قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: tohotur

ئەلۋىدا قاناستا قالغان تېلفۇنۇم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

31

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   10.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31039
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 22:54:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلفۇن قاناسقا چۇشۇپ كېتىپ تۇگمىگەندۇ بۇ ھېكايە ھە ؟ تەسۋىرلىرىڭىز تولىمۇ قىزقارلىق چىقىپتۇ ، نەق مەيداندا باردەك ھېس قىلىپ قالدىم ئۆزۇمنى .

0

تېما

0

دوست

57

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31006
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 15:14:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن ياخشى چىقىپتۇ داۋاملىق تىرىشىڭ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
19#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

3

دوست

3655

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16842
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1110
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 18:45:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنىڭ بېشىنى ئوقۇپ ئاندىن تېمىسىنى ئوقۇپ،  ئاندىن تېمىنى يەنە قايتا قايتا ئوقۇپ  تېلېفوننىڭ قاناستا قالغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرغائېرىشەلمەي ئىچىم پۇشقانتى، ئىنكاسلاردىكى تولۇقلىمىلارنى ئوقۇپ ئاندىن چۈشەندىم...
ياخشى يېزىپسىز ئەپەندىم.

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12046
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 22:44:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىدە بۇ پاراڭنى بىرمۇ  ئادەممۇ ئوقۇمىسىمۇ ئاخىرغىچە يېزىۋىېتىش ئىرادىسىگە كەلگەن ، ئارلىقتا بىر ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۇشۇپ قېلىپ يېزىشىتىن ۋاز كەچكەن . لېكىن نىملا بولمىسۇن مەن ھازىر بىر ئاتا بولۇپ قالغان  ئادەم ، مېنىڭ ھەر بىر ھەركىتىم  بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا بالامغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ، شۇڭا مەن يەنىلا بۇ پاراڭنىڭ ئاخىرىنى چىقىرۋەتسەم ياخشى بولغۇدەك دەپ ئويلاپ قالدىم .بالامنىڭمۇ بىر ئىشلارنى باشلىسا قىينچىلىقلارغا يولۇقسىمۇ ماڭا ئوخشاش ئاخىرىنى چىقىرىدىغان چىدامغا ئىگە بولۇشىنى ئۇمۇت قىلىمەن .
شۇنداق بەزى ئىشلاردىن ۋاز كەچمەي بولمايدۇ ، لېكىن ۋاز كىچىش بەك ئوڭاي ئىشقا ئايلىنىپ قالسا تېخىمۇ بولمايدۇ .

شۇنداق قىلىپ ئالغىلى بىر ھەپتىدىن ئاشقان تېلفۇنۇم قاناس كۆلىدىكى ھېلقى غەليتە مەخلۇققا ئولجا بولۇپ كەتتى .ئايىلىم ئىككىمىز كىمنىڭ پالۇبىسىدىن سالپايغانچە قايتىپ كەلدۇق. نىمىشقىكىن موشۇنداق زىيان بولغاندا شەيتىنىم تۇتۇپ ھىجاراپ ئۆزەمنى تۇتۇۋالالمايلا قالدىم . كۆڭلۇممۇ ئانچە پاراكەندە ئەمەس ئىدى . بۇ ئىش ئايالىم ئۇچۇن تاسادىپى ئىش بولسىمۇ ئەمما مەن ئۇچۇن بىر تەقدىر ئىدى . بۇ ئىشلار لەۋھۇلمەھپۇزدا قەلەمگە ئېلىنىپ سىياھلار قۇرۇپ بولغان ئىشلار ، ئاللاھقا مىڭ قەتلە شۇكرى  مېنىڭ بەش ياشلىق بالام بىلەن باجامنىڭ ئۇچ ياشلىق بالسىمۇ پالۇبىدا بىز بىلەن بىللە چىقىپ چېپىپ يۇرگەن ئىدى . ھازىر ئويلىسام مېنى سۇر باسىدۇ ، بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ئالاھىدىرەك ھەم كۆپ بولغاچقا مېنىڭ تەغدىر توغۇرسىدىكى ئىزدىنىشلىرىممۇ بىر قەدەر ئەتىراپلىق ھەم چۇشەنچەم بىر باشقا چىققان ئىدى . گەرچە تەغدىر توغۇرسىدىكى قاراشلىرىمنى ئەمەلىي تۇرمۇشقا تەدبىقلاشتا يەنىلا ئىنسانى ئاجىزلىقلىرىم چېلىقسىمۇ ئەمما ھەر ھالدا تەغدىر ھەقىدە ھەر ئويلانسام كۆڭلۇمدە خاتىرجەملىك ۋە ئەمىنلىك پەيدا بولاتتى .
كىمەدىكى مۇلازىم قازاق قىزى تورۇكشىپ چۇشۇپ كىتىۋاتقان تېلفۇنغا قاراپ قويۇپ ، بوپتۇ بۇ بىر سەدىقەڭىزلەر بولسۇن دەپ قويدى ، مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن كۇلۇمسىرەپ قويدۇم .ئەمىليەتتە بۇنىڭ سەدىقە بولمايدىغانلىقى ماڭا ئايان ئىدى .
       قومۇلدىن بىللە بولغان سەپەردا بىر ئائىلە ئاكا ئاچىلىرىم  تېلفۇننىڭ ئىشىنى ئاڭلاپ بىزگە تەسەللى بەردى ھەم ئۆز ئورنىنى ئۆتۇنۇپ بەردى ، ۋە بالىڭىزنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدىمۇ دەپ سوراپ قويدى ، توغرا بالامنىڭ بۇ ئىشقا قانداق ئىنكاس بىلدۇرىدىغانلىقىنى سوراپ باقايچۇ :بالام تېلفۇن كۆلگە چۇشۇپ كەتكەنگە كۆڭلىڭىز يېرىم بولدىمۇ ،  ھە ياق مەن بەك خوشال بولدۇم ھېلىمۇ ياخشى مېنىڭ تېلفۇنىمنى ئەكەلمەپتىكەنمىز بولمىسا مېنىڭ تېلفۇنۇم سۇغا چۇشۇپ كىتەتتىكەن .
بەلكىم تورداشلارنىڭ ئىسدە بار مەن ئىلگىركى ئىدارىنىڭ ئاشخانىسىدا ئۇماش ئىچىرۇپ گالۋاڭ قىلىپ قويغان تېلفۇننى بالامغا بىرىپ مومىسىنىڭ تېلفۇن نومۇرىدىن بىر ئۇندىدار نومۇرى قىلىپ بەرگەن ئىدىم ،ئۆيدىكى ۋايفاي شارائىتىدا كەچكىچە رەسىمگە تارتىپ  ئۆزىنىڭ «بەش دوستىغا» دوسلار چەمبىرىكىگە يوللاپ قوياتتى ،ئۇنى خوش بولسۇن دەپ ئۇرۇق تۇققانلار توپىغا بالامنىمۇ قوشۇپ قويغان ئىدىم . بۇرۇنقى تىلفۇنۇم ئېچ ت س ماركىلىق تىلفۇن ئىدى . ئەنجۇرنىڭ كونا نەشىرلىرى بولۇپ ئۇيغۇرچىىنى تونۇماي كاتاك چىقىۋالاتتى .ئەمما كاساپەتنىڭ رەسىم سۇرەتنىڭ سۇزۇكلىكى بوپ قوياتتىچۇ بۇ تېلفۇن ،ئەينى ۋاقىتتا ئىككى مىڭ يەتتە يۇز كويغا ئالغانچۇ بۇ تۋلفۇننى ، قاناسقا بارىدىغاندا دەل بۇ تېلفۇننىڭ موشۇ رەسىمگە تارتىش ئىقتىدارى ياخشى دەپ ئېلىۋالماقچى بولغان ،كىيىن ئىشنىڭ توللىقىدا ئۇنتۇپ قاپتىكەنمىز .ھازىر بولسا بۇ ئىش بالامنىڭ كاللىسدا قالغان ئىكەندە ناۋادا مېنىڭ تېلفۇنۇمنى ئاپپارغان بولسا رەسىمگە تارتقان بولسا قاناسقا چۇشۇپ بېلىققا يەم بولدىغىنى مېنىڭ تېلفۇنۇم بولاتتىكەن دىمەكچى بۇ قۇمباش ..............

بالام تېپىپ بېقىڭغا پالتىىسى چۇشۇپ كەتسە


بالام ھېلقى كارتۇن فىلىمدىكى راستچىل بالىنىڭ  پالتىسى سۇغا چۇشۇپ كەتكەندە كۆلدىكى پەرىشتە چىقىپ نىمە دەيدۇ ، بۇ ئالتۇن پالتا سېنىڭمۇ دەيدۇ ، ئۇنداقتا ھازىر تېلفۇنىمىز قاناس كۆلىگە چۇشۇپ كەتتى ، قاناسقا مۇئەككەل پەرىشتە تېلفۇنىمىزنى ئاچىقىپ بەرگەن بولسا بەك ياخشى بولاتتى ،ھەي پەرىشتە تېلفۇنىمىزنى ئاچىقىپ بەر ، بالام توختىماي توۋلاشقا باشلىدى . مەن  بالامغا قاراپ ھازىرنىڭ ئۆزىدە پەرىشتە چىقىپ بۇ ئالما تېلفۇن سىزنىڭمۇ دىسە نىمە دەپ جاۋاپ بەرسەك بولار بالام ، بىزنىڭ ئەمەس دەيمىز بىزنىڭ تېلفۇنىمىز خاۋى ماركىلىق تېلفۇن مىڭ كەيگىلا كەلگەن .ناۋادا پەرىشتە ئىككىنچى قېتىم چىقىپ سامسۇڭ ماركىلىق تېلفۇننى ئاچىقىپ بەرسە بىزنىڭ دەينىڭمۇ يە ؟ ياق ياق ئۇمۇ بىزنىڭ ئەمەس دەيمىز ..........زىياننىڭ دەىستىدىن ئىچى پۇشۇپ ئولتۇرغان ئايىلىم بالام ئىككىمىزنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز كۇلىۋەتتى .

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12046
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 22:44:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمىليەتتە باللا قاناس كۆلىنىڭ چوڭقۇرلىقى بىر يۇز قىرىق نەچچە مىتردىن ئاشدىغۇ دەيمەن . تېلفۇن سۇدا تىك ھالدا چۆكۇپ كەتمەي بەلكى لەيلەپ چۆكىدىكەن دەڭلار ، بەلكىم كىنوغا ئامراق دوسلارنىڭ ئىسىدە بولۇشى مۇمكىن ،تىتانىك دىگەن كىنونىڭ ئەڭ ئاخىردا ھېلقى مومايغا ئايلانغان تىتانىك گۈزىلى بوينىدىكى مىدالىئوننى بوينىدىن ئېلىپ چوككىدە بىرنى سۆيۇپ دېڭىزغا تاشلايدىغۇ ،نەق ئاشۇنداق لەيلەپ چوكىدىكەن ، تېلفۇن مىدالىئوندىن چوڭراق بولغاچقا تېخىمۇ بەكرەك لەيلەيدىكەن .بىرەر مىتىر لەيلىگەندىن كىيىن تېلفۇن ئاستا ئاستا كۆزدىن يۇتتى . بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن .

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12046
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 22:45:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلقى غۇلجۇلۇق بىر جۇپلەرنىڭ گىپى تېخىمۇ قىززىق ، مانا ھە توخوتۇر ئاكا  بىرەر يۇز يىلدىن كىيىن تېلفۇنىڭىزنى قاناس كۆلىدىن سۇزۇپ ئېلىپ بۇرۇنقى ئادەملەر مانداق ياشىغان ئانداق ياشىغان دەپ تەتقىقات ئېلىپ بارسا  ، مەن كۇلۇپ قويغۇنۇمچە ئويلىنىپ قالدىم ،زادى قانداق رەسىملەرنى تارتقان بولغىيدىم بۇ خاۋىي تېلفۇندا ئۆزەمغۇ ئۇيغۇر تىل يېزىقىنىڭ ئىشلىتىلش ئەھۋالاتلىرىغا ئوتتەك قىزىقىمەن . تارتقان نەرسىلىرىممۇ شۇ دائىردىكى رەسىم سۇرەتلەر بولسا كېرەك . كىيىنكى ئەۋلاتلار راستىنلا سۇزىۋالارمۇ دەيمەن ، بۇ شاپىلاقچىلىك نەرسىنى سۇزۇپ نىمىمۇ قىلار .تېلفۇنىمىدا زادى مېنىڭ سۇپۇتىمنى چۇشۇرىدىغان نەرسىلەر يوقتۇ ؟ ۋاي خۇدايىم بۇنىمە غەم ئەمدى جەنۇپلارغا بارغانلار تېلفۇنىمدىن بىر پىشكەلچىلىك چىقىپ قالمىسۇن دەپ ئەنسىرىسە مەن بىچارە شۇ تاپتا بىرەر يۇز يىلدىن كىيىن ناۋادا كىيىنكى ئەۋلاتلا تېلفۇنىمنى سۇزىۋالسا سەتلىشپ يۇرمەي دەپ ئەنىسىرگىنىمنى قارا ، ئەنسىرەي دىسە ئىش دىگەن تولا نەرسىكەن جۇما ...................
كىم بىلىدۇ ئېرتىش دەرياسىنىڭ سۇيىنى قومۇلغا يۆتكەيدىغاننىڭ قۇرۇلۇشنىڭ ئاللىقاچان باشلانغاننىڭ گىپى بار  بىركۇنلەردە قومۇلدىكى ئۆستەڭدە پۇتۇمنى چىلاپ ئولتۇرۇپ بۇ خاۋىي تېلفۇنىمىنى ئۆزەم تېپىۋالامدىم تېخى.

بەش مىنۇتلار ئۆتكەندىن كىيىن ئايالىم ئاستا ماڭا قاراپ تېلفۇن ئۇرۇپ باقامسىز يە تېلفۇنىڭىزغا دەپ قالدى .ياق ياق  ناۋادا بىرسى تېلفۇننى ئالسا قورقۇپ ھوشۇمدىن كىتىمەن . بالامنىڭ ئالدىدا قورقۇش دىگەن سۆزنى تىلغا ئېلىپ بولۇپ سەل خىجىل بولۇپ قالدىم ، بولىدۇ ئۇرۇپ باقايلى غەلىتە مەخلۇق تېلفۇننى ئېلىپ  مېنى ئۇيغۇتىۋەتتىڭ تاشلىغىنىڭ ئاران مىڭ سوملۇق خاۋىي ،پوق دەپ تىلېفۇن ئۇردۇڭمۇ دەپ قاقشاپ كەتسە ............

0

تېما

9

دوست

1254

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   25.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15653
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 386
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-6 00:13:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ قىزىقارلىق ساياھەت خاتىرىسىكەن بۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )