قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1331|ئىنكاس: 6

ھاياتلىقتىكى بەش نېمەت (مارك تىۋىن)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

123

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30961
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 22:24:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mardan0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-26 22:33  

ھاياتلىقتىكى بەش نېمەت
مارك تىۋىن

بىرىنچى باب
ھاياتنىڭ ئەتتىگىنىدە بىر ياخشى پەرى سېۋىتىنى كۆتۈرۈپ يېتىپ كېلىپ دەپتۇ:
«مانا سوۋغاتلار.بىرسىنى ئېلىپ باشقىلىرىنى قويۇپ قوي.شۇنداقلا ئەتراپلىق ئويلىشىپ ئەقلىڭنى ئىشلىتىپ تاللا.ھاي-ھاي،ئەقلىڭنى ئىشلىتىپ تاللا!چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت بىرسىلا قىممەتلىك».
سوۋغاتلار بەش ئىدى: نام-ئاتاق،مۇھەببەت،بايلىق،خۇشاللىق،ئۆلۈم.ياش كىشى قىزغىنلىق بىلەن:«بۇ يەردە ئويلاشقۇدەك ئىش يوق» دەپتۇ-دە، خۇشاللىقنى تاللاپتۇ.
ئۇ تاشقى دۇنياغا چىقىپ ئۆزىنى خۇشاللىققا چۆمدۈرىدىغان شادلىقلارنى تېپىپتۇ.لېكىن ھەر قېتىمقى شاد-خۇراملىق ئۆز نۆۋىتىدە قىسقا ھەم ئەپسۇسلىنارلىق،قۇرۇق،بىكار،شۇنداقلا ھەربىر خۇشاللىق كېتىدىغان ۋاقىتتا ئۇنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك بىلىنىپتۇ.ئاخىرىدا ئۇ:«بۇ بىر نەچچە يىللارنى مەن بىكارغىلا ئىسراپ قىلىۋېتىپتىمەن.لېكىن قايتا تاللىيالىغان بولسام،ئەقلىمنى ئىشلىتىپ تاللىغان بولاتتىم» دەپتۇ.

ئىككىنچى باب
ھېلىقى پەرى پەيدا بولۇپ دەپتۇ:«سوۋغاتلاردىن تۆتى قالدى.قايتا بىر قېتىم تاللا.ھاي-ھاي،يەنە ئېسىڭدە بولسۇن،ۋاقت ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ،ھەمدە  ئۇلارنى ئىچىدە پەقەت بىرسىلا قىممەتلىك».
بۇ ئادەم ئۇزاق ئويلىشىپتۇ،ئاندىن مۇھەببەتنى تاللاپتۇ.پەرىنىڭ كۆزلىرىدە لىغىرلاپ قالغان ياشقا دىققەت قىلماپتۇ.
نۇرغۇن،نۇرغۇن يىللاردىن كىيىن بۇ ئادەم بىر قۇپقۇرۇق ئۆيدىكى تاۋۇت تۈۋىدە ئولتۇرۇپ ئۆز-ئۆزىگە دەرد تۆكۈشكە باشلاپتۇ:«بىر-بىرلەپ ھەممىسى مېنى تاشلاپ كېتىپ قالدى.مانا ئەمدى ئەڭ ئاخىرقى ھەم مەن ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك بولغان ئۇ بۇ يەردە يېتىپتۇ.ئارقىمۇ-ئارقا كەلگەن غىرىپلىق مېنى قاتتىق ئېغىرچىلىققا قويدى.مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ ساختىپەز سودىگەر ماڭا ھەربىر سائەتلىك بەخىتنى سېتىپ بېرىش بەدىلىگە مىڭ سائەتلەپ ئازاپ تۆلەتتى.مەن ئۇنىڭغا يۈرۈكۈمنىڭ قات-قېتىدىن لەنەت ئوقۇيمەن».

ئۈچىنچى باب
«قايتا تاللا»-،پەرى سۆزلەۋاتاتتى.
«يىللار ساڭا ئەقىل-پاراسەت ئۆگەتتى،ئەلۋەتتە،چوقۇم شۇنداق بولدى.ئۈچ تال سوۋغات قالدى.ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭلا قىممىتى بار.ئېسىڭدە بولسۇن،ئىھتىيات بىلەن تاللا».
بۇ كىشى ئۇزاق ئويلىشىپ نام-ئاتاقنى تاللىدى.ئاندىن پەرى ئۇھسىنغىنىچە ئۆز يولىغا كېتىپ قالدى.
نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى،پەرى يەنە كېلىپ كۈنى خاراب ھالدا يىگانەئولتۇرغان ھېلىقى كىشىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ئويلاشقا باشلىدى.پەرى ئۇنىڭ ئويىنى بىلەتتى.«مېنىڭ نامىم بۈتكۈل دۇنياغا پۇر كەتتى.ھەممە ئادەمنىڭ ئېغىزىدا  ماختاش مەدھىيىلەشلەر،شۇنداقلا ئازغىنە ۋاقت ئەنە شۇنداق ياخشى ئۆتتى.نېمىدىگەن قىسقا ۋاقت-ھە! ئاندىن كىيىن ھەسەت يېتىپ كەلدى.ئاندىن بوھتان،كەينىدىن تۆھمەت،ئۇنىڭ كەينىدىن ئۆچمەنلىك،ئۇنىڭ كەينىدىن زىيانكەشلىك.ئاندىن كىيىن ھالاكەتنىڭ باشلىنىشى بولغان مەسخىرە.ئەڭ ئاخىرىدائابروينىڭ دەپنىسى بولغان ئېچىنىش.ئاھ،ئاچچىق ۋە ئازاپلىق شۆھرەت!دەسلىپىدە نىشانقىلىنغىنى قىممىتى يوق لاي-لاتقىدەك نەرسىلەركەن،چۈنكى،ئۇنىڭ ھالاكىتى نۇمۇس ۋەئېچىنىش ئىچىدە بولىدىكەن.

تۆتىنچى باب
«قايتا تاللىمامسەن»-،بۇ پەرىنىڭ ئاۋازى ئىدى.
«ئىككى سوۋغات قالدى. بولدى چۈشكۈنلەشمە.باشتىلا ھەقىقىي قىممەتلىك بولغىنىدىن بىرسىلا بار ئىدى،ھېلىھەم ئۇ تېخىچە بۇ يەردە».
«بايلىق-كۈچ-قۇدرەت دىمەكتۇر.مەن نېمىدىگەن كۆزى كورلۇق قىلدىم ھە!»-دېدى ئۇ ئادەم-«ئەمدى،ئاخىرى ھاياتىم ياشاشقا ئەرزىيدىغان بولدى.تازا خەجلەپ،بۇزۇپ-چېچىپ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋېتىمەن.مېنى مەسخىرە قىلغانلار ۋە كۆرەلمەسلەرنى ئالدىمدا مەينەتچىلىك ئىچىدە ئۆمىلىتىمەن.ئاچ قالغان يۈرىكىمنى ئۇلارنىڭ ھەۋەس قىلىشلىرى بىلەن قاندۇرىمەن.بارلىق ھەشەمەتچىلىكلەر،خۇشاللىقلار،روھىي مەپتۇنلۇقلار،ئەر كىشىگە سۆيۈملۈك بولغان بارلىق جىسمانىي قانائەتلىنىش ھەممىسى مەندە بولىدۇ.مەن سېتىۋالىمەن،سېتىۋالىمەن،يەنەسېتىۋالىمەن.بويسۇنۇش،ھۆرمەت،ئىززەت،چوقۇنۇش ھەممىسى ئۇششاق-چۈششەكلەر دۇنياسى بازىرى تەمىنلەيدىغان ھاياتنىڭ  ساختانەپىسلىكىلىرى. ھازىرغىچە، ناچارلارچە تاللاپ نۇرغۇن ۋاقتنى قولدىن بەردىم، لېكىن ئەمدى ئۇ ئۆتۈپ كەتسۇن. بۇرۇن بەك نادان ئىكەنمەن، ئەمدى بىراق قارىماققا ئەڭ ياخشى بولغىنىنى ئالالايدىغان بولدۇم.
قىسقىلا ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنكى بىر كۈنى ئىدى. بۇ ئادەم بىرئەبجەق بالىخانىدا دۈگدىيىپ ئولتۇراتتى.ئۇ ۋىجىك، سارغايغان، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن بولۇپ ئەسكى لاتىغا ئورىنىۋالغان ئىدى.قۇرۇپ كەتكەن بولكا تىرىسىنى غاجىلاپ غۇدۇراۋاتاتتى:
-دۇنيانىڭ كىشىنى ئەخمەق قىلىدىغان، ھەل بېرىلگەن ئىسىل يالغانلىرى ئۈچۈن ھەممە سوۋغاتلىرىغا لەنەت! شۇنداقلا ھەممىسى خاتا ئاتىلىپتۇ، ھەممە ئادەم شۇنداق قىپتۇ. ئۇلار سوۋغات ئەمەس، ئارىيەت بېرىلگەن نەرسىلەركەن. خۇشاللىق،مۇھەببەت، ئابروي، بايلىق قاتارلىقلار رىئاللىقتىكى ئازاپ، ھەسرەت، نۇمۇس،نامراتلىق قاتارلىقلارنىڭ تەمىنى تېتىتىدىغان ۋاقتلىق نىقاپكەن خالاس. پەرى راست دەپتىكەن. ئۇنىڭ نەرسىلىرى ئىچىدە پەقەت بىرلا سوۋغات ھەقىقىي قىممەتلىك ئىكەن.پەقەت ۋە پەقەت بىرسىلا بىباھا ئىكەن.       ئاشۇ ئەزىر بىرسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا؛ ئاشۇ قەدىرلىك، تاتلىق مىھرىبان بىرسىگە سېلىشتۇرغاندا؛ چۈشسىزلىككە چىلانغان ئەمما زىھىن ۋە قەلبىڭنى چىرىتىدىغان نۇمۇس ۋە قايغۇلارنى ۋە بەدەننى قىينايدىغان شۇ ئازاپلارنى ئۇخلاتقۇزۇپ تۇرالايدىغان بىرسىگە سېلىشتۇرغاندا باشقىلىرىغا بولغان بىلىشىم   نېمىدىگەن يۈزەكى، بىخىل، پەسكەش-ھە. ئۇنىماڭا ئەكىلىپ بەر! مەن چارچىدىم، ئارام ئېلىۋالاي.

بەشىنچى باب
پەرى سوۋغاتلاردىن تۆتنى قايتىدىن ئېلىپ كەلدى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆلۈمنى باشقىلار ئىھتىياجى چۈشۈپ ئېلىۋالغان ئىدى. پەرى دەپتۇ:
-مەن ئۇنى بىر ئانىنىڭ ئەركە قوزىسى-بىر كىچىك بالىغا بەردىم.ئۇ ھېچنىمىنى بىلمەيتتى، ئەمما ماڭا ئىشىنىپ ئۆزى ئۈچۈن تاللاپ بېرىشىمنى ئېيتتى. سەن مېنى تاللاپ بېرىڭ دېمىدىڭ.
-ئاھ، بىچارە ھالىمغا ۋاي! ئەمدى ماڭا نېمە قالدى؟
- ھەتتا سەنمۇ ئېرىشىشكە ئەرزىمەيدىغان قېرىلىقنىڭ مەسخىرىلىك نەتىجىسى.


The Five Boons ofLife


Chapter I
In the morning of life came a good fairy withher basket, and said:

"Here are gifts. Take one, leave theothers. And be wary, chose wisely; oh, choose wisely! for only one of them isvaluable."

The gifts were five: Fame, Love, Riches,Pleasure, Death. The youth said, eagerly:

"There is no need to consider"; andhe chose Pleasure.

He went out into the world and sought out thepleasures that youth delights in. But each in its turn was short-lived anddisappointing, vain and empty; and each, departing, mocked him. In the end hesaid: "These years I have wasted. If I could but choose again, I wouldchoose wisely.

Chapter II

The fairy appeared, and said:

"Four of the gifts remain. Choose oncemore; and oh, remember-- time is flying, and only one of them isprecious."

The man considered long, then chose Love; anddid not mark the tears that rose in the fairy's eyes.

After many, many years the man sat by acoffin, in an empty home. And he communed with himself, saying: "One byone they have gone away and left me; and now she lies here, the dearest and thelast. Desolation after desolation has swept over me; for each hour of happinessthe treacherous trader, Love, as sold me I have paid a thousand hours of grief.Out of my heart of hearts I curse him."

Chapter III

"Choose again." It was the fairyspeaking.

"The years have taught youwisdom--surely it must be so. Three gifts remain. Only one of them has anyworth--remember it, and choose warily."

The man reflected long, then chose Fame; andthe fairy, sighing, went her way.

Years went by and she came again, and stoodbehind the man where he sat solitary in the fading day, thinking. And she knewhis thought:

"My name filled the world, and itspraises were on every tongue, and it seemed well with me for a little while.How little a while it was! Then came envy; then detraction; then calumny; thenhate; then persecution. Then derision, which is the beginning of the end. Andlast of all came pity, which is the funeral of fame. Oh, the bitterness andmisery of renown! target for mud in its prime, for contempt and compassion inits decay."

Chapter IV

"Chose yet again." It was thefairy's voice.

"Two gifts remain. And do not despair.In the beginning there was but one that was precious, and it is stillhere."

"Wealth--which is power! How blind Iwas!" said the man. "Now, at last, life will be worth the living. Iwill spend, squander, dazzle. These mockers and despisers will crawl in thedirt before me, and I will feed my hungry heart with their envy. I will haveall luxuries, all joys, all enchantments of the spirit, all contentments of thebody that man holds dear. I will buy, buy, buy! deference, respect, esteem,worship--every pinchbeck grace of life the market of a trivial world canfurnish forth. I have lost much time, and chosen badly heretofore, but let thatpass; I was ignorant then, and could but take for best what seemed so."

Three short years went by, and a day camewhen the man sat shivering in a mean garret; and he was gaunt and wan andhollow-eyed, and clothed in rags; and he was gnawing a dry crust and mumbling:

"Curse all the world's gifts, formockeries and gilded lies! And miscalled, every one. They are not gifts, butmerely lendings. Pleasure, Love, Fame, Riches: they are but temporary disguisesfor lasting realities--Pain, Grief, Shame, Poverty. The fairy said true; in allher store there was but one gift which was precious, only one that was notvalueless. How poor and cheap and mean I know those others now to be, comparedwith that inestimable one, that dear and sweet and kindly one, that steeps indreamless and enduring sleep the pains that persecute the body, and the shamesand griefs that eat the mind and heart. Bring it! I am weary, I wouldrest."

Chapter V

The fairy came, bringing again four of thegifts, but Death was wanting. She said:

"I gave it to a mother's pet, a littlechild. It was ignorant, but trusted me, asking me to choose for it. You did notask me to choose."

"Oh, miserable me! What is left forme?"

"What not even you have deserved: thewanton insult of Old Age."




تەرجىمان: مەردان مەتقاسىم




0

تېما

0

دوست

123

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30961
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 00:02:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتنىڭ ئۆزى بىر تاللاش. تۇرمۇش نۇرغۇن تاللاشلارغا تولغان...
مارك تىۋىن ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا يازغان بۇ ھېكايە تولىمۇ مەنىلىك يېزىلىپتۇ دەپ قارايمەن. خۇشاللىق، مۇھەببەت، مال-دۇنيا، ئابروي...بۇلارنىڭ ئاقىۋىتى بىزگە ياشاشنىڭ مەنىسى ئۈستىدە چوڭقۇرراق ئويلىنىپ بېقىشقا تۈرتكە بولىدىكەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

4

تېما

3

دوست

2603

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9364
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 197
تۆھپە : 681
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 12:38:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھايات ئۆلۈمدىن سوراپتۇ: نىمىشقا كىشلەر سەندىن شۇنچە قورقىدۇ ۋە يىرگىندۇ ؟ ماڭابولسا شۇنچىلىك ئامراق ئىنتىلىدۇ .
   ئۆلۈم جاۋاپ بېرىپتۇ : چۈنكى سەن گۈزەل يالغانچىلىق ، مەن بولسام ئازاپلىق ھەقىقەت .

ھەر كىم ئۆز ئىشىغا تەدبىر قولل

0

تېما

0

دوست

229

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   76.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30892
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 58
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-28 12:03:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايات  بىر چۈش تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر

2

تېما

0

دوست

840

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29041
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 260
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 12:42:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2

تېما

1

دوست

2193

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21931
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 690
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 20:09:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sahabi يوللىغان ۋاقتى  2014-8-27 12:38
ھايات ئۆلۈمدىن سوراپتۇ: نىمىشقا كىشلەر سەندىن شۇنچە  ...

ھىكمەتكە تويۇنغان ياخشى ئىنكاس .

0

تېما

0

دوست

1095

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   9.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30440
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 85
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 20:39:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھمان دۇنيا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )