- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71018
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىدا بالام بىلەن خوشال خورام تاماشا قىلدۇق.ئالدىنقى يىللارغا قارىغاندا بېلەتنىڭ باھاسى ئۆسۇپتۇمۇ نىمە ؟ بېلەت ئۆسكەن بىلەن ياخشى يېرى كىچىك باللارغا بېلەت ئالمايدۇدە ، يەنە بىر قاملاشمىغان ئىش بالىلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مايمۇن قەپەس تېغىنىڭ يېنىغا بىر ئالۋاستى ئۆڭكۇرى جايلىشىپ قۇلاقنى يارغۇدەك قورقۇنىچىلىق موزىكا قويىۋېتىپتۇ .
يەنە شاتۇتى بىلەن رەسىمگە چۇشۇپ قويدۇق ، رەسىم ئالامەت سۇزۇك ھەم نەق مەيداندىلا چىقىرىپ بىرىدىكەن ،ئايىلىم بىلەن چوڭلار كۆرۇپ رەسىمدىكى بالامنىڭ بېشىدىكى قىزىل يېشىل ئاق شاتۇتلارنى كۆرۇپ راسلىقىغا ئىشىنەلمەيلا قالدى . رەسىمگە تارتقۇچىمۇ قۇۋ نىمىكەن ، چاكىلدىتىپ بىر قانچە رەسىمنى تارتىپ بولۇپ بىر رەسىم ئون بەش سوم دىدىمۇ ئىشقىلىپ ئاخىرى ئۇچ رەسىمنى ئالغۇزدى ، كومپۇيۇتۇرغا يۆتكەپ ماڭا كۆرسەتكەن رەسىملەر بىر بىرسىدىن سۇپەتلىك ھەم چىرايلىق تارتىلغاچقا بالامنىڭ رەسىمنىڭ بۇ يەردە قەپ قېلىشىنى قىلچە راۋا كۆرمىدىم .
ئاخىرىدا ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ سېرىك زالىغا قەدەم باسساق سېرىك ئويىنى تۇگەپ يولۋاس بىلەن رەسىمگە چۇشۇش بولىۋېتىپتىكەن .چوڭ بىر يولۋاس بېيكەن ئۇنىڭ بىلەن سۇرەتكە چۇشسىڭىز ئوتتۇز سومكەن ،ئۆز تىلفۇنىڭىزدا جىقراق تارتىۋالسىڭىزمۇ بولىدىكەن .كىچىك بىر يولۋاس كۇچۇكىنى ئەپ چىقتى ،ئۇنىڭ بىلەن سۇرەتكە چۇشسىڭىز ئەللىك سوم ئىكەن ، بۇ نىمانچە قىممەت دىسەم بۇ يولۋاس كۇچىكىنى ھازىرلاتىن تۇتقىلى بولىتۇ ، يەنە بىرەر ئايدىن كىيىن بۇنى تۇتقۇلى بولمايتۇ ، نىمىشقا تۇتقىلى بولمايتۇ دەپ سورىدىم ھەممە ئىشقا قىزىقىدىغان قاپاق كاللامغا نىمىشقا دەپ سۇئال كەلگەندىكىن ، چۇنكى بىر ئايدىن كىيىن بۇ يولۋاس كۇچۇكى ئادەم چىشلەيدىغان ھالغا كىلىدىكەن .ھە كاللام يىشىۇنىڭكىدەك تىرىڭڭدە يورۇپ كەتتى ، موشۇنىمۇ سوراپ يۇرگىنىمنى ، مەن بالامغا دىدىم بالام ئاشۇ چوڭ يولۋاس بىلەن بىر سۇرەتكە چۇشەمسىز ، ياق مەن ئاۋۇ كىچىك يولۋاس بىلەن سۇرەتكە چۇشىمەن . دىدى بالام مېنىڭ ئازۇيۇمنىڭ بىلىگە تىپىپ ،ھە شۇنداقمۇ ماقۇل ئەمىسە دىگىنىمچە ھېلقى ئۆزبىكىستاننىڭ سېھىرلىك ئالما دىگەن كىنوسىدىكىگە ئوخشاش خىرقىراۋاتقان كىچىك يولۋاسچاققا قاراپ جىلمايدىم ، ماقۇل ئەمىسە بالامغا يولۋاسنىڭ خىقىرغىنى يىغلىغىنى ئىكەن . مەن بۇيانغا ماڭاشىمدا ئايىلىمنىڭ ئالما تېلفۇنىنى ئېلىۋالغان ئىدىم .بالام كىچىك يولۋاسنى تۇتۇشىغا مەن پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي چاك چاك قىلىپ رەسىمگە تارتتىم ئەمدىلار تۆت بەش پارچە تارتىشىمغا مونۇ ئالما تېلفۇن دىگەن كاساپەتنىڭ توكى پۇتۇنلەي تۇگەپ مېنى سەل داغدا قويدى ، ھېچ بولمىسا ئون يىگىرمە پارچە تارتىۋالسامچۇ ، ياخشىسىنى تاللايدىغانغا ، مەن قولۇمدىكى كىسەككە ئايلانغان ئالما تېلفۇنغا چەكچەيگىنىمچە قاراپ خوشياقماسلىق بىلەن يېنىمدىن ئەللىك سومنى سوغۇرۇپ ئالدىم . |
|