- تىزىملاتقان
- 2014-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1131
- نادىر
- 0
- يازما
- 86
ئۆسۈش
13.1%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bahadiryigit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-28 09:49
turayigiti يوللىغان ۋاقتى 2014-8-28 04:01
گەرچە بەك چوڭ ئىش بولمىسىمۇ لېكىن خەنزۇ بوۋاينىڭ ئوتتۇ ...
بۇنداق مىللى ئۆرپ ئادەتلەرنى ھاقارەت قىلىش توغرا ئەمەس.توي ۋاقىتنى قانداق ئۇرۇنلاشتۇرۇش تويچىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش.ئەمدى بۇنىمۇ بەلگىلەپ بېرەمدۇق؟ سىز ئېيتقان ئاشۇ ئارام ئالغان كىشىلەرنڭ ئارام ئېلىش ئەركىنلىكى بولسا ئەجەبا تويچىلارنىڭ توي ۋاقتىنى بېكىتىش ئەركىنلىكى يوقمىدۇ؟سىزنىڭچە بولغاندا كېچىسى بارلىق ماشىنىلارنىڭ مېڭىشىنى چەكلىسەك بولىدىكەندە؟چۈنكى ئۇلار ماڭغاندىكى ئاۋاز يول ياقىسىدا ئۆيى بارلارنى ئۇخلاتمايدۇ ئەمەسمۇ؟ئىشلارغا بۇنداق يۈزەكى قارىمايلى قېرىندىشىم. مىنىڭ ئىدارەمنىڭ ئالىدا كۈندە ياڭراتقۇدا بۇلۇشىغا ناخشا قۇيۇۋىلىپ مەيدان ئۇسۇلى ئوينايدىغان خەنزۇلار نۇرغۇن.بەزىللىرى ياڭراتقۇنى قۇيىۋىلىپ يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتىدۇ.ئەتراپتىكىلەرنى ئويلاشمايدۇ.بىزمۇ ھۆرمەت قىلىپ ئۇلارغا گەپ قىلىپ باقمىدۇق. مۇشۇنداق ئۆتسە بولمىدىمۇ؟كەچتە قىلىغۇسى بارلار كەچتە ،كۈندىزى قىلغۇسى بارلار كۈندۈزى ،نەغمە قىلغۇسى بارلار نەغمە ،نەغمە قىلغۇسى يوقلار قىلمىسا بولمىدىمۇ؟ئەتراپتىكىلەر ئۇلارنىڭ تاللىشىغا ئۆرپ ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ بىرئاز چىدىسلا بولمىدىمۇ؟ كەچكى توي ھەرقانچە بولسىمۇ يېرىم كېچىگىچە بولمايدۇ.بىزدە ئۇنداق يېرىم كېچىە نەغمە قىلىپ ئۇخلىمايدىغان ئادەت يوق.بۇلۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە.باشقىلار ئۇخلايدىغان ۋاقىت بولغاندا ئۇلارمۇ تارقاپ ئۆيىگە بېرىپ ئۇخلايدۇ.بىزنىڭ توي تۈكۈنىمىز ھەرگىزمۇ غەرپلىكلەرنىڭ ھازىغا ئوخشاش ئادەممۇ كەلمەيدىغان توي مۇراسىمىغا ئوخشىمايدۇ.ئۇيغۇرنىڭ تويىغا ئادەم قانچە جىق كەلسىمۇ جىقلىق قىلمايدۇ،ناخشا ئۇسۇل قانچە جاراڭلىق بولسىمۇ ئېشىپ كەتكەن بولمايدۇ.ھەممە نەرسە ئۆز مىللىتى ئىچىدە قەدىرلىك بولىدۇ. مىللىتىمىزنىڭ بۇنداق ئۆرپ ئادەتلىرىنى قوغدىشىمىز ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرىشىمىز كېرەك.ئەگەر ئىسلاھ قىلىشقا توغرا كەلسە نىمىنى ئۆگىنىشنى نىمىنى قوغداشنى بىلمەيدىغان باشقا مىللەتلەرگە ھەۋەس قىلىپ ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىسىدىن يۈز ئۈرۈش نىيتىگە كىلپ قالغانلارنى تەربىيە بىلەن ئىسلاھ قىلىپ ئۆز ئۆرپ ئادەتلىرىمىزنىڭ قىممىتىنى بىلدۈرسەك بولىدۇ.ئۆزىگە خاس مەدەنىيتى بولمىغان مىللەت ئۇزاق مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرالمايدۇ.ئۆرپ ئادەت ئېتقاد ھىچنىمىگە تاقاشمايدۇ.ئەكسىنچە بۇلار بىلەن ئىنسانىيەت دۇنياسى رەڭگارەڭ گۈزەل بولىدۇ. |
|