- تىزىملاتقان
- 2014-1-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2327
- نادىر
- 0
- يازما
- 136
ئۆسۈش
10.9%
|
غۇلجا ناھىيەسى تەۋەسىدە يۇرت ناملىرىنى《يۈرى》لەر بويىچە ئاتاش باشقا جايلاردا تېپىلمايدىغان ئۆزگىچىلىك.چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ جياڭجۈن مەھكىمىسدىكىلەر موڭغۇل ئىستېلاچىلىرىدىن قالغان يوسۇن بويىچە بىر ئائىلىنى بىر تۈتۈن ھېسابلاپ،مىڭ تۈتۈن،يۈز تۈتۈن،ئون تۈتۈن بويىچە گۇرۇپپىلاپ،مىڭ تۈتۈنگە مىڭبېشى،يۈز تۈتۈنگە يۈز بېشى ،ئون تۈتۈنگە ئونبېشى قويۇپ باشقۇردى.زامانلارنىڭ ئۆتۈشى ۋە يېڭىلىنىپ تۇرۇشى بىلەن مىڭبېشىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى يۇرتلار دائىرىسنىڭ كېلەڭسىزلىكى تۈپەيلى،ئۇلارنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىشقا دائىر ئەمرىمەرۇپلىرى تەدرىجىي كۈچىدىن قېلىپ ۋە بۇ يۇرتلار بارغانچە پارچىلىنىپ يۈز بېشىلەرنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مەھەللىلەرگە چېچىلىپ كەتتى،شۇنىڭ بىلەن ئونبېشىلەر بارا بارا يۈز بېشىلەر ئىلكىدىكى دورغا،قارانچۇققا ئايلىنىپ قالدى،شۇنىڭ بىلەن يۈزبېشىلەرنىڭ ھوقۇق ئىمتىيازى تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ،يۈز تۈتۈن ئاساسىدىكى نىسپىي مۇستەقىل مەھەللىلەر بارلىققا كەلدى ۋە بۇ مەھەللىلەر تۇنجى يۈز بېشى بولغۇچىنىڭ ئىسمى لەقىمى ياكى يۇرتنىڭ نامى بىلەن تۇرپانيۈزى،جېلىليۈزى،روزىمەتيۈزى،موللا توختىيۈزى،ئىسلاميۈزى،خۇدىياريۈزى،سادىقيۈزى،كېپەكيۈزى،توخۇچىيۈزى دېگەندەك ۋە ياكى شۇ مەھەللىگە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئاساسلىق كۆچمەن ئاۋامنىڭ ئەسلى يۇرتىنىڭ نامى بىلەن خوتەن مەھەللە،يەكەن مەھەللە،قۇمۇل مەھەللە دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىشقا باشلىدى،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەزى جايلاردا كۆچمەن ئاۋاملار ئەسلى ئاھالىلەر ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ،يۈزتۈتۈن بىرلىكىدىكى مەھەللىلەرنى شەكىللەندۈردى،لېكىن ،بۇ مەھەللىلەرنىڭ نامى داۋاملىق ئەسلى جاي ناملىرى بىلەن مازار،بايتوقاي،گەمە،بوستان،مورات،بورىچى دەپ ئاتىلىۋەردى،بەزى جايلاردا ئون تۈتۈن بىرىلكىدىكى مەھەللىچاقلار بارا بارا بىر بىرىگە قېتىلىپ يۈز تۈتۈن بىرىلكىدىكى مەھەللىلەرنى شەكىللەندۈردى ۋە بۇ مەھەللىلەر شۇنىڭغا يارىشا ئۈچئون،بەشئون،ئالتە ئون دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىشقا باشلىدى،بۇرۇنقى خاتىرىلەدە دېيىلشچە غولجا ناھىيسىدە 86يۈز بار بولۇپ ھازىر بەزىلىرىنىڭ نامى ئۆزگۈرۈپ كەتتى،مەسىلەن،پەنجىم ئەسلى پەنجىميۈزى دەپ ئاتىلاتتى،مەمەيار ئەسلى مەمەتيار يۈزى دېيىلەتتى،يەنە ئابلاش ئەسلىي ئابلاشەخيۈزى،ئالتەئۆي ئەسلىي خۇداقۇليۈزى،غۇجاش ئەسلىي غۇجاشيۈزى،دۆڭمازار ئەسلىي قادىريۈزى،بۆلۈكەي ئەسلىي رازاقيۈزى،سىپىل ئەسلى بەختىياريۈزى،قاراباغ ئەسلى ئابابەكرىيۈزى،سالار ئەسلى سۇلتانشاھ يۈزى،ئاقتام ئەسلى ئىبراھىميۈزى،يېڭىتام ئەسلى مەمتىمىنيۈزى،ئارابوز ئەسلى پولاتيۈزى،دولان ئەسلى دولانيۈزى دەپ ئاتىلاتتى، يىللارئۆتتى،لېكىن بۇ مەھەللە-《يۈز》لەرنىڭ بەزىلىرى يوقاپ،يەنە بەزىلىرى زورىيىپ—دائىرىسى كېڭىيىپ،نەچچە يۇرت-مەھەللىلەرگە بۆلۈنۈپ كەتسىمۇ《يۈز》لەر نامى شۇ تەرىقىدە ياشاپ كەلدى ۋە ئىلنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت ھادىسسى بولۇپ قالدى.
|
|