قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4211|ئىنكاس: 31

ئۈرۈمچى ۋۇگزالدىكى قۇلايلىق ۋە قولايسىزلىقلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12044
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2014-8-22 02:39:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       1. ئاللاھقا شۈكرى بۇدا يەنە سىرتلارغا چىقىش نسىپ بوپتىكەن .  ئىككى مىڭ كىلومىتىردەك سەپەرلەرنى بېسىپ ئاخىرى قايتىش ئۇچۇن ئۈرۈمچى ۋۇگزالىغا قەدەم باستىم . ھېلقى غۇلجۇلۇق قىزىققچىنىڭ چاقچىقىدەك ھەر يىلى ئۆرۇمچىگە چىقسام نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى بايقايمەندە ، بىنانىڭ يېنىدا كۆرۇك ، كۆرۇكنىڭ يېنىدا تۆرۇك  دىگەندەك . ئەمما تورداشلارنىڭ بەلكىم ئىسىدە بار مەن مەيلى قايسى جايغا بارماي ئانا تىل يېزىقىمىزنىڭ ئامىۋى سورۇنلاردا زادى قانچىلىك ئورۇن ئالغانلىقىغا بىنادىن بەكرەك قىزىقىمەن . ھەم  دىققەت قىلىمەن .بۇدا قېتىممۇ ۋۇگزالنىڭ ئىچى تېىشىغا كۆز يۇگۇرتۇپ ئانا تىلىمنى يېزىقىمنى ئىزلەپ ماڭدىم .ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا بۇ يىل ھىس قىلغىنىم ئۇيغۇر تىل يېزىقى ئۈرۈمچى ۋۇگزالىدىن كەڭ ئورۇن ئاپتۇ ، مەيلى كىملىك بىلەن تەكشۇرۇش بىكىتىدە دەيلى ،ۋە ياكى مانچىنچى قەۋەت كۇتۇش زالى دىگەندەك گەپلەر بولسۇن ،يەنە قايناقسۇ تەمىنلەش ئۆيى ،بولۇپمۇ ھاجاتخانا دىگەنگە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۇيۇتۇۋېتىپتۇ ،جۇمۇ ئەمما لىېكىن ئۇيغۇر تىلى خېلى كەڭرىچىلىك ھە بۇيىل باللا ، پارتىيە گە رەخمەت .

       مېنىڭ قولايلىق ھىس قىلغانلىرىم
       1. ھاجەتخانىغا ئولتۇرۇش . ھاجەتخاننىڭ پىشانىسگە ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغاچقا بىز ئۇيغۇرلار ئۇچۇنمۇ ھاجەتخانا بەك قولايلىق ئىكەن . ئاپرىن
       2. قايناقسۇ تەمىنلەش زالى ،  بۇزالدىمۇ ئۇيغۇرچە يېزىق كەڭرى يېزىلغان بولۇپ ئۇيغۇرلار ئۆز يېزىقى بويىچە بەھوزۇر قايناقسۇ زالىنى تېپىپ قايناقسۇ ئىچەلەيدىكەن ،ئاپرىن
       3.تاماكا چىكىش ئورنى ،  ئەمدى بۇ ئورۇنغىمۇ مەخسۇس ئۇيغۇر يېزىقىدا خەت  يېزىلغان بولۇپ  بەڭگىلەر ئۇيغۇرچە خەتنى تونىسىلا  بۇ يەرەگە كىرىپ ھاجىتىنى راۋا قىلدىكەن . مەيلى قالغانلىرىمىزغا سالامەتلىك لەزىم ھەر ھالدا .

