قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 19637|ئىنكاس: 35
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

جۇڭگۇلۇق مۇتەخەسسىسلەر،سىلەر كىم ئۈچۈن گەپ قىلىسىلەر؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

1

دوست

937

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   87.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20485
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 304
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-25 20:10:46 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
جۇڭگۇلۇق مۇتەخەسسىسلەر،سىلەر كىم ئۈچۈن گەپ قىلىسىلەر؟
تەرجىمىدە : تۇنيۇقۇق


    كۆۋرۈك گۈمۈرۈلۈپ چۈشسە،مۇتەخەسسىلەر سۈپەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەيدۇ.ئۆي باھاسى ئۆرلەپ كەتسە،مۇتەخەسىسلەريەر باھاسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەيدۇ.تۇپراق ئېقىپ كەتسەمۇتەخەسىسلەر ئۈسۈملۈك بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەيدۇ.بالىلارنىڭ بۇرۇن يىتىلىپ قالغانلىقىغا قارىتا،مۇتەخەسىسلەر سۈت پاراشۇكى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەيدۇ .ۋاكسىنىنىڭ ئەكىس تەسىرى كۆرۈلسە ،ۋاكسىنا بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەيدۇ .مۈشۈك ئېيىقنى تىرىك تۇرغۇزۇپ يۈرىكىنى سۇغۇرىۋېلىشقا قارىتا،مۇتەخەسىسلەر ھېچقىسى يوق،ناھايىتى راھەت دەيدۇ،تېخى .كونا خروم ئاياغلاردىن پايدىلىنىپ زەھەرلىك كاپسۇللار ئىشلەپ چىقىرىلسا،مۇتەخەسىسلەر ھەركۈنى بىرقانچە تالدىن يەپ بەرسىڭىز خرۇم ماددىسىنى تۇلۇقلايدۇ دەيدۇ .
    مۇشۇنداق ئارقىمۇ-ئارقاچىقىۋاتقان يالغان –ياۋىداق سەپسەتىلەرگە قارىتا كىشلەر ئىختىيارسىزھالدا:«جۇڭگۇلۇق مۇتەخەسىسلەر نىمەئۈچۈن بىلىپ تۇرۇپ يالغان ئېيتىشقا شۇنچىۋىلاخۇشتار »دەپ سورىشىدۇ.بەزىلەر خۇرسىنغان ھالدا:«جۇڭگۇلۇق مۇتەخەسىسلەر ۋىجدانىنى يۇقاتتى »دىيىشمەكتە .
     بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىداشەنشىدە«خۇانەنخۇ»ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن تورلاردابەزى كىشىلەر مۇتەخەسسىس دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا专家)دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا 砖家دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن )«مۇت خەسىس»دىگەن سۆزنى ئىشلەتكەن بولۇپ،بۇنىڭغابۇ قېتىمقى ۋەقەگەئالاقىدار مۇتەخەسىسلەرنىڭ قول ئۇچىدىلا چىقىرىپ قويغان قارارىنىڭ بىرمەيدان خەلقئارالىق چاقچاققا ئايلىنىپ قالغانلىقى سەۋەپ بولدى.  
    ئەمىلىيەتتە بىلىمدەئەسلىدىنلا ھېچقانداق مەيدان مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى .ئوخشاش يادرۇ تېخنىكىسى ئوبىن ھېيىم تەرىپىدىن بايقالغاندىن كىيىن بۇنىڭدىن ترومىن پايدىلاندى .شۇنداقلاھېلىنگىر تەرىپىدىنمۇ بايقالغان بۇ تېخنىكا ھېتلىرنىڭمۇ ھەيۋىسىنى ئۆستۈرۈپ قويدى.
     بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقابولىدىكى ،بىلىمنىڭ قىممىتى يەنىلا ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىشلىتىلىش ئورنىدا.بىلىمنىڭ ئۆزىدە ئەخلاق ئۇقۇمى مەۋجۈت ئەمەس،بىراق ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىغان ھامان ئەخلاق بىلەن سىڭىشىپ كەتكەن بولىدۇ .ئەلۋەتتە ھەقىقى ۋىجدان بىلەن گەپ قىلىدىغان مۇتەخەسىسلەرمۇ يوق ئەمەس. بىراق، كۈپىنچە ھاللاردا ئۇلارباشقىلارنىڭ سۇغۇق مۇئامىلىسىگە ۋە چەتكە قېقىشىغا ئۇچراپ كىتىۋاتىدۇ .
    ئىسىمدە قىلىشىچە،مەلۇم بىرئېكولوگىيە پرافىسورى ماڭا يېقىنقى ئىككى يىلدىن بويان شۇ شەھەرگە قاراشلىق مەلۇم ناھىيە ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر تۈرنى باھالاپ بىكىتىشكە تەكلىپ قىلىنمايۋايقانلىقىنى،ئەكسىچەھېلىقى ناھىيدىكىلەر ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ،ئۆلكە سىرتىدىن باشقا بىرمۇتەخەسىسنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن  .سەۋەبى بۇ مۇتەخەسىس بۇجاينىڭ ئېكولوگىيسى ھەققىدە بىر نەچچە  يىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن بەزى تۈرلەرنى يولغا قويۇشنىڭ بۇ جاينىڭ ئىكولوگيسىگە  پايدىسىز ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتكەن.شۇڭا ئۇۋىجدانىغا خىلاپ بۇ ئىشنى قىلىشنى راۋا كۆرمەي بۇ تۈرگە ئىمرا قويۇشنى رەت قىپتۇ. مەزكۇرتۈرنى يولغا قويغۇچىلارمۇ بوش كەلمەي:«سىنى سېتىۋالغىلى بولمىسا سىرىتتاسېتىۋالغىلى بولىدىغان تۇنۇش مۇتەخەسسلەر جېق،سەن قول قويۇشنىى خالىمىساڭ،مەنمۇسىنى ئىشلەتمەيمەن.بىرىنچى قېتىملىق مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ بىكىتىشىدىن ئۆتەلمىسەم،مۇتەخەسىسلەرنى ئالماشتۇرىمەن،ئىشقىلىپ تەكشۈرۈپ بىكىتىشتىن ئۆتكۈزىمەن.سەن قىلىشنى خالىمىغان ئىكەنسەن ،ھامان ۋېجدان بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي قول قويۇپ بىرىدىغان مۇتەخەسىسلەر چىقىدۇ .»دەپ ئۇنى ئىشلەتمىگەنلىكتىن بولغان ئىش ئىكەن .
كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى ئاۋامنى ئالداۋاتقان بۇ ساختا مۇتەخەسىسلەرنىڭ بۇنداق قىلمىشلىرىغا قارىتاھەقىقى مۇتەخەسىسلەر سۈكۈت قىلىپلا كۆزىنى يۇمۇۋالغان. ئوخشاش مەسىلىلەردە پىكىرئىختىلابى كۆرۈلۈپ قالغۇدەك بولسىمۇ ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ بىلمەسكە سېلىشقان .مۇبادابىرەر مۇتەخەسس تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ ،جەمئىيەتنىڭ خېلى دېققەت ئىتىبارىنى قوزغايدىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىمۇ،باشقا كەسىپداشلىرى ئۇنىڭ يۈزىنى قىلىپ ھېچنىمە دىمەيدىغان بولىۋالغان .
ئەمما ئاۋامنىڭ ئارزۇسى نىمە ؟ ئۇلار دەل ئەگەر مۇتەخەسىس ئەمەتنىڭ كۆز قارىشىدا مەسىلە بولسا ،مۇتەخەسىس سەمەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ مەسىلىنى تېپىپ چىقىشىغا،ئەگەر مۇتەخەسىس سەمەت مەسىلىنى توغرا چۈشەندۈرەلمىگەن بولسا،ئەڭ ياخشىسى مۇتەخەسىس مەمەت ئوتتۇرىغا چىقىپ ئەڭ چۈشىنىشلىك ئۇسۇل بىلەن ئاۋامغا چۈشەندۈرۈشتۇر .مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندائىلىم ساھەسى ھەرگىزمۇ يۈزەكى جەھەتتىكى سېلىق-سىپايىلىككە ياكى سالا-سۈلھىگە ئەمەس بەلكى  مۇنازىرە ئارقىلىق ئايدىڭلاشقان ھەقىقەتكەمۇھتاج .
      مۇتەخەسىسلەرئىلىمىگە قاراپ پىكىر بايان قىلغۇچىلاردۇر.شۇڭا ئۇ بىرنەرسە دىگەندە باشقىلارنىڭ قۇشۇلۇش-قۇشۇلماسلىقى،خۇشال بولۇش بولماسلىقى ياكى قارشى تۇرۇش تۇرماسلىقى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماسلىقى كېرەك.بىراق نەپ ئېلىشنىلا ئويلايدىغانلار بۇنىڭ سىرتىدابولۇپ ،بۇلار ئىلىمگە قاراپ گەپ قىلماي پايدىغا قاراپ گەپ قىلغۇچىلاردۇر،خالاس.
     قاراڭ،چاغانلىق تۇشۇش بېلىتى قىسلىشىپ كىتىۋىدى،مۇتەخەسىسلەر:«بىلەت باھاسى بەك تۈۋەن» دىيىشتى.يۈننەندىكى شىنسەن تاشيولى قاتناش باشلىنىپ ئىككىنچى كۈنى گۈمۈرۈلۈپ چۈشىۋىدى،مۇتەخەسىسلەر تەھلىل قىلىپ بىردەك «يامغۇر بەك قاتتىق ياغقانلىقتىن  »بولغان دىيىشتى.شەنشى شۇلىندا 251نەپەرئوقۇغۇچى مىڭنىيۇ سۈتىنى ئىچكەندىن كىيىن كوللىكتىپ قىزىپ كىتىش.قۇرسىقى ئاغرىش ھادىسىسى چىقىۋىدى،مۇتەخەسىسلەر چۈشەندۈرۈپ بىردەك پىسخولوگىيلىك ئەكىس تەسىردىن بولغان دىيىشتى. خېفىيدىكى قۇرۇلۇش ئورنىدىن بامبۇكتىن ياسالغان ساختا پۇلات چىۋىق بايقىلىپ قىلىۋېدى مۇتەخەسىسلەر يەنە بىردەك:«سۈپەتتە مەسىلە يوق،بىنانىڭ كۈتۈرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتمەيدۇ» دىيىشىپ ھەمىشە بىرقىسىم تاراتقۇلار ۋە چوڭ كارخانلارنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىۋاتىدۇ .
     ئەگەر مۇتەخەسىسلەر ۋېجدانى بىلەن گەپ قىلمىسا ئۇنىڭ زىيىنى نىمىشقا شۇنچىۋىلا ئېغىر بولۇپ كىتىدۇ؟ چۈنكى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ۋېجدانغا مۇخالىپ ئىشى پەقەت شۇ كىشگىلا زىيان سالىدۇ.بىراق،مۇتەخەسىسلەرنىڭ ۋىجدانسىزلىقى بىرپۈتۈن كوللىكتىپقا زىيان سالىدۇ .سەۋەبى شۇكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ھۇقۇق ۋە كۈچى بولغانلىقتىن .ئۇلارنىڭ قىلغان گىپىنى ئاڭلايدىغانلار،قويغان ئىمزاسىغا ئىشىنىدىغانلار ،ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى ئالىدىغانلار بار. ھەتتا بەزى مۇتەخەسىسلەر ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئاجايىپ گەپ-سۆزلەرنى تاقىتىشتىنمۇ يانمايدۇ.
     يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسى سىرجېڭلوڭنىڭ ئېيتىشىچە:«شەخىسلەردىن ئېلىنىدىغان تاپاۋەت بېجىنىڭ باشلىنىش نوقتىسىنىڭ ئۆستۈرىلىشى تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ شەرەپلىك باج تاپشۇرغۇچى بولۇش ھوقۇقىنى تارتىۋالغانلىق»بولىدىكەن .بېيجىڭ ئۇنۋىرىستىتىنىڭ پرافىسورى سوجوجىنىڭ قارىشىچە«بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستىتى پرافىسورلىرىنىڭ پىكاپلىشىشى ۋە دالا ماشىنىسغائىرىشىشى جۇڭگۇنىڭ زامانىۋېيلىشىش بەلگىسى»مىش.يەنە تېخى ئىقتىساتشۇناش جاڭۋېييىڭنىڭ دىيىشىچە«ئەمەلدارلار ئىسلاھات جەريانىدا مەنپەئەتى ئەڭ كۆپ زىيانغائۇچرايدىغان بىر كوللىكتىپ»مىش.ئىقتىساتشۇناس لىيىنىڭنىڭ دىيىشىچە:«جۇڭگۇدىكى باي نامراتلىق پەرقى تېخى يىتەرلىك چوڭايماپتىمىش.بۇ پەرق يەنىمۇ چوڭايسىلا ئاندىن جەمئىيەت تەرەققىي قىلىپ،ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىن ئۈمىد تۇغۇلىدى»كەن.
    بىلىم ئىقتىسادى دەۋرىدە،مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىلىمى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ .بىلىمنى پۇلغاسېتىۋېلىشقا بولىدۇ.بىلىم تېخى بازاردىكى تاۋارغا ئايلانمىغان چاغدا ئانچەقورقۇنىچلىق ئەمەس.بىراق كىشىنى ئەڭ ئەنسىرىتىدىغىنى مۇتەخەسىسلەر ئۆز بىلىمىنى ساتقاندا ۋېجدانىنىمۇ بىللە سېتىۋېتىشى.
    سۇ باھاسى ئۈسۈپ كەتسە ئىقتىسادى تەرەققىيات كوممىتىدىكى مۇتەخەسىسلەر:«ئىنىرگىيە خاراكتىرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈش بايلىق مەنبەلىرىنىڭ ئىسراپ بولۇپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقاپايدىلىق »دىيىشتى. كان گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىنىڭ توختىماي يۈز بىرىشىگە قارىتائىقتىساتشۇناش جاڭۋېينىڭ:«قانۇنسىز كان ۋە خۇمدانلار سوتسىيالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى مۇقەررەر ئەھۋال،جەمئىيەت تەرەققىي قىلىشى كېرەك،شۇڭا بۇ جەرياندا بىرقىسىملارچۇقۇم بەدەل تۆلىشى كېرەك.قانۇنسىز كان ۋە خۇمدانلار ئىشسىز كۆچمەنلەرنى خىزمەت بىلەن تەمىنلىدى ،جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇئەييەن رول ئوينىدى »دەپ ئوتتۇرىغا قويدى .مانا بۇ كىشىلىك پەزىلىتىنىى يۇقاتقان نۇپۇزلۇق ئەرباپلارنىڭ سۆزى.ئادەتتىكى پۇقرالارمۇ نىمىنىڭ ھەق نىمىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىۋاتقان يەردە نىمىشقا مۇتەخەسىسلەر قەستەن چۈشەنمەس بولىۋالىدۇ .يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى خوش قىلىش،ئۇلارنىڭ باش قېتىنچىلىقى ۋە ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن مۇتەخەسىسلەر ھەرخىل كەسپى نوقتىنەزەر بىلەن ،ھەتتا يالغان ياۋىداق سۆزلەر بىلەن ئۆزلىرىنڭ كۆز قارىشىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.داۋالىنىش ئىسلاھاتى خەلققەنەپ يەتكۈزدى دەمدۇ، مائارىپنى كەسىپلەشتۈرۈش خەلقئارا ماسلاشقانلىق ياكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار ئىسلاھاتى بىلەن ئىشچىلار ئىشسىز قالمايدۇ دەمدۇ ئىشقىلىپ مۇشۇنداق گەپ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان مۇتەخەسىسلەر تەس كۈن كەچۈرىۋاتقان پۇقرالارئۈچۈن گەپ قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك ئىشقىلىۋاتىدۇ .
      شۇڭا، كىرىزىس ئالدىدا ،ھەربىر مۇتەخەسىس بىر زىيالىيغا خاس بولغان ۋىجدان ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھەممىنىڭ ئالدىدا قويۇپ،پەلقۇلاددە غەيرەت ۋە جاسارەت بىلەن سەپسەتىلەر ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ ئىلىم پەننىڭ روھى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىشى كىرەك ئىدى،ۋاھالەنكى بۈگۈنكى كۈندە قورقماي گۇمانىي كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان،يۈرەكلىك بىلەن سۇرالايدىغان،ئۆز پىكرىنىڭ خاسلىقىنى ساقلاپ قالالايدىغان مۇتەخەسىسلەر بەك ئاز قالدى .
(ۋاڭشىياڭ يۈ ئىمزالىقىدىكى بۇ ماقالە «فىليەتۇنلار»ژورنىلى2012-يىللىق 7-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى   )

1

تېما

0

دوست

6091

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   21.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30578
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 1962
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-30
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 11:34:55 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   biterep تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-26 11:43  

فىليەتۇن دىگەن جەمىيەتكە بىرىلگەن ئاچچىق دورا.
ھازىر مەكتەپلەردە بىر قىسىم رەھبەرلەر سۇغۇرتا شىركەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئۇقوغۇچىلارنى مەجبۇرى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرىۋاتىدۇ. ھۈكۈمەتنىڭ سىياسىتى بارمىكىن دىسە شىركەتتتىكىىلەر پارتكوم سىكرىتانى ئىزدەپ ھەيۋەتلىك ماشىنىلار بىلەن مەكتەپنىڭ ئالدىدىن كىتەلمىگەن. مەجبۇرى سۇغۇرتا چوقۇم يەرلىك سىياسەتنىڭ ھىلى مىكرىسى بولسا كىرەك.
لىكىن بۇلارغا ئىگە بولدىىغان ھۈكۈمەت نەدىكىن تاڭەي.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

65

تېما

23

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   98.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2595
تۆھپە : 12870
توردىكى ۋاقتى: 6344
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 11:39:06 |ئايرىم كۆرۈش
راسىتلا «مۇت خەسىس»،نۇمۇس قىلىشنى بىلمەيدۇ!.

4

تېما

0

دوست

5932

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3358
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 629
تۆھپە : 1393
توردىكى ۋاقتى: 414
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 12:01:54 |ئايرىم كۆرۈش
بۇمۇ جوڭگۇچە  ئالاھىدىلىك  بۇلسا  كېرەك .باشلىقنى  خەلىق  سايلىمايدۇ  .پارتىيە  سايلايدۇ  .شۇڭا مەسئۇلىيەت  كەلمەيدۇ .پارا يىسىڭىزمۇ  سىز يىگەن ھارامنى  سىزدىن  چوڭ  باشلىق  تەڭ يىگەن بۇلسىلا  بۇلدى .سىزگە  ھېچنىمە  بۇلمايدۇ  .

4

تېما

0

دوست

5932

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3358
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 629
تۆھپە : 1393
توردىكى ۋاقتى: 414
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 12:04:26 |ئايرىم كۆرۈش
مەنپئەت  ھەمىدىن  ئەلا  .

3

تېما

0

دوست

2253

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28099
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 142
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 12:28:32 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ALMEQI تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-26 12:30  

ھازىر مەلۇم كەسىپ شۇ كەسىپ ئەھلىنىڭ بولماي قالدى
جۇڭگولۇق مۇتەخەسىسلەرنىڭ مەسىلىلەرگە قارىتا ئىجادى
ئۇسۇلدىكى،
ساھە، ھاكىمىيەت ھالقىغان ھەل قىلىش چارە تەدبىرى
يوق، خۇددى خىشىن ۋەزىرگە ئوخشاش،
شۇڭا ئۇلار خەلقئارادىمۇ ئىتراپ قىلىشقا ئىرىشەلمەيدۇ،

0

تېما

1

دوست

2096

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21527
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 668
توردىكى ۋاقتى: 158
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 12:41:17 |ئايرىم كۆرۈش
بۇنداق ۋىژدانىنى يوقاتقان مۇتەخەسىسلەر  ئاخىرى ھەممە نەرسىسىنى يوقۇتىدۇ.

1

تېما

0

دوست

6091

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   21.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30578
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 1962
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-30
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 12:47:05 |ئايرىم كۆرۈش
ALMEQI يوللىغان ۋاقتى  2014-8-26 12:28
ھازىر مەلۇم كەسىپ شۇ كەسىپ ئەھلىنىڭ بولماي قالدى
جۇڭگو ...

يۇقارقىدەك ھەق گەپلەرنىڭ «فىليەتۇنلار»ژورنىلىدەك نەشىر ئەپكارلىرىدا كۈرۈلىشى دۆلىتىمىزدە يەنىلا ئۈمۈت بارلىقىنى بىلدۈرسە كېرەك، چۈنكى سادامدەك كىشىلەر ئۆزىنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان كىشىلەرنىمۇ دارغا ئېسىپ، ئۇنىڭ جىنسى ئاجىزلىق كىسىلىگە دىئاگۇنۇز قويغان دوختۇرلارنىمۇ ھايات قويمىغان ئىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )