گەندى قانداق قىلىپ ئەنگلىيەنى ھىندىستاندىن قوغلاپ چىقىرالىدى؟
مۇخانداس كارامچاند گەندى (1869-1948)ھىندىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتىنىڭ ئاتاقلىق داھىيسى. ئۇ پۈتۈن ھاياتىنى ھىندى مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىق ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ھىندىستان خەلقى تەرپىدىن ‹‹مۇقەددەس ئاتا›› دەپ ئۇلۇغلانغان. ئۇ ئاتاقلىق سىياسى داھى بۇلۇپلا قالماي يەنە مەشھۇر مۇتەپەككۇر بۇلۇپ، ئۇنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي ۋە دىنىي ئىدىيىسى پۈتكۈل ھىندىستان يېرىم ئارىلىدا غايەت زور ھەم چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغان. ئانا پەرزىنىت تەربىيىسىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى مۇنبەرداشلارغا مەلۇم، گەندىنىڭ ئانىسى گەندى ھۆرمەت قىلىدىغان مەزلۇم ئىدى، ياخشى ئايال، پەزىلەتلىك ئانىلارنىڭ بارلىق ئىسىل پەزىلەتلىرى ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن ئىدى، ئۇ يەنە تەقۋادار ئايال بۇلۇپ، پەرھىز ۋە ئىبادەت قىلىشتا ئىنتايىن ئەستايىدىل ئىدى. گەندىنىڭ نەزىرىدە ئانىسى پاكلىقنىڭ سىمھولى ئىدى. گەندى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئەخلاقتىمۇ، ئوقۇشتىمۇ ياخشى ئوقۇغۇچى ئىدى. نۇرغۇن قېتىم ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشكەن ئىدى. گەندى دوست تۇتۇشنى ياخشى كۈرەتتى. گەندى باشقىلار بىلەن ئىسلاھاتچى بۇلۇش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش ئارزۇسىدا دوستلۇق ئونىتاتتى. ئۇ ئىدىيە كىيىن بۇ ئۇلۇغ ئەرباپنىڭ ئاساسىي پەزىلىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. گەندى 13ياشقا كىرگەندە، ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتىكى كاستۇبى بىلەن توي قىلدى، بالدۇر توي قىلىش ئەينى چاغدىكى ھىندىستاندا ئومۇمىييۈزلۈك ھادىىسە ئىدى. ئۇ ئەر-ئايال ئۆزئارا سادىق بۇلۇشنى بىرىنجى ئورۇنغا قويدى. كېيىن نۇرغۇن قىينچىقلارنى يېڭىپ ئەنگىلىيىگە ئوقۇشقا بېرىپ، لوندىن ئۈنۋىرسىتىدا قانۇن ئۈگەندى، نۇرۇغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندى، كۆردى، چۈشەندى، ئەنگىلىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئارقىلىق ئۆز ۋەتنىنى بېسىپ ياتقان ئەنگىليە مۇستەبىتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر بىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشتى، ئەنگىليەدە ئوقۇش پۇرسىتى ئۇنىڭغا قانات ئاتا قىلدى، ھەمدە دۇنياۋى نەزەر بىلەن ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىرادىسىگە كەلتۈردى. جەنۇبى ئافرىقىدا ناتۇرال مەجلىسىنى قۇردى. بوئىر ئۇرۇشىدا ھىندىستان قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى تەشكىللەپ، ئەنگىلىيە ئارمىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. كونگىرىسلار پارتىيىسىنىڭ 17-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېغىنىغا قاتناشتى ھەمدە جەنۇبى ئافرىقىدا ‹‹ھىندى ئوبزورى›› نى نەشىر قىلدى. ‹‹خەلىقنىڭ ساداسى، خۇدانىڭ ساداسى››دەپ بىلگەن گەندى ‹‹زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەي، قارشىلىق كۆرسىتىش›› پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، جەنۇبى ئافرىقا دائىرلىرىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش پەرمانىغا قارشى تۇرغان. ھەمدە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن لوندۇنغا تەلەپ قويۇشقا بارغان، ‹‹ھىندىستان ئاپتۇنومىيىسى›› ئوقۇمىنى شەكىللەندۈرشكە ئاساس سالغان. ھەمدە ‹‹زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەسلىك، ھەمكارلاشماسلىق›› ھەركىتىنى تەشكىللەپ جەنۇبى ئافرىقا دائىرلىرىنىڭ ھىندىلارنى كەمسىتىدىغان كۆچمەنلەر قانۇنىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. تەرتىپ ساقلاش ئەترىتى تەشكىللەپ ۋە تەربىيلەپ ھەممە يەرگە ‹‹پادىشاھقا سادىق بولايلى، خۇداغىمۇ سادىق بولايلى››، ‹‹ھىندىستان مۇھاجىرلىرى ئەركىنلىككە مۇھتاج›› دىگەندەك شۇئارلارنى چاپلىغان، ئۇ ئەترەت ئەزالىرىنى تەشكىللەپ ئۆيمۇ-ئۆي بېرىپ، كىشىلەرگە بۇ قانۇنغا قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقنى تەشۋىق قىلغان، ھەمدە بۇ قىتىمقى ھەركەتتە نەتىجە قازانغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇكى، بۇ غەلبە قۇرال كۈچى ئارقىلىق قارشى تەرەپنى مەغلۇپ بۇلۇشقا مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى مۇھەببەت ۋە سەمىمىيلىك بىلەن قولغا كەلگەن. گەندى خەلق ئاممىسى بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن بۇلۇپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىكى ۋە تەربىيىسىدە دېھقانلار ھەركىتى غەلبە قىلدى. ھۆكىمەت دائىرلىرى يول قويۇشقا مەجبۇر بولدى. گەندى ئۆز خەلقىگە مۇھەببەتنىڭ كۈچ قۇدرىتىنى، مۇھەببەتنى زورلۇق كۈچ ئورنىغا قۇيۇشنى تىنماي تەشۋىق قىلدى، ھەمدە بۇ گەندىنىڭ ھەركەت مىزانىغا ئايلاندى. گەندى ئىزچىل ھالدا مىللەت ئادەمگە ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئاجىز بولسا ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالىدۇ، دەپ قارايتتى. ئۇ ‹‹ھىندىستان ئاپتۇنۇمىيىسى›› دىگەن كىتاپتا مۇنداق دەپ يازغان: ‹‹بىز ئۆزىمىز ھىندىستاننى ئىنگىلىزلارغا ھەدىيە قىلدۇق، ئۇلارنىڭ بۇ يەردە تۇرغانلىقى ئۇلارنىڭ بىزدىن قۇدرەتلىك بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئۇلارنى باققانلىقىمىزدىن بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ھىندىستان ئۆز رازىلىقى بىلەن ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى مەملىكەت بويىچە توختىتىدىغان بولسا، ئۇلار مۇقەررەر ھالدا گۇمران بۇلۇپ، ھىندىستاننىڭ تارىخ سەھسىنىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ.›› گەندى ھىندىستان كونگېرىسلار پارتىيسىگە ئۆز تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلىش توغىرىسدا مەسلەھەت بەردى: ‹‹ھۆكىمەت خىزمەتچىلىرىگە ئەنگىلىيە ئورگانلىرىدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىش توغىرسىدا نەسىھەت قىلىش، ئاۋدۇكاتلار ئەنگىلىيچە سوتقا قارشى تۇرۇش، ئوقۇغۇچىلار ئىنگىلىزلار ئاچقان مەكتەپلەردە ئوقۇشنى رەت قىلىش، مەملىكەت بويىچە ھەممە كىشى ئەنگىلىيە ماللىرىنى بايقۇت قىلىش، بارلىق كىشىلەر ۋەتەننىڭ سادىق خىزمەتكارى بولۇش، ئاڭلىق ئىختىيارى ھالدا زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەسلىك ھەركىتىنىڭ جەڭچىلىرىدىن بۇلۇپ، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش لازىم.›› گەندىنىڭ تەشەببۇسى خەلىقنىڭ كۆڭلىگە ياقتى، ئۇ پۈتۈن ھىندىستاننىڭ خەلق داھىيسىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ چاقىرقى بىلەن، ھۆكىمەت خىزمەتچىلىرى ئەنگىلىيە ھۆكىمىتىنىڭ ئورگانلىرىغا ئىشقا بارمىدى، ئاۋدۇكاتلارمۇ ئىشلىمىدى، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە بارمىدى، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان شەھەر ئاھالىلىرى يېزىلارغا بېرىپ دىھقانلارنىمۇ زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەسلىك، ھەمكارلاشماسلىق ھەركىتىگە قاتنىشىشقا چاقىردى. ھىندىستان خەلقى ئويغاندى، ئۇلار خۇددى نەچچە ئەسىر غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتقان ئەركەك شىردەك ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ ھۆكىرەپ، توسقىلى بولمايدىغان كۈچ قۇۋەتكە ئىگە بولدى. ئۇلار قەدىر قىممەتكە ئىگە بۇلۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلدى، مىللەتنىڭ قەدىر -قىممىتى ئۈچۈن جان پىدا قىلىشقا ھەرۋاقىت تەييار تۇردى. ھىندىستاننىڭ شەھەر يېزىلىرىدا، ھەممىلا يېرىدە كىشىلەرنىڭ چەتئەل كىيملىرىنى كۆيدۈۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. بارلىق كىشىلەر، باي -كەمبەغەل، ياش، جىنىس ئايرىماي، مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ بىرلەشكەن، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى مىسلىسىز بىردەك ئىتىپاقلاشقانىدى. گەندى سوتقا چۈشكەندە ئەنگىلىيەلىك سوتچىغا مۇنداق دىگەنىدى : ‹‹ھىندىستان بەك نامرات، ئۇ قۇرلسىزلاندۇرۇلغان، سىرىتنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرالىغۇدەك ھېچقانداق كۈچ يوق، ھەتتا ئۇنىڭ ئاپەتكە قارشى تۇرۇش كۈچىمۇ ئىنتايىن ئاجىز. شەھەرلەردە كەڭ دىھقانلارنىڭ ئاچارچىلىق دەستىدىن ھالاكەتكە قاراپ كىتىۋاتقانلىقىنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ئىرىشكەن تاپان ھەققى بەدىلىگە راھەت -پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ ئويلاپ يىتەلمەيدۇ. بۇ تاپان ھەقلىرى دەل ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىدىن شىلىۋېلىنغان. ئەگەر سىلەر يېزىلارغا بېرىپ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ھالەتنى كۆرۈپ باقىدىغان بولساڭلار، شۇ چاغدا خۇدۇڭلارنى تاپىسىلەر… مېنى قاتتىق جازالىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن، ھەم خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىمەن، بۇ قانۇندا قەستەن جىنايەت سادىر قىلغانلىق دىيىلىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئېىتقاندا، بۇ بىر پۇقرا ئىگە بولغان ئەڭ ئالىي شان-شەرەپتۇر!›› گەندى ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلنغان. لاۋرات قانۇن لايىھىسىگە قارشىلىق بىلدۈرۈپ، زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەي قارشىلىق كۆرسىتىش مەجلىسىنى قۇرغان، ھەمدە مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي بازار تاشلاشنى تەشكىللىگەن. تۇز بېجىنى كېمەيتىش ئۈچۈن، ئۆزى پىدائىيلارغا باشچىلىق قىلىپ، دېڭىز بويىغا بېرىپ تۇز چايقاپ، مەملىكەت بويىچە ئىنقىلاپنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى شەكىللەندۈرگەن. قارا خەلق سىنىپنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلىش ئۈچۈن 21كۈن ئاچلىق ئىلان قىلغان. گەندى ھىندىستان بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتىپاقلىشىشىنى تەشەببۇس قىلغان. 1942-يىلى ئەنگىلىيىنى ھىندىستاندىن چىقىرۋېتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويغان. گەندى سۈيقەستكە ئۇچراشتىن ئىلگىرى مۇنداق دىگەن ئىدى. ‹‹ئەگەر مەن كىسەل بۇلۇپ ئۆلۈپ كەتسەم، چىيقان بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئىسمى -جىسمىمغا لايىق مۇقەددەس قەھرىمان ھىساپلانمايمەن، ئەگەر بىر كىشى ماڭا ئوق چىقىرىپ خۇددى ئالدىنقى كۈنلەردە بەزىلەر مىنى پارتلىتىشقا ئۇرۇنغانغا ئوخشاش، ئوق مىنىڭ كۆكرىكىمگە تەگسە، مەن قىلچە نالە قىلماي، خۇدانىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ ئۆلىمەن، ئۇنداق بولغاندا خەلققە پايدىلىق بولىدۇ.››
1948-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتقاندا، ھىندى دىنى مۇرىتلىرى تەرپىدىن ئوق تىگىپ قازا قىلدى. مۇقەددە ئاتا گەندى ئۆز خەلقى تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلدى، ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆز جېنىنى قۇربان قىلغان ئىدى، ھىندىستان خەلقى ‹‹مۇقەددەس ئاتا، بىزنى كەچۈرۈڭ›› دەپ يىغلاشتى.
خيالىي دۇنيادىن رېئاللىقا،
گەندى بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان ئىشلارنى ئورۇنداپ ۋاپات بولدى، پۈتۈن ھىندىستاندا، ھەرقايسى مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىكى قىرغىنچىلىق شۇنىڭدىن باشلاپ ئاخىرلاشتى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر ئۆز دۆلىتنىڭ مۇستەقىل بولىشى بىلەن ئاخىرلاشقان ئۇلۇغ تارىخى داراممنىڭ باش رول ئالغۇچىسى ئىدى. گەندى ھىندىستان سىياسى سەھنىسىنىڭ پۈتكۈل خارەكتىرىنى ئۈزۈل كىسىل ئۆزگەرتتى، ئەمما بىر ئۆزى ئۆزگەرمىدى، ئۇنىڭ ئوبرازى كۈچەيدىكى ئاجىزلىمىدى، ئۇرۇش ئىس-تۈتەكلىرى ۋە شاۋقۇن سۈرەنلىرى ئىچىدە ئۆز خارەكتىرىنى ساقلاپ كەلدى. ئۇ ۋەتەن ئۈچۈن ئاخىرقى نەپسىگىچە ئىشلەشكە قەسەم بەرگەنىدى، ئارخىرى مۇرادىغا يەتتى. ئەگەر سىز ھىندىستانغا ساياھەتكە چىقسىڭىز، ھىندىستان خەلقى بۇ مۇقەددەس قەھرىماننى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن ياسىغان بىر خاتىرە تاشنى كۆرەلەيسىز، بۇ خاتىرە تاش قارا تاشتىن ياسالغان بۇلۇپ، ئۈستىگە ئىنگىلىز ۋە ھىندى يېزىقىدا گەندىنىڭ تۆۋەندىكى تەلىمى ئۇيۇلغان: ‹‹مەن ھىندىستاننىڭ ئەركىن، قۇدرەتلىك، ئۆزنى قۇربان قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان بۇلۇشىنى، شۇنداقلا دادىللىق بىلەن بىر گۈزەل دۇنيا يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز ھەربىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن قۇربان بىرىشىمىز، ھەربىر ئائىلە ئۆز ناھىيسى ئۈچۈن قۇربان بىرىشى، ھەربىر ناھىيە ئۆزىنىڭ ئۆلكىسى ئۈچۈن قۇربان بېرىشى، ھەربىر ئۆلكە ئۆزىنىڭ دۆلىتى ئۈچۈن قۇربان بىرىشى، ھەربىرىمىز پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن قۇربان بىرىشى لازىم. جەننەتنىڭ پانى ئالەمگە يېتىپ كىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.›› مانا ھازىر ئىنسانلار مەدەنىيەت خەزىنىسى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قۇشۇشتەك ئۇزاق ئەنئەنىسىنى قوغداپ قالغان بۇ دۆلەت دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قەيسەرلىك بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.
http://www.mengutas.com/kutuphana/?p=1424 |