ئىلگىرى ئىككى ئاكا-ئۇكا ئۆتكەن بولۇپ، ئاكىسى بەك سېمىز، ئۇكىسى بەك ئورۇق ئىكەن. ئۇلار بىرلىكتە بىر دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىكەن. بىر كۈنى ئۇكىسى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ئاكىسىنى تۇتىۋاپتۇ. بىراق ئۇكىسى ئاكىسىنى ئۆلۈمگە بۇيرىماستىن ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن ياسالغان بىر قەلئەگە قاماپ قويۇپ ئاكىسىغا:« پەقەت سەن مۇشۇ قەلئەدىن مېڭىپ چىقىپ كېتەلىسەڭ، مەن بىلەن بىرگە بۇ دۆلەتكە يەنە ھۆكۈمرانلىق قىلالايسەن» دەپ ۋەدە بېرىپتۇ. ئۇكىسىنىڭ كەڭ قورساقلىقى بارلىق بېقىندى خەلىقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپتۇ. ئۇلار ئۇكىسىنى ھەقىقەتەن بەك كەڭ قورساقكەن دەپ ئويلاپتۇ. ئۇ قەلئەنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرى بولۇپ، يەنە كېلىپ ئىشىك-دېرىزىلەر ھەممىسى ئوچۇق ئىكەن.ھالبۇكى، ئىشىك-دېرىزىلەر ئاكىسىنىڭ سىمىز بەدىنىگە نىسبەتەن تولىمۇ تار بولۇپ، پەقەت ئاكىسى يېتەرلىك ئورۇقلىيالىغاندىلا ئاندىن نورمال ئادەملەرگە ئوخشاش ئىشىكتىن مېڭىپ چىقىپ قايتا ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيدىكەن. لېكىن ئۇكسىغا ئاكىسىنىڭ ئاجىزلىقى بەش قولدەك ئايان بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى كىشى بۇيرۇتۇپ ئاكىسىغا ياخشى شاراب، ياخشى قورىمىلاردىن قانچىلىك دېسە شۇنچىلىك ئاپىرىپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ. ئاكىسى كەلگەنلىكى مەززىلىك نازۇ-نېمەتلەرنى رەت قىلماپتۇ. شۇڭلاشقا ئورۇقلىماستىن ئەكسىچە تېخىمۇ بەك سەمىرىپ كېتىشكە باشلاپتۇ. شۇنداق قىلىپ كىشىلەر ئۇكىسىنى ئەيىبلەشكە باشلاپتۇ. ئۇكىسى كۈلۈپ تۇرۇپ پەقەت ئۇ خالىسىلا ھەرۋاقت چىقىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى، قارار قىلىش ھوقۇقى ئۇنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئەمما، ھەش-پەش دېگۈچە نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئاكىسى يەنىلا شۇ قەلئەدىن چىقىپ كېتەلمەپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئىنىسى پۈتكۈل خەلقنىڭ يېلىنىشى ئارقىسىدا ئاكىسى قامالغان قەلئەنى پارتلىتىپ بۇزۇپتۇ. ئاكىسى ئاخىرى قايتا ئەركىنلىككە ئېرىشىپتۇ. لېكىن نۇغۇن يىللىق ئاپكۆزلۈك سەۋەبىدىن ئاكىسىنىڭ تېنى ئاللىقاچان كالامپايلىشىپ كەتكەچكە، چىققاندىن كېيىنمۇ بىر ئايغا بارماي جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قاپتۇ.شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇكىسى ھەقىقىي يوسۇندا بارلىق ھوقۇقنى ئۆزى يالغۇز قولىغا ئاپتۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاكىسى ئۇكىسى تەرىپىدىن قاماپ قويۇلغىنى يوق. ئۇنى ھەقىقىي قاماپ قويغىنى ئۇنىڭ شۇ تويماس نەپسى. تىلماچ: مەردان مەتقاسىم
|