- تىزىملاتقان
- 2014-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1131
- نادىر
- 0
- يازما
- 86
ئۆسۈش
13.1%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bahadiryigit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-28 16:34
etym يوللىغان ۋاقتى 2014-8-28 13:29
بىز ئۇيغۇر مىللىتى ئەسلى توينى خۇشال - خۇرام ئوتكۇزسەك ...
توغرا دەيسىز.بىز ئۇيغۇرلار توي قىلغاندا نەغمە ناۋا قىلىمىز.بۇ ھەرگىزمۇ سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزگەندەك نەغمە قىلىمىز دىگەنلىك ئەمەس.بىزنڭ يۇتدا توي قىلغاندا ھەممەيلەن شۇنداق خوشال بۇلۇشىدۇ.ھەممە ئادەمنىڭ يۈزىدىن تەبەسسۇم جىلۋە قىلىپ تۇرىدۇ.ئەتتىگەندە نامازدىن يېنىپلا جامائەت كىرىپ تويچىنى تەبرىكلىشىدۇ.ئاندىن تۇققانلار كېلىشكە باشلايدۇ.بۇيەردە دىيىلگەن نەغمە پەقەت يىگىت دوسلىرى بىلەن يىغىلىپ قىزنى ئېلىپ چىققىلى قىز تۇرغان ئۆيگە كىرگەندە «ئاپپاق ئاپپاق توشقانلارىىڭ»دىگەن توي ناخشىسىنى ئېيتىدۇ.مانا بۇ پۈتۈن تويدىكى نەغمە.ئۇندىن باشقىسى يوق.مۇشۇ يېتەرلىك.نەغمە قىلىدۇ دىسە كەچكىچە ئۇسۇل ئويناپ سەنئەت كېچىلىكى قىلىدۇ دىگەنلىك ئەمەس.مانا بۇ يىتىپ ئاشىدۇ.توينىڭ يارىشىقى. ھەممە ئىشنىڭ لايىقىدا بولغىنى ياخشى.مەن ئەقلىمنى بىلپ ھازىرغىچە كۆرگەن تويلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق.ئەمدى ياشلار تويدىن كىيىن كەچتە ئايرىم يىغىلىپ «ۋىچىركا»قىلىدىغان ئىش بار.بۇنى خالىغانلار قىلىدۇ.خالىمىغانلا رقىلمايدۇ.قىلغانلارمۇ شۇ دوسلار بىلەن ئايرىپ ئولتۇرۇپ توي تەبرىكلەش ئۈچۈن .بىرقانچە مەرتە ئۇسۇل ئويناش بىلەنلا تۈگەيدۇ..ھاراق شاراپ ئىچىش قاتتىق چەكلىنىدۇ.چۈنكى بۇخىل ئۇسۇل ئېتقادىمىزنى ھۆرمەت قىلىپ ئىككى ياشنىڭ ھەقىقى نىكاھلىق بۇلۇشى ئۈچۈن .ۋىچىركا ئادەتتە 1سائەت ئەتراپىدىلا بولىدۇ.ھەممەيلەن بالدۇرلا ئۆيلىرىگە قايتىشىدۇ.تويدا نەغمە قىلش دىگەن ئۇقۇمنى توغرا چۈشىنىش كېرەك.ئېتقاد ۋە ئۆرپ ئادەت ئورتاق ھۆرمەت قلىنىش كېرەك.ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆرپ ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك.ئۆرۈپ ئادەتنى جەمىيتكە ماسلاشتۇرىمەن دىيىش توغرا ئەمەس.كىشىلەرنىڭ ئۆمرىدە بىر قتىم كېلىدىغان بەختىنى ھۆرمەتلەش كېرەك.يەنە كىلىپ بەزى كىشىلەر دىققىتىنى مۇشۇنداق ئىشقا قارىتىۋالىدىكەن.خۇددى ئىشى يوقتەك. بولسا مۇشۇ زېھىنى بىلىم ئېىشقا قاراتسا ئاشۇ چاقنىغا ئەرخۇتۇن دوكتۇرلاردىن ئۆگەنسە نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە.توي تۈكۈنىمىز ئۆرپ ئادىتىمىز بۇيىچە بۇلىۋىرىدۇ.بۇنى ئەمدى ئىسلاھ قىلىمىز دەپ زېھنىمىزنى ئىسراپ قىساق بولمايدۇ.قانداق ئۆتكۈزۈشنى خالىغانلار شۇنداق ئۆتكۈزسۇن.ئىشىنىمەن ئۆزىنى ئۇيغۇر دىگەنلەر چۇقۇپ ئېتقادقا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئۇيغۇردەك توي ئۆتكۈزىدۇ.يەنە كىلىپ تويدا نەغمە قىلسا ئۇيغۇر تەرەققى قىلپ نەغمە قىلمىسا ئارقىغا چىكىنىپ كەتمەيدۇ.ئەكسىنچە بىلىم ئېلىشقا كۈڭۈل بۆلسە تەرەققى قىلپ بىلىم ئېلىشقا كۈڭۈل بۆلمىسەچىكىنىپ كېتىدۇ.نەزىرىمىزنى ئەھمىيەتلىك پايدىلىق ئىشلارغا قارىتايلى.نىمىنى قۇبۇل قىلش نىمىنى قۇبۇل قىلماسلىقنى ئۆگىنەيلى. |
|