قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1970|ئىنكاس: 18

بۈيۈك ئالىم مىرزا ئۇلۇغ بەگ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

8

دوست

1131

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29736
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-24 12:14:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈيۈك ئالىم مىرزا ئۇلۇغ بەگ

(باھادىر يىگىت)

     مىرزا ئۇلۇغ بەگ (1394~1449)،مىلىتى ئۆزبىگ، تېمۇرىيلەر ئېمپىرىيسى سەمەرقەنت ھۈكۈمدارى ،مەشھۇر ئاستىرونومىيە ئالىمى،15-ئەسىردىكى ئەڭ مەشھۇر كىشى. ئۇ ئەمىر تۆمۈرنىڭ نەۋرىسى،شاخرۇخ مىرزىنىڭ چوڭ ئوغلى.ئۇنىڭ ئۆيدىكىلەر كىچىكىدىن باشلاپ ئۇنى ئۇلۇغ بەگ دەپ ئاتايدىغان بۇلۇپ ئەسلى ئىسمى  مۇھەممەد تاراگاي .ئۇنىڭ ئاپىسى گۆھەر شاد بىگىم .مىرزا ئۇلۇغ بەگ كىچىكىدىن باشلاپ  ئوردا ئىچىدىكى خاننىڭ قۇبۇلىغا ئىرىشكەن سارايمۈلۈك خانىمنىڭ تەربىيسىدە بولغان.3-4ياش ۋاقىتلىرىدا شەيخ ئورىف ئوزارىي ئۇنىڭ ئۇقۇتقۇچىسى بولغان. كىچىك ۋاقتىدىلا قۇرئاننى ياتقا ئېلىپ بولغان. مىرزا ئۇلۇغ بەگ كىيىن   ئوتتۇرا شەرق ۋە ھىندىستاندا ئىلىم ئۆگەنگەن. ئەمىر تۆمۈر ۋاپات بولغاندىن كىيىن شاخرۇخ مىرزا تەختكە چىقىپ  تېمۇرىيلەر ئېمپىرىيسىنىڭ پايتەختىنى ھىراتقا يۆتكەپ  ، 16ياشلىق مىرزا ئۇلۇغ بەگنى سەمەرقەنت ھۈكۈمدارى قىلغان. 1411-يىلى پۈتكۈل ماۋارەئۇننەھىر ھۈكۈمدارى بولغان. كىچىكىدىن ئوردىدا ياخشى بولغان دىنىي ۋە مەدەنىيەت تەربىيسى ئالغان مىرزا ئۇلۇغ بەگ ئۆبىگ يېزىقى،پارىس يېزىقى ۋە ئەرەپ يېزىقىغا پىششىق بۇلۇپ شېئىرنى ناھايتى ياخشى كۆرگەن .كىينچە ئاستىرونومىيەگ يۈكسەك ئىشتىياق باغلىغان.مىرزا ئۇلۇغ بەگ سەمەرقەنتكە ھۈكۈمدارلىق قىلغان 30نەچچە يىلدا سەمەرقەنت يۈكسەك گۈللىنىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن بۇلۇپ  ئىقتىساد گۈللىنىپ ،ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سودىگەرلىرى ئۈزۈلمەي كىلىپ ،دۆلەت غەزىنىسى تۇلۇپ تېشىپ كەتكەن.ئىلىم مەدەنىيەت ئىشلىرى گۈللەنگەن.ئۇ 1420-يىلى زور مەبلەغ ئاجرىتىپ سەمەرقەنتتە ئۇلۇغ بەگ رەسەتخانىسىنى سالدۇرغان.ئەبۇ قاسىمنى رەسەتخانا باشلىقى قىلغان.غايەت چوڭ كىۋادرانتورنى ئورناتقۇزغان.30يىلغا يېقىن كۈزىتىش ئۆلچەش ئارقىلىق ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسدە 1000دىن ئارتۇق تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئورنى ئۆلچەپ چىقىلغان.نۇرغۇن تۇرغۇن يۇلتۇز ۋە پىلانتىلارنىڭ ھەركىتىگە ئائىت ئۆلچەش ماتىرىياللىرىنى توپلىغان.مۇشۇ ماتىرىياللار ئاساسىدا 1446-يىلى "ئۇلۇغ بەگ يېڭى ئاستىرونومىيە جەدۋىلى"نى تۈزۈپ چىققان.بۇكىتاپتا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان جەدۋەل 16-ئەسىردىن بۇرۇنقى بىرقەدەر توغرا بولغان ئاستىرونومىيە جەدۋىلىنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.بۇكىتاپ قۇياش بىلەن پىلانتىلارنىڭ ھەركەت جەدۋىلى ۋە 1018 تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئورۇن جەدۋىلى بىلەن تەمىنلىگەن.بۇ تولومىدىن كىيىنكى تۇنجى مۇستەقىل تۈزۈلگەن  يۇلتۇزلار جەدۋىلى ھېساپلىنىدۇ. ھەمدە 16-ئەسىردىن بۇرۇنقى ئەڭ توغرا دەرىجىگە يەتكەن يۇلتۇز جەدۋىلىدۇر.مىرزا ئۇلۇغ بەگ يەنە ماتىماتىكا ۋە ئىلمىي نۇجۇم ھەققىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىللىرىگە ئەينى ۋاقىتتا بىرقىسىم كىشىلەر قوللىغان بولسىمۇ لىكىن يەنە بىر قسىم كىشىلەر بۇنى بىدئەتلىك دەپ قاراپ قارشى چىققان.شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ سەۋەبلىك  خانلىق ھۇقۇق تالىشىش كۆرىشىدەيېڭىلىپ  زىندانغا تاشلانغان مىرزا ئۇلۇغ بەگ1449-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئوغلى ئابدۇللەتىپ خان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
           تارىخشۇناسلار مىرزا ئۇلۇغ بەگنى "خانلىق تەختىدىكى ئالىم"دەپ ئاتايدۇ.ئۇ ئىسلام مەدەنىيەت مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا زور تۆھپە قوشقان.سەمەرقەنتتە نۇرغۇن مەدرىسلەرنى ئاچقۇزغان. بۇ مەدرىسلەردە دىنىي ئىلىم ۋە تىل دەرسلىكى تەسىس قىلىشتىن باشقا يەنە ماتىماتىكا،ئاستىرونومىيە،ئەدەبىيات ۋە تارىخ دەرسلىكلىرىنى تەسىس قىلدۇرغان. نۇرغۇن مۇسۇلمان ئىلىم ئەھللىلىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىققان.سەمەرقەنتمۇ تەدرىجى ھالدا شۇ دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان. بۇ ئالىمنى ھۆرمەتلەپ 1830-يىلى گېرمانىيەلىك ئاستىرونومىيە ئالىمى يوھان  مىدلى ئاي شارىدىكى بوران دېڭىزىنىڭ غەربىدىكى بىرھالقىىمان تاغنىڭ نامىنى مىرزا ئۇلۇغ بەگنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان. بۇ ئۇنىڭ نەتىجىللىرىنى دۇنيا ئالىملىرى ئېتراپ قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
          تارىخنى سۈرۈشتە قىلساق بۇنداق كىشىللىرىمىز نۇرغۇن. تورداشلارغا بۇ بۈيۈك دۇنيا ئېتراپ قىلغان ھەتتا بۈيۈك ئالىم نىيۇتۇنمۇ ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان تۈرۈك ئالىمنى تۇنۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە  بىلىمخۇمار ئاكىمىز ئېيتقاندەك "ھەممە ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ"دىگەن ئىرادىنى تىكلەپ بوشاشماي ئۆز نىشانى ئۈچۈن تىرىشپ ئۆگىنىشكە چاقىرىش.  مىرزا ئۇلۇغ بەگدەك بىر خاقان ھۇزۇر ھالاۋەتتىن بەھرىمان بۇلۇپ ئۆتسە بولاتتى.لىكىن ئۇنداق قىلماي ئەكسىنچە ئىلىمنى ھۆرمەت قىلدى.تىرىشپ ئۆگەندى ھەتتا بىر بۈيۈك نەتىجە قازاندى. بىزمۇ ئۆ زنىشانىمىز ئۈچۈن تىرىشپ ئۆگەنسەك چۇقۇم بىر كۈنى نىشانىمىزغا يېتەلەيمىز. مىللىتىمىزگە شاش شەرەپ ئېىلىپ كېلەلەيمىز.

ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

2

تېما

69

دوست

6689

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2010
توردىكى ۋاقتى: 438
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-25 12:06:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زىرەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-25 12:07  

ئەخلەت تىما دىيىشكە بولمايدۇ لىكىن 1400.يىلى ئۆزبىك مىللىتى بولغانمۇ بولمىغانمۇ بۇنى راستىنلا مەنمۇ ئىنىق بىلمەيدىكەنمەن

2

تېما

8

دوست

1131

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29736
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-25 12:16:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahadiryigit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-25 12:21  
cayram يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 11:22
ئەخلە يازما.
1400-يىللاردا ئۆزبىك دەيدىغان مىللەت بولمىس ...

مىرزا ئۇلۇغ بەگنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى بايانلار توغرا.ئىشەنمىسىڭىز سۈرۈشتۈرۈپ باققايسىز.ئەمدى مىللىتىگە كەلسەك بۇ تېمىغا نىسپەتەن بۇ مۇھىم مەسىلە ئەمەس.بىز پەقەت بۇ تۈرك ئالىمنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن ئۆزىمىزگە مەنىۋى ئۇزۇق ئالالىساق شۇ كۇپايە. مىللىتىنى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزبىك دەپ قارايدۇ. ئۆزبىك دىگەن نامنىڭ شەكىللىنىش تارىخى توغرىسىدا ئېنق بىر قاراش يوق.يەنە كىلىپ بەزى كىشىلەرنىڭ مىللىتىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئەۋلادىدىن سۈرۈشتە قىلىپ بېكىتىدىغان ئىشلارمۇ بار.بىر مىللەت ئۆزبىك دەپ ئاتالغان ۋاقىتتا تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ تىلى مەدەنىيتى،ئۆرپ ئادىتى پەيدا بۇلۇپ قالمايدۇ.ئۆزبەك دەپ ئاتىلىشتن بۇرۇنلا ئۇنىڭ تىلى مەدەنىيتى شەكىللىنىپ بولغان بولىدۇ.شۇڭا بەز كىشىلەرنىڭ مىللىتىنى ئۇنى ئەۋلادلىرىنى سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق ھۈكۈم چىقىرىلىدۇ.ئۇندىن باشقا بۇ زاتنىڭ ئۆمرىنڭ ئاخىرىغىچە ئىلىم ئۆگىنىشنى تاشلاپ قويماي تىرىشىپ ئىزدىنىش روھىدىن ئۆگەنسەك بولىدۇ. بۇنداق مۇھم بولمىغان مەسىللەرنى دەستەك قىلىپ بىر ئالىمنىڭ ھاياتىنى ئىنكار قىلىش توغرا ئەمەس.نىمىنى قۇبۇل قىلىش نىمىنى قۇبۇل قىلماسلىقنى ئۆگەنگەيسىز.

2

تېما

69

دوست

6689

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2010
توردىكى ۋاقتى: 438
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-25 12:35:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bahadiryigit يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 12:16
مىرزا ئۇلۇغ بەگنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى بايانلار توغرا.ئى ...

شۇڭا قىرىندىشىم تىمىنى يىزىشتىن بۇرۇن بەك ئويلۇنۇپ يىزىڭ .بۇسىزنى ئەيىپلىگىنىم ئەمەس.بۇتىمىدا ئۆزبىك توغۇرلۇق يىتىەرلىك ماتىريالغا ئىگە بولغان بولساق ياكى ،مىللىتىنى يازمىغان بولسىڭىز .بۇنداق تەنقىتلەشلەر بولمايتى.بۇلار نىمە ئۈچۈن كىچىك خاتالىقنى چوڭايتىپ كۆرسىتىدۇ؟شۈبىسىزكى بۇ  ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بەش قولدەك ئايان.شۇڭا بىز مۇسۇلمانلار ھەربىر قەدىمىمىزدىن تارتىپ بەك ئويلۇنۇپ بىسىشىمىز لازىم .چۈنكى بىزنىڭ ھەر بىر ھەركىتىمىز ئۇلارنىڭ نەزىردە ئىسلامنىڭ ھەركىتى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

0

تېما

4

دوست

2269

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21877
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 668
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-25 13:06:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىڭىزنى ئوقۇدۇم لىكىن مىللىتى خاتا بولۇپ قاپتۇ .چۈنكى ئۇيغۇر ئۆزبەك دىگەن نام 19 -20-ئەسىردە مىللەت نامى بولۇپ قالغان .ئۇنڭدىن بۇرۇن ئۇندا دىيىلمەيتتى بەلكى قەشقەرلىك خوتەنلىك سەمەرقەنتلىك نەمەنگانلىك دىيىلەتتى مىللەت نامى دىيىلسە تۈرك دىيىلسە بولىدۇ

4

تېما

3

دوست

2616

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9364
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 197
تۆھپە : 685
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-25 14:25:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئىلگىرىكى ئالىملار نەدە ياشىغان بولسا ھازىر شۇيەرلىك مىللەت نامىنى قوللىنىش ئومۇملىشىپ قالدىغۇ .

8

تېما

25

دوست

5102

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   2.04%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1516
توردىكى ۋاقتى: 350
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-25 17:17:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tengrikut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-25 21:34  

19.ئەسىردىن بۇرۇن مىللەت نامى دەيدىغان ئۇقۇم بولمىغان.
پەقەت قەبىلە ياكى ئۇلۇس نامى بولغان.« ئۇيغۇر » نامى بولسا ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇلۇس نامىدۇر. چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن بۇرۇنمۇ سەمەرقەنتتە ئۇيغۇر تۈركىي تىلى قوللىنىلغان. چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن كىيىن «چاغاتاي خانلىقى»سۈپتىدە چاغاتاي تىلىنى ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ ئىشلەتكەن. چاغاتاي تىلى بولسا ئۇيغۇر تىلىدۇ.
15.ئەسىردە ئۆزبىك دەيدىغان ئۇلۇس نامى بولمىغان. پەقەت ئوغۇز،ئۇيغۇر،تۈركمەن،قىرغىز،تاتار،موغۇل،پارىس،تاجىك قاتارلىق ئۇلۇس ناملىرى بولغان.
بىراۋنىڭ ئىشلەتكەن تىل شىۋىسىگە قاراپ قايسى ئۇلۇستىن ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگىلى بولدىغان بىر سىستىما شەكىللەنگەن. ئۆزبىك ئۇلۇسىنىڭ نامى  بولسا چاغاتاي ئەۋلاتلىرىدىن «ئۆزبىك خان»غا تەۋە ئۇلۇستىن قويۇلغان ئىسىم. مىللەت ياكى ئۇرۇق نامى ئەمەس ،ئۆز تەۋەلىكىدىكى خەلقنى باشقۇرغان پادىشانىڭ نامى. كىيىن بۇ ئۇلۇس مۇھەممەت شەيبانىخاننىڭ باشلامچىلىقىدا 17.ئەسىردە ئۆزبىك ئۇلۇسى بولۇپ شەكىللىنىپ تۇنجى قىتىم تارىخ سەھنىسىگە چىقتى.20.ئەسىردە بولسا مىللەت نامى بولدى.
ئۆزبىك تىلى بولسا تۈركىي تىل ئائىلسىنىڭ ئۇيغۇر قارلۇق گورۇپپىسىغا تەۋە تىل.يەنى پارىسچە ۋە ئۇيغۇرچە تىلنىڭ بىرىكمىسىدە شەكىللەنگەن تىل.
مىرزا ئۇلۇغبىك زامانىدا چاغاتاي تىلى ئىشلىتىلگەن. ئۇ ئالىمنى ئۆزبىك دىسىمۇ بولۇدۇ.يەنىلا ئۇلۇس تەۋەلىكى ئۇيغۇرغا بىرىپ توختايدۇ. ھىچقانچە چوڭ پەرق يوق.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )