- تىزىملاتقان
- 2012-2-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1268
- نادىر
- 0
- يازما
- 48
ئۆسۈش
26.8%
|
مەن بۇلتۇر باغداش تورىدا «سادىر پالۋان قەبرىسى مۇڭلۇنىپ قاپتۇ » دىگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە يازغان ئىدىم ، ئەينى چاغدا ھەقىقەتەن بۇ مەشھۇر خەلق قەھرىمانىنىڭ قەبرىسىنىڭ تاشلىنىپ قالغانلىقى ، مۇڭلانغانلىقى قەلبىمدە بىر خىل ئېچىنىش تۇيغۇسى پەيدا قىلغان ئىدى . تېمام باغداشتا بېرىلگەندىن كېيىن نۇرغۇن تورداشلار ماڭا ئوخشاش ھېسسىياتتا بولۇپ مەن بىلەن ئورتاقلاشقان ئىدى ھەم بۇ قەبرىنى قوغداپ قېلىش ھەققىدە نۇرغۇن قىممەتلىك تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى . ئارىدا بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتتى ، مەندە ئىزچىل تۈردە سادىر پالۋان قەبرىسى يەنىلا ئەنە شۇ خىل غېرىپ ھالىتىدە مۇڭلۇنىپ تۇرغانمىدۇ ؟ ئۆز شەۋكىتىنى نامايەن قىلالىغانمىدۇ ؟ دىگەن خىيال ئىچىدە يۈردۈم .
نىھايەت ! بۇ يىل يەتتىنچى ئايدا غۇلجىغا ئۈگىنىشكە بېرىشىمغا توغرا كەلدى . مانا شۇ پۇرسەتتە مەن قارىمايدىن كەلگەن بىر تونۇشۇم بىلەن سادىر پالۋان قەبرىسىنى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلىپ كېلىش نىشانىنى بەلگىلەپ شەھەردىن سادىر پالۋان قەبرىسى جايلاشقان موللاتوختى يېزىغا قاراپ جۆنىدۇق . مەنزىلگە كېلىپ خاتا كېلىپ قالدىممۇ نىمە دىگەن تۇيغۇدا ئەتراپىمغا قارىدىم . تۇيغۇم خاتا بولدى چۈنكى ئىلگىركى ئىت باغلاپ قويىدىغان زەنجىردە زەنجىرلەنگەن ئەبگا دەرۋازىنىڭ ئورنىغا زامانغا لايىق كۆركەم دەرۋازا ئورنىتىلغان بولۇپ ، ماڭلىيىغا كىشىنىڭ مىللىي ئىپتىخارىنى قوزغايدىغان پالۋىنىمىزنىڭ مۇبارەك نامى تىلغا ئېلىنغان نام بىلەن كۆركەم ۋېۋىسكا ئېسىلغان ئىدى ، دىمەك مەن ئاڭقىرالماي قالغان بۇ جاي سادىر پالۋاننىڭ بىز سېغىنىدىغان تاۋاپگاھى ئىدى ، زەي پۇراپ تۇرىدىغان ، ئىچىگە كىرسە كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان كۆك نامراتنىڭ ئۆيىدىنمۇ بەتتەر ئەبگالىشىپ كەتكەن سادىر پالۋانغا دائىر ۋەسىقىلەر قويۇلغان ئۆي غايىپ بولغان بولۇپ ، ئورنىغا پىششىق خىشتا نەپىس ھەم كىشى كۆڭلىنى يورىتىدىغان ئۆي سېلىنغان ئىدى .
ئۆي ئىچىنى تۆت نەپەر ئۇيغۇر يىگىتى زىننەتلاۋاتقان بولۇپ ئۇلار بىزنىڭ كىرگىنىمىزنىمۇ تۇيمىغان ھالدا ھەر بىر نەقىشكە ، ھەر بىر گەجگە پۈتۈن مېھرىنى بېرىپ زىننەتلاۋاتاتتى .
سادىر ياتقان سۇپا ، سادىر ياتقان ئۆڭكۈر كۆزئالدىمىزدا نامايەن بولۇپ ئادەم ئىختىيارسىز شۇ زامانلارغا كەتكەندەك تۇيغۇدا بولاتتى ، پۈتۈن كۆرىنىشتىن ھەقىقەتەن بۇ ئورۇنغا ئاز ئەجىر سىڭگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى ، مەن ئەنە شۇ جايدا ئىشلەۋاتقان مېھرى ئىسسىق بىر ياشتىن قاچاندىن بېرى بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلغانلىقىنى ، قانچىلىك دەسمىي سېلىنغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلدىم ، قىزىق ئىش مەن ئەھۋال ئىگىلىگەن بۇ ياش دەل مۇشۇ قەبرىگاھقا دەسلەپكى قەدەمدە 750مىڭ يۈەن مەبلەغ سالغان ھەم ماي بوياق رەسىمچىلىكىدە كۆزگە كۆرۈنگەن قۇربانتاي ئىكەن ، ئۇنىڭ چېھرىدىن بىر خىل ئىپتىخارلىنىش بالقىپ تۇراتتى ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشىنى داۋراڭ قىلىشنى خالىمىدىمۇ ئەيتاۋۇر سۇئالىمغا قىسقىچىلا جاۋاپ بېرىپ يەنىلا ئۆز ئىشىغا كىرىشىپ كەتتى ، ئۇنىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن قىلىۋاتقان ئىشىغا قاراپ قايىللىقىم ھەسسىلەپ ئاشتى سەۋەبى ئۇ بۇ ئىشنى ئۆزى بىر قوللۇق باشلاپ ، قول سېلىپ ئىشلەۋاتقان ئىكەن ، دىمەك سادىر پالۋان قەبرىسى ئىلگىركى بىچارە ھالىتىدىن بىراقلا ئۆزگەرگەن بولۇپ ، كىشىگە يىپيېڭى بىر دۇنيانى ئەسلىتەتتى ، مەنمۇ خوشال ھالدا بۇ جايدىن ئايرىلدىم ھەم كېچىكىپ بولىسىمۇ بۇ يازمىنى يوللاپ بۇلتۇر تورداشلىرىمنىڭ غەش بولغان كۆڭلىنى خوش قىلىش ئۈچۈن سۇندۇم . |
|