يۇلتۇزنىڭ قاراڭغۇ-رايون ھاسىل قىلىشتىن بۇرۇنقى رەسىمى بىلەن قاراڭغۇ-رايون ھاسىل قىلغاندىن كېيىنكى رەسىمى كۆرسىتىلدى. بۇ رەسىم 6-رەسىمدە كۆرسىتىلگەن، بۇ يىل ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ئىلمىي ماقالە (10-رەسىمدىكى 1-ماقالە) دىن ئېلىندى. بىزنىڭ گۇرۇپپا بۇ يىل مۇشۇنداق تېلېسكوپتىن ئىككى خىل تېلېسكوپ ھەققىدە ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ماقالىلەرنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرى ماقالىنىڭ ئاستىدا (10-رەسىمدە) بېرىلدى. مەن بۇ ئىككى پارچە ماقالىنىڭ 1-ئاپتورى. بۇنداق ماقالىلەردە دوكلات قىلىنغان يېڭىلىقلارغا ئاپتورلارنىڭ ھەممىسى ئوخشىمىغان دەرىجىدە تۆھپە قوشقان بولىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاساسىي تۆھپىكار بولۇپ، ماقالىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنىمۇ مەن يازىمەن. قالغانلار زۆرۈر تېپىلغاندا تۈزىتىش ۋە تولۇقلاش ئېلىپ بارىدۇ.
7-رەسىم بىز بۇ يىل ئېلان قىلغان 2-ماقالىنىڭ باشلىنىش قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى پارچە ماقالىدا دوكلات قىلىنغىنى ئىككى خىل تېلېسكوپ لايىھىلىرى ھەققىدىكى يېڭىلىقلاردۇر.

5-رەسىم

5-رەسىم

5-رەسىم.

6-رەسىم

6-رەسىم

6-رەسىم: بىزنىڭ 2014-يىلى «خەلقئارا ئوپتىكا ئىنژېنېرلىرى جەمئىيىتى» نىڭ ماقالە توپلىمىغا بېسىلغان بىر پارچە ئىلمىي ماقالىمىزنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى.

7-رەسىم

7-رەسىم

7-رەسىم: بىزنىڭ 2014-يىلى «خەلقئارا ئوپتىكا ئىنژېنېرلىرى جەمئىيىتى» نىڭ ماقالە توپلىمىغا بېسىلغان يەنە بىر پارچە ئىلمىي ماقالىمىزنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى.
        ئادەتتە بىر تېلېسكوپنى ياساپ چىققاندا، ئۇنىڭدا ئېرىشكىلى بولىدىغان قاراڭغۇ رايوندىكى نىسپىي نۇر كۈچى 10 نىڭ مىنۇس 5-دەرىجىسىگىچە بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدا تاشقى پلانېتىلارنى بىۋاسىتە كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇنداق تېلېسكوپلارنىڭ ھەر بىرىدە بىر ياكى ئىككى دانىدىن شەكلى ئېلېكترونلۇق سىگنال بىلەن ئۆزگىرىدىغان ئۆزگىرىشچان ئەينەك بار بولۇپ، ھەر بىر ئەينەك 32X32=1024 دانە ياكى 48X48=2304 دانە ئېلېكترونلۇق سىگنالنى قوبۇل قىلىدۇ. بىز تېلېسكوپنى ئىشلىتىش جەريانىدا ئاشۇنداق ئەينەكنى كونترول قىلىپ، قاراڭغۇ رايوندىكى نىسپىي نۇر كۈچىنى 10 نىڭ مىنۇس 10-دەرىجىسىگە چۈشۈرىمىز. مەن ھازىر مۇشۇ تېخنىكىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 2008-يىلى مەن مەخسۇس مۇشۇ تېمىدا بىر پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدىم.

       3. بىر خەلقئارالىق ژۇرنالنىڭ تېشىغا بېسىلغان «قاراڭغۇ رايون»
       مەن 2007-يىلى يازغان بىر پارچە ئىلمىي ماقالە «ئامېرىكا ئوپتىكا جەمئىيىتى» چىقىرىدىغان ئايلىق خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرنال «قوللانما ئوپتىكا» (Applied Optics) غا بېسىلغان بولۇپ، مەن ئاشۇ ماقالىغا كىرگۈزگەن «قاراڭغۇ رايون» نىڭ 4 پارچە رەسىملىرى ئاشۇ ژۇرنالنىڭ تېشىغا بېسىلدى. بۇنىڭغا ئائىت بىر قىسىم ئۇچۇرلار تۆۋەندىكى 8- ۋە 9-رەسىملەردە بېرىلدى.
       تۆۋەندىكى 10-رەسىمدە بۇ يىل ئېلان قىلىنغان 2 پارچە ماقالىنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرى بېرىلدى. ئەگەر ئىچكىرىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئۇكىلار بۇ ماقالىلەرنى ئوقۇشقا قىزىقساڭلار، بۇ ژۇرنالنى ئۆز مەكتىپىڭلارنىڭ كۇتۇپخانىسىدىن تاپالايسىلەر. بۇ ماقالىلەرنى مەكتىپىڭلارنىڭ كۇتۇپخانىسىدىكى كومپيۇتېر ئارقىلىق چۈشۈرۈۋالغىلىمۇ بولۇشى مۇمكىن.

8-رەسىم

8-رەسىم

8-رەسىم: مەن 2007-يىلى «قوللانما ئوپتىكا» دەپ ئاتىلىدىغان خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرنالدا ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىنىڭ ئۇچۇرى. مەن ئاشۇ ماقالىغا كىرگۈزگەن 4 دانە «قاراڭغۇ رايون» نىڭ رەسىملىرى مەزكۇر ژۇرنالنىڭ تېشىغا بېسىلدى.

9-رەسىم

9-رەسىم

9-رەسىم: مېنىڭ 2007-يىلى «قوللانما ئوپتىكا» دەپ ئاتىلىدىغان خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرنالغا بېسىلغان بىر پارچە ئىلمىي ماقالەمنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى.

10-رەسىم

10-رەسىم

10-رەسىم: 2014-يىلى 8-ئايدا «خەلقئارا ئوپتىكا ئىنژېنېرلىرى جەمئىيىتى» نىڭ ماقالە توپلىمىغا بېسىلغان ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالىنىڭ تولۇق ئۇچۇرلىرى.

مەزكۇر ماقالە بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەن بۇرۇن تەييارلىغان تېمىلار:
(بۇ ماقالىلار باغداش، ئىزدىنىش ۋە مىسرانىم تورلىرىدا بار)
1.مەن قىلغان بىر يېڭىلىق ناسا ژورنىلىدا خەۋەر قىلىندى
2. مەن قاتناشقان بىر يېڭىلىق — ئالەم تېلېسكوپىدا يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش

قوشۇمچە:
        يېقىندا ئۆزھال ئۇكىمىز بىلەن مەن ئىككىمىز چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئۆز يۇرتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەسىلىسى، ھەمدە بىر ئادەم بەخىتلىك ياشاش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەكلىكى مەسىلىسى ھەققىدە ئىزدىنىش تورىدا بىر ئاز سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.  مېنىڭچە ئۆز ھاياتىنى قەدىرلەپ، ئۆزىدىن چوڭراق ئىشلارنى قىلىپ، ئۆز ئۆمرىنى ئەھمىيەتلىك ۋە بەخىتلىك ئۆتكۈزمەكچى بولغان قېرىنداشلار ئۈچۈن بۇ سۆھبەتتىكى مەزمۇنلارنىڭ بەلگىلىك پايدىسى بار.  ئەگەر سىز ئۇنىڭغا قىزىقسىڭىز، ئۇ سۆھبەت تۆۋەندىكى يازمىنىڭ ئاستىدىكى ئىنكاسلار ئىچىدە بار:
http://bbs.izdinix.com/thread-59240-1-1.html
        بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1765
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6609
توردىكى ۋاقتى: 1557
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-15 17:55:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ئىگەم سىزدەك ئالىملىرىمىزنىڭ ئەقلىنى تېخىمۇ زىيادە، ئۆمرىنى تېخىمۇ ئۇزۇن قىلسۇن !
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

802

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   60.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26143
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 256
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-15 18:12:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدىڭ ۇيغۇر تۇرىكتەرىنىڭ اراسىنان مۇنداي غالىم شىغۋى بارلىق تۈركى خالقى ۇشىن ۇلكەن ماقتانىش. بۇدان دا ۇلكەن بىيكتەردەن كورىنىڭىز!

4

تېما

0

دوست

2335

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3432
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 260
تۆھپە : 561
توردىكى ۋاقتى: 362
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-15 18:52:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە مۇبارەك بولسۇن،ھەممىمىز پەخىرلەنگۈدەك نەتىجە بوپتۇ.

0

تېما

0

دوست

328

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30797
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 92
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-15 18:57:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئاللاھ تىنىڭىىزگە يەنىمۇ  سالامەتلىك،ئەقلىڭىزگە يەنىمۇ بەركەت  ئاتا قىلسۇن.ماقالىلىرىڭىز نىڭ تىلى شۇنچىلىك ئاممىباپ بولسىمۇ لېكىن بىلىم قۇرۇلمامنىڭ تۈۋەنلىكىدىن يەنىلا ياخشى چۈشىنەلمىدىم.سىز قىلىۋاتقان ئىشلار بىزلەردىن بەكلا يىراقتا بىلىنىدۇ.ھەر قېتىم سىزنىڭ ماقالىلىرىڭىزنى ئۇقۇسام  ئۈزەمنىڭ ۋاختىنى بەكمۇ ئەھمىيەتسىز ئۈتكەندەكلا ھىس قىلىمەن.

2

تېما

0

دوست

2942

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25610
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 908
توردىكى ۋاقتى: 317
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-15 19:22:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئۇلۇغ ئاللا  سىزنى مەڭگۈ ئەزىز قىلسۇن ، ئىشلىرىڭزنى ئۇتۇغلۇق قىلسۇن .
     تىخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قازىنىشىڭىزغا چىن دىلىمدىن تىلەكداشمەن .

1

تېما

0

دوست

6354

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30578
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 2050
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-15 19:27:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەن-تېخنىكىغا بىرىلگەن ئەلللەر ئاسماندا ئۇچىۋاتىدۇ، دىنغا بىرىلگەن ئەللەر بىربىرىنىڭ كاللىسىغا ئوق ئېتىۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ پەن-تېخنىكا مىللىتى بولىشى ئۈچۈن سىلەردەك زىيالىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بەك ئېغىر.
كەلگۈسى سىلەرنىڭ قۇلۇڭلاردا.

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30801
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-15 19:45:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ ئۇتۇقلىرنى تەبىرىكلەيمەن.ئاللادىن سزنىڭ تىڭىزنىڭ سالامەت،ئىمانىڭزنىڭ سالامەت،قىرىنداشلىرىڭىزنىڭ،پەرزەتلىرڭىزنىڭ سالامەت بولىشىنى چىن كۆڭلىمدىن تىلەيمەن.شۇنداقلا سىزگە ئوخشاش تۇرسۇنجانغا(بىلگەجان) ئوخشاش ئىلىم دىڭىزدا ئۇزىۋاتقان قىرنداشلارنىڭ ئوزنىڭ قىلۋاتقان ئىلمى ئەمگەكلىرىدىن ئازدۇر-كۆپ ئۆز قىرنداشلىرىغا يۇللاپ تۇرسا گەرچە كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلىرىمىز بۇ ئىلىمى ماقالىلەرنى تولۇق چۇشىنەلمىسەكمۇ،لىكىن بىزدەك ئىلمگە قىزقىدىغان كىلىدغان روھى ئوزۇق تولىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.
شۇڭا مەيىلى ئۆز دىيارىمىزدىكى،ئىچكىردىكى،چەتئەللەردىكى قىرداشلارنىڭ ئۆزنىڭ ساغلام بولغان ئىلمى ئەمگەكلىردىن كەڭ خەلقىمىزگە سۇنىشنى سەممى ئۆمد قىلمەن!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )