قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2114|ئىنكاس: 8

مەن يەنە كۆچەرمەنمۇ نىڭ داۋامى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

6

دوست

2001

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29515
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 630
توردىكى ۋاقتى: 105
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 17:34:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتئادەمگە ھەرخىل قىسمەتلەرنى ئېلىپ كىلىدىكەن.بۇ تاش شەھەردە يۈرىكىم تاش بولۇپكەتمىسىكەن دەيمەن.شۇنداق قىلىپ يەنە ئۇكامنى چاقىرىپ ئىشتىن چۈشىدىغانۋاقىتتىن  ئىككى سائەت بۇرۇن ئىشتىنچۈشتۈم.يىراق بولسىمۇ ھەر ھالدا پەقەت ئۆزۈمگىلا تەۋە بولىدىغان تۇرىدىغان ئۆيتاپتىم.شۇ كۆڭۈلنىڭ خوشلىقىدا تېخى ئىككى كۈن ئالدىدا تازلاپ رەتلەپ بىر ئادەمنىڭنەرسە كىرەكلىرى پاتمىغان ئۆيگە ئۈچىمىزنىڭ نەرسە كىرەكلىرىمىزنى پاتقۇزۇپ شۇنچەيېقىملىق قىلىپ رەتلەپ قويغان بۇ ئۆينى يەنە ئۆز قولۇم بىلەن قالايمىقانلاشتۇرۇپقويدۇم.نىمەم كەم بولسا شۇنى ئېلىپ ئاساسەن دىگۇدەك كەم نەرسەممۇ يوق ئىدى،شۇڭاكۆچۈش ئۈچۈن رەتلىگەن نەرسە كىرەكلىرىم ئۆينىڭ ئىچىنى بىر ئالدى.نەرسەكىرەكلىرىمنى ماشىنىغا بېسىپ بولغاندىن كىيىن ئۆزۈممۇ بىلىپ بولمايدىغان بىر خىلنەزەر بىلەن ئۇ ئۆيگە قارىدىم دە يېڭى ئۆيۈمگە ماڭدىم.يېڭى ئۆي ئالتىجى قەۋەتتەئدى.مەن ئۇكام ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆي كۆچۈشتە رىكورت ياراتقاندىم.ھەر قېتىمئۆي كۆچۈشۈپ بەرگىلى سىىنىپىدىكى دوستلىرى نۆۋەتلىشىپ كىلىپ،ئۇكام ئاغىنىلىرىگەماڭا ياردەملەشكىن دىسە يەنە ئۆي  كۆچەمدۇقدەيدىغان بولدى دىيىشىپ چاقچاقلار بىلەن يېڭى ئۆيۈمگىمۇ كەپ قالدۇق.شۇنداق قىلىپبۇ قېتىم ماڭا كۆچىشىپ بىرىدىغان ئادەم ئاز،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي بەكمۇئىگىزدە،ئۈچىمىز چىلىق چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ بىر سائەتتە ئاران دىگەندە نەرسەكىرەكلىرىمنى ئۆينىڭ ئىچىگە توشۇپ بولدۇق.ئىنىم ئۇلار يەنە مەكتىپىگە كەتمىسەبولمايتى،نەرسە كىرەكلەرنى تاشلىغان يەردە شۇ پېتى قويۇپ پەسكە تاماققا چۈشتۇق.بۇتەرەپ سەل چەت بولغاچقا تۈزۈكرەك ئاشخانىمۇ يوق دىيەرلىك،نىمە ئامال،يولدىنئۆتىدىغان يولۇچىلار بىلەن بىللە قىستىلىشىپ ئولتۇرۇپ تاماقنىمۇ يىدۇق.يولۇچىلاربىلەن بىللە ئولتۇرۇپ يىگەچكىمىكى ئۆزۈمنىمۇ خۇدى يولدىن ئۆتەر يولۇچىدەك ھىسقىلماقتا ئىدىم.ئىش قىلىپ ئۆينى قانداق تىز كۆچكەن بولسام تاماقنىمۇ شۇنداقتىزلىكتە يەپ ئىنىملارنى مەكتەپكە بېرىپ ماڭا ئۇچۇر قىلىۋىتىشنى تاپىلاپ يېڭىئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم.بۇ ئۆي گەرچە چەترەك بولسىمۇ ياخشى يېرى قاتناش قولاي ئىدى،بر ت  مۇ يەنە باشقا كوچا ئاپتىبوسلىرىمۇئۆتۈپ تۇراتتى.ماڭا ھەممىدىن ياققىنى بۇ قورۇ بەكمۇ جىمجىت،ئاساسەن دىگۇدەكياشانغانلار بىر قەدەر كۆپ ئىدى.پەستە چېنىقىۋاتقان بوۋاي مومايلارغا،يۈگۈرۈشۈپئويناپ يۈرگەن كىچىك بالىلارغا ھەۋەس بىلەن قاراپ قويدۇم.ئۆيگە چىقىپ ئالدى بىلەنقىلغىنىم ئالدىن بانكىدىن ئېلىپ تەييار قىلىپ قويغان ئىككى ئايلىق ئۆي پۇلىنىتاپشۇرۇپ قولدىن ھۈججەت ئېلىۋلغاندىن كىيىن پۇت قويغۇدەك جايمۇ قالمىغان بۇ ئۆينىرەتلەش بوپتۇ.سائەت ئىككىگىچە ئۆينى رەتلەپ ئۇخلىغۇدەك جاينى تەييار قىلىپبولغاندىن كىيىنبۇ ئۆزۈمگە تەۋە بولغان كارۋاتتا قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنىبىلەلمەيلا قالدىم.ئۆي كۆچىمەن دەپ يۈرگەن مۇشۇ كۈنلەردە ھېچقانداق چۈشمۇ كۆرمەيئۇخلىغان كۈنۈم بولۇپ ھىساپلىناتتى(بەلكىم چۈش كۆرگەندىمەن،لىكىن ئىسىمدە يوقئىدى).سەھەر تۇرۇپ ئادەتلەنگەن ۋاقتىم بىلەن تۇرۇپ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا دۇئادىن كىيىنتۇنجى ئەتىگەنلىك ناشتىنى قىلىپ ئىشقا ماڭدىم.ئاپتىبوسقا ئولتۇرۇپ ئۆزۈمنى خۇددىسەھراغا چىقىپ قالغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم.بۇ خىل تۇيغۇ بەكمۇ غەلىتەئىدى.ئۆز-ئۆزۈمدىن سورايتىم،مەن ئەسلىدىنلا يىزىدا چوڭ بولغان تۇرقلۇق،ئەجەپغەلىتە بىرخىل خىيالنى قىلدىمغۇ،توۋا،بۇخىل خىيال مەن قىلىدىغان خىيالئەمەستەك.مۇشۇنداق ئەلەس خىياللار بىلەن نەچچە كۈنمۇ ئۆتۈپ كەتتى،ئىشخانىغا بېرىپبىزنىڭ ئىشخانىدىكى ئەر ئايال خىزمەتداش ئاچاش ئاكاشلار بىلەن بىر قورۇدائىكەنلىكىمنى بىلدىم.ئۇلارنىڭ ماشىنىسى بار ئىدى،بەلكىم بۇمۇ بىر تەغدىردۇ،شۇنداققىلىپ ھەركۈنى ئىشقا ئۇلار بىلەن بىللە بېرىپ كىلىپ ئاممىۋى ئاپتىبوسقا تۆلەيدىغانپۇلۇممۇ تىجىلىپ قالغانىدى.ئىشتىن چۈشۈپلا ئۇلار بىلەن بىللە ئۇدۇل ئۆيگە قايتىپكىلەتتتىم.تۇرمۇشۇم بىرخىل رىتىمغا چۈشكەنىدى.ئىشتىن چۈشۈپ بەزىدە تاماق ئەتسەمبەزىدە ئۇنىڭ بۇنىڭ بىلەنلا قورسىقىمنى گوللاپ يا كىتابىمنى يا بولمىسا ئالبومنىقۇچاقلىغىنمچە ئۇخلاپ قالاتتىم.مۇشۇنداق ئۇخلاپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە،تۇيۇقسىزئاڭلانغان كۈلكە ئاۋازى ۋە غەلىتە بولغان بىر خىل پۇراقنىڭ دىمىغىمنىئېچىشتۇرىشىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم.كۈلكە ئاۋازلىرىغىغۇ خېلىلا كۆنۈپمۇقالغانىدىم،لىكىن بۇ غەلىتە پۇراق بەكمۇ غەلىتە ئىدى.بىر تەرىپى گۈلنىڭ پۇرىقىدەكيەنە بىر تەرىپى ئىشقىلىپ مەنمۇ دەپ بىرەلمەيدىغان بىر خىل پۇراق.ياتاق ئۆيۈمنىڭدەرىزىسىنى تاقىۋىلاي دىسەم بۇ ئىسسىقتا ئادەم تىجىقتىن ئولتۇرغىلى  بولمىسا،تازىمۇ بىر مۇشۇ ھەرەڭ-سەرەڭ بىر بەسەچىكىدىغان بەڭگىلەر مۇشۇ ئۆينىڭ كەينىگە بېرىپ چەككىچە نېرى بېرىپ چەكسەبولىدۇ،ئىچىمىدە مىڭنى غودۇراپ كۆرمەي تۇرۇپ  كىمنىڭ چەككىنىنى بىلمەي تۇرۇپ ئۆز كۆڭلۈمدەمەلۇم ئادەملەرنى تىللاپ كەتكەنتىم.دېرىزىنى تاقىۋىلىپ ئىسسىققا چىدىمىغاندىنكىيىن دېرىزىنى ئېچىپ پەسكە قاراپ پەستە ھېچكىمنىڭ يوقلقىنى كۆرۈپ ئۆي ئىچىدىنگۇمانلىنىشقا باشلىدىم،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇغەلىتە پۇراق سۇسلىماقتا يوق بارغانسىرى كۈچەيمەكتەئىدى.شۇنىڭ بىلەن بىر بېسىپ،ئىككى بېسىپ ئاستا مىھمانخانىغا چىقتىميۇ كۆزلىرىمگەئىشەنمەيلا قالدىم.مىھمانخانا كىرىسلودامەن بىلەن بىللە تۇرىدىغان ياتاقدېشىم يەنەئۇنىڭ بىر دوستى ئىككىسى كۆزلىرى ئەلەس ھالەتتە مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىرنەرسىنى سۈمۈرۈپ ئولتۇراتتى.ئۇ نەرسە بەكمۇ غەكىتە بولۇپ تۇربا شىلىنكىسىدەك ئۇزۇنشىلىنكىنى تۇتۇپ سۈمۈرۈپ ئولتۇراتتى ،شىلىنكىنىڭ بېشى ئەينەكتىن ياسالغان چەينەككەئوخشاپ كىتىدىغان بىر نەرسىنىڭ ئىچىدە سۇ بار ئىدى ،ئۇنىڭ ئۈستىدىن  يۇمىلاق بىر يالغان چوغقا ئوخشايدىغان  نەرسىنىڭ ئاستى تەرەپىدىن تۈتۈن چىقىۋاتاتتى.تۈتۈننىڭ رەڭگىنى راستنى دىسەم ئانچە ئاڭقىرالمىغان ئىدىم .مەن كىنولاردىن ئاقچەككەننى كۆرگەن ،شۇڭا ئۇلارنىڭ چىكىۋاتقىنىنىڭ ئاق ئەمەسلىكىگە جەزىمقىلدىم.كاللام ئىشلەشتىن ئوتتۇز سىكۇنت توختاپ قالدى بولغاي چەكچەيگىنىمچە ئۇئىككىسىگە قاراپ جايىمدا قېتىپلا قالغانىدىم.ئۇئىككىسى مىنىڭ ئويغىنىپ چىققىنىمنىسەزمىدى بولغاي تېخىچە قاتتىق ھوزۇردا ئىدى.بۇ ۋاقىتتا كاللامغا كەلگىنى ئۇلارنىمە چىكىۋاتىدۇ ئەمەس مەن يەنە قانداق بولۇپ مۇشۇنداق قىسمەتلەرگە يولۇقىمەن؟زادىنىمىشقا؟مەن بىرەسىگە يامانلىق قىلغىنىمنى ياكى ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىغىنمنىبىلمەيمەن.كەينىمگە يېرىم بەدەن ئۆرۈلۈشۈمگە ياتاقداش قىزنىڭ چاقىرغان ئاۋازىبىلەن خۇددى يامان چۈشتىن چۆچۈپ ئويغانغاندەك ئۇلار تەرەپكە ئەمەس كەينىمگە تولۇقئۆرۈلۈپ بولغانىدىم.پۇتلىرىم ئۆزۈمگە بويسۇنىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.لىكىن مەنئۆرۈلگەن پېتى شۇ جايىمدا قېتىپ قالغاندەك بىر قەدەممۇ ئالدىغاماڭالمىغانىدىم.توۋا دەيتىم ئىچىمدە،مەن چۈش كۆرۈۋاتقان ئوخشايمەن.نىمانداقئالدىمغا بىر قەدەممۇ ماڭالمايمەن.ياتاقدىشىم مىنىڭ تامدەك تاتىرىپ كەتكەنچىرايىمنى كۆرۈپ يەنە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن قاقاقلاپ كۈلگىنىدە مەن ئۆزۈمنىڭ چۈشئىچىدە ئەمەس رىئاللىق ئىچىدە ئىكەنلىكىمنى بىلدىم.ئۇ ئىككىسى خۇددى مىنى تۇنجىكۆرۈۋاتقاندەك كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ قارىشىپ،توۋا بۇنىمۇ بىلمەمسىز بى دىگەنچىلىم،گۈلنىڭ جەۋھىرى،بەدەنگە پايدىسى با تېخى،قاراڭ،قورقۇپ چىرايىڭىزنىڭ بوپكەتكىنىنى،ھاھاھا.....
ئۇئىككىسىنىڭ چەككىنى نىمىلا بولمىسۇن مەندەك بىر ھېلىغۇ ئۇنداق ئەزەلدىن كۆرۈپباقمىغان نەرسە،ياق چىكىملىك،بولسۇن ،تاماكا چىشلىگىنىنى ياكى سومكىسىدىن تاماكاچىقىپ قالسىمۇ ئۆچلىكىمدىن كۆزلىرىمدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ كىتەتتى.بۇئىككىسىگە قاراپ ئەمدى نىمە دەي.ئۇلارنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇشتىنمۇ يالتىيىپ مەنئۇخلاۋىرەي،بۇنىڭ پۇرىقى بەك كۈچلۈككەن،مەن تېخى سىرىتتا بىرسى بىر نەسەچىكىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن دىدىم ۋە قانداق چىققان بولسام ئۇنىڭ ئىككى ھەسسىتىز سۈرەتتە ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم.شۇنىڭدىن ئىتبارەن ياتاقدېشىم بىلەنئارامدا كۆرۈنمەس تام ئارلىق توسۇپ تۇرىۋاتقاندەك.
مانامۇشۇ تەرىقىدە بىر مەزگىل مەن مىھمانخانا ئۆيگىمۇ چىقماس بولدۇم.دەسلەپكىچاغلاردىكىدەك بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىغان ئىشلارغۇ مومكىن بولمايدىغان ئىش.مۇشۇنداقئارلىق ساقلاپ يۈرۈپ رامىزان ئايلىرىمۇ كىرەي دەپ قالدى.بۇ ياتاقدېشىم ئورىنىپيۈردىغان قىز بولغاندىكىن ھېچ بولمىسا رامىزاندىمۇ بولسا ئەمدى ئۇ ھېلىقى ئىپلاسنەرسىنى ئاغزىغا ئالماس دەپ ئويلايتىم.بىز تەڭ پۇل چىقىرىپ رامىزانلىق ئۈچۈن ئۇنماي گۈرۈچ ئالدۇق.رامىزنىننىڭ بىرىنجى كۈنىلا مىنىڭ بۇ يېڭى ئۆيۈمگە مىھمانلىرىميېغىپ كەتتى،مىنىڭ يىقىن دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى ئالدىن دىيىشىپ مىنى ئۆي كۆچتى دەپيوقلاپ كەلگەنىكەن.جەمئى بولۇپ مەن ئۆزۈم ھەم ياتاقدېشىم قوشۇلۇپ ئالتە قىز بالابولغانىدۇق.رامىزاننىڭ بىرىنجى كۈنىنى ئالتىمىز ئۆز قولۇم بىلەن ئوخشىتىپ  ئىتىلگەن سۇيۈقئاش بىلەن كۈتىۋالدۇق.پەرتۇقشۇنداق يارىشىپ كەتكەنتىكى ئۇلار ئۈچۈن ئاشپەزلىك ھۈنىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئىشقاسالغانىدىم.كەچتە ئۆي كىچىك بولغاچقا رامىزاننىڭ بىرىنجى كۈنىلا تۈنەش نىسىپبولغانىدى.كارۋىتىم ،مىھمانخانىدىكى كىرىسلو ھېچ يەر بىكار قالمىغانىدى.مەن يەنەزوھۇرلۇق ئۈچۈن تەييارلىقلارنى پۈتتۈرۈپ ئاشخانىدا سەي تاختىسىنىڭ يېنىغايۆلىنىپلا ئۇخلاپ قالغانىدىم،بەلكىم ئون بەش مىنوتلارچە ئۇخلىغاندىمەن تىلفۇننىڭسەيرىشىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ لەغمەننىڭ تەييارلىقلىرىنى باشلىۋەتتتىم.شۇنداق قىلىپرامىزاننىمۇ كۈتىۋالدۇق.كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتمەكتە ئىدى.بۇ چاغلاردا كۆپىنچەئۆيدە يالغۇز قالاتتىم .ياتاقدېشىم ھەپتە ھەپتىلەپ ئۆيگە كەلمەس بولۇپقالغانىدى.ئۇنىڭ ئۆيگە كىلىپ ھېلىقى نىجىس نەرسىنى چىكىپ ئولتۇرغىنىدىنكەلمىگىنىمۇ ياخشى ئىدى،لىكىن شۇنداقتىمۇ كۆڭلۈمنىڭ بىر يەلىرىدىن ئۇنى قايتىپكەلسىكەن دەيتىم.گەرچە ئۇ نەرسىنى چەكسىمۇ لىكىن ھېچ بولمىغاندا ماڭا يامانلىققىلغىنى يوق.ئۆي كۆچكىچە ئاز كۈنلەرنى كۆرمىدىم.ئۇ ماڭا نورمال مەن قوبۇلقىلالايدىغان باھادا بۇ ئۆينى ئىجارىگە بەرگەن،ھەم ئۈچ ئايلىق ئىجارە  پۇلنى بىراقلا تۆلە دەپ تۇرىۋالمىدى.ئاشۇ مەنياقتۇرمايدىغان بىر ئىشىنى ھىساپقا ئالمىغاندا قالغان تەرەپلىرى ياخشىئىدى.مۇشۇنداق خىياللارنى قىلىپ يۈرگەن كۈنلەردە بۇ ئۈرۈمچىدە يېشىل كارتا دولقۇنىقوزغالدى.مەن گەرچە ئوقۇغۇچى بولساممۇ ،لىكىن نۇپۇسۇم بۇ يەردە بولمىغاچقا،ھەم ئاسپىرانتلىقنىڭقوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى.ھەم بۇ قورۇغا قاراشلىكئاھالىلىەر كومتىتىدىن ئۆيگە كىلىپ بەش كۈنگىچە يېشىل كارتىنى بىجىرىپ كىلىشىمكىرەكلىكىنى ئۇقتۇردى.قانداق قىلالايتىم،ئۆيگە تىلفۇن قىلىپ ئۇكامنى ئۇ كارتىنىبىجىرىپ پوچتىدىن تىز يوللانما قىلىپ يوللاپ بىرىشنى ئېيىتتىم.لىكىن مىنىڭ بۇياتاقدېشىم يەنىلا خۇددى ئىز دىرەكسىز يوقاپ كەتكەندەك ھېچقانداق خەۋىرى يوقئىدى.مۇشۇنداق بۇ ئۆيدە يالغۇز ئۈچ ھەپتىدەك تۇرۇپ،ھېيىتلىق ئۆيگە قايتىشقا تەييارلىققىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ياتاقدېشىم بىر ئوغۇل بالا بىلەن ئۆيدە پەيدا بولۇپقالدى.ئاددىيغىنا سالام ساھەتتىن كىيىن ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم ،ئۇ كەينىمدىنكىرىپ بۇ بالىنىڭ ماڭا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن چاغدا ئازراق گىپىنى قىلىپ بەرگەنبالا ئىكەنلىكىنى،ئىككىسىنىڭ يارىشىپ قالغانلىقىنى ،پات ئارىدا چاي ئىچۈرۈپ تويقىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.مەنمۇ ياخشى بوپتۇ،مۇبارەك بولسۇن ،توينى قاچانراق قىلايديسىز دىدىم،ئونىنچى ئايلاردا قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز دىدى.مەنمۇ ئۇنىڭغا ئۆيگەقايتىپ ھېيىت ئۆتكۈزۈپ كىلىدىغىنىمنى ئېيتىپ كىيىنكى ئايلىق ئۆي ئىجارىسىنى قايتىپكىلىپ تاپشۇردىغانلىقىمنى ئېيىتتىم .ئۆيگە قايتىشنىىڭ خۇشلىقىدا ئۇنىڭدىن جىقگەپمۇ سورىماپتىمەن،لىكىن شۇنىڭدىن ئىتبارەن بۇ ئۆيدە ئۈچىمىز بولدۇق.ئۇنىڭ ئوغۇلدوستىمۇ مۇشۇ ئۆيدە تۇراتتى.دەسلەپتە يات جىنىس ئۆيگە كىرگۈزمەيمىز دەپ دىيىشكەنبولساقمۇ ،توي قىلىمىز دىگەنلىكى ھەم بۇ ئۆينىڭ ئۇنىڭ نامىدا ئىكەنلىكى بولغاچقائامالسىز ھېچنەرسە دىيەلمىدىم.ئۆيگە قايتىشنىڭ ئالدىدىكى ئاشۇ بىر ھەپتىنىڭ قانداقئۆتكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرەلمەيتىم.ئۆيدە يات بىر جىنىس بولغاچقىمىكى ئۆزۈمگە ئەينىچاغدا شۇنداق خاتىرجەملىك بەخىش ئەتكەن بۇ ئۆيدە ئەمدى ئۆزۈمنى شۇنداق قىسىلىپقالغاندەك ھىس قىلماقتا ئىدىم.رامىزان بولغاچقا ئىشتىن چۈشۈپ ئۇدۇل ئۆيگەقايتاتتىم دە ئۆيگە قايتىپ ئۆزۈمنى تاشلاپ يېتىپ كىتەتتىم .بەزىدە ئىپتاغىمۇ ئارانمىدىرلاپ تۇراتتىم .ئۇ ئىككىسى نىمىشقىكى رامىزان تۇتمىغان ئىدى.شۇڭا بەزىدەماڭىمۇ تاماق ئېلىپ قوياتتى،ئىككىمىز بىللە ئالغان ئۇن ماي گۈرچلەرنىمۇ بىر نەچچەقېتىم تاماق قىلغانچە ئىشلىتىپ باقمىغان ئىدىم .بۇنداق قىسىلچىلىقلاردىنمۇقۇتۇلۇشقا ئاز قالغانىدىم .ئۆيگىمۇ قايتتىم .ئۆيگە بارغاندا قانداقمۇ ئۆيدىكىلەرگەبۇ كۆچمەنچىلىكنى دىگىلى بولسۇن .ھەممە شۇنداق ياخشى،ئورىنىپ يۈرىدىغان شۇنداقياخشى بىر قىز بىلەن بىللە تۇرىۋاتىمەن دەپ ئۆيدىكىلەرنى خاتىرجەم قىلغانىدىم .ھېيىتنىمۇخۇش خۇرام تۈگەتتۇق،مەن يەنە قايتىپ كەلگەنىدىم .قايتىپ كىلىپ ئۆيدە كۆرگىنىميەنىلا بۇرۇنقى ھالەتتە بولدى.پويىزدىن ئەمدى چۈشكەچكە ھارغىنچىلىقتا ئارتۇق گەپقىلغۇممۇ كەلمىدى ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم ۋە ياتاق ئۆيۈمنى بىرە قۇر تازلاپئېيتىپ سۈرتۈپ دىگەندەك ئىشلاردىن كىيىن يەنە ئۆزۈمنى تاشلىغىنمچە ئۇخلاپقالغانىدىم .بىر چاغدا بىرسىنىڭ ئىشىكنى يېنىك چەككەن ئاۋاز ئاڭلاندى،دەلدۈگىنىپ دىگەندەكئىشىكنى ئاچتىم .ئىشىك ئالدىدا ياتاقدېشىم بىر قاچا سۈيۈقئاشنى تۇتقىنىچە تۇراتتى.ئۇنىڭ كىيىنىشلىرىمۇ ئۆزگىرىپ قالغان بولۇپ ھېيىتتىن بۇرۇنقى،ياق ،ئوغۇل دوستى بۇئۆيگە كەلمەس چاغدىكىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ قالغانىدى.ياغلىقنى يەنىلا بېشىغا چىڭئورىغان بولۇپ،گىرىم قىلمايدىغان،يېڭى ئۇزۇن كىيىملەرنى كىيىدىغان بولۇپ قالغانىدى.ھەم مەن يېڭى كەلگەن چاغدىكى ئۇپوچىلىقى،ئويۇنخۇمارلىقى خۇددى پارغا ئايلىنىپ كەتكەندەكلا.رەھمەت دىدىم ۋە قىززىقسۈيۈقئاشنى ئۇنىڭ قولىدىن ئاۋايلاپ ئېلىپ ئىچتىم .راستنى دىسەم سەپەر ھارغۇنچىلىقىدابۇ سۈيۈقئاش بەكمۇ دىگەن يېرىمگە بارغانىدى.سۈيۈقئاشنى ئىچىپ بولغاندىن كىيىنچىقىپ قاچىنى يۇيىۋەتكەندىن كىيىن ياتاق ئۆيۈمگە قايتىپ خىيالغا پاتتىم .مەن يېڭىتۇنۇغان بۇ ياتاقدېشىم بىلەن بايا ماڭا ئاش ئەكىرىپ بەرگەن بۇ قىزنى بىرمۇ بىرسېلىشتۇرۇپ چىققانىدىم .ھېلىمۇ ئىسىمدە،ئۇنىڭ بىر دوستى كىلىپ نەچچە كۈن تۇرۇپلاخاپا بولۇپ كەتكەنىدى،چۈنكى ئۇنى نەرسە كىرەكلىرىنى قالايمىقان قويىدىكەن،ئۆينىپاكىزرەكمۇ تۇتمايدىكەن،ياغلىقنى بېشىغا ئورىۋىلىپ گىرىمنى بولىشىغا قىلىپ،يەنە شۇئوينايدىغان يەرلەردىن كەلمەي،ئۆيگە قايتماي قىلغىنى نىمىسى دەپ كىتىپقالغانىدى.نەچچە قېتىم ئۇ قىز تېخى ماڭا ئۇنىڭدىن نېرى تۇرۇڭ دەپ  ئىشارە قىلغاندەك.مەن بايا كۆرگەن بۇ قىز ئۇچاغدىكى ياتاقدېشىمغا خېلى بەك ئوخشىمايدىغاندەك.ئۆيلەر پاكىز تازلانغاندىن باشقا،ئاشخانىمۇ خېلى رەتلىك ھەم مايمۇ خېلى ئازلاپ قاپتۇ.مۇشۇنداق خىياللار بىلەن يەنەئۇخلاپ قاپتىمەن.ئەتىسى نامازغا قوپقاندا ئۇنىڭمۇ پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تازلىقئۆيىگە كىرىپ كەتكىنىنى سەزدىم .بىردەمدىن كىيىن ئاشخانىدا تاراق تۇرۇقئاڭلاندى.مەن تېخى ئۇنى يەنە دورا قاينىتىۋاتقان چېغى دەپتىمەن.ئىشقا ماڭاي دەپتۇرسام چاي قىلدىم ،ناشتا قىلىپ مېڭىڭ دىدى.بىر ئوبدان چاي ئىچىپ ناشتا قىلىپمېڭىڭ دەۋاتسا قانداقمۇ رەت قىلاي.لىكىن مىھمانخانىغا چىقىپ بىللە ناشتا قىلىشتىنيالتايغان ئىدىم.ئۇ كۆڭلۈمدىكىنى سەزگەندەك بىر چىنە چاي بىلەن بىر پارچە ناننىكۆتۈرۈپ ياتاق ئۆيۈم ئالدىدا يەنە پەيدا بولدى.رەھمەتلا دىيەلىدىم پەقەت،ئالدىراپناشتىنى قىلىپ ئىشقا ماڭدىم .ئۇ ماڭا بارغانسىرى ئۆزگىرىپ قالغاندەك تۇيۇلماقتائىدى.مۇشۇ تەرىقىدە ئەتىگەنلىك ناشتا ۋە كەچلىك تاماق ئاساسەن دىگەندەك ئۇنىڭقولىدىن بولىۋاتاتتى.بىر كۈنى ئەتىگەندە ئۇ مەندىن ناشتىغا نىمە قىلىپ بەرسەم بولادىدى.مەن ھالۋا قىلىڭ بولمىسا دىدىم چاقچاق قلىپ.ئۇ مەن قىلىشنى بىلمەيتىم .ئەجەپياخشى ئۈگىنىۋالغاچ بىر قىلىپ باقاي يەپ مېڭىڭ ئەمسە دىدى.مەن بىر تەرەپتىن ئىشقاماڭىدىغانغا تەييارلىق قىلغاچ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا ئانامنىڭ ھالۋا ئىتىشجەريانىدا دەپ ئۈگەتكىنى بويىچە ئۇنىڭغا دەپ بىرىۋاتاتتىم .ھالۋا پىشىشقا ئازقالغاندا ئىشقا بىللە بېرىپ كىلىۋاتقان ئاچاشنىڭ تىلفۇنى سايراپ قالدى.قىيمىغانھالدا ئىشقا ماڭدىم .يەنە بىر كۈنى دوستلىرىم بىلەن بىللە پاراڭلىشىپ كەچسەككىزگىچە ئۆيگە بارمىغانىدىم .تىلفۇنۇم سايراپ قالدى،قارىسام مىنىڭ ياتاقدېشىمئىدى.تىلفۇندا ئۇنىڭ قاچان كىلىسىز .ھەركۈنى بالدۇر كىلىدىغان ئادەم ھېچ كەلمەيسىزشۇڭا تىلفۇن قىلىپ باقاي دەپ دىگىنىنى ئاڭلىدىم ئمۇشۇ كەمگچە بەزىدە كەچ قالساممىنىڭ ئەڭ يېقىن ھىساپلايدىغان ئاشۇ بىر ئىككى دوستۇمدىن باشقا بىرەسى مەندىنئەنسىرەپ باققان ئەمەس.ئۇنىڭ بۇ تىلفۇنى مىنى شۇنداق تەسىرلەندۈردىكى تىلفۇننىقويۇپ بولغاندىن كىيىن يۈرىكىمنى بىرخىل تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان ئىللىق سېزىمقاپلىغاندى.بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئوغۇل دوستىغا رەھمەت ئېيىتسام يەنە بىر تەرەپتىنماڭا مۇشۇنداق كۈنلەرنى كۆرسىتىۋاتقان ئۇلۇغ ئاللاھقا شۈكرى دىمەكتە ئىدىم .نەچچەكۈندىن كىيىن ئۇ ئىككىسىنىڭ چېيىمۇ ئۆتكۈزۈلدى.گەرچە مەن تويدىن بۇرۇن بىللەتۇرىدىغانلارنى ئانچە ياقتۇرمىسامممۇ،لىكىن ھازىر بولغاندا ئۇ ئىككىسىگە ھېچقانداقپىكىرىم يوق ئىدى.يەنىلا بۇرۇنقىدەك ناشتىنى ئۆزۈمنىڭ ياتاق ئۆيۈمدە قىلاتتىم .ھەمچىن كۆڭلۈمدىن ئۇ ئىككىسىگە بەخىت تىلەيتىم .
خاتىمە:مانابۇلار ئۇزۇنمۇ ئەمەس ئىككى ئاي ئىچىدە بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ئىدى.بۇ قىسقىغىنەئىككى ئاي ئىچىدە ئۈچ قېتىم ئۆي كۆچۈپتىمەن.توۋا دەيتىم ،ھەرخىل ئىشلار.ھەرخىلئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىپتىمەن.بەزىدە تۇرۇپ ئويلاپ قالاتتىم،ھەربىر ئىشنىڭ بىريامان تەرىپى بولسا يەنە بىر خەيرىلىك تەرىپىمۇ بولىدىكەن.ئۆي كۆچۈش شۇنداق تەسبىر ئىش بولسىمۇ ،مۇشۇ ئۆي كۆچۈش سەۋەپلىك ھاياتتا بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ بېقىشقاتىگىشلىك بەزى سىناقلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ ئۆزۈمنى ئىككى ئاي ئىچىدىلا خېلى چوڭبولۇپ قالغاندەك ھىس قىلاتتىم .مانا ئوقۇش باشلاشقىمۇ ئاز قالدى،كىيىنىكى قېتىمئەمدى بىراقلا ئاشۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ بىخەتەر قورغان،ھاۋاسى ئەڭ ساپ بولغانمەكتىپىمگە كۆچۈپ كىتىمەن.مىنىڭ بۇ قىسقىغىنە بولغان ئۆي كۆچۈش كەچۈرمىشىمنىكۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشىم،ھەرۋاقىت ھاياتقا كۈلۈپ قارىساق،ئۆز بېشىمىزغاكەلگەن ئىشلاردىن ۋايساپ،قاخشاپ كەتمەي،ئىشلارنىڭ خەيرىلىك تەرىپىنىمۇ ئويلىشىشئارقىلىق ئۆز ئۆزىمىزگە تەسەللى تېپىشىمىز كىرەكلىكىنى ھىس قىلدۇرۇش.
مەنبەسى ئۆز قەلىمىم

ئۇلۇغ ئاللادىن ئ

4

تېما

8

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   41.99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5764
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5741
تۆھپە : 4302
توردىكى ۋاقتى: 1199
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 05:24:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھۋالدىن قارىغاندا يەنە كۆچىسىز ،چۈنكى توي قىلماي بىرئۆيگە كىرىۋالغان‹‹ يىگىت ››تويدېن كېيىنمۇ چوقۇم شۇئۆيدە داۋاملىق تۇرىدۇ........
داۋاملىق ياخشى تېمىلارنى يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ...
قەلەم تۇلپارىڭىز ھېرىپ قالمىغاي
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

2

دوست

3563

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26478
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1078
توردىكى ۋاقتى: 285
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 11:01:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرنەرسە چەككەنلەر قىزبالىما؟ئۇلارنىڭ چىكىۋاتقىنى تورلاردا دىيىلىۋاتقان ئەرەپلەردىن كىرگەن ئاتالمىش چىشقا پايدىلىق نەرسە شۇمۇ؟

1

تېما

0

دوست

2236

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6235
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 214
تۆھپە : 561
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 11:13:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما تىمىنىڭ  باشتىكى قىسمىنى تىمىنىڭ باش تەرپىگە قىستۇرۇپ قويغان بولسا باشقۇرغۇچىلار  بۇرۇن كۆرمىگەنلەر  كۆرۈۋالسا ....................

ھاياتنىڭ قىممىت

4

تېما

1

دوست

3165

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11436
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 204
تۆھپە : 847
توردىكى ۋاقتى: 306
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 11:30:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تويدىن بۇرۇن بىر ئۆيگە كىرىۋىلىش چوڭ خىيانەت ھەم جىنايەت. ئۇ شۇ شەخىسلەرنىڭ ئۆزى، ئەۋلادى ۋە شۇلارغا گۇۋاھچى بولغان، قوللىغان، ھەۋەس قىلغان، توغرا چۈشەنگەن بارلىق كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئېڭىغا ئاپەتنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىيدۇ، ئىبلىسنىڭ ئەۋلادلىرىغا بازار ئاچىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنى توغرا چۈشىنىشنىڭ ئۆزىمۇ چوڭ ئېزىش، چوڭ ئاپەتنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر!

ھاياتنىڭ قىممىت

4

تېما

1

دوست

3165

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11436
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 204
تۆھپە : 847
توردىكى ۋاقتى: 306
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 11:33:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تويدىن بۇرۇن بىر ئۆيگە كىرىۋالغانلارغا لەنەت بولسۇن!!!
    ئېسىت ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىغا!!!

25

تېما

1

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   35.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15695
يازما سانى: 653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 7884
توردىكى ۋاقتى: 295
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 20:51:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە سۆزىنى ئۇلاپ بىر خەت قىلىپ يېزىۋەتكەن بولسىڭز ئوقۇشقا بەك ئاسان بولاتتى

1

تېما

1

دوست

317

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   8.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16279
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 88
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 10:32:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك  ياخشى  تىمىلارنى يازىدىكەنسىز.   مەنمۇ  كۆپرەك  تىمىلارنى  يېزىپ  يوللاپ  تۇرسام  بولغۇدەك   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )