بىلىمخۇمار
2014-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
ئامېرىكىدىكى كائىنات تور بېتى www.space.com نىڭ 29-ئاۋغۇست كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارىزونا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر قانچە تەتقىقاتچىلىرى بىر تاشقىي يۇلتۇزنىڭ ئەتىراپىدىكى ئىككى پارچە تاشقىي پلانېتىغا ئوخشاش جىسىملار بىر-بىرى بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.
1-رەسىم
1-رەسىم: بىر رەسىمچى سىزغان، يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان ئىككى تاشقىي پلانېتىغا ئوخشاش كائىنات جىسىملىرىنىڭ بىر-بىرى بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەندىن كېيىنكى بىر كۆرىنىش. بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن جاي بىزدىن 1140 نۇر يىلى يىراقلىقتا بولغاچقا، ئۇ جاينى ھەرگىزمۇ مۇشۇ كۆرىنىشتىكىدەك ئېنىقلىق دەرىجىسى بىلەن رەسىمگە تارتقىلى بولمايدۇ.
ئۇ تەتقىقاتچىلار مەزكۇر ھادىسىنى ناسا ئۈچۈن بىزنىڭ باش ئىدارىمىز كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى باشقۇرۇپ بېرىدىغان «سپىتزېر» (Spitzer) ئالەم تېلېسكوپى ۋە باشقا بىر قانچە يەر يۈزىدىكى تېلېسكوپلار بىلەن بايقىغان.
مەزكۇر تاشقىي يۇلتۇز ئىنگلىزچە «Vega» دەپ ئاتىلىدىغان يۇلتۇزلار توپىنىڭ ئىچىدە بولۇپ، ئۇنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 1140 نۇر يىلى ئىكەن. ئۇنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى «NGC-2547 ID8» ئىكەن. ئۇ يۇلتۇزنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىزنىڭ قۇياشنىڭكىگە يېقىن كېلىدىكەن. ئەمما ئۇ ناھايىتى ياش بولۇپ، ئۇ ھازىر ئاران 35 مىليون ياشقا كىرىپتۇ. بىزنىڭ قۇياش ھازىر 4.5 مىليارد ياشقا كىردى.
«نۇر يىلى» دېگىنىمىز ئۇزۇنلۇق بىرلىكى بولۇپ، ئۇ نۇرنىڭ بىر يىل ئىچىدە باسالايدىغان مۇساپىسىنى كۆرسىتىدۇ. نۇر بىر سېكۇنتىغا 300 مىڭ كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭىدىغان بولۇپ، بىر نۇر يىلى تەخمىنەن 9.46 ترلىيۇن كىلومېتىرغا تەڭ.
كائىنات جىسىملىرىنىڭ ئۆز-ئارا سوقۇشىشى پلانېتىلارنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئالىملار ئەينى ۋاقىتتا بىزنىڭ يەر شارىمىز شەكىللەنگەن ۋاقىتتىمۇ ئاشۇنداق سوقۇشۇشلار يۈز بەرگەن، دەپ پەرەز قىلىدۇ.
تەتقىقاتچىلار مەزكۇر تاشقىي يۇلتۇزنى 2012-يىلى 5-ئايدىن 2013-يىلى 8-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا كۆزەتكەن بولۇپ، ئۇلار ھېلىقى كائىنات جىسىملىرىنىڭ سوقۇشىشى 2012-2013-يىللىرى يۈز بەرگەن، دەپ پەرەز قىلىشماقتا.
دىققەت: بۇ تاشقىي يۇلتۇز بىزدىن 1140 نۇر يىلى يىراقلىقتا بولغاچقا، بۇ سوقۇشۇش بۇ يىلدىن 1142-1143 يىللار بۇرۇن يۈز بەرگەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، بۇنداق سوقۇشۇش بەزىدە پلانېتىلارنىڭ شەكىللىنىشىگە پايدىلىق بولۇپ، بەزىدە زىيانلىق ئىكەن. يەنى، ئىككى كائىنات جىسىمى سۇقۇشقاندىن كېيىن، ئۇلار بەزىدە بىر-بىرىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. بەزىدە بولسا ئۇلار بىرلىشىپ بىر چوڭ پلانېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ قېتىم بايقالغان ئەھۋال 1-خىلدىكى بۇزغۇنچىلىققا تەۋە ئىكەن.
بۇ بايقاش دۇنياغا داڭلىق «ئىلىم-پەن» (Science) ئىلمىي ژورنىلىنىڭ تور بېتىدە 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلان قىلىندى.
پايدىلىنىش ماتېرىيالى:
[1] Smash!Aftermath of Colossal Impact Spotted Around Sunlike Star http://news.yahoo.com/smash-afte ... star-181002418.html
|