قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 861|ئىنكاس: 9

پۇل-مۇئامىلە بازىدىكى بىلىملەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

1

دوست

372

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30929
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 17:03:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇل-مۇئامىلە بازىدىكى بىلىملەر
مەن ئالدىنقى يازمام ‹پۇل-مۇئامىلە بازىرىدىكى ئېزىقتۇرۇشنى ھىس قىلالامسىز › دىگەننى يازغاندىن كېيىن نۇرغۇن دوستلار بۇ يازمىدىكى نۇرغۇن ئۇقۇملارنى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇ يازمىنىڭ كەسىپچانلىقى كۈچلۇك ھەم چوڭ جەھەتتىنلا چۈشەندۈرگەن، شۇڭا كەسىپ ئەھلى ئەمەس كىشىلەردە مۈجىمەل تۇيغۇنىڭ پەيدا بولىشى نورمال. شۇ سەۋەپلەردىن مەن پۇل-مۇئامىلىنىڭ تۈرلىرى بويىچە ئايرىم –ئايرىم چۈشەندۇرمەكچى. مەن ئالتۇن-كۈمۈش،قەرەللىك مال، تاشقى-پىرىۋوت سودىسى،بانكا،پايچىك،سۇغۇرتا ھەم مۇشۇلارنىڭ ئورتاق ئاساسى بولغان ياپۇنىيە شامچە سىزىقى،كۆرسەتكۈچنىڭ رولى، ئاساسى يۈز تەھلىل ئۇسۇللىرى توغرىسىدا قۇربۇمنىڭ يېتىشىچە چۈشەنچە بېرىمەن.
ئالتۇن-كۈمۈش،تاشقى-پىرىۋوت سودىسىنىڭ تۈرلىرى،ئالاھىدىلىكى ھەم سودا يالغانچىلىقى توغرىسىدا
پۇل-مۇئامىلە تۈرلىرى ئىچىدە ئالتۇن-كۈمۈش بىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان بىرسىدۇر، نۇرغۇن كىشىلىرىمىز تاشقى پىرىۋوت سودىسىنى ئاڭلاپلا قىزىقمايدۇ ياكى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ،ئەمما ئالتۇن كۈمۈش سودىنىنى ئاڭلىسا بۆلاكچە قىزىقىدۇ ،بۇ بەلكىم بىزنىڭ ئۇزۇندىن بويان نەخ ئالتۇن كۈمۈش سودىسىنى ئاڭلاپ ياكى كۆرگەنلىكىمىزدىن  بولسا كېرەك.
ئالتۇن- كۈمۈش ئادەتتە ئەنئەنىۋى ئالتۇن-كۈمۈش سودىسى بىلەن توردىكى ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىغا بۆلىنىدۇ . نەخ ئالتۇن-كۈمۈش ئادەتتە خەلقىئارادا كىشىلەرنىڭ زىبۇ-زىننەت قىلىشى، سانائەتتە ھەر خىل بويۇملارنى ياساش ، مەبلەغ سېلىپ پۇل تېپىش ياكى شۇ دۆلەت پۇلىنىڭ مۇقىم ھالەتنى ساقلىشىدىكى بىر تۈرلۇك ۋاستە قىلىش قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىستىمال قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىكى مەبلەغ سېلىپ پۇل تېپىش ئۇسۇلى بولسا بىزدە پەقەت ئەرزان باھادا ئېلىپ يۇقىرى باھادا سېتىشلا بولىدۇ، ئەمدى باشقىلاردا قەرەللىك مال (قەرەللىك مال ئاددى ئېيىتقاندا ھازىرنىڭ ئۆزىدە كەلگۈسىدىكى مالنىڭ باھاسىغا قارىتا مۆلچەرلەش ئېلىپ بېرىپ ئېلىپ سېتىشنى كۆرسىتىدۇ ،خەلقىئارادىكى نىفىت سودىسى مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ) سۈپىتىدا ئېلىپ سېتىش تۈرىمۇ بار .
توردىكى ئالتۇن-كۈمۈش سودىسى بولسا ئاساسلىقى مەبلەغ سېلىپ پۇل تېپىش ئۈچۈنلا ئېشلىتىلىدۇ، بۇنىڭ تۇرلىرى ھازىر ئېلىپ سېتىش ۋە قەرەللىك مال ئۇسۇلىدا ئېلىپ سېتىش بولىدۇ.بۇ تۈردىكى سودا ياۋرۇپادا تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن شۇنداقلا ئۇلار ئۈچۈن ئادەتتىكى ئۇقۇم بوپ قالغان . بىزدە پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەر بىلىۋاتىدۇ ،بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەپ بۇ سودا توردا بولغانلىقى،بىزدە ھازىرقى زامان ئۆلچىمىدىكى ساۋاتسىزلار جىق بولىشى ،ماتىرياللار دۆلەت تىلىدا بولىشى،بۇ سودىنى ئىلگىرى قىلغانلارنىڭ زىيان تارتىشى ۋە بۇنىڭ سەلبى تەسىرى ،باشقا سەۋەپلەرمۇ بار ئەلۋەتتە.
نەخ ئالتۇننىڭ ئەۋزەللىكى ئالتۇن يېنىڭىزدا تۇرىدۇ بىرسىنىڭ ئالدىشىدىن ئەنسىرىمەيسىز ، ئالتۇن دۇنيادا ئوبرورت بولىدۇ ،كۆپىنچە ۋاقىتلاردامۈلكىڭىزنىڭ قىممىتىنى ساقلاشتىكى ئەڭ ئۆنۈملۈك قورال بولالايدۇ .
ئەمدى توردىكى سودىدا مەبلەغنىڭ ئايلىنىشى تىز ، جانلىق بولىدۇ ،ئالتۇن-كۈمۈشنى ئۆسۈشكە،چۈشۈشكە ئالالايسز ، پۇل مۇئامىلە سودىلىرى كاپالەتلىك سودا بولىدۇ ئالتۇن كۈمۈشمۇ شۇنداق بولىدۇ، يەنى ئاز پۇل بىلەن كۆپ مال ئالالايسىز  مۇنداقچە ئېيىتقاندا سىزگە خەتەر دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ  پايدا ئېلىش ، تەۋرىنىش دەرىجىلىرىنى ئۆستۈرگەنگە تەڭ  بولىدۇ ( ئادەتتە بىرگە بىر ھەسسىلىك سودىدا سىزنىڭ پايدا زىيان ئۆزگىرىشىڭىز بەك ئاستا بولىدۇ ، ئەسلىدىنلا بازار تەۋرىنىشى ئاستا بولىدۇ . ئەمدى كاپالەتلىك سودا ئۇسۇلى بويىچە بولغاندا سىزنىڭ مەبلىقىڭىزنى يۈز ھەسسە ، مىڭ ھەسسە،ئىككى مىڭ ھەسسە قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ھەسسە تۈرلىرى بويىچە ھەسسىلىنىدۇ، بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ پايدا زىيىنىڭىزنىڭ ئۆزگىرىشى بەك تىز بولىدۇ،بۇ خەتەر پايدا زىياننى ماس قەدەمدە ئۆستۈرىدۇ،باشقىچە ئېيىتقاندا تەۋرىنىش دائىرىسى،رىتىمىنى تىزلەتكەن بىلەن باراۋەر ). بازار خەلقىرالىشىپ كەتكەن بولۇپ  سىزنىڭ  مەبلىقىڭىزنىڭ  ئىشلىتىش ئۆنۈمىنى ئادىل ، ئەركىن بولغان  بازاردا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدا جارى قىلدۇرالىشىڭىز مۇمكىن . مەبلەغ سېلىش بەك ئاددى بولۇپ سىز قەيەردە قاندا ۋاقىتتا بولىشىدىن قەتتىنەزەر بۇ بازارغا كىرەلەيسىز .تور سودىسىدا مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە  ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك ، بۇ سودىدا ئالدامچىلار بەك جىق بولۇپ سىز مەبلەغ كىرگۈزگەن سۇپىنىڭ راست يالغانلىقىنى پەقەتمەك بىر  قەدەر تەس ئەڭ ياخشىسى كەسپى خادىمنى يەردەملىشىسكە چاقىرىپ  تەكشۈرتۈڭ.پۇل مۇئامىلە ساھاسىدە دۆلىتىمىز بىلەن چەتئەلنىڭ پەرقى بار بولۇپ چەت ئەل پۇل مۇئامىلىسى تېخىمۇ ئەركىن ، جانلىق ، ئادىل بازار ،ئالتۇن-كۈمۈشنىڭمۇ دۆلەت ئىچى سۇپىسى ، چەتئەلنىڭ سۇپىلىرى بار ، دۆلەت ئىچىدىكىسى خەلىق پۇلى بويىچە ھېسابات قىلىدۇ،مەبلەغ كىرگۈزۇش چىقىرىش  بەك تىز ، ئەمما سىز كىرگۇزگەن مەبلەغ پەقەت شىركەتتىلا ساقلىنىدۇ ، يەنى سىز پەقەت شىركەت بىلەنلا سودا قىلىسىز ، يەنى بېكىنمە ھالەتتىكى سودىغا ئوخشاش بولىدۇ ، ئەمما مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە دۆلەت كاپالەتلىك قىلىدۇ ، شىركەت ۋەيران بولسا ئىزدەپ سوراپ ئاخىرىنى چىقىرالايسىز .يامان يېرى تېخى دۆلىتىمىزدە بۇنداق شىركەتلەرنى نازارەت قىلىش قىلىش بىر قەدەر ئاجىز .
چەت ئەل سۇپىلىرىغا كىرسىڭىز مەبلىقىڭىز پۈتۇن دۇنياغا چېچىلىدۇ ، شۇنداقلا چەت ئەلنىڭ نازارەت قىلىش سېستىمىسى ، ئورگانلىرى تولۇق ھەم مۇكەممەل ،ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ئىلغار بازارغا كىرىپ سودا قىلالايسىز ، ئەگەردە شىركەت ۋەيران بولسا سىز ھىچكىمنى ئىزدەپ تاپالمايسىز دۆلىتىمىزمۇ ئىگە بولمايدۇ ،  چۈنكى سىز سالغان مەبلەغ چەت ئەلدا ئايلانسا بىزگە پايدىسى يوق ، خەقلەرنىڭ ئادىمى ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ دىگەندەك . مەبلەغ بىخەتەرلىكى سەۋەبىدىن دۆلىتىمىز ياكى رايۇنىمىزدا نۇرغۇن شىركەتلەر قۇرۇلۇپ سىز ۋە چەت ئەل سودا سۇپىلىرى ئارىسىدا كۆۋرۈكلۇك  رولنى ئويناۋاتىدۇ ، بىراق سىز بۇنىڭ ئۈچۇن ھەق تاپشۇرايسىز .مەبلەغتىن چاتاق  چىقسا مۇشۇ شىركەتلەر ئۆز ئۈستىگە  ئېلىپ تۆلەيدۇ .  
ئەمدىكى مەسىلە سىزنىڭ ياخشى بىر  يىتەكچىنى تاپالماسلىقىڭىز بۇ ئەڭ مۇھىم مەسىلە . ئالدىنقى ماقالەمدە دىگەندەك بۇ بازاردا چوڭ چوڭ پۇل مۇئامىلە شىركەتلىرى ، مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرىنىڭ مۇتەخەسلىرى ، مالىيە باشقۇرغۇچىلىرى بار  ، ئۇلار دەل بىزنىڭ رىقابەتچىلىرىمىز بولىدۇ ، شۇڭا يېڭى ئۈگەنگۈچىلەر بىر ئادامنىڭ يىتەكلىشىگە مۇھتاج ، بۇ بازاردا چەت ئەللىك ئادەتتىكى پۇقرالارمۇ  جىق  مۇشۇ نوختىغا ئاساسەن بىزمۇ بۇ بازارغا كىرسەك بولىدىغانلىقىمقزنى بىلەلەيمىز ، مەنمۇ سىزگە سىز  بىر ياخشى ئۆگەنگۈچى بولسىڭىز خاتىرجەم بازارغا كىرىشىڭىزنى  تەۋسىيە قىلىمەن ، ئەگەردە ئۆگەنگۈچى بولمىسىڭىز   كەسپى خادىملارغا تايىنىشىڭىز بەك ئېغىر بولىدۇ . سىز ياخشى ئۆگەنگەندىن كېيىن سودا سۇپىلىرىغا ئۆزىڭىز بىۋاستە كىرسىڭىز بولىدۇ بۇنداق بولغاندا باشقىلارغا ئوتتىرىدىكى ھەقنى تاپشۇرۇپ يۇرمەيسىز .
مۇشۇ يەرگىچە ئوقۇغان بولسىڭىز بەلكىم بۇ بازارنى خەلى چۈشۈنۈپ قالدىڭىزغۇ دەيمە، ئەمدى سىزگە كىلىۋاتقان ئاساسلىق زىيان يەنىلام مۇشۇ كەسپى  خادىمدىن كېلىۋاتىدۇ ، ئالدىنقى ماقالىدە دىگەندەك بىز ئۇيغۇرلاردا بۇ  ساھادىكى  ئىقتىساس ئىگىلىرى  ئاز ئەمەس ، بىراق كۆپىنچىسى ئالى بىلىم  يۇرتلىرىدا ياكى تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدۇ ، سىزگە ئۇچراۋاتقان كۆپىنچىسى يېڭى ئۆگەنگۈچى  ، ئۇلار سىز سورايدىغان سۇئال ئۈچۈن مەخسۇس تەربىلەنگەن ،  مەسىلەن ئۇلار سىزنى كۆپ مەبلەغ سېلىشقا  قىزىقتۇرىدۇ ، بۇنىڭ مەلۈم ئاساسى بار ، بىراق  ئۇ  بىر تاكتىكا ، يەنى سىز مەبلەغ كىرگۈزۈپ زىيان تارتسىڭىز مەبلەغ جىق بولسا داۋاملىق بۇ سودىغا قاتنىشىڭىز مۇمكىن ، ئېغىرراق زىيان تارتسىڭىز پىسخىكا جەھەتتىن ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكىلىش خاھىشىڭىز كۈچلۈك بولىدۇ ، داۋاملىق چوڭقۇرلاپ كىرىسىز دىگەن  گەپ ، مەبلەغنى ئاز كىرگۈزگەن بولسىڭىز ، ئاز زىيان بىلەن بۇ سودىدىن قول يۇيىشىڭىز مۇمكىن ، ئەمدى سودىغا ئۇستا ئادەم كۆپ مەبلەغ تەلەپ قىلىشى ناتايىن ، بۇ  سودىدىما ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغان كىشىلەر مەۋجۇت .
تاشقى پىرىۋوت بازىرىغا كەلسەك بۇ بازارنىڭ  تۈرى بەك كۆپ يەنى  خەلقىئالىق خالىغان ئىككى پۇلنىڭ ئايرىۋاش نىسبىتىنىڭ ئۆسۇش چۈشۈشىگە ئېلىپ سېتىپلا قىلسىڭىز بولدى . بۇ  بازار ئالتۇن-كۈمۈشكە باققاندا تەسىرىگە ئۇچرايدىغان  مۇھىت ئامىللىرى ئاز ، بازار ئۆزگىرىشىنى بىلمەك ئاسان نىسبەتەن تۇراقلىق ، شۇڭا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۆپرەك مۇشۇ بازارغا كىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن ، ئالتۇن-كۈمۈش بازىرىدا سىز دۇنيا ۋەزىيىتى ، دۇلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ، سىياسسىتى، سودىسىغا ۋە يەنە جىق نەرسىلەرگە دىققەت قىلمىسىڭىز بولمايدۇ . تاشقى پىرىۋوت بازىرىدا شۇ ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىتى ، سودا ھەمرالىرىغا بەك دىققەت قىلسىڭىز ، باشقىلىرىغا مۇۋاپىق دەرىجىدە بولسا بولدى .
سىز بەلكىم ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىغا قىزىقىشىڭىز مۇمكىن ، بىزدىكى كۆپىنچە  كىشىلەر ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنى نۇقۇل ھالەتتە ئىھتىياج بىلەن تەمىنلەش تەرىپىدىن بىكىتىلىدۇ دەپ قارىشى مۇمكىن ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئاددى ئەمەس ، گەرچە (ئالتۇن كۈمۈش باھاسى) باھاغا تەسىر كۆرسىتىدىغان سەۋەپلەر كۆپ بولسىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە توردىكى ئالتۈن كۈمۈش سودىسىنىڭ  راست ئالتۇن باھاسىغا  تەسىر كۆرسىتىشى بىر  قەدەر تىپىك ھەم  ئىككىسى  ئۆز-ئارا بولاۋاتىدۇ ، سىز بىز ئادەتتە راست ئالتۇن بىلەن توردىكى ئالتۇن سودىسىنىڭ زادى قايسىسىنىڭ قايسىسىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيمىز ، ھىس قىلغۇسىز دەرىجىدە چەمبەرچاس بوپ  كەتكەن . مەسىلەن توردا ئالتۇن ئېلىم بېرىم قىلىۋاتقان كىشىلەر شۇنداق  جىق ، ئۇلارنىڭ  كۆپىنچىسى ئالتۇننىڭ ئۆسۇشىنى چەكسىز ئارزۇ قىلىدۇ بۇ ئەھۋالدا  ئالتۇن باھاسى ئۆسۈۋېرىدۇ دىگەن گەپ ، شۇنىڭغا ماس نەق مالنىڭما باھاسى ئۆسىدۇ ، بەلكىم باھا ئۆزگىرىشىدا  تارىخى رىكورت يارىتىشى مۇمكىن ، بۇ خىل باھا ئۆزگىرىش ئەھۋالى  پەقەت كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى چۈشۈشنى ئارزۇ قىلغىچە داۋاملىشى مۇمكىن . بۇ خىل ئەھۋالدا توردىكى سودا ئاكتىپ بازا باھا ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئەمدى كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى ئۆسۈشكە تارتىش بوشلىقى چۈشۈشكە تارتىش بوشلىقىدىن يۇقىرى بولىدۇ ، چۈشۈشكە تارتىش بوشلىقى پەقەت ئالتۇن ئىشلەپچىغارغۇچىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش تەنەرقى بەرداشلىق بىرىش  بوشلىقىغىچە بولىدۇ .
ئەمدى دۇنيادا  ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى توساتتىن ئازلاپ كەتسە بۇ چاغدا ئالتۇن باھاسى ئۆسىدۇ ، ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى توساتتىن كۆپەيسە باھاسى چۈشىدۇ ، شۇڭا  بۇ ئىككى سودا بەك چەمبەرچاس باغلانغان ، ئۇنداقتا ھىس قىلدىڭىزمۇ يوق ، تور سودىسى ئاكتىپ باھا ئۆزگىرىشىنى ھاسىل قىلغاندا سىز سېتىۋالغان نەخ ئالتۇنغا كۆپۈك باھا ئارىلاشقان بولىدۇ .
تاشقى پىرىۋوت بازادا باھانىڭ ئۆزگىرىشىگە  كىشىلەر  ئارزۇسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى نىسبەتەن كىچىك بولىدۇ ، چۈنكى بىر دۆلەتنىڭ پىرىۋوت نىسبىتى شۇ دۆلەتنىڭ سودا مۇناسىۋىتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ ، ئەگەر باھا ئۆزگىرىشى بەك چوڭ بوپ كەتسە بۇ شۇ دۆلەتنىڭ سودىسىغا يەنى ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا بۇ سىز بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دىگەن گەپ،  شۇڭا تاشقى پىرىۋوت بازىرىنىڭ باھا ئۆزگىرىشى نىسبەتەن كىچىك ، بىلمەك ئاسان بولۇپ پايدا ئېلىشتىكى ياخشى تۈر .
خۇلاسىغاندا  بۇ بازار مۇشۇنداق مۇرەپكەپ ، چېتىلىدىغان بىلىم ، تۈر،ئىشلار بەك كۆپ ، ئەمدى پۇل مۇئامىلە بازىرىنى  ئاددى ، توغرا ،ئېنىق ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز ياپۇنىيە شامچە سىزىقىنى ئۆگىنىڭ، ياپۇنىيە شامچە سىزىقىنى مەن كىيىنكى  ماقالەمدە چۈشەندۈرىمەن
شۇڭا  سىز پۇل مۇئامىلە بازىرىدا مەبلەغ سالغاندا ئۆزىڭىزدا بىر ياخشى پىلان بولىشى كېرەك .  ماقالىدە ئىملا خاتالىقى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ قالدى ئوقۇغانلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، كىيىنكى ماقالىرىمدە بۇنداق خاتالىقنى ئازلىتىمەن.
ئىلتىماس بۇ ماقالىنى خالىغانچە كۆچۈرسىڭىز بولىدۇ ئەممە ،ئەجرىم ئۈچۈن ئۈندىدار نۇمۇرۇمنى بىللە كۆچۈرسىڭىز.
ئۈندىدار نۇمۇرۇم:728339627

0

تېما

4

دوست

2269

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21877
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 668
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 17:46:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز جاپا چەكتىڭىز  . بولسا پۇل مۇئامىلە توغرۇلۇق ماقالىلەرنى يوللاپ تۇرغايسىز.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

7

دوست

976

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   95.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29991
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 288
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 18:09:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراشلىرىڭىزغا ۋە بۇ سودا توغۇرلۇق بىلىمىڭىزنىڭ موللىقىغا قايىل بولدۇم مەنمۇ بۇ سودىنى قىلىۋاتقىلى ئۇچ يىل بولدى پايچەك ئىككى يىل ئالتۇن -كومۇش ، پىرۋۇت بىر يىل لىكىن ھازىرغىچە قىزىل رەقەمدىن قۇتۇلغىنىم يوق ، ئالتۇن - كومۇش سودىسىنى ئەڭ ئاخىرقى 500 دوللىرىم پارتىلغاندىن بۇيان قىلمىدىم تەخىمىنەن بىر ئاي بولدى بۇ سودىنى تونۇشتۇرسىڭىز بولىدۇ ياخشىسى تەۋسىيە قىلماڭ بۇ سودىدا زىيان تارىتقانلار ئاز ئەمەس بولۇپمۇ يىقىنقى 2 يىلدىن بۇيان بۇ سودىغا كىرگەنلەر ئالتۇننىڭ چوڭ - كىچىك تۇراقسىز تەۋىرنىشى ، سۇرىيە ، ئوكرائىنا ۋەزىيتى قاتارلىق خەلقىرالىق سىياسى مەسىلىلەرنىڭ كەلگۇسىنىڭ قاراڭغۇ بولۇشى قاتارلىق ئامىللار خەلقىرا ئالتۇن -كومۇش ، پىرۋۇت ، نىفىت سودىسىغا ئىنىق بىر يولنىش بەلگىلەپ بىرەلمىدى بۇ خىل ئەھۋالدا بۇ سودىنى ۋاقتىنچە قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن .

2

تېما

1

دوست

372

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30929
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 18:57:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Qashqari يوللىغان ۋاقتى  2014-8-30 18:09
قاراشلىرىڭىزغا ۋە بۇ سودا توغۇرلۇق بىلىمىڭىزنىڭ موللى ...

سىز دىگەندەك بۇ  سودىدا زىيان تارتقىنلار دەرۋەقە كۆپ ، ئەمدى ۋەزىيەت ئۆزگىرىشى ئەسلى بىر پۇرسەت ھىساپلىناتتى ، بۇ سودىدا دىيارىمىزدا پايدا ئېلىش نىسبىتى8:2 بولاۋاتىدۇ ، يەنى ھەر ئون ئادامدىن پەقەت ئىككى ئۆلۈش ئۆپچۆرىسىدە پايدا ئېلىش  ئېھتىماللىقى بولاۋاتىدۇ . شۇڭا مەن ئوقۇغان ،ئىلىملىك بالىلارنىڭ كۆپرەك قاتنىشىنى، بەزى بېر قارا قورساق بايلارنىڭ( بۇ سۆزنى باشقىچە ئىپادىلەش ۋاقتىنچە كاللامغا كەلمىدى ، كەچۇرگەيسىلەر) بۇ سودىغا كىرمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمەن

1

تېما

7

دوست

976

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   95.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29991
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 288
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 23:05:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
passs يوللىغان ۋاقتى  2014-9-1 18:57
سىز دىگەندەك بۇ  سودىدا زىيان تارتقىنلار دەرۋەقە كۆپ  ...

بۇ سودىغا كىرىپ باقماقچى بولغانلار تۇنجى قىتىم باي -كەمبەغەل بولۇشىدىن قەتئى نەزەر بىر يىلغىچە ئوزىگە خاس بىر مەبلەغ سىلىش ئۇسۇلىنى بايقاپ چىققىچە ئەڭ كوپ بولغاندا يۇز دوللار مەبلەغ بىلەن كىرىپ ئەڭ توۋەن 0.01 قول مال ئىلىپ 40-50 نوقتا پايدىغا كىرگەندە يەنە بىر قىتىم شۇ قول بويىچە مال كىرگۇزۇپ ئەڭ توۋىنى بىر كۇنلۇك سودا كورسەتكۇچىنى ئىشلىتىپ زىياننى بىر سائەتلىك سودىسىنىڭ بىسىم -تىرەك نوقتىسىغا بەلگىلەپ يەنى تەخمىنەن 20-30 نوقتا پايدىنى كۇنلۇك سودىسىنىڭ بىسىم تىرەك نوقتىسىغا بەلگىلەپ شۇ خىل سودا قىلىش ئۇسۇلىغا ئوزىنى ئادەتلەندۇرۇپ باقسا مىنىڭچە زىيان تىزگىنلىنىپ ئازراق پايدا ئالالامىكىن دەيمەن ، مەن بۇ قىتىمقى زىينىمدىن كىيىن مۇشۇنداق قىلىپ سىناپ باقماقچى ئەمدى ئۇنداق كوپ مەبلەغ بىلەن كىرمەيمەن ، سىزنىڭمۇ پايدىلىق تەجىربىڭىز بولسا ئىيتىپ باقمامسىز .

2

تېما

1

دوست

372

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30929
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 12:56:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Qashqari يوللىغان ۋاقتى  2014-9-1 23:05
بۇ سودىغا كىرىپ باقماقچى بولغانلار تۇنجى قىتىم باي -ك ...

دىگىنىڭىزنىڭ ئاساسى بار ، مىنىڭ پىكىرىم بولسا ، تەجىربىسى كام ئادام ئاز ئازدىن مەبلەغ سېلىپ سىناپ باقسا بولىدۇ ، ياكى تەقلىدى ھىساباتتا ئۆزى مەلۇم بىر پىلان بويىچە قىلسىمۇ بولىدۇ، ئاز دىگەندە ئۈچ يىل ياكى ئۇنىڭدىن  ئۇزۇن ، ئەمدى مەن شىركەت ئىچكى خىزمەتچىسى بولمىسا ياكى تەجىربىسى كامچىل كىشىلەرنىڭ قىسقا مۇددەتلىك سودا قىلىشىنى تەۋسىيە قىلمايمەن ، بولسا بازار كۆزەتكەندە كۈنلۇك سىزىق بىلەن ھەپتىلىك سىزىقنى  ئاساس  قىلىڭ، زىياننى تەڭشەشكە كەلسەك بەزى يەردە تەڭشەيمىز بەزى يەردە تەڭشىمەيمىز ، بۇنى جانلىق  ئىشلەتسىڭىز .

1

تېما

7

دوست

976

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   95.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29991
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 288
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 19:16:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
passs يوللىغان ۋاقتى  2014-9-2 12:56
دىگىنىڭىزنىڭ ئاساسى بار ، مىنىڭ پىكىرىم بولسا ، تەجىر ...

تەقلىدى سىناق بىلەن ئەمىلى سىناقتا پىسخولوگىيلىك بىسىم ئوخشاش بولمايدىكەن چۇنكى تەقلىدى سىناقتا ئۇ پۇللار بەرىبىر ھەققى پۇل بولمىغاچقا بىسخىكا بىسىمى يوق ھالەتتە ئاكتىپ روھى ھالەتتە مەشخۇلات ئىلىپ بىرىلغاچقا پايدا ئىلش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن مەن سىناپ باققان لىكىن ئەمىلى مەشخۇلاتقا كىرگەندە تەقلىدى مەشخۇلاتتىكى ئۇسۇل - چارىلىرمىزنى  ئەمىلى بازارنىڭ كىچىككىنە تەۋرىنىشىگە پىسخىكىلىق جەھەتتە بەرداشلىق بىرەلمەي دەرھال ئوزگەرتىپ تاشلايدىكەنمىز ياكى زىيان -پايدا نوقتا ئوزلۇكىدىن ئىجرا بولماستا ئوزىمىز ئىجرا قىلىۋىتىدىكەنمىز ، كوپىنچە زىيانلار ئوزىمىزنىڭ تەجىربە -ساۋىقى بەدىلىگە كەلگەن ئۇسۇللىرمىزغا ھەقىقى ئەمەل قىلمىغانلىقىمىزدىن كىلىپ چىقىدىكەن ، شۇڭا مەن مال مىقدارىنى ئەڭ توۋەن چەكتە تىزگىنلەپ ئەمىلى مەشخۇلات ئارقىلىق پىسخولوگىيلىك  
بىسمغا بەرداشلىق بىرىش بارغانسىرى ئوزىنىڭ ئۇسۇلىغا ئىشىنىش ۋە شۇ خىل مەشخۇلات ئۇسۇلىغا ئوزىنى ئادەتلەندۇرۇشنى بازارغا توغرا يۇزلىنىشتىكى ياخشى چارىمىكىن دەيمەن .

15

تېما

1

دوست

4552

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1378
توردىكى ۋاقتى: 334
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 19:48:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
passsئەپەندى ئىسىل تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.
بولسا مۇشۇ تىلغا ئالغان ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى قايسى كىتاپنى كۆرسە بۇلىدۇ؟خەنچە كىتاپ بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز؟
مۇشۇ پاي ۋە باشقىلاردىكى سىزىقلىق ئانالىزنىڭ مەنىسى ،قاندقا كۆزىتىش ،قىزىل،يېشىل سىزىق،،،،دېگەن مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )