- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71018
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
گەپنى ئىككى يىل ئىلگىردىن باشلاشقا توغرا كەلدى ، بىر ۋاقىتلاردا شۇنداق بىر گەپلەر بولدىغان ، بىر زامانىۋى زامانغا ماسلاشقان ئادەم كومپۇيوتۇر ، ماشىنا ۋە ئېنگىلىزتىلى بىلىشتىن ئىبارەت زامانىۋى بىلىملەرنى بىلىشى زورۇر دەيدىغان ،ئەمما ئىككى يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ ۋاقىتتا مەن توردىن تاۋباۋ ئارقىلىق بىر نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشنى يېڭى يارچە ئۆگۇنىۋاتقان ۋاقىتلىرىم .تاۋباۋدىن ئۇنى كۆرۇپ بۇنى كۆرۇپ بىر تەنھەركەت ئىشتان چاپاننى كۆرۇپ قالدىمدە باھاسى غۇلجۇلۇقلارنى گېپى بۇيىچە پەۋقۇلئاددە ئەرزاندە بۇ كىيىمنىڭ ، شۇنداق قىلىپ سىناق قىلىپ بۇ تەنھەركەت كىيىمنى ئېلۋەتتىم. مال كەلگەندە ئېچىپ قارىسام بىرنەنچىدىن چوڭ كەپ قالدى ، ئىككى نەنچىدىن بۇ تەنھەركەت كىيىمنىڭ پاسۇنى بەك غەلىتە ، كىيىمگە ئوخشىمايدىغان بىر نىمە چىقىپ قالدى ، بىر كۆرۇپلا كۆڭلۇم سوۋۇپ تاشلاپ قويدۇم ،ۋە توردىن خېلى ئۇزۇنغىچە بىر نەرسە ئالمىدىم ،كۇنلەر ئۆتىدۇ ئايلار ئۆتىدۇ ، ئايىلىم پەسىللىك كىيىملەرنى چوڭ رەتلەش قىلغاندا بۇ تەنھەركەت كىيىمىنى ئېلىپ سېلىپ قويىدۇ .شۇنداق قىلىپ بۇيىل قاناسقا بېرىشنى تايىن تاپقاندا ئايىلىم ماڭا ئىككىمىز بىر يۇرۇشتىن بالىغىمۇ ئوخشاش قىلىپ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئوخشاش كىيىنىپ بارايلى ،دىگەن بولسىمۇ ۋاقىت قىستاپ قالغاچقا بازار ۋېلىقنى ئايلانغىدەك بولمىدۇق ، ئاخىرى بۇرۇنقى تەنھەركەت كىيىملىرىمىزنى كىيىپلا چىقمايمىزمۇ ئوخشاش رەڭلىك كىيىنىشىنىڭ ھاجىتى بارمۇ دىگەن يەرگە كىلىشتۇق . ماڭىدىغانغا بىر كۇن قالغاندا ئايىلىم ھېلقى ئىككى يىل ئاۋۋالقى ئەرزان سىناق تور مېلىنى چۇيلاپ چىقتى . موشۇنى ساياھەتتە كىيىۋەتسىڭىز قانداق . ياق كۆتە بۇ نەرسىنى ، ئادەمنىڭ سىنىنى بۇزىدىغان بۇنداق كىيىمنى كىيىپ قاناسقا بارامدىمەن ، مەن دىگەن ھېلقى تۇركىيەدىن ئىمپورت دۇكىنىدىن ئالغان كاستوم بۇرۇلكامنى كىيىپ بارىمەن ، ۋاي قويسىڭىزا ساياھەت دىگەندە كاستۇم كەيسىڭىز رالاپ تۇگۇتىسىز ، بىرەر قۇر مۇياتلىق كىيىمىڭىز تۇرمامدۇ ئەمدى .قاراڭ قاناس ساياھىتىدە سىزنى كىم تونىيىتتى . دىگىنىمدەك قىلىڭ زىيان تارتمايسىز ،يەنە تېخى ئاغىنىڭىز مەسئوتجان توردىن ئەكەلدۇرۇپ ئوخشاش كىيەيلى دەپ سىزگە سوغا قىلغان ھېلقى زەنجىر تاپان دالا ئايغىڭىزنى كەيسىڭىز تازا يارىشىدۇ . ئويلاپ باقسام ئايىلىمنىڭ دىگىنىمۇ توغرىدەك قىلىدۇ ، مۇراسىم كىيىملىرىنى ساياھەتكە كىيىۋالغان بىلەن قاملاشمايدىغان چىراي ، ئەڭ ياخشىسى مۇنۇ ھېچىنىمىگە ئوخشىمايدىغان تەنھەركەت كىيىمنى موشۇ ساياھەتتە كىيىپ تۇگۇتىۋەتمەيمۇ .شۇنداق قىلىپ بۇتەنھەركەت كىيىمنى سىناپ باقتىم ، ھەم چوڭ ھەم قاملاشمىغان بۇ كىيىم مېنى بىر قارىسام تېخىمۇ پىشقان ئەرلەردەك كۆرسەتسە بىر قارىسام ئەخمەقچىراي ، خوتۇنىنىڭ گىپىدىن چىقالمايدىغان چىراي كۆرسىتىپ قويىۋاتاتتى .بوپتۇ خەر توي قىلغاننىڭ ياقى خوتۇنۇمنىڭ گىپىنىڭ ئەكىسى بويىچە ئىش قىلىپ زىيان تارتىپ باققان ئەمەس ئەردىم ، بوپتۇ بۇدا موشۇ خوتۇنۇمنىڭ گىپىگە بىر كىرىپ موشۇنى كىيىپ ساياھەتكە چىقاي ، ناھايىتى بىر ھەپتە ئون كۇندە قايتىپ كىلىمىز غۇ ئاخىر .
|
|