        مېنىڭ قولايسىز ھىس قىلغانلىرىم
       1. ئەمدى قاراپ باقسام يېنىمدىكى خەنسو يولداشلار سەپەرداشلار گىزىت ئوقۇپ ئولتۇرۇپتىكەن ، مېنىڭمۇ ئۆرۇمچى كەچىلىك گىزىتى بىلەن قانۇنچىلىق گىزىتىنى ۋە تەرمىلەر جۇرنىلى ، شىنجاڭ مەدىنيىتى ، قومۇل ئەدەبىياتى ، ۋە باشقا يەڭگىل گىزىت جۇرناللارنى سېتىۋالماقچى بولغان بولساممۇ يانچۇقۇمدا پۇلۇم بولسىمۇ سېتىۋالالماي قالدىم ، بۇ بىرىنچى قولايسىزلىق     
       2. مۇندو قاراپ باقسام تېلفۇنۇمنىڭ توكى تۇگەپتۇ ئەمەسما كاساپەتنىڭ بىزنىڭ ئىككىنچى قەۋەتتىكى پويىز كۇتۇش زالىمىزغا ئۇچ چوڭ تېلفۇن زەرەتلىگۇچ قويۇلغان ئىكەن ، ھەر بىرسىدە سەككىز ئون تېلفۇننى بىكارلىق زەرەتلەيدىغان گەپمىكىن ئەمدى ، شۇ يەرگىزە ئۇيغۇرچە ئېنىق قىلىپ تېلفۇنىڭلارنى زەرەتلىسەڭلار بولىدۇ دەپ يېزىپ قويماپتىكەن قايلىسلا ،  بۇ خەنسوچىنى چورت ئوقمايدىغان ئۇيغۇر دىھقان سەپەرداشلىرىمىزغا كەلتۇرۇلگەن ئىككىنچى قولايسىزلىق دەپ ھىساپلىدىم .
       3.ئەمدى قايلىسلا بۇ قۇرساق دىگەن ئۇچ ۋاق ئاچىدىغان نەرسىكەن ئەمدى ، مۇساپىرچىلىقتا تۆت ۋاق ئاچامدۇ نىمە ، كۇتۇش زالىمىزنىڭ بىر خەلققە قولايلىق ماگازىنى بېيكەن ، ئەمما ئۇيغۇرلار غا بىزەمۇ قولايلىق ئەمەسكەن ،بۇ ماگىزىندا ئابلاجان نانلىرى بارمۇ دىسەممۇ يوق دەيدا ، مىسران قېزىسى بارمۇ دىسەممۇ يوق دەيدا ، ئارمان سەپەر ھەمراھلىرىمۇ يوقكەن ئەينا ، ئامىنە تەييار چۆپلىرىمۇ يوقكەن ، سۇدىن باشقا بىزگە خىل كەلگۇدەك بىرنىمە تاپالمىدىم .

2،چورت ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىغان ئىنچىكە ،نازۇك ، جانغا ئەسقاتىدىغان مەزمونلار
پويىز كۇتۇش زالىدا شۇنى بايقىدىمكى بىر قسىىم ئىنچىكە ۋە نازۇك تەپسىلاتلار چورتلا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىغان ، مەسلەن ئىنچىكە دىگىنىمىزدە سەككىز ئون تۇرلۇك مۇلازىمەت ئۆلچىمى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىغان ، نازۇك دىگىنىمىزدە  پويىز مۇلازىمىتى ئۇستىدىن قىلىندىغان ئەرىز تىلفۇن نومۇرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىغان ، جانغا ئەسقاتىدىغان دىگىنىمىزدە يۇك تاقلارنى ساقلاش بۆلۇمچىسىنىڭ نامىلا ئۇيغۇرچە ئاسىتىدىكى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك قەدەم باسقۇچلار ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىغان
3. زامانىۋى ئىلىكتىرۇنلاردا ئۇيغۇر تىل يېزىقى سەل قارالغان ياكى ئويلاپمۇ قويۇلمىغان
بىر چوڭ ئىكران باركەن بارلىق پويىزلارنىڭ كىلىپ كىتىپ تۇرىدىغان ۋاقتى قىزىل خەت بىلەن چىقىپ تۇرىدىكەن ، ئەمما بۇ ئېلىكتىرۇنلۇق ئىكراندا ئۇيغۇر تىلىدىن بىر ھەرىپمۇ كۆرمىدۇك.

مەن ئويلايمەن
ئۈرۈمچى ۋۇگزالىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاجەت ۋە ئىچمەك ئىشلىرىدا قولايلىق بولغان بىلەن روھى ئېھتىياجلىرى بولمىش ، ئۇيغۇرچە تىل يېزىقتىكى گىزىت جۇرنال ھە بولسا تېخى ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىرلار كىتاپلىرى ، قاتارلىق كىتاپ جۇرنال گىزىتلەرنىمۇ چىرايلىق تىزىپ قويسىڭىزلار ، خۇددى ئۆز ئۆيىمىزدە تۇرغاندەك ئۇ نى بۇنى تاللاپ ئوقۇپ كەتسەك ، ئاۋۇ خەلققە قولايلىق ماگىزىندىن يەنە بىرنى كۆپەيتىپ ئۇيغۇر سەپەر مەدەنيىتنى بىر جۇلاسىنى چىقىرىپ مەخسۇس ھە بىر  بۆكتىن تارتىپ ئاياققىچە ئۇيغۇرچە كىينگەن  ئۇيغۇر باللار  بولسا ، پۇتۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى ھەر بىر ۋۇگزالغا  مانا موشۇنداق ئۇيغۇر گىزىت جۇرنال ئۇيغۇر سەپەر تائاملىرىنى تىزىۋەتسەڭلار ھەتتا لەنجۇ شىئەنلەردىمۇ ئەلۋەتتە تەسىس قىلساڭلار  بىرەر ھارۋا بولسىمۇ ئۇيغۇرنىڭ نېىنى ، قېزىسى سەپەر توقاشلىرى ھەر ۋاقىت ھەر مىللەت سەپەرداشلىرىغا  سۇنۇلسا پۇلغا ،  ئەمدى ئاپەت بولسا ۋاي ئۇيغۇرنىڭ نېنى ، ئۇيغۇر نىڭ پولوسى دەپ توشۇيسەن ، ياخشى ئەمدى ماۋۇ ۋۇگزالدىكى خەلققە قولايلىق ماگىزىنغىمۇ بىر چىرايلىق تىزىپ قويساڭلار يامان كەتمەس دەيمەنغۇ ، ھەم كىرىم ھەم ئۇيغۇر مەدىنيىتىنى ئەڭ ئاساسى قاتلامدىكى سەپەرداش خەلققە تونۇتۇش نىمە دىگەن ئاقىلانىلىك ھە ،
mmexport1408642275493.jpg
mmexport1408642625772.jpg
mmexport1408642870513.jpg
mmexport1408642855595.jpg
mmexport1408642837965.jpg
mmexport1408642822366.jpg
mmexport1408642961442.jpg
mmexport1408642954042.jpg
mmexport1408642904946.jpg
mmexport1408642881652.jpg

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1634
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4805
توردىكى ۋاقتى: 1399
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-22 14:16:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە ئوخشاش پىدائىلار كۆپرەك چىقىسا ،يېزىق ئىشلىتىش جەھەتتىكى نامۇۋاپىق ئىشلارنى يۇقىرغا ياكى مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارغا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ ماڭسا ،خېلى كۆپ ئىشلار تۈزۈلۈپ ماڭىدۇ.مەن بىلىمەن  ياكى بىلمەيمەن دەپلا يېزىقىمىزنى بۇيۇن قىستۇرۇپ قويساق بولمايدۇ.يېزىقىمىز بولسا بىزنىڭ  مىللىي بەلگىمىز ،ھەم ھۆرمىتىمىز.مۇشۇنداق ئەملىي ئىسپاتلار كۆرسىتىش  ئارقىلىق ھەرقايسى ئۇرۇنلارنىڭ خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلىشىمىز ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

976

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   95.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26563
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 302
توردىكى ۋاقتى: 82
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-22 14:53:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىر يازمىلا بولۇپ قالماي ، ياخشى بىر مۇئەييەنلەشتۇرمە بوپتۇ .

8

تېما

0

دوست

5438

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6345
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 374
تۆھپە : 1461
توردىكى ۋاقتى: 234
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-22 15:23:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارتىيمىزنىڭ سىياسىتى كۈندىن كۈنگە ياخشى بۇلۋاتىدۇ،مىنىڭچە بۇ مەسىللەر پات ئارىدا ھەل بولغۇسى،چۈنكى ھازىر ھەممە بەسبەستە ئاممىۋىي لۇشەن تەربىيسى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.بۇ دىگەنلىك خەلقنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىگە ئەستايدىل قۇلاق سېلىپ دىگەنلىك.

0

تېما

0

دوست

77

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   25.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30872
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-22 16:46:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
الاھ حالىسى

0

تېما

2

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-22 17:57:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى ئەسلى ئويلىشى كىرەك ،بىراق ئويلىغىسى يوقمۇ ، ئويلىسىمۇ قىلغۇسى يوقمۇ ،ياكى قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلامدۇ ھىچ بىلگىلى بولمايدۇغۇ ،كاللا دىسە بەزىدە دەشھەت ئىشلەپ قۇيۇدۇ ئادەم ئويلاپمۇ باقمىغان يىڭىلىقلارنى پەيدا قىلىپ تۇرمۇشىمىزدا قولايسىزلىقلارنمۇ پەيدا قىلدۇ ئەمما بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ بىر ئىش قىلىشنى ئويلاپ باقمامدىغاندۇ

0

تېما

7

دوست

4052

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17606
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1208
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-22 18:29:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ چوقۇم ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

1

تېما

5

دوست

2884

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29382
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 828
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-22 19:06:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى مەزمۇن ئىكەن بىزلەر ھېس قىلىشقا ، چۈشۈنۈپ يىتىشكە تىگىشلىك بولغان،
ماتىرياللارنىمۇ يىتەرلىك تەمىنلەپسىز ، تىرىشچانلىقىڭىزغا قايىل بولدۇم .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )