- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71018
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohotur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-1 11:24
دولقۇنلۇق ئېرتىش دەرياسىنىڭ ئېقىنىنى بويلاپ بىرەر سائەتتەك جىمجىت ماڭغاندىن كىيىنلا قانا كۆلىگە يىتپ كەلدۇق . كۆل چوڭقۇر تاغ جىراسىغا جايلاشقان زۇمرەتتەك كۆل ئىدى . بىز ئاپتۇبۇستىن چۇشۇپ ئالدىنقى ئاخشىمىلا رودىپاي يىتەكچى ياتىقىمىزغا تولا كىرىپ كىمىگە ئولتۇرۇپ ئۇچ ئايلانمىدىن ئۆتۇپ قاناس كۆلىدىن كۆلنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرۇپ ھوزۇرلىنىش پۇرسىتى ئۇچۇن 120 يۇەن يىغىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئىسىمگە ئالدىم .يىتەكچى بىزنى باشلاپ قاناس بىر ئۇزۇن ياغاچ پەلەمپەيلەردىن چىقىپ چۇشۇپ يۇرۇپ بىر قاتار كىمىلەرنىڭ يېنىغا ئاپاردى ۋە بىر كىمىگە چىقىشنى بۇيرىدى . بىز ئەندىككەن ھالدا قاناس كۆلىدىكى سىرلىق مەخلۇقنىڭ ھازىرلا كۆل يۇزىگە چىقىپ سىرلىق ھۆكىرەيدىغاندەك بىر خىل ئېھتىياتچانلىق بىلەن كىمىگە چىقتۇق ، كىمە ماتۇرلۇق بولۇپ يەنە دېرىزىلىك ئىچكى بۆلۇمچىسى ۋە تۆپسىىدىكى پالۇبىسىدىن تەركىپ تاپقان ئىكەن .ھېلقى كاراپلارنىڭ چوڭى دەپ قويساقمۇ بولىدىكەن ، كاساپەتنىڭ سۇنى يېرىپ ئوينايدىكەن جۇما . كىمنىڭ كۆل يۇزىنى يېرىپ مېڭىشىدىن ھاسىل بولغان نەچچەمىتىر كەڭلىكتىكى قىسقا دولقۇننى رەسىمگە تارتىش بىر ھوزۇر ئىدى . شۇنداق قىلىپ كىمە قاناس كۆلىنىڭ ئۇچ ئايلانمىسىدىن تىز سۇرئەتتە ئۆتۇپ كۆلنىڭ ئوتتۇرسىغا بېرىپ توختىدى . بۇ قاناس كۆلىنى كۆل يۇزىدىن تاماشا قىلىش دەپ ئاتىلدىكەن . كىمە توختىدى .ساياھەتچىلەر بەس بەستە كىمىنىڭ پالۇبىسىغا چىقىپ رەسىمگە چۇشۇشنى باشلىۋەتتى ، مەنمۇ پۇخساراپ ئولتۇرغان ئايىلىمغا ئىشارەت قىلغىنىمچە پالۇبىغا قاراپ ماڭدىم ، قاناس كۆلىنى ئوڭدىن سولدىن يوقۇردىن تۆۋەندىن ھارغىچە رەسىمگە تارتىپ تۇرۇپ ئايىلىمغا دىدىم ،خاتۇنجان ماڭا تەككەندىن بۇيان پەقەت خاتۇن بولۇپ كەلدىڭ ، خانىش بولۇپ باقمىدىڭ ، بۇگۇن بىز قاناس كۆلىنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرۇپتىمىز ، قازان قۇچاقلاپ تاماق ئەتمىسەڭمۇ ، كىرلارنى ئاپتۇماتىك كىرئالغۇغا تاشلاپ ھېرىپ كەتمىسەڭمۇ بولىدۇ ، ئۆي تازلىشىڭنىڭمۇ ھاجىتى يوق . كەلىگىنە بولدى ھە چىرايىڭنى تۇرمەي كۇلۇپ تۇرغىن سېنى بىر قانچە شاھانە سۇرەتكە تارتىپ قوياي دەپ خاۋىي تېلفۇنۇم بىلەن چاكىلدىتىپ سۇرەتكە تارتىپ تۇرۇپ خىيالىمغا بىر گۇزەل سۇرەت شەكىل كەلدىلەركى ، ئايىلىمغا شۇنداق دىدىم . ئەي خاتۇن شارپاڭنى پۇلاڭلىتىپ گويا خانىشلاردەك بەختىيارلىق ئىچىدە رەسىمگە چۇشمەمسەن .رۇخسەت ساڭا بىر نەچچە مىنۇت بولىسمۇ خانىشلىقنىڭ ھوزۇرىنى سۇرىۋال ! بۇ گەپ ئايىلىمنىڭ ئەقلىگە مۇۋاپىق كەلگەن چېغى سومكىسىدىن شارپىسىنى شۆرلەپ يۇرۇپ ئاخىرى تاپتى ۋە ھاياجان ئىلىكىدە شۇنداق كۆتۇرۇپ پۇلاڭلاتماقچى بولغان ئىدى ، ئايلىمنىڭ مۇبارەك قولىنىڭ ئۇچى مېنىڭ تېلفۇن تۇتقان بىغەم قولۇمغا تىگىپ كىتىپ تېلفۇن توروكشىپ پالۇبىغا چۇشۇپ كەتتى . بۇ نەس باسقۇر تېلفۇن پالۇبىغا چۇشۇپلا توختاپ قالماي خۇددى پۇتى بار كارتۇنلاردەك دىرىڭ دىرىڭ ئىككى قېتىم سەكرەپ ئۆزىنى قاناس كۆلىگە ئاتتى .ئايالىم بولسا ئەنسىز ۋارقىرىۋەتتى . مەن ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن خۇاۋىي تېلفۇننىڭ بۇنداق سەكرەيدىغان ئىقتىدارىدىن ھەيرانلىق ھىس قىلىپ ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇردۇم ، ئايىلىم بولسا ماڭا تىكىلگىنىچە ، ھەي تېلفۇن چۇشۇپ كەتتىغۇ دەپ ئاغرىنغىلى تۇردى .مېنىڭ سەل خاپام تۇتۇپ نىمىگە ۋارقىرايسەن . ناھايىتى شۇ قوتا زاپەر خاۋىي تىلفۇنغۇ شۇ ، ئەمدى ئۇنى دەپ قاناس كۆلىگە ئۆزەمنى ئاتسام بولامتى ؟
|
|