قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 17316|ئىنكاس: 107

قاپ يۈرەك خەنزۇ يولداش

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

519

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   3.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24387
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 150
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-27 21:31:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىغۇچى قاپ يۈرەك خەنزۇ يولداش

     2014-يىلى 24-ئاۋغۇست-يەكشەنبە كەچ، ئاتۇش شەھرى «پامىر يولى گۈلبوستان ئولتۇراق رايونى» مەھەللىسىدە مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن ئۆتكۈزىلىۋاتقان «مەسلىھەت چاي»نىڭ ئۇسۇل- موزىكىلىق ئولتۇرىشى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 8 دە باشلىنىپ 9 يېرىمدا ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرىلگەنىدى. دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ پۇل-پۈچەك ئۆرىمە قىلىشلىرىدىن تەسىرلەنگەن ئانا تاراملاپ تۆكۈلىۋاتقان كۆز ياشلىرىنى يوشۇرمايلا ئوغلى بىلەن بىللە ئۇسۇلغا چۈشۈپ: «بۇ- مەن ئاجىزە ئاناڭنىڭ ئازراق كۆڭلى بالام!؛ بۇ- بۈگۈنكى تويىڭىزنى كۆرۈشكە نىسىپ بولماي قازا قىلىپ كەتكەن دادىڭىزنىڭ كۆڭلى بالام!»- دەپ ئۆرىمە قىلىپ، مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك ھەممىمىزنى يىغلىتىۋەتتى...  
    دەل مۇشۇ ۋاقىتتا قورو ئىچىگە ئاگاھ سىگنالىنى ياڭراتقان ھالدا ئىككى ساقچى ماشىنىسى كىرىپ كەلدى-دە، ماشىنىدىن چۈشكەن بىر نەچچە ساقچى موزىكىنى توختىتىشقا ئىشارە قىلىپ، توي ئېگىسىگە جىددى قىياپەتتە: «بىز، مۇشۇ بىر سائەت ئىچىدە خەنزۇ يولداشلارنىڭ 110غا تەكرار ئۇرغان، «يۇقۇرى ئاۋازلىق مۇزىكا قويۇش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ دەم ئېلىشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىش» نارازىلىق مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق؛ موزىكا قويۇشنى دەرھال توختىتىشىڭلار كېرەك-دەپ بۇيرۇق قىلدى. مەسلىھەت چايغا قاتنىشىۋاتقان بارلىق ياشلار بۇ بىرنەچچە ساقچىنى ئورىۋېلىپ: «توي ئادەمنىڭ ئۆمرىدە پەقەت بىرلا قېتىم بولىدۇ، بىزنىڭ مىللى ئۆرپە-ئادىتىمىزدە توينى نەغمە-ناۋاسىز قىلمايمىز؛ بىزنى بۇ ئەنئەنىمىزدىن كىم چەكلىيەلەيدىكەن قېنى؟ -دەپ غەۋغا كۆتۈرىشكە باشلىدى... ئەھۋال ئىنتايىن جىددى بولۇپ، مېجەزى چۇس ساقچىلار بىلەن قىزىققان ياشلار ئوتتۇرىسىدا ئېغىر بىر سۈركىلىشنىڭ خەۋىپى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارلىقىدا ئىدى...
   يۇقارقى ئەھۋاللارنى باشتىن -ئاخىر ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرغان مەھەللىمىزدىكى يەتمىش نەچچە ياشلىق خەنزۇ بوۋاي ئىنتايىن ئاچچىقلانغان ھالدا ساقچىلارنىڭ ئالدىغا گۆلىيىپ بېرىپ، ساپ ئۇيغۇر تىلىدا: «ھەي ساقچى يولداش! سەن باشقىلارنىڭ نارازىلىق پىكرىنىڭ توغرا، خاتالىقىنى پەرىق ئەتمەي تۇرۇپلا مەھەللىمىزگە ئۈسۈپ كىرسەڭ بولامدۇ؟  110غا تىلفۇن ئۇرغان زادى قايسى خەنزۇ ئىكەن؟ مانا مەنمۇ خەنزۇ، بىز خەنزۇلار چاغاندا ھەپتىلەپ يۇقۇرى ئاۋازلىق پوجاڭزا ئاتساق باشقا مىللەتتىن بولغان خوشنىلىرىمىز بىر ئېغىزمۇ نارازىلىق بىلدۈرمىگەنغۇ؟! ھەتتا پوجاڭزا ئاۋازىدىن مەھەللىدىكى ھەرمىللەت پەرزەنتلىرى زوقلىنىپ كېتەتتى. مانا بۇ مەسلىھەت چېيدىكى سورۇنغا قاراپ باق! ئۇيغۇرچە ناخشا-ئۇسۇلدىن زوقلىنىپ، ھەتتا ئىختىيارسىز ئۇسۇلغا جۈر بولىۋاتقان ئاۋۇ خەنزۇ پەزرەنتلىرىنى كۆرمىدىڭمۇ؟!  بۇ مەھەللىدىكى 200 دەك ئائىلە ئىچىدە خەنزۇلار پەقەت ئوننەچچە، سەن باشقىلارنىڭ ئىنكاسىنىڭ توغرا، خاتالىقىنى پەرق ئەتمەي تۇرۇپ، نارازىلىق ئىنكاس سۇنغۇچىلارغا تەنقىت-تەربىيە بەرمەي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نارازىلىق پىكرىنى بۇ يەردە كۆپچىلىككە ئەينەن يەتكۈزسەڭ، مەھەللىمىزدىكى ھەرمىللەت قېرىنداشلىرى ئارىسىغا زىددىيەت ئۇرۇقىنى چاچقان بولۇپ قالمامسەن؟  بۈگۈنكى مەسلىھەت چېيىغا مانا مەن جاۋاپكار!!! »-دەپ مەيدىسىگە بىر نەچچىنى ئۇرۇپ كاناي ياللۇغىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان يۆتىلى تۇتۇپ كەتتى...
    ساقچىنىڭ ئالدىدا مەيدىسىنى مۇشتلىغان بۇ قاپ يۈرەك قېرىغا بولغان ھەيرانلىقىم ئىككى كۈن داۋاملىشىپ، ئاخىرى قولۇمغا قەلەم ئېلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم.
جەمئىيەتتە قانچىلىغان مەھەللە مۇشۇنداق قاپ يۈرەك قېرىلارغا مۇختاج ھە!

خەۋەر مەنبىيى: مۇھەممەد قادىر (ئۇماي)

1

تېما

0

دوست

6294

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30578
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 2030
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-28 02:57:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇ يولداشلارنىڭ ساقچىلارغا تىلىفۇن قىلىشىمۇ ئاساسسىز ئەمەس، بىز توي تۆكۈنلىرىمىزنى سوتىسيالىسىتىك جەمىيەتكە ماسلاشتۇرىشىمىز، ناغرا سۇناينى تاراڭلىتىپ باشقىلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتماسلىقىمىز، ئومۇملۈق ئۈچۈن بەزى ئشىلارنى ئسىلاھ قىلىشىمىز لازىم.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

237

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   79%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30943
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-28 03:32:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
biterep يوللىغان ۋاقتى  2014-8-28 02:57
خەنزۇ يولداشلارنىڭ ساقچىلارغا تىلىفۇن قىلىشىمۇ ئاساس ...

لازىم پازىم دەپكەتكىدەك نەنىڭ باشلىقىدۇ بۇ بىشەرەپ يولداش.

كالپۇگۇڭنىڭ ئۈستىدە بۇرۇت باردۇر
يەر ئاستىنى كولىساڭ قۇرۇت باردۇر.
قىماۋازلار قولىدا كورت باردۇر
تۇغۇلغان كۈن سورۇندا تورت باردۇر.

مانا نەخلا سىزگە لايىق شېركەن.پات پات يادىلاپ تۇرۇڭ، ناغرا سۇنايغا تەڭكەش قىلىپ ئىيتسىڭىزمۇ بولدۇ.

0

تېما

0

دوست

237

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   79%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30943
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-28 03:33:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزدىغان بىرنىمىلەر يوقالسۇنا...!

ANA TILNI KOGDAX HAMMA UYGURN

2

تېما

0

دوست

2415

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9859
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 377
تۆھپە : 478
توردىكى ۋاقتى: 151
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-28 04:01:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turayigiti تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-28 06:10  

گەرچە بەك چوڭ ئىش بولمىسىمۇ لېكىن خەنزۇ بوۋاينىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ گەپ قىلىشى ھەقىقەتەن ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇ.ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزرا چۈشىنىش،ئۆزئارا ھۆرمەتلەش جەمئىيەتنىڭ تەقەززاسى ھەم ئېھتىياجى.
ھەقىقەتەن توي تۆكۈن،چايلىرىمىز نەغمە ناۋاسىز قىزىمايدۇ.خەنزۇلارنىڭ چاغىنىمۇ پوجاڭزا ئاتماي ئۆتمەيدۇ.لېكىن تەڭ كېچە بولغاندا داقا دۇمباق چېلىپ،ۋەياكى پوجاڭزىنى ۋاڭىلدىتىپ ئېتىپ باشقىلارنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشمۇ تازا ياخشى ئىش ئەمەسمىكىن.سىز خۇشال بولسىڭىز ھەممىلا ئادەمنىڭ سىز بىلەن تەڭ خۇشال بولۇپ داقا دۇمبىقىڭىزنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇش ،ئاتقان پوجاڭزىڭىزغا قاراپ ھوزۇرلىنىپ ئولتۇرۇش مەجبۇرىيىتى يوق.شۇنداقلا كېچە بولغاندا خاتىرجەم ئۇيقۇسىنى ئۇخلاش ھوقوقىمۇ بار.شۇڭا ئۈستىدىكى تورداش ئېيتقاندەك مەيلى خەنزۇلارنىڭ چاغاندا كېچىسى پوجاڭزا ئېتىشى بولسۇن ،ۋەياكى بىزنىڭ مۇشۇ خىلدىكى چايلىرىمىز بولسۇن ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك دەپ قارايمەن.خەنزۇلارمۇ جىن-شەيتانلىرىنى تەڭ كېچە بولغاندا قوغلايمەن دىمەي كۈندۈزدە قوغلىسىمۇ ئۇنچىۋالا پوجاڭزىنىڭ ئاۋازىدا يىراقتىن مارىلاشقىمۇ پېتىنالماس بوپ كىتە.ئۆتكەندە بىر ئاغىنەم قىزىنىڭ گۈل چاي مەرىكىسىنى چۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ مېھمان چاقىرىپتىكەن،بولىدىكەنغۇ،مېھمانلارمۇ دەل ۋاقتىدا كېلىدىكەن،قورساق تازا ئاچقان ۋاقىت بولغاچقا تاماقلارمۇ ئىسراپ بولمايدىكەن.كۈندۇز بولغاچقا ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلدىڭ دەيدىغان ئادەممۇ يوق.مۇشۇنىڭدەك بىزمۇ توي-تۆكۈنلىرىمىزنى كۈندۈزگىلا ئورۇنلاشتۇرغان بولساق ئۇنچىۋالا ئاۋارىچىلىقلارمۇ بولماس ئىدى بەلكىم.

0

تېما

5

دوست

4072

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25958
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1300
توردىكى ۋاقتى: 227
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-28 07:48:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
biterep يوللىغان ۋاقتى  2014-8-28 02:57
خەنزۇ يولداشلارنىڭ ساقچىلارغا تىلىفۇن قىلىشىمۇ ئاساس ...

توغرا دەيسەن . سەن ئاشۇنداق قىل . ئۆزەڭنىڭ ، ئەۋلاتلىرىڭنىڭ تويىنى شۇنداق قىل .......

0

تېما

0

دوست

906

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   81.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23629
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 278
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-28 09:02:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turayigiti يوللىغان ۋاقتى  2014-8-28 04:01
گەرچە بەك چوڭ ئىش بولمىسىمۇ لېكىن خەنزۇ بوۋاينىڭ ئوتتۇ ...

ئۈمرىڭىزدە تۇيڭىز نەچچە قىتىم بۇلدۇ،شۇ خۇشاللىقنى نەچچە قىتىم ئۇرۇق تۇققان خۇلۇم -خۇشنىلار بىلەن بىللە ئۈتكىزەلەيسىز ،تۇي-تۈكۈن تاماق يىيىش ئۈچۈن ئەمەس.

2

تېما

8

دوست

1131

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29736
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-28 09:35:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahadiryigit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-28 09:37  
biterep يوللىغان ۋاقتى  2014-8-28 02:57
خەنزۇ يولداشلارنىڭ ساقچىلارغا تىلىفۇن قىلىشىمۇ ئاساس ...


سىز ئۆزىڭىزنىلا ئىسلاھ قىلمامسىز.قارىسام ئاللىبۇرۇن ئىسلاھ قىلىنىپ ئۇيغۇرغا ماس ھىچنىمڭىز قالمىغاندەك قىلىدۇ.بۇنداق مىللى ئۆرپ ئادەتلەرنى ھاقارەت قىلىش توغرا ئەمەس. مىنىڭ ئىدارەمنىڭ ئالىدا كۈندە ياڭراتقۇدا بۇلۇشىغا ناخشا قۇيۇۋىلىپ مەيدان ئۇسۇلى ئوينايدىغان خەنزۇلار نۇرغۇن.بەزىللىرى ياڭراتقۇنى قۇيىۋىلىپ يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتىدۇ.ئەتراپتىكىلەرنى ئويلاشمايدۇ.بىزمۇ ھۆرمەت قىلىپ ئۇلارغا گەپ قىلىپ باقمىدۇق. مۇشۇنداق ئۆتسە بولمىدىمۇ؟ بىزنىڭ توي تۈكۈنىمىز ھەرگىزمۇ غەرپلىكلەرنىڭ ھازىغا ئوخشاش ئادەممۇ كەلمەيدىغان توي مۇراسىمىغا ئوخشىمايدۇ.ئۇيغۇرنىڭ تويىغا ئادەم قانچە جىق كەلسىمۇ جىقلىق قىلمايدۇ،ناخشا ئۇسۇل قانچە جاراڭلىق بولسىمۇ ئېشىپ كەتكەن بولمايدۇ.ھەممە نەرسە ئۆز مىللىتى ئىچىدە قەدىرلىك بولىدۇ. مىللىتىمىزنىڭ بۇنداق ئۆرپ ئادەتلىرىنى قوغدىشىمىز ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرىشىمىز كېرەك.ئەگەر ئىسلاھ قىلىشقا توغرا كەلسە سىلىدەك نىمىنى ئۆگىنىشنى نىمىنى قوغداشنى بىلمەيدىغان باشقا مىللەتلەرگە ھەۋەس قىلىپ ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىسىدىن يۈز ئۈرۈش نىيتىگە كىلپ قالغانلارنى تەربىيە بىلەن ئىسلاھ قىلىپ ئۆز ئۆرپ ئادەتلىرىمىزنىڭ قىممىتىنى بىلدۈرسەك بولىدۇ.ئۆزىگە خاس مەدەنىيتى بولمىغان مىللەت ئۇزاق مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرالمايدۇ.سىز بۇ ئىشلارغا باش قاتۇرماي بىلىم ئېگەللەشكە باش قاتۇرۇڭ.ئۆرپ ئادەت ئېتقاد ھىچنىمىگە تاقاشمايدۇ.ئەكسىنچە بۇلار بىلەن ئىنسانىيەت دۇنياسى رەڭگارەڭ گۈزەل بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )