قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6827|ئىنكاس: 75

ئىغۋا: «ئابلاجان ناۋايخانىسىدىكى ناۋايلار تونۇرغا سىيدى»

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

17

دوست

4010

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1292
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 18:13:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئابلاجان ناۋايخانىسىنىڭ ناۋايلىرى تونۇرغا سىيگەنلىكتىن ناۋايخانا پېچەتلەندى» دېگەن
ئۇچۇر پۈتۈنلەي ئىغۋا


شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى مۇخبىرى ئەسقەرجان ئەنۋەر


«ئابلاجان نانلىرىنى يېگىلى بولمايدۇ، بەزىلەر بۇ ناۋايخانىدىكى ناۋايلارنىڭ نانغا سىيىپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ، ساقچىلارغا دېلو مەلۇم قىپتۇ، سەھىيە نازارەت تارماقلىرىمۇ بۇ ئىشنىڭ راستلىقىنى بېكىتىپتۇ، ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يولىدىكى ئابلاجان ناۋايخانىسى پېچەتلىنىپتۇ، بۇ ئۇچۇرنى دەرھال تارقىتىڭ، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىڭىز ئابلاجان نانلىرىنى قايتا سېتىۋالمىسۇن.»
مانا بۇ ئىيۇلدىن ئاۋغۇستقىچە ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە شىددەت بىلەن تارقىتىلغان ئۇچۇر.
بۇ ئۇچۇر راستمۇ؟ ھەقىقىي ئەھۋال زادى قانداق؟ مۇخبىر 17 – ئاۋغۇسىت بۇ توغرىسىدا ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار ۋە شىنجاڭ ئابلاجان نانلىرى زەنجىرسىمان گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىنى زىيارەت قىلدى.
«دوستلار چەمبىرىكى» دە يامرىغان ئىغۋا

شىنجاڭ ئابلاجان نانلىرى زەنجىرسىمان گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئابلېز ئابدۇللا 3 – ئاۋغۇست شىركەتنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسى قاتارلىق رەسمىيەتلەر ۋە «ئابلاجان ناۋايخانىسىنىڭ ناۋايلىرى تونۇرغا سىيىپ قويغانلىقتىن دۇكان تاقالدى» دېگەن ئۇچۇر تارقىتىلغان يانفونىنى كۆتۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەڭرىتاغ رايونلۇق شۆبىسى شىخابا ساقچىخانىسىغا بېرىپ دېلو مەلۇم قىلدى.
ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىچە، يۇقىرىقى ئۇچۇر 24 – ئىيۇل بۆرتالادىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۈندىدارىدا تارقالغاندىن كېيىن، بارا – بارا باشقىلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان.
ئۈرۈمچى شەھىرى بەخت يولىغا يېقىن جايدا ئولتۇرۇشلۇق دۇ xx 25 – ئىيۇل بىرەيلەننىڭ دوستلار چەمبىرىكىدىن يۇقىرىقى ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كېيىن، دوستلار چەمبىرىكىدە ئۇنى كۆچۈرۈپ تارقاتقان. ساقچىلار دۇ xx نى تېپىپ، ئۇنىڭدىن: «بۇ ئۇچۇر قەيەردىن تارقالغان؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ: «بۇ ئۇچۇرنى ئىچكى ئۆلكىدىكى بىر دوستۇم تارقىتىپتىكەن، مەن ئۇنى كۆرگەندىن كېيىن، دوستلار چەمبىرىكىمدە تارقىتىپ قويغانىدىم» دەپ جاۋاب بەرگەن. ساقچىلار دۇ xx تىن يەنە: «سەن بۇ ئۇچۇرنىڭ ساختا ياكى ھەقىقىيلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ نېمىشقا تارقاتتىڭ؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ: «بۇ ئۇچۇرنى تارقىتىشىمنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كۆپچىلىك ھەممىدىن كۆڭۈل بۆلۈدىغان مەسىلە، مەن بۇ ئۇچۇرنى دەسلەپتە كۆرگەندە ناھايىتى جىددىيلەشتىم ۋە ئۇنى دوستلار چەمبىرىكىمدە تېزدىن تارقىتىش ئارقىلىق كۆپچىلىكنى ئاگاھلاندۇرماقچى بولدۇم» دېگەن.
ساقچىلار قايتا – قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئۇچۇرنىڭ دەسلەپكى تارقىلىش مەنبەسىنىڭ بۆرتالا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان.

ئىغۋانىڭ ناچار تەسىرى يوقىلىۋاتىدۇ

ـــ ئون نەچچە كۈن ئاۋۋال ئۈندىداردىن بۇ ئىغۋانى كۆرگەن بىر خېرىدار  بىزگە ئەھۋال ئىنكاس قىلغان، ـــ دېدى شىنجاڭ ئابلاجان نانلىرى زەنجىرسىمان گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مالىيە ئىشلىرى باش نازارەتچىسى ئەسقەر تۇرسۇن. شىخۇڭ يولىدىكى ئابلاجان ناۋايخانىسى 1997 – يىلى ئاۋغۇستتا تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان ھازىرغىچە بۇنداق ئىغۋا تارقىلىپ باقمىغانىكەن.
ـــ ئىغۋا تارقالغاندىن كېيىن، ماركىمىزنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يەتتى، سودىمىزمۇ زور زىيانغا ئۇچرىدى، كۈندىلىك سېتىش سوممىمىز بۇرۇنقىدىن % 20 ــ % 50 كىچە تۆۋەنلەپ كەتتى. شىخۇڭ يولىدىكى ناۋايخانىمىزنى مىسالغا ئالساق، بۇرۇن بۇ ناۋايخانىمىزدا كۈنىگە تۆت-بەش مىڭ نان سېتىلاتتى، ئىغۋا تارقالغان مەزگىلدە كۈنىگە ساتقان نېنىمىز ئىككى مىڭغىمۇ يەتمىدى، ـــ دېدى ئەسقەر تۇرسۇن.
ئىغۋا تارقالماستا بۇ شىركەت ئىچكى ئۆلكىدىكى بىر چوڭ يېمەكلىك كارخانىسى بىلەن سودا ھەمكارلىقى ئورناتماقچى بولغان، بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئورنىتىلىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نان مەدەنىيىتىنى مەملىكەتكە تارقىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. بىراق ئىغۋا تارقالغاندىن كېيىن، قارشى تەرەپ توختام تۈزۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 40 تىن كۆپرەك ناھىيەدە ئابلاجان ناۋايخانىسى بار بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىلا 10 نەچچىسى بار ئىكەن.
ـــ كۆپچىلىككە ئايانكى، شىخۇڭ يولىدىكى ناۋايخانىمىزدىن نان سېتىۋالدىغان خېرىدارلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى خەنزۇ ئاممىسى. گەرچە نان ئاددىي يېمەكلىك بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار بىلەن ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ دوستلۇق رىشتىسىنى چىڭىتىدۇ. كۈننى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولمىغىنىدەك، پارتىيە – ھۆكۈمەت، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ قوللىشى ئاستىدا، نۆۋەتتە، شىركىتىمىزنىڭ جايلاردىكى تارماق دۇكانلىرىنىڭ سودىسى ئەسلىگە كەلدى، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلارمۇ بىز بىلەن قايتا ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى،ـــ دېدى ئەسقەر تۇرسۇن مۇخبىرغا.

ئابلاجان ناۋايخانىسى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغىنى يوق

ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق س س م ب ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم ئارۇپ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:
ـــ بىز ھازىرغىچە ئابلاجان ناۋايخانىسىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئەرز – شىكايەتنى تاپشۇرۇۋالمىدۇق، بۇ شىركەت ۋە ئۇنىڭ دۇكانلىرىنى پېچەتلەپمۇ باقمىدۇق. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، س س م ب ئىدارىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلىرى ئاممىنىڭ ئەرز – شىكايەتلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرىدۇ، مۇبادا شىكايەت قىلىنغۇچىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنىڭ راستلىقى بېكىتىلسە، مۇناسىپ جازاغا تارتىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى نىسبەتەن ئېغىر بولغان، بولۇپمۇ كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن ئورۇنلار پېچەتلىنىدۇ.
ئىبراھىم ئارۇپ قاتارلىقلار دوستلار چەمبىرىكىدىن يۇقىرىقى ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئابلاجان نانلىرى زەنجىرسىمان گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن ئالاقىلەشكەن ھەمدە تەكشۈرۈپ، شىركەتنىڭ قانۇنلۇق تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
مۇخبىر 18 – ئاۋغۇست شىخۇڭ يولىدىكى ئابلاجان ناۋايخانىسىغا كېلىپ، ئون نەچچە خېرىدارنىڭ نان سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئىغۋا تارقالغاندىن كېيىن، «ئابلاجان نانلىرى» نىڭ بىرمۇنچە خېرىدارى شىخۇڭ يولىدىكى ئابلاجان ناۋايخانىسىغا كېلىپ، «ئابلاجان نانلىرى» نى داۋاملىق ئىستېمال قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ـــ شىنجاڭدا ياشاپ كېلىۋاتقىنىمغا 30 يىلدىن ئاشتى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر نانلىرىنى ئىزچىل ياقتۇرۇپ يەپ كەلدىم، مەن سىلەرنىڭ سادىق خېرىدارىڭلار. مەن تور ۋە ئۈندىداردا تارقىلىپ يۈرگەن پىتنە – پاساتلارنىڭ راستلىقىغا ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، ـــ دېدى بىر خېرىدار ناۋايغا ھاياجانلانغان ھالدا. ناۋاي يۈسۈپجان مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:
ـــ ئىغۋا تارقالغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن خېرىدارلىرىمىز بىزدىن بۇ ئىشنىڭ راست – يالغانلىقىنى سورىدى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ناۋايخانىمىزدىكىلەرنىڭ ئۇنداق مەينەت ئىشنى قىلمايدىغانلىقىغا ئىشەندى.
بەس – بەستە نان سېتىۋېلىۋاتقان خېرىدارلار ئارىسىدىكى  شى ئەپەندى جياڭسۇدىن كەلگەن ساياھەتچى بولۇپ، ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:
ـــ شىنجاڭلىق دوستلىرىمدىن «ئابلاجان نانلىرى» نىڭ داڭقىنى كۆپ ئاڭلىغاچقا، بۇ ناندا چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاسلىقى گەۋدىلەنگەن دەپ ئويلىدىم، شۇڭا بۈگۈن مەخسۇس نان سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئابلاجان ناۋايخانىسىغا كەلدىم.

مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئۆتكىلى قاتتىق تۇتۇلىدۇ

ئاپتونوم رايونىمىز مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىستېمال قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش، مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئۈچۈن، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش نىزامى» نى تۈزگەن.
ـــ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، ساقلاش قاتارلىق ھالقىلار قاتتىق تۇتۇلىدۇ. مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا ۋە تىجارەتچىلەر قانۇن – بەلگىمىلەردىكى  يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش شەرتىنى ھازىرلىغاندىن باشقا، مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى مەخسۇس پىششىقلاش، ساقلاش، سېتىش ئەسلىھەلىرىنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك، ـــ دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەت، دىن ئىشلىرى كومىتېتى مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىمى مۇخبىرغا.
ئۈرۈمچى شەھىرى يىنچۈەن يولى مەسچىتىنىڭ خاتىپى خەن جىنلۇ مۇنداق دېدى:
ـــ ئىسلام دىنىمىزدا مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق ھەرىكىتى (يېيىش، ئىچىش، ئولتۇرۇش، قوپۇش) ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكاملىرىغا ئۇيغۇن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ، سۈيدۈك ئىسلام دىنىمىزدا ئىنتايىن مەينەت سۇيۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ. «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس» تىكى ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، يېمەكلىككە سىيىش ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئەھكاملىرىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، چوڭ گۇناھلاردىن سانىلىدۇ، بۇنداق قىلغانلار ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە: «ئاللاھ گۇناھىغا توۋا قىلغانلارنى، پاكىز يۈرگۈچىلەرنى ياخشى كۆرگۈچىدۇر» دېيىلگەن، يەنە: «پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر» دېيىلگەن.

ئىغۋا تارقاتقۇچىلار قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قانۇن تەتقىقات ئورنىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى شياۋ يەن مۇنداق دېدى:
ـــ بۇ ئىغۋانى تارقاتقۇچىنىڭ قىلمىشى سودا ۋە تاۋار ئىناۋىتىگە چېقىلغان. جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ خىل جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ ھەمدە شىتراپ قويۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دېلو سادىر قىلغۇچىنىڭ قەستەن ئىغۋا تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قۇترىتىش مەقسىتى بولسا، يەنە مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قۇترىتىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ. بۇ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قۇترىتىشتىكى ئېغىر قىلمىش ھېسابلىنىدۇ. جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇ جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئالاھىدە ئېغىرلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ سودا ئادۋۇكاتخانىسىنىڭ مۇدىرى ئالىمجان ئەمەت «ئابلاجان نانلىرى» غا ئالاقىدار ئىغۋاغا قارىتا مۇنداق دېدى:
ـــ جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، پارتلاتقۇچ، زەھەر، رادىياتسىيە، يۇقۇملۇق كېسەللىك قاتارلىقلارغا ئائىت ئىغۋالارنى تارقاتقانلار، پارتلىتىش تەھدىتى، بىيو – خىمىيە تەھدىتى، رادىياتسىيە تەھدىتى قاتارلىق تېررورلۇق ئۇچۇرلىرى ياكى ئوچۇق - ئاشكارا ئويدۇرۇلغان تېررورلۇق ئۇچۇرلىرىنى قەستەن تارقىتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر قالايمىقانلاشتۇرغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
مۇخبىر سۆزى

نان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەكلىكى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىدە يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە. ئۇيغۇرلار ناننى ئۇلۇغلايدۇ، ناننى چوڭ بىلىدۇ، شۇڭا ئۇيغۇرلاردا: «ناننىڭ ئۇۋىقىنى دەسسىسىمۇ يامان بولىدۇ، ناننى بىر قولدا ئۇشتىسا يامان بولىدۇ» دېگەندەك قاراشلار شەكىللەنگەن، شۇڭا ئۇيغۇرلار نانغا سىيىش ئەمەس، ھەتتا ناننىڭ ئۇۋىقىنى قالايمىقان تاشلاشنىمۇ ئىنتايىن ئېغىر ئالىدۇ، بۇنداق ئىكەن، «ناۋايلار نانغا سىيدى» دېگەندەك ئىغۋالارغا نان ھەققىدە ئازراق ساۋاتى بارلا كىشى ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ ۋە بۇ خىل ئۇچۇرنى قارىغۇلارچە تارقاتمايدۇ. ھەقىقەت ھامان ساختىلىق ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ، قىڭغىر ئىش ھامان ئاشكارا بولىدۇ. ئىغۋا تارقىتىپ، باشقىلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى يەرگە ئۇرماقچى بولغانلار جاجىسىنى يېمەي قالمايدۇ.
(بۇ ماقالە شىنجاڭ قانۇنچلىق گېزىتىنىڭ 20 - ئاۋغۇستتىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان)


001966720b880a26041c45.jpg
001966720b880a25ecdd39.jpg
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

1

تېما

4

دوست

2361

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21550
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 720
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 00:16:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناتوغىرا رىقابەت ئۇسۇلى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ سودىسىنى زىيانغا ئۇچىراتقانلار قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، مۇناسىپ ئىقتىسادىي زىياننى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئابلاجان شىركىتىنىڭ ئادۇۋكات سىلىپ بۇ دىلونى چوقۇم ياخشى ئاياغلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ نامىنى، ئىقتىسادى ھوقۇقىنى قوغدىشىنى شۇنداقلا ئغۋاگەرلەرگە ساۋاق بىرىپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئۈندىدار ھەي ئۈندىدار، پايداڭدىن زىينىڭ كۆپ بوپكەتتى دە...

18

تېما

17

دوست

4010

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1292
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 00:23:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
pixwa يوللىغان ۋاقتى  2014-8-21 00:16
ناتوغىرا رىقابەت ئۇسۇلى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ سودىسىن ...

بۇ ئىغۋانى تارقاتقۇچى دۇ xx قاتارلىقلار ھامان جاجىسىنى يەيدۇ. نان ھەققىدە ئازراقلا ساۋادى بار ھەرقانداق مىللەت كىشىلىرى ناۋايلارنىڭ نانغا سىيىشىگە ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ...

1

تېما

4

دوست

2361

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21550
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 720
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 00:29:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alsuyer يوللىغان ۋاقتى  2014-8-21 00:23
بۇ ئىغۋانى تارقاتقۇچى دۇ xx قاتارلىقلار ھامان جاجىسىن ...

پۈتۈن زىيارەتنى ئۆزىڭىز قىلدىڭىزمۇ؟ بىر پارچە خەۋەر بىر كۈندىمۇ پۈتمەمدۇ نېمە؟

0

تېما

2

دوست

2061

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7153
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 586
توردىكى ۋاقتى: 143
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 01:11:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى گېزىت ۋە تور تاراتقۇلىرى ئارقىلىق خەۋەر قىلىپ، خەلقىمىزنى بۇ ئىغۋانىڭ ماھىيىتىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلغىنىڭىز ئىنتايىن ياخشى بولۇپتۇ.

ئۈندىدار تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرگەندىن بۇيان، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭدىن توغرا پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بەزى تەنتەك ياشلىرىمىز ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىمايلا ھەرخىل ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، جەمىيەتكە ئاپەت، ئاتا-ئانىلىرىغا ئېغىر ئازابلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.
شۇڭلاشقا، ھەمممىز ئۆز ئەتراپىمىزدىكى ئۈندىدار ئىشلەتكۈچىلەرگە ئۇندىداردىن توغرا پايدىلىنىش ھەققىدە تەربىيە قىلايلى.
دۇنيادا ھەممە نەرسىگە دورا تېپىلسىمۇ، پۇشايمانغا دورا تېپىلمايدۇ.   

ھاياتنىڭ قىممىت

4

تېما

1

دوست

3165

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11436
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 204
تۆھپە : 847
توردىكى ۋاقتى: 306
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 02:08:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ ئېغۋانى تارقاتقۇچى چوقۇم تارقاتقان ئېغۋاسىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك!

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

8

دوست

7589

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   51.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1885
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 03:14:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋە! يۇزمىڭ توۋە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )