قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 2587|ئىنكاس: 25

ھالاكەتلىك يول ( ھېكايە )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

3

دوست

2385

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15618
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 730
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 22:59:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹شۆھرەت بېلىكىگە ئاقنى ئۇرۇپ ئۆيىدە قېتىپ قاپتۇ ››دېگەن خەۋەر تېزلا نامازغا كەلگەن خىزمەتداشلارنىڭ،تونۇش -بىلىشلەرنىڭ.....ئىشقىلىپ ھەممە كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا قۇلاقنى -قۇلاققا يېقىشقان كۇسۇر -كۇسۇر پاراڭلار ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بولۇندى،نامازغا كەلگەنلەر ئىچىدە ‹‹توۋا ››دەپ ياقىسىنى تۇتقانلارمۇ،‹‹ ھەي ئېسىت، ئەمدى تېخى ئوتتۇز نەچچە ياشلارغا كىرگەن ئىدى، شۇ نېجىسنى چەكمىگەن بولسىمۇ، ياشلا كەتتى -دە.....›› دەپ ئېچىنىش بىلەن ئىچ ئاغرىتقانلارمۇ،ئاغزىدا دېمىگەن بىلەن كۆڭلىدە‹‹ خوپ بوپتۇ، ئۆزىگە ئۆزى قىلدى ،بىركىم مەجبۇرلاپ چەكتۈرمىگەن بولغىيتى شۇ نىجىسنى...›› دەپ غەزەپلەنگەنلەرمۇ بار ئىدى، بىرنەچچە ئاياللار ئۈن سېلىپ ھازا ئېچىۋاتقان شۆھرەتنىڭ ئانىسىغا،يەنە بىرنەچچىلىرى ئايالى مېھرىگۈلگە تەسەللى بېرىۋاتاتتى،( شۆھرەت بىلەن مېھرىگۈل بىرنەچچە ئاينىڭ ئالدىدا،شۆھرەتنىڭ ئاققا ئۆگىنىپ قېلىپ تۈزەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، شۆھرەتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن ،دەرھال ئۆلۈم پەتىسىگە كەلگەن ئىدى،) نېمە ئىش بولغانلىقىنى تازا ئاڭقىرالمىغان ، بەش ياشلاردىن ئاشقان قىزى بولسا غەمسىز ھالدا ئويناۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئارىلاپ –ئارىلاپ‹‹ ئاپا، نېمىشقا يىغلايسەن؟دادام قېنى؟دادام ئۆلۈپ قالدىما؟ ئۇ ئەمدى بىزنىڭ قېشىمىزغا كەلمەمدا؟....››دېگەن سەبىيلەرچە سوئالى مېھرىگۈلنىڭ ۋە ئەتراپتىكىلەرنىڭ يۈرەك -باغرىنى تېخىمۇ بەك ئېزەتتى.
    مېيىت يەرلىككە قويۇلۇپ،ئۆلۈم پەتىسىگە كەلگەنلەرنىڭمۇ ئايىقى ئۈزۈلدى،قېيىن ئانىسىنىڭ ئۆتۈنۈشى بىلەن مېھرىگۈل بىرنەچچە كۈن قىزى بىلەن قېيىن ئانىسىغا ھەمراھ بولدى،( گەرچە ھازىر ئۇ مېھرىگۈلنىڭ قېيىن ئانىسى بولمىسىمۇ ئىلگىرى بولغان ئىدى، شۇڭا بۇ يەردە شۇنداق ئاتالدى) يەتتە نەزىرنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن مېھرىگۈل ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەلدى ۋە ئىشقا چۈشتى. كەچ كىردى،مېھرىگۈل ئاللىقاچان شېرىن ئۇيقۇغا كەتكەن قىزىنى باغرىغا مەھكەم باسقىنىچە ئۆكسۈپ –ئۆكسۈپ يىغلىماقتا ئىدى. بىر ھازا يىغلىۋالغاندىن كېيىن شۆھرەتنىڭ چىرايىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ،ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىنى ئەسلەشكە باشلىدى.

ئالىي مەكتەپتە بىر سىنىپتا ئوقۇغان بۇ بىر جۈپ يۇرتداشلار ( شۆھرەت شەھەر ئىچىدىن، مېھرىگۈل شەھەردىن يىگىرمە نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان ناھىيىدىن ئىدى)،ئوقۇشنىڭ ئىككىنچى يىلىغا بارغاندا،ھەممە ئادەمنىڭ كۆزى چۈشىدىغان
قوشماقلارغا ئايلانغان ئىدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئايرىلىش ئازابلىرىنىڭ كۆز ياشلىرىغا چىلىشىپ،بىر –بىرىگە قىيالماسلىق بىلەن تەلمۈرۈشكەن نۇرغۇن ئاشىق –مەشۇقلارنىڭ ئەكسىچە، قوللىرىنى مەھكەم تۇتۇشقىنىچە بىر ئاپتوبۇستا يۇرتىغا قايتىپ كېلىشتى.ھۆكۈمەتنىڭ تەقسىماتىغا ئاساسەن شۆھرەت ۋىلايەتلىك رادىئو –تېلىۋېزىيە مەكتىپىگە ،مېھرىگۈل ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتىپىگە تەقسىم قىلىندى.
    ئىككىسىنىڭ تۇرىۋاتقان ئورنى ئانچە يىراق بولمىغاچقا، دەم ئېلىش كۈنىدىن سىرت يەنە ناھىيە بازىرى بولغان كۈنلەردىمۇ شۆھرەت بىر ئامال قىلىپ مېھرىگۈل بىلەن كۆرۈشكىلى باراتتى. دەم ئېلىش كۈنلىرى بولسا يا مېھرىگۈل شەھەرگە كېلەتتى ،يا شۆھرەت مېھرىگۈلنىڭ قېشىغا باراتتى ،ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە نەدىن چىقىدىكن تاڭ شۇنچە گەپلەر، ئۇلارنىڭ گەپ –سۆزلىرى پەقەتلا تۈگىمەيتتى.

    مۇھاببەتلىشىۋاتقان شۇ تاتلىق دەملەر، شۆھرەتنىڭ يۈرەكنى تىترەتكۈچى مۇھاببەتلىك سۆزلىرى ۋە ئوتلۇق قاراشلىرى ئېسىگە كېچىش بىلەن مېھرىگۈلنى يەنە يىغا باستى.ئۇ يەنە بىردەم ئۆكسۈپ يىغلىغاندىن كېيىن ،ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ خىيالىنى داۋام ئەتتى.
    -بىزدەك بەختلىك بىر جۈپلەردىن دۇنيادا يەنە بىرسى بولمىسا كېرەك ،اللاھ خالىسا تېنچ –ئامان تويىمىزنى قىلىۋالساق، تەشكىلگە دەپ يۈرۈپ سېنى يۆتكەپ ئەچىقىۋالسام، كېيىن ئوغلىمىز تۇغۇلسا، -دېگەن ئىدى شۆھرەت بىر كۈنى مېھرىگۈلنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.

    -ئوغلىمىز ئەمەس ،قىزىمىز تۇغۇلسا ،-دېگەن ئىدى مېھرىگۈل شۆھرەتكە يېقىملىق ئەركىلەپ.

    -
مەيلى گۈلۈم ،قىزىمىز تۇغۇلغان بولسۇن، سەن نېمە دېسەڭ شۇ، شۇنداق بەختلىك كۈنلەر قاچانمۇ كېلەر؟ خەپ ،مۇئاشىم كۆپرەك بولغان بولسا! ئاتا –ئانام شۇنچە جاپا –مۇشەققەتلەر بىلەن ئوقۇتۇپ خىزمەتكە چىقىرىپ قويسا، يەنە ‹‹ مېنى ئۆيلەيدىغان پۇلنىڭ ھەممىسىنى سىلەر چىقىرىسىلەر›› دەپ ،دولامنى چىقىرىپ،بېزىرىپ تۇرىۋالسام ياخشى بولمىغىدەك،بىر –ئىككى يىل تويغا يېتەرلىك پۇل توپلىۋالاي،ئاندىن تويىمىزنى قىلىپ بىر ئۆيگە كىرسەك ،‹‹سېنى سېغىنىپ كەتتىم››دەپ يۈگۈرۈپمۇ يۈرمەيتتىم،راست تويغا يېتەرلىك پۇل توپلاپ بولغۇچە، مەندىن يۈز ئۆرۈپ باشقا بىرسى بىلەن توي قىلىۋالماسسەن -ھە؟- دېگەن ئىدى شۆھرەت.
   
-ئىتتىكراق بولمىساڭ كەينىمدە ئۆچۈرەت تىزىپ قويغانلار تەييار جۇمۇ ، -دېگەن ئىدى مېھرىگۈل شۆھرەتنى تېرىكتۈرۈپ.
   -كىمكەن ئۇ ئۆچىرەت تىزىپ قويغان؟ ئۆزەم بىر سۆزلىشەي،پېىيىنى قىرقىۋەتمەي يەنە ئۇ ئۆچىرەتتىىكنىڭ.....،-شۆھرەت خۇددى ھازىرىلا بېرىپ پېيىنى قىرقىۋېتىدىغاندەك ،ھۈرپىيىپ ماڭغان ئىدى.

  
-ساراڭ،چاخچاق قىىلپ قويدۇم،سەندىن باشقا ھېچكىم بىلەن توي قىلمايمەن،-دېگەن ئىدى مېھرىگۈل.
   
-دېمىگەن بىلەن بىزنىڭ خوتۇن يەنە ماڭا چىدىمايدۇ جۇمۇ،-دېگەن ئىدى شۆھرەت.
    -سەتلىكىنى،كىم سىلىنىڭ خوتۇنلىرىكەن، ئالدى بىلەن توي قىلسىلا،ئاندىن -ھە.....!-دېگەن ئىدى مېھرىگۈل ئەركىلەپ.

    ئۇلار ئەنە شۇنداق شېرىن مۇھاببەت بېغىدا سەيلى قىلىپ ئىككى يىلنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ،توي قىلىپ بەخت قۇچىقىدا ئەللەيلەنگەن ،ئاتا –ئانىسىنىڭ يۆلىشى ۋە بانكىدىن قەرز ئېلىش ئارقىلىق بىنا ئۆيمۇ ئېلىۋالغان ئىدى.توي قىلىپ ئىككىنچى يىلى ئوماق قىزى نەفىسە دۇنياغا كۆز ئاچتى،شۆھرەتنىڭ نېجىس ئاققا ئۆگىنىپ قېلىشى ،قىزى تۇغۇلغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىدى،مېھرىگۈل قىزى تۇغۇلغاندا تېخى يۆتكۈلۈپ كېلەلمىگەن ھەم تۇنجى تۇغۇتىدا ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قىرقىسىنى توشقۇزىدىغان قائىدە بولغاچقا ،ئاتا –ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى.شۆھرەت ئىككى كۈندە بىر دېگۈدەك ئىشتىن چۈشۈپلا ماشىنا كىرا قىلىپ قىزىنى ۋە مېھرىگلنى كۆرگىلى باراتتى، قىزىنى پۇراپ ،سۆيۈپ قانمايتتى،ئۇنىڭ مېھرىگۈلگە ۋە قىزىغا بولغان چوڭقۇر مېھرى –مۇھاببىتىگە ھېچنىمە توغرا كەلمەيدىغاندەكلا ئىدى.

    بىر ئازنا كۈنى كەچتە شۆھرەت ئىشتىن چۈشۈپ ئەمدىلا مېھرىگۈلنىڭ قېشىغا ماڭاي دەپ تۇرغان ئىدى، تولۇقسىز ئوتتۇرىدا بىر سىنىپتا ئوقۇپ،تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇمايلا سودىگەر بولىۋالغان بىر يېقىن ئاغىينىسى ئۇنىڭغا تېلىفون قىلدى.

   - ۋەي ،تېنچلىقمۇ ئاداش،بارمۇسەن؟ خوتۇن ئېلىپلا تۈگىشىپ كەتتىڭ جۇمۇ ئاداش،بىزنى ئۇنتۇپلا كەتتىڭ ،مەن ئىزدىمىسەم بىرەر قېتىم ئىزدەپ قويايمۇ دېمەيسەن ،- دېدى ئاغىينىسى رەنجىش تەلەپپۇزىدا.

    -ئۇنداق ئەمەس ئاداش، ئىشتىن چۈشۈپ قىزىمنى كۆرگىلى يۈگۈرۈپ دېگۈدەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، -دېدى شۆھرەت.

     - مۇشۇ خوتۇن كىشى بىلەن بالا دېگەنمۇ ئادەمگە بىر يۈك دېگىنە ئاداش، ماڭاي دېگەن يەرگە ماڭالمايسەن، ئويناي دېگەن ئويۇننى ئوينىيالمايسەن، ماڭا ئوخشاش ‹‹كۆتەر قاسقىنىڭنى ››دەپلا يولغا سېلىۋەتسەڭ ‹‹خوتۇننىڭ قېشىغا بارىمەن،قىزىمنى كۆرىمەن...››دەپ قاتىراپ جاپا تارتىپمۇ يۈرمەيتتىڭ ئاداش، -دېدى ئاغىينىسى .

- بۇ نېمە دېگىنىڭ، بىر ئەركىشى ئۆزى ئارزۇلاپ –ئامانلاپ ئالغان ئايالى بىلەن ئۆز پۇشتىدىن تۆرەلگەن پەرزەنتىگە ئىگە بولالمىسا ،ئۇنى قانداقمۇ ئادەم دەپ ھېساپلىغىلى بولسۇن؟-دېدى شۆھرەت.

-ئۇنداقتا مەن ئادەم ئەمەس ھايۋانكەنمەن –دە ، -دېدى ئاغىينىسى ئاچچىقلىنىپ.

-  مەن سېنى ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس ئاداش، ئەركىشى دېگەندە ئەرلىك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك، ئاياللار بىزنىڭ كۆيىنىشىمىزگە ،قوغدىشىمىزغا مۇھتاج،- دېدى شۆھرەت.

- بولدى ،ساڭا قول قويدۇم،سېنى شەخسەن ئۆزۈم ‹‹بەشتە ياخشى ئەر ››قىلىپ سايلايمەن ،بۇ يەردە جىق تالاشمايلى،خوتۇنۇڭ ئۆيدە يوق ،زېرىكىپمۇ قالغانسەن،ئۈچ –تۆت ئاغىينىلەر يىغىلپ قاپتىمىز، سېنى ياد ئېتىپ بىرگە ئولتۇرىلىكمىكىن دەپ تېلىفون قىلىشىم،غاچچىدە كېلە ‹‹خۇمار››رېئوستورانىغا،-دېدى ئاغىينىسى.

    -   مەن ھازىر مېھرىگۈلنىڭ قېشىغا بارماقچى ئىدىم،-شۆھرەتنىڭ گېپى تېخى تۈگىمىگەن ئىدى.

   -  ماڭا قارا،مەن سېنى ئادەم ئېتىپ تەكلىپ قىلىۋاتىمەن ما يەرگە،ئەتە شەنبە بولغاندىكن، ئەتە بارساڭمۇ بىر يەرگە قېچىپ كەتمەيدۇ خوتۇنۇڭ بىلەن بالاڭ،ئاغىينىلەرگە دەۋەتكەن ‹‹سېنى كېلىدۇ›› دەپ ،كەلمىسەڭ ‹‹يۈزۈمنى قىلمىدى›› دەپ بەك رەنجىيمەن سېنىڭدىن،مېنى ‹‹ئاغىينەم››دەپ بىلسەڭ چاپسان كەل،-دېدى ئاغىينىسى.تەڭلىكتە قالغان شۆھرەت ئامالسىز ئاغىينىسى دېگەن جايغا باردى.

   شۆھرەت ئايرىمخانىغا كىرگەندە بىر توپ قىز –يىگىتلەر ( ئەر –ئاياللار ) تاماكا ئىسىغا مىلەنگەن ھالدا ئولتۇرىشاتتى.

    -كېلە ئاداش،ھەر ھالدا يۈزۈمنى قىلىپ كېپسەن،كېلە مايەردە ئولتۇرە،-دەپ يېنىدىن ئورۇن كۆرسەتتى ئاغىينىسى چوڭقۇر سالامى ئېتىۋارسىز قېلىپ ،ئوڭايسىزىلىنىپ قالغان شۆھرەتنى تەڭلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ.
    - بۇ مېنىڭ بايام سىلەرگە گېپىنى قىلىپ بەرگەن يېقىن ئاغىينەم شۆھرەت بولىدۇ،ئۆزى رادىئو -تېلىۋېزىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى،- دەپ ئولتۇرغانلارغا تونۇشتۇردى.

   - ئوقۇتقۇچى دەڭ،‹‹ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى››،- دېدى يۈز -كۆزلىرىنى دانىخورەك بېسىپ كەتكەن چوقۇرراق
بىرسى.
   
-رادىئو -تېلىۋېزىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى؟ ئۇنداقتا سىز رادىئو -تېلىۋوزورلارغا دەرس ئۆتىدىغان شەرەپلىك ئوقۇتقۇچى ئىكەنسىز -دە،-دېدى ھېلىقى چوقۇرغا چاپلىشىپ ئولتۇرغان ،چېچىنى ئالا -بۇلىماچ بويىۋالغان ،سېرىقراق كەلگەن بىر قىز.( توي قىلمىغان قىزمۇ ياكى ئايالمۇ شۆھرەت ئۇقالماي قالغان ئىدى)
   
-ۋەيت،كەلدى مانا،تازا كەلتۈردىڭىز...،-ئالا -تاغىل چىرقىراشلار بىر ئالدى ئايرىمخانىنى.قىزىرىپ كەتكەن شۆھرەت بىرنەرسە دەي دەپ ئاغزىنى ئۆمەللەپ بولغۇچە ،ھېلىقى ئاغىينىسى گەپنى باشقا ياققا بۇراپ سورۇندىكىلەرنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى.
   -بۈگۈن ئاغىينىمىز زوردۇننىڭ ئىچكىرىدىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۈتىۋېلىش يۈزىسىدىن بۇ سورۇننى ھازىرلىدۇق،بۇ يەرگە يىغىلغانلىرىمىزنىڭ بەزىلىرىمىز تونۇشىمىز، بەزىلىرىمىز تونۇشمايمىز،بۇ ياقنىڭ ئىسمى زوردۇن،مۇشۇ يۇرتىمىزدا ماڭا ئوخشاش سودىگەر ئىدى،كېيىن ئىچكىرىگە چىقىپ شۇ يەردىن مال كىرگۈزۈپ كاتتا  خوجايىن بولۇپ كەتتى،بۇ يېنىدا ئولتۇرغىنى بولغۇسى ئايالى زوھرە- دەپ تونۇشۇردى ئاق پىشماق،خېلى كېلىشكەن بىر يىگىت بىلەن بىلەن يېنىدا ئولتۇرغان قىزنى.چىرقىراق كۈلكە چىقتى ،ھېلىقى يىگىت تونۇشتۇرۇشقا جاۋابەن بېشىنى
ئازىراق ئېگىپ قويدى.
    -بۇياقنىڭ ئىسمى پولات،دوستىمىز زوردۇن بىلەن بىرگە تىجارەت قىلىدۇ،بۇياق بولسا پولاتجاننىڭ بولغۇسى رەپىقىسى ئايقىز،-دەپ تونۇشتۇردى ھېلىقى چوقۇر بىلەن يېنىدىكى سېرىق قىزنى.شۇنداق قىلىپ تونۇشتۇرۇشلارمۇ ئاخىرلاشتى.ئولتۇرغانلارنىڭ كۆپىنچىلىرى ئىچكىرىدىن كەلگەن ۋە ئىلگىرى ئىچكىرىگە چىقىپ باققان تىجارەتچىلەر ئىدى .شۆھرەت ئولتۇرغان‹‹ بولغۇسى رەپىقىلەر››نىڭ ئاق دېگەننى‹‹خۇش كەتتى››قىلىپ
ئەرلەردىن ئاشۇرۇپراق ئىچىشلىرى ،تاماكا دېگەننى ئۈزمەي چېكىشلىرىگە قاراپ ھەيران قالدى.ئېغىزغا ئالغۇسىز سېرىق يۇمۇر دېگەنلەر تۆكۈلگىلى تۇردى.سورۇندىكى قىيا –چىيا راسا ئەۋجگە چىققان ئىدى،
   
- تاشلىرە ئاغىينە قولۇڭدىكى ئى كىچىك بالىلارنىڭ ئويۇنچۇق تاماكسىنى ،مانىڭدىن چېكىپ قويە، تاماكىدەكلا تاماكا ماۋۇ،- دەپ بىر تال تاماكا سۇندى زوردۇن.مەسلىكتە كۆزلىرى ئېلىشىپ كەتكەن شۆھرەت ئۇنىڭ قولىدىكى تاماكىنى ئېلىپ چەكتى،مەسلىكتە كاللىسى قېيىپ قالغان شۆھرەت بۇ تاماكىنىڭ پۇرىقىنىڭ باشقا تاماكىلاردىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمىغان ئىدى.سورۇن تۈن تەڭ بىلەن ئاياقلاشتى، قايتىدىغان ۋاقىتتا زوردۇن ئاغىينىدارچىلىق يۈزسىدىن شۆھرەتكە ھېلىقى ‹‹تاماكىدەكلا تاماكا››دىن بىر قاپ تاماكا سوۋغا قىلدى.
  
بېشى قاپاقتەكلا بولۇپ قالغان شۆھرەت ئەتىسى كۈن چۈش بولغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۈز –كۆزىنى چالا –بۇلىلا يۇيۇپ چوڭ ئۆيگە چىقتى، ئاپىسى ئەتكەن تاماقتىن ئازىراق يەپلا ،قىزىنى كۆرگىلى ماڭدى. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ شۆھرەت ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە مېڭىۋېتىپ ،قارشى تەرەپتىن پولات بىلەن بولغۇسى ئايالى ئايقىزنىڭ چاپلىشىپ دېگۈدەك كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
    -تېنچلىق تۇردۇڭمۇ ئاغىينە؟ ئىشتىن چۈشكەن ئوخشىمامسەن؟قاتتىق شوخ ئولتۇرىدىكەنسەن جۇمۇ،يۇمۇر دېگەننى قۇيىۋېتىدىكەنسەن، پات –پات كۆرۈشۈپ تۇرايلى،بىزمۇ ئۇنداق يامان باللا ئەمەس،- دېدى پولات شۆھرەتنى ۋە ئۆزلىرىنى ماختاپ –ئۇچۇرۇپ ۋە بىر قاپ تاماكا سوۋغا قىلدى.ھېلىقى ئولتۇرۇشتا زوردۇن بەرگەن تاماكا تۈگەپ كېتىپ،ماگېزىندىن ئالغان تاماكىلىرىنىڭ پۇرىقىنى ئۇ تاماكىغا ئوخشىتىپ بولالمىغان شۆھرەت پولات بەرگەن تاماكىدىن بىر تال چېكىپلا، دەل زوردۇن بەرگەن تاماكىدىن ئىكەنلىكنى بىلىپ خوشال بولۇپ كەتتى.شۇنداق قىلىپ شۆھرەت بارا –بارا زوردۇنلار بەرگەن ئاق ئارىلاشتۇرۇلغان تاماكىغا ،ئاندىن ئۇلار چەكتۈرگەن ئاققا خۇمار قالدى.ئەسلىدە ئۇلار ئىچكىرىدىن ئاق تاماكا يۆتكەپ چىقىپ ساتىدىغانلار بولۇپ،شۆھرەتنىڭ ھېلىقى سودىگەر ئاغىينىسىمۇ شۆھرەتكە ئوخشاش ئۇلار بەرگەن ئاق ئارىلاشتۇرۇلغان تاماكىغا ،ئاندىن ئاققا ئۆگىنىپ قېلىپ، ئۇلارغا بىرمۇنچە قەرز بولۇپ قالغانلىقتىن ،بۇ قېتىم ئۇلار ئىچكىرىدىن چىققاندا بىر ئادەمنى تۇتۇپ بېرىش ئارقىلىق قەرزنى كۆتۈرىۋېتىش ھېسابىغا، شۆھرەتنى ئۆز قولى بىلەن ئۇلارغا يەمچۈك قىلىپ بەرگەن ئىدى.

    مېھرىگۈل دەسلەپتە شۆھرەتنىڭ ئاققا خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى سەزمىگەن ئىدى،كېيىن ئۇنىڭ باھانە –سەۋەب كۆرسىتىپ مۇئاشىنى ئەكىرمەسلىكى، ھەدىگەندىلا سىرتلارغا قاترىشى، بەزىدە غەلىتى بولۇپ بەزگەك ئادەمدەك تىترەپ، ئاغزىدىن شايىلىلىرىنى قويۇپ يۇمۇلاپ كېتىشلىرىگە قاراپ ئۇنىڭ ئاق تاماكىغا خۇمار بولۇپ قالغانلىقنى ئۇقتى، مېھرىگۈل چاچىلرىنى يۇلۇپ يىغلىدى ،قاخشىدى،ئۇنىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ بۇ نىجىسنى ئاغزىغا ئالماسلىق توغرۇلۇق ئۆتۈندى،لېكىن ئاققا ئۆگىنىپ قالغان ئادەمنىڭ تاشلىمىقى بەك تەسكە توختايتتى،شۆھرەتىڭ خۇمارى بارغانسېرى ئېغىرلاشقا باشلىدى.خۇمارى تۇتقاندا قىزىمۇ كۆزىگە كۆرۈنمەيتتى، بەزىدە مېھرىگۈلنىڭ كانىيىنى سىقىپ ‹‹پۇل بەر ››دەپ ۋارقىرايتتى، مېھرىگۈل ئاخىرى بولماي بۇ ئىشنى قېيىن ئاتىسىغا ۋە قېيىن ئانىسىغا ئېيتتى، ئۇلار بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھۇشىدىن كەتكى تاس قالدى،‹‹نېمىشقا بالدۇرراق دېمەيسىز ؟››دەپ مېھرىگۈلدىن ئاغرىندى.
   
شۆھرەتنىڭ ئاتا –ئانىسى بار ئىقتىزادىنى توپلاپ، مەكتىپىدىن ‹‹كېسەل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت داۋالىنىدۇ››دېگەن ئىسپاتنى ئېلىپ ،ئۇنى مەجبۇرى ھالدا ‹‹زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنى››غا ئاپىرىپ بەردى.شۆھرەت ئۇ يەردە ئون ئايغا يېقىن تۇرۇپ قاتتىق پۇشايمان قىلىپ، مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ تۇرۇپ، تۆۋە قىلىپ ئاتا –ئانىسى ۋە مېھرىگۈلگە ‹‹ئاقنى ئىككىنچى ئاغزىغا ئالماسلىق، ۋاپادار پەرزەنت، كۆيۈمچان ئەر ،لاياقەتلىك ئاتا ››بولۇش ۋەدىسىنى بېرىپ ،‹‹زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنى››دىن يېنىپ چىقتى.
    شۆھرەت‹‹ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنى››دىن يېنىپ چىققاندىن كېيىن ئۆزى ۋەدە بەرگەندەك ‹‹ ئاق تاماكا ››دېگەن نىجىسنى ئاغزىغا ئالمىدى،مەكتىپىدىمۇ خېلى كۆزگە كۆرۈنگۈدەك ئىشلەپ،خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئاققا ئۆگىنىپ قالغان ۋاقىتتىكى خىزمەت ئىشلەشلىرىگە قارىتا بەرگەن ناچار باھالىرىنى ياخشىلاشقا تىرىشتى.شۇنداق قىلىپ بۇ بەختلىك ئائىلە قايتىدىن بەخت شادلىقىدا ئەللەيلەندى.

قىزى ئۈچ ياشلاردىن سەل ئاشقان يىلى مېھرىگۈل مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بىر يىللىق بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ماڭدى.( گەرچە مېھرگۈل ‹‹قىزىم كىچىك، دادىسى قىزىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايدۇ››دەپ شۇنچە تارتىشقان بولسىمۇ،لېكىن تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بويسۇنماي ئامال بولمىدى،ئىلاجىسىز كۆزى ئارقىغا تارتىشقان ھالدا ئوقۇشقا كەتتى،قىزىنڭ ھالىدىن مېھرىگۈلنىڭ چوڭ ئۆيىدىكىلەر خەۋەر ئېلىپ تۇتىدىغان بولدى. )مېھرىگۈل كېتىپ نەچچە ئايدىن كېيىن شۆھرەت يالغۇزلۇقتىنمۇ ۋە ياكى باشقا سىۋەبلەردىنمۇ‹‹قاغا پوق يېيىش ئادىتىنى تاشلىيالماپتۇ››دېگەنگە ئوخشاش ھېلىقى ساتارمەن، چېكەرمەنلەر بىلەن يەنە تېپىشىپ قالدى.ئۆيدىكى پۇلغا يارىغۇدەك پۈتۈن نەرسىنى سېتىپ بولۇپ، ئاتا –ئانىسىغا ئۇختۇرماي ئۆيىنىمۇ سېتىۋەتتى، ئۇنىڭ ئۆيىنى سېتىۋەتكەنلىكىنى ئۇققان ئاتا –ئانىسى يىغلاپ –قاخشاپ ئۆينى قايتۇرىۋېلىش ئۈچۈن چېپىشتى، لېكىن شۆھرەتنىڭ قولىدا ئۆي ساتقان پۇلدىن ئازىراقلا پۇل قالغان ئىدى،ئۇ پۇل بىلەن ئۆينى قانداقمۇ قايتۇرىۋالغىلى بولسۇن؟ ھەرقانچە ئەسكى بولسىمۇ يەنە بالا دېگەن بالا-دە، ئاتا –ئانا بولغۇچىلار بالىغا يەنىلا چىدىمايدۇ، شۆھرەتنىڭ ئاتا –ئانىسى ئۇنى ئۆيگە قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالدى، شۆھرەتنىڭ ئاق خۇمارى بارغانسېرى ئېغىرلاپ ،ئەمدى بىلىكىگە ئوكۇل قىلىپ ئۇرمىسا بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن ئىدى،ئاتا –ئانىسى ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ نىجىس‹‹ ئاق تاماكىنى ›› ئېغىزغا ئالماسلىق توغرۇلۇق ئۆتۈندى،لېكىن شۆھرەت ساق ۋاقتىدا مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ ،قاتتىق ‹‹توۋا ››قىلاتتى،لېكىن خۇمارى تۇتقاندا قىلغان توۋىلىرى ئاللىياقلارغا كېتەتتى.

    مېھرىگۈلنىڭ ئوقۇشى تۈگەپ قايتىپ كېلىپ، شۆھرەتنىڭ يەنە قايتىدىن چېكىشنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى، ئۆينىمۇ سېتىۋەتكەنلىكنى ئۇقۇپ اللاھقا نالە قىلپ قاتىق يىغلىدى،لېكىن يىغا يەنە يىغا پېتى قېلىپ قېلىۋەردى، ئاقنىڭ دەستىدىن ئەقلىدىن ئادىشىپ قالايلا دېگەن شۆھرەتنىڭ باغرى قېتىپ كەتكەن بولۇپ،كۆز ياشلار ئۇنى تەسىرلەندۈرەلمەس بولۇپ قالغان ئىدى.ئىلاجىسىز قالغان مېھرىگۈل قېيىن ئاتىسى ۋە قېيىن ئانىسى بىلەن بىللە تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.شۆھرەتنىڭ ئاتا –ئانىسى قەرز ئېلىپ بولسىمۇ ئوغلىنى داۋالىتىشنى ئويلۇشۇپ تەرەپ –تەرەپكە چېپىۋاتقان كۈنلەردە، بىر كۈنى خۇمارى تۇتۇپ ،كۆزلىرىەە قان تولۇپ غالجىرلاشقان شۆھرەت ‹‹پۇل تېپىپ بەر››دەپ دادىسىنىڭ كارنىيىگە پىچاقنى تەڭلىدى، قورقۇپ كەتكەن دادىسىنىڭ يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلى قوزغۇلۇپ شۇ يەردىلا جان ئۈزدى،بىر ئۆمۈر مائارىپ ئۈچۈن تۆھپە قوشقان، ئۆمرىنى بالىلارنى تەربىيلەشكە سەرپ قىلغان بۇ پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى،باشقىلارنىڭ بالىلىرىنى تەربىيلىدىيۇ، ئۆزىنىڭ بالىسىنى ‹‹ئاق تاماكا ››دىن ئىبارەت بۇ مۇدھىش نىجىس  ئالۋاستىنىڭ چاڭگىلىدىن،بۇ ھالاكەتلىك يولدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش ۋە قۇتۇلۇپ چىقىش جەھەتتە تەربىيلەپ بولالماي، كۆزى ئوچۇق ھالدا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى.
    شۆھرەت ئۆزىنى داۋالىتىش ئۈچۈن يىغىلغان پۇللارنىڭمۇ ھېچنىمىسىنى قويمىغان ئىدى،ئۇ ئەمدى كۈندە ‹‹پۇل بەر ››دەپ ئاپىسى بىلەن مېھرىگۈلنىڭ كۆزىگە كىرىۋلاتتى،خۇمارى تۇتۇپ كەتكەن كۈنلىرى يەردە يۇمىلاپ، ۋارقىراپ ئۆينىڭ ئىچىنى ئېپ بولاتتى، بۇنداق چاغدا بىچارە قىزى قورققىنىدىن بىر بۇلۇڭغا كىرىپ يۈگۈلۈپلا قالاتتى،بۇنداق كېتىۋەرسە قىزىغا بولغان تەسىرىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان مېھرىگۈل ئاخىرى ئاجرىشىپ كېتىشنى توغرا تاپتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بۇ خىل تۇرمۇشقا بەكلا بەرداشلىق بېرەلمەي قالغان ئىدى،شۇنىڭ بىلەن يۇقۇرىدا ئەسكەرتىش بەرگەندەك  ئۇلار نىكاھتىن ئاجراشتى، نىجىس ‹‹ئاق تاماكا››بەختلىك بىر ئائىلنى،ھەممە ئادەمنىڭ كۆزى چۈشىدىغان، جەمىيەتتە خېلى ياخشى نامى بار بىر ئوقۇتقۇچىنى ۋەيران قىلغان ئىدى.ئۇلار ئاجىرىشىپ نەچچە ئاي ئۆتمەيلا شۆھرەت باشتا دەپ ئۆتكەندەك ئۆيىدە بېلىكىگە ئاقنى ئوكۈل قىلىپ ئۇرۇپ،مىقداردىن كۆپرەك ئۇرۇپ سالغاچقا،قېتىپ قېلىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى.
   مېھرىگۈل يۇقارقىلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەچ ،ئىچىدە پىچىرلاپ تۇرۇپ ئۆزى بىلىدىغان بىرقانچە ئايەتلەرنى ئوقۇدى،شۆھرەتتەك  ،نىجىس ‹‹ئاق تاماكا››غا ھەرگىزمۇ يېقىن يولاپ قالماسلىق ،ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىدىن ئىبرەت ئېلىش، ئۇ ماڭغان ھالاكەت يولىدا مېڭىپ قالماسلىق،ئۆز ھاياتىنى قەدىرلەش...توغرىسداا بارلىق ياشلارنىڭ دىلىغا  چىن كۆڭلىدىن ئىنساپ –دىيانەت تىلىدى.



  
تۈگىدى
مەنبە : ئۆز قەلىمىم.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

123

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30961
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-26 23:46:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان ئەمەس يېزىپسىز.....بۇ ھەقىقىي يۈز بەرگەن ۋەقەلىك ئوخشىمامدۇ؟
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

11

تېما

3

دوست

2385

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15618
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 730
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 12:52:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2014-8-27 12:39
خىرۇئىن ھەقىقەتەن قورقۇنىچلىق ئوخشىمامدۇ؟

ھېكايىدا تىلغا ئېلىنغان ۋەقەلىك بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ شەھەردە يۈز بەرگەن ....


مۇشۇ بىرنەچچە يىل  ئىچىدە مەن تونۇيدىغان بىرقانچەيلەننىڭ چوڭى ئوتتۇز نەچچە ياشلىق ،كىچىكى يىگىرمە نەچچە ياشلىق  بالىلىرى خىروئىن چېكىپ قېتىپ قېلىپ،ياكى ئەيدىس بىەن تۈگەپ كەتتى،ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بولۇپ  قالدى، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىگە بەكلا ئېچىندىم....


اللاھتىن بارلىق بەندىلىرىنىڭ بۇ نىجستىن يىراق قىلىشىنى تىلەيمەن.....
uyghuray
5#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
6#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

7

دوست

4105

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   70.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17606
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1226
توردىكى ۋاقتى: 198
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 16:00:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئاق تاماكا، ئەيدىز قاتارلىق نىجىس نەرسىلەر ۋە كىسەللەر توغرىلىق گەپ چىقسا، ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە ئۇنداق ئىشلارنىڭ بارلىقىغا پەقەت ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ جىمۇ! توقۇپ چىققاندەكلا تۇيۇلىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار دېگەن قانداق مىللەت ھە؟ بىزنىڭ ئىچىمىزدىن قانداقسىگە ئۇنداق مەينەت ئىشلار چىقىدۇ دەيمەن؟
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